ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىچىلىققا قارشى خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىچىلىققا قارشى خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى

تارىم تورغاق

دۇنيادىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھۆقۇق پائالىيەتچىلىرى، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى، ب د ت نىڭ  كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى دىموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەت ئارپابلىرى،سياسىيونلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر مەسىللىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئاخبارات-تەشۋېقات ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پروفېسسور- ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئىنسانپەرۋەر زاتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە سالار قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلەر، مۇسۇلمان توڭگان ۋە تاجىك مىللەتلىرى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت  ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلىمىشلىرىنى خەلقئارادا كەڭ كۈلەمدە ئاشكارلاش، پاش قىلىش ۋە بۇ ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت قىلىمىشلىرىنى دەرھال تۇختىتىش ھەمدە مەزكۈر مىللەتلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە يۈزدىن ئېلىپ بارغان سەمەرىلىك خىزمەتلىرى ئارقىلىق نۆۋەتتە دۇنيا مىقىياسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ھىسداشلىق قىلىش، ئۇلارغا مەدەت بېرىش، ئۇلارنىڭ ھەققانى كىشلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ( كىملىكى) ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش ھەمدە جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت زور بىر سىياسىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ خىل خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تۈرك مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقنى ساقلاپ قىلىنىشىنىڭ تۈپكى كاپالىتى.

2018- يىلى27- ئاپرىل بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسېلدا دۇنيا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە توڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت  ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلىمىشلىرىنى دەرھال توختىتىش، جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ۋە ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز ۋە توڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىش يۈزىدىن زور كۈلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2018- يىلى 25- ماي كۈنى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېميەسى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا نۇقتىلىق قىلىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كىرىزىسى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ يىل 3- ئىيۇل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، ئاۋغۇستا ئا قى شى كونگېرىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ، « خىتاي ئىشلىرى ئىجىرائىيەكومىتېتى» نىڭ رەئىسى ماركو رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېڭەش كىرسىتوفىر سمىتلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەزكۈر كومىتېتىنىڭ « شىنجاڭدىكى كىشلىك  ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا گۇۋاھلىق بېرىش » يېغىنى، ئا قى شى مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايىك پەنېس، ئا قى شى نىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى مايىك پومپېئو،ئا قى شى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ( دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى ) سام بروۋىنبەك، گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېترا پائۇ خانىم، مالايىسيا پرېزىدېنتى ماھاتىر مۇھەممەد ،كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترۇدېئاۋ ، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى خون مارىسې پاينې، تۈركىيە ئىىي پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مەرا ئاقىشەنەر خانىم، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە تەشكىلاتلىرنىڭ مەسئوللىرى ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت جىناىي قىلمىشلىرىنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك،كىشلىك ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ھەققىدىكى نۆتۈق ۋە باياناتلىرى، تۈركىيە ۋە ھىندونېزىيە ۋە تاتارىستان خەلقىلىرى ۋە ھىندونېزىيە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى  مۇسۇلمان مىللەتلەر جۇملىدىن مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىغا قاراتقان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقلىرىنى توختىتىش يۈزىدىن ئۆتكۈزۋاتقان نامايىشلىرى ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىگە چاقىرتىپ « شىنجاڭ » دىكى ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە سۇرۇشتە قىلىشى، ئامىرىكا CNN، ئەلجەزىرە  ۋە باشقا خەلقئارالىق تىلۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى قاتارلىق تاراتقۇلار، ئىتالىيەنىڭ « زىمىستان » تور بېتى، « نيويورك تايمىس» ۋە « ۋاشىنگتون پوست » قاتارلىق تەسىر دائىرىسى چوڭ گېزىتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ» دىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى خەۋەر ۋە باش ماقالىلىرى، چەت ئەللىك « شىنجاڭ ۋەزىيىتى» نى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ نۇتۇق ۋە بايانلىرى، ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ھەمدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي سىياسىي پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ خەلقئارالاشتۈردى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر قاتارىغا كۆتەردى. يەنە كىلىپ بۇ پائالىيەت- ھەرىكەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىرىنى پىر- پىرقىلىۋەتتى ، ئۇلارنى ئالاق – جالاق قىلىۋەتتى.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش يۈزىدىن  بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەر قايسي دۆلەتلىرىدە  ئىستىقامەت قىلىۋاتقان  ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىىي يادرولىقىدىكى ھەر قايسي ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ  يىتەكچىلىكىدە  قانلىق«5 – ئىيۇل ۋەقەسى» خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن  ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى ۋە ھەر قايسي مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-  قىزلىرىنىڭ « بىر ئاۋاز، بىر قەدەم » دىن ئىبارەت نامىدا  ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى دۇنيادا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلدى.

«بۇ يىل ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇر دىياردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەخمىنەن 11 مىليون ئومۇمىي نوپۇسىدىن 1 مىليون 100 مىڭ كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاي مىكدودوگال تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ ئىككى مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى ب دت نىڭ « كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى» نىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستا جەنىۋەدە ئېچلىغان يېغىنىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىمىشلىرىنى دەرھال توختىتىش ۋە جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشتەك  ھەققانى، يوللۇق ۋە كەسكىن تەلەپلىرىغا پىسەنت قىلماي، ھەر خىل سۈرۈنلاردا ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇ خىل مىللىي باستۇرۇشنىڭ تاكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈرك  مۇسۇلمانلىرىنى ئۈزۈل- كېسىل ئاسسمىلياتسىيە قىلىپ بولمىغىچە  داۋاملىشىدىغانلىقنى جاكارلىماقتا.

لېكىن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىنسانپەرۋەر جامائەتچىلىك ۋە ھەققانىيەتپەرۋەر كىشلەر خىتاي دائىرلىرىنىڭ يالغان- ياۋىداق سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماي، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قاتارلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۇركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى، باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانپەرلىك مۇقەددەس بورجىنى تەۋرەنمەستن  قەتىئى ئادا قىلىپ داۋاملاشۈرماقتا.

دۇنيادا دىموكىراتىك دۆلەتلەر، ب دت نىڭ « كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرى، قىسمەن خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرى  ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش سادالىرى ياڭراپ كەتكەن بىر ۋەزىيەتتە ئىسلام دۆلەتلىرى سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىگە قارىتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو تۋىتتېردا ئۇچۇر ئىلان قىلدى. « ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىل قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ يۇرىشىگە قارىتا 14- سېنتەبىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو تۋىتتېرغا چاپلىغان ئۇچۇرىدا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىك بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن. ».

ھۆرمەتلىك ئەرەپ ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مۇسۇلمان دۆلەتلىرى مالايسىيا، ھىندونېزىيە، ھىندىستان، پاكىستان، بىنگال ۋە كۇۋەيت قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرى دۆلەت ھەم خەلق نامىدىن،بەزىلىرى خەلق نامىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى  تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى بايانات ئىلان قىلىش ۋە نامايىشلارنى قىلىۋاتقان چاغدا سىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قولۇڭلار بىلەن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭلار، تىلىڭلار بىلەن، ئۇنىمۇ قىلالمىساڭلار دىلىڭلاردا قارشى تۇرۇڭلار» دېگەن ھەدىسىنىڭ روھىغا بىنائەن ئىش كۆرمەستىن بۇ ھەدىسكە ئاسىيلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە كانايىڭلارغىچە قەرىزگە بوغۇلۇپ قالغانلىقىڭلاردىن تىلىڭلار قىسقا بولغانلىق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان ئەرزىمەس ئاسسىغىڭلاردىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەش ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى  ھەمتاۋاق بولۇش بىلەن بىرگە،  يەنە بىرتەرەپتىن ئۆزەڭلەردە ئىستىبدات ھاكىمىيەت دۆلەت تۈزۇمى بولغانلىقتىن مۇسۇلمان بۇرادەرلىرىڭلار زۇلۇمغا ئۆچراۋاتقان ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان تۈرك قىرنىداشلىرىڭلار بىلەن ھەمدەردتە بولماستىن، بەز يېگەن  مۈشۈكتەك،كۆرمەسكە سېلىپ، قولۇغىڭلارنى يۇپۇرۇپ ئالدىڭلار. بۇ يەردە سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا كىپايە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « قۇرئان كەرىم » دا تىلغا ئالغان شەرقتىكى يەجۈج- مەجۈجلەر ئۇلارنى توساپ تۇرغان سېپىلنى ئاللاقاچان بۇزۇپ تاشلاپ، مەملىكىتىڭلارنىڭ بوسۇغىسغا كېلىپ بولدى. ئۇيغۇرلاردا « ئۆكۈزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغمۇ كېلىدۇ.» دېگەن بىر گەپ بار. ئىتتىپاق بولۇپ، بىر سەپ بولۇپ ئورتاق دۈشمەنگە قارىشى تۇرۇلمىسا، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ياۋۇز دۆشمىنى سىلەرنىمۇ بىر- بىرلەپ يەپ تۈگىتىدۈ. شۇ چاغ كەلگەندە بارمىغىڭلارنى چىشلەپ،پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىلەر.

«مۇسۇلمان دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايدۇ » دېگەن سۇئالغا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلاردىن «< چېخ جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوندرېي كلىمەس ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: << مېنىڭچە، بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر سوئال. بۇنىڭ بىرنەچچە سەۋەبى بۆلىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولسا بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ناھايىتى قويۇق سودا مۇناسىۋەتلىرىدۇر. خىتاي بۇ دۆلەتلەردە تەسىر كۈچى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تېخنىكا ۋە باشقا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى يوشۇرۇنغان بۇ ئىستراتېگىيە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچ بىر سادا چىقارماسلىققا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.>> >، < يەنە بىر سەۋەب ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەسلىدىنلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يېتەرسىزلىك ياكى ئەمەلىي مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىدا بېكىتىلگەن كىشىلىك ھەق- ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىدا مەسىلە مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋاللىرى خىتاينىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەچكە ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خەلقئارانىڭ بېسىمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلايدۇ. >،< گېرمانىيە بايروئېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىسلامشۇناس پائۇلا شرودې خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: << مەسىلىدىمۇ ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن قىزىقىدىغىنى خىتاي بىلەن ھەشەمەتلىك سودا توختاملىرىنى تۈزۈش. >>،<< نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا، ئۇلار قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ خىتايدەك كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟! مېنىڭچە، ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقنى راھەت ۋە پايدىلىق ئۇسۇل دەپ قارىشىدۇ.»

خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەرگە قاراتقان يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدىكى سادالىرى ياڭراپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە مارت ئاينىڭ 1-2-كۈنلىرى ئەبۇزەبى شەھىرىدە ئېچىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 46- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارنامىسىدا « خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى قارشى ئالىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيمىز. شۇنداقلا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز».دېيىلگەن. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەربۇ خىل پوزىتسىيىسىگە قارىتا سوفېي رېچاردسون مۇنداق رەدىيە بەردى : « ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەمۇ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن بىر شارائىتتا بۇ قارارنامىنىڭ قانداق بولۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەگەر: << بۇ ئەزا دۆلەتلەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئويلىسا، ئۆزلىرى بېرىپ شۇ لاگېرلاردا بېرىپ يېتىپ باقسۇن. >> دېدى. سوفېي رېچاردسون سۆزىدە: <<  مەن بۇ دۆلەتلەر ۋەكىللىرىگە ئۆزلىرى بېرىپ شۇ سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا يېتىپ سىناپ بېقىشىنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئۇلار لاگېرلاردا بىر ئاي يېتىپ باقسا ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرەرى ئاشۇنداق لاگېرلارغا سولىنىپ كەتسە ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بىراق، يۇقىرىقىدەك پاكىتلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىش كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. >>  دېدى.».

«قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئادۋوكات شىنقۇئات بايجانوف ئەپەندىمۇنداق دېدى : «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق يولىدىكى كۈرىشىنى تېررورلۇققا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا يۈزىگە تېررورچىلار قىلىپ كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۆزىگە بېقىندۇرۇش. بۇنى خىتاي ئوچۇقتىن- ئوچۇق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ خەۋپلىك نەرسە. سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىدى. ئەمدى خىتاي ئەجدەرھاسى ئويغىنىپ، بىزگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇنىڭ يولىدا تۇرغان بىرىنچى توسالغۇ بۇ ئۇيغۇرلار. ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرلارنى يۇتۇۋەتسە، نۆۋەت قازاقلارغا كېلىدۇ. مېنىڭچە، مۇبادا قازاقىستان ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى رەھبەرلىرى كېلەچەكنى ئويلايدىغان بولسا، ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. تۈركىي مەملىكەتلەر ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرسە، ئۇ چاغدا خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتالمايدۇ.».

ئامېرىكدىكى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى،ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىللىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچلدى. ھىندىستان ۋە بېنگالدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازلىق نامايىشلارنى ئۆتكەزدى. مالايسىيا خەلق ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار  دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە نۇتۇقلارنى سۆزلىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى ماركو رۇبىئو، كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق 25 نەپەر نوپۇزلۇق ۋەكىل تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى –  2018 دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسى» ئىلان قىلدى.

بۇ يىل 6 –  يانۋاردا  جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى » دا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 14 دۆلەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېغىنىدا  ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق14 غەرىپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ» دا نۆۋەتتە يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەنىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلدى ۋە ئەيىپلىدى، ھەمدە بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت نىڭ «كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى» نىڭ  بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ جەنىۋەدە ئېچلىغان يېغىنىدا دېموكراتىك غەرىپ دۆلەتلەر باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرۇلۇق سۇرىغان سوئاللىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەت ئامالسىز بۇ  يېپىق جازا لاگېرلىرىنى پەدەزلەپ، « كەسپىي تېخىكا ئۆگىنىش مەركىزىى» لىرى ، بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشلىرنى تەربىيىلىۋاتىمز،دەپ گەپ ساتتى.

جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ « خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى » مەزگىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قورۇلتىيى يىتەكچىلىكىدىكى جەنۋە نامايىشى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلىرى مەزكۈر يېغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تىخىمۇ ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ، كېكەچلەپ،يالغان سۆزلەپ، ئۆزلىرىنى ئاخلاشتىن باشقىنى بىلمەي قالدى. ھەتتا خىتاي ئۆمىكى يانچۇقىغا سېلىپ ئەكەلگەن« ئۇيغۇر كاناي» لىرى ۋە يېغىن ئەھلىرىنىڭ كۆزلىرىنى بوياش ئۈچۈن يىغىن بىناسىنىڭ زالىدىكى «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرمەكتە » دېگەندەك فوتو رەسىملىك كۆرگەزمىلىرىمۇ بىر تىن بولۇپ كارغا كەلمەي قالدى.

بۇ قېتىمقى جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ « خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى» خەلقئارا جامائەتكە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارىشى رەزىل قىياپىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تۆنۈتتى.

«گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو مائاس ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تارىخىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ يېڭىلىقلار ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى گېرمانىيەدىكى ھەر خىل گېزىتلەر، رادىئو – تېلىۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئەڭ كۆپ ئورۇن ئالغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. >، < بۇ يىل 8 – نويابر گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىدا گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېترا پائۇ خانىم يېشىللار پارتىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغان << شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توختىتىش، ئېنىقلاش ۋە جازالاش>> دېگەن تېمىدىكى ئىلتىماسنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلدى.».

«ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قايسى مۇستەقىل خىزمەت  گۇرۇپپىلىرىدىكى 6 نەپەر مۇتەخەسسىس 12‏- نويابىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <<ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى>> نى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى <<قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى>> نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلمىشلىرى ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.  مەزكۇر مەكتۇپ ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى، پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوغداش گۇرۇپپىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر گۇرۇپپىسى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى گۇرۇپپىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش گۇرۇپپىسى قاتارلىق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى 6 نەپەر مۇستەقىل مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن يېزىلغان. مەكتۇپتا خىتاينىڭ بۇ يىل 10‏- ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن <<ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى>> ، لاگېرلار مەسىلىسى، ئۇنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلنى چەكلەش سىياسەتلىرى ھەم بۇ يولدا ئالغان تەدبىرلىرى ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ << چەكتىن ھالقىغانلىقى ۋە ھېچقانداق ھاجىتى يوقلۇقى>>  بىلدۈرۈلگەن. ».

«15- نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادا باش بولۇپ گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە، ئىرېلاندىيە، شىۋېتسارىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، دانىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە بىرلەشمە مەكتۇپ ھازىرلاپ، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارا بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارغا يوللىغان.  بىرلەشمە مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارلىرىدىن چېن چۈەنگو ۋە شۆھرەت زاكىرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش تەلەپ قىلىنغان بۇ مەكتۇپتا يۇقىرىقى 15 دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: <<بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كۆرۈپ ئىنتايىن چوڭقۇر خاتىرجەمسىزلەنمەكتىمىز. >>  » دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاتتى.».

«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا جىسمانىي ۋە روھىي ئازاپ سېلىشى ئامېرىكىدىكى يەرلىك خرىستىئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي زاتلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. 6‏- نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى 7 نەپەر خرىستىئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي زات <<سۈبھىي چاقىرىقى>> ناملىق يەرلىك تور زھۇرنىلىدا مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ < ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئازاپلاشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان> ».

«تاتارىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى رەئىسى كامىل سامىگۇللىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەملىكەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. كامىل سامىگۇللىننىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەۋرەندۈردى.»،

«11-  ئاينىڭ 27- كۈنى <<دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى>> خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.».

«ۋاشىنگتوندىكى << ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى>> 28- نويابىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانچە كېڭەيتىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىگە قارىتا پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق سودا شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.».

«بۈگۈن، يەنى 28- نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى >، < ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا << كوممۇنىستىك پارتىيە خىتايدا دىنىي ئېتىقادنى قاتتىق باستۇردى >> دەپ نام بېرىلگەن. >،< ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، سېناتور ماركو رۇبىيو سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.>، <ئۇ مۇنداق دېدى: <<مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىمنىڭ ھېكايىسى خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادقا ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ بىر رەزىللىك، بۇ سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدىغان رېئاللىق. بىز ياشاۋاتقان 21- ئەسىردە بۇنداق رەزىللىك ھەرگىز، ھەرگىز ۋە ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك. شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى سەۋەبلىك بۇ خىلدىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ئەسلا قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك…>> >، < دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: << مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ كۈچلۈك گۇۋاھلىقى بىزگە شۇنى ئەسكەرتمەكتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتىگە خاس تەقىب سىستېمىسىغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەقىب سىستېمىسى ئارقىلىق رايوندىكى پۈتكۈل ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە دىنىي ئېتىقادنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا.>>  دىدى. >  ».

«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن 2008- يىللىق <<ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى>> نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى فاشىستلارچە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، بىر مىللەتكە قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ».

«ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا قاراشلىق تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى قارمىقىدىكى <<شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە خەلقئارا تور بىخەتەرلىكى سىياسىتى كومىتېتى>>  4 – دېكابىر كۈنى مەزكۇر كومىتېت <<خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار>> تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىشيىغىنىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىنى ئۆتكۈزدى. > ، <مەزكۈر كومىتېت رەئىس گاردنېرنىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا زورىيىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىقى ئىچكى قىسىمدا دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدىكى ئاياق- ئاستى بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ ئەڭ زور قۇربانلىرى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىشىدە ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندىكى غايەت زور كۆلەملىك لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان. نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت نىڭ زور دىققىتىدىكى ئىشلاردىن بولۇپ قالغان.».

«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئاسىيا كومىتېتىنىڭ رەئىسى تېد يوخو ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى براد شېرمان قاتارلىق سەككىز نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ھەمدە باشقا ئالاقىدار سىياسىيونلارنىڭ بىرلىكتە ئىمزا قويۇشى بىلەن <<ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى>>  ماۋزۇلۇق قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . <مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا   قويۇش   ھەققىدىكى   چۈشەندۈرۈشتە   بولسا   بۇ   ھەقتە  ئاددىي  قىلىپ  <<خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون تۈركىي مۇسۇلمان خەلقى ئاتالمىش <قايتا تەربىيەلەش مەركىزى> لاگېرلىرىغا سولىنىۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ پاراكەندە قىلىشى ۋە سۈكۈتكە گىرىپتار قىلىشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.  دېيىلىدۇ. >>، <مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپتە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يۇغۇرى تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تېخنىكىلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا ئىشلىتىشىدۇر. بۇ ھەقتىكى باياناتتا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى براد شېرمان ئالاھىدە قىلىپ << خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى تۈركىي مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەن. بىز ئۇلارغا بۇنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچىمىز>> دېيىلىدۇ.>، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقان <<تەربىيەلەش مەركىزى>> نامىدىكى لاگېرلار مۇھىم سەۋەب بولغان بولۇپ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى تېد يوخو بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا <<بىز بۇنى مەڭگۈ قوبۇل قىلالمايمىز.>> دېگەن».

8- دىكابىر «ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن BBC خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە بىر سائەتلىك پروگرامما تارقاتتى. 8 –  دېكابىر، يەنى ئۆتكەن شەنبە كۈنى تارقىتىلغان بۇ پروگرامما BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىۋاسىتە تەكشۈرۈشلىرى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان. BBC دە تارقىتىلغان  بۇ   پروگراممىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا  قويۇلۇۋاتقان لاگېر  تۈزۈمى  ۋە  ئۇنىڭغا  يانداش كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.».

2018-يىلى 10-دىكابىر  <<دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى>> ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبۇرن بىناسىدا << پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى>> ئۆزلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك <<مىللەتلەر ۋە ئېتىقادلار ئارا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى>> نى ئاچتى. بۇ يىلقى يىغىنغا <<شى جىنپىڭ فاشىزىمىنى چەكلەپ، خىتايدىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتايلى: يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ئىستراتېگىيە>> دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى . <<پۇقرالار كۈچى>> تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى سۆز ئېلىپ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە فاشىزمغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى سۈپىتىدە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتىنى ھېچ سەۋەبسىزلا <<يىغىۋېلىش لاگېرى>> غا قامىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.  شۇنىڭدەك يېقىندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنلىكىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىتايدىكى زۇلۇمنى پاش قىلىش جەھەتتە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش يۈزىسىدىن 2018-  يىللىق مۇكاپاتنىڭ يەنە بىرىنىڭ مېھرىگۈلگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى».

«10- دېكابىر <<خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى>> دە چېخ ۋە سىلوۋاكىيەلىك ئىلمىي خادىملار ۋە ھەر ساھە زاتلاردىن تەشكىللەنگەن 115 كىشى ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئېغىر بېسىم سىياسەتلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماش ھەرىكىتى قاتتىق ئەيىبلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن <<سىياسىي تەربىيە>> لاگېرلىرىغا قامالغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال ئازاد قىلىش، رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ».

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار پائالىيەت قىلىدىغان قالغان 20 تەشكىلات بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان <<ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى>> ۋە لاگېر تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا ئورتاق ھالدا قارشى تۇرۇشقا، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قىممەتلىرىنى ياقىلايدىغان ھۆكۈمەتلەرنى ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ، خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان».

10-دېكابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىمۇ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.».

«تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 23- دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. >، < يىغىلىشتا مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مىلادىدىن بۇرۇن 2-ئەسىردىن باشلاپ ھۇن دۆلىتى، كۆكتۈرك دۆلىتى، ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى، سەئىدىيە دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، مانچۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ 1884- يىلى مەزكۇر تۇپراقنى قايتىدىن بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىسمىنى <<شىنجاڭ>> دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى، بۇ زېمىننىڭ نامىنىڭ <<شىنجاڭ>> ئەمەس، <<شەرقىي تۈركىستان>> ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.>، <مۇستافا دەستىچى ئەپەندى نۇتقىدا خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىي مىللەتلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى، 3 مىليون ئادەمنىڭ لاگېرلارغا تاشلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك سىياسەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.>».

«26- دېكابىر كۈنى قازان شەھىرىدىكى كەرىم تىنچۇرىن باغچىسىدا بىر توپ تاتار پائالىيەتچىلىرى تۈرلۈك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى. >،< يىغىلىشقا يېغىۋاتقان قارغا قارىماي 12 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قوللىرىدا <<خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ! ب د ت ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز!>>، <<خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ! خىتايدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز!>>، <<فاشىستلار گېرمانىيەسى  1937- ، خىتاي 2018 ->>، <<تاتارلار! قانداش ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى بىرلىكتە قوغداشقا قوزغىلايلى!>>، <<يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئەركىنلىك! >>  دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن.».

«د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا بولغان كۈچلۈك قارشىلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى  كۆرسەتتى.».

يېقىندا يەنە « ھىندونېزىيە ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانىلىقلىرىغا قارشى بايانات ئىلان قىلدى، ھىندونېزىيە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى نامايىش ئۆتكۈزۈپ،خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلدى  ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرىمۇ ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يېزىش ئارقىلىق خىتاينى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى. ».  « ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ  ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلومات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.».

تا بۆگۈنگە قەدەر دۆلەت سۈپىتىدە ھېچ بىر ئەرەب ياكى تۈرك ۋە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىدىن رەسمىي شەكىلدە بىر ئىنكاس چىقمىغان ئىدى. لېكىن 1- يانۋار كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئوسامە شاھىن بۇ  سۆكۈت قىلىشىنى بۇزدى.

«2019 – يىل1- يانىۋار كۇۋەيت پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئوسامە شاھىن پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە  <ئالدىنقى كۈنلىرى خوتەن قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن بىر ئۇيغۇر نارىسىدەنىڭ رەسىمىنى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا ئائىت رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر كۈلپەتلىرىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەسمىي دوكلاتىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.>، < ئۇسامە شاھىن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن كېيىن، 2- قېتىم بۇنداق لاگېرلار مەۋجۇت بولمايدۇ دېيىلگەن بۇ دۇنيادا، ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ لاگېرلاردا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئىنسانلىق جىنايىتى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ھەمدە بارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، «سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيلىقنىمۇ نەزەرگە ئېلىش لازىم، بۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتىدۇ. دېگەن. >،< ئوسامە شاھىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ << زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قولۇڭلار بىلەن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭلار تىلىڭلار بىلەن، ئۇنىمۇ قىلالمىساڭلار دىلىڭلاردا قارشى تۇرۇڭلار>> دېگەن ھەدىسىنىڭ روھىغا بىنائەن كۇۋەيتنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا ئىنكاس بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن. > ».

«<<ۋاشىنگتۇن  پوچتىسى>> گېزىتى 8‏- يانۋار كۈنى يەنە بىر قېتىم تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى خىتاينىڭ << كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىش ھەرىكىتى >>گە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تېزرەك ماقۇللاپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتنىڭ يېقىنقى 6 ئىچىدە ئېلان قىلغان 5 قېتىملىق تەھرىرات ماقالىسىدۇر. >، << ۋاشىنگتون پوچتىسى>> تەھرىرات ماقالىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تېز ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلىپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدا كانادا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىدا << تۈركىي مۇسۇلمانلارغا بولۇۋاتقان ھادىسە كۆلەم، تېخنىكا جەھەتتىكى تاكامۇللۇق، دۆلەتنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا ئاجراتقان ئىقتىسادى سېلىنمىسى جەھەتلەردە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى>> تەكىتلەنگەنلىكى، لېكىن دۇنيانىڭ بۇنىڭغا زۇۋان سۈرمەيۋاتقانلىقى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى> نى تەكىتلىدى.»،

«ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ھازىرغا قەدەر سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئاددىي پۇقرالار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتمەكتە. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئارقىمۇ- ئارقىدىن ئېلان قىلماقتا. قىرغىزىستاندا بولسا يېقىندا بىر قىسىم ئاممىسى ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. >، < دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزالىرىدىن ئەركىن ئەخمەت باشچىلىقىدىكى بىر توپ ياشلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 10- يانۋار كۈنى ئاممىۋى تور بەتلەردە ئۇيغۇر، ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرىدا «ستوپ گېنوتسىد: بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز!» ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش باشلاندى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىر كىشىلىك ئاۋاز قوشۇش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئىكەن. >، < ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق << ستوپ گېنوتسىد- بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز>>، يەنى  <<قىرغىنچىلىقنى توختات: بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز >> ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. قىرغىزىستاندىكى <<ياشلىق ئاۋازى ئۇيۇشمىسى>> نىڭ ھەم قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى  << ئىتتىپاق >> جەمئىيىتىنىڭ ياشلار كومىتېتىنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىلىرىدە مەزكۇر خەتلەر يېزىلغان پائالىيەت باشلاندى.».

2018- يىلى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھۆقۇق پائالىيەتچىلىرى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيە پروگراممىسى، ئۇيغۇر ئىستىقلال تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسى ۋە ئۇيغۇر خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيە  ئىستانسىيسى؛ ب دت نىڭ  كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى دىموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتلىرى ، ھۆكۈمەت ئارباپلىرى، سياسىيونلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر مەسىللىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئاخبارات- تەشۋېقات ئورگانلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى، چەت ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تەشكىلاتلار ۋە پروفېسسور- ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە ئىسانپەرۋەر زاتلارنىڭ زور تىرىشچالىقلىرى بىلەن  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك مۇسۇلمانلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە مۇسۇلمان تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش ۋەزىيىتى خەلقئارالاشتى.

2019- يىل كېرىشى بىلەن تۈركىيە، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە خەلقلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا جۇملىدىن ئۇيغۇرلارغا  قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان  مىللىي باستۇرۇشىغا نارازلىق بىلدۇرۇش ۋە بۇ خىل ئىرقىي دەپسەنچىلىكنى دەرھال توختىتىش يۈزىدىن ئېلىپ بارغان نامايىشلىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدى .

«2019-يىل 17- يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى لايىھىسى تونۇشتۇرۇلدى. «ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇش بىلەن ماقۇللانسا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇپ قالىدۇ.».

يېقىندا «ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر، دىنىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشقا شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشى  پەقەت ئەينى زامانىدا گېتلىر ناتىسىستلىرى يەھۇدىيلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە، سەھنىلەشتۈرۈلگەن جايلارنى ياساپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنۇشىدەك سىياسىي ئالدامچىىلىقلارنى قىلىشلا  بولۇپ قالدى. بۇ يىل كىرىگەندىن باشلاپ خىتاى ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەن ئۆسۈملىق قەرىز بېرىش ياكى بىكار پۇل بىرىش يوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يالىقىنى يالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلللىرى ۋە مۇخبىر – ژۇرنالىستلىرىنى «شىنجاڭ» غا تەكلىپ قىلىپ، «ئۇيغۇر تۈرك نامازخانلارنىڭ مەسچىتكە پاتماي قالغان ھالدا ناماز ئوقۇۋاتقان مەنزىرىسى» نى «تاماشا» قىلدۇرماقتا، ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق دۇنيا خەلقىنى ئالداش خام خىيالىنى سۈرمەكتە.

بۇ يىل كىرگەندىن كېيىن دۇنيا قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاۋىسترالىيىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قولىشىنى قولغا يۈزىدىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىق نەتىجىلەرگە ئېرشتى. «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مالايشىيا ۋە ھىدونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاممۋى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۇملىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلققا دۆچ كېلىۋاتقانلىقىغا  قارشى تۇرۇش ۋە بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش يۈزىىدىن ئېلىپ بارغان نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە رەخمەت ئېتىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق چۆشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىغا تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئېرىش مەقسىدىدە ئېلىپ ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

«ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىدىن «CNN تېلېۋىزىيەسى» 28- يانۋار كۈنىدىكى خەۋەر پروگراممىسىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر كرىزىسى» تېمىسىغا ئورۇن بەردى. پروگراممىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان بوب مېنېندىز ئەپەندى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بوب مېنېندىز ئەپەندى پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.> ،<بوب مېنېندىز: <<مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغىنىم، خەلققە بېسىم ئىشلىتىش سىزنى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزمەيدۇ. سىز تىنچلىق بىلەن ئىپادە قىلىنىۋاتقان پەرقلەرگە يول قويۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىۋالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ھالدا ئىپادە قىلىشىغا يول قويۇشىڭىز كېرەك. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا خىتاي ئاندىن ئۆزى دەۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. >> دىدى .  ئۇ <خەلقئارانىڭ ئورتاق ھەرىكىتىنىڭ خىتاينى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.>، <بوب مېنىندىز يەنە مۇنداق دېدى: <<بىز ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاساستا خىتايغا چاقىرىق قىلىش ئاساسىنى چىڭىتالىساق، يەنى بۇ ئۆزگىرىش چاقىرىقىنى پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە قول قويغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەلىپى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويالىساق، ئاخىرى بېرىپ كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆزگىرىش بىر كېچىدە يۈز بەرمەيدۇ، ئەمما خىتاي خەلقئارادىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىدىغان دۆلەت بولغانلىقتىن، كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ يولدا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.>>».

«28- يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق مەكتىپىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا << خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى زور ساندا لاگېرغا قامىشى ھەمدە زىيانكەشلىك قىلىشى: بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم؟>> دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.>، < بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى بولغان. > ».

«4- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورگانلار جەنۋەدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشكە چاقىردى.>، <كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كېن روت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە: <<شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شۇنچىلىك ئېغىركى، ئۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن نالە قىلماقتا.>> دېدى.>، <كېن روت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يۇيۇش، ئۇلارنى پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىگە چوقۇنىدىغان كىشىلەرگە ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئەسكەرتتى. بىراق ئۇ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىقىغا قارىماي، خەلقئارانىڭ ئىنكاسىنىڭ ناھايىتى سۇسلۇقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى دەرھال ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆمەك ئەۋەتىپ، لاگېرلارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىردى. >، < ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كۇمى نايدۇمۇ ئەپەندىمۇ تېلېكامېرا ئارقىلىق قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: <<بۈگۈن شىنجاڭ خۇددى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاپ قالدى. ئۇ يەردە داۋام قىلىۋاتقان ئورۋېلچە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، مەجبۇرىي مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئانا يۇرتىدا ياتلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. >>، <يىغىندا سوئال سورىغۇچىلار ۋە بېرىلگەن جاۋابلار ئارىسىدا تەكىتلەنگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا خەلقئارا جامائەتنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتى بولدى. يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى تۇيۇقسىز يولغا قويمىغانلىقى، بۇنىڭ رايوندا نەچچە ئون يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى، ئەمما خەلقئارا جامائەت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قىلغان بېسىملارغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى مانا ئەمدى تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇشۇ لاگېرلارنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا ئۇلار << ئەمدى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتايغا قارشى ئورتاق تەدبىر ئېلىشى كېرەك>>، دېدى.>  ».

«6- فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدسون مەركىزىدە ئۇيغۇرلارجەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مۇھاكىمە يىغىنى نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقى، مەزكۇر ساقچى دۆلىتىنىڭ ھازىر ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى <<سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش>> لاگېرلىرىغا قامىۋالغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇشى لازىملىقىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلدى.>، <يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كاتتون سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى ۋە يەر ئاستى بايلىق ماكانى بولغان بىر رايوندا ياشاۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان <<بىر بەلۋاغ بىر يول>>   قۇرۇلۇشىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقان شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇنداق ھاكىممۇتلەقلىقنى دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ نۆۋەتتە دۇنياغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، <<ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەمىلى تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى>> دېدى».

«8- فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» دە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغان بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. >، < ئاتلانتىك كېڭىشى ياۋرۇ-ئاسىيا مەركىزىنىڭ باشلىقى جون ھېربىست يىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەقە شۇنداقلا ناھايىتى زور بىر تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە << 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشى ئاددىي بىر مەسىلە ئەمەس. مەن شۇڭا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ پايتەخت ۋاشىنگتوندا دىققەتكە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايمەن>>  دېدى. >، < يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك خىتاينىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە قارىماي، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوقۇم ئورتاق ھالدا بۇ لاگېر مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشىگە چوقۇم تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۆزى كۆزلەۋاتقان ئىقتىسادىي ئۈنۈملەرگە ۋە دۇنياۋى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.».

«9- فېۋرال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنى <<ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر بۈيۈك نومۇس>> دەپ بىلدۈردى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي، <<بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە خالىغانچە تۇتۇلۇپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى ۋە كاللىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يۇيۇلۇشى ھازىر بىر مەخپىيەتلىك ئەمەس. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋېتىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز>> دېدى. باياناتچى ھامى ئاكسوي سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى قولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي بېسىمغا، شۇنداقلا سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى».

تۈركىيە دە «ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى 11- فېۋرال كۈنى ئاخشىمى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، <<خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى >> نى بىلدۇردى.  ئۇ باياناتىدا <ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر بۇ مەسىلىنىڭ پارتىيەسىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نازۇك مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: << ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار كېيىنكى كۈنلەردىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىدۇر. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي 2017- يىلى 10- ئايدا بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇ، يەردە ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم >>. <ئۇ مۇنداق دېدى: <<خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلار ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىلسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكمۇ پەسىيىدۇ. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ھەر دائىم بۇنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنى تۇتۇپ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىشىنىڭ قانۇنىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن. نۇرغۇن زىيالىي، جامائەت ئەربابى، سەنئەتچىلەرنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بار. شۇڭا ئەڭ توغرىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆزەتكۈچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە ھەقىقىي ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى كېرەك. 21- ئەسىردە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختىلىش ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئۇنداق ئىكەن بۇنى دۇنياغا كۆرسىتىشى كېرەك. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىزنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن >>».

«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلۇسى 12‏- فېۋرال كۈنى تىبەتلەرنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن <<تەشەككۈر ئامېرىكا >> ناملىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىدىكى مەقسىتى ئۇنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغىنىدەكلا ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.>، ئۇ: << تىبەتتە يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇلمىسا ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر ئاسسىمىلياتسىيەگە تۇتۇلىدۇ. بۇ لاگېرلارنىڭ نىشانى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك خاسلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئوخشاش مەقسەتكە ئىگە. >> دەپ كۆرسەتتى.».

«دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ «ئاسىياچە نۇسخىسى» دەپ قارىلىدىغان «باڭكوك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىسىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ خىتابنامىلەرگە ئىمزا قويغانلىقىغا 30 يىل بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىمزا قويغان بۇ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە قايسى دەرىجىدە ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 19- فېۋرال كۈنى مەخسۇس بىر كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.» بۇ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى مەسلىسى ئالاھىدە مۇھاكىمە قىلىندى.

«مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە تارتماقتا. مەزكۇر پائالىيەت پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا جىددىي كېڭەيمەكتە. ‏

26- فېۋرال كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏- نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركىيە « < تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ھەق- ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.>، < ئۇ مۇنداق دېگەن: << ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى، شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلار ئەندىشە قوزغىماقتا>> >،< چاۋۇشئوغلۇ يەنە «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.> ».

«خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لاۋرېنس بەكوۋ 20- مارت كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلدى. لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا ئۇ «ھەقىقەت ئىزدەش ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋەزىپىسى» تېمىسىدا ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ، سۆز ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىلمىي ساھەنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.>، <لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ نۇتۇق جەريانىدا ئانىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرىدىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «مەن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىدىن بىر ئۈزۈندى ئوقۇيمەن» دەپ مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلېتنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇدى. بۇ كۇپلېتنىڭ ئۇيغۇرچىسى مۇنداق ئىدى: <<ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى، تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى، دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى بۇ سۆھبەتنى.>> ».

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىپىلەش، توختىتىش ۋە پاش قىلىش ھەمدە ئا قى شى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تەدبىر قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 6- ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ« ھۆرىيەت مەيدانى » دا « ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى بىرلەشمە يىغىلىش پائالىيىتىگە ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كانادادىن كەلگەن يۈز نەچچە كىشىلىك ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى مەسچىتلەر ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئېلانىنى ئاڭلاپ ئالايىتەن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن چەتئەللىك مۇسۇلمانلار بىرلىكتە ئىشتىراك قىلدى.».

قىسقىسى، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى،چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، دۆلەت ئارباپلىرى، سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى  ۋە دۇنيادىكى ھۈرىيەتپەرۋەر خەلقلەر ۋە جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ۋە يەرلىك مىللەتلەرگە قاريتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا نەپرەت ئوقۇش، قاتتىق ئەيىپلەش ۋە بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى ھەركەتلىرىنى دەرھال توخىتىتىش سادالىرى ياڭرىدى. خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ جىنايى قىلىمىشلىرى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆتمەي خۇددى 2- دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا سوتقا تارتىلغاندك خەلقئارا جامائەتنىڭ جاۋاپكارلىقغا تارتلغۇسى.

ياشىسۇن ئۇيغۇر خەلقى!

تارىخ ھۆكمى شۇ ئەزەلدىن، تاڭ يورۇتار زۇلمەتنى،

قۇل قىلالماس زوراۋان كۈچ، ھۆرلۈك سۆيەر مىللەتنى.

ئەسكەرتىش: مەزكۈر ماقالىدىكى «» قوش تىرناق ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلىمىگەنلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش