سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «تۈرك دۇنياسى گېئو – سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە نەزەر» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى.

«تۈرك دۇنياسى گېئو – سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە نەزەر» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

2020 – يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە «تۈرك دۇنياسى گېئو – سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە نەزەر» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىقى ئىستانبۇل تۈرك ئوچاغى يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى بىلەن ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغىنىڭ ھەمكارلىقىدا، تۈرك دۇنياسى گېئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ2 -قېتىملىقى ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى يىغىن زالىدا 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 14:00 دە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تۈركىيەلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر قايسى ساھەدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك زىيالىيلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركستاندا ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئەزىز شېھىتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئارقىدىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

تۈرك ئۇچاغى ئىستانبۇل رەئىسى دوكتور جەزمى بايرام ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇنداق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى،شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ باشلانغۇچىنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق يىغىنلارنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن يىغىن رىياسەتچىسى، رېژىسسور ۋە يازغۇچى تۇرگاي تۈفەكچىئوغلى مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات سۇنغۇچىلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى ۋە ئۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. دوكلات سۇنغۇچىدىن ئىككى كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ۋە شۇ يەردە بىر مەزگىل خىزمەت قىلىپ باققان ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنىڭ  مۇھىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تۇرگاي تۈفەكچىئوغلى «تۈركىستاننى قورشىغان يول تۈرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ لېكسىيەسىنى شۇ جۈملىلەر بىلەن باشلىدى: «شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى تۈرك دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا بىر يول بىر بەلباغ مەسىلىسى پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى تۈركلۈك ئېڭىغا ئىگە بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ مەسىلىسى». ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندا قېزىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ھۆججەتلەر،  مۇميالار، تۇرپان كارىزلىرى قاتارلىقلارنى دەلىل كەلتۈرگەن ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېمىشقا قەدىمكى تۈرك زېمىنى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ»ى بىلەن مەھمۇد قەشقەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»سىنىڭ تۈرك ئەسىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، نامىك كامالنىڭ دېگىنى بويىچە 1850تىن بۇرۇن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەۋجۇتلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى،ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يەردىكى خەلقنىڭ بىر بىرى بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقى، 1933 تىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ئېلانىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىربىرىگە تەبرىك سالىمى يوللىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، ھەتتا ئۈچ قېرىنداشلارنىڭ يېنىدا دادىسنىڭ مۇستاپا كامال ئاتا تۈرككە يازغان مەكتۇبىنى يېنىغا ئېلىپ 86 كۈندە تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە سۆزلىدى.

ئۇ يەنە دوكلاتىدا، بىر يول بىر بەلباغنىڭ ، تۈركىستاندىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ بۇ يوللار ئارقىلىق خىتايغا يۆتكىلىشى ۋە خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان  سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىشىدىن ئىبارەت بىر تۈر ئىكەنلىكى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى گېنىرال ليۇ يا جوۋ نىڭ «غەربىي يۇرت نەزىرىيىسى» ئىسىملىك مەلۇماتىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ چوڭ تۆھپە قوشقانلىقى، بۇ مەلۇماتنىڭ خىتاينىڭ سۇيىقەستىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى. تۇرگاي ئەپەندىم دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى خىتاي بىلەن بولغان كېلىشىمنى ۋە سودا ئىشلىرىنى مىسال قىلىپ،بىر يول بىر بەلباغ تۈرىنىڭ تۈرك زېمىنلىرىنى ھەم ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن قورشاۋغا ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم «پۇل – مۇئامىلە ئاساسىدىكى يېڭى دۇنيا تەرىپىدە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم » تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت كېلىشىمى ، تۈركىيەنىڭ سىياسىتىنى شەرققە قاراتقانلىقى ۋە خېلى كۆپ تېمىلاردا تۈركىيەنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ناتو تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقى ، خىتاينىڭ كۈچىيىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقى ۋە ياۋروپاغا ئۇلىشىش ئۈچۈن بىر يول بىر بەلباغنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە توختالدى.

ئورۇچ خانىم يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەمگەك كۈچى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرق قىسمىنىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى دۇنيا بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىشلىتەلىسىمۇ،  ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىنىڭ جۇغراپىيىسىدىن پايدىلىنالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر يول بىر بەلباغ تۈرىنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بىر يول  بىر بەلباغ تۈرىنىڭ خىتاينىڭ ھەم دۇنياغا ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن ھەم نامرات ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ پىلاننىڭ 2001-يىلىدىلا باشلانغانلىقىنى، ئاستا – ئاستا يولغا قويۇلۇپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر يول  بىر بەلباغ شەكلىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، شەرقىي تۈركىستان بۇ تۈرنىڭ مەركىزىدە ئىكەنلىكى، بۇ تۈرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەكلىكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يوللىرى ئارقىلىق ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە بارماقچى ئىكەنلىكى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانغا چېگراداش بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە قېتىلغان دۆلەتلەرگە قەرز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.

ئۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا خىتاي بىر يول بىر بەلباغ تۈرى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىنى زۆرۈر بىلگەنلىكى، خىتاينىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بۇ زېمىندا قىرغىنچىلىق قىلىپ لاگېرلار قۇرغانلىقى، ئەمەلىيەتتە مەقسىتىنىڭ بۇ يەرنى تۈركىستانلىقلاردىن، تۈركلۈك ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ھەر بىر كىشىدىن تازىلاش، چەتئەلدە ھەر يەرگە كېڭىيىش ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كېلىدىغان قوللاشنى ۋە چەتئەلنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى چىقىشنى كېسىش ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئورۇچ خانىم ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ  مۇقىملىقىنى قوغداش باھانىسى بىلەن بۇ يەرگە ھۆكۈمران بولۇشقا ئورۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر يول بىر بەلباغ تۈرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ ئۈچتە ئىككىسىگە ھۆكۈمران بولىدىغان بىر كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. بۇنىڭ ئىككى خىل خەتىرى بار. بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بىر دۇنيادا ياشاشنى خالايمىزمۇ؟ خىتتاينىڭ قانچىلىك رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلغانلىرىنىڭمۇ بۇ يەردە توختاپ قالماستىن  باشقىلارغا ئۆرنەك بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىش لازىم. بۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىشىغا سۈكۈت قىلىۋاتىمىز. بۇ ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن يۈز قىزارتىدىغان بىر ئەھۋال. بۇ پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ  ياكى تۈركىيەنىڭ مەسىلىسى بولماسلىقى كېرەك، دۇنيانىڭمۇ دەردى بولۇشى كېرەك. بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ خىتاينىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن تۇتۇپ زەربە بېرەلەيمىز. خىتايلار بىر يول بىر بەلباغ تۈرىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغان بولسا ۋە كېيىنكى نۇقتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، تۈركىي دۆلەتلەر ۋە ئارقىدىن   تۈركىيە بولسا، ئۇنداقتا بىز «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى توختىتىسەن، بىز ئۇ ۋاقىتتا بۇ تۈرنىڭ بىر قىسمى بولالايمىز» دېيەلەيمىز. ئەگەر تۈرك دۇنياسى ئويغىنالىسا بۇ ئىشلارنىڭ كەينىگە قايتىشى مۇمكىن. مەسىلە بىر يول بىر بەلباغدىن باشلىغانىكەن جاۋابىمۇ شۇ يەردە» .

ئارقىدىن پروفېسسور دوكتور ۋارىس چاقان «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرى ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە بولغان تەسىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ۋارىس چاقان لېكسىيەسىدە 21-ئەسىردىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ۋە سوغۇق ئۇرۇشتا شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپلىرىنى ۋە بۇ دۇنيا تەرتىپلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ۋە تۈركىيەگە بولغان تەسىرلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن، تۇرگۇت ئۆزال تۈرك بىرلىكى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچىگەنلىكى، بۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ بىز بىر مىللەت دېيىش ئارقىلىق ئاكتىپ ئاۋاز بەرگەنلىكى، پەقەت تۇرگۇت ئۆزئالنىڭ بىر ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن بۇ بىرلىك پىلانىنىڭمۇ بىكار بولغانلىقى ، ئەسلىدىلا قورشاۋدا قالغان تۈركىيە بۇ ھادىسىدىن كېيىن بېكىنىۋالغانلىقى، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قېتىلغانلىقى، خىتاي بولسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن قازانغان كۈچ بىلەن بىر يول بىر بەلباغدىن ئىبارەت بىر يېڭى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالدى.

دوكلاتتا ۋارىس چاقماق ئەپەندى يەنە بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تەسىرلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە،  بىر يول بىر بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق يولى ۋە دېڭىز يولىنىڭ تۇتاشقان يېرىنىڭ بىرما ئىكەنلىكىنى، بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بارلىقى ۋە بىرمانىڭ خىتايدىن ياردەم ۋە قورال-ياراغ ئالغانلىقى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ بىرمادىكى زۇلۇمغا تەنقىد قىلىشتىن باشقا بىر ئىش قىلمىغانلىقىدىن خىتاينىڭ  جاسارەت ئالغانلىقىنى، بىرما ھادىسىسىنىڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ دوكلاتىدا يەنە، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى بېشىدا ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى، كېيىن لاگېرلار ھەققىدە پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۇ يەرلەرنى تەربىيىلەش مەركىزى دېگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان رايونى بىر يول  بىر بەلباغ تۈرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى تۈركلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن مەدەنىيەت ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇ يەردە كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن مېڭە يۇيۇشنى باشلىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ۋارىس چاقان ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بىز بۇ پىلان بولمىسۇن دېمەيمىز ، بىز تارىختا يىپەك يولى ئۈستىدە بۈيۈك دۆلەتلەر قۇرغان ۋە مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى باشقۇرغان بىر مىللەت ئىدۇق.  بۈگۈن بولسا شەرتلەر ئۆزگەردى، بىز بۈگۈن ئۆزىمىزنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس خىتاي تارقاتقان  قەرزلەر  ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ پاراۋانلىقىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىمايلى.   ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە  خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان دۆلەتلەر بىلەن بۇنى بىر تۈرك پىلانىغا ئايلاندۇرۇپ  ئورتاق كارىدور قۇرايلى.تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر تۈرك پىلانى بولسۇن، بىز بۇ پىلاننىڭ  ۋاگونى ئەمەس بەلكى موتورى بۇلايلى.  ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۆزىمىزگىمۇ بىر پايدىمىز تېگىدۇ…. تۈرك مىللىتى ھېچقاچان باشقىلارنىڭ كۆز- ياشلىرى ئۈستىگە خۇشال بولۇشنى خالىمىدى، بۇنى ئۆزىنىڭ قوۋمىگە قىلىشنىغۇ دېمەيلا تۇرايلى، ھەتتا دۇنيانىڭ بىر يېرىدە بىر بىگۇناھ كىشىگە ھەقسىزلىق قىلىنغاندا بۇنى سوراق قىلغان بىر مىللەت. بىز قانداقسىگە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى ئۈستىگە خۇشال بۇلالايمىز؟ شۇڭا تۈرك دۇنياسىنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىر پىلانىمىز بولسا دەيمىز» .

ئەڭ ئاخىرىدا دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «يىپەك يولى بويىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ-1: قومۇل(خامى ئەمەس)» تېمىسىدا دوكلات بەردى.  ئۇ دوكلاتىدا، خىتايلارنىڭ تارىختىن بۇيان خىتايچىنى تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قۇرالى قىلغانلىقىنى، بىر يول بىر بەلباغ تۈرى كۈن تەرتىپىگە كەلگەندىن كېيىن يەر ئىسىملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، خەرىتىگە قارىغىنىمىزدا كۆپىنچە ئىسىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس خىتايچە تەلەپپۇزىدىن يېزىلغانلىقى، ئەگەر بۇ ئۆزگەرتىلمىسە يەنە يۈز يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدىكى يەر ئىسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈردى. تەڭرىتاغلى ئەپەندى بۇ ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئۈچ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بىرىنچى سەۋەبى، خىتايچىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى. خىتايچە بىر بوغۇملۇق تىل بولۇپ، يەر ۋە ئادەم ئىسىمىلىرى ئاۋۋال ئوچۇق بوغۇملارغا بۆلۈنۈپ ئاندىن ئىپادىلىنەتتى. مەسىلەن ئۈچ بوغۇملۇق ئىستانبۇل كەلىمىسى خىتايچە “Yi si tan bu er “شەكلىدە بەش بوغۇمدىن شەكىللەنگەن. ئىكىنچى سەۋەبى بولسا، 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكىچىلىككە ئۇچرىغان. ئۈچۈنچى سەۋەبى بولسا، خىتايچە تارىختىن بۇيان خىتايلارنىڭ كېڭەيتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قۇرالى بولۇپ كەلگەن.  يىپەك يولى ئۈستىدە تارىختىن بۇيان بىر قانچە مۇھىم رايونلار بار، بۇلاردىن بىرى قەشقەر. قەشقەر ئاۋۋال “Kashigar” دەپ تەرجىمە قىلىندى، كيىن “kashi” دەپ ئېلىندى. بۇنىڭ ھەم كۆنۈپ قالغانلىق جەھەتتىن ھەم سىياسىي جەھەتتىن سەۋەبى بار. تارىخىي يەر بولغان ياركەنتنىڭمۇ خىتايچە تەرجىمىسى “Shache”بولۇپ، بۇ تەرجىمە ياركەنتتىكى كۈچلۈك بىر يەر بولغان شاشتىن ئېلىنغان. يەنە قومۇل مەسىلىسىگە كەلسەك، قومۇل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ شەرق تەرىپىدە بولۇپ خەرىتىدە “Hami” شەكلىدە يېزىلماقتا. تەتقىقاتچىلار سۆزلەشكەندە “Komul” ئىپادىسىنى ئىشلەتسىمۇ، ئاكادېمىك ماقالىلەردە “Hami” ئىپادىسىنى ئىشلەتمەكتە. تەڭرىتاغلى ئەپەندى بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئۆرنەكلەرنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ يەنە دوكلاتتا ئىستانبۇلدىكى بېكەت ئىسىملىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنىمۇ ئانالىز قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇمۇ خىتايلارنىڭ خىتايچىنى ئاسسىمىلياتسىيە ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكنىڭ بىر ئىپادىسى. ئىستانبۇلدىكى بېكەت ئىسىملىرىنىڭ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا، ئادەتتە يەر ئىسىملىرى تەلەپپۇزىدىن تەرجىمە قىلىنسىمۇ، ئىستانبۇلدىكى “چەمبەرلىتاش” بېكىتىگە كەلگەندە مەناسىدىن يەنى “Junshitandingbao”(كونستانتىن) دەپ تەرجىمە قىلغان.

دوكلاتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا تەڭرىتاغلى ئەپەندى يىپەك يولى ئۈستىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرىنچىسى  بولغان قومۇل ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى. قومۇل ۋىلايەت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان. قەدىمكى دەۋردىن تارتىپ يىپەك يولىنىڭ بوغۇزى ھېسابلىنىدىكەن. قومۇلدا ئاراتۈرك ئىسىملىك بىر يەر بولۇپ بۇ يەر ئىسمى ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتىكەن. قومۇل ئىسمىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار بولۇپ، ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىنغان قاراشقا قارىغاندا، قومۇل كەلىمىسى “قامىل”دىن كەلگەن. مىلاتتىن بۇرۇن قومۇل ھۇنلارنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا بولۇپ، “ئىۋىرغول” دەپ ئاتىلىدىكەن. غەربىي يۇرتنىڭ مەدەنىيەتلىرى خىتايغا قومۇلدىن بارغان ياكى ئۇلار قومۇلدا كۆرگەن ئىكەن.

تەڭرىتاغلى ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا قومۇل قوغۇنى، قومۇلدىكى زىرائەت مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت رايونلىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. ئۇ قومۇلنى ئالاھىدە قىلغان يەنە بىر خۇسۇسنىڭ، قومۇل خەلقىنىڭ توختىماي كۈرەش قىلىدىغان روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىز رومانىنىڭ تېمىسى بولغان تۆمۈر خەلىپە ئىسيانىنىڭ بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى  تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكلات قىسمىدىن كېيىن سوئال – جاۋاپ قىسمى ئېلىپ بېرىلدى ۋە دوكلات سۇنغۇچىلارغا تەقدىرنامىلىرى بېرىلدى. مۇھاكىمە يىغىن غەلبىلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش