ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى 

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى 

تارىم تورغاق

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا  بىر خىل ئىدىئولوگىيىلىك — خىتاي فېئودال كوممۇنىستىك  ئىدىئولوگىيىلىك،  بىر خىل مىللەتلىك —  خىتاي فېئودال مىللەتلىك، بىر خىل  مەدەنىيەتلىك — خىتاي فېئودال مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېىگىيىلىك رەزىل پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى خىتاي دۆلىتىدىكى ھەر قايسى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ — كىملىك ئالاھىدىلىكلىرى — تىل-يېزىق، دىن، ئىقتساد، مەدەنىيەت- مائارىپ ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يەنى شۇ مىللەت جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلىرىنى بىتچىت قىلىپ، خىتاي مىللىتىگە سىڭدۈرۋېتىشتىن  باشلىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى «يۇمشاق يول» بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈچلۈك مىللەت مەۋجۇدىيىتى (كىملىك) ۋە خىتايلاردىن ئايرىمچە ئالاھىدىلىكىدىكى مۇستەقىل مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىنىڭ پۈتۈن ئاساسىي قۇرۇلمىلىرىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە سالار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ھەمدە موڭغۇل، شىبە، داغۇر ۋە رۇس قاتارلىق باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە، ئۆزىنىڭ «دۇنياغا خوجايىن  بولۇش، خەلقئارالىق بازار تېپىش ۋە  باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگەللەپ، خىتاينىڭ ئېشىنچە نوپۇسىنى ماكانلاشتۇرۇشقا جاي تېپىش» دىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بولغان ئاتالمىش «<بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى> نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئۆتكەل شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش زۆرۈر» دىن ئىبارەت سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ جايلارنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورنى خىتاي پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي ماقۇللىغان كونستىتۇتسىيەسىدە (دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا) بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرى ۋە مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىغا دائىر مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەي چۆرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ دىكتاتورلۇق ھاكىمىيەت ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ھېچقانداق تەپ تارتماستىن، ئاشكارا ھالدا يەڭلىرىنى شىمايلاپ چىقىپ، تارىختىكى ئاتا- بوۋا، سۇلالە – ھۆكۈمەتلىرى تاماملىيالمىغان ۋە ئۆزلىرىمۇ 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن كۆپ يىللاردىن بۇيان باش قاتۇرۇپ ھەل قىلالماي كەلگەن بىر تارىخىي غەرەزلىك ئىشنى — بۇ زېمىننىڭ — شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلەر ۋە موڭغۇل، شىبە قاتارلىق باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى بۇ تۇپراقتىن تۈپتىن قىرىپ يوقۇتۇش، يوقۇتالمىسا، تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق «بۇ زېمىن ئەزەلدىن خۇاڭدىنىڭ ئەۋرە-چەۋرەلىرى ياشىغان ماكان، بۇ  يەر خىتايلار (جۇڭخۇا مىللىتى) نىڭ زېمىنى» دېگەن رەزىل مۇددىئاسنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۈزۈل-كېسىل ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى سۈيقەستلىك بىلەن پىلانلىدى.

ئامېرىكىدا «11- سىنتەبر ۋەقەسى» سادىر بولغاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يىرتقۇچلۇق ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارلاپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» (ش ئۇ ئا ر) دا چېكىدىن ئاشقان مىللىي زۇلۇم، باراۋەرسىزلىك ۋە ئىسلام دىنى ئېتىقادچىلىرىغا بولغان قەبھ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىغا قارىتا قىسمەن كىشلەرنىڭ رادىكاللىق يولى بىلەن قارشى تۇرۇش تۈپەيلى يۈز بەرگەن كىچىك دائىرىدىكى ئالتە توك-توك ئادەم قىلغان ئانچە – مۇنچە «تېررورلۇق» ۋەقەلىرى (بەزى  مەلۇماتلارغا  ئاساسلانغاندا  بەزى «تېررورلۇق» خاراكتېرىدىكى پارتىلاشلارنى خىتاي دائىرلىرى پىلانلىق ھالدا قەستەن ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغان.) ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۆزلىرى سۇيقەسىتلىك بىلەن قەستەن ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىش ئارقىلىق غەرەزلىك ھالدا زورايتىۋەتكەن، ئەسلىدە مۇۋاپىق چارە- تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا مۇمكىن بولغان بەزى ۋەقە ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنى ( مەسىلەن، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» قاتارلىقلار) دەستەك قىلىۋېلىپ، ئەسلىدە بېكىتكەن «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۈرۈش» دىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتىنى « شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» دىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتكە ئۆزگەرتتى.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبتىكى قىسمەن  جايلىرىدا ئىرقىي دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر بىر يۈرۈش تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 2014- يىلدىن باشلاپ «يېزىلار ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، پۈتۈن جەنۇبىي شەرقى تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئېغىر ھالدا ئىرقىي دەپسەندىچىلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلشقا باشلىدى.

دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ  2014‏- يىلى 5‏- ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دىكى يەرلىك مىللەتلەر بولۇپمۇ مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش قارارىغا كەلدى. چېن چۈەنگو يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتى 2014‏- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قارار قىلىنغان. خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى خىتايدىكى بارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولغان مۇدھىش مەخپىي پىلانىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت بۇيىچە سىستېمىلىق يوقىتىشنى نىشان قىلغان قەبىھ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2017-يىلغا كەلگەندە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ۋەھىشىيانە ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، ھازىرقى زاماندا مىسلى كۆرۈلمىگەن، پەقەت 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سادىر بولغان ناتسىست گېرمانىيىسى تەرىپىدىن يەھۇدىيلەرگە قارىتا فاشىستلەرچە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك ئىنسانىيەتكە قارشى مۇدھىش، قاباھەتلىك، قەبىھ ۋە رەزىل پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت بويىچە يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزى ئۈچۈن دۇمباق چالىدىغان تەرغىبات-تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، قىلدەك نەرسىنى پىلدەك قىلىپ كۆرسىتىپ، چويلىدا توختىمايدىغان قىممىتى يوق ئىشلارنى «تېررورلۇق» بىلەن باغلاپ، قانداقتۇر «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيىلىك»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى تۇرۇش دېگەندەك سىياسىي سەپسەتە ۋە تەشۋىقاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ھازىرقى زامان تارىخ سەھنىسىدىن ئاللىقاچان غايىپ بولۇپ، تارىخىي ئارخىپقا كىرىپ كەتكەن، ئەسلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئاساس سالالمىغان، بۈگۈنكى كۈندە بازىرى كاسسات بولغان «پانتۈركسىزم» ۋە «پانئىسلامىزم» دېگەندەك ئاتالغۇ ۋە تېمىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىرىش ھەمدە چەت ئەلدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر داۋا» نى دەستەك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا سۇنئىي ھالدا ئېغىر «تېررولۇق» ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. (1950-يىلى غۇلجىدىكى «راخمانوفنىڭ پانتۈركىزملىق تەشكىلاتى پاش قىلىندى.» دېگەنگە ھېچقانداق پاكىت يوق. 1952-يىلى رەھىمجان سابىرھاجىيوۋ، مەمەتنىيازقارى قاتارلىق بىر مۇنچە كىشلەر «پانتۈركىىست» دەپ قارىلانغان. لېكىن بۇ ئىشلار ئۆز ۋاقتىدىلا خاتا دېلو دەپ ئاقلىنىپ، ھەممىسىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ مەلۇمات سەيدۇللا سەيپۇللايوفنىڭ «مەن شاھىت بولغان ئشلار» دىن، 2005- يىل نەشرى).

شۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىي تەرىپىدىن 1948-يىلى جاكارلانغان « دۇنيا كىشلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دىكى يادرولۇق پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلماي، «ش ئۇ ئا ر» دا 21- ئەسىردىكى دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان مىللىي زۇلۇم، مىللىي باراۋەرسىزلىك، كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقىي (ئېتنىك) قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت تراگېدىيەنىڭ تىپىك بىر مودېلىنى ياراتتى. يەنى بىر مىللەت — مۇسۇلمان ھون ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇدىيەتلىكىنى بۇ ماكاندىن يوقۇتۇشتىن ئىبارەت بولغان دەھشەتلىك سىياسىي باستۇرۇش ۋەزىيتىنى روياپقا چىقاردى.

بولۇپمۇ ئۆزىنى خىتاينىڭ «ئۆمۈرلۈك رەئىسى» دەپ ئاتىۋالغان، يۈزى ئابدۇخالىقنىڭ چەمىدىنمۇ  قېلىن بولغان، ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان، سامان قوساق، دىكتاتور، مۇستەبىت شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ «تىبەتلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» دىن ئىبارەت ۋەھشىي مەخپىي تاپشۇرۇقىنى تىبەتتە ئۆزى كۈتكەندىن بەتتەر ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان گۇماشتىسى ئىستىبداتچى قانخور چېن چۇەنگونى يەنە ئاشۇنداق ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن 2016- يىلى ئاۋغۇستا  «شىنجاڭ» غا ئەۋەتكەندىن كېيىن، جاللات چېن چۇەنگو ئۇلۇغ بوۋىسى خىتاي ئىمپېراتورى چېن شىخۇاڭىدىن مىراس قالغان ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۇسۇللىرى ۋە تارىختا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان چىڭ ئىمپېرىسىنىڭ ئەمەلدارى زوزۇڭتاڭنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى جۇملىدىن تۈرك مۇسۇلمانلانى  ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش چارە-تەدبىرلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ تىبەتتىكى «ئىجادىيەت» لىرىنى «شىنجاڭ» غا كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۆز ماكانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن – پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىپ، ئۆز ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇنىي پۇقرالىرى —  ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، سالار قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلىرى، مۇسۇلمان تۇڭگان  ۋە تاجىك مىللەتلىرى ھەمدە موڭغۇل، شىبە ۋە داغۇر  قاتارلىق يەرلىك مىللەتلىرىنى بۇ تۇپراقتىن بىر يوللا پۈتۈنلەي تۈپتىن قىرىپ يوقۇتۇش، يوقۇتالمىسا، تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنى — ئانا ۋەتىنىدىن  تۈپتىن يوقىتىشقا جان- جەھلى بىلەن كىرىشىپ، بۇ رايوندا ئەسىدىلا يۈز بېرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھازىرقى زاماندا دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكۈزدى.

قىسقىسى، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا  بىر خىل ئىدىئولوگىيىلىك —  خىتاي فېئودال كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىلىك، بىر خىل مىللەتلىك — خىتاي فېئودال مىللەتلىك، بىر خىل مەدەنىيەتلىك — خىتاي فېئودال مەدەنىيىتىلىك بىر دۆلەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېىگىيىلىك رەزىل ۋە مۇدھىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى شەرقىي تۈركستاندىن باشلىدى. ئۇلار بەلگىلەنگەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۈتكۈل ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، سالار، تاجىك، تۇڭگان ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى سۇيىقەستلىك ئىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈگۈزۈش بىلەن بىرگە يەنە مەزكۈر مىللەتلەرنى سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش — مەزكۈر مىللەتلەرنىڭ خىتاي جەمىئىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئۇسىتقۇرۇلمىسىنىڭ ئەسىرلەر بويى شەكىللەنگەن ئىچكى تۈزۈلمىلىرىنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن باشلىدى.

ياشىسۇن ئۇيغۇر خەلقى!

تارىخ ھۆكمى شۇ ئەزەلدىن، تاڭ يورۇتار زۇلمەتنى،

قۇل قىلالماس زوراۋان كۈچ، ھۆرلۈك سۆيەر مىللەتنى.

ئەسكەرتمە: مەزكۈر ماقالىدىكى « » قوش تىرناق ئىچىدىكى تېكىستنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلىمىگەنلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش