ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » 1946-يىلى ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان

1946-يىلى ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى جىياڭ جېشى بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1946-يىلى 28-دېكابىر، نەنجىڭ

تاران ئۇيغۇر

2005-يىلى 7-ئىيۇن تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تارتقۇزۇپ قويۇپ تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ سىموۋۇللۇق مەنىدە ئېچىپ كەلگەن «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» يەنى «گومىنداخۈي» (国民大会) فونكىسىيەسىدىن توختىتىلدى (停止运作). مىللەتچى خىتاي يەنى گومىنداڭ تەرىپىدىن «دۆلەت ئاتىسى» («ئاتا چىن» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) دەپ ئاتالغان سۈن جوڭشەن ئوتتۇرىغا قويغان «بەش ھوقۇقلۇق ئاساسىي قانۇن» (五权宪法) رامكىسى ئىچىدە «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق مەركىزىي سىياسىي ئورگان بولۇپ ھېسابلىناتتى. «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» خىتاي جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت فونكىسىيەلىرى تەقسىملەنگەن بەش مەھكىمە، يەنى مەمۇرىي مەھكىمە، قانۇن تۈزۈش  مەھكىمىسى، ئەدىلىيە مەھكىمىسى، ئىمتىھان مەھكىمىسى، ۋە تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلاردىنمۇ يۇقىرى ئورۇندىكى بىر قۇرۇلما ئىدى. سۈن جۇڭشەننىڭ «دۆلەت قۇرۇش پىلانى» (建国大纲) دا دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۈچ باسقۇچى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلار ھەربىي ھاكىمىيەت دەۋرى، تەلىم-تەربىيە ھاكىمىيىتى دەۋرى، ۋە ئاساسىي قانۇن ھاكىمىيىتى دەۋرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. 1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، جىياڭ جېشى رەھبەرلىكىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن ھاكىمىيىتى دەۋرىگە ئۆتۈش پىلانلىرىنى تۈزۈشكە باشلىدى. بۇ پىلاندىكى مۇھىم ئىشلاردىن بىرى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش بولۇپ، تۈنجى نۆۋەتلىك «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» دەل مۇشۇ مەقسەتتە 1946-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاينىڭ ئەينى چاغدىكى پايتەختى نەنجىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى.

مەلۇمكى، 1944-يىلى 7-نويابىردا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئىلىدىن باشلاندى ۋە 12-نويابىر كۈنى مۇستەقىل ھاكىمىيەت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بارلىققا كەلدى. غەلبىسېرى ئىلگىرلەۋاتقان مىللىي ئارمىيە ئۈرۈمچى بوسوغىسىغا كېلىپ قالغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق تەلىپى بىلەن ئۇرۇش توخىتىتىشقا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بولسا سۈلھى قىلىشقا مەجبۇرلاندى. نەتىجىدە 1945 -يىلى 2-ئۆكتەبىردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە غەيرىي قوراللىق ۋاستە،يەنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەكلىنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بېرىش، ئەگەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلسا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنى سۆھبەت ۋەكىللىرى قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش» ھەققىدىكى 100-نۇمۇرلۇق قارارىنى ماقۇللىدى. 1945-يىلى 12-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىدىن رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلدى ۋە سەككىز ئايغا سوزۇلغان تېنچلىق سۆھبىتىنى باشلىدى. ئۆزلىرىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى دەپ تونۇشتۇرغان ۋەكىللىرىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىدىن مەخپىي ھالدا ئاللىبۇرۇن خىتايغا بېرىپ بولغان ۋەدىلىرىنى تۇنجى رەت ئۈرۈمچىدە بىلىپ يەتتى. ۋەكىللىرىمىز ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوقلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىدىن يوليورۇق سورىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ، بۇ تەڭ ھوقۇقسىز سۆھبەتنى تەرك ئەتتى. ئەپسۇسكى، ئەڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا جۇمھۇرىيەت ۋەكىللىرىمىز «قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن رايوننىڭ خەلق ۋەكىللىرى» دېگەن نامدا سۆھبەتنى داۋام قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

تېنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى

گەرچە ئاخىرقى تېنچلىق كېلىشىمى بولغان «11 ماددىلىق بىتىم» غا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، بۇ سۆھبەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى ۋەتىنىمىزنىڭ قانۇنىي سىياسىي ئورنى بولۇپ، ۋەكىللىرىمىز «ئالىي مۇختارىيەت» ھوقۇقى مەسىلىسىنى «سۈن جوڭشەننىڭ ۋەسىيىتى»(总理遗嘱) ۋە جىياڭ جېشىنىڭ چېگرا رايون خەلقلىرىنىڭ مۇختارىيات ھوقۇقى ھەققىدە رادىئو نۇتۇقى ئارقىلىق بەرگەن ۋەدىلىرىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى سۆھبەت ۋەكىلى بولغان جاڭ جىجۇڭ سۆھبەتنىڭ بېشىدىلا ئالىي مۇختارىيەت, رايوننىڭ سىياسىي ئورنى ۋە ئۆلكە رەئىسىنى بىۋاستە سايلاش ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ بۇ سۆھبەتتە ھەل قىلىنمايدىغانلىقى، بەلكى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا  يېڭىدىن تۈزۈلىدىغان خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ۋەكىللەرگە ئېيتقان ئىدى. 1946-يىلى 28-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئەزالار مەجلىسى 324-نۇمۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» دە ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 1-ئىيۇل ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي ئورنى خىتاي قانۇنى بويىچە ۋاقتلىق ھالدا ئۆلكە دەرىجىسىدە قېلىۋەردى.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار

بۇ يىغىنغا بىۋاستە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىدىن پەقەت خەمىت سۇلتان ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەسلىمىلىرى نەشىر قىلىنىپ، بىزگە ئۇلاشتى. بۇ ھەقتە يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 2-تومىنىڭ 4-بابىدا مەلۇم ئۇچۇرلار تېپىلىدۇ. ئەمما سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بايانلىرى پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمە بولۇپ، پەقەت ۋە پەقەت خىتاي كومۇنىستلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنىلا بايان قىلىدۇ. خەمىت سۇلتان يازغان ۋە «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 41-قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن «نەنجىڭگە سەپەر» ناملىق ئەسلىمە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن يازغان «ئەسر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق كىتابنىڭ 14،15- بابلىرى، ۋە ماھىنۇر قاسىمى يازغان «ئەخمەتجاننى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسلىمە بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن باشقا خىتاي تەرەپتىن جاڭ جىجۇڭ يازغان «ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن تېنچ ئازاد بولغانغا قەدەر» ناملىق ئەسلىمە، شۇنداقلا تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ قۇرۇلتايغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ بىزنى ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ۋەكىللەرنىڭ تاللىنىشى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبى

خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نوقۇل ھالدا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن تاللانمايتتى. ھەر بىر ئۆلكە ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ ھەر قايسى رايونلىرى ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە كەسپىي ساھە ۋەكىللىرى، ئارمىيە ۋەكىللىرى، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللىرى (خىتاي كومىنىستلىرى بۇ قۇرۇلتاينى بايقۇت قىلىپ ۋەكىل قاتناشتۇرمىغان) ۋە مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىق بىر قانچىلىغان گۇرۇپپىلاردىن ۋەكىللەر تاللىناتتى.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا جاي جايلاردىن ۋەكىل تاللاش ئىشلىرى 1944-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلىنىپ بولغان بولۇپ، ئەسلىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۆلكىسىدىن كېلىدىغان ۋەكىللەرنىمۇ ئۆزلىرىگە مائىل كىشىلەر، ھەتتا ئاساسەن خىتايلاردىن تاللاش مۇقىملىشىپ بولغان ئىدى. مەسىلەن، ئەينى چاغدىكى ئۆلكە رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن 1945-يىلى 27-سېنتەبىر كۈنى جىياڭ جېشىغا يوللىغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تاللىنىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى تېلگىراممىدا شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى رايونلار ۋە كەسپىي ساھەدىن بولۇپ جەمئىي 26 نەپەر «ۋەكىل»نىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسىمۇ ئۇيغۇر ياكى باشقار يەرلىك مىللەتلەردىن ئەمەس! شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلىپ باشلانغان «نويابىر ئىنقىلابى» گومىنداڭنىڭ سوققان چوتىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى ۋە نەتىجىدە ۋەكىللەر تەركىبىگە ئىلى تەرەپتىنمۇ ۋەكىللەر كىرگۈزۈلۈشكە ئىمكانىيەت تۇغۇلدى.

1946-يىلى نويابىردا نەنجىڭغا يېتىپ بېرىپ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر جەمئىي 18 نەپەر بولۇپ، رايون تەركىبى جەھەتتىن يەتتە نەپىرى ئۈچ ۋىلايەتتىن، 11 نەپىرى يەتتە ۋىلايەتتىن تاللانغان ئىدى. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى «ئۈچ ئەپەندىلەر»دىن مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولۇپ، مەسئۇد سابىرى ئەپەندى گومىنداڭ  تەرەپتىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن يەتتە ۋىلايەت تەرەپتىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. گەرچە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ئەپەندى ۋەكىللىككە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇنىڭدا بەلكىم ئىلى تەرەپنىڭ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبى ۋە ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئۈچ ۋىلايەتتىن:
ئەخمەتجان قاسىمى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ئابدۇكېرىم ئابباس (ئابباسوۋ)، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى.
زىيا سەمىدى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى رازۋېتكا بۆلۈم باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، قۇرۇلتايغا كەسپىي ساھەدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
كېرەم ھاجى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى تۇڭگان ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندېرى بولۇپ، دىنىي زات سۈپىتىدە تۇڭگانلاردىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
ئەنۋەر سالىجان، قازاق مىللىتىدىن بولۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كاتىباتلىق مۇدىرى. ئۇ ئەسلىدا تاللانغان ۋەكىل نۇرسەفانىڭ ئورنىغا ئىلى رايونىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
خەمىت سۇلتان، يازغۇچى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كاتىباتلىقىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولۇپ، ئىلى رايونلۇق ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. 
ئابلەھەت مەخسۇم، ئۈرۈمچىلىك سودىگەر بولۇپ، خىتاي تىلىغا پۇختا. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا كەسپىي ساھەدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ۋە يىغىن مەزگىلىدە ئەخمەتجان ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

يەتتە ۋىلايەتتىن:
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ، يەتتە ۋىلايەتتىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. 

ئامىنە بۇغرا، مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئايالى، ئۆلكىلىك خانىم-قىزلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، كەسپىي ساھەدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
مەخسۇت ئاخۇن، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرى. بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى خەمىت سۇلتان ئەسلىمىسىدە مەخسۇت تېيىپ دەپ يازغان.
خادۇۋان(خادىۋاڭ)، قازاق مىللىتىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. مەۋقەسى گومىنداڭ تەرەپكە مايىل.
(ئۆمەر داموللا، دىنىي زات بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە كۆرۈلمەيدۇ.)
ئەرتۇغرۇل سابىرى، مەسئۇت سابىرى بايقوزىنىڭ ئوغلى، ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتىدىن بولۇپ، قۇرۇلتايغا كەسپي ساھەدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
مادەمبېك، قىرغىز مىللىتىدىن بولۇپ، قازاق-قىرغىز ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
جاۋ جەنفىڭ، خىتاي، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى.
ما گويى، ئۆلكىلىك تۇڭگان ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى.
مۇجىڭئا
(شىبە)، ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى.
جاڭ فىڭجيۇ (خىتاي)، ئۆلكىلىك قانۇن تۈزۈش پالاتاسى ۋەكىلى.

*
ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر:

ۋۇ جىڭبىن (موڭغۇل)، چاۋجاپ (موڭغۇل)، رادنا بولد (داغۇر).

*
گومىنداڭ تەرەپتىن ۋەكىللەر:

جاڭ جىجۇڭ (خىتاي) غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسى مۇدىرى ۋە قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسى.
مەسئۇد سابىرى (ئۇيغۇر) گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت تەپتىش ھەيئىتى.
يولۋاسبەگ (ئۇيغۇر) قۇمۇل ۋالىيسى.

ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: ئابلەھەت مەخسۇم، كېرەم ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباس، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ئەخمەتجان قاسىمى، مەسئۇد سابىرى بايقوزى، ئامىنە بۇغرا، خادۇۋان، مۇ جىڭئا؛ كېيىنكى رەت ئوڭدىن سولغا: رادنا بولد، جاۋ جەنفىڭ، ما گويى، زىيا سەمىدى، خەمىت سۇلتان، مادەمبېك، ئەرتۇغرۇل سابىرى،جاڭ فىڭجۇ، ئەنۋەر سالىجان

يۇقىرىقى تىزىملىكتىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەتتىن قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى تاللاشقا قول تىقالمىغان بولسىمۇ، يەتتە ۋىلايەتتىن قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە مىللەت تەركىبىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى جايلاشقان جەنۇبتىكى يەتتە ۋىلايەتتىن قاتناشقان 11 ۋەكىل ئىچىدە پەقەتلا تۆت نەپىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، ئىككى نەپىرى قازاق ۋە قىرغىز، قالغان بەش نەپىرى خىتاي ۋە موڭغۇللاردىندۇر. قازاق-قىرغىزلاردىن تاللانغان ئىككى كىشى ئىچىدە مادەمبېك ھەققىدە كۆپ مەلۇمات يوق. ئەمما خادۇۋان خانىمنىڭ گومىنداڭغا بولغان ساداقىتى ۋە ئىلى تەرەپكە قارشى بىر كىشى ئىكەنلىكى گومىنداڭ ئارخىپلىرى ۋە كومۇنىست خىتايدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردىمۇ ئېنىق بىلىنىدۇ. خىتاي ۋە موڭغۇل ۋەكىللەرنىڭمۇ قۇرۇلتاي جەريانىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە مايىل ياكى ئۇلار بىلەن بىردەك مەيداندا تۇرغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس ۋە بۇ رېئاللىق گومىنداڭنىڭ ئىستىخبارات دوكلاتلىرىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.

قۇرۇلتايدىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەر

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر تەركىبىنى قايتا تەڭشىشىدىن مەقسەت ئۆزلىرىنى خەلقچىل ھۆكۈمەت دەپ پەردازلاش، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلىدىغان بۇ قۇرۇلتايغا ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۆلكىسىدىن ۋەكىللەر قاتناشقانلىقىنى تۇتقا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئىدى. بۇ خىل سۇيقەستلىك مەقسەتنىڭ يەنە بىر مىسالى تەيۋەندىن ئىبارەت. چۈنكى، ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن (لېكىن ھېچكىمگە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن) بىر پەيتتە ئېچىلغان بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا تەيۋەندىنمۇ «ۋەكىللەر» قاتناشقان. 1949-يىلى ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، تەيۋەنگە قېچىپ بارغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى سىياسەتچىلىرىمۇ مۇشۇ ۋەقەنى تۇتقا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەنگە نىسبەتەن «بېسىۋالغۇچى ھاكىمىيەت» ئەمەسلىكىدىن گەپ ساتقان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا قوشۇلۇشىدىن مەقسىتى بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ، ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك خىتاي كومۇنىستلىرى بىلەن ئالاقە باغلاش ئەمەس ئىدى. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسىرىدىكى بۇ قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار، ھەتتا ماھىنۇر قاسىم خانىمنىڭ ئەسلىمىسىدىمۇ ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بۇ سەپەردىن مەقسىتى پەقەت ۋە پەقەت خىتاي كومۇنىستلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش دەپ بۇرمىلىنىپ كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسمى ۋە ئالىي مۇختارىيەت ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمايدۇ. ۋەھالەنكى، گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ھەققىدە يوللىغان دوكلاتلىرىدىن بۇنىڭ تۈپتىن يالغان سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قۇرۇلتايدىن ياكى بۇ قېتىملىق سەپەردىن كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنى ئۇلارنىڭ يىغىن مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:

1-شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئورنىنى بار شارائىت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈش، يەنى ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ھالدا تولۇق قولغا كەلتۈرۈش.

2- خىتاي ئىچى ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن پائال ئالاقە قىلىپ، ۋەتەننىڭ تارىخىي، سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش.

3- خىتاي ئىچىدىكى گومىنداڭ مۇخالىپەتچىلىرى ۋە چەتئەل دىپلوماتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش.

گومىنداڭ ئىستىخبارات دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىش مەقسىتى ھەققىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېيتقانلىقى يېزىلىدۇ:

“ۋۇ جۇڭشىن شىنجاڭنى باشقۇرغان چاغدا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ  غەلبىسىگە توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋۇ جۇڭشىن بىلەن سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولغان ھەر قانداق كىشى شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنىڭ دۈشمىنى. بۈگۈن بىز دۈشمەننىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى يەرلەردە تۇرىۋاتىمىز، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ھالقىلىق مەسىلە ئۈچۈن بۇ يىغىنغا كەلدۇق. شۇڭا ھەربىر ۋەكىلنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە تەشەببۇسى چوقۇم بىردەك بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ سىرت بىلەن بولغان پائالىيەتلەردە بىردەك چارە كۆرۈش لازىم”.

نەنجىڭ شەھىرىگە سەپەر يوللىرى

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ نەنجىڭگە سەپىرى خىتاي ئىچى ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان ناھايىتى سەزگۈر ۋە خەتەرلىك مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ سەپەر جەريانىدا بىر قانچە جايدا توختاپ، ئايروپىلان ۋە پويىز ئارقىلىق بىر قانچە كۈندە ئاخىرى نەنجىڭگە ئۇلاشقان. ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭگە يولغا چىققان يولۇچىلارنىڭ ئۆتەڭلىرى قۇمۇل، جىياڭ يى، لەنجۇ، خەنكوۋ ۋە شاڭخەي بولغان. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن خەمىت سۇلتان ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە ۋەكىللەر ئۆمىكى 1946-يىلى 11-نويابىر كۈنى سەھەر سائەت 10دا ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان بىلەن لەنجۇغا يولغا چىققان. قۇمۇل ۋە جىياڭ يى قاتارلىق جايلاردا بىر كېچىدىن قۇنۇپ، ماي قاچىلىغاندىن كېيىن، 13-نويابىر كۈنى لەنجۇغا يېتىپ بارغان. لەنجۇدا «شەرقىي تۈركىستانلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى»نى زىيارەت قىلىپ، ۋەتەنداشلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان ۋە شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىپ، ئىككى كۈن تۇرۇپ قالغان. 15-نويابىر ئايروپىلان شاڭخەيگە قاراپ ئۇچۇپ، خەنكوۋدا ماي قاچىلىغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەن. شاڭخەي شەھىرى ئەمەلدارلىرىدىن شەھەر باشلىقى ۋۇ تيېچىڭ (吴铁城) قاتارلىقلار ۋەكىللەرنى كۈتۈۋېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر شاڭخەيدىلا قۇرۇلتايغا قاتنىشىشتىكى مەقسەتلىرى بويىچە پائالىيەت باشلىغان ۋە خەلقئارالاشقان بۇ شەھەردىكى خىتاي ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن پائال ئالاقە باغلاپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە جۇمھۇرىيىتى، ۋەتەننىڭ بىتىمدىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا قۇرۇلتايغا قاتنىشىشتىن مەقسىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان. شۇ چاغدا شاڭخەيدە چىقىۋاتقان مەتبۇئاتلاردىن «شاڭخەي تېز خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ ئەخمەت ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەت خاتېرىسى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە خىتاي ئىچىدىكى باشقا گېزىتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىگە بولغان قىزىقىشى ئارتقان. ھەتتا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىن «لوس ئانجېلىس ۋاقت گېزىتى» (Los Angeles Times)نىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ ئەخمەت ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى خىتاي ئىستىخباراتىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە بۇ ھەقتە بىر پارچە مەخسۇس دوكلات تەييارلىنىپ، جىياڭ جېشىغا سۇنۇلغان. ۋەكىللەر تۆت كۈنلۈك شاڭخەي زىيارىتىدىن كېيىن، 19-نويابىر كۈنى پويىز بىلەن نەنجىڭگە يېتىپ كېلىپ ئورۇنلاشقان.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللەر نەنجىڭ ۋوگزالىدا گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى (كېيىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولغان) لى زۇڭرېن (李宗仁) بىلەن

يىغىن جەريانى

قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن يىغىنىغا تىزىملىتىش ئىشلىرى باشلىنىدۇ. ۋەكىللەر ئىسىملىرىنىڭ خىتايچە يېزىلىشىدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئابلەھەت مەخسۇم ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسلارنىڭ ئىسىملىرى بىر قانچە قېتىم تۈزىتىلىپ، ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك شەكىلدە تىزىملىنىدۇ. قۇرۇلتاي ئىمزا دەپترىدىكى كۆزگە تاشلىنىدىغان بىر نۇقتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىمزاسى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىمزاسىنى ئۇيغۇرچە قويىدۇ. دىققەتكە ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، بۇ ئىمزا ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى بىر قانچە پارچە ئىمزالىق سۈرەتتە ئۇچرايدىغان بولۇپ، 1949-يىلى ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان قاسىمى ماۋ زىدۇڭغا يوللىغان تېلگىرامما دېيىلىۋاتقان خەتتىكى «ئىمزا» بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئىمزا دەپتىرىدىكى ئىمزاسى

بىر قانچە قېتىملىق كېچىكتۈرۈشلەردىن كېيىن، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 29-نويابىر كۈنى رەسمىي ئېچىلدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدا جىياڭ جېشى قاتارلىق گومىنداڭ ئەربابلىرى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەيدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قەبرىگاھى ۋە سۈن جۇڭشەن مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتىدۇ. يىغىن رەسمىي كۈنتەرتىپكە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىش ھەر قايسى رايون ۋە ساھەلەردىن كۆرسىتىلگەن باش ۋەكىللەردىن تۈزۈلگەن رەئىسلىك ھەيئىتى (主席團) نى تۈزۈپ چىقىش بولۇپ، بۇ ھەيئەتكە كىرگەن ۋەكىللەردىن بىر قىسىمى يىغىننىڭ مەلۇم بۆلەكلىرىگە رىياسەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى جەمئىي 49 كىشىدىن تەركىب تاپقان بۇ رەئىسلىك ھەيئىتىگە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ كۆپچىلىك ئاۋازى بىلەن ۋەكىل بولۇپ سايلىنىدۇ. قۇرۇلتاينىڭ تۈپ مەقسىتى بولغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئىشى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە، ئومۇمىي تالاش-تارتىش ۋە باھالاش، شۇنداقلا بىر قانچە قېتىملىق ئوقۇلۇپ كۆزدىن كەچۈرۈلۈش قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتۈپ، ماددىمۇ ماددا بېكىتىلەتتى. قۇرۇلتايغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي ئورنىنى بەلگىلەش ۋە نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولغاچقا، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى ئېيتقاندەك «بىزگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان چاغلاردىلا يىغىنغا كەلگەن» ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆز روللىرى بويىچە ئېيتىپ ئۆتۈلگەن مەقسەتلەر ئۈچۈن يېزىقچىلىق ۋە لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي تىلىدىكى ماھىرلىقى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلگەنلىكىدەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن موڭغۇل ۋە تىبەت ۋەكىللىرى بىلەنمۇ قۇيۇق ئالاقىلەردە بولۇپ، ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى جەھەتتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىرلىكتە بېسىم ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ تەكلىپ بولۇپمۇ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللىرىنىڭ مۇسبەت ئىنكاسىغا ئېرىشىدۇ. تىبەت ۋەكىلى بولسا بىتەرەپ پوزىتسىيەدە بولىدۇ.

ئابلەھەت مەخسۇم قۇرۇلتاي مۇنبىرىدە سۆز قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستان ئۆمىكى ئىچىدىكى يەرلىك مىللەت ۋەكىللىرى پەرقلىق چىراي تۇرقى، يۈرۈش تۇرۇشى، سۆز-ھەرىكىتى، ئاكتىپ پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئىنتىزامچانلىقى بىلەن يىغىن ئەھلى شۇنداقلا خىتاي ئىچى ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دېققىتىنى ئۆزلىرىگە تارتقان. قۇرۇلتاي ھەققىدە يېزىلغان يازما ماتېرىياللار ۋە گېزىت خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتە تۈرلۈك مەزمۇنلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. مەسىلەن، قۇرۇلتاي ھەققىدىكى مەخسۇس خاتېرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ مۇنبەردە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ئابلەھەت مەخسۇم تەرىپىدىن خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلگەنلىكى، ئەيسا ئەپەندىنىڭ بولسا «ئازراقلا ۋاقتىڭلارنى ئالىمەن» دەپ گەپ باشلىغانچە 14 مىنۇتچە سۆز قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس خەۋەر فىلىمىدىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ يىغىن زالىدىكى تالاش-تارتىشلىرى ۋە دىققەت بىلەن ماتېرىيال كۆرۈپ خاتېرە قالدۇرىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. جەمئىي 10 سېكونتلۇق بۇ كۆرۈنۈشلەر ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرىمىزنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ناھايىتى چەكلىك سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا، 1946-يىل، نەنجىڭ

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ ئالىي مۇختارىيەت ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى

لايىھەنىڭ تەييارلىنىشى

قۇرۇلتاي مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى كۆز تىككەن ۋە ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئورنى ۋە ئىسمى ھەققىدە تەييارلىغان ۋە سۇنماقچى بولغان تەكلىپ لايىھەسىدۇر. يىغىندىن كېيىن قۇرۇلتاي مەزگىلىدە چۈشكەن تەكلىپ لايىھەلىرى ۋە پىكىرلەر جەمئىي 17 توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 4-،5-توملىرىدىن باشقىلىرىنى تەيۋەن دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىدىن كۆرۈش مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەگەر شۇ توپلاملارنىڭ 4-،5-توملىرىغىمۇ كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۇنۇلغان بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ تولۇق ئەسلى نۇسخىسىنى ھازىرچە ئۇچرىتىش قىيىن. لېكىن شۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا بىۋاستە قاتناشقان ئۈچ شاھىت، يەنى خەمىت سۇلتان، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە جاڭ جىجۇڭلارنىڭ ئەسلىمىلىرى، شۇنداقلا گومىنداڭ ئىستىخباراتى ۋە قۇرۇلتاي باش كاتىبى خۇڭ لەنيوۋ (洪蘭友) قاتارلىقلارنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىدىن بۇ لايىھەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مۇمكىن.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ۋەكىللەر نەنجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، يەنى 23- ۋە 24-نويابىر كۈنلىرى ئېچىلغان ئىككى كۈنلۈك قۇرۇلتاي تەييارلىق ئومۇمىي يىغىنىدا تەييارلانغانلىقى ئېنىق. بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگۈچى مەنبەلەردىن بىرى گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگىنى تەييارلىغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئىستىخباراتى» (国大情报) ناملىق دوكلاتنىڭ 39-سانى بولۇپ، «شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە» دېگەن تېما ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەر سۇنۇلغان.

تەكلىپ لايىھەسىنى تۈزگۈچىلەر ئاساسەن يەرلىك مىللەتتىن بولغان ۋەكىللەر بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباس، زىيا سەمىدى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، خەمىت سۇلتان ۋە ئەرتۇغرۇل سابىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىستىخبارات دوكلاتىدىمۇ لايىھەدىكى بەزى كونكېرت تەكلىپلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت كىشىنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگۈچى  يەنە بىر مەنبە بولسا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەسلىمىسى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ:

“قۇرۇلتايدىن بۇرۇن مەن ئەخمەتجانغا: «جېنىم ئەخمەتجان، ۋەكىل بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قۇرۇلتايغا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنايلى. بۇ لايىھەدە بىر قانچىلىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويايلى. ئاۋۋال بىزگە يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي مۇختارىيەت بېرىلىشى ھەققىدە ئېغىز ئاچايلى. ھەتتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مىللىي بايرىقىمۇ بولسۇن» دېدىم. ئەخمەتجان «بۇنى بارلىق ۋەكىللەرگە ئېيتايلى» دېدى. تۈرك ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسىنى بۇنى قۇبۇل قىلدى. خىتاي ۋە موڭغۇللار قارشى چىقتى. بىز كۆپ سانلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ پىكىرنى ماقۇللىدۇق ۋە لايىھەنى ھازىرلىدۇق. ئەخمەتجان، مەن، ئابدۇكېرىم ئابباس (ئابباسوۋ) ۋە زىيا سەمىدى گۈزەل بىر لايىھە ھازىرلىدۇق. مېنىڭ نەنجىڭدىكى خىتاي دوستلىرىم ياكى كاتىپىمغا تەرجىمە قىلدۇردۇق».

يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللەر ئالىي مۇختارىيەت ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇنماقچى ئىكەنلىكىنى تاكى لايىھە قۇرۇلتايغا سۇنۇلغىچە مەخپىي تۇتقان. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە ئالدىن تەدبىر ئېلىشىدىن ساقلىنىش، شۇنداقلا سوۋېت تەرەپنىڭ دېققىتىگە چېلىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بۇ ھەقتە جاڭ جىجۇڭ ئۆز ئەسلىمىسىدا شۇنداق يازىدۇ:

“ئۇلار (شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى) يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، مەن مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجاندىن: تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىدىڭلارمۇ-،يوق، دەپ سورىدىم. ھەمدە تەكلىپ لايىھە بولغان تەقدىردىمۇ، ئارتۇقچە ئارزۇلاردا بولماسلىق ھەققىدە، مەسىلەن: تېنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە قايتۇرۇۋېلىنغان  شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى، يۈكسەك ئاپتونومىيە مەسىلىسى قاتارلىقلار، دەپ بىشارەت قىلدىم. ئۇ: ھازىر بىزدە تەييارلىغان تەكلىپ لايىھە يوق، نەنجىڭگە بارغاندىن كېيىن، ئەھۋالغا قاراپ بىر نەرسە دەرمىز، دېدى”.

دېمەك، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە روبىرو تۇرۇپ ئۇزۇن ۋاقت تىركىشكەن ۋە ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە مەقسىتىنى ياخشى بىلىدىغان جاڭ جىجۇڭ مۇستەقىللىق ۋە ئالىي مۇختارىيەت مەسىلىسىنىڭ بۇ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا پەملىگەن.

لايىھەنىڭ مەزمۇنى

لايىھەنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە خەمىت سۇلتاننىڭ ئەسلىشىچە، لايىھەنىڭ ئاساسلىق ماددىلىرى «شىنجاڭنى جۇڭخۇا مىنگو تەۋەسىدە <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىپ، يۈكسەك ئاپتونومىيە (ئالىي مۇختارىيەت) بېرىش؛ شىنجاڭنىڭ ئىسمىنى <شەرقىي تۈركىستان>غا ئۆزگەرتىش؛ ھەتتا ئاخىرىدا بايراق تەقدىم قىلىش؛ جىياڭ جېشىغا يۈزمۇيۈز (يۈزتورا) ئەرز قىلىش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى سۇنماقچى بولغان بۇ تەكلىپ لايىھەسى جەمئىي 10 ماددا بولۇپ، كۆپ قېتىملىق سۆھبەتلەردىن كېيىن سەككىز ماددىسى ماقۇل كۆرۈلگەن. چىقىرىۋېتىلگەن ئىككى ماددا بولسا شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىگە مىللىي بايراق تەقدىم قىلىش ۋە جىياڭ جېشىغا يۈزتۇرانە تۇتۇپ ئەرز قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتتىن، مەزكۇر لايىھەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بەش ماددىسىنى ۋە شۇ ماددىلارنى تەكلىپ قىلغۇچى ۋەكىللەرنى بىلىش مۇمكىن:

1. ئۆلكە ئىسىمىنى ئۆزگەرتىش
“شىنجاڭ” خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، “خىتايلار يېڭىدىن ئىشغال قىلغان زىمىن” دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. بۇ خىل ئاتاش يەرلىك مىللەتلەرگە ئىنتايىن چوڭ ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. يەرلىك مىللەتلەر بۇنى ئەسلا قۇبۇل قىلمايدۇ ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش شەرتى ئاستىدا “شىنجاڭ” دېگەن ئىسىمنى “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” گە، “شىنجاڭ مىللەتلىرى” دېگەن ئىسىمنى “شەرقىي تۈركىستان مىللىتى” گە ئۆزگەرتىش مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ھەققانىي تەلىپىمىزدۇر. (ئەيسا ۋە ئابباسوۋنىڭ تەكلىپى)

2. مىللەت ئىسمىنى ئېنىق بېكىتىش، «جۇڭخۇا مىللىتى» ئاتالغۇسىنى رەت قىلىش
“جۇڭخۇا مىللىتى” خىتاي مىللىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا جۇڭخۇا مىنگو خىتايلارنىڭ دۆلىتىدۇر ۋە ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مىنگو قاتارلىق ئىسىملار ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. پەقەت بولمىغاندا ئامال قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مىللىتى مەنىسىنى قوشۇش كېرەك. مەسىلەن، جۇڭخۇا مىنگو ئىسمىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ يېزىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىز قۇبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن. (مەي خۇەنشىن (ئەرتۇغرۇل سابىرى) ۋە خەمىت (خەمىت سۇلتان) تەكلىپى)

3. مىللىي بايراق ئېسىش
ئەگەر دۆلەت بايرىقىنى ئۆزگەرتكىلى بولمىسا، دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان چاغدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىقى بىللە ئېسىلىشى كېرەك. (ئەيسا تەكلىپى). مىللىي بايراق ھەققىدە ئەيسا ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن: «دۆلەت بايرىقى ئەسلىدە بىر دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ سىموۋلى بولۇپ، بۇرۇنقى بەش رەڭلىك بايراقنىڭ ھېچ بولمىسا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىموۋل مەنىسى بار ئىدى. ھازىرقى “كۆك ئاسمان، ئاق كۈن” بايرىقى پەقەتلا خىتاي مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ بايراق تەمسىل قىلغان دۆلەت مېنىڭ دۆلىتىم ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن مەن بۇ بايراققا سالام بېرىشنى خالىمايمەن ۋە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆز دۆلىتىمنى تىكلىشىم كېرەك دەپ قارايمەن”.

4. خىتاي كۆچمەنلەرنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىش
مەركەزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجرائاتلىرى تېخىچە يەرلىك مىللەتلەرگە مۇختارىيەت ھوقۇقلىرىنى تەيىن قىلالمىدى. مەركەز ھازىر خىتايلارنى شىنجاڭدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق سىياسىي ھوقۇقلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. (ئابباسوۋ تەكلىپى)

5. خىتاي ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش
شەرقىي تۈركىستان چېگراسى ئىچىدىكى ھەربىي قوشۇنلار ۋە چېگرا ساقلاش قوشۇنلىرى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى توسىدۇ، زىممىسىدىكى يۈكىنى ئارتقۇزىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قوشۇنلارنى تېزدىن چېكىندۈرۈش ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى تەيىن ئېتىشى كېرەك، شۇندىلا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشىدۇ. (زىيا (زىيا سەمىدى) تەكلىپى)

تەكلىپ لايىھەسىگە نىسبەتەن گومىنداڭ ئەربابلىرىنىڭ قارشىلىقلىرى ۋە لايىھەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى

تەكلىپ لايىھەسىنىڭ تەييارلانغانلىقى ۋە قۇرۇلتايغا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى تېزدىنلا خەۋەر تاپقان. ھەتتا خادۇۋان قاتارلىق ۋەكىللەر بۇ تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكى، ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كۆپ سانلىق ۋەكىللەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، قارشى تۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئارقىلىق گومىنداڭ دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «ساداقەتمەنلىكى»نى بىلدۈرۈشكەن. تەكلىپ لايىھەسىدىن خەۋەر تېپىپ جىددىي تەييارلىققا كىرىشكەن كىشى دەل جاڭ جىجۇڭ بولۇپ، گومىنداڭ رەئىسى جىياڭ جېشىدىن تارتىپ، چېگرا رايون خىزمەتلىرىگە مەسئۇل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى بەڭ چۇڭشى (白崇禧) قاتارلىقلارغىچە، ھەتتا ئۈچ ئەپەندىنىڭ تەسىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھېسىداشلىق قىلىۋاتقان سۈن كې (孙科) ۋە يۈ يوۋرىن (于右任) قاتارلىق كىشىلەرگىمۇ تېلگىرامما يوللاپ، بۇ لايىھەنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يولىنى ماڭغان. ئۇ ئەسلىمىسىدە بۇ زاتلارنىڭ ئىچىدە شاۋلىزى (邵力子)نىڭ تېلگىراممىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن جەمئىي ئۈچ قېتىم سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى يازىدۇ. جاڭ جىجۇڭ يەنە بۇ تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان تەقدىردە مۇقەررەر ھالدا رەت بولۇشىنى پەرەز قىلغان بولۇپ، لايىھەنىڭ سۇنۇلۇشى ۋە رەت بولۇشىنىڭ گومىنداڭ رادىكاللىرى ۋە ئىلى تەرەپ ئۈچۈن توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا دەستەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنى ئاقلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر سەپسەتە بولۇپ، تېنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە ئۆلكە رەئىسىنى بىۋاستە سايلاش ۋە ئۆلكىنىڭ سىياسىي ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇشۇ قۇرۇلتايغا باغلاپ قويۇلۇپ ھەل قىلىنمىغان ئىدى. نەتىجىدە جىياڭ جېشىنىڭ 1945-يىلى ئۆكتەبىردە رادىئو ئارقىلىق سۆزلىگەن چېگرا رايونلارغا مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىمۇ يالغان بولۇپ چىقتى. بۇ ھەقتە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن خەمىت سۇلتاننىڭ ھېسىياتى جاڭ جىجۇڭ بىلەن تامامەن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تامامەن يوللۇق دەپ قارايدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ:

“زامان ۋە ماكان ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، يۇقىرىقى مەسىلە (ئالىي مۇختارىيەت) گەرچە تېنچلىق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېخى قۇرۇلتايدەك قانۇن تۈزۈم سورۇنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قانۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تامامەن زۆرۈر ئىدى. چۈنكى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتىيى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرىقىدەك تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنۇش، ئۇنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش، قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىپ قانۇنلاشتۇرۇش، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىدى. شۇڭا بۇ تەلەپ قانۇنغا ئۇيغۇن ۋە ھەققانىي تەلەپ ئىدى. ئەپسۇسكى، گومىنداڭ دائىرىلىرى ئۇنداق قىلمىدى، ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزىگە قايىل بولمىدى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.”

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئۆز ئەسلىمىسىدە بۇ لايىھە ھەققىدە جىياڭ جېشىنىڭ ئۆزى ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنى ھوزۇرىغا چاقىرغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە لايىھەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:

“«ئىككى قابىلىيەت ئىگىسى!» دېدى جىياڭ جېشى «مۇشۇنداق بىر لايىھە سۇنۇپسىلەر. بىزنىڭ خىتايلار شەكىلنى چۈشەنمەيدۇ. مۇختارىيەت دېگەننى چۈشەنمەيدۇ. روسلار غەربىي تۈركىستاننى پارچىلىۋەتكەن جۇمھۇرىيەتلەرگە مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. روسلار بۇنى چۈشۈنىدۇ. روس ھۆكۈمىتى روس خەلقىگە بۇنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزمۇ، خەلقىمىزمۇ بۇنى چۈشەنمەيدۇ. چۈشەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن. خەلقىمىز بىزنى ئازراق مېنىڭسىگەندىن كېيىن, سىلەر ئېيتقان مەزمۇندىكىگە يېقىن بىر مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرەي ۋە بۇنى ئېلان قىلىشقا كۈچەپ باقاي. سىلەر شەكىلگىلا ئېسىلىۋالماڭلار. مەزمۇنغا ئېتىبار بېرىڭلار. لايىھەڭلارنى قايتۇرۇۋېلىڭلار» دېدى. ئەخمەتجان «بولىدۇ!» دېيىشىگىلا مەن «خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن ئۈمىدى مۇشۇ ۋەكىللەر ۋە مۇشۇ قۇرۇلتايدا. ئەگەر قۇرۇق قول قايتساق، يۇرتتا كۆڭلىمىز ھېچ خالىمايدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېدىم. جىياڭ جېشى ئاچچىقلاندى. مەن ئۈنچىقمىدىم. لايىھە قايتۇرۇپ ئېلىندى. بىزنىڭ ھەققىمىزدە ھېچ بىر قارار ئېلىنمىدى”.

تەكلىپ لايىھەسى قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىنكى نارازىلىقلار

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى ھەر تەرەپنىڭ بېسىمى بىلەن قايتۇرىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى قۇرۇلتاي رەئىسلىك ھەيئىتىنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنىدا بۇ ۋەقەگە ئۆز كۆز قاراشلىرى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆزلىرى قۇرۇلتاي باش كاتىپى خۇڭ لەنيوۋ تەرىپىدىن جىياڭ جېشىغا مەخسۇس تېلگىرامما قىلىپ يوللانغان بولۇپ، قىسقىچە تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

“رەئىسلىك ھەيئىتىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ۋەكىل ئەخمەتجاننىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ يەتكۈزۈش قارار قىلىندى:
شىنجاڭ ۋەكىللىرى نەنجىڭگە كېلىشتىن بۇرۇن، رەئىس جاڭ جىجۇڭ، تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇت ۋە ئۆزۈمنىڭ نامىدىن دىخۇا(ئۈرۈمچى)دا خەلقنى توپلاپ، سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدىم. شىنجاڭ ۋەكىللىرى خەلقنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە ئاساسەن قۇرۇلتايغا بىر پارچە لايىھە تەييارلىغان ۋە رەئىس جىياڭ جېشىنىڭ كۆرۈپ چىقىشى، شۇنداقلا قانۇن تۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ ھەل قىلىشى ئۈچۈن سۇنغان ئىدى. ھازىر بولسا قۇرۇلتاي يېپىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا شىنجاڭغا ئالاقىدار بىر خەتنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەندى ۋە ۋەكىللەرنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە جاۋاب بېرىشى تولىمۇ قىيىنغا توختىماقتا. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لايىھە شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئورنىدىن باشقا يەنە ئەسلى ئىسىم بولغان تۈركىستاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى بۇ ئىسىم ئۈچۈن تالاي قېتىملاپ قان تۆككەن. كەمىنە مەركەزگە ۋە ئۈشبۇ قۇرۇلتايغا ئىشىنىمەن. يۇقىرىقى تەلەپلەرنى قىلغۇچىلار ئەمەلىيەتتە كۆپ قېتىم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ۋە دۆلەتنى ھىمايە قىلىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. مەسىلىنى چوقۇم تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇنمۇ دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇشى لازىم. ھازىرقى ئەھۋال شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ قاندۇرالمايدۇ”.

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى ئۆلكىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى بايانلار بولۇپ، «شىنجاڭ سۆزىنى تۇنجى بولۇپ ئىستىمالغا كىرگۈزگەن» دېيىلىپ، بۇنى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك»نىڭ دەسمىيى قىلىۋالغان خىتاي تەشۋىقاتىغا نىسبەتەن يۇقىرىقى بايانلار كۈچلۈك رەددىيە بولالايدۇ. ئەخمەت ئەپەندى ھەتتا جەنۇب خەلقىنىڭ بۇ ئىسىم ئۈچۈن قان تۆككەنلىكىنى ئېيتىش ئارقىلىق، 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتىدۇ. دېمەك، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ياكى تۈركىستان ئاتالغۇلىرىغا قارشى چىققان ئەمەس. بەلكى، گومىنداڭنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق، قانۇنلۇق ۋە رەسمىي سورۇنىدا ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. 1948-يىلى قۇرۇلغان «شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ نامىدا «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىلىشى، خۇددى ئاسىم باقىنىڭ «خۇنرىزلىك» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلگەندەك «سوۋېت كونسۇلىنىڭ قەتئىي تەلىپى ۋە تەھدىتى» بىلەن مەيدانغا كەلگەن ھادىسىدۇر. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك ئاتالغۇسى ھەققىدە بەرگەن چۈشەنچىلىرىمۇ، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى ئاتالغۇغا قارشى كىشى ئەمەسلىكى، بەلكى بۇ ئاتالغۇلارنى تولۇق چۈشەنگەن ۋە ۋاقتى كەلگەندە قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت تەكلىپ لايىھەسى قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنغان نارازىلىق خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

تەكلىپ لايىھەسى قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن ۋەكىللەرنىڭ بۇ قۇرۇلتايدىن رايى يانغان ۋە كېيىنكى يىغىنلارنى بايقۇت قىلىپ، قۇرۇلتايدىن تەدرىجىي چېكىنگەن. بۇ ھەقتە گومىنداڭ  ئىستىخبارات دوكلاتىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن قىلغان تۆۋەندىكى سۆزلىرىگىمۇ يەر بېرىلگەن:

“مەركەز يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىزچىل تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ساقلاپ كەلدى. بىزنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىق ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەمدى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ غالىبىيىتى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ كۆرەشلىرىگە باغلىق بولۇپ قالدى. ھازىر پەقەت تېزدىن شىنجاڭغا قايتىپ، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى كۈچلەندۈرگەندىلا ئىستىقبالىمىزدا ئۈمىد بار». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« قۇرۇلتاي بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى رەت قىلغان ئىكەن، بىزنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا داۋاملىق قاتنىشىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. بۇندىن كېيىن تۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇن بىزنىڭ مۇنازىرە ۋە تەستىقىمىزدىن ئۆتمىگەن ئىكەن، بىزمۇ ئۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايمىز. ھازىر مەن باشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ يىغىندىن تەدرىجىي چېكىنشكە تەييار بولدۇق (ئاز سانلىق بىر قىسىم دۆلەتكە سادىق ۋەكىللەر چېكىنىش تەكلىپىگە قارشى تۇرغان) ۋە تېزدىن شىنجاڭغا قايتىپ، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرىمىز”. 

يۇقىرىقى قۇرلاردىن بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى گومىنداڭ تۈزۈمى ئىچىدە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاخىرقى تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئۈچ يىلغا سوزۇلغان ھەمكارلاشماسلىق، تىركىشىش ۋە ئالتېرناتىپ يول ئىزدەش باسقۇچىنىڭ باشلىنىشى دەپ بىلىشكە بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ 1947-يىلىنىڭ باشلىرى  ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋەتەن مىقياسىدا تۇرپان ۋە پىچاندا پارتىلىغاندەك قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋجى ئالدى. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. سۇڭ شىلىيەنگە ئوخشاش گومىنداڭ رادىكاللىرى پۇرسەت تېپىپ خەلققە ئاشكارە قوراللىق تەھدىت سالىدىغان بولىۋالدى ۋە ئاق تېرورلۇق قاپلىغان بىر سىياسىي مۇھىت ئازاد بولمىغان يەتتە ۋىلايەت ۋە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ھۆكۈم سۈردى. 1947-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 25-فېۋرال ۋەقەسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدىن ئىبارەت.

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى جىياڭ جېشى قاتارلىقلار بىلەن، 1946-يىل نويابىر، نەنجىڭ

گومىنداڭ ئەربابلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلار

ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر گومىنداڭ رەئىسى جىياڭ جېشى بىلەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە پائال پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولغانلىقى مەلۇم. جىياڭ جېشىنىڭ ئوغلى جىياڭ جىڭگو قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، بولۇپمۇ قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرغان. ئۇنىڭ روسچە بىلگەنلىكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەربىيە كۆرگەن ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ يوۋرىن ئەپەندى ۋە چېگرا رايون خىزمەتلىرىگە مەسئۇل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى بولغان خىتاي مۇسۇلمان گېنىرال بەي چۇڭشى (مۇسۇلمانچە ئىسمى ئۆمەر) ئەپەندىمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىگە زىياپەت بەرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ بۇ يىغىنغا بىر قىسىم سولچىل گومىنداڭ ئەربابلىرىنىڭ ئسىىملىرى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە تىزىملىكنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىدىن بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەر بىلەن تونۇشلۇقى بار يوقلۇقى ۋە سۆھبەت ئۈچۈن بىرگە بېرىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى سورىغانلىقىنى يازىدۇ. دېمەك، قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى يەرلىك مىللەت ۋەكىللىرى ئۇچراشقان كىشىلەر گومىنداڭنىڭ ئىچىدىكى سولچىل مۇخالىپلار ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھېسىداشلىق قىلىدىغان سۈن كې قاتارلىق گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بولۇپ، ھەرگىزمۇ خىتاي كومۇنىستلىرى ئەمەس! گومىنداڭ ئىستىخباراتى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنى شۇنچە يېقىندىن كۈزىتىپ، ھەربىر كۈنلۈك ئىش ھەرىكىتى ۋە ئۇچراشقان كىشىلىرىگىچە دوكلات ھازىرلاپ ماڭغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كومۇنىست خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي ھەققىدە يەر ئالىدىغان خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن جۇ ئېنلەي ۋە دۇڭ بىۋۇ قاتارلىقلار بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباس ۋە ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىلەرنىڭ ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە گومىنداڭ ئىستىخبارات ئارخىپلىرىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق!

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى جىياڭ جېشى بىلەن زىياپەتتە. 1946-يىل نەنجىڭ

يىغىن مەزگىلىدە خىتاي ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن ئالاقىلەر

ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباس ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىلەر تىل جەھەتتىكى ئاتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلتاي جەريانىدا خىتاي مەركىزىدە كۆپ تارقىتىلىدىغان «داگۇڭباۋ»(大公报) ، «نەنجىڭ كۈندىلىك گېزىتى» (南京日报)، «نەنجىڭ شىنمىن گېزىتى» (新民日报) قاتارلىق مەتبۇئاتلارغا كۆپلەپ مەلۇماتلارنى يەتكۈزگەن ۋە سۆھبەتلەردە بولغان. بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋەتەننىڭ تارىخىي ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پارتىلىشى، تېنچلىق سۆھبىتى، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە راۋاجى، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ ئادىتى، شۇنداقلا ئۆلكىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان. بۇ مەتبۇئات خەۋەرلىرى ئىچىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى «نەنجىڭ شىنمىن گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتىنىڭ خاتېرىسى بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىدۇ:

“(شەرقىي) تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتلىق ھۆكۈمەت ئىدى. تېنچلىق سۆھبىتىدىن كېيىن، ئۇ تارقىتىلىپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قوشۇۋېتىلدى. لېكىن (شەرقىي) تۈركىستان بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ“. 

بۇندىن باشقا يەنە ماھىنۇر قاسىمى يازغان «ئەخمەتجاننى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسلىمىنىڭ قۇرۇلتاي ھەققىدىكى بابىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ «نەنجىڭ كۈندىلىك گېزىتى» گە بەرگەن تۆۋەندىكى سۆھبەت خاتىرىسىمۇ يەر ئالغان:

3-سوئال: بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭدا 14 مىللەت بار دېسە، بەزىلەر تۆت مىللەت بار دېيىشىدۇ. بۇلاردىن قايسىسى توغرا؟ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بارلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئورنى قانداق؟
ئەخمەتجان قاسىمى: شىنجاڭدا ئاساسلىق تۆت مىللەت، يەنى تۈرك، خىتاي، موڭغۇل ۋە گۈيخۇا (ئاق ئورۇس) قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇرۇن سىتاتېستىكا قىلىنمىغان بولغاچقا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىش ناھايىتى قىيىن. مەن قارىغۇلارچە پەرەز قىلسام بولمايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ھەققىدە بەزىلەر ئۈچ-تۆت مىليون دېسە، بەزىلەر ئون مىليون دەيدۇ. شەخسەن مەن بەش-ئالتە مىليون دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىنىڭ نوپۇسى پۈتۈن ئۆلكە نوپۇسىنىڭ %85 نى تەشكىل قىلىدۇ.

4-سوئال: بەزى كىشىلەر شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئورنى مۇختارىيەتتىن يۇقىرى، مۇستەقىللىقتىن تۆۋەن دەرىجىدە بولىدۇ دېيىشىدۇ. كونكېرىت قىلىپ ئېيتقاندا بۇ قانداق بەلگىلىنىدۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى: مىللىي مۇختارىيەتنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىدىن باشقا بارلىق ئىشلارنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرى بەلگىلەش كېرەك. 
5-سوئال: تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنىسى نېمە؟
ئەخمەتجان قاسىمى: بىز ئۇيغۇرلار تۈرك مىللىتىنىڭ بىر تۈرى. شەرقىي تۈركىستان بولسا جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇ”. 

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن لوس-ئانجېلىس ۋاقت گېزىتى مۇخبىرى ۋولدو درېيك (Waldo Drake) ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنى شاڭخەيدە زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ زىيارەت خاتېرىسى گېزىتكە بېسىلغان ۋە گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. گومىنداڭ ئىستىخباراتىنىڭ بۇ ھەقتە بىر پارچە دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، سۆھبەت خاتېرىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە قىلىنغان:

“…شىنجاڭ ۋەكىللىرى مەزكۇر ئۆلكىنىڭ تولۇق مۇختارىيەتىنى تەلەپ قىلىپ، خەلقچىللىق (دېموكراتىيە) توغرىسىدىكى توپ ئوقىنى قۇرۇلتايغا قارىتىپ ئاتتى. مەزكۇر تەلەپ ئەخمەتجان تەرىپىدىن قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئېھتىمال. بۇ كىشى مۇسۇلمان مىللىتىدىن بولغان ياش رەھبەر بولۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدى. ئەخمەتجان مەزكۇر گېزىت مۇخبىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشقىنىدا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تولۇق خەلقچىللىق (دېموكراتىيە) ۋە باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلالىسا، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپ ساندا قوشۇن تۇرغۇزۇش سىياسىتى مەزكۇر ئۆلكىنىڭ مەركەزگە قارشى كەيپىياتىنى قايتىدىن ئۇلغايتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ يەنە ئەگەر مەركەز بۇ خىل كەيپىياتنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دېسە، چوقۇم خەلققە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ۋە خەلققە بولغان ھەربىي باستۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەخمەتجان يەنە گېنىرال جاڭ جىجۇڭ ئەگەر مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تېنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالىسا، تۆۋەندىكى بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ تەكرار ئېيتتى: مىللىي باراۋەرلىك، يەرلىك سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرەپتىن قەغەز پۇل تارقىتىشنى توختىتىش، يەرلىكلەرنىڭ سودا ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭدا تېخى بولمىغان تاشيوللارنى ياساش، سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىچىدىكى نالايىق ئۇنسۇرلارنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىقلار. بۇلار شىنجاڭ خەلقىنىڭ تەڭ باراۋەر ھوقۇقلىرى بولۇپ، بۇرۇن كۆپ تەرەپلىمىلىك توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئىدى”.

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ لوۋ ئانجېلىس ۋاقت گېزىتىگە بېسىلغان زىيارەت خاتېرىسى ھەققىدە گومىنداڭ ئىستىخباراتىنىڭ تەييارلىغان دوكلاتى

يىغىن مەزگىلىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلەر

ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان مەنبەلەردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ، جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ نەنجىڭدىكى سوۋېت باش ئەلچىسى ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك زىياپەت ۋە كىنو كۆرۈشكە قاتناشقانلىقى گومىنداڭ ئارخىپلىرىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئەلچىسى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلىنمەكتە. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە رەئىس ئېلىخان تۆرە قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ياردەم ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى، ھەتتا مىللىي ئارمىيەدىكى ھەربىي ئۇنۋانلارنى تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن ئوخشاش ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىزگە تونۇش. شۇ ۋەجىدىن،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر سېپىدە يەر ئالغان  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۆزىدىن باشقا بىردىنبىر مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى بولغان ۋە سوۋېتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىلىشكە ھەممىمىز قىزىقىمىز، ئەلۋەتتە.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئەلچىسى ھۇلۇسى فۇئات تۇغاي بىلەن ئۇچرىشىش

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى بىلەن تۈرك باش ئەلچىسىنىڭ ئۇچرىشىشى 1946-يىلى دېكابىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە تۈركىيەنىڭ نەنجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدا بولغان. ئەخمەت ئەپەندى سۆزىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سالغان ۋە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىدىن باشلىغان. ئۇنىڭ سۆزلىرى تۈركىيە باش ئەلچىسىگە ياقمىدى بولغاي، سۆھبەت تۆۋەندىكىدىچە داۋام قىلغان:

باش ئەلچى: مەن سىزنى روسپەرەس بىر كىشى دەپ ئاڭلىدىم ۋە بۇنىڭغا ئېچىنىمەن. ئىلىدا پارتىلىغان قوزغىلاڭغا قاتنىشىپسىز، توغرىمۇ؟ نۇرغۇن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپسىز، شۇنداقمۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى: ئاساسەن دېگۈدەك توغرا.
باش ئەلچى: بۇ قوزغىلاڭغا روسلار ئادەم كۈچى ۋە قورال-ياراق ياردەم قىلىۋېتىپتۇ، بۇلار توغرىمۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى  بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.
باش ئەلچى: سىز بۈگۈن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى:  توغرا.
باش ئەلچى: مەن روسنىمۇ، خىتاينىمۇ بىلىمەن. بۇنداق ئىش روسىيەدە يۈز بەرمەيدۇ. بىر ئادەم روسلارغا قارشى قوزغالسا ۋە نۇرغۇن روسنى ئۆلتۈرسە، شۇ قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە غەربىي تۈركىستاندا بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىنچى قول رەھبەرلىكىگە روسلار سىزنى تەيىنلەرمۇ؟ بۇنداق ئىش روسىيەدە يۈز بەرمەيدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى:  بىز سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارنى قىلدۇق. سىلەر، يەنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى يۇنانلار (گىرىكلار) دىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن روسلاردىن ياردەم ئالدىڭلار. بىزمۇ شۇنىڭ دەل ئەينىنى قىلىۋاتىمىز.
باش ئەلچى: شۇنداق، بىز روسلاردىن ياردەم ئالدۇق. ئەمما بىز روسلارنى تۈركىيەگە كىرگۈزمىدۇق. روسلارنىڭ تەسىرىنى تۈركىيەدىن ئۇزاقلاشتۇردۇق. بۇنى سىلەر قىلالمايسىلەر، كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ.

نەنجىڭدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەلچىخانىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى

يۇقىرىقى سۆھبەتتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش تەس ئەمەس. ھېسىداشلىق قىلىش ياكى قوللاش ئورنىغا قىلىنغان بۇ ئاچچىق تەنىلەرنىڭ ئەينى چاغدا بەلكىم مەلۇم دەرىجىدا تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتكەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھېسىياتىغا قانچىلىك زور زەربە بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز، ئەلۋەتتە. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىمۇ ئەسلىمىسىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇ سۆھبەتتىن ناھايىتى خاپا ھالدا قايتقانلىقى ۋە يول بويى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ماڭغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. دېمەك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارشى سەپتە تۇرۇۋاتقان تۈركىيەدىن ماددىي ۋە مەنىۋىي قوللاشلارنى تەما قىلىش قۇرۇق خام خىيال ئىدى، خالاس. بىرىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە كابۇلدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن يوللانغان «كۆك بايراقتىن قىزىل بايراققا سالام بولسۇن» تېمىسىدىكى تېلىگرامما، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە نەنجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن يوللانمىغانلىقى كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەينى چاغدا تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيەسى تۈركىيە تارىخىنىڭ يۈز قارىسى بولغان «بورالتان كۆۋرۈكى ۋەقەسى»دە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، 200 نەپەر ئەزەربەيجانلىق زىيالىي ئۆلۈم خەۋپى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان شارائىت ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ، چېگرادىن ئۆتۈش بىلەنلا قەتلى قىلىنغان ئىدى.

بۇ جايدا يەنە ئەينى چاغدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ مىجەز خۇلقىدىنمۇ سۆز ئېچىش ئورۇنسىز ئەمەس. چۈنكى، مەيلى سىياسىي مەيدانى قانداق بولسۇن، دىپلوماتىيەدىكى سىلىق سىپايىلىك يۇقىرىقى سۆھبەتتە ئورنىنى يوقاتقان. باش ئەلچى ھۇلۇسى فۇئاد تۇغاي ئەپەندىنىڭ تېرىككەكلىكى ۋە مەلۇم دەرىجىدىكى قوپاللىقى ئەينى چاغدا نەنجىڭدا تۇرغان باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ھەتتا، ئۇ مىسىرغا باش ئەلچى بولغان مەزگىلدە جامال ئالدۇل ناسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» (persona non grata) ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نۇقتىنىمۇ يۇقىرىقى سۆھبەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن مەلۇم دەرىجىدە باغلاش مۇمكىن.

قۇرۇلتايدىن قايتىش سەپىرى

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى مەزكۇر قۇرۇلتايدىن سەمەرىلىك ھالدا قايتمىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى، ئۆلكە ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى، مىللەت نامىنى توغرا بېكىتىش ۋە مىللىي بايراقنى ساقلاپ قېلىشقا ئوخشاش تۈرلۈك تەلەپلەرنىڭ بىرىمۇ بۇ قۇرۇلتايدا ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلتايدىن قايتىش ئالدىدىكى ھېسىياتىنى ئەنۋەر سالىجان ئەپەندى يىغىن خاتېرە دەپتىرىگە يېزىپ قالدۇرغان «مەڭگۈلۈك خاتېرە» ناملىق تۆۋەندىكى پارچە تولۇق ئىپادە قىلسا كېرەك:

مەڭگۈلۈك خاتېرە
بىز تۈركىستان ۋەكىللىرى بۇ قېتىم دۆلەت ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن زور ئۇتۇق، يېقىن دوستلۇق كۈتۈپ، چەككەن ئازابلىرىمىزنى ئۈستىمىزدىن چۈشۈرۈشنى ئىستىگەن بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي شارائىتى بىزنى مەجبۇرىي گاچا قىلدى.
ئەمما ھەقىقەت سۇنمايدۇ، ئىگىلىدۇ.
ئەنۋەر(سالىجان)

قۇرۇلتاي خاتېرە دەپتىرىگە ئەنۋەر سالىجان ئەپەندى يېزىپ قالدۇرغان «مەڭگۈلۈك خاتېرە» ناملىق پارچە

قۇرۇلتاي ئاخىرلىشىش ئالدىدا جىياڭ جېشىنىڭ ئوغلى جىياڭ جىڭگو شەخسىي ئايروپىلانى بىلەن ئۆزى ئۇچقۇچى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنى تىيەنجىن، چىڭداۋ ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرغان ئىكەن. بۇ سەپەردىن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى ۋەكىللەرنىڭ بېيجىڭدا گېنىرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشىدۇر. خەمىت سۇلتان بۇ زىيارەت ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:

گېنىرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بېيجىڭ ۋېيگۇڭسۈندىكى قەبرىسى

“1947-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق بىر قانچىمىز، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان «ۋېيگۇڭسۈن» (مۇسۇلمانلار مەھەللىسى) گە باردۇق. بۇ يەردە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بار ئىكەن، شۇ قەبرىستانلىققا بېرىپ، ئەينى يىللاردا مۇساپىرلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى يەتكۈچە بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى بېيجىڭدا ئىستىقامەتتە تۇرۇپ قېلىپ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەن مەرھۇم مەھمۇت سىجاڭ (مەھمۇت مۇھىتى) نىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدۇق. مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئايەت ئوقۇپ دۇئا قىلدۇق. ئاندىن ئەخمەتجان قاسىمى يېنىدىكى گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن «كونتاكس» ماركىلىق ئاپتوماتىك فوتوسۈرەت ئاپپاراتىنى ئېلىپ، مەرھۇم مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قەبرىسىنى رەسىمگە تارتتى. جۈملىدىن خاتېرە ئۈچۈن ھەممىمىز قەبرە بېشىدا رەسىمگە چۈشتۇق”. 

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قان تۆككەن ئىنقىلابچىلارنى ئۇنۇتماي ئەسلەپ تۇرۇشى ۋە قەبرىلىرىنى ياقا يۇرتلاردا بولسىمۇ غېرىپ قويماي زىيارەت قىلىشى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.

خاتىمە

شۇنىڭ بىلەن 1946-يىلى خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ئۈچۈن نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنىڭ يالغانلىقى ۋە گومىنداڭ رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى مانا بۇ يىغىندا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. بۇنداق قۇرۇلتايلارنىڭ شەكلى ۋە ماھىيىتىنى تونۇغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى 1948-يىلى ئاتالمىش ئاساسىي قانۇن ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنى تونۇمىدى ۋە ۋەكىل ئەۋەتىشنى رەت قىلدى. گومىنداڭ دائىرىلىرى بولسا ۋەكىللەر سانىنى كۆپ ساندا خىتايلار ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە مۆتىدىل پوزىتسىيەدىكى يەرلىك مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن تولدۇرۇپ، بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاندىن يەنە ئۆمەك ئېلىپ كەلدى.

2020-يىل 8-فېۋرال


قۇرۇلتايغا ئائىت سۈرەتلىك ماتېرىياللار:

 شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان سەھنىگە چىقىشى بىلەنلا گۈلدىراس ئالقىشلار ياڭرىدى. ئۇ سۆز قىلغاندا ۋاقتقا تولىمۇ رىئايە قىلاتتى. ئۇيغۇرچە سۆزلىرى ئاز ۋە ساز بولدى. ئۇ سەھنىدىن چۈشۈشى بىلەنلە يەنە بىر قېتىم چاۋاك ياڭرىدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ تەرجىمانى سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەردى. بۇ قۇرۇلتاي ئېچىلغاندىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر كۆرۈنۈش ئىدى.

ئەيسا سۆز قىلغاندا ئۆزىگە ئازراق ۋاقت بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، زالدىكى ھەممە ماقۇل بولدى. نەتىجىدە ئۇ 14 مىنۇتقا يېقىن سۆز قىلىپ، يىغىن باشلانغاندىن بېرىقى ئەڭ ئۇزۇن نۇتۇق سۈپىتىدە رېكورت ياراتتى.

ۋەكىل جاڭ فىڭجۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ شىنجاڭ ۋەكىلى ئابلەھەت مەخسۇمغا سۆز بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىر ۋەكىل بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەيرانلىقتا :« نېمىدېگەن ئۇزۇن ئىسىم بۇ،-ھە؟ جەمئىي توققۇز خەتلىك ئىسىمكەن» دەۋەتتى. ئابلەھەت مەخسۇمنىڭ پىكرىمۇ قىسقا ۋە ئۇرغۇلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن جىسمىدىن بۇ سۆزلەرنىڭ بىر ياش يىگىتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتىكى تەلقىنى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:« شىنجاڭ بىزنىڭ ئىستىھكامىمىزدۇر، تۆۋەندە ئولتۇرغان بارلىق ۋەكىللەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئاقىلانە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ سۆزلىرى زالدىكى ھەممىنىڭ ئورتاق چاۋىكى ۋە تەستىقىغا ئېرىشتى.

قۇرۇلتايغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى يىغىن زالى سىرتىدا

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى سۈن جۇڭشەن (ئاتاچىن) مەقبەرىسى زىيارىتىدە

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى شاڭخەيدە 

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى نەنجىڭ شىشىياشەن تېغىدا جىياڭ جىڭگو ئورۇنلاشتۇرغان دالا زىياپىتىدە

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى قۇرۇلتايغا تىزىملاتماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى قۇرۇلتاي يىغىن مۇنبىرىدە

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى گومىنداڭ باش كاتىبى ۋۇ تىيېچىڭ ۋە باشقا چېگرا رايون ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە.

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى جىياڭ جېشى بىلەن كەچلىك زىياپەتتە

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباس گومىنداڭ ئەربابلىرىدىن سۈن جۇڭشەننىڭ ئوغلى سۈن كې بىلەن.

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباس نەنجىڭدە

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى نەنجىڭدىكى بىر يەسلىنى زىيارەت قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى نەنجىڭدىكى بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى زىيارەت قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى نەنجىڭ زىيارىتىدە

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى قۇرۇلتاي رەئىسلىك ھەيئىتى ئەزالىرى تىزىملىكىدە

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى ئامىنە بۇغرا خانىم

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش