ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى چەتئەل تىللىرىدىكى شېئىرلار توپلىمى

ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى چەتئەل تىللىرىدىكى شېئىرلار توپلىمى

ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى چەتئەل تىللىرىدىكى شېئىرلار توپلىمىنى مەرھۇم ئىنىم دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بىلەن بىرگە چىقارغان ئىدۇق.

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

بىز ئۇيغۇرلار ئۆز خەلقىمىزنى ئەتراپلىق چۈشەنسەكمۇ، ئۆز خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى ۋە يېقىنقى شانلىق تۆھپىلىرىدىن نەقەدەر پەخىرلەنسەكمۇ شۇنىڭدەك خەلقىمىزنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ، مائارىپ ، تىل -ئەدەبىيات ۋە باشقا بارلىق ساھەلەردە دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە كېتىۋاتقان ھەم قەدىمى ھەم زامانىۋى خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ياخشى بىلسەكمۇ، بىراق بىز ھەققىدە تونۇشلۇقى كەمچىل خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇلارنى بىلىشى ناتايىن، ۋاھالەنكى، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقى دۇنياۋى قىزىقىش قوزغىماقتا شۇنىڭدەك خەلقىمىزنىڭ يۇقىرىدا تەكىتلەنگەندەك دۇنيادىكى ھېچقانداق ئىلغار خەلقلەردىن ئارقىدا ئەمەس بىر خەلق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىشلەر ئاشماقتا ھەم چۈشىنىشلەر پەيدا بولماقتا. مانا بۇ ھەم بىزگە بولغان ھېسداشلىقنىڭ يەنە بىر مەنبەسىدۇر!
يېقىنقى يىللاردىن ئەنە شۇنداق قىزىقىشلارنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە بىر قىسىم ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەر بىر قىسىم ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىز تىلىدا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشقا باشلىدى، يەنە بەزىلەر بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە مەخسۇس دىسسېرتاتسىيەلەرنى ۋە ماقالىلارنى يازدى. ھەتتا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئەدىبلەرنىڭ بىر قىسىم پروزا ئەسەرلىرىمۇ دۇنيادىكى بەزى چوڭ تىللارغا، مەسىلەن، ئىنگلىز، ياپون، تۈرك ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش قەدىمىنى كەمىنە 1993-1996-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى دوكتۇرلۇق ئۈچۈن ئوقۇش جەريانىدا باشلىغانىدىم. بىر قىسىم رۇس شەرقشۇناسلىرىنىڭ قىزىقىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ۋە پوئېزىيە ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلارنىڭ ئانتولوگىيەسىنى رۇس تىلىدا تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ، ئارقىدىن ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردا چىقىرىشنى پىلانلىغانىدىم. شۇ پىلان بويىچە ئالدى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ژانىرىدىن نادىر ئۈلگىلەرنى توپلاپ، بىر توپلامنى رۇس تىلىدا چىقىرىشنى قارار قىلدىم. 1995-يىلى، ئۈرۈمچىگە يازلىق تەتىلگە بارغىنىمدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر جۇرنال تەھرىراتىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن بىر قىسىم ئاتاقلىق پېشقەدەم ۋە ياش شائىرلارنى توپلاپ، يىغىن ئېچىپ، بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى توپلىمىنى نەشىر قىلىش خەۋىرى تېزدىن شائىر ۋە يازغۇچىلار ئارىسىغا تارالدى. مەزكۇر مۇزاكىرىگە ھەتتا شائىرلاردىن باشقا يەنە پېشقەدەم ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئىبراھىم مۇتىئىي، شەرىپىدىن ئۆمەر ۋە باشقىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. بۇ خەۋەر تېزدىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قەيۇم تۇردىنىڭمۇ قۇلىقىغا يېتىپ، قەيۇم تۇردى مەن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئالدى بىلەن پروزا توپلىمىنى چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلدى، مەن ئالدى بىلەن شېئىرىيەتتىن باشلايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئالدى بىلە رۇسچە ، ئارقىدىن باشقا چوڭ غەرب تىللىرىدىكى توپلىمىنى چىقىرىش پىلانىمغا دەرھال تونۇلغان شائىر- يازغۇچىلاردىن مەرھۇم ئارسلان، قۇربان بارات ، ئوسمانجان، مۇھەممەد باغراش ۋە باشقا ئىسمىنى ھازىرچە بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن ئاتىمايدىغان ھايات شائىرلار ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەچىلىرىمۇ قىزىقتى. ھەتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى تۆمۈر داۋامەتمۇ ئاڭلاپ زور قىزىقىش ھېس قىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم خاتىرجەم چىقىرىشىمنى ئېيتىپ ئىلھاملاندۇردى شۇنىڭدەك 1996-يىلى، ئۆزىنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەسىنى تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.
مەن ئەسلىدە قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن باشلاپ،100 ئۇيغۇر ئەدىبنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ ياخشى كۆرگەن ، سەرخىل شېئىرلىرىدىن تاللانمىلارنىڭ تەخمىنەن 500 بەت ئەتراپىدا بىر رۇسچە توپلىمىنى چىقىرىشنى ئويلاشقانىدىم. لېكىن، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان غايەت زور رۇسچە ئانتولوگىيەنى گۈزەل رۇس شېئىرىي تىلى بىلەن رەسمىي شېئىر ھالىتىدە تەرجىمە قىلىش ئەمگىكىگە بىر قانچە نەپەر رۇس شائىرى، ھەم بىۋاسىتە ئۇيغۇرچىدىن رۇسچىغا سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىدىغان ئادەم كېرەك ئىدى. كىتابنى تەھرىرلەش، نەشىر قىلىش ئىشلىرى بولۇپ بارلىق خىزمەتلەرگە خېلى كۆپ مەبلەغ كېتەتتى، لېكىن ھەممە كىشى بۇ توپلامغا قىزىقسىمۇ ھېچكىمنىڭ مەبلىغى يوق ئىدى. تۆمۈر داۋامەتمۇ قوللىغان بىلەن مەنىۋى قوللىشىنى بىلدۈرۈپ، مەبلەغ ئاجرىتىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا بەزى شائىرلار بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ۋاپات بولغان شائىرلارنىڭ، يەنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ، ل. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمە چىقىملىرىنىمۇ بولسىمۇ چىقىرىشقا كېلىشتۇق، بىراق ئاخىرىدا بۇ ئىشتىنمۇ يالتىيىش، كەيپىياتى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش باشلاندى ۋە ئاخىرىدا بىر قانچەيلەننىڭ قەتئىي قوللىشىدىن باشقا ئادەم قالماي كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن چەكلەندى. مەن، قانداق توسقۇنلۇق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ توپلىمىنى چوقۇم نەشىر قىلىش قارارىغا كېلىپ، ۋاپات بولغان شائىرلارنى، شۇنىڭدەك بۇ ئىشنى قوللىغان بىر قىسىم شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلارنى ئالدى بىلەن چىقىرىشنى قارار قىلدىم. ئاخىرى 1930-1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىنىڭ شائىرلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەنۋەر ناسىر، قاسىمجان قەمبىرى، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، نىمشېھىت ئەرمىيە داموللا، ئىبراھىم تۇردى، ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئەلىيوف، ئىبراھىم نورۇز قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئابدۇشۇككۇر مۇھەممەد ئىمىن، ئىمىن تۇرسۇن، ئابدۇكېرىم خوجا، رەخىم قاسىم ۋە باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئەڭ نادىرلىرىنى تاللىدىم. بۇ توپلامغا ئەنە شۇ داڭلىق ئىنقىلابى شائىرلارنىڭ مەشھۇر شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى كىردى. 1996-2000-يىللىرى ئارىسىدا تاللانغان شېئىرلارنىڭ رۇسچە سۆزمۇ-سۆز تەرجىمىسىنى ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ بولدۇم. بۇ ۋاقىتتا ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە پروفېسسور ۋە ئاكادېمىك ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم ئەزىز نارىنبايېفنىڭ ئاسپىرانتى بولۇپ ئوقۇشقا كىرگەنىدى.

مەن 1998-يىلى بۇ توپلامنى يورۇققا چىقىرىشنى ئىنىمغا تاپشۇرۇپ، ئامېرىكىغا كەلدىم، ئاخىرقى ئىشلارنى ئىنىم ئۆزى بېجىردى. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا ئاسىياغا ياخشى تونۇلغان، قازاقىستان ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ساۋۇتجان مەمەتقۇلوفقا مەزكۇر توپلامنىڭ رۇسچە سۆزمۇ-سۆز نۇسخىسىنى بېرىپ، بىرەر رۇس شائىرى ئارقىلىق شېئىرىي تەرجىمىگە ئايلاندۇرۇشنى، يەنى شېئىرلارنىڭ رۇس تىلىدا كامالەتكە يەتكەن ھالدا بولۇشىغا ياردەم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدىم. مىللەتپەرۋەر ئوغلان ، مەرھۇم ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف بىر رۇس ئايال شائىرنى تېپىپ شېئىرلارنى بىرمۇ قايتىدىن شېئىرلاشتۇرغۇزدى، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى تەييار بولغاندىن كېيىن، مەرھۇم ئىنىم بۇ توپلامغا، مەرھۇم ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرايېف تەرجىمە قىلىپ ئايرىم ئېلان قىلغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن زەلىلى، نۆۋبىتى، بىلال نازىمنىڭ بىر قىسىم رۇسچە شېئىرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر بىر شائىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى يېزىپ كىتابنى تەييارلىدى. مەن كىتابقا كىرىش سۆز يازدىم ۋە ئاخىرىغا «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقات پروگراممىلىرى» ماۋزۇلۇق رۇس تىلىدىكى مەخسۇس تەتقىقات پروگراممامنى قوشۇپ، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» دېگەن ماۋزۇدا 2001-يىلى، «قىرغىزىستان» دۆلەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇق. بىز ئاكا-ئۇكا ئىككىمىز كىتابنى تۈزگۈچىلەر بولدۇق ۋە كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىش، نەشىر قىلىش ۋە باشقا چىقىملىرىنى ئۆزىمىز زېممىمىزگە ئالدۇق، مەن ئامېرىكىدا جاپالىق جىسمانىي ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىمنى ئەۋەتىپ بەردىم. شېئىرلارنىڭ كۆپىنى مەن سۆزمۇ-سۆز رۇسچىغا تەرجىمە قىلغانىدىم ۋە رۇس شائىرى بۇلارنى شېئىرىيلەشتۈرگەنىدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى تولىمۇ گۈزەل، رۇس شائىرلىرىدىن پۇشكىن، يېسېنىن ۋە باشقىلاردىن قېلىشمايدىغان گۈزەل شېئىرىي تەپەككۇرلەرنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەرگە يېتىپ كەلدى.
شۇنداق قىلىپ، 2001-يىلى، 26 ئۇيغۇر شائىرىنىڭ تۇنجى رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمى دۇنياغا كەلدى. كېيىن خەۋەر تاپسام، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە خىتايدا تېخىچە ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرەر خىتاي تىلىدىكى كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنمىغانىكەن. مېنىڭ رۇس تىلىدا تۇنجى توپلامنى چىقىرىدىغانلىقىم خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بىر مەزگىل تۇتۇش قىلىش ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇنجى قېتىم بىر قىسىم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئايرىم كوللېكتىپ توپلام بولۇپ چىقىپتۇ. مەلۇم بىر دوستۇم ماڭا «سەن رۇس تىلىدا، يەنى، چەتئەل تىلىدا ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ توپلىمىنى چىقىرىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بىز ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلىدا چىقىرىشىمىز كېرەك دەيدىغان پىكىر تۇغۇلدى ۋە ئاخىرىدا ھۆكۈمەت ئۆزى شۇ توپلامنى چىقاردى» دېگەنىدى،
1970-1980-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي دۈشمەنلىك دەۋرىدە موسكۋا بىر قىسىم قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلارنى رۇسچىدا چىقارغان، بىراق ھېچقاچان شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ توپلىمىنى چىقارمىغانىدى.
قولۇمدىكى «ئۇيغۇر پوئېزىيەسى» ناملىق كۆك تاشلىق قاتتىق مۇقاۋىلىق رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمى ھازىرغىچە دۇنيا يۈزىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنىڭ تاللانمىلىرىنىڭ مەخسۇس بىر توپلام ھالىتىدە رۇس تىلىغا ئوخشاش ياۋروپا تىللىرىدا چىقىشىدۇر. مانا بۇ خىزمەتنى بىز ئاكا-ئۇكا ئىككىمىز بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى ئورۇندىغان ئىدۇق، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بىرىنچى بولۇپ، 2003-يىلى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن مەرھۇم ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئالاھىدە تۆھپە قوشقانىدى.
ئىنىم قىلغان بۇ خىزمەت ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى، مەدەنىيەت كىملىكىنى ۋە ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىدىكى دەسلەپكى تۆھپىلەردىن سانىلىدۇ. دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋىجدانلىق، ئۆز مىللىتىگە سادىق، ئۆز خەلقىگە سادىق پەلسەپەشۇناس ئىدى. ئۇ رۇس تىلىدا «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان بولسىمۇ، ئىشسىز دوكتورغا ئايلانغانىدى. 2013-يىلى، 40 يېشىدا ئىنىم قاتمۇ-قات بېسىمدىن بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى مەن ئۈچۈن ئەبەدىي سىر ئىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش