ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئامېرىكىدىكى ئاخىرقى «شەرقىي تۈركىستان پارتىزانى» نىڭ ئاخىرقى سەپىرى

ئامېرىكىدىكى ئاخىرقى «شەرقىي تۈركىستان پارتىزانى» نىڭ ئاخىرقى سەپىرى

ئاپتورى: نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقىنىڭ غۇلجا كوچىلىرىدا قانداق لەپىلدىگەنلىكى، خىتاي گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ جاھىل قورغىنى -ئىلى باش ساقچى ئىدارىسىگە غەنى باتۇرنىڭ بۇ بايراقنى قانداق تىكلىگەنلىكى، غەنى باتۇر ۋە باشقا باتۇرلارنىڭ 8000 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ھەربىي-ساقچىلىرى، ئەمەلدار،مەمۇرىيلىرى، كادىر -ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە سودىگەر -جاڭگۈيدىلىرى ھەم ئاشۇ ھەربىي-ساقچىلار، مەمۇرىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بېكىنىۋالغان ھەرەمباغ، ئايرودروم ، لاڭشاڭدىن ئىبارەت ئۈچ مۇداپىئە قورغىغىنىغا قارىتا 84 كۈن ئېلىپ بارغان قورشاۋ ھۇجۇملىرىغا شاھىت بولغان شۇنىڭدەك ئاشۇ ھەرەمباغ جەڭ مەيدانىدا ئىستانكىۋاي پىلىموت ئاتقۇچىسىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دۈشمەنگە قاراتقان پىلىموتىغا ئوق تىزىپ بەرگەن 16-17 ياشلىق بالا پارتىزان- ئەدھەمجان زاكىرخان ئاكا 2020-يىلى، 25-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى يېپىنىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ بالا پارتىزانى تىزىپ بەرگەن ئاشۇ پىلىموت ئوقلىرىدا قانچىلىغان دۈشمەن جەھەننەمگە كەتكەندۇ؟ بۇنىڭ سانىنى ئېلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما بۇ، ئەدھەمجان ئاكىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس كۈنلەر ۋە شەرەپلىك سەھىپە سۈپىتىدە خاتىرىلەنسە كېرەك! شۇڭا ئەدھەمجان ئاكا ھاياتىنىڭ بۇ سەھىپىسىنى ھەر دائىم پەخىرلىنىپ سۆزلەپ يۈرەر ئىدى. شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى 1945-يىلى، 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ، قورغاس، سۈيدۈڭ، كۈرە، ئارشاڭ، تەلكە، ھەرەمباغ، ئايرودروم، لاڭشاڭ شۇنىڭدەك 1945-يىلى، 18-20-يانۋار كۈنلىرى ئاچال ئارقىلىق جىڭ تەرەپتىن كەلگەن ئىككى پولكتىن ئارتۇق ئەسكىرى كۈچ بولۇپ، جەمئىي 2 دېۋىزىيە ئەتراپىدا خىتاي ھەربىي كۈچىنى يوقاتقانىدى. ئەنە شۇ ھەرەمباغ جېڭى 84 كۈن داۋاملىشىپ ئاخىرى 1945-يىلى، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ھەرەمباغ ۋە غۇلجا شەھىرى تولۇق ئازاد قىلىندى شۇنىڭدەك 2-ئاينىڭ 3-كۈنلىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىدىن خىتاي قوشۇنلىرىنى تولۇق تازىلاندى. ئەنە شۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان 15-17ياشلىق غۇلجا بالىلىرىمۇ پىدائىي بولۇپ جەڭلەرگە قاتنىشىپ كۆپ ساندىكى بۇ كىچىك بالىلار، يەنى بالا پارتىزانلار شېھىت بولغان بولۇپ، ئەدھەمجان ئاكا ئەنە شۇ جەڭلەردىن ساق چىققان غازىلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن، 1945-يىلى، 8-ئاپرېلدا رەسمىي شەرقىي تۈركىستان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغاندا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش قانۇنى بويىچە بۇ بالا پارتىزاننىڭ، يەنى ئەدھەمجاننىڭ يېشى ئەسكەر بولۇش ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقى، يەنى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى بولۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ھەر خىل يوللار بىلەن ئازادلىق ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن پىدائىيلىق خىزمەتلىرىنى ئادا قىلغانىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەزكۇر بالا پارتىزانى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ ئاخىرقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جەڭچىسى، يەنى پارتىزانىدۇر. دېمەك، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىر تارىخىي شاھىت ۋە مىللىي ئازادلىق جەڭچىسى بىلەن ئەبەدىي خوشلاشقان بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنلەر، ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنلەر ۋە ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنلەرنىڭ ھازىر چوڭقۇر ئويغا پاتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شۇ كۈنلەرنى ئېسىمغا ئالغىم كەلدى، 1998-يىلى، 20-فېۋرال كۈنى مەن ئامېرىكىغا كېلىپ بىر ھەپتىلەردىن كېيىن، ۋىرجىنىيەگە كەلگىنىمدە بۇ ئەتراپتىكى شىتاتلاردىكى ساناقلىق بىر قانچىلا ئۇيغۇر، يەنى رىشات ئابباس، دولقۇن قەمبىرى، شۆھرەت سەيدەخمەت ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئەدھەمجان ئاكىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بېرىپ، ئۇ كىشى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنىدىم. چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان، شوخ-خۇشخۇي ۋە روھلۇق بۇ كىشى ئۆزى ماڭا «مەن 1928-يىلى تۇغۇلدۇم» دېگەن ئىدى. ئەدھەمجان ئاكا مېنىڭ موسكۋادا ئوقۇغان ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان تارىخچى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ، مەن بىلەن ئازراق رۇسچە سۆزلەشكەنىدى. ئۇ رۇسچىنى خېلى ياخشى سۆزلەيتتى. ھەتتا ئۇ دائىم ئايالى، يەنى تۆرەم پاشا ئاپىنى ئەركىلىتىپ ، « پاشىچكا »دەپمۇ قوياتتى. ئەلۋەتتە، رۇسلارنىڭ ئادىتى بويىچە « پاشىچكا» دېگىنى ئۇيغۇرچىدىكى « پاشا قىز، ياكى پاشاقىزچاق»دېگەنگە تەڭ ئەركىلەتمە ئاتالغۇ ئىدى. ئەدھەمجان ئاكا شۇ ۋاقىتتا ماڭا يەنە ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى شۇ ئىنقىلابلارغا قاتنىشىش جەريانلىرى ۋە كېيىنكى شاڭخەي، تيەنجىن ھەم نەنجىڭدا كۆرگەنلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى.
ئەدھەمجان ئاكىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، 1946-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئەخمەتجان قاسىمى، مەسۇد سەبىرى بايقوزى، ئەيسا ئەپەندى، ئابدۇكەرىم ئابباسوف، زىيا سەمەدى قاتارلىق 18 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۆمەك نەنجىڭغا بېرىپ، خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش سەپىرىگە ئاتلانغاندا ئەدھەمجان ئاكىمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىسىدا مەلۇم بىر سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قاتارىدا نەڭجىڭغا بارغان. ئەدھەمجان ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بۇ ئەربابلارنىڭ نەنجىڭدىكى پائالىيەتلىرىگە ، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە شاھىت بولغان.

ئەدھەمجان ئەپەندى ئامېرىكىدا ياشىغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ھاياتىدا ۋەتىنىنى ھەر قاچان ئۇنتۇپ قالمىغان ۋە ئۇنىڭ ئىشقىدا ياشىغانىدى. 1997-يىلى، غۇلجىدىكى قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ساناقلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە بېلىغا ئاق باغلاپ نامايىش قىلىپ، باستۇرۇلغان غۇلجا ياشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ چىن قەلبىنى نامايەن قىلغانىدى. بۇ ۋاشىنگتوندىكى دەسلەپكى نامايىشلاردىن بولسا كېرەك ! بۇ سۈرەت ھازىرمۇ جانلىق پاكىت سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرماقتا.
ئەدھەمجان ئاكا ۋە ئايالى تۆرە پاشا ئاپا ھەرقانداق پائالىيەت، نامايىش، يىغىنلاردىن قالمايدىغان، ۋەتەن تۇيغۇسى ۋە روھى كۈچلۈك مۆتىۋەرلەردىن ئىدى. ئەدھەمجان ئاكا بىلەن كۆرۈشىنىمىزدە سۆزلىشىدىغان پەقەت بىرلا تېما بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، ۋەتەن ۋە تارىخ، ئاشۇ 1944-، 1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان شانلىق دەۋر ئىدى. ئەدھەمجان ئاكىنىڭ دائىم دەيدىغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلار ئەنە شۇ غۇلجىدا، ئەنە شۇ ئىلى دەرياسى بويىدا، ئەنە شۇ شەرقىي تۈركىستان جۇنھۇريىتى بايرىقى لەپىلدىگەن ئەركىن ۋە ئازاد غۇلجا كوچىلىرىدا ئۆتكەن. بۇ ھايات ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئەڭ بەختلىك قىسمىدۇر.
بىز جامائەت ئەدھەمجان ئاكىنىڭ جىنازا نامىزىدا بىرگە بولۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆك بايراق يېپىنغان تاۋۇتىغا قاراپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ،ئاللادىن ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەت تىلىدۇق ! ئەدھەمجان ئاكىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتىن بولغاي !ئامىن! بىراق ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ نۇر ئىچىدە يېتىش سەپىرىگە ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن 76 يىل بۇرۇن چىقىپ بولغان، ئامېرىكىدىكى ئاخىرقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پارتىزانى ئىدى !

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش