سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 18- ۋە 19- كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستانبۇل باغچەلىئەۋلەردىكى ئىشخانىسىدا 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىلل كۈرەش  يوللىرى بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.

كۇرسقا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە تۈركىيە ئىستىقلال مارىشى بىلەن باشلاندى.

كۇرسقا تەشرىپ قىلغان پىروفېسسور دوكتور ۋارىس چاقان ئەپەندى ئېچىلىشتا سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يالغان تارىخ ئويدۇرغانلىقى، مىللىتىمىزنىڭ ناھايىتى قىيىن ۋاقىتلاردىمۇ دۆلەت قۇرغانلىقى، تارىختىكى تەجرىبە ساقلارنى يەكۈنلەپ، ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز ئۈچۈن رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرشىمىز كېرەكلىكى، تارىخىمىزنى ھەقىقي چىن مەنىسى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن كىتابلارنى تېپىپ ئوقۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى توغرا ئۆگىنىشىمىزنىڭ ھازىرقى دەۋا مەسىلىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى، ئىتتىپاق بولۇشنىڭ مۇھىملىقى، كۆپ باشلىق بولۇشنىڭ، بىر-بىرىمىز بىلەن تىركىشىپ، دۈشمەنگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز كېرەكلىكى، چەتئەلدىكى كىشىلىرىمىز ئىچىدە پىنتە ئېغۋا تارقىتىدىغان كىشىلەرنىڭ خەلقنى يامان يولغا باشلاپ كېتىشىدىن توسۇپ قېلىشىمىز، ئۇنداق بولمىغۇر ئىشلارنى نەدە كۆرسەك شۇ يەردە رەددىيە بېرىشىمىز كېرەكلىكى، دىنىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ، ئۆز مىللىتىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

كۇرسنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت قىسمىدا، تۇنجى بولۇپ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى مەخمۇت ئىلھام ئەپەندى: “خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى” ھەققىدە سىكايپى ئارقىلىق دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدە نېمىلەر قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ياپونىيەدە 2008-يىلى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، مۇشۇ ئون يىلدىن ئارتۇق جەرياندا ئۇلارنىڭ تەشكىلاتقا قاتناشقان ياپونىيەلىك دوستلار ئۇلارغا كۆپ ياردەمدە بولغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرنى تونۇيدىغان ياپونلارنىڭ سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى، ياپونلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ياپۇنىيەدىكى يېقىنقى ئەھۋاللاردىن سۆز ئېچىپ، يېقىندا ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى ئەپەندى ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم پارلامېنتتىكى مەمۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن سۆھبەتلەر ئورۇنلاشتۇرۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇرنى تونۇتۇش ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي جەھەتتە ئانچە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكى، ھازىرغىچە شىنزو ئابى ئەپەندى ھەر قېتىم خىتاينىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، لېكىن ھازىرچە ياپونىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدەك كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرالمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەتلەردىكى كۈچى يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ياپونىيە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ئېلىش ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىملىكى ئېلىش، پاسپورتنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتسىمۇ چېگرىدىن چىقىرىۋەتمەسلىك دېگەندەك يوللار ئارقىلىق ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، ياپونىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشمىسا بولمايدىغان ئەھۋالدا بولغاچقا، بۇندىن كېيىنمۇ ياپونىيەنىڭ خىتايغا قاتتىق قانۇنلارنى چىقىرالىشى ناتايىنلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالدى.

كۇرسنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت قىسمىدا، ئىككىنجى بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى: “غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى” تېمىسىدا  سىكايپى ئارقىلىق دوكلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكى، خەقتىن ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەسلىك، دۇنيا پايدا-مەنپەئەت ۋە رىقابەت دۇنياسى ئىكەنلىكى، خىتاي بەزىدە ئامېرىكا بىلەن، بەزىدە ياۋروپا بىلەن ئاداش بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاچان دوست قاچان دۈشمەن بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئالدىن بىلەلمەيدىغانلىقى، ھازىرغىچە خىتايغا نىسبەتەن ئەڭ كەسكىن تۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئىكەنلىكى، ئامېرىكا خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزگەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ سۇسلىشىپ قالمايدىغانلىقى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەمكارلىشىش، بەزىدە سودىدا بىر-بىرىنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئىكەنكىكى، خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىنمۇ، دىننىي ئەركىنلىك كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تاراتقۇلاردا مەزمۇن ھەمبەھىرلىنىش ئارقىلىق ئۆز مەيدانلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ پەقەت بىزگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغىمۇ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ نە قەدەر قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىز ھېس قىلغان بولساقمۇ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستەيىدىل مۇئامىلە قىلىشىغا ئېرىشىشنىڭ تەسكە توختىغانلىقى، بۇ جەرياندا ناھايىتى قىيىن يوللارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى، ئامېرىكىدا تۇنجى بولۇپ باسقان قەدىمىنىڭ پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوڭۇشسىزلىق بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، بىز مەسىلىمىزنى كۈچلۈك بىر ھالەتتە ئىپادىلىيەلىسەك خەقمۇ بىزگە ياردەم قىلمايدىغانلىقى، ئاجىز ۋە بىچارە تۇرساق خەق بىزگە پەقەت ھېسداشلىق قىلىپ، باشقا بىر ئىش قىلمايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى خاتىرجەملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى، چۈنكى خىتاي بىر يول بىر بەلباغ تۈرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۇنجى بولۇپ توسقۇنلۇق قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا بىزگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق پۇل خەجلىمەي، مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئامېرىكىنى ئۆزىگە يېقىن كۆرۈپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا يەنە، تىجارەت ۋە سودىدىمۇ خەلقئارالىق قائىدە تۈزۈملەر بولىدىغانلىقى، تىجارەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورۇندىكى خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە ئېلىشتا تەڭپۇڭلۇققا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنلىكى، غەربتىكى شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يۈز-ئايرويىغا بەك دىققەت قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشىشكە قوشۇلغانلىقى، بۇ جەھەتتە ياشلارنىڭ كۈچىشىگە، مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان تەشكىلاتلارغا تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئانلارنى كۆيدۈرۈش، مەسچىتلەرنى چېقىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تومۇرىنى تۇتقانلىقى، بۇ قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئاۋاز چىقىرالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار بىزنىڭ پۇلىمىزغا ئېھتىياجلىقكەن دەپ ئويلاپ، ئوچۇق-ئاشكارا قىلغىنىنى قىلىشقا باشلىغانلىقى، غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ ھىيلىگەرلىكىنى تونۇپ يېتىشى بىز ئۈچۈن ياخشى ئىش بولىدىغانلىقى، بىزنىڭ لوگىيچىلىقتا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىرچانلىقىمىز بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەكلىكى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

كۇرسنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۆرەش يوللىرى قىسمىدا، سىپروس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى: “كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي كۈرەش يوللىرى” تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ياۋروپانىڭ ئەڭ ياش دۆلىتى كوسوۋانىڭ قىسقىچە تارىخى ھەققىدە سۆزلەپ، ئۇ يەردىكى ئاساسلىق خەلقنىڭ ئالبانلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قوللىنىۋاتقان تىلى ئەسلىدە كونا تۈرك تىلى ئىكەنلىكى، كوسوۋانىڭ يەر مەيدانى، نوپۇسى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى يۇگۇسلاۋىيەنىڭ يەتتە رايوندىن تەركىب تاپقانلىقى،كوسوۋانىڭ بۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكى، دۇنيادا ھازىرغىچە كوسوۋانى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىنى تەشكىلى قىلىدىغانلىقى، ئەينى چاغدا ئالبانلار مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلغاندا: “يۇگۇسلاۋىيە دۆلىتى بىز سىلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىڭلارنى چەكلىگەن، شۇڭا مۇستەقىل بولمايسىلەر” دېگەندىن كېيىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىققانلىقى، يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن يەتتە دۆلەت ۋە رايون ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، 1963-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگىنىدەك “كوسوۋانىڭ پەقەت ئاپتونۇم ھوقۇقى بولىدۇ، يۇگۇسلاۋىيەدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ” دەپ قارىغانلىقى، شۇڭا ھازىرغىچە كوسوۋانى ئېتىراپ قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ ئىكەنلىكى، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە كوسوۋا بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ،  ھازىر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئارخىپ ئامبىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلارنى تىزىملىتىشنىڭ بەك مۇھىملىقى، چۈنكى كېيىن شى نى ئەيىبلەيدىغانغا پاكىت بولالايدىغانلىقى، بىزنىڭ دەۋايىمىز بىلەن كوسوۋالىقلارنىڭ مۇستەقىللىقى ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدىغانلىقى، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ناھايىتى كۈچلۈك، شۇنچە كۆپ نوپۇسقا ئىگە تۇرۇقلۇق، بىزنى ھازىرغىچە ئاسمىلياتسىيە قىلالمىغانلىقى دىققەت تارتىدىغانلىقى، كوسۋالىقلارنىڭ بىز تارتقان دەرت ئەلەمنى تارتىپ باقمىغانلىقى، بىزنىڭ ئاتا ۋەتىمىز ئىزچىل شەرقىي تۈركىستان بولۇپ كەلگەنلىكى، كوساۋالىقلاردەك بىز ئالبانىيەلىك دېمىگەنلىكىمىز، بىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىمىزدىن قارىغاندا، ھەر قايسى جەھەتلەردىن كەينىدىرەك قالغان دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقىمىز، كوسوۋا بولسا ئىتالىيە قاتارلىق مەدەنىيەت، ئىدىيە، تەرەققىيات جەھەتتە ناھايىتى ئالدىدىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقى، بىزنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىمىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىز، سەنئىتىمىز ئەۋزەللىلكلىرىمىز ھېسابلىنىدىغانلىقى، بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ مەقستىگە يەتكىلى بولمايدىغانلىقى،يەنى جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

كۇرسنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۆرەش يوللىرى قىسمىدا، ئىككىنجى بولۇپ ئاكادېمىيە ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي كۈرەش يوللىرى» ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئۇ دوكلاتىدا، يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىنىڭ چوڭ تۈردە ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقىن ى، بۇلارنىڭ ئەڭ باشتىن مىلادىيدىن كېيىنكى 70 – يىلغىچە ۋە مىلادىيدىن كېيىنكى 70 – يىللاردىن 1940 – يىلغىچە بولغان دەۋىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.  يەھۇدىيلار پەقەت بىرلا ئىلاھقا چوقۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر قېتىم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر چىققان. يەھۇدىيلارنىڭ شۇنچە زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرشىغا قارىماي ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشىدىكى ئامىللارنى قىسقىچە مۇنداق چۈشەندۈردى:

1. ئېزىلىش: يەھۇدىيلار 1940 – يىلىغىچە ھەر ۋاقىت ئېزىلگەن ۋە چەتكە قېقىلغان. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىتقادى ۋە مەدەنىيىتىدە چىڭ تۇرغان. بۇ ئېزىلىش نەتىجىسىدە يەھۇدىيلاردا ئۆزىنى قوغداش ئىرادىسى شەكىللەنگەن.

2. دىن: تەۋرات بەش كىتاپتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھى بۇ كىتاپنى مۇساغا چۈشۈرگەن ۋە بۇنى مۇسا 5 تىلغا تەرجىمە قىلغان. تەۋراتنىڭ تىلى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىش ئىنتايىن قىيىن. يەھۇدىيلار ئىنتايىن بالدۇرلا مائارىپقا يۈزلەنگەن بولۇپ، مىلادىيە 67 – يىلىدىن باشلاپ مىللىتىنى ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگۈنۈشكە تەشۋىق قىلغان. ئۇلاردا ئائىلىدە دادا دىننى ئۆگۈنۈپ ئائىلىسىگە ئۆگىتىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

3. يەھۇدىيلاردا پۈتۈن خەلق زىيالى بولۇش، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى دىندار بولۇش، دىنغا بوي سۇنۇش كىرەك، بولمىسا ئاللاھ بىزنى زېمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ دەيدىغان ئىدىيە بار.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يۇقارقى نۇقتىلارنى قىسقىچە سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئۆز مەدىنىيىتىنى سۆيىدىغان، تىلىنى دىنىنى قوغداپ قالغان ئەقىللىق، كۈچلۈك يەھۇدىيلارنىڭلا ساق قۇرتۇلۇپ قالغانلىقى، قالغانلارنىڭ ئاسىمىلىيە بولۇپ كەتكەنلىكىنى، يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىشىدىن قەتئىنەزەر بىر يەرگە توپلىشىپ، جامائەت ھالىتىدە ياشايدىغانلىقى ۋە يەھۇدىيلار جەمئىيىتى قۇرۇپ ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، ئىپتىخارىنى ۋە غۇرۇرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئاخىرىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ھازىرقىدەك ساقلىنىپ قېلىشىدا ئوسمانلىلارنىڭ ئىنتايىن چوڭ رولى بارلىقىنى، 1500- يىلدىن تا ئوسمانلى دۆلىتى يىقىلغىچە يەھۇدىيلار ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى ئىچىدە تارىخىدىكى ئەڭ خاتىرجەم ۋاقىتلىرىنى ياشىغانلىقىنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدىكى ئاللاھ ياراتقان ئەڭ سەرخىل بەندىلىرى دەپ ئويلايدىغانلىقى، شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن تۇرىۋاتقان دۆلىتىدە ئەڭ يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا سىئونىزىم – يەھۇدىي مىللىيەتچىلىكى – ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كىيىن دوكلاتىنى تاماملىدى.

ئابدۇلھەمىد ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدىن كىيىن، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ھەققىدە ئۆز – ئارا مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

كۇرسنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۆرەش يوللىرى قىسمىدا، ئۈچىنجى بولۇپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسىنت دوكتور راھىلە قەشقىرى خانىم «ھىندىلارنىڭ مىللىي كۈرىشى» ھەققىدە دوكلات بەردى. دوكلاتىنى شۇ ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ سۆزلىدى.

بىرىنجى، ھىندىستان نىمىشقا مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلدى؟ ھىندىستان 1524 – يىلدىن باشلاپ بابۇر ئىمپىرىيىسىنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا تۇرغان بولۇپ، 1613 – يىلى ئىنگىلىزلەر جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە بايلىقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بۇ تۇپراقلارغا  قەدەم بېسىشقا باشلىغان. تەخىت تالىشىش، ئىنگىلىزلەرنىڭ بۇ يەرلەرگە ئەسكەر ئەكىرىشى ۋە پۈتۈن دۆلەتكە يېيىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت تۇغدۇرغان. 1764- يىلى ئۇرۇشتا تۈركلەر يىڭىلگەن. 100 يىل، كۆرۈنۈشتە بابۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنگىلىزلارنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا تۇرغان. 1800 – يىللىرى رەسمىي ھالدا ئىنگىلىز تۇپرىقى دەپ ئىلان قىلىنغان. ئىنگىلىزلەر، ھىنت تۇپراقلىرىنى پارچىلاپ ھەر رايونغا بىردىن قونچاق بەگ تەيىنلەپ خەلىقنى شۇ ئارقىلىق باشىۇرغان. ئىنگىلىزلەر كان بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەرلىك خەلق ئارىسىدا نامراتلىق، ئاچارچىلىق يۈز تۇتقان. راھىلە خانىم ھىندىلارنىڭ ئىنگىلىزلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىش شەكلى ۋە بېسىۋېلىنغاندىن كىيىنكى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى يۇقارقىدەك قىسقىچە چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، 1857 – يىلى بېسىمغا چىدىمىغان خەلقنىڭ ئىنگىلىز بىر پولكوۋنىك ئائىلىسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئىسيانغا باشلىغانلىقى ۋە  شۇنىڭدىن باشلاپ ھىندىلارنىڭ ئىنگىلىزلەر تەرىپىدىن ئېغىر قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەتتا، 10 يىلدا 10 مىليون ھىندىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلارنى سۆزلىدى.

ئىككىنچى نۇقتا بولسا، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي، روھانىي ۋە ئىدىئولوگىيە داھىيسى، مۇتەپەككۇر بىر ئىنسان بولغان گەندىنى ۋە بۇنىڭ  گەندىزىم ئىدىيىسىنى تونۇشتۇردى.

راھىلە خانىمنىڭ دوكلاتىدا گەندىنىڭ، ھەقىقەتنى تەڭرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويىدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىم كۈرەش – ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى، قورققانلىقىنى ۋە ئىشەنچىسىزلىكىنى يېڭىش دەپ قارايدىغانلىقى، پاسسىپ كۈرەش پەلسەپىسى ۋە شەھۋەتكە بېرىلمەسلىك، ئاددىي – ساددىلىق ۋە ئىتقاد ئۇنىڭ ھايات پەلسەپەسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۈچۈنجى نۇقتىدا بولسا، گەندىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئوينىغان رولىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ يامانلىققا قارشى ئاكتىپ ئەمما شىددەتتىن ئۇزاق بولغان تىركىشىش پەلسەپىسىنى ياراتقانلىقىنى ۋە بۇ پەلسەپەنىڭ ھىندىستاننى مۇستەقىللىككە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ يەر يۈزىدە ۋەتەنداشلىق ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك قوغدىغۇچىلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقى، جەنۇبىي ئاڧرىقىدا ھىنت خەلقىنى،  پۇقرارلىق ھەققىنى قانۇنلۇق يول بىلەن تەلەپ قىلىشقا تەشكىللىگەنلىكى، 1930 – يىلى بىرىتانىيەنىڭ تۇز بېجىغا قارشى، 400 كىلومېتىرلىق «گەندى تۇز مېڭىشى» تەشكىللەپ، تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان ئىسيانغا باش بولغانلىقى، 1942 – يىلى ئەنگىلىيەگە ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىش ھەققىدە ئوچۇق چاقىرىق بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى مۇجادىلە يولىنى چۈشەندۈردى.

ئاخىرىدا، ھىندىستاننى مۇستەقىل قىلغان كۈرەشنىڭ، پەرقلىق تەبىقە، كەسىپ، كۆز قاراشتىكى كىشىلەر بىرلىكتە ئېلىپ بارغان، ئاممىۋىي ئاساسى كۈچلۈك بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى، بۇ ھەرىكەتتە ئىدىئولوگىيەلىك يېڭىلەنمە، ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغانلىقى،  گەندىنىڭ پولىتىكاسىدا ئىدىئولوگىيەلىك يىڭىلەنمىنىڭ تەسىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بولغىنى ئىدى. مۇستەقىللىق كۈرىشى، دېمكوراتىك ۋە پۈتۈنلەي مۇستەقىلچى كۆز قاراش ئاساسىدا، سىياسىي لىدەرلەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ بىر – بىرىنى قوللىغان رەۋىشتە ۋە بىرلىكتە پولىتىكا يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن غەلبە قىلغانلىقى، سىياسىي كۈچنىڭ، رەقىبىنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىدا، ئىجدىمائىي – ئاممىۋىي كۈچ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

راھىلە قەشقىرى خانىمنىڭ دوكلاتىدىن كىيىن، كۆپچىلىك ھىنتلارنىڭ مۇجادىلە يوللىرى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىر – بىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

كۇرسنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۆرەش يوللىرى قىسمىنىڭ ئاخىرىدا بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئاكادېمىيە مۇئاۋىن رەئىسى مەغپىرەت كامال خانىم «بوسنىيەلىكلەرنىڭ مىللىي كۈرەش يولى» ناملىق دوكلاتىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەغپىرەت خانىم، بوسنالىقلارنىڭ تارىخى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بىر مەزگىل ئوسمانلىلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرغانلىقى، بۇ جۇغراپىيەدە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىزلىرىنىڭ ھازىرمۇ كۆزگە چېلىقماقتا ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇ يەنە بوسنالىقلارنىڭ كۈرەش يوللىرى ھەققىدە، 1992 – يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىغان بوسنا ئۇرىشىنىڭ، دۇنياغا بەك چوڭ تەپكى كۆسىتەلمىگەنلىكى،  بۇ قىرغىنچىلىقتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋازسىز قالغانلىقى، ئۇ يەرلەردىمۇ بۈگۈنكىدەك كامپلار قۇرۇلغان بولۇپ، بوسنا مۇسۇلمانلىرىغا ئېغىر بىر قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلگەنلىكى ۋە كامپقا ئېلىنغانلارنىڭ  ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن يېرىنى سىسىتىمىلىق بىر شەكىلدە يۆتكەپ تۇرغانلىقى، 657 دانە توپلاما كامپلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ڧابرىكا، مەكتەپ، دوختۇرخانىغا ئوخشاش يەرلەر كامپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە  كامپتا قالغانلاغا ئېغىر دەرىجىدە ڧىزىكى ۋە جىسمانىي زۇلۇملار قىلىنغانلىقى، بۇ مەزگىلدە  سىرەبرىنىتسا قەتلىئامى دەپ ئاتالغان چوڭ بىر قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مەغپىرەت خانىم، ساراي بوسنا قورشاۋىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە ئېغىر بولغانلىقى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، قەتلىئامدىن قۇرتۇلۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان بوشناق ئارمىيەسىنىڭ قولىدا قورال بولمىغانلىقىدىن پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى ناھايىتى شىددەتلىك بولغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا، قېزىلغان تۈنەل بىلەن شەھەر ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۆز – ئارا بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى پىلانلاپ، مۇشۇ شەكىلد 4 ئاي 4 كۈنلۈك قېزىش جەريانىدا شەھەر ئىچىدىكىلەر بىلەن سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۇچراشقانلىقى، شەھەردە قاپسىلىپ قالغان خەلققە يىمەك – ئىچمەك ۋە داۋالاش ئەسلەھەلىرى بۇ تۈنەل ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كىيىن، ناتو بىلەن بوشناقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى رەتلەپ سىرپلاردىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىگە كەلگەندە ب د ت بۇلارنى توختىتىۋالغان ۋە دايتون كىلىشىمى بىلەن بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

كۇرسنىڭ ئاخىرىدا ئاكادېمىيە رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت خۇلاسە سۆزى قىلىپ،  بۇ ئىككى كۈندە ئىنتايىن ياخشى تىمىلارنىڭ سۆزلەنگەنلىكى،  تۈركىيە ئىچى – سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە سىياسىيەتچىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پىكىرلەرنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى ۋە بۇندىن كىيىن بۇ تۈردىكى كۇرۇسلارنى تېخىمۇ سىستىمىلىق بىر شەكىلدە ئېچىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، ئىلمىي دوكلارتلاردىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋە چوڭقۇر بولدىغانلىقىنى تەرىپلىدى. كۇرۇسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋە دوكلات بەرگەن دوسلارغىمۇ كۆپتىن – كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈردى.

شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىملىق كۇرس باشتىن ئاياغ ناھايىتى تەرتىپلىك ۋە جانلىق ئىلىپ بېرىلدى. كۇرس ئاخىرىدا ئاكادىمېيە رەئىسى پرۇفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت كۇرسانىتلارغا شاھادەتنامە تارقىتىپ بەردى ۋە كۇرسانىتلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. كۇرسنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يېپىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 15 نەپەر پىداكار ئۇيغۇر ياشنىڭ پىداكارلىقىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى دەپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيىتتى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ھەر بىر دەرسىدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىغان ئاساستا ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا غەلبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇ خىل تەربىيەلەس كۇرسلىرىنىڭ يەنە داۋاملىق ئېچىلىدىغانلىقىنى، كونكېرىت ۋاقتىنىڭ پات ئارىدا ئىلان قىلنىدىغانلىقىن بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى كۇرستا 15 نەپەر ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياش خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ھەم شۇنداقلا ھىندى، يەھۇدى، بوشناق ۋە كوسوۋالىق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە كۆرەش يوللىرىنى ئۆگەندى. بۇ پىداكار ياشلار كەلگۈسى مۇستەقىل ۋەتىنىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدا مەزمۇت ئۇل تاشلاردىن بولۇپ قالغۇسى.

2020-يىلى 20-يانۋار، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش