ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئۆز تارىخ

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى « ئەزەلدىن تارىختىكى خىتاي دۆلەتلىرىنىڭ زىمىنى » دېگەن سەپسەتىسىنى ئىسپاتلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار « شىنجاڭ» غا موڭغۇلىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن،ئۆتمۈشتە ئۇيغۇرلار « شىنجاڭ» دا ياشاپ باقمىغان دېگەندەك  يالغان- ياۋىداق ۋە ئويدۇرما « پاكىت » لارنى ياساپ چىقىش ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپ قالدى.

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەۋلادتىن- ئەۋلاد بۇ مۇقەددەس زىمىن– شەرقىي تۈركسىتاندا ياشاپ كەلگەن. ئۇلار بۇ رايوندا كۆپلىگەن مۇستەقىل فېئودال دۆلەتلەرنى  قۇرغان.

تارىختا ئۇيغۇرلار قۇرغان ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ (744  – 840 – يىللىرى)  زېمىنى شەرقتە شىڭئەنلىڭ تاغلىرىدىن تارتىپ، غەربتە ئالتاي تاغلىرى ۋە تارىم ۋادىسىغا قەدەر، شىمالدا بايقال كۆلىگە قەدەر يېتىپ باراتتى، جەنۇبىي تەرەپتە سەددىچىننى پاسىل قىلاتتى. ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشتىن  ئىلگىرى ئۇلارنىڭ   ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان.  1756-1757- يىللىرى چىڭ (مانجۇر) ئىمپېرىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالىيەت قىلىشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا بىر تال خىتاي مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

ھەي، خىتاي ھۆكۈمىتى سەن ئۆزەڭ داۋراڭ قىلىپ بازارغا سېلىۋاتقان «پالان مىللەت پالان يەردىن پالان يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، پالان يەرنى ئۆزىنىڭ زىمىنى قىلىۋالدى» دېگەن سەپسەتەڭنى باشقا مىللەتلەرگە تېڭىشتىن ئەۋۋەل ئۆزەڭگە بىر تەتبىقلاپ باقساڭ قانداق بولاركىن، سەنلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەسلىدىكى زىمىننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدىن ساۋادىڭلار بارمۇ- قانداق؟ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەسىلى زىمىنى خىتاينىڭ ئۇتتۇرا تۈزلەڭىلىكى بىلەن چەكىلىنىدىغانلىقى تېخى ئېسڭلاردىن چىقىپ كەتمىگەندۇر؟!

سەن، خىتاي ھۆكۈمىتى، سەندە جۈرئەت بولسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە (ياكى تۈركىيەدىكى تۈركلەرگە) «سىلەر ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سالجۇقلار ئىدىڭلار، بالقان يېرىم ئارىلىغا بېرىپ، ئاناتولىيەنى ئىگەللەپ ئۆزەڭلەرنىڭ قىلىۋالدىڭلار» ياكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىگە (ياكى ماجارلارغا) «سىلەر ئەسلىدە موڭغۇلىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھونلار ئىدىڭلار، ياۋرۇپا كۆچۈپ كېلىپ، ۋېنگىرىيەنى ئىگەللەپ، ئۆزەڭلەرنىڭ قىلۋالدىڭلار» دەپ خىتاپ قىلالامسەن؟!

قىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە قەيەرلەردە ياشاپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا ئېلىپ بارغان  ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى:

«ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى III ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا تەڭرىتاغ ۋادىلىرى، كوئىىنلۇن، قاراقۇرۇم تاغلىرى، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرنىڭ غەربىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ، ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى، ئۇزاق تارىخىنى ياراتقان.»، «ئۇيغۇر خانلىقنىڭ زېمىنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ شەرقتە شىڭئەنلىڭ تاغلىرىدىن تارتىپ، غەربتە ئالتاي تاغلىرى ۋە تارىم ۋادىسىغا قەدەر، شىمالدا بايقال كۆلىگە قەدەر يېتىپ باراتتى، جەنۇبىي تەرەپتە سەددىچىننى پاسىل قىلاتتى.»، ھاجى نۇرھاجى: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن ، 2009- يىل نەشرى).

«ئۇيغۇرلار چوڭ كۆچۈشتىن ئىلگىرىلا غەربىي يۇرت (شىنجاڭ) دا ئۇيغۇر ،تۈركلەرنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى بىر تارىخىي پاكىت.» (فېڭ جياشڭ، چېڭ سولۇ، مو گۇاڭۋېنلارنىڭ « ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى»، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن) .

«مىلادىيە V ئەسىردە دېڭلىڭلار يەنى قەدىمىي ئۇيغۇرلار جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىلى كۆپ جايلىرى مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلىشىپ بولغان.» ( ۋ. ۋ. گىرىگرىيىۋ: «چىن تۈركىستان»، 1873- يىلى، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن)

«قاڭقىللار (ئۇيغۇرلار) ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن  پەۋقۇلئاددە روللارنى ئوينىدى. (رۇسىيە، ن . ۋ . باگياۋېلېنسكىي : «سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى»، 1906- يىلى، 2012- يىل نەشرى ).

«مۇڭغۇلىيىدە چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەندىن كېيىن، تۈركىي خەلقلەر تۈركىستاننىڭ شەرقىگە كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى. ئاۋۋال تۈرك – ئوغۇزلار، كېيىن ئۇيغۇرلار كەلدى.» (سوۋېت ئىتتىپاقى، ۋ. ۋ. بارتولد: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا <<ئون ئىككى لېكسىيە>> » 1926- يىلى،  2010- يىل نەشرى).

«جەنۇبىي تۈركستاننىڭ شىمالىدىكى رايونلار يەنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى جۇڭغارىيە رايونى، سىبىرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىنىڭ ئاھاللىرى خاككاسلار، دىڭلىڭلار ۋە ئوغۇزلار ئىدى. ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خاككاسلارنىڭ قىرغىزلار ئىكەنلىكىگە، دىڭلىڭلار ۋە ئوغۇزلارنىڭ بولسا كېيىنكى دەۋرلەردىكى قەدىمقىي ئۇيغۇرلارنىڭ (回纥) ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. قەدىمقىي ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلار بەلكىم قېرىنداش مىللەت بولۇشى مۇمكىن. قىرغىزلار ۋە  قەدىمقىي ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلنى ئانا تىل قىلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردە بۇ رايوننى تۇرانىيان تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىگىلىگەن.»، «تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىقى V ،IV ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى ئىدى.» (ئامېرىكا، ۋىليام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىن: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»، 1939- يىلى، 2012-يىل نەشرى).

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ (744 – 840 – يىللىرى)  باشقۇرغان جايلىرى ھەققىدە ئا. ۋ. گابائىن ئۆز ئەسىرىدە «بىر مەزگىل قۇجۇنى  ئىدارە قىلغان.» دەپ يازغان. (گېرمانىيە، ئا . ۋ. گابائىن : «قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن»)

مىلادىيە 840 – يىللىرىدىن كېيىن مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەزر بولغاندىن كېيىن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ  تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسىمى بولغان — شەرقىي تۈركىستاندىكى  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يانلىرىغا يەنى شەرقىي تەڭرىتاغ  ۋە قەشقەر رايونلىرىغا كۆچۈپ كەلدى.

«مىلادىيە 840 – يىللىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ رەھبەرلىرىدىن  بولغان پان تېكىن قەبىلىگە يېتەكچىلىك قىلىپ شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىغا كۆچۈپ كەلدى. شەرقىي تەڭرىتاغ رايونى ئۇرخۈن خانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى چەت رايونلىرى ئىدى.» (س. گ . كىلياشتورى : « غەربىي يۇرتتىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىخىدىن پارچە »، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن»)

«مىلادىيە 840 – يىللىرى ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسى غەربكە كۆچۈپ قەشقەرگەكەلگەن… بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان.» («قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن)

«ئەڭ دەسلەپكى چاغاتاي ئۇلۇسى ئەسلىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، قارا قىتان زېمىنى، يەتتەسۇ ۋادىسى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىن تەشكىل تاپقانىدى. (ئامېرىكا، گاۋىن ھامىلى : « ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزسلىرى» دىن، 2008- يىل نەشرى)

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ كىتابلىرىدىن كەلتۇرۇلگەن يۇقىرىدىكى  ئىلمىي تەتقىقات بايانلىرى شۇبھىسىز ھالدا شۇنى دەلىللەپ بېرىدىكى، شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ئانا ۋەتىنىدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش