• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئورۋېلچە تەقىب سىستېمىسى» نى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك مىللەتلىرىنى ۋەھشىيانە قىرغىن قىلىشى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئورۋېلچە تەقىب سىستېمىسى» نى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك مىللەتلىرىنى ۋەھشىيانە قىرغىن قىلىشى

تارىم تورغاق

قانخور چېن چۇەنگو ئۆز خوجايىنى مۇستەبىت شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمان تۈركلىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى يوشۇرۇن پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك پايپېتەك بولۇپ، شەھەر- كەنت ۋە يېزا – قىشلاقلارغا  ئىنتايىن ئىلغار  تېخنىكىلىك نازارەت ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىش بىلەن بىرگە، ئۆتكەن- كەچكەنلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن كوچا- كۈيلەرنىڭ دوقمۇش- دوقمۇشلىرىدا ساقچى پونكىتلىرى قۇردى. ئادەملەر كىرىپ چىقىدىغان جايلارنىڭ ھەممە يېرىگە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇپ ، ئېلېكترونلۇق تەقىب سىستېمىسى – سكانېرلاش، يۈز تونۇش ۋە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش ۋە كىشلەرنىڭ كۈندىلىك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىلىرىنى بېكىتىش ئارقىلىق «ئورۋېلچە» تەقىب سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ھەممە يەرنى تانكا – برونېۋىك ۋە تولۇق قوراللانغان ساقچى- ئەسكەرلەر بىلەن تولدۇرۇپ، تېز سۈرەتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ساقچى دۆلىتگە ئايلاندۈرۈپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە سالارغا ئوخشاش تۈرك مۇسۇلمانلىرى (مۇسۇلمان تۈرك قوۋملىرى)، مۇسۇلمان تۇڭگان ۋە تاجىكلار، مۇڭغۇللار، شىبە،  داغۇر ۋە رۇس قاتارلىق باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىپ، ھەر خىل قاتتىق سىياسىي باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ۋەھشىي ھالدا ئۇلارغا قارىتا مىللىي كىملىكىنى—مىللەت روھى، تىلى، دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، سىياسەت- مەمۇرىيىتى، ماكانى ۋە ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش (خىتايلاشتۇرۇش) ۋە ئىرقىي (ئېتنىك) قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشىنى پەللىگە چىقاردى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان ئىستاتېسكىلاردا ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ «جېيمىس تاۋن فوندى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017‏- يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن سېلىنغان خىراجەت ئالدىنقى يىلدىكىدىن 92.5 پىرسەنت ئېشىپ، 16.9 مىليارد دوللارغا يەتگەن. «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرى ئېمىلىي فاڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى قۇرغانلىقىنى، 2016‏- يىلىدىن بېرى رايوندا 7000 دىن ئوشۇق ساقچى پونكىتى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، سېلىنىۋاتقان سېلىنمىنىڭ رايوندا ئىشقا ئېلىنغان 100 مىڭدىن ئوشۇق ساقچىنىڭ مائاش تەمىناتىدىن تارتىپ، يۇقىرىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە كامېرالارغىچە بولغان كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  يېقىندا كانادادا چىققان «يەرشارى  ۋە پوچتا گېزىتى» ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان راسخوتنى كانادانىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن ۋە خىتاينىڭ 2017‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان راسخوتىنىڭ پۈتكۈل كانادانىڭ ئۆتكەن يىللىق بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنىڭ راسخوتىدىن7 ھەسسە كۆپلۈكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2017‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىككە سەرپ قىلىنغان پۇل سالامەتلىككە سېلىنغان مەبلەغدىن 2 ھەسسە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا سېلىنغان مەبلەغدىن 11 پىرسەنت ئېشىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپقا سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ  80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.

خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى دەرۋازىسىغا ئاتالمىش «قايتا تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى»، «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش ئورنى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلارنى ئېسۋالغان، ئەتراپنى تىكەن سىملىق توسۇقلار بىلەن توسۇۋالغان، ئىچى بولسا ئۈستى تىكەن سىملىق ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، ئەتراپىدا قوراللىق ساقچىلار كۆزەتچىلىك قىلىپ يۈرىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان بىر قاتار قانۇنسىز يېپىق جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ،  قانداقتۇر «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيىلىك»، «بۆلگۈنچىلىك »، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «مىللىي خاھىشى كۈچلۈك» دېگەندەك يوقىلاڭ ۋە يالغان- ياۋىداق سەۋەپلەر بىلەن ياكى يوق يەردىن قۇسۇر تېپىپ، قىلدەك نەرسىنى پىلدەك قىلىپ كۆرسىتىپ، ھەتتا تەيپۇنەم زامانىسىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ ئۆز ماكانىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرى بويىچە تىپتىنچ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان مىليونلارچە بىگۇناھ تۈرك مۇسۇلمان پۇقرالار،  مۇسۇلمان تۇڭگان ۋە  باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى  ئەر- ئايال، قېرى – ياش، چوڭ – كىچىك، ئاغرىق – سىلاق دېمەي ۋە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەي، كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ بۇ جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، «مېڭە يۇيۇش» پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. «تۇتقۇن» لارغا سىياسىي ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، قىزىل ناخشا ئېيتىش، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ھاكىممۇتلەق شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىتايلاشتۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي قىلدۇرماقتا. ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پەرزلىرىنى ئادا قىلىشنى ۋە ھالال- ھارام  دېيىشلەرنى چەكلەش، يەنە مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى  ۋە تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرىگە زىت بولغان چوشقا گۆشى يېيىش، ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىق ئىشلارغا زورلاش قاتارلىق ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلارنى ئىشلىتىش ۋە ئۇلارغا ھەر خىل چىدىغۇسىز تەن جازالىرىنى بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى مىللەت كىملىكىدىن (مەۋجۇتلىقىدىن) يەنى مىللەت روھى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ماكان، سىياسەت- مەمۇرىيىتى، ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەتلىرى قاتارلىقلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئۇلارنى قىيىن- قىستاققا ئالماقتا. گۇندىپايلار ئۇلارغا تىل- ھاقارەت قىلىپ خورلىماقتا، مەس خىتاي گۇندىپايلار گۈناھسىز مەھبۇسلارنى ئۇركالتەك قىلىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ كۆڭۈللىرىنى ئاچماقتا؛ ئۇلارغا تاماق بەرمەسلىك، سۇ بەرمەسلىك ۋە ھاجەتخانىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قىينىماقتا؛ پۇت- قوللىرىغا كېچە- كۈندۈز كويزا- كىشەن سېلىپ قويۇش بىلەن بىرگە تامغا ئېسىپ قويۇش، سائەتلەپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش، خالىغانچە قىيناش، ئۇرۇش ۋە كېچە- كۈندۈز ئۇخلاتماسلىق قاتارلىق تەن جازالىرى بەرمەكتە؛ بىگۇناھ تۇتقۇنلار ھەرەج تارتماقتا.  لاگېرلاردىكى بۇ بىگۇناھ تۇتقۇنلار «دۆلەت تىلى» ۋە قانۇن ئۆگىنىش ئۈچۈن ياتاقتىن سىنىپقا قوراللىق يالاپ ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇلارغا ياتاقلىرىدىمۇ ئۆزئارا سۆزلىشىش ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مۇنچا، ھاجەتخانا ۋە كارىۋات ئۈستىدىمۇ 24 سائەت نازارەت قىلىنىشدەك ئېغىر ئىسكەنجىلەرگە يولۇقماقتا. جازا لاگېرلىرىدىكى بۇ خورلاش، مىللىي زۇلۇم، ئاچ قىلىش، دەم ئالالماسلىق، ئادەمنى خامۇش قىلىدىغان دورىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلىنىش ۋە قىيىن- قىستاق قاتارلىق ئازاب- ئوقۇبەتلەر ۋە داۋالىنىش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىشى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز سادىر بولماقتا.

قىسقىسى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلار خىتاينىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا خىتاي دائىرلىرىنىڭ گۇندىپايلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن ئېغىر قىيىن- قىستاق ۋە تەن جازالىرىغا ئۆچراپ كۆپلىگەن بىگۇناھ تۇتقۇنلار  ئۆلتۈرۈلدى. مەشھۇر ئسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللانىڭ جەمەتىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە مېھرىگۈلنىڭ 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى قاھىرەدە ئىككى ئوغۇل، بىر قىز، جەمئىي 3 كېزەك بالىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر. «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغان بىر قىسىم تۇتقۇنلار جازا لاگېرلىرىدىن كەسىپكە چىقىرىلىپ، يەنىلا شۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىدا قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا ھەقسىز، قۇل ئۇرنىدا ئىشلىتىلمەكتە.

«خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى 24 سائەتلىك ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. تۇتقۇنلار بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ۋە قولىغا كويزا سېلىنغان ھالەتتە لاگېردىن ئائىلىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن يەنە شۇ ھالەتتە لاگېرغا ئەكېتىلگەن»، «لاگېردا يېڭىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئائىلىسى بىلەن 24 سائەتلىك كۆرۈشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە لاگېردىن چىققان بىر خانىم بۇ پۇرسەتتە تۈركىيەدىكى تۇغقىنى بولغان پائالىيەتچى زۇلپىقار ئەلىگە تېلېفون قىلىپ ئۆزى ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىن ئامان چىقىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خانىم، لاگېردا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنى تىنىمسىز سوراق قىلىدىغانلىقىنى ۋە باھانە تېپىپ ئۇرىدىغانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ يەنە بەدىنىدىكى قىيىن- قىستاق ئىزلىرىنىمۇ كۆرسەتكەن».

«قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا، 2017- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىگە مال ئالغىلى كىرگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىلا تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە لاگېر ئورنىدا قوللىنىۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە تۈرمىلەرنىڭ بىرىگە قامالغاندىن كېيىن، جىنايەتچىلەرگە بېرىلىدىغان قاتتىق مۇئامىلە، تىل- ھاقارەت ۋە ناچار تۈرمە شارائىتلىرى سەۋەبىدىن قان بېسىمى توختىماي ئۆرلەپ ئاغرىپ قالغان. دائىرىلەر 10- كۈنىگە بارغاندا ئاندىن ئۇنى تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكىگەن… گۈلباھار «ئۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا ياتقاندىن تۈرمىدە ياتقان ياخشىراق» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، بۇ جاينىڭ پەقەت ئىسمىلا دوختۇرخانا بولۇپ، ئىچىدىكى مۇئامىلە، باشقۇرۇش ۋە شارائىت ھەتتا تۈرمىلەردىنمۇ بەتتەر. بىمارلار ئۇ جايغا قول ۋە پۇتلىرى كىشەنلەنگەن ھالدا ئاپىرىلغاندىن سىرت يەنە بۇ كىشەنلەر داۋالاش جەريانىدىمۇ ئېلىۋېتىلمەيدىكەن. ئاپتوماتلىق ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدىكى بۇ ئىسمى دوختۇرخانا بولغان جاينىڭ ياتاقلىرىمۇ كامېرغا ئوخشاش بولۇپ، قورشاۋ ئىچىدە باشقۇرۇلۇپ، بىمارلار ئۆزىنىڭ كامېرىدىن سىرتىغا چىقىرىلمايدىكەن. ھەتتا دوختۇرغا كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلىشتىمۇ پەقەتلا خىتايچە سۆزلەش تەلەپ قىلىنىدىكەن. دوختۇرلارنىڭ مۇئامىلىسىمۇ ساقچىلارنىڭكىگە ئوخشاشلا قاتتىق ۋە رەھىمسىز ئىكەن».

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىمىنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق لاگېر مەھبۇسى ئابدۇسالام مۇھەممەت بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسىدە، «تۈرمىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كېچىدىكى بىر نەچچە سائەتلىك ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئادەم ئەقلىگە كەلمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن قىيناش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان… تۈرمە كامېرىدا پاكىزلىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن جازالاش، تاياققا بېسىش ئىشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن… ئۇ 6 ئايلىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» گە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ يەردىمۇ يەنە ئىككى ئايدىن ئارتۇق ھەرخىل خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىشىچە، «ئاقسۇدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ جام بازىرىدا يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 7- 8 كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىن جەسىتى چىققانلىقى، ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ جام بازىرىنىڭ تۈمەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولغان 31 ياشلىق  ئامىنە قادىر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئاندا- ساندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى گۇناھسىز تۇتقۇنلارمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتمەكتە ئىكەنلىكى ۋە تۈرمىلەردىن مۇددىتى توشۇپ چىققانلارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىماقتا ئىكەنلىكى  مەلۇم بولغان».

ئۇيغۇر دىيارىدىن مەيلى چەت ئەلگە چىققانلار بولسۇن ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە جان بېقىش ئۈچۈن كەتكەنلەر بولسۇن، كۆپ قىسمى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەن  ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش» كە ئەۋەتىلگەن.

يەرلىك خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر، قازاق  ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركلەرنى تۇتقۇن قىلىش ئۇچۇن ھىيلە- مىكىر ئىشلىتىپ،  بۇرۇن «قانۇنسىز ماتېرىياللارنى» كۆرگەن ياكى قولىدا «قانۇنسىز ماتېرىياللار» بار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا «كەڭچىلىك» قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرغان. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارنى شۇ زامان قولغا ئالغان.

«قەشقەردە بىر كىشىنىڭ دوستىدىن تاپشۇرۇۋالغان بىر دىنىي مەزمۇندىكى سىن فىلىمىنى ھۆكۈمەتكە ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ قىلچىمۇ كەڭچىلىككە ئېرىشەلمەي، ئەكسىچە ئاشۇ ماتېرىيالنى كۆرگەن قىلمىشى ئۈچۈن 15  يىللىق كېسىلگەن. 2016 ‏- يىلى قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئاھالىلەرنىڭ « مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنلىرى»غا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان. كېيىن بۇ جايلاردىكى نوپۇسنىڭ 20- 30 پىرسەنتى تۇتقۇن قىلىنغان. قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىكى «مەسىلە تاپشۇرغان»لاردىن بىرىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ سىرتىدا قالمىغان».

«ئاقتۇ ناھىيىسى چارلوڭ يېزىسىنىڭ 1500 چە نوپۇسلۇق پۈتۈنلەي قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان پايىز كەنتدىن 300 دىن ئارتۇق ئادەم لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. تۇتقۇن قىلىنغان بۇ قىرغىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىققان ئىكەن… ئۇرۇمچى  «مىراج  رېستوران»  دا ئىشلەيدىغان  200 دەك ئىشچى- خىزمەتچىنى بىردەك تۇتقۇن قىلغان. ناھىيىلەردىن كەنت ۋە يېزا – قىشلاقلارغىچە قانچىلىك ئادەم تۇتۇش ھەققىدە ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈلگەن».

خىتاي ھۆكۈمدارلىرى يەنە خىتاي سۇلالىلىرى پادىشاھلىرىنىڭ «نەسلى- ۋەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، بۇ مىللىي تۇتقۇنلۇقنىڭ دەرىجىسىنى چەكسىز كېڭەيتىپ، بىر ئائىلە ئەزالىرى ھەتتا ئۇرۇق- جەمەت بۇيىچە تۇتقۇن قىلىشقا يەتكۈزدى. چەت ئەلدە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بارلار، چەت ئەل بىلەن ئالەقىسى بارلار، چەت ئەلدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ياكى تونۇش كىشلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلەر، چەت ئەلگە چىققانلار، ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەنلەر، چەت ئەلدە تىجارەتچىلىك قىلغان ياكى قىلىۋاتقانلار، چەت ئەللىكلەر بىلەن توي قىلغانلار، چەت ئەلدە ئۇقۇغان ياكى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، چەت ئەللەردە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىستىقامەت قىلىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنماقتا.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ  بەزى ئىستىبدات تۈزۈمىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىپ، شۇ مەملىكەتلەردە ئۇزۇندىن بېرى ئىستىقامەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشلەر، تىجارەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ قىيىن-  قىستاق قىلماقتا. ھەتتا  مىللىي جاسۇسلارنى چەت ئەلگە چىقىرىش ۋە چەت ئەلدە مىللىي جاسۇسلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان كىشلەر،ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، قانۇنلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە قانۇنسىز ھالدا ئىنفورماتسىيە توپلاشقا ئۇرۇنماقتا.

يەنە خىتاي دائىرلىرى بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ  خەلقئارادا پاش بولۇپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ نەپرىتىگە ئۆچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي»، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروجېكتى»، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» قاتارلىق قانۇنلۇق ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىغا ۋە غوللۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە «تېررورلۇق تەشكىلاتى» ۋە «تېررورچى» دېگەندەك ھەر خىل بۆھتانلارنى چاپلاشقا ئوخشاش رەزىل ئىشلار بىلەن ھەدەپ ھەپىلەشسە، يەنە بىر تەرەپتىن چەت ئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر ۋە سىياسي ئەرباپلارنىمۇ ھەر خىل بولمىغۇر سۆزلەر بىلەن ئەيىپلىمەكتە.

8- كۈنى «زىمىستان» تورىدا مەزكۇر تور بېكەتنىڭ دىرېكتورى، ئىتالىيەلىك ژۇرنالىست ماركو رېسپىنتى تەرىپىدىن يېزىلغان `مېنىڭ 10 نەچچە تۇققىنىم غايىب بولدى، «11- سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ يەنە بىر قۇربانى روشەن ئابباس` سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماركو رېسپىنتى ماقالىسىدا، روشەن ئابباسقا ئوخشاش 21 يېشىدا ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ 30 يىلدەك مۇھاجىرەتتە ياشىغان، ئاللىقاچان چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى نۇقتىلىق بايان قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئاپتور نۆۋەتتە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تارىختىكى ئەڭ زور ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.

قانۇسىز تۇتقۇن قىلىش بىمەنىلىكتە شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا «شىنجاڭ ۋاقتى» ئىشلەتكەنلەر، كۆرۈشكەندە  ئۆزئارا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋەلەيكۇم ئەسسالام» ۋە «خۇداغا ئامانەت» دەپ قويغانلار، يان تېلېفونىدىن «قۇرئان كەرىم» نىڭ بىرەر- يېرىم پارچە ئايەتلىرى چىقىپ قالغانلار ياكى ئۆيىدە ناماز ئوقۇغان بوۋاي- مومايلار، ھاتتا ساقال قويغان مويسىپىت كىشلەرمۇ «دىنىي ئەسەبىلىك» ياكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ئىدىيىسى بار دەپ قارىلىپ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانماقتا. قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنىڭ دائىرىسى بارغانسىرى كېڭەيمەكتە ۋە جازا لاگېرلىرى بارغانسىرى كۆپلەپ قۇرۇلماقتا. شۇ سەۋەپتىن تۈرمە گۇندىپايلىرى يېتىشمەي قالغانلىقتىن خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى تۈرمىلەرگە زور كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان.  «ش ئۇ ئا ر تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ 27‏- ئۆكتەبىر خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايوندىكى تۈرمىلەرگە 1013 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىدىكەن.

BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (2018- 10- 24) خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان BBC مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ تەۋەلىكىدە 130 مىڭ كىشى سىغقۇدەك بىر لاگېرنى بايقىغان. بۇنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر بايقاش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزكۇر خەۋەردە، بۇ يىل 4- ئايدا مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن سۈنئىي ھەمراھ بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق بايقالغان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ لاگېر دەپ قارالغان داۋانچىڭ لاگېرىنىڭ  بۇ يىل 10- ئايغا كەلگەندە يەنىمۇ كېڭەيگەنلىكى، لاگېرنىڭ ئىلگىرى خەرىتىدىن بوش كۆرۈنگەن شەرقى تەرىپىنىڭ يەنە كۆپلىگەن 4 قەۋەتلىك بىنالار بىلەن تولغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، BBC مۇخبىرلىرى بۇ بىنالارنى رەسىمگە تارتىشقا تەمشەلگەندە، خىتاي ساقچىلىرى دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتىنىڭ ئالدىنى توسقان  ۋە  ئۇلارنى  بۇ تەۋەلىكتىن يىراقلىشىشقا  بۇيرۇغان. BBC ئاگېنتلىقى داۋانچىڭ لاگېرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىكى كۆرۈنۈشىنى ئامېرىكىدىكى بىنا لايىھىلەش ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى راپھائېل سپەررىيگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ پىكىرىنى ئالغان. سپەررىي بۇ قۇرۇلۇشنى پەقەتلا قاماقخانىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، قۇرۇلۇشنىڭ ئاز قۇرۇلۇش چىقىمى بىلەن كىچىك ئورۇنغا كۆپ ساندا ئادەم سىغدۇرۇشنى پىلانلاپ سېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.  ئۇ بۇ لاگېرغا ئاز دېگەندە 130 مىڭ كىشىنى سىغدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە داۋانچىڭ لاگېرىنىڭ سىغىمچانلىق جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ زور قاماقخانا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئاۋسترالىيەدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) نىڭ 3 نەپەر تەتقىقاتچىسى 31‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار خەرىتىلەشتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلات ئېلان قىلدى . دوكلاتدا 2017- يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 28 لاگېرنىڭ كۆلىمى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، ئىككى مىليون كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغانلىقى؛ پەقەت يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ كۆلىمى 700 مىڭ كۋادرات مېتىر ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاتۇشتا بەش لاگېر بارلىقى، بۇ بەش لاگېرنىڭ ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سانائەت رايونىدا يانمۇ- يان ئورۇنلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى، ئۆز كەنتىدىن ئەكېتىلگەن بىر تۇتقۇنىنىڭ 2‏- تەربىيەلەش مەركىزىدىكى 3513‏- ياتاقتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ 2‏- تەربىيەلەش مەركىزىدە 10 مىڭ بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشى بارلىقىنى تىلغا ئالدى».

نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقى 29-  نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە بىر مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، « رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس مۇخبىر ئەۋەتىش ۋە گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدى… مەلۇم بولۇشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە باشقا ئىسپاتلار ئارقىلىق يىغىۋېلىش لاگېرى ئىكەنلىكى دەلىللىنىپ چىققان 7 ئورۇنغا مۇخبىر ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان ۋە دەرۋازا ئالدىدا قوراللىق خادىملار ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى بار ئىكەن.  مۇخبىرلار بۇ ئورۇنلارغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ئانالىز ئېلىپ بارغان 39 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرى كورلا شەھىرىدە بولۇپ، كورلىدىكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرى يېقىنقى 17 ئاي ئىچىدە 2 ھەسسە كېڭەيگەن، ئۇنىڭ بۇ يىل 8‏- ئايدا تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ رەسىمىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 140 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغان.  بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، رايوندا يەنە 67 يېڭى لاگېر بىناسى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 210 مىڭ كۋادرات مېتىر ئىكەن».

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە ۋە «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قامىشى گۇندىپاي يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىتالىيەدە چىقىدىغان «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر تۈرمە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قوغدايدىغان گۇندىپاي ياكى قاراۋۇل قوبۇل قىلىشتا قىينالماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئورۇنلارنىڭ تۈرمىدەك باشقۇرۇلىدىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.  «زىمىستان» تورىنىڭ 3‏- يانۋاردىكى خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇندىپاي يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ھەل قىلالماي جەمئىيەتكە تۈرمە خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.  «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى كۆپلەپ تۈرمە خادىمى قوبۇل قىلىپلا قالماي يەنە ھەر قايسى ناھىيەلەرگە كۆپلەپ ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم». «زىمىستان»  تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاتاۋ شەھىرى ئۆتكەن يىلى 12‏- ئايدا يۇقىرى مائاشلىق 200 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان.  ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە يوپۇرغا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بۇ ناھىيەگە 200 نەپەر كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىدىكى «جېيمىس توۋېن فوندى جەمئىيىتى» ناملىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 2017‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىككە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ قىلغان پۇلى 3 ھەسسە ئارتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6- نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىككە چېتىشلىق خىراجەتنىڭ ئومۇمى مىقدارى 2017- يىلى 20 مىليارد سوم (ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن) بولۇپ، 213 پىرسەنت ئارتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان خامچوتى ھەققىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ بولغان خىراجەتلەر ئاساسىدا مەزكۇر خۇلاسىنى ئامېرىكىدىكى جېيمىس تاۋن فوندىنىڭ خادىملىرى ھېسابلاپ چىققان.

بۇ مىللىي تۇتقۇنلۇقنىڭ تۈپەيلىدىن كۈرمىڭ ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، تۈمەنلىگەن بالىلار- ئۆسمۈرلەر قارانچۇقسىز قالدى. ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى دارىلتاملارغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ خىتايلاشتۇرۇشقا كىرىشتى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، « يەكەن كاچۇڭ بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە 300 دىن ئارتۇق ئىگە- چاقىسىز بالىلار بار ئىكەن. ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى بولۇپ، 1- سىنىپتىن 5- سىنىپقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ياتىدىكەن. ھەممىسىنىڭ ئاتا- ئانىلىرى تەربىيىلەشتە بولۇپ،  قىيىنچىلىقى ھەر تەرەپتىن باركەن. لېكىن ھازىر ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقىنى قىشلىق كىيىم- كېچەكلەر ئىكەن. يېتىم بالا قاتارىدىكىلەرنى ئىچكىرىلەردىكى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشى مۇمكىن  ئىكەن . . . خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خوتەن ۋىلايىتىگە قوش تىل مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ليۇ چاڭخەي ، جاۋ جىڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاي ئوقۇتقۇچى نامىدا يېقىندا «جۇڭگو سودا- شىنجاڭ ئۈندىدار توپى» دا بىر مۇراجىئەتنامە تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭدا: بىزنىڭ بۇ يەر بەك نامرات، مەكتەپتىكى بالىلار كىيىم- كېچەككە بەك ئېھتىياجلىق، چۈنكى ئۇلار بەك نامرات بولغاچقا كىيىم- كېچەك ۋە ئاياغ سېتىۋالالمايدىكەن. بولۇپمۇ قىشتا بۇ يەر نۆلدىن تۆۋەن 7 گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن 15- 16 گرادۇسقا چۈشىدۇ. بالىلارنىڭ كىيىدىغىنى يەنىلا شۇنداق نېپىز كىيىم- كېچەك، ئاياغلىرىنىڭ ھەممىسى يىرتىق ياكى تۆشۈك، بىز مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىمىز بەك ئازابلاندۇق. مەن پەقەت ئازغىنە كۈچ بىلەن بۇ تېمىنى تارقاتتىم،ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يازغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ  ئۇيغۇر تور بېتىنىڭ 2018- يىل 28- دېكابردىكى خەۋىرىدە، « بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر رەسىملىك ئۇچۇردا، بىر كىچىك بالىنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ مۇزلاپ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا چوكانجىلغا كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا- ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن ئىككى ياشلىق بىر ئوغۇل ئىكەنلىكى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، 78 ياشلىق بوۋىسى تەرىپىدىن قارىلىۋاتقان بۇ بالا ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭدە مۇز تېيىلىپ ئويناۋېتىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ۋە مۇزلاپ جان ئۈزگەن».

ھازىر تۈركىيە ئىستانبۇلدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان خىتايچە داۋيۇ دېتالى ئارقىلىق تارقالغان ۋىدىئودىن تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا كەتكەن ئۆز ئوغلىنى تونۇۋالغان. «بۇ ۋىدىئودا 4 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا خىتايچە سۆزلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئىسمىنى ئابدۇلئەزىز دەپ ئېنىق ئېيتقان. ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئۆز ئوغلىنى تونۇۋالغان … بۇ بالىنىڭ، ئابدۇراخماننىڭ ئىستانبۇلدا 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى تۇغۇلغان ۋە ئىككى يىل ئاۋۋال ئاپىسى بىلەن يۇرتى ئاقسۇغا قايتقانچە خەۋىرى بولماي كېلىۋاتقان ئوغلى ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ئىكەن… 15 سېكۇنتلۇق بۇ ۋىدىئودا «سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟ قانچە ياشقا كىردىڭ؟ ۋەتىنىڭنىڭ نامى نېمە؟ بايرىقى قانداق؟» دەپ خىتايچە سورالغان سوئاللارغا خىتايچە چاققانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان قوي كۆزلۈك، بودرۇققىنە ئابدۇلئەزىزنىڭ بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى ياكى يېتەكچىگە جاۋاب بېرىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى، بۇ قىسقىغىنە ۋىدىئو «تاماقنى نەدىن يەيسەن» دېگەن سوئالغا بالىنىڭ يۆتىلىپ تۇرۇپ «ئەخلەت ساندۇقىدىن» دېگەن جاۋابى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ».

ھەي، ياۋۇز شى جىنپىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن سەن ئۆزەڭ!  چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىقساڭ، ساختىلىق قىلىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ بالىلىرىنى ئەركىلىتىپ كېتىسەن؛ ئەكسىچە، خىتايدا بولساڭ، مۇسۇلمان تۈرك بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ، بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە كۆيۈمچان ئاتا-  ئانىسىدىن ئايرىۋېتىسەن.  بۇ سەبىي بالىلار سىنىڭ ئارپاڭنى خام ئورغانمۇ؟!

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاۋام خەلقلىرىدىن ھەققىدە ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەت ئۆتەلمەي جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن،  تۆۋەندىكى كىشلەر ۋە  ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەمدە جەمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچرىغان  قىسمەتلىرىنى مىسالغا ئېلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن:

مەشھۇر ئسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللانىڭ ئۇرۇق- جەمەتى بۇيىچە  تۇتۇن قىلىنىش پاجىئەسى، جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ھازىر تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلۋاتقان ئۆمەر بېكئالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا- ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالى ؛ تارقاق ھەج قىلغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان غۇلجىلىق 42 ياشلىق تىجارەتچى، كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ (ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان) ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ قىسمەتلىرى؛ قەشقەرلىك تىجارەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراھمان ھەسەننىڭ  30 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، پىنسىيەگە چىققان 69 ياشلىق ئانىسى ۋە ئايالنىڭ جازا لاگېرىدا خورلىنىشى؛ خوتەنلىك تىجارەتچى ئادىل ئابدۇقادىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتۇن قىلىنىشى؛ مۇيەسسەر مۇھەممەتنىڭ 13 يىل بۇرۇن مىسىردا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپتە لاگېرغا كېيىن تۈرمىگە قامىلىشى ۋە مۇيەسسەرنىڭ ئاتۇشتىكى بارلىق ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ئىلگىرى- كېيىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشى؛ ئاتۇش ئازاق يېزىسىدىن ئوقۇغۇچى ئىلھام قارى مىسردىن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئاتا- ئانىسى جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆزى جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى؛ ئىلھام قارىنىڭ ئانا تەرەپتىن ئابدۇغىنى، ھېكىمجان ۋەلى قاتارلىق قىرىنداشلىرىنىڭ ئائىلە بويىچە تۇتۇن قىلىنىشى؛ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتاننىڭ ئاپىسى ئايگۈل سۇلتاننىڭ لاگېرغا سولىنىشى؛ بۇ يىل ئا قى شى كونگرىسى «خىتاي ئىشلىرى ئىجىرائىيە ھەيئىىتى » نىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن، ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىيىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىكتورى گۈلچېھرە ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ ئۇرۇق- جەمەتىدىن 23 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى؛ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە ھاممىسى ماھىنۇر ئابلىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىقلار. بۇ قانۇنسىز تۇتقۇنچىلىقتىن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ياكى تىجارەت بىلەن كەلگەن چەت ئەللىكلەرمۇ خالى بولالمىدى. قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بىكالى بۇنىڭ  جانلىق تىپىك مىسالىدۇر.

ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ ئەبەدىي باش كۆتۈرگۈزمەسلىكى ئۇچۈن خىتاي دائىرلىرى دىكتاتور ماۋزېدوڭنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، يەنە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۈمەنلىگەن خىتاي زىيالىيلىرىنى ئۆلتۈرگەن خىتاي ئىمپېراتورى چىن شې خۋاڭنىڭ تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان زىيالىيلارنى– دۆلەت مەمۇرىي ئىدارە – ئورگانلىرى، ئىدېئولوگىيە، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت- مائارىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت، رادىئو- تېلېۋىزىيە، ئاخبارات- مەتبۇئات، نەقلىيات، سودا – سانائەت، سەھىيە – تەنتەربىيە، پوچتا – تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى مىللىي سەرخىللەرنى  مەقسەتلىك ھالدا  ۋە قۇسۇر تېپىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»، «بۆلگۈنچى» ۋە «دىنىي ئاشقۇنچى» دېگەندەك بۆھتانلارنى چاپلاش بىلەن قولغا ئالماقتا. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىكى مەلۇماتتا 338 نەپەر سەرخىل ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ تۇتۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندا ھەققىدە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي جازا (يىغىۋېلىش) لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن:  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى (مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن)، «ش ئۇ ئا ر  مائارىپ نازارىتى» نىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، «ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ سابىق باش كاتىبى ئالىمجان مەمتىمىن،« ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق كومىتېتى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مۇھەممەت ئېلى، «ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم، «شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى» نىڭ سابىق باشلىقى، يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەي، « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپ (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخمان ۋە ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە داۋۇت؛ شىنجاڭ مېدىتىسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور خالمۇرات غۇپۇر (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ سابىق مۇدىرى، «ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ سابىق رەئىسى ئازات سۇلتان، «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىددىن، «قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئەركىن ئۆمەر، «ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ سابىق رەئىسى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»دىن دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور مۇختەر بۇغرا، «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئابلىز ئۆمەر، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان  مامۇت، ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللا، «ش ئۇ  ئا ر مۇزېي» دىن ئارخېئولوگ قېييۇم خوجا ، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى، ئوبزورچى يالقۇن روزى (مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن) ، غۇلجىلىق كارخانىچى ۋە ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجى، قەشقەر خېلىل خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل خېلىل، كارخانىچى ئامىنە ئابدۇلھەمىت (جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلدى)، تۇمارىس مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ۋە «شاۋكەت كۆن- خۇرۇم شىركىتى»نىڭ باش دىرېكتورى شاۋكەت ئابلەت، كارخانىچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل (ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان)، تىجارەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراھمان ھەسەن، ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېمىت، ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن، ئارتىس ئادىل مىجىت، پۇتبول چولپانى ئىرفان ھېزىم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

خىتاي دائىرلىرى «ساتتار ساۋۇت بۆلگۈنچى گۇرۇھى» دېگەنلەرنى ساختىلىق بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقىرىپ، بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى» ۋە «بۆلگۈنچى» لەرگە ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالارنى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زىيالىيلار قوشۇنىنى سەۋەرلىرىنى يوقاتقان قوشۇنغا  يەنى  سەركسىز بىر «قوي پادىسى» غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ كويىدا بولماقتا. ھەمدە «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك- پوك» دېگەندەك، بۇ «بۆلگۈنچىلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىلەر» ھەققىدە ۋىدېئو فىلىم ئىشلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، جېنىنىڭ بارىچە تەشۋىق قىلماقتا.

بۇ قانۇنسىز مىللىي تۇتقۇنچىلىقتىن يۈزىدە تۈكى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۆزى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلار ئۈچۈن كەتمەن چاپقان «ساداقەتمەن» يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارنىمۇ مۇستەسنا قىلمىدى. چۈنكى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «شىنجاڭ » دا شەكلى  «ستالىنچە»، مەزمۇنى «ماۋزېدوڭچە»  ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. دېمەكچى، «شىنجاڭ»دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كادىرلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن مىللىيلارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىندىلا «ھەمدەمدە بار، ھېسابتا يوق» بۇنداق «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى» ئاستىدىكى بۇ  مىللىي كادىرلارغا ھېچقانداق ئېھتىياجى قالمىدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي كادىرلارسىزمۇ ھەر خىل قانۇنسز زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنى بىۋاستە باشقۇرۇدىغان ۋەزىيەتنى ئاللاقاچان شەكىللەندۈرۈپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاتتىباشلىرى چىڭ سۇلالىسى زامانىدا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن « ئامۇرسانا ۋەقەسى» نى تېخى ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق.  «ش ئۇ ئا ر پارتكوم» نىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ، «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتى» نىڭ سابىق رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم» سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن ۋە «ئىلى قازاق ئوبلاستلىق پارتكوم» نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىنغان مىللىي يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

دۇنيا مەدەنىيلىشپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خىتاي كومپارتىيسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ھالدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك قىيىن- قستاق قىلىشى، ئۇيغۇر يېزىلىرى ۋە قازاق – قىرغىزلارنىڭ ئاۋۇل – قىشلاقلىرىنى قوراللىق ئەسكەر- ساقچىلار  قورشاپ، پۈتۈن يېزا بويىچە ئاھالىلارنى  قوغلاپ يۇرۇپ، چامغۇرنىڭ كۆكىنى ئالغاندەك ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتار جىنايى قىلمىشلىرى (يەكەن «ئىقېلىشۇ پاجىئەسى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى)، 1935 — 1937 يىللىرى ستالىننىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى مىقياسىدا يۈرگۈزگەن «تازىلاش» ھەرىكىتى ۋە گۇلاگ (رۇسچە «لاگېرلار ۋە يىغىۋىلىش ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش مەمۇرىيىتى» دېگەن ئىدارە ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى) ئاچقان جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە دەھشەتلىك دەرىجىسىدىن ئاللاقاچان ھالقاپ، 2- دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى گېتلېر فاشىستلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنى جازا لاگېرلىرىغا سۇلاپ، قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن  پەرقلەنمەى قالدى.

«ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان يىغىندا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى نىككى خېيلى خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ : «بۇ ھازىرقى دۇنيادا كۆرۈلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك ئىنسانلارنى يىغىپ قاماش ھەرىكىتىدۇر. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ زور بىر قېتىملىقى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئىككى خېيلى خانىم ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى قامالغان بۇ لاگېرلاردا قىيىن- قىستاقلارنىڭ بارلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كومپارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن».

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرېۋ خانىم « ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغان ئېغىر مەسىلىلەر» بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «لاگېرلاردا يېتىپ چىققان شاھىتلارنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ يەردە تۇتقۇنلارغا ئۇلارنىڭ كاللىسىنى تۇرمۇزلاپ خامۇش قىلىپ قويىدىغان دورا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئاياللارغىمۇ ئۇلارنى پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالدۇرۇلىدىغان دورا بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم .  يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا ئوكۇل ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش مەسىلىسىدۇر، مانا بۇلار بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا» دېدى.

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرىدىكى «خادىملار» تۇتقۇنلارنى تەجرىبىخانىلاردىكى «چاشقانلار» نىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، ھەر خىل دورىلار ۋە باستۇرۇش قورال – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرمەكتە.

«2013- يىلى 19- ئاۋغۇست تۇتۇلغاندىن كېيىن توختىماي سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلدىم. بەزىدە ئايدا، بەزىدە بىر قانچە ئايدا بىر قىلىنىدىغان قان، شۆلگەي ۋە تەرەت تەكشۈرۈش ماڭا پەقەت غەلىتە بىلىنمەپتىكەن. قۇلاقتىن ياكى بارماقتىن ئالسىمۇ بولىدىغان قاننى بىلىكىمىزدىن خالتىلاپ ئېلىشلار ماڭا نورمالسىز تۇيۇلغان ئىدى. پەقەت «قېنىمىزنى ئېلىپ ساتىدۇ، بۇ مەلئۇنلار» دېگەندىن باشقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. كېيىنچە دىققەت قىلسام، ئاۋۋال دورا بېرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىدىكەن. بەزىدە ئىسمى نائېنىق دورىلار تارقىتىلاتتى ۋە ئۇزاق قالماي قان تەكشۈرۈلەتتى. ھەر تەكشۈرۈشتە بېرىلگەن دورىلاردىن كېيىن بەدەندە قانداق راھەتسىزلىك بولغانلىقى سورىلاتتى. مەن ھەر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋېتىپ ئۆزۈمنى تەجرىبە قىلىنىۋاتقان چاشقانلاردەك ھېس قىلاتتىم… تەجرىبىلەر بۇلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. 2014- يىلى 6- ئاينىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق. ئەتىگەن سائەت ئون بولغان چاغ بولۇپ ھاۋالىنىش ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت بېرىلگەن ئىدى. تۇيۇقسىز «گۈم» قىلىپ بىر نەرسە كامېرنىڭ كەينىدىكى ھاۋالانما ئۈستىدە پارتلىدى. كامېرنىڭ ئوچۇق ئىشىكىدىن كىرگەن گاز پۇرىقىدىن باشلار قېيىپ، كۆزلەر ياشلىنىپ، كېكىردەكلىرىمىز ئىچىشىپ كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئېسىمدە يوق، بىر چاغدا كامېرنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان كارنايدىن قاماقخانا باشلىقى شىنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى: «قانداقراق تۇيغۇدا بولدۇڭلار، كاتىپلار بىرمۇ بىر خاتىرىلىسۇن، ھوشىدىن كەتكەنلەر، قۇسقانلار، نەپىسى قىيىنلاشقانلار قانچە؟ تىزىملاپ خەۋىرىنى بېرىڭلار!» بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېسىمگە كېلىپ ئەتراپىمغا قارىسام، پاكىستانلىق مەھبۇس سەيپۇللا ھوشىدىن كېتىپ يېتىپتۇ. ئۈچ مەھبۇس خالانىڭ ئالدىدا قۇسقىلى تۇرۇپتۇ. قالغانلارنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، ياشاڭغىراپ كەتكەن، چىرايى تاتىرىپ ھالى قالمىغان ئىدى. كامېردا بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكى مۇنازىرە قىلىندى، 2009- يىلى «بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى پاجىئەگە شاھىت بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋالانمىغا چۈشكىنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىكەن».

قىسقىسى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈچۈن ياكى خىتايلىشىش ياكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا (تۈرمىدە)  يېتىپ ئۆلۈشتىن باشقا يول قالمىدى. گەپنىڭ پوسكاللىسى، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قىپيالىڭاچ زوراۋانلىق بىلەن قەتئىي ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئاقىۋىتىدە  شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىر مىللەت  سۈپىتىدە يوقىلىش گىردابىغا كۈنسايىن يېقىنلاشماقتا.

«29- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە «خىتاي ئارخىپلىرى»  ژۇرنىلى بىلەن نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت» ناملىق بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر سۆھبەتتە «تاشقى سىياسەت»  ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇھەررىرلىرىدىن جەيمىس پالمېر ئۆز سۆزىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە گەرچە ھەممە مىللەتلەر ئورتاق مەۋجۇت بولغىلى بولىدۇ، ھەممە مىللەتلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا دۆلىتىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەيدىغان پىكىرلەر بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقاچان ئەمەلىيلىشىپ باقمىغانلىقىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر ۋاقىت چوڭ خىتايچىلىق ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ، باشقا مىللەتلەر بولۇپمۇ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى «ياتلار»  ياكى «تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى» كېرەك بولغان كىشىلەر دېگەن تەشۋىقاتلار بىلەن سۈپەتلەپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە «بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدە ناھايىتى ئېنىق بىر رادىكاللىشىش بار. جۈملىدىن ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، يەنى كىشىلەرنى خىتاي قىلىپ ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر بىر ئىستەك مەۋجۇت. شۇڭا پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە ئانا تىل ئوقۇتۇشى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى» دېدى ۋە خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەت ئېڭى، يەنى «بىز خىتاي ئەمەس» دەيدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئاڭ بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە «دۈشمەن» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەيدىغان ئىدىيەنىڭ كەڭ تارقىتىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئاخىرى بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماشتەك ئاقىۋەت شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جەيمىس پالمېر سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى «خەتەرلىك» دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتنى بىلمەيدىغان خىتاي خەلقىنىڭ، ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتىگە – ھازىرقى زاماندا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنسانىيەتكە قارشى مىللىي ئېزىش، ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقىي (ئېتنىك)  قىرغىنچىلىق  ۋە مەدەنىيەت  قىرغىنچىلىققا بولغان دىققەت – ئېتىبارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇنداق جىنايى قىلىمشلارنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرىنىڭ كۈنسىرى كۈچلىنىپ ياڭرىشى تۈپەيلى، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن جازا لاگېرىدىكى گۇناھسىز مىليونلارچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان تۇتقۇنلارنى تېزلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى باشلىۋەتتى. خىتاي سوتچىلىرى بۇ بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى ئالدىراپ – سالدىراپ، تۈركۈم- تۈركۈملەپ سوتلاپ- كېسىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىمەكتە.

«زىمىستان» تور بېتىدە «شىنجاڭ» دىن ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، سىچىۋەن، شەندوڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى تۈمىلەرگە يۈتكەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

2018- يىلى سېنتەبردە قەشقەر توققۇزاقتىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسنىڭ چىچىخار شەھىرىدىكى تەيلەي تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە «باشقۇرۇش خادىملىرى بىردەك ئۇيغۇر رايوندىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار مەسىلىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلدىكى تۈرمىلەردىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى» دېگەن خەۋەرنى بەرگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئىچكى موڭغۇللۇق گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

«زىمىستان» تورىنىڭ 3- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ توڭچۇەن شەھىرىدىكى سۈيجياگو تۈرمىسىگە ئۈچ مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن يۆتكەلگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇتقۇنلار پۈتۈنلەي يېپىق پويىز بىلەن بىلەن ئاۋۋال شىئەن شەھىرىگە، ئاندىن ھەربىي يۈك ماشىنىسىدا سۈيجياگو تۈرمىسىگە توشۇلغان. خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچى يەنە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي كېچىسى يۆتكەلگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ تۈرمىدىكىلەرگە بۇ مەھبۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە قاراپ سىر ساقلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان. «زىمىستان» تورىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن كۆپ ساندا مەھبۇسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى ۋە ئۇ يەردە غەيرىي ئىنسانىي تەدبىرلەر بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلار يۆتكىلىشتىن ئاۋۋال ئالاقىدار تۈرمىلەردىكى مەۋجۇت مەھبۇسلار باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەلگەن. تۈرمىنىڭ دېرىزە ۋە ئىشىكلىرى يېڭىلىنىپ ۋە قاتمۇ- قات پاياتلىنىپ، تۈرمە ئىچىنىڭ مەخپىيەتلىكى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتىلگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ تۈرمىلەرگە ئىسياندىن مۇداپىئەلىنىدىغان پولات ئەينەكلىك دېرىزە ۋە ئېلېكترونلۇق تۆمۈر ئىشىك قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بېكىتىلگەن. مەھبۇسلار كامېر ئىچىدىمۇ كويزا- كىشەنلەر بىلەن كۈن بويى ھەرىكەتسىز ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرۇلغان.

ھەتتا چەت ئەل پۇقرالىرىمۇ كېسىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلمەكتە. بۇنىڭ مىسالى، تۈركىيە پۇقراسى خوتەنلىك ئايدىن ئۆزگۈر ئىسىملىك سودىگەر 10 يىللىق كېسىلىپ، لەنجو ئۆلكىسىدىكى تۈرمىلەرنىڭ بىرىگە يۆتكەلگەن.

بۇ يىلى ئاۋغۇستتا جەنىۋەدە ئېچلىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دېموكراتىك غەرب دۆلەتلەر باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلدى ۋە تەنقىد قىلدى، ھەمدە  بۇنداق  ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىمىشلىرىنى دەرھال توختىتىش، يېپىق جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە بۇ مۇسۇلمان مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز زىمىندا ئەركىن ياشاشقا يول قويۇشتەك بىر قاتار ھەققانىي سوئال – تەلەپلەرنى قويدى. لېكىن يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆمەك باشلىقى جاۋاپ بېرىش يىغىنىدا يۈزىنى داپتەك قىلىۋېلىپ،يېغىن ئەھىللىرى «باغدىن» سورىسا، ئۇ «تاغدىن » جاۋاپ بېرىپ، «شىنجاڭ» دا ھېچقانداق ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، «شىنجاڭ» دىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى پاراۋان ۋە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ، ئۇ يەردە جازا لاگېرلىرى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قىپقىزىل يالغان سۆزلىدى.

لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى» بۇ جازا لاگېرلىرى ھەققىدە بىر قارار ماقۇللاپ، بۇ جازا لاگېرلىرىنى قانۇنلاشتۇردى، ھەمدە ناھىيەدىن يوقۇرى مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ جازا لاگېرلىرى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. بۇ ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇنداق خەۋەر بەردى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» 2017‏- يىلى 1‏- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 9‏- ئۆكتەبىردە مەزكۇر نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قانۇنلاشتۇرغان ۋە  شۇنىڭدەك  ھىجاپ، ساقال، روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، تارقاق ھەج قىلىش قاتارلىق بۇرۇن نورمال دەپ قارالغان نۇرغۇن دىنىي خاھىشلار ئەمدى قانۇنسىز دەپ بېكىتىلگەن ئىدى».

2018- يىلى 28- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى  ھۆكۈمدارى مۇستەبىت چېن چۈەگونىڭ «ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمەت يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، « شىنجاڭدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى 200 يىللىق كۈرەش نىشانىنى تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ، سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى يۈزلىمىچىلەر ۋە دىنى ئاشقۇنلارنى داۋاملىق قېزىپ چىقىرىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش، پانتۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش، ھەرقايسى مىللەت كادىر – ئاممىسىنىڭ توغرا بولغان دۆلەت ئېڭى، تارىخ ئېڭى، مىللەت ۋە مەدەنىيەت ئېڭى، دىن ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش  قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن».

1 – نويابىر كۈنى «ش ئۇ ئا ر سىياسىي كېڭىشى» نىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدۇلمەجىن « تەڭرىتاغ تورى» دا «پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش چارىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە ئىجرا قىلىمىز» ناملىق بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى . ئۇ «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىش» نى قاتتىق تەكىتلىگەن. ئۇ  باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر»  ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى تۈپتىن يوقىتىش، داۋاملىق قېزىپ چىقىرىش، قاتتىق زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان.

«ش ئۇ ئا ر پارتكوم سىياسەت – قانۇن كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى جۇ خەيلۈن يېقىندا چاقىرىلغان بىر يىغىندا، كومپارتىيەنىڭ دىنغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى» رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ كارنىي ئارقىلىق زورلۇق- زومبۇلۇق تولۇپ تاشقان زۇلۇم زىندانىدىن ئىبارەت بولغان بۇ جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ، «شىنجاڭدا ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەر تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرىدە تېخنىكا ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە قانداق ئۆزلىشىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق لاگېر مەۋجۇت ئەمەس» دېدى. «تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» گە قامالغانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يېمەك – ئىچمەك ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان پەرقلەرنىڭ تولۇق ئېتىبارغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك «ھەممە نەرسىنىڭ ھەقسىز بولۇشى» نىڭ تولۇق ئىشقا ئاشقانلىقى، كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تەلەپلىرى ئەڭ زور دەرىجىدە قانائەتلەندۈرۈپ كەلگەنلىكى، كۇرسانتلار مەززىلىك بولغان ھەقسىز غىزالارنى يېگەچ ياتاقلىرىدا تېلېۋىزور كۆرىدىغانلىقى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇنچا دېگەنلەرنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى، بۇ جايلاردا يەنە ۋاسكېتبول، ۋالىبول، تىك- تاك توپ ئەسلىھەلىرى، قىرائەتخانا ۋە كومپيۇتېر زالى، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئۆيلىرى بار ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋالاخشىپ،  بۇ «تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» نى  «قانداقتۇر بىر  ئارامبەخش ئىچىدە ياشايدىغان جاي» غا ئوخشىتىپ، ئوچۇقتىن – ئوچۇق يالغان سۆزلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان سىياسي باستۇرۇشىغا بولغان ئىزچىل قاتتىق نارازلىقى ۋە بۇ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدىكى كۈچلۈك تەلەپلىرىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدى.

«نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاقنىڭ قۇمۇلدا بىر ئۆمۈر دۆلەت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا – ئانىسى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، يەنى 2018- يىلى 11- ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. زۇلخۇمار ئىسھاق رادىئومىزدا بولغان سۆھبىتىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مېنىڭ ئاتا- ئانام پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردا تېررورچىلارنى، رادىكاللارنى تەربىيىلەۋاتىمىز دېگىنى يالغان. مەن بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلايمەن» دېگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ۋە خەلقئارادا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پېنسىيىگە چىققان نازىرلاردىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەر مىللەت « ئاقساقال » لىرىدىن تەشكىل تاپقان ئاتمىش تۆت كىشىلىك بىر ئۆمەك ئۇيۇشتۇرۇپ، خوتەندە ئالدىن پەردازلاپ تەييارلاپ قويغان ساختا بىر «كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلدۈرغان.

خىتاي دائىرلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ پەردازلاپ كۆرستىشىگە قارىتا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچلىكى، دۇنيا جامائەتچلىكى، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق تاراتقۇلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە گېزىتلەر دەرھال كەسكىن جاۋاپ قايتۇرۇپ، بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ دەل ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىمەكتە. چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا گۇۋاھ بەرمەكتە. شەرقىي تۈركىستانغا بارغان چەتئەللىكلەر ئۇ يەردە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلىمەكتە.

«بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بايمۇرات گۇچۇڭلۇق بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بۇ ناھىيەدىكى خىتاي ج خ ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن. ئۆتكەن يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان بايمۇرات، يېقىندا «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇچۇڭدىكى لاگېردا كۆرگەنلىرىنى ۋە قازاقىستانغا قېچىپ كېتىش سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. «نيۇ يورك ۋاقتى» نىڭ 2‏- فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بايمۇرات 2017‏- يىلى گۇچۇڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرىپ، يول ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەكشۈرۈش بولۇپ، بىر كۈنى دائىرىلەر ئۇنىڭغا قولى كويزىلانغان 600 كىشىنى گۇچۇڭدىكى يېڭى سېلىنغان بىر لاگېرغا ياللاپ ئاپىرىش ۋەزىپىسى بەرگەن».

«ئامېرىكىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1930 – يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەدىمۇ يەھۇدىيلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازا لاگېرلىرىنى ئاقلاشتا دەل مۇشۇنداق تەشۋىقات ئۇسۇلى قوللانغان ئىكەن. ئۇلارمۇ ئەينى چاغدا بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى» دەپ ئاتىغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سېلىشتۇرما رەسىمىنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن،  ئوخشىمىغان ئىككى تارىخىي دەۋردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىق كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.  ميۇنخېن سىرتىغا جايلاشقان داخاۋ جازا لاگېرلىرىغا ئائىت خاتىرە كۆرگەزمىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللاردا كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك ناتسىستلار گېرمانىيىسمۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتايغا ئوخشاشلا يەھۇدىي تۇتقۇنلىرى لاگېرلىرىنى زۇلمەتلىك ئورۇنلار ئەمەس، ئەكسىچە كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن كەسپىي تەربىيە ئالىدىغان جاي سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئەينى يىللاردا ناتسىستلار ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنى ئالدىن تەييارلانغان ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن جايلارغا غەلىبىلىك ھالدا تەكلىپ قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى رەسىمگە تارتقۇزۇپ خەۋەر ئىشلەتكەن. بىر قىسىم ئاخباراتلار ھەقىقەتەن بۇ تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىپ خەۋەر تارقاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھازىر دەل مۇشۇ تەشۋىقاتنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن بۇ ئوخشاشلىققا دىققەت تارتىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمدە ئۆزىنىڭ ئاخباراتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، ئۇلار ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا دۇنيا بۇ تەشۋىقاتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك».

««ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ «شىنجاڭدىكى گۇلاگلار» سەرلەۋھىلىك تەھرىرات ماقالىسىدا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار قامالغان گۇلاگلارنى (جازا لاگېرلىرىنى) ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ، بۇ ئورۇنلارنى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ سۈرەتلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ئورۇنلارنىڭ مەقسىتىنى «يېزىلاردىكى بىلىمسىز، قالاق ۋە نامرات ئاز سانلىق مىللەتلەر»نى قۇتقۇزۇش، دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىدە ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن.  ماقالىدە، «بۇ خىل چۈشەندۈرۈشكە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق- ئاشكارا سىغدۇرماسلىق، ئۇلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىشى ئېلىپ بېرىش يوشۇرۇنغانلىقى»  بىلدۈرۈلگەن».

2018- يىل 26- دېكابر، جورجۇ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شان روبېرتىس «شىنجاڭدىكى ۋەھىمە ۋە نەپرەت: 21 ‏- ئەسىردىكى ئېتنىك تازىلاش» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، لاگېر تۈزۈمىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سېلىۋاتقان زىيىنىنى ئانالىز قىلغان.  ئۇ لاگېر ئىچىدىكىلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر پسىخىكىلىق جازالارنى تىلغا ئالغاندا، تۇتقۇنلارنىڭ ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىدىيىلىرىنى يادلايدىغانلىقى، خىتايچە ئۆگىنىدىغانلىقى، ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدلەش ۋە يېرىم كېچىدە قوپۇپ دەرس ئاڭلاش قاتارلىقلاردىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پاراڭ سېلىشىنىڭمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ئىشارەتلىشىشىگىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بىر- بىر مىسال قىلىپ ئۆتكەن . ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى «مۇتلەق يالغۇز قالدۇرۇش ياكى مۇتلەق ئايرىۋېتىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ تولىمۇ ئېغىر بىر خىل پسىخىك قىيناش ئىكەن. شۇڭا ئۇ لاگېردىكى بۇنداق «نورماللاشتۇرۇلغان»  كۈندىلىك پسىخىك جازالاش پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەت، ئەمەلىيەتتە تەن جازاسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغانلىقتىن لاگېرلاردا تۇتقۇنلار ئۇچراۋاتقان تەن جازالىرىدىن سۆز ئېچىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى مەخسۇس ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.  ئۇ لاگېر ئىچىدىكى تۇتقۇنلاردىن سىرت، لاگېر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ساقچىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە روھىي زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالغان بىر شارائىتتا كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى لاگېرغا تۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بىر تەھدىت ئىچىدە ياشىشىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بىر بېسىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى، شان روبېرتىسنىڭ ماقالىسىدا ھازىر پۈتۈن بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچراۋاتقان ئېغىر روھىي زەربىنىڭ ياخشى يورۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى ئېغىر روھىي زەربىنىڭ نورماللاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئادەتتىكى بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز. مەنچە، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. دېمەك، ھېچكىم بۇ قورقۇنچتىن مۇستەسنا ئەمەس. نورماللاشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ پسىخىك جازانىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بېرىدىغان زەربىسىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى ئېنىق» . ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ شان روبىرتىس بۇنى «خىتاي ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى يوقاتماقچى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاي ئىسلامنى يوقىتىش، جەمئىيەتتىكى سىياسىي سادالارنى جىمىقتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالىنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇش، پەقەت دۆلەت قوبۇل قىلالايدىغان ناخشا، ئۇسسۇل ۋە مىللىي كىيىم- كېچەكلەردىن باشقا بارلىق ماددىي مەنىۋىي ئۇيغۇرچە تۈس ئالغان نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن».  ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پىلانى خۇددى ئۇلار قەشقەرنى بىر قۇرۇق مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ بىر سۈنئىي مەدەنىيەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ يېڭى بىر تۈرى ئىكەن. شان روبېرتىس بۇنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەم 21‏- ئەسىرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى تەمىنلىگەن كونترول قىلىش ئىمكانىيىتى ھەم شۇنداقلا ئۆتمۈشتىكى ۋەھشىيلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن يېڭىچە بىر ئېتنىك تازىلاشقا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئوبيېكتى زېمىن بولماستىن، بەلكى شۇ ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر.  يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا يۈز بەرگەن ئىرقىي تازىلاشتا سېربلار شۇ زېمىندىكى باشقا مىللەتلەرنى تازىلىغان ئىدى، ئەمما شىنجاڭدا خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى تازىلاشقا كىرىشكەندەك قىلىدۇ».  ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىدىن ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن تاندۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ شۇ كىشى ۋە ياكى شۇ جەمئىيەتتە پەيدا قىلىدىغان ئەگەشمە ئاقىۋەتلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساراھ خانىم مۇنداق دېدى: « ئادەتتە بۇنداق تاندۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۇچرىغانلار تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ناھايىتى ئېغىر روھىي ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، بالىلىرىمۇ ئوخشاش زەربىگە ئۇچرايدۇ. دېمەك، بىر ئائىلە ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ توقۇلمىسى زىيانغا ئۇچرىدى، دېگەن گەپ. بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تولىمۇ قىيىن. شۇڭا بىز بۇ لاگېرلاردا زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىگەنلىكىگە قاراپلا مەسىلىگە سەل قارىساق بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى ئاساسەن زور قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلىشىپ كەلگەن».

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر قانىلى مۇخبىرى ئاۋسترالىيەدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) نىڭ 3 نەپەر تەتقىقاتچىسى، 31‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار خەرىتىلەشتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلاتقا ئاساسەن ئىشلىگەن مەخسۇس خەۋىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدىكى بۇ مۇسۇلمان خەلقىگە كەسىپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا قانداق قىلغاندا ياخشى پۇقرا بولۇشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار بۇنى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، دەيدۇ.  بىراق كۈنسايىن ئاشكارىلىنىۋاتقان پاكىتلار بۇ ئورۇنلارنىڭ مەكتەپتىن بەكرەك تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە خەلققە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ، تېز سۈرئەت بىلەن كېڭەيتىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا». دوكلاتنى تەييارلىغۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولغان فېرگۇس راين، ABC خەۋەر قانىلىغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە خىتايدا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن بېرى بۇنداق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىپ باقمىغان».

بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى (ب ب س) نىڭ «بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى»  پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى ھەققىدە رادىئو خەۋىرى ئاڭلاتتى. خەۋەردە ب ب س نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان مۇخبىرى جون سادۋورسنىڭ شۇ جايدا كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى مەنزىرىلەر نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇ شۇ مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «سىز شىنجاڭدا ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويغانلىقىنى قەتئىي كۆرەلمەيسىز، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن . مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇۋاتقان مەنزىرە ئەسلا يوق. ھېچكىم بىزنىڭ سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمايدۇ، چۈنكى كەينىمىزدە پېيىمىزغا چۈشكەن ئادەم بار. بىز 100 مىڭ ئادەمنىڭ قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان لاگېرنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشتۇق، ئەمما يولنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەن ئىكەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەربىيلىنىۋاتىدۇ، دەۋاتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپتۇ. پۈتۈن بىر مىللەت كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتىكەن».

«ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گرېيم سىمىس ۋە ئىلگىرى BBC، دۆلەتلىك ئاۋام رادىئوسى (NPR) قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن لۇيىزا لىم بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن سۆھبەتتە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ئۆزلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىسىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئالدى بىلەن لۇيىزا لىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ رايوندا نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، «بىز ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھۆنەر ۋە تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىۋاتىمىز» دەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا پروفېسسور سىمىس ئالاقىدار ماتېرىياللار ئاساسىدا بۇ مەركەزلەردىكى ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقاننىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، بۇ جايغا قامالغانلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە مېڭىسى يۇيۇلۇپ، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئالدى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئابدۇسالام ئالىم ئاۋسترالىيەگە كەلگىلى 20 يىلچە بولۇپ قالغان كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۈچۈن تەييارلاپ كەلگەن ئىسىملىكتە، ئۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىدىنلا ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان 12 كىشىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بېرىلگەن. ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى «دىنىي ئەسەبىيلىك»  بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئۇلاردىن بەش كىشى 10 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان ئىكەن. ئەمما ئابدۇسالامنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىي» دەۋاتقان بۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار پەقەت كۈندىلىك بەش ۋاق نامىزىنى قازا قىلماي ئوقۇشقا تىرىشىدىغان، رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتىدىغان نورمال مۇسۇلمانلار ئىكەن.  ئەمما شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى «زەھەر»، «ئەپيۈن»  ياكى «روھىي كېسەللىك» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئەھۋالدا، ئىسلام ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇرلار بىردەك تۇتقۇن ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. رىياسەتچىلەرنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى، ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن نورمال بولغان دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىشى بولغان. ئۇلار بۇ ھەقتە ئابدۇسالامدىن بۇنىڭدىن باشقا بىرەر جىنايىتى بولغانمۇ، دەپ سورىغاندا ئۇ ئاچچىق قىلىپ، « ئۇلارنىڭ بىردىن  بىر جىنايىتى ئۇيغۇر بولغانلىقى. ھازىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى جىنايەت!» دەيدۇ.  ئابدۇسالامنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارغا نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنىڭ رولى بەكمۇ چوڭ بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتلىرى بىردەك جەدۋەل تارقىتىپ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جەھەتتە نومۇر قويۇپ چىققان. شۇنىڭدەك ئۇلارنى «ئىشەنچلىك»، «مەسىلىلىك» ۋە «ئىشەنچسىز» دەپ ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلار، چەتئەلگە ساياھەتكە بارغانلارنىڭ ھەممىسى «ئىشەنچىسىز»لەر  قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ھەمدە بىردەك لاگېرلارغا قامالغان. ئابدۇسالامدىن كېيىن سۆز قىلغان يەنە بىر كىشى بولسا، ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان. ئەمما ئۇمۇ ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەزمۇنلارنىڭ ھازىر ئەڭ چوڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئاساسلىقى ئايالىنىڭ ئىسلامىي شەكىلدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيگەنلىكى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىملاپ سوئال- سوراققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆزى سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرىگە بارغاندا شۇ جايلاردىكى ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوئال- سوراق قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى دېگەندەك فىزىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلىرىنى ئالغانلىقىنى، «بۇلارنى ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم ئېلىپ بولغان» دەپ چۈشەندۈرگەننىڭ پايدىسى بولمىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى سوئال- سوراقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك گۆدەك ئىككى پەرزەنتىنىڭ تەقدىرىدىن خاتىرجەم بولالماي بالىلارنى ئېلىپ ئاۋسترالىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئايالىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغان كىشىلەرنىلا قاماققا ئېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . قارامايدىن كەلگەن پەرھات ئىسىملىك يەنە بىر ياش ئاتا- ئانىسىنىڭ « غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى » گە ئالتە ئاي بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ . پەرھاتنىڭ دادىسى شەھەرلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئانىسى بولسا 30 يىللىق تارىخقا ئىگە ساقچى خادىمى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭمۇ مۇشۇ قىزىل بايراق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن كادىرلار ئىكەنلىكىنى، دادىسى كومپارتىيەگە قەتئىي ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقىدەك مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى، ئۆمرىدە دادىسىنىڭ بىرەر قېتىم ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئاقىۋەت ئۆتكەن يىلى ئاشۇ خىلدىكى تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى ھەرقانداق ئۇيغۇرغا يېتەرلىك «قالپاق» بولۇۋاتقانلىقىنى ئاچچىق ئىچىدە بايان قىلىدۇ ».

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 2018- يىل 9-ئۆكتەبىردە «قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى، لاگېرنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن قەۋىتىدىكى 200 چە كىشىدىن 10- 20 سىنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان بوۋايلار، 5- 10 نەپىرىنىڭ بولسا  15- 18 ياش ئارىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا كۈنىگە 3 ۋاق يېرىم قاچىدىن تاماق بېرىلىدىغانلىقىنى، ناشتىلىقىنىڭ بولسا شىفەن ئىكەنلىكىنى، تاماقنى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ دەپ سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە تۇتقۇنلارنىڭ تاماق تاللاش ياكى تاماقتىن شىكايەت قىلىش ھەققى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى» دېگەن خەۋەرنى بەردى.

««گېرمانىيە ئاۋازى » 7- يانۋاردىكى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە قاراقاش قاتارلىق ئۈچ جايدىكى ئالدىن تەييارلانغان «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان… مۇخبىرلار «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى بىر سىنىپقا كىرگەندە مۇئەللىمنىڭ خىتاي تىلىدا «توي – تۆكۈن ۋە نەزىر – چىراغلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. مۇخبىرلار بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىلەردىن ئىلگىرى ئۆزلىرى ئاڭلىغان قاتتىق تەقىب مۇھىتىنى بايقىمىغان… خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تەلىم ئېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قانۇن ۋە خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە كىرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ بۇندىن كېيىن تەدرىجىي ئازىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ لاگېرلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ ئاچمىغان ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ سانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇ سۆزىدە  «1 مىليون دېگەن سان ئاڭلىماققا قورقۇنچلۇق بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئەمەلىيەتكە  ئۇيغۇنمۇ ئەمەس، بۇ پۈتۈنلەي بىر ئىغۋا»  دېگەن… خەۋەردە،  چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى زىيارەت قىلغان بۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى » نىڭ ئالدىن – ئالا تەييارلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن گۇمانلانغانلىقى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەدبىرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى خەۋەر  قىلىنغان».

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تۈر بېتىدە «فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى يېقىندا خىتاينىڭ خەلققە ئاشكارا تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەت، خەۋەر، توختامنامە ۋە ئۇقتۇرۇش قاتارلىق يازما ماتېرىياللىرىنى توپلاپ چىققان. جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق بۇ خىل ماتېرىيالنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزكۇر ئاگېنتلىق، خوتەندىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىگە 2768 ساقچى كالتىكى، 550 توك كالتەك، 1367 كويزا، 2792 قۇتا كۆز ياش ئاققۇزغۇچ سېتىۋېلىنغانلىقىنى بايقىغان. . . ماتېرىياللارنىڭ يەنە بىرىدە مەلۇم بىر تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ بۆرە چىشى دەپ ئاتىلىدىغان كالتەك، يولۋاس ئورۇندۇق دېيىلىدىغان قىيىن- قىستاق ئەسۋابى سېتىۋالغانلىقى قەيت قىلىنغان. . . فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، توپلانغان ماتېرىياللاردىن بىرىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگونىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى مەكتەپتەك ئىشلىتىش، ھەربىي گازارمىدەك باشقۇرۇش ۋە تۈرمىدەك قوغداش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بۇيرۇقى تىلغا ئېلىنغان.» دېگەن خەۋەرنى ئىلان قىلدى.

ئەگەر ئۇيغۇر ئىلىدا قۇرۇلغان بۇ جازا لاگېرلىرى «رەئىس» شۈكرەتنىڭ دېگەندەك «تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» بولغان بولسا، بۇ كويزا – كىشەن قاتارلىق جازا قۇراللىرىنىڭ بۇ خىل تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرىدە نىمە كېرىكى بار؟ بۇ «قايتا تەربىيەلەش» مەكتەپلىرى جازا لاگېرلىرى بولمىسا، نىمە  ئۈچۈن «كۇرسانتلار» مەھبۇسلاردەك ئوخشاش بىر خىل كىيىملەر بىلەن كىيىندۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش- ھەرىكىتى يىگىرمە تۆت سائەت كۆزىتىلىدۈ؟ نىمە ئۈچۈن «كۇرسانتلار » يەيدىغان تاماقلىرى ھەققىدە «ھالالمۇ» دەپ سوراشتۇرالمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن «كۇرسانتلار» دەرسخانىلارغا ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا رەت بولۇپ تىزىلىپ بارىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ جايلاردا خىزمەت قىلغۇچى مىللىي كادىرلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ؟ «ئۆيىگە قايتىش» رۇخسىتى پەقەت جىددىي ئەھۋال چىقىپ قالغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبەرنىڭ يازما رۇخسەتنامىسىدىن كېيىنلا  لاگېر دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا يول قويۇلىدۇ؟

«رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6- نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىخەتەرلىككە چېتىشلىق خىراجەتنىڭ ئومۇمى مىقدارى 2017- يىلى 20 مىليارد سوم (ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن)  بولۇپ، 213 پىرسەنت ئاشقان. مەزكۇر خۇلاسىنى ئامېرىكىدىكى جېيمىس تاۋن فوندىنىڭ خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خامچوتى ھەققىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ بولغان خىراجەتلەر ئاساسىدا ھېسابلاپ چىققان. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ، « بۇ خىراجەتلەر « كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى» گە ئەمەس، بەلكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» قۇرۇلۇشىغا ھەمدە بۇنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا سەرپ بولغان» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردا قانداق دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇشى ياكى خىراجەت سەرپ قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق «كەسپىي تەربىيەلەش» كە ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن».

70 يىلدىن بېرى «شىنجاڭ» دا ئاران دېگەندە بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ۋە بىر نەچچە ئون تېخنىكۇملارنى قۇرۇشقا قۇربى يەتكەن «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت» نىڭ، بىر يىلغا يەتمىگەن  ۋاقىت ئىچىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كۇرسانتلارنى سغدۇرىدىغان بۇنچىلىك كۆپ ھەقىقەتەن كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغان مەركەزلەرنى قۇرۇپ چىققانلىقى كىمنى ئىشەندۈرەلەيدۇ؟

يەنە بىر تەرەپتىن، تۇتقۇن قىلىنماي قالغان جەمئىيەتتىكى بارلىق تۈرك مۇسۇلمانلار، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلار ھەمدە باشقا يەرلىك خەلقلەر قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىندى. ئۇلار ئاسارەت ئىچىدە ياشىماقتا ۋە مىڭلاپ- مىڭلاپ كۈندۈزلۈك ئىدىيە ئۆزگەرتىش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇلماقتا. دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ گېستاپوچىلىرى مىللىيلارنىڭ ئۆيلىرىگە يېرىم كېچىلەردە باستۇرۇپ كىرىپ، كىملىكىنى تەكشۈرۈشى ۋە تۇتقۇن قىلىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاق مۇنداق يازىدۇ: «1988- يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان زۇلخۇمار ئىسھاق، كىچىكىدىن تارتىپ خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، شۇ مەكتەپنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدا خىزمەت قىلىپ قالغان. بىراق ئۇ «گەرچە چىرايىم بەك ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، كىملىكىمدە «ئۇيغۇر» دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ مېنى توختىماي ئىزدەپ سوراق قىلىشىدىن قۇتۇلالمىدىم» دەيدۇ. ئەسلى كەسپى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ بولغان زۇلخۇمار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەسپىدە داۋاملىق سەپەرگە چىقىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ مېھمانخانىلارغا چۈشۈشىنىڭ تولىمۇ قېيىن بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرى ئوقۇغان كەسپىنى قىلماي، بېيجىڭدا باشقا خىزمەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان…  ئۇ 2017- يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭدا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ سوراق قىلىشى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى، بېيجىڭدا بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى… بېيجىڭغا قاتنايدىغان پويىزدا بىر قېتىم پويىز خادىمى زۇلخۇمارنىڭ كىملىكىنى ئالاھىدە تەكشۈرمەكچى بولغاندا زۇلخۇمار بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئۇنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن پويىز خادىمى كىيىمىدە «ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى» دەپ خەت يېزىلغان ئالاھىدە ساقچىنى چاقىرغان. شۇ قېتىم ئۇ پويىز خادىمىنىڭ قولىدا «پويىزدىكى نۇقتىلىق كىشىلەر» تىزىملىكى بارلىقىنى ۋە ئۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى بايقىغان».

«يېقىندا قۇمۇل شەھەرلىك مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن زەھەرلەنگەن كىشلەرنىڭ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان».

ھەر بىر مىللىي ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى كېچە- كۈندۈز كۈزىتىش ئاستىغا ئېلىندى. ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن بىردىن مەخسۇس ئارخىپ (ھەتتا چەت ئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەم مەزكۈر ئارخىپنىڭ ئىچىدە) تۇرغۇزۇلدى. كېچە – كۈندۈز نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ئائىلىلەر بېكىتىلدى. بۇ خىل ئائىلىلەر ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ سوتكىلاپ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «قوشماق تۇغقان» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۈرك مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى تىخىمۇ چىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان. خىتاي دائىرلىرىنىڭ نۇمۇسسىزلىقى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۆيلەرگە «قوشماق تۇغقان» باھانىسى بىلەن خىتاي ئەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ خىتاي ئەرلەر ئۇيغۇر خانىم – قىزلارغا قىلىقسىزلىق قىلىمىشلارنى قىلشقا تەمشىلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ 7-نويابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، بۇ يىل سېنتەبىرگىچە جەمئىي بىر مىليون يۈز مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك كىشىلەر بىلەن تۇغقان بولغانلىقى، شۇلار قاتارىدا پولك دەرىجىسىدىن يۇقىرى مەنسىپى بولغان 4700 دىن كۆپرەك خىتاي ھەربىي كادىرلارنىڭ مۇشۇ شەكىلدە يەرلىك كىشىلەر بىلەن «تۇغقان» بولغانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىندى.

«ئامېرىكىدىكى بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە قورغاس قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ 10 كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا كۆرگەنلىرىنى 24- يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى زور ساقچى دۆلىتى»  ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان… ئۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر داڭلىق زىبۇزىننەت دۇكىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈندە ئىككى نۆۋەت ئوق ئۆتمەس پىنجەك كىيىپ، قوللىرىغا ئۇزۇن توقماق ۋە قالقانلارنى ئېلىپ بولغۇسى ھۇجۇملارغا قارشى مەشىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نىشانىنىڭ زىبۇزىننەت بۇلاڭچىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ مانېۋىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن باشلىغان… ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان:  «ئۇيغۇرلار داۋاملىق ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىش خەۋپى ئاستىدا ياشايدىكەن. ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى كوچىدا خالىغانچە توختىتىپ ئۇلارنىڭ نەگە، نېمە ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى سورايدىكەن. ھەممە يەردە مېتال تەكشۈرگۈچى ئۈسكۈنە، يۈز تونۇش سىستېمىسى، كىملىك كونترول قىلىش ئورۇنلىرى باركەن. ھەممىلا يەردە ھەتتا ھاجەتخانىدىمۇ نازارەت كامېرالىرى باركەن. مەن بىر مەسچىتنىڭ ئۆزىدىلا 40 كامېرانى ساناپ چىقتىم. مەسچىتكە كەلگەن ئادەم ناھايىتى ئاز ۋە مەن پۈتكۈل زىيارەت داۋامىدا بىرەر قېتىممۇ ئەزان ئاۋازى ئاڭلاپ باقمىدىم»».

ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور دەررېن بايلېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ھەققىدە يېقىندا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ««خىتاي ئارخىپى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا 24- ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىنى، ئاپتور بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان بىۋاسىتە زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ۋە توپلىغان ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان… ئاپتور ئۆز ماقالىسىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى تەكىتلىدى:  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك خەلقنى لاگېرغا قامىغانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور دىققەت قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە يۈز مىڭلىغان كادىرلارنى تۆۋەنگە ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە نازارەتچىلىككە قويۇشتەك تەقىب سىستېمىسىنىڭ تېخىچە يېتەرلىك دىققەتكە ئېرىشمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. دەررېن بايلېر ماقالىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئاتالمىش «تۇغقانلار» نىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيلىرىدە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش- ھەرىكىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ياشاش ئۇسۇلىنى ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلەرگىچە خاتىرىلەپ يۇقىرىغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى،  ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن لاگېرغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان».

«ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركىزى بولغان لوۋىي ئىنستىتۇتى باشقۇرۇشىدىكى «تەرجىمان» مەجمۇئەسىدە 7-  نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان لۇئىزا لىم ئىمزاسىدىكى ماقالىدا مۇشۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئاشكارە ھالدا تەكىتلەنگەن «يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش»  ھەققىدىكى باياناتلار ئاساسىدا، ئاپتور نۆۋەتتە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل «تۇغقانلىشىش »  پائالىيىتىنى «ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا قۇرۇش» دەپ چۈشەندۈرىدۇ».

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى يەنە «ئىتتىپاق ئۆتۈش» نى دەستەك قىلىپ، مىللىيلارنى تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرپ، ئۇلارنى خىتايچە سۆزلىتىش، خىتايچە كىيىم- كېچەكلەرنى  كىيدۈرۈپ خىتايچە ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇش، خىتايچە ئۇسسۇللارنى ئوينىتىش، ئولارنى مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ،خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلىماقتا ۋە  «خىتايلار بىلەن توي قىلغانلارغا زور مىقتاردا ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ» دەپ جاڭ ئۇرۇپ تەشۋىق قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى نىكاھ توي مۇراسىملىرىنى خىتايچە توي مۈراسىمى بۇيىچە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا.  مەسلەن ، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن  ئۇيغۇرلارنىڭ  بىر نىكاھ  توي مۇراسىمى خىتايچە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلارنى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايچە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە، تۇرالغۇ ئۆي- جايلارنى خىتايچە بېزەشكە ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەكلىرىنى كېسىشكە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە زىياپەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، مۇسۇلمانلارنى ھاراق ۋە تاماكا چېكىشكە، مىللىيلارنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزىشكە مەجبۇرلىماقتا. يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى  نىشان قىلىپ، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىمىلىكىنىڭ ئالاھىدە ئالامەتلىرىگە ئايلانغان «چوشقا گۆشى» يىمەسلىك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش قىلىپ، چوشقا گۆشىنى « چاغان بايرىمى سوۋغىسى » قىلىپ مۇسۇلمان ئائىلىرىگە ئەكىرمەكتە.. چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر قىزلىرىغا خىتايچە كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، خىتايچە ئۇسسۇللارنى ئويناتقۇزۇپ، ئۆزلىرى تاماشا كۆرمەكتە.

«6- فېۋرال «فرانسىيە ئاۋازى» رادىئوسى «چوشقا يىلى چاغان بايرىمىدا: شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار چاغان ئۆتكۈزۈشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاندى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى… خەۋەردە يەنە ئىلى ۋىلايىتىدىكى قازاقلارنىڭ ھاراق ئىچىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە، ئۆيلىرىگە پانۇس ۋە چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان قىزىل لاتىلارنى ئېسىپ، خىتايلار بىلەن بىرگە چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، قارشى چىققۇچىلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» ئاتىلىپ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە مەجبۇرلاش ھادىسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە تېخىمۇ ئېغىرلىقى ھەم ئەسكەرتىلگەن».  قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان شېكەر ۋە سەرەڭگىگە ئوخشاش زۆرۈر نەرسىلەرنى بەلگىلىك مىقتاردا سىتىۋېلىشنى بەلگىلىدى. ئاشخانىدا ئىشلىتىلىدىغان پىچاقلارغا بەلگىلىك كودلارنى باسماقتا. مىللىي قاسساپلارنى تۆمۈر قەپەستەك رەشەتلىك دۇكانلاردا گۆش ساتقۇزماقتا.

مىللىيلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، «ش ئۇ ئا ر خەۋپسىزلىك نازارىتى»  ئامېرىكىنىڭ «تېرموفىشىر» شېرىكىتىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ سېتىۋالغان ئادەملەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئالىدىغان ئەڭ ئىلغار تېخىنىكىلىك تىببىي ئۈسكۈن بىلەن «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نى باھانە قىلىپ، ئىنساننىڭ كىشلىك ھوقۇق دەخلىسىزلىكىنى دەپسەندە قىلىپ، قانۇنسىز رەۋىشتە مىللىيلەرنىڭ  DNA  قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئۈچۇرلىرىنى يىغىماقتا.

«گوللاندىيىدىكى GDI فوندىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ۋېكتور گېۋېرس ئالدىنقى كۈنى تاسادىپىي ھالدا شېنجېندىكى بىر خىتاي يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنىڭ ساندانى يەنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بايقىغان. مەزكۇر سانداندا، ئۇيغۇر دىياردىكى 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىملىك نومۇرى، ئىسىم- فامىلىسى، جىنسى، ئادرېسى، تۇغۇلغان يىل- ئاي-كۈنى، ئىش ئورنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدىكى چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كامېرا ئارخىپىغا يوللانغان ھەرىكەت ھالىتى ۋە يۈرۈش- تۇرۇشى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى خاتىرىسى بار ئىكەن.  بۇ خەۋەر بۈگۈن ئەتىگەن  يەنى 17-  فېۋرال رويتېرس ئاگېنتلىقى، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى»، «ئەل- جەزىرە » ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق كۆپ ساندىكى دۇنياۋى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى».

مىللىي كەمسىتىش شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، مىللىيلار سىرت- ياقا جايلارغا بارماقچى بولسا، قوللىرىدا  مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورگانلارنىڭ قاتلاممۇ قاتلام تەستىقلىگەن تەستىقنامىسى بولۇشى بەلگىلەندى. ھەر مىللەت كىشلىرى ئىشىتىراك قىلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە پەقەت مىللىيلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلاندى. مىللىيلارغا چەت ئەلگە چىقىش پاسپورتى بېرىش توختىتىلدى ۋە بېرىلگەن  پاسپورتلار يىغىۋېلىندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىشى چەكلەندى. خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مىللىيلار يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلدى.  خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇيغۇرلارغا بېجىڭدىكى مېھمانخانىلار ياتاق بەرمەيدىغان، قىسمەن ئۇيغۇرلار مېھمانخانىدا ياتاق ئالغان تەقدىردىمۇ ج خ ئىدارىلىرى تەرپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. ئايرودروملاردا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلەر خىتايلاردىن ئايرىم  ھالدا مەخسۇس جايلاردا تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. « شىنجاڭ » دىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىش قىلىدىغانلار قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

2019 – يىلى 15- ئاپرىلدىكى «نيۇيورك ۋاقتى گېزى» تور بېتىدە، «خىتايدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى» دېگەن خەۋەرنى بەردى. خەۋەردە «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ مۇشۇ ساھەگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك  بولغان ئاز دېگەندە 5 كىشىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى خىتاينىڭ فۇجيەن، گۇئاڭجۇ، ۋېنجۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەش ئۈچۈن قوللانغان. خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى سەنمېنشىيا شەھىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرى بولسا ئاھالىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئاي ئىچىدە 500 مىڭ ئادەم چىرايىنى سىكانىرلىغان ئىكەن».

29- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت» ناملىق سۆھبەتتە، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇھەررىرلىرىدىن جەيمىس پالمېر ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئۇ خىتايلاشقان بولسۇن بولمىسۇن ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھالدا دۈشمەن قاتارىدا قارىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا، ئۆزى تونۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى مىسال كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئايال ناھايىتى مۇكەممەل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان  بولۇپ، ئۇ خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيتتى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىدە ناھايىتى ياخشى ئورۇندا خىزمەت قىلاتتى. ئېرى خىتاي مىللىتىدىن بولغان بولۇپ، بالىسىمۇ يېرىم خىتاي ئىدى. بىراق ئۇ بىر كۈنى بالىسى بىلەن باشقا بىر خىتاي ئۆلكىسىگە ساياھەتكە بارغىنىدا كىملىكىدە «شىنجاڭ» دەپ يېزىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا مېھمانخانىغا كىرىپ يېرىم سائەت ئىچىدە نەزەربەندكە ۋە سوراققا ئېلىنغان. ئۇلار بىر ھەپتە بويىچە شۇ يەردە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلارنى ساقچىلار ئۆزلىرى ئايروپىلانغا سېلىپ يولغا سېلىۋەتكەن. بۇنىڭغا جەيمىس پالمېر: «مانا بۇ ھازىر خىتاي سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئۆرنىكى» دەيدۇ.

خىتاي دائىرىلىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ساقچىلىرى چەت ئەلدە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى بالىلىرىغا مەجبۇرىي تېلېفون قىلدۇرۇپ، خىتايغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر قىلماقتا ياكى ساقچىلار ئۆزى بىۋاستە ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، قايىتىپ  كېلىشكە ياكى خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قىستىماقتا.

«مەلۇم بولۇشىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى 2017- يىلى خىزمەت ئىشى بىلەن مالايسىياغا كەلگەن ۋە بۇ مەزگىلدە مالايسىيادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيولنى خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغان. بۇرھان ئۇلۇغيول بۇ تەكلىپنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن تۈركىيەگە يۆتكىلىپ كەتكەن. ساقچى باشلىقى ئابدۇۋەلى ئۇنىڭغا ئۈندىداردىن ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ مالايسىياغا خىزمەتكە كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى ھېچكىمگە دېمەسلىكنى تاپىلىغان ۋە ئاشكارىلاپ قويسا ئائىلە- تاۋاباتلىرىنىڭ زىيان- زەخمەتكە ئۇچراپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 2018- يىلى ئۇ تۈركىيەدىكى مەزگىلدە مەزكۇر ساقچى باشلىقى ئۇنىڭ قۇمۇلدىكى دادىسىنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغۇزۇپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان. بۇرھان ئۇلۇغيول بۇ قېتىم ئۇ ساقچىغا تېلېفون قايتۇرۇپ، ئەگەر ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى يەنە ئاۋارە قىلسا، بۇ ئاۋاز ۋە سىن خاتىرىلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. نەتىجىدە، 2018- يىلى 11- ئايغا قەدەر ئۇنىڭ بىۋاستە ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېچكىم لاگېرغا ئېلىپ كېتىلمىگەن. ئۇ پەقەت مەلۇم بىر تونۇشى ئارقىلىق 11- ئاينىڭ 11- كۈنى سىڭلىسىنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكىنى ئۇققان. ئۇ بۇ چاغدىكى قولىدىكى ئاۋاز ۋە سىن خاتىرىسىنى رەتلەپ، مەزكۇر ساقچى باشلىقىغا يوللىغان ھەم دەرھال قويۇپ بەرمىسە، قولىدىكى پاكىتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار ئۇنىڭ سىڭلىسىنى شۇ كۈنىلا قويۇپ بەرگەن. سىڭلىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن بۇرھان ئۇلۇغيول، ئانىسىنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ ساقچى باشلىقى ئابدۇۋەلىگە قايتا تېلېفون قىلىپ، ئانىسىنىمۇ 3 كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلىپنىمۇ دەرھال بېجا كەلتۈرۈلگەن. ئۇ يەنە مەلۇم تونۇشلىرى ئارقىلىق دادىسىنىڭ 11- ئاينىڭ 23- كۈنى لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ساقچى باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، دادىسىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.  ئۆتكەن يىل 12- ئاينىڭ 8‏- كۈنى ئۇنىڭ سىڭلىسى ھاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن مەزكۇر ساقچىغا يەنە تېلېفون قىلغىنىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان».

ئۇلار چەت ئەللەرگە مىللىي جاسۇسلارنى ئەۋەتىپ ياكى چەت ئەلدە  ياشاۋاتقان بىر ئوچۇم مىللىي مۇناپىقلاردىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئائىت ئۇچۇر- ئاخباراتلارنى توپلىماقتا.  چەت ئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق- جەمەت ياكى تونۇش- بىلىشلىرى بىلەن بولغان نورمال ئالاقىلىسى ئۈزۈۋېتىلگەن. خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شەخسلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلىسى ۋە پۇل پېرېۋوتى پۈتۈنلەي كېسىلگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىدە ئاڭلىتىلغان خەۋەرلەر: «رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن نۆۋەتتە تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بۇ دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ داۋاملىق تېلېفون قىلىپ،ئۇلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەتتا بەزى ساقچىلار چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا شەرت قويۇپ، ئەگەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەپ بەرسە، لاگېرلارغا قامالغان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇندىن ئازاد بولىدىغانلىقى؛ ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىسا، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا- ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا تەھدىت سالغان… تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەمەت ئابدۇخالىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ  2016- يىل 10- ئايدا تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەندىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق قىلغان پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان».

يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئاڭلىتىشىدا، ««شىۋېتسىيە رادىئوسى» نىڭ 9 – نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون بېرىش ۋە ئېلخەت يوللاش ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدەك شىۋېتسىيەدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ بېرىشكە بۇيرۇغان…  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان « مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ 12- نويابىر سانىدىكى مەخسۇس ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا قىزىقتۇرماقچى بولغان. شۇلاردىن بىرى بولغان ئەيسا ئىسىملىك بىر ياش بۇنى رەت قىلغاندا، خىتاي ساقچىلىرى «سەنغۇ تۈركىيەدە ئۆزۈڭنى ساق- سالامەت دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن. ئەمما بۇ جايدىكى قېرىنداشلىرىڭ ۋە باشقا تۇغقانلىرىڭنى قانداق قىلىسەن؟» دەپ قورقۇتقان. شۇنداقلا «سەن قەيەرگە كەتسەڭمۇ بىز سېنى تاپالايمىز» دەپ ھەيۋە قىلغان».

2019- يىلى 31- يانۋاردىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدە ئىلان قىلىنغان ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخىبىرى بىلەن خىتاي يۇ مىتال سودىگىرى لۇ نىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدە سودىگەر لۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بىر ئائىلىدە بىر قانچە ئادەم لاگېرلارغا قامالغانلىقتىن بالىلار تالادا قالغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. مېنىڭ ئىچكىرىدىكى دوستلىرىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يېتىم بولۇپ قالغان بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ يۆتكىگەن ئىكەن. ئۇلار بالىلارنىڭمۇ مېڭىسىنى يۇيۇپ ئەجدادلىرىنى تونۇماس قىلىۋەتمەكچى، ئۇلارغا كىچىكىدىن خىتايچە ئۆگىتىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، چوشقا گۆشى يىگۈزۈپ دېگەندەك پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنى پىلانلىغان ئىكەن. ئاتا- ئانىلىرى بولسا لاگېرلاردا ھەر خىل قىيىن- قىستاقلارغا ئۇچرىماقتا. ئۆلگەنلەرنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەت يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ، بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇنىڭغا شاھىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خىتايلار ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداق يوقىتالايدىغىنىنى ئويلىشى كېرەك. بۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس، بۇ مونوپول قىلغۇچى بىلەن مونوپول قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. بۇ ئىنسانلىققا قارشى بىر جىنايەت. بۇنى بىلگەنلەر پاش قىلىش يوللىرىنى ئىزدىشى، ئىچىدە ئاڭلىتالمىسا ماڭا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ، ئەركىن دۆلەتلەردە ئاڭلىتىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن».

ئەنگىلىيەدىكى  يېڭى قەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جوئاننا سىمىس فىنلېينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن 27 يىل جەريانىدا كۆپ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ جايدىكى ئەھۋالنىڭ ھېچقاچان 2018- يىلى ياز ئايلىرىدىكىدەك قاباھەت ۋە ۋەھىمىگە تولغانلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىغان. ئۇنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغان ئىشلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق جايدا، ھەتتا ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالماسلىقى، ھەممىلا جايدا «قۇلاق» بار دەيدىغان قاراشنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىيالىدىن كەچكەن ئىشلارنىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالماس بولۇپ قالغانلىقىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىلا جايدا مەسچىتلەر بوش قالغان، مەسچىتلەرنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان جامائەتنىڭ ئورنىنى بولسا خىتاي بايرىقى ئىگىلىگەن، رېستورانلارنىڭ ھېچقايسىسىدا «ھالال» دېگەن بەلگىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. يەرلىك ئۇيغۇرلاردا ھېچقانداق تەقۋادارلىق ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. مەن بۇ جەرياندا ئىككى ئۇيغۇر بىلەن ئۇچراشتىم. بىرى بىلەن كەچقۇرۇن، يەنە بىرى بىلەن تۈن نىسبىدە كۆرۈشكەن بولساممۇ ئۇلار مەن بىلەن ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدى، گەپمۇ قىلمىدى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن مەن روشەن قورقۇنچ تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىكى بۇ خىل ئورتاق قورقۇنچ تۇيغۇسىنى مەن 2016- يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۈرۈمچىگە بارغاندا ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا چېن چۇەنگونىڭ تىبەتتىن يۆتكىلىپ كەلگىنىگە تېخى بىرنەچچە ئايلا بولغان ئىكەن. مەن ئۇيغۇر تونۇشلىرىمدىن بىرەيلەن بىلەن ئاۋۋال بىر ئاشخانىدا ئۇچراشتۇق. تاماقتىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ھەيران قالغىنىم بۇ خانىم مەيلى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا بولسۇن ياكى ئۆيىدە ماڭا چاي قويۇۋاتقاندا بولسۇن ئىككى گەپنىڭ بىرىدە «دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ھازىر بەك ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ»  دېگەننى تەكرارلاپ قوياتتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ مېنى شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر تاغلىق رايونغا ئوينىغىلى ئېلىپ باردى. ئىككى سائەتچە ماشىنىلىق يول يۈرۈپ، بىر نەچچە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماشىنىسىنى مەيدانغا توختىتىپ قويدى. ئاندىن بىز تاغقا يامىشىشقا باشلىدۇق. تاغنىڭ خېلى ئېگىز بىر يېرىگە بارغاندا ئۇ ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ، «راستىنى دېسەم، سىزگە دەيدىغان شۇنچە جىق گەپلىرىم بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنى ئۆيدە ياكى ماشىنىدا ۋە ياكى ھېچقانداق يەردە دېيىشكە بولمايدۇ. دېسەممۇ بۇنى ھېچكىم ئاڭلاپ قالماسلىقى لازىم دېدى».

«كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون 17‏- يانۋار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىتىلىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لاگېر سىرتىدىكى ئەھۋالى بىلەن لاگېر ئىچىدىكى ئەھۋالىدا چوڭ پەرقنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ لاگېر ئىچى بىلەن  سىرتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەنە شۇ نۇقتىنى تەكىتلەشكە تىرىشتۇق: شىنجاڭدا ياشاۋاتقان لاگېرنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرى ئوخشاشلا كۈندىلىك ھاياتىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا. مەيلى ئۇلار دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىشى، ئىسلامى دىنى ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىشىنىڭ چەكلىنىشى ياكى ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ مەنئى قىلىنىشى جەھەتلەردە بولسۇن، لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋال بىلەن سىرتىدىكى ئەھۋالنىڭ بەك چوڭ پەرقى يوق».

«غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى ئېتىبارىنى ئاشۇرۇشتا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك «زىمىستان» تورىمۇ مۇشۇ رەتنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان تور تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى… ھالبۇكى، يېقىندا خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەۋجۇت لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ۋە باشقا دەپسەندىچىلىكلەرنى ئەينەن پاكىتلار بىلەن ئېچىپ بېرىۋاتقان«زىمىستان»  تورىنىڭ 45 مۇخبىرى، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان» ياكى «چەت ئەلنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى سىڭدۈرۈشكە قاتناشقان» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. . . ئۇلاردىن 40 قا يېقىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتۇلغان… «زىمىستان» تورى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «چەت ئەلنىڭ دۈشمەن تور بېتى» دەپ تەبىر بېرىلگەن. دۆلەت ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇق مەزكۇر تور بەت ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكتىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تورغا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇخبىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۆچ ئالغان».

2019- يىلى «22- مارتتىن 25- مارتقا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولىنىپ ياتقان ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى «مۇقىم ۋە تىنچ» دەپ مەدھىيەلىگەن ۋە رايوندا ئاتالمىش «3  خىل كۈچ» لەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

مۇنداق قورقۇنۇشلۇق ۋەزىيەتتە مىللىيلار ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئەندىشە ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان بولۇپ قالدى.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ ئۆلكىنىڭ ئاسمىنىنى ئاق تېررورلۇق قاپلىدى. بۇ ماكان تامامەن ئىنگلىز يازغۇچىسى جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدا تەسۋىرىلەنگەن ئىستىبداتلىق بىر رايونغا ئايلىنىپ قالدى.

ياشىسۇن ئۇيغۇر خەلقى!

تارىخ ھۆكىمى شۇ ئەزەلدىن، تاڭ يورۇتار زۇلمەتنى،

قۇل قىلالماس زوراۋان كۈچ، ھۆرلۈك سۆيەر مىللەتنى.

ئەسكەرتمە: مەزكۈر ماقالىدىكى « » قوش تىرناق ئىچىدىكى تېكىستنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلىمىگەنلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top