ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئامېرىكا تەتقىقاتچىسىنىڭ ئانالىزى: خىتاي – رۇس ھەمكارلىقى نېمە ئۈچۈن كۈچىيىدۇ؟

ئامېرىكا تەتقىقاتچىسىنىڭ ئانالىزى: خىتاي – رۇس ھەمكارلىقى نېمە ئۈچۈن كۈچىيىدۇ؟

ئاپتۇرى: ۋولتېر رۇسسېل مەد (Walter Russell Mead)

ۋولتېر  رۇسسېل مەد، ئامېرىكا خادسون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى،  باد ئىنستىتۇتىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر پروفېسسورى، «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى» نىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دىپلوماتىيە سىياسىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى خەلقئارا ئىشلار، سىياسەت، دىن، مەدەنىيەت، مائارىپ، مىدىيا قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

2019 – يىلى 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئىككى خىتاي ھەربىي ئايروپىلانى ۋە ئۈچ رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى خەۋەرسىز ئەھۋالدا كورىيە ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىردى. كورىيە دەرھال كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى ھەمدە سىگنال بەردى. ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، كورىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى روسىيە ئايروپىلانى تەرەپكە ئوت ئېچىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، بەختكە يارىشا توقۇنۇش يۈز بەرمىدى. ۋەقەدىن كېيىن، كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئىش توغرىسىدا «قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى». خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتەھەقتە مۇنۇ بىلدۈردى: خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا بىرلەشمە ھاۋا بوشلۇقىدا ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ئېلىپ بارغان مەزگىلدە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمىگەن. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، روسىيە ھاۋا ئارمىيەسى كورىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلمىدى، ھەمدە كورىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ روسىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ نورمال ئۇچۇشىغا كاشىلا قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

خىتاي – رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە – كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشمە چارلىشى تاشقى دۇنيا تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك «مىسلى كۆرۈلمىگەن» يېڭى ھالەت دەپ قارالدى. BBC مۇداپىئە ئىشلىرى مۇخبىرى جوناسىن ماركۇس (Jonathan  Marchan) خىتاي – رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىرلەشمە چارلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ دېدى؛ ئامېرىكا لاند شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت ئانالىزچىسى رايل مورىس (Lyle   Moris) مۇنداق دېدى: كۆپلىگەن دەلىل – ئىسپاتلار بارغانسېرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاق سىستېمىسىغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا راند شىركىتىنىڭ داڭلىق ئالىمى جامېس دوبىنس (Jobbins)، خوۋارد سارتس (Howard  Shatz) ۋە ئەلى ۋېننى (Ali Wyne) مۇ ماقالە يېزىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆز قاراشنى ئېلان قىلغان .

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 2015 – يىلى رۇسىيە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتكە ئايلاندى؛ 2017 – يىلى، خىتاي بىلەن رۇسىيە تۇنجى قېتىم بالتىق دېڭىزىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى؛ 2018 – يىلى، خىتاي ئەسكەر ئەۋەتىپ رۇسىيە تارىخدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك «شەرق – 2018» بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىغا قاتناشتى. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى دان كوتس (Dan  Coats) «شەكسىز يېقىنچىلىق» ئارقىلىق نۆۋەتتىكى خىتاي – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلىگەن. خىتاي – روسىيە ئ‍ىتىپاقى ۋېنېسۇئېلا بىلەن سۈرىيەنى غەربنىڭ قامال قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپنىڭ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىدىكى ھەمكارلىقىنى تەدرىجىي كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىمۇ ئۈمىدۋار بولۇشقا باشلىدى.

ھالبۇكى، نۇرغۇن تەھلىلچىلەر خىتاي – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ياخشى دەپ قارىمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، رۇسىيە پىرىزدىنتى پۇتىن رۇسىيەنى «چوڭ دۆلەت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىزچىل كۈچ چىقاردى، بۇ ئېنىقكى خىتاي بىلەن زىچ ئىتتىپاق تۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا زىت ئىدى. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇزاق چېگرا لىنىيەسىدە يەنىلا جىددىي ۋەزىيەت مەۋجۇت، بولۇپمۇ خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق زېمىنىغا بولغان تەمە قىلىشى، بۇ ئامىللار ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتىكى قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى. رۇسىيەنىڭ ئاستا – ئاستا تەرەققىياتتىكى چىكىنىشى ۋە خىتاينىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر رۇسىيە خىتايدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە گۇمانلىنىپ، ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان بۇ مۇناسىۋەتنى «تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» مۇمكىن دەپ قارىدى. بۇ خىتاي – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خىتاي باش كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يەنە بىر قىسىم تەھلىلچىلەر خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىستىقبالىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، رۇسىيە بىلەن قەد كۆتۈرگەن خىتاينىڭ يېقىن ھەمكارلىششى، پۇتىننىڭ رۇسىيەنى ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەقىل چوڭ دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا پايدىسىز، دەپ قارايدۇ. رۇسىيە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئىككى سەۋەبى بار:

بىرىنچى، غەرب ئەللىرى رۇسىيە بىلەن سۆھبەت دەرۋازىسىنى تاقىۋەتتى؛

ئىككىنچى، ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىي جەھەتتە بەك ئەزمىلىك قىلىدۇ, ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى لىبېرالىزم زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى تۇراقسىز. بۇ رۇسىيەنىڭ «خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش» ۋە «خىتاينى يېتىم قالدۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تاللىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەربىي ھەمكارلىقتىن باشقا يەنە بىر مۇھىم ئامىل خىتاي – روسىيە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى باشقا دۆلەتلەرگە تېڭىشقا تېخىمۇ مايىل بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى ئۇسۇل بىلەن مەقسەتكە يېتىشتىن باش تارتمىدى. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئېغىر تەھدىت سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

ھەممىگە ئايانكى، ئىران دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، رۇسىيەمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت. بەزى تەھلىلچىلەر ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل قاراشتىكىلەر: ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىۋەتتى، دەپ قارىدى.

كۆپ ساندىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئۈچ ئامىل ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيۋىسىنى ئۆستۈردى.

بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ سلانېتس مېيى تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشسا، دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرى تېخىمۇ ئېلاستىكىلىشىدۇ.

ئىككىنچى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا تېخىمۇ ئىلغار سودىنى نازارەت قىلىش ۋاسىتىسى ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىككىنچى دەرىجىلىك جازانى يولغا قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن سودا ئالاقىسى بولغان ياۋروپا كارخانىلىرىنى جازالىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، خىتاي بىلەن رۇسىيەدىمۇ ئوخشاشلا ئەندىشە بار ئىدى.

ئۈچىنچى، تاموژنا بېجى «كالتەك» نى خالىغانچە پۇلاڭلىتىش، مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشىغا قارشى تۇرسا، ترامپ «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ، ياۋروپادىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردىن غايەت زور سوممىلىق تاموژنا بېجى ئالىدۇ. ترامپنىڭ تەنقىدچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىشىپ ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىش قىياپىتىنىڭ كۈنسېرى ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇلار يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنى چەكلەيدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى تېز سۈرئەتتە يوقالماقتا.

ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى دۇنيادىكى داۋالغۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەبى بار. نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت پىكرىدە  خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت، ئىككى دۆلەت باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ھازىرقى ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج بىر خىل يوشۇرۇن توقۇنۇشنىڭ ئۇرۇقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن، دەپ قارالدى. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە ساھەسىدە ئورتاق ئېھتىياجى بولغاچقا، ئىككى تەرەپ ئىلگىرىكى ئاداۋەتتىن ۋاز كېچىشنى، ئاقىلانە، ئەمەلىي ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن بىللە مېڭىشنى خالايدۇ. شۇڭا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بەلگىلىك مۇۋاپىقلىققا ئىگە.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئۇلار ئامېرىكىنى ئورتاق دۈشمەن دەپ قارايدۇ. رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي قۇدرەتلىك ھەم كەسكىن بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ؛ خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، رۇسىيەدىن باشقا چوڭ دۆلەتلەردىن ئىتتىپاقدىشى يوق.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئورتاق مەنپەئەت خىتاي – رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى . خىتاي بىلەن روسسىيىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئامېرىكىنىڭ يەككە تەرەپلىك دۇنيا سېستىمسىغا قارشى تۇرۇشى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىدۇر؛ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى، ئۇچۇر ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى ۋە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە تۈرلۈك خىرىسلارمۇ خىتاي – رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش