ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » CECC دوكىلاتى: ئۇيغۇر ئىلىدە خىتاينىڭ ”ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت“ ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىغا قارىتا كۈچلۈك قاراشلار بار

CECC دوكىلاتى: ئۇيغۇر ئىلىدە خىتاينىڭ ”ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت“ ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىغا قارىتا كۈچلۈك قاراشلار بار

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى مۇخبىرى ۋېي جى
پارلامېنت تېغى – ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە مەمۇرىي دائىرىلەر خىتاي كومىتېتى (CECC) چارشەنبە كۈنى (1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى) 2019 – يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ كومىتېتنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىنكى نەتىجىسىنى بايان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارىتا كۈچلۈك قاراشلار بار». بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى، ماسساچۇسېتس شىتاتىدىن كەلگەن دىموكراتلار پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماگوۋىن (Jim McGovern) خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بۇ يىل يامانلىشىپ كەتتى، قانۇن ئىدارە قىلىش داۋاملىق چېكىنىپ كەتتى دېدى.

بۇ كومىتېت، 323 بەتلىك يىللىق دوكلاتتا، 2019 – يىللىق خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. بۇ دوكلات، سۆز ئەركىنلىكى، ئەدلىيە جىنايى ئىشلار، ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى، ھوقۇق، ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى، دىنىي ئەركىنلىك، ئاممىۋى تازىلىق، تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە

دوكلاتتا چوڭ ھەجىمدىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىم، جۈملىدىن قاماپ قويۇش لاگېرى، بېسىپ كىرىش خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئائىلىلەرنى مەجبۇرىي بۇزۇش قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەندى.

دوكلاتتا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىغا قاتتىق جازا بېرىلىدۇ، جۈملىدىن قاتتىق ئۇرۇش، توك سوقتۇرۇش، سۇ جازاسى، داۋالاش ئېھتىياجىغا سەل قاراش، مەجبۇرى ئىنىق بولمىغان دورىلارنى يىگۈزۈش، مەجبۇرىي ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلىش، ئۆرە تۇرغۇزۇش ۋە ئۇزۇن ۋاقىت كويزا سېلىش ياكى كىشەن تاقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى سىياسىتىگە قارىتىلغان يەرشارى خارەكتىرلىك تەنقىدى پىكىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نەزەربەند قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارادىكى تەنقىد ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيسى ۋە بارغانسېرى كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك قاماپ تۇرۇش لاگېرىنى روشەنكى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشتۇر دەپ قارىغان.

ماگوۋىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى مۇنداق دېدى: «ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى پەقەت ئۇيغۇر ئىلىدىن ئىبارەت، بىزنىڭ دوكلاتىمىزدا مۇنداق دېيىلدى: مۇھىم ئالىم ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىر كۈچلۈك قاراش بىلەن تەمىنلىدى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ رامكىسى بۇ كەڭ كۆلەملىك قاماقخانىغا ماس كېلىدۇ.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن سابىق كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، يېڭى جېرسىي شىتاتىدىن كەلگەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس . سىمىس (Smith) دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە قىلغان ھەرىكىتى «ئېرقىي قىرغىنچىلىقتۇر».

ئۇ: «بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» دېدى. بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكىتى بولۇپ، بىز 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ھىچ كۆرۈپ باقمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ بۇنداق قەبىھ قىلمىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا بارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تېخىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا بۇ خىل ئۇيغۇر ئىلى مۇسۇلمانلىرىنى تۈپتىن قىرغىن قىلىش ھەركىتىنى ئەيىبلەشكە ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

خوڭكوڭ ئاپتونومىيە ئەندىشىسى

خوڭكوڭ تەرەپ كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تەكشۈرۈش تەرتىپى بولمىغان ئەھۋالدا، شەخسنى خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» رامكىسى ئاستىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئەركىن چېكىنىش ھېسابلىنىدۇ. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا بولغان تەسىرى ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە بولغان مايىللىقى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونومىيە دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇردى.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بۇ يۈزلىنىش خوڭكوڭلىقلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ سىياسىتىنىڭ كەلگۈسىگە ھەم تەسىرى بار، خوڭكوڭنىڭ سىياسىتى خوڭكوڭنىڭ دائىملىق ئاپتونومىيەسىنى ئاساس قىلغان».

مىنگوۋىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مۇنداق دېدى : ترامپ مەمۇرىي دائىرىلىرى خىتاينى ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداشقا دەۋەت قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

نەق مەيداندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار مەمۇرىي دائىرىلەرنى «دۇنيا ماگنىتسكى قانۇن لايىھەسى» گە ئاساسەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىشقا مۇراجىئەت قىلىپلا قالماي، يەنە «2019 – يىللىق تىبەت سىياسىتى ۋە قوللاش قانۇن لايىھەسى» ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ قانداقلا بولـمىسۇن ماقۇللىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىكەن.

مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە بېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش