ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت (744-840)

ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت (744-840)

كولىن ماكېرراس

ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلىيار ئابدۇرېھىم

بۇ ماقالە مىلادى 744-يىلدىن مىلادى 840-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ۋە بىر-بىرىگە بولغان تەسىرىنى مەركەز قىلىدۇ. ماقالىدە بۇ مۇناسىۋەتلەر تۆت تېمىدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ھەربىي، دىپلوماتىيىلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئۆز- ئارا نىكاھلىنىش يولى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر ئىككى تەرەپلىك بولىسمۇ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قارشى تەرەپنىڭكىدىن چوڭ بولغان. نوپۇس جەھەتتىكى پەرق ۋە كۈلتۈر تارىخى ئارىسىدىكى پەرقنى نەزەرگە ئالغاندا يۇقارقىدەك ئەھۋالنىڭ بولىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. يەنە كېلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى پۈتۈنلەي خىتايلاردىن كەلگەن دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى مۇھىم بىر ئامىل پارسىلاردىن كەلگەن ۋە خىتايلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلمىغان مانىكىيەزم (مانى دىنى) ئىدى.

مىلادى 744-يىلدىن مىلادى 840- يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ئابىدە سانىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار نۇرغۇن زېمىنغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان بولۇپ پايتەختى قارابالغاسۇن ئىدى. قارابالغاسۇن ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگراسى ئىچىدە . ئۇيغۇرلار ئۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان قەۋم بولۇپ، ئات ئۇلارنىڭ مۇھىم بىر كۈلتۈرەل نامايەندىسى ھېسابلىناتتى. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئاتنىڭ مۇھىم قاتناش ۋاستىسى ئورنىدا ئىشلىتىشى ئىدى.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خىتاي مەنبەلىرىدە گۇلى پېيلو دەپ ئاتالغان قاغان تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ؛ باسمىل قەبىلىسى ۋە قارلۇقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ خىتايلارنىڭ تۇجۆ دەپ ئاتىغان شەرق تۈركلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، گۇلى پېيلو ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى چىقىپ تەخت ھوقوقىنى تارتىۋېلىپ رايۇننى كونترول ئاستىغا ئالىدۇ. خىتاي مەنبەلىرىدە مويۇنچۇ دەپ ئاتىلىدىغان قاغان ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە مىلادى 747- يىلدىن مىلادى 759- يىلغىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. گۇلى پېيلو قۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا كۈچى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئۇنىڭ نەۋرىسى بۆكە قاغان (مىلادى759 – 779- يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) بولۇپ، ئۇنىڭ ۋارىسى تۈن باغا قاغان ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. مىلادى 789- يىلى تۈن باغا قاغاننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن خاندانلىقنىڭ پارچىلىنىشى تېخىمۇ تېزلشىدۇ. ھاكىمىيەت بولسا باش ۋەزىر ئەل ئۆگاسىنىڭ (قۇتلۇق تارقان) قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. يېڭى قاغان نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېقىن بولغان بېيتىڭنى قولدىن بېرىپ قويۇپ غەرب تەرەپتىكى تېررىتورىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

مىلادى 795-يىلى ئۇيغۇر خانلىقنىڭ باش ۋەزىرى (يابغۇ تېكىن) بېيتىڭنى قايتىدىن قولىغا ئالىدۇ ۋە ھۆكۈمدار قاغاننى تەخىتتىن ئاغدۇرۇپ ئۆزى تەختتە ئولتۇرىدۇ. تاڭ ئوردىسى يابغۇ تېكىنگە ئەمرى مىمار، سادىق، ئادىل پادىشاھ (خۇئەيشىن) قاغان دېگەن ئۇتۇغاتلارنى بېرىدۇ. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان قاغانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك ھېسابلىنىدىغان خۇئەيشىن قاغان ئ‍ورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. قاغان خانلىق تەخىتتە 13 يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن مىلادى 808-يىلى ۋاپات بولىدۇ. تاڭ ئوردىسىنىڭ «توغرىنىڭ ئۈستىدىكى قاغان» ئۈنۋانى بىلەن ئاتىغان تەخت ۋارىسى قۇچ بىلگە قاغانمۇ تىنىچ، ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېينكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىشى تېزلىشىدۇ. مىلادى 839-يىلى ياغقان قاتتىق قاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قوي ۋە ئاتلىرى ئۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاچارچىلىق ئاپىتى كېلىپ چىقىدۇ. كېيىنكى يىلى، ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن يوق قىلىنىپ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار غەرب تەرەپكە كۆچىدۇ.

بۇ ماقالىدە تىلغان ئېلىنغان بىر ئەسىر ئىچىدە ئۇيغۇرلار يۈزلەنگەن ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولسا مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشىدۇر. مانى دىنى پارىسلاردىن كەلگەن، روھلار ئارىسىدا ئېنىق ئىككىلىك ھاسىل قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن ئىدى. مىلادى 762-يىلدىن 763-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭىنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى باستۇرۋاتقان مەزگىلىدە بۆكە قاغان مانى دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ. مانى دىنى خىتايلارغا سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى خاقان«پەقەت چەتئەللىكلەر ئارىسىدىلا تەرغىپ قىلىشقا بولىدۇ»،دەپ يارلىق چۈشۈرگەن ئىدى. ئەمما، تاڭ سۇلالىسى ۋاقىتلىرىدا چاڭ ئەندىن قالسىلا ئىككىنچى مۇھىم شەھەر دەپ قارىلىدىغان لو ياڭدا مانى دىنى مۇخلىسلىرى ئۈچۈن سېلىنغان ئىبادەتخانىلار بار ئىدى.

بۆكە قاغان قارابالغاسۇنغا قايتقاندىن كېيىن، مانى دىنىنى خەلقىگە كەڭ كۆلەمدە تارقىتىشقا باشلايدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى شەرقى ئاسىيادا مانى دىنىنى رەسمىي دىن دەپ بېكىتكەن ھەمدە بۆكە قاغاننىڭ بۇ نوقتىدا قىلغانلىرىنى تەستىق قىلغان بىردىنبىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. گەرچە تۈن باغا دەۋرىدە مانى دىنىغا قارشى ئاۋازلار چىققان بولسىمۇ، ئىككىنچى خانلىقتىن باشلاپ مانى دىنى قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىغان بولىدۇ. مانى دىنىنىڭ تەسىرى مىلادى 840-يىلىدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەمما مانى دىنى كېيىن تۇنجى بولۇپ بۇددا دىنى ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان شەكىلدە قالىدۇ.

ھەربىي مۇناسىۋەت

ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ خاندانلىقىغا قىلغان مۇھىم ھەربىي ياردەملىرىدىن بىرى ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا ياردەملىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توپىلاڭ تاڭ پادىشاھى شۈ ئەنزۇڭنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى يەنى مىلادى 755-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن. شۈ ئەنزۇڭ خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق پادىشاھلاردىن بىرى بولۇپ، مىلادى 763- يىلغىچە خىتاينى سورىغان. شۇ قېتىمقى ياردەم ئۈچۈن ئۇيغۇر قاغانلىرى زور پايدا- مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. خىتايدا مۇھىم سىياسىي نوپۇزغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئېتىبارلاردىن بەھىرلىنىدۇ.

ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى خىتاي ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە چوڭ توپىلاڭ ھېسابلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسى گەرچە ئىسياننى بېسىقتۇرغان بولسىمۇ، ئىسياندىن كېلىپ چىققان زىيان تۈپەيلىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز زەربىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى خىتاينىڭ تارىخىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر كۆرسەتكەن كۈچلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ئاخىرلىشىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىسياننى بېسىقتۇرۇشى ئۈچۈن قىلغان ھەربىي ياردىمىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. تۇنجى قېتىملىقى مىلادى 757- يىلىنىڭ ئاخىرىدا چاڭ ئەن بىلەن لو ياڭغا قىلىغان ھۇجۇمدا تاڭ قوشۇنىغا قىلىنغان ھەربىي ياردەم. ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا بەش يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ لو ياڭنى توپىلاڭچىلارنىڭ قۇلىدىن قايتۇرۇۋېلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. بىرىنچى قېتىملىق ياردەمدە مويۇنچۇ قاغاننىڭ چوڭ ئوغلى قۇماندانلىق قىلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق جەڭدە بولسا بۆكە قاغان ئۆزى بىر قوللۇق قۇماندانلىق قىلىدۇ.

بۇ توپىلاڭنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. تۇنجى باسقۇچ مىلادى 756-يىلى ئەن لۇشەن چاڭ ئەننى ئىشغال قىلىپ، كېيىنكى يىلى ئۆزىنى پادىشاھ ئېلان قىلىدۇ. بىراق، مىلادى 757-يىلنىڭ بېشىدا ئوغلى قول ئاستىدىكى بىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەن لۇشەننى قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ ۋە توپىلاڭنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ مىلادى 759-يىلى ئاپرىل ئېيىدا باشلىنىپ، توپىلاڭچىلارنىڭ باش گېنېرالى شى سىمىڭ خېبېي شىئاڭ جۇۋدىكى جەڭدە زور غەلبە قىلىدۇ ۋە ئەن چىڭشۇنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن توپىلاڭنىڭ قوماندانلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. مىلادى 760-يىلى ئىيۇندا ئەن لۇشەن لو ياڭنى قايتىدىن ئىگەللىۋالىدۇ. لېكىن مىلادى 761- يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئوغلى شى چاۋيى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شى چاۋيى دادىسىنى ۋە قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنى پادىشاھ ئېلان قىلىدۇ. مىلادى 763-يىلى شى چاۋيىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى بىلەن بۇ چوڭ توپىلاڭ ئاخىرلاشىدۇ.

ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مىلادى 763-يىلى پايتەخت چاڭ ئەننى قايتىدىن قولغا ئېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىئاڭ جى ئىبادەتخانىسىدىن شەھەرگە يېقىنلىشىپ، غەربىي جەنۇپ تەرەپتىن شەھەرنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ. قوزغىلاڭچىلار چاڭ ئەندىن چىقىپ ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇرلار تاڭ قوشۇنىغا ياردەم قىلىپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئارقىدىن زەربە بېرىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلار شىمالغا يۈرۈش قىلىپ توپىلاڭچىلارنى شەھەرگە قايتۇرىدۇ. ئەن چىڭشۈنىڭ قوشۇنىنى ئۇيغۇرلار بىلەن شىمالغا قاراپ كېلىۋاتقان تاڭ قوشۇنى ئارىسىغا ئېلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن شىئاڭ جى جېڭىدە تاڭ قوشۇنى زور غەلبە قىلالايدۇ.

مىلادى 757-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاينىڭ چوڭ قوماندانى گو زىيى (مىلادى 697-781) لوياڭنىڭ شەھەر سىرتىدا توپىلاڭچىلارغا قارشى ئەن چىڭشۈ بىلەن قىلغان قاتتىق جەڭدە تونۇلىدۇ. گو نىڭ ئەسكەرلىرى بولسا تۈزلەڭلىكتە، توپىلاڭچىلار بولسا تاغدا تۇرۇپ ھۇجۇم قىلغاچقا قارشى تەرەپ ئىستىراتېگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. كۈتۈلمىگەن يەردىن بىر توپ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تاغنىڭ تېخىمۇ ئىگىز قىسمىدىن توپىلاڭچىلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ تاڭ قوشۇنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاڭ قوشۇنى ئۇ كۈنكى جەڭنىمۇ غەلبە بىلەن ئاياقلاشتۇرىدۇ ۋە بىر قانچە كۈندىن كېيىن لوياڭغا كىرىدۇ. ئۇيغۇر قوشۇنى بولسا چاڭ ئەندە كېلىشكەن كېلىشىم بويىچە لوياڭدا ئۈچ كۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق توپىلاڭچىلارغا قارشى تاڭ قوشۇنىغا قىلغان ياردىمى بىرىنچى قېتىمقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەل قىلغۇچ ئىدى. مىلادى 762-يىلى شۈ ئەنزۇڭ ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى سۇ زۇڭ ئۆلۈپ خىتاي زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شى چاۋيى بۇ قوش زاۋاللىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلاردىن «خىتايدا پادىشاھ قالمىدى» دېگەننى باھانە قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاڭ قوشۇنى ئەڭ ناچار ئەھۋالدا تۇرغان بولسىمۇ، دەي زۇڭ بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىپ توپىلاڭچىلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، مىلادى 762-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تەختكە ئولتۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بۆكە قاغاننىڭ باشچىلىقىدا شى نىڭ تەلىپىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ، سېرىق دەريانىڭ شىمالىغا يېقىنلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى پىكرىنى ئۆزگەرتىپ توپىلاڭچىلارغا ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم قىلىدۇ. ئەسلىدە بۆكە قاغاننىڭ ئايالى «خاتۇنى» تاڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى قوماندان پۇگۇ خۇئەيئېننىڭ قىزى ئىدى. «خاتۇن» بۆكە قاغان بىلەن دادىسىنى ئۇچراشتۇرىدۇ ۋە بۆكە قاغانغا شى نىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېيتىپ، تاڭ قوشۇنىدا بىر پادىشاھنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا قاغاننىڭ توپىلاڭچىلارنى ئەمەس، تاڭ سۇلالىسىنى قوللىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
پۇگۇ خۇئەيئېىن تاڭ قۇشۇنلىرىنى باشلاپ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە لوياڭنىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلىپ بۇ شەھەرنى ئېلىشنى نىيەت قىلىدۇ. شى چاۋيى جەڭنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە مىلادى 762-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى لوياڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدا تاڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىدۇ. نەتىجىدە تاڭ قوشۇنلىرى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلىدۇ. شى چاۋيى شەرىق تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ ۋە شەھەرنى تاڭ قوشۇنىغا تاشلاپ بېرىدۇ.

مىلادى 757- يىلى شەھەرنى ئۈچ كۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئۇيغۇرلار بەش يىلدىن كېيىن مىلادى 762-يىلى تېخمۇ ۋەھشىلەشكەن ئىدى. بۇ توغرىسىدا خىتاي مەنبەلىرىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋەقەلىك نەقىل قىلىغان. ئەينى ۋاقىتتا تاڭ قوشۇنى شەھەرگە كىرگەندە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلاڭ -تالىڭىدىن قېچىش ئۈچۈن ئىككى چوڭ ئىبادەتخانىغا مۆكۈۋالغان؛ بۇلاردىن بىرى بەيما ئىبادەتخانىسى بولۇپ، خىتايدىكى بۇددىزمنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلاتتى. ئۇيغۇرلار ئىبادەتخانىنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىككى ئۆلچەملىك تارىخىي مەنبە بۇ ئوتنىڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.

مىلادى 764-يىلىغا كەلگەندە، ئەن لۇشەن توپىلىڭىدا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن پۇگۇ خۇئەيئىن ناھايىتى مۇرەككەپ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش شارائىتىدا تاڭ سۇلالىسىگە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ. تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش مەزكۇر ماقالىنىڭ تېمىسىنىڭ سىرتىدا. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بار ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن تىبەتلەر تاڭ قوشۇنى ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت، دەپ قارىلاتتى. ھەتتا مىلادى 763- يىلى پايتەخت چاڭ ئەننى بىر قانچە كۈن قولغا ئېلىپ باققانمۇ ئىدى. مىلادى 765-يىلى كۈزدە پۇگۇ خۇئەيئېن تەشكىللىگەن يېڭى قوشۇن بۇرۇنقى قوشۇنلاردىنمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى قوشۇندا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا خىتاي ئەمەس قوشۇنلارمۇ بار ئىدى. مىلادى 765-يىلى سېنتەبىردە پۇگۇ ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئۇيغۇر ۋە تىبەت قوشۇنلار جىڭ ياڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىتتا يېتىدۇ. جىڭ ياڭ شەھىرى چاڭ ئەننىڭ شىمالىغا يېقىن شەھەر ھېسابلىناتتى. بۇ قېتىممۇ مىلادى 762-يىلدىكىگە ئوخشاش، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ تاڭ قوشۇنىغا ياردەم قىلىشقا قايىل قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم بۇ خىل ئۆزگىرىشكە سەۋەبچى بولغىنى بولسا گو زىيى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تاڭ قوشۇنىغا ياردەم قىلىپ تىبەتلەر بىلەن جەڭ قىلىپ مىلادى 765-يىل تىبەتلەرنى چېكىندۈردى.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى قېتىم تاڭ سۇلالىسى بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق ھالىتىدە تۇرۇپ جەڭ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ قوشۇنىنىڭ توپىلاڭچىلارنى يوقىتىشىغا ياردەم قىلىشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەقسەتنى كۆزلەپ ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا تاڭ سۇلالىسىمۇ بۇنىڭ بەدىلىنى بەك ئېغىر تۆلىگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار ئىشەنگىلى بولىدىغان ئىتتىپاقداش ئەمەس ئىدى. چۈنكى شارائىت ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان ئەھۋالدا تاڭ قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە ئىدى. پۈتۈن ھەربىي ياردەملىرى بىرىنچى ئۇيغۇر خانلىقىدىن كەلگەن. قىزىقارلىق يېرى، ئەينى ۋاقىتتا بىردىنبىر ئىككىنجى خانلىقتىن تاڭ سۇلالىسىگە قىلىنغان ياردەم تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. مىلادى 821-يىلى تاڭ پادىشاھى مۇ زۇڭ خېبېيدا چاڭ ئەننىڭ رۇخسىتىسىز ھۆكۈمدار بولىۋالغان ۋاڭ تىڭتسوۋ (834- يىلى ئۆلگەن) نى باستۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قوشۇن تەشكىللەپ ياردەمگە كەلگەن. لېكىن تاڭ قوشۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىنى رەت قىلغان. سەۋەبى بولسا مىلادى 762-يىلىدىكى لوياڭ شەھىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم قىلىپ، ئۇيغۇرلار قىلغان ياردىمى ئۈچۈن تاڭ ئوردىسىنى باشقۇرۇشسىز، شەھەر باشقۇرۇشنى تەس ھالغا ئەكىلىپ قويغان ئىكەن.

بەلكىم بىرى چىقىپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرى خىتاي مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئىكەن، ئۇيغۇرلاردىن ئەمەس دېيىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تاڭ سۇلالىسىگە سادىق بولۇش شەرت ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىشمۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال ئىدى. خىتايلارنىڭ نەزىرىدە «چىدىغۇسىز، چەكلىمىسىز، باشقۇرۇش قېيىن»، دەپ تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا پەرقلىق ھەم ھەقلىق بىلىنەتتى. ماڭا ئەڭ دەشھەت بىلىنگىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇتخانىغا كىرىۋالغان بىگۇناھ خەلقنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىشى ئىدى. مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئاقلايدىغان مەقسىتىم يوق. لېكىن شۇنى دەپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، بىز يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى خىتايلارنىڭ مەنبەسىدىن ئاڭلاۋاتىمىز. بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ھەقىقىي، خاتا چۈشەنچىلەرنى يوقىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى باشقىچە تەقسىم قىلىدىغان ماتېرىياللار بولىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىرغىچە خىتاي مەنبەلىرى مودېرن تارىخشۇناسلارنىڭ بىردىنبىر ئېرىشەلەيدىغان مەنبەسى بولۇپ قالدى.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەت

دىپلوماتىيە تىلى بىلەن ئېيتقاندا، خىتاي تارىخى ماتېرىياللىرىدا قەيت قىلىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى، تاڭ سۇلالىسى ھەر بىر يېڭى تەخىتكە چىققان قاغان ئۈچۈن رەسمىي ئۈنۋان (ئوتۇغاتلار)بېرەتتى ۋە بۇ تاڭ ئوردىسىنىڭ يېڭى قاغاننى رەسمىي شەكىلدە ئېتىراپ قىلغانلىقىغا تەڭ ئىدى. خىتايچە ئاتالغان ئوتۇغاتلار قاغانغا بۇ قۇدرەتنى ئاتا قىلغان كىشىنىڭ ئىمپېراتورنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولسىمۇ، قاغاننىڭمۇ ئۇخشاش ئويلىشى ئېھتىماللىقتىن ناھايىتى يىراقتا ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىدە بۇ خىل قۇدرەتنىڭ تاڭ خاقاندىن ئەمەس ئاسماندىن كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر قاغاننىڭ تاڭ پادىشاھىنىڭ ئۈنۋانىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىغا شەك قىلىشقا ھېچ قانداق سەۋەبىمىز يوق. مىلادى 795-يىلىدىن مىلادى 805-يىلىغىچە بولغان ئون يىلدىن باشقا ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇر قاغانلىرى قەرەللىك ئەلچى ئەۋەتىپ، تاڭ پادىشاھىنى ئۆز تېررىتورىيىسىدە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار قىلغان ۋە خاراج تۆلىگەن.

شۇنداق بولسىمۇ، بەزى قاغانلار ۋە ۋەزىرلەرنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە بولغان پوزىتسىيىسى پەرقلىق ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر خانلىقىدىكى يەنە بىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ساھىب گەۋدە مانى دىنى بىلەن چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك باغلىنىشى بولغان سوئودىئانسلار ئىدى. گەرچە سوئودىئانلارنىڭ تەسىرى بۆكە قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشىدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ ئىشتىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەسىرى شۇنچىلىك چوڭ ئىدىكى، قاغانلار ھەر قانچە قىلىپمۇ پىسەنت قىلماي تۇرالمايدىغان ھالەتتە دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرغان ئىدى.

شۇنداقتىمۇ قاغان ئوردىسىدا سوئودىئانسلار بىلەن يېڭى دىننى يامان كۆرىدىغان بىر قىسىم ئادەملەر بار ئىدى. بۇلاردىن بىرى تۈن باغا بولۇپ بۆكە قاغاننىڭ بىرىنچى جىيەنى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى خاقانى دەي زۇڭ(مىلادى 762- 779) مىلادى 779- يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، سوئودىيالار بۆكە قاغاننى بۇ زاۋاللىقتىن پايدىلىنىپ تاڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. تۈن باغا بۇ پىكىرگە قەتئىي قارشى تۇردى. ئۆزىنىڭ تەسىرىنىڭ سوئودىيالارنىڭ تەسىرىدەك چوڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا بۆكە قاغاننى ئۆلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈن باغا سوئ‍ودىيالارغا قارشى تۇرۇپ، خىتايغا يېقىنلىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. مانى دىنىغا چەكلىمىلەر ئېلىپ كېلىشى بۇلارنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. ئەمما، مانى دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولغاچقا، مىلادى 789-يىلى تۈن باغانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يەنە بۇرۇنقى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان دىن ھالىتىگە قايتىدۇ.

مىلادى 798- يىلىدىن مىلادى 805- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەقىقىي بىر ئالاقە، مۇناسىۋەت ئورنىتىلمىغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇ دەۋرگە ئائىت خىتاي مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق ھېچ نەرسە قەيت قىلىنمىغانلىقىنى دەلىل قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىلادى 805-يىلىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلغانلىقىنى بەزى تارىخشۇناسلار خۇئەي شىن قاغاننىڭ ئۆلۈمىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويماقتا. «يېڭى تاڭنامە» دە قەيت قىلىنىشىچە، ئەمەلدار سۈن گاۋ قارابالغاسۇنغا قاغان ئۆلۈمىنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ ۋارىسلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا سۈن گاۋ قاغاننىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈشتىن زىيادە ئون يىللارچە داۋام قىلغان ئۈزۈك مۇناسىۋەتتىن كېيىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن بولىشى مۇمكىن.

تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى خانلىقى ئوتتۇرسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە دىننىڭمۇ مۇھىم ئورنى بار. مىلادى 807- يىلىنىڭ بېشىدا، بىر ئۇيغۇر ئەلچى چاڭ ئەنگە يېتىپ بارىدۇ. ئادەتتە بۇ تولىمۇ نورمال بىر ئەھۋال. دىققەتنى تارتىدىغىنى بولسا بۇ تۇنجى قېتىم مانى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئەلچى بىلەن بىرلىكتە تاڭ ئوردىسىغا بېرىشى ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، قايتىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىق ئوردىسىدا دىن مۇخلىسلىرىنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايغان ئىدى. «يېڭى تاڭنامە» دە يېزىلىشىچە، قاغان دۆلەت ئىشلىرىدا مانى دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ دائىم قاتنىشىشىنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

مانى دىنىنىڭ تاڭ-ئۇيغۇر دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئورنىنى تاڭ سۇلالىسى داڭلىق شائىرى بەي جۈيىنىڭ يازغان 807 پارچە خېتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قاغانغا لوياڭ ۋە تەي يۈئەنگە مانى دىنى ئىبادەتخانىسى سېلىش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكى يېزىلغان. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇ يىل ئىچىدە قاغاندىن بۇرۇن تاڭ ئوردىسىغا كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكى ئېنىق.

لو ياڭ شەھىرىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ چوڭلىقى بۆكە قاغاننىڭ ئەينى ۋاقىتتا شۇ شەھەردە دىنغا كىرگەنلىكىدىن نامايەن بولۇپ تۇراتتى. بەي جۈيىنىڭ خەتلىرىدە دېيىلىشىچە، تاڭ خاقانى بۇ تەلەپكە «ناھايىتى ياخشى تەلەپ ئىكەن»، دەپ جاۋاب قايتۇرغان. تاڭ ئوردىسى ھەتتا مانى دىنى مۇخلىسلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا-سالام يەتكۈزگەن. ھەمدە شۇ يەردىكى يەرلىك ئەسكەرلەرنىڭ مۇخلىسلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەر دائىم خىزمىتىگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ خان جەمەتى خەتلىرى تاڭ ئوردىسىنىڭ كۈچلۈك بىر قوشنىسىغا قىلغان يول قۇيۇشلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆڭلۈك- سۆيگۈم توپىلىڭىنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولىدىن بولسا كېرەك.

دىپلوماتىيىلىك نىكاھلىنىش مۇناسىۋىتى

تاڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەردە ئەڭ مۇھىم بولغانلاردىن بىرى تاڭ مەلىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ نىكاھلىنىشى ئارقىلىق بولغان. دەرۋەقە، مەلىكىلىرىنى يات ھۆكۈمدارلارغا تارتۇق قىلىش تاڭ سۇلالىسىنىڭ دائىم قوللىنىدىغان دىپلوماتىيە ئۇسۇلى ئىدى ۋە باشقا خىتاي خاندانلىقلىرىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىناتتى. ئات ۋە يىپەك سودىسى بىلەن بىرلىكتە، تاڭ سۇلالىسى بىلەن غەربىي شىمالدا چېگرىداش بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تىنچلىقنى ساقلاش يوللىرىدىن بىرى مەلىكىلەرنى ئۇيغۇرلارغا تارتۇق قىلىش ئىدى. مودېرن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە دىپلوماتىيىلىك نىكاھلىنىش تاڭ ئوردىسى بىلەن ئەتراپىدىكىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈلتۈرەل ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلارنى قويۇقلاشتۇرغانلىقى ھەقىقەت ئىدى.

مىلادى 744-يىلىدىن مىلادى 840-يىلغىچە جەمئىي ئالتە تاڭ مەلىكىسى ئۇيغۇر قاغانلىرىغا تارتۇق قىلىنغان. مىلادى 758-يىلى ئىككىنچى قاغان مويۇنچۇ ئېمپېراتور سۇ زۇڭنىڭ ئىككىنچى قىزى نىڭگۇ مەلىكە بىلەن نىكاھلانغان. قاغان نىڭگونىڭ قېرىندىشىنىمۇ نىڭگوغا ھەمراھ قىلىش مەقسىتىدە توقال قىلىپ ئالغان. بۆكە قاغان پۇگۇ خۇئەيئېننىڭ ئىككى قىزى بىلەن نىكاھلانغان. مىلادى 759-يىلى مويۇنچۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن مەلىكە نىڭگو يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. لېكىن كىچىك مەلىكە بۆكە قاغاننىڭ توقىلى بولۇپ قېلىپ قالغان. تۈن باغا پادىشاھ دې زۇڭنىڭ سەككىزىنچى قىزى شىئەن ئەن مەلىكە بىلەن نىكاھلانغان. تاڭ پادىشاھى شىئەنزۇڭنىڭ (مىلادى 779-805) 17- قىزى تەيخې مەلىكە مىلادى 821-يىلى ئۇيغۇر قاغانىغا ياتلىق قىلىنغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، تاڭ ئوردىسى ياتلارغا بەرگەن مەلىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۈچ تانىسى، يەنى نىڭگو مەلىكە، شىئەن مەلىكە ۋە تەيخې مەلىكە چىن ئىمپېراتورىنىڭ قىزلىرى ئىدى. بۇ تاڭ ئوردىسىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ياتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈن باغانىڭ شىئەن ئەن مەلىكە بىلەن نىكاھلىنىشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە بولغان ئىجابىي پوزىتسىيىسىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا تۈن باغا مەلىكىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ ئەلچى ئەۋەتتىكى، ئەلچىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ چاڭ ئەنگە كىرىشى رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى. مەلىكە شىئەن ئەن مىلادى 787-يىلى تۈن باغاغا ياتلىق بولغان ۋە 21 يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ياشاپ مىلادى 808-يىلى ئۆلگەن. مەلىكە شىئەن ئەن تۈن باغاغىلا ياتلىق بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ ۋارىسىغىمۇ ياتلىق بولغان. چۈنكى مەلىكە ئۈچۈن تەخىتتە كىم ئولتۇرسا شۇنىڭغا ياتلىق بولۇش ئەنئەنىگە ئۇيغۇن ئىدى. شىئەن ئەن مەلىكە ياتلارنىڭ خوتۇنى ھالىتىدە ئۆلگەن تۇنجى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر قاغانى بىلەن مەلىكە تەيخېنىڭ نىكاھلىنىشى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق نوقتا ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى دىپلوماتىيىلىك نىكاھلىنىشلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بىرى سانىلىدۇ. بۇ نىكاھلىنىش ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مىلادى 813- يىلىنىڭ بېشىدا قۇچ بىلگە قاغان تۇنجى قېتىم تاڭ سۇلالىسى مەلىكىسى ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتىدۇ. لېكىن شىئەنزۇڭ ئۇنى بىر قانچە يىل رەت قىلىدۇ. مىلادى 820- يىلى ئۈچۈنچى قېتىم ئەلچىلەر كەلگەندە، شىئەنزۇڭ ئاخىرى ياتلىق قىلىشقا ماقۇل بولىدۇ. كۈتۈلمىگەندە شىئەنزۇڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى مۇزۇڭ بۇ تويغا ئىگە چىقىدۇ. ئۇيغۇرلار تەرەپتىمۇ ئوخشاش بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. تەيخې مەلىكە قارابالغاسۇنغا ئېلىپ كېلىنىپ بولغىچە قۇچ بىلگە قاغان ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇچ بىلگە قاغاننىڭ ۋارىسى تەيخې مەلىكە بىلەن نىكاھلىنىدۇ.

شىئەن زۇڭنىڭ بۇ توينى بۇنچىلىك كېچىكتۈرۈشىنىڭ سەۋەبى؛ تاڭ ئوردىسىدىكى سىياسىي كۈرەشتىن بولسا كېرەك. ئەسلىدە بۇ تويغا ئەڭ كۈچلۈك قارشى چىققان ئاغۋات تۇتۇ چېڭتسۈي ئىدى. شىئەن زۇڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلىرىدا ئوردىنى ئۇ كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، شىئەن زۇڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئاغۋات ئۆلتۈرۈلۈپ، قالدۇقلىرى تازىلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي قوچ بىلگە قاغان ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئۈچۈنچى قېتىملىق دىپلوماتىيىلىك نىكاھلىنىش تەلىپى ئۈچۈن يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شىئەن زۇڭ ئۆزىنىڭ ماقۇللىقىنى ئۇچۇق ئاشكارە بىلدۈرەلەيدۇ.

بۇ توي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر كېلىشىمدىن بىشارەت بېرەتتى. ئىككى مىڭ قەبىلە باشلىقى، ئىككى تۈمەن تۇياق ئات ۋە مىڭ تۆگىدىن تۈزۈلگەن ئەلچىلەر ئۆمىكى مەلىكىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. «يېڭى تاڭنامە«دە دېيىلىشىچە، يات دۆلەتلەردىن تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ھېچ بىر زامان بۇنچىلىك چوڭ كۆلەملىك بولۇپ باققان ئەمەس. بۇ پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئېيتىلغان بولماستىن، باشقا پۈتۈن يات دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئىدى. خىتايلار ئۆزلىرىمۇ بۇ تويغا ناھايىتى ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، پادىشاھ مۇ زۇڭ شەھەر سېپىلىغا چىقىپ سىڭلىسىنى ئۇزاتقان، نۇرغۇن ئاۋام-خەلق شەھەر سىرتىغىچە چىقىپ تاماشا كۆرگەن، نۇرغۇن ئەمەلدارلارمۇ رەتكە تىزىلىپ مەلىكىنى ئۇزاتقان. خىتاي مەنبەلىرى تەيخې مەلىكىنىڭ قارابالغاسۇنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى توغرۇلۇقمۇ نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلارنى سۇنغان.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەلىكە بىلەن ئۇيغۇر قاغاننىڭ نىكاھلىنىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى دىپلوماتىيىلىك، كۈلتۈرەل ئالاقىنىڭ روشەن نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. شىئەن زۇڭنىڭ سىياسىي ئەندىشىسى يوقالغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختا بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى بۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خىتايغا ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان كۈلتۈرەل تەسىرىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلدىغان بولغان.

سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت

ئۇيغۇر-تاڭ مۇناسىۋىتىدە، ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قىلىغان ھەربىي ياردەمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەنە بىر تەرەپ يىپەك تىجارىتى ئىدى. تۆۋەندە تىلغا ئېلىنىدىغان «خىتايغا خىزمەت سۇنۇش» ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭدا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

چىئەن يۈئەن (758-60) زامانىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار كۆپ قېتىم تاڭ ئوردىسىغا يىپەك سودىسى ئۈچۈن ئاتلىق ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ھەربىي ياردەم خىزمىتىدىن ياخشى پايدىلىنىدۇ. ئۇيغۇر خانلىقى ھەر يىل بىر قانچە تۈمەن ئاتنى تاڭ سۇلالىسىگە ھەيدەپ بېرىپ، ھەر بىر ئاتقا 40 توپ يىپەك تېگىشىپ كېلەتتى. ئۇيغۇرلار نۇرغۇنلىغان يىپەككە ئېرىشەتتى، تاڭ سۇلالىسى بولسا ئۇلار ئۈچۈن كېرەكسىز ھېسابلىنىدىغان ئاتلارغا ئېرىشەتتى. بۇ ۋەجىدىن، تاڭ سۇلالىسى بۇ سودىنى پۈتۈنلەي باش ئاغرىقى دەپ قارايتتى.

يۇقىرىدا دېيىلگەن تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تاڭ سۇلالىسى بۇ سودىنى قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. بېرىتانىيە تارىخى مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا ئەينى ۋاقىتتا بىر توپ يىپەك بىر كۈنلۈك ئىش كۈچىگە تەڭ ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا بىر توپ يىپەك ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئايالنىڭ پۈتۈن كۈن ئىشلىشىگە توغرا كېلەتتى. ئۇيغۇرلار ئېرىشىدىغان يىپەك مىقتارى ناھايىتى چوڭ ئىدى. مىلادى 773-يىلى سېنتەبىردە، بىر ئۇيغۇر ئەلچى بىر تۈمەن ئات بىلەن چاڭ ئەنگە تىجارەتكە كەلگەن بولۇپ «كونا تاڭنامە« بۇ تىجارەت توغۇرلۇق بەزى قىزىقارلىق نۇقتىلارنى قەيت قىلغان. پادىشاھ دەي زۇڭ خەلقىگە كېلىدىغان سېلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئوردا ئەمەلدارلىرىنى يىللىق كىرىمنى ھېسابلاشقا بۇيرۇپ، يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 6000 تۇياق ئات سودىسى قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.

بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ئات ساتقىلى كەلگەن ۋاقىتتا، پادىشاھنىڭ بەك تەكەللۇپ قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تاڭ سۇلالىسى بۇ خىل شەكىلدە ئات سودىسىدىن قۇتۇلىمىز دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە تاڭ خاقانى بۇ ئەھۋالغا قارشى چىقىشنى ئويلىغان بولسا ئىدى، قارىشىمۇ چىقالايتتى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاڭ ئوردىسىمۇ خالىغانچە ئاتقا يىپەكنى تېگىشىپ سودا قىلغان ئەمەس. ئۇيغۇرلار يىپەككە ئېرىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئاتلارنى سېتىپ پۇلغىمۇ ئېرىشىشنى ئويلايتتى. بۇ پۇللار خەلقتىن ئېلىنغا باج شەكلىدە دۆلەت خەزىنىسىدىن كېلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلىتىلىشى كېرەك بولغان يەرلەر بار ئىدى. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ئات ۋە يىپەك سودىسىنىڭ مىقتارى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى بولۇپ، يىلدا مىڭلارچە ئات بازارغا سېلىناتتى. يەنە كېلىپ بۇلار پەقەت دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى رەسمىي تىجارەت خالاس. تاڭ دۆلىتىگە باشقا ئىش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارمۇ خىتايدا سودا ئىشى بىلەن ھەپىلىشىپ كېتەتتى. قارابالغاسۇنغا بارىدىغان تاڭ ئەلچىلىرىمۇ چاندۇرماي چىندىن ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنىڭ تىجارىتىنى قىلاتتى.

بۇنچىلىك چوڭ كۆلەمدىكى تىجارەتتە تاڭ سۇلالىسى چىقىمنى كۆتۈرەلمەيتتى ۋە پۇلنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن ئۇيغۇرلارغا قەرزدار بولاتتى. ئات ۋە يىپەك تىجارىتىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ باھا تالىشىشمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار قانچە كۆپ يىپەك ئالالىسا شۇنچە كۆپ ئېلىشقا تىرىشاتتى، تاڭ دۆلىتى بولسا ئامال بار تىجارەت مىقدارىنى ئازايتىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى ئاتنىڭ ئۇلارغا ھېچ كېرىكى يوق ئىدى.

بەزى ۋاقىتلاردا، مەسىلەن مىلادى 773-يىلدىكى دەي زۇڭ نىڭ قىلغىنىدەك تىجارەتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلنغان ئات يىپەك سودىسى پۈتۈن ئەسىر بويىچە داۋام قىلغان ئىدى. مىلادى 821-يىلى قارابالغاسۇنغا زىيارەتكە بارغان ئەرەب سەيياھى تامىم ئبن باھرى ئەل مۇتتاۋۋىي تاڭ پادىشاھىنىڭ ئۇيغۇر قاغانغا ھەر يىلى بەش يۈز مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. خىتاي مەنبەلىرىدە بولسا مىلادى 820- يىلىدىن مىلادى 830- يىلىغىچە بولغان ئون يىلنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتقا ھېسابلاپ بەرگەن يىپەك مىقدارىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان يىللار ئىكەنلىكى يېزىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تاڭ دۆلىتى بىلەن قىلغان تىجارىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى چاي سودىسى ئىدى. لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى چاي تىجارىتىنىڭ قاچان باشلانغانلىقى نامەلۇم. «يېڭى تاڭنامە» دىكى لۇيۇ تەرجىمىھالى قىسمىدا بۇ چاي تىجارىتىنى تىلغا ئالغان. لۇيۇنىڭ (مىلادى 840-يىلى) چاي توغرىسىدا كلاسسىك ئەسىرى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ ئوردىسىغا كېلىپ، تۇنجى قېتىم ئاتلىق چاي ئېلىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىدىن چوڭراق ھېسابلىنىدۇ. ئات ۋە يىپەك تىجارىتى تاڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كەلگەن بېسىمى تۈپەيلىدىن ئەجدادلىرىدىنمۇ بەكرەك راھەت تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. خىتاي يىپەكلىرگە ئېرىشىشنى خالايدىغانلارنىڭ تاڭ ئوردىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى، گۈللەنگەن شەھەرلىكلەر سىنىپىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى ئىشارەتلەپ بېرىدۇ. ئات بىلەن يىپەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پۇلنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدىغان ۋە باشقا تاۋارلار بىلەنمۇ ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ھالغا كېلىدۇ. قارابالغاسۇن مىلادى 744-يىلى ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق قىلغان باشقا شەھەرلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ۋە باياشات شەھەرگە ئايلىنىدۇ. تامىم ئىبن باھىر قارابالغاسۇننىڭ چوڭ ھەم يېزا- ئىگىلىكتە تەرەققىي قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا داڭلىق، ئادەم كۆپ، پەرقلىق تىجارەت بازارلىرى بولغان شەھەر ئىكەنلىكىنى تەرىپلىگەن.

ئۇيغۇر-تاڭ سودا مۇناسىۋىتىدىكى تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار چاڭ ئەنگە كېلىپ يەرلەشكەن، توي قىلغان، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەتتا مۈلۈكمۇ سېتىۋالغان. بەزى ئۇيغۇرلار باشقىلارغا قەرز بېرىدىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەم يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن كۆرۈنەرلىك پايدا ئالغان. مىلادى 831- يىلىغا كەلگەندە تاڭ خاقانى بۇ ئەھۋالغا قارشى تەدبىر ئېلىش قارارىغا كەلگەن.

بىر قېتىم قوماندان لى شېڭنىڭ (مىلادى 727-793) لى شېن ئىسىملىك ھاراقكەش ئوغلى ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن قەرز بولۇپ قالغان. لى شېن ئىسراپخور بىرى بولۇپ ئومۇمىي قەرز سوممىسى نەچچە مىليون تىزىق پۇلغا يېتىپ بارغان. لى شېنغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، لىشېننىڭ ئوغلى ئۇيغۇرلاردىن 11مىڭ 400 تىزىق پۇل قەرز ئالغان. كېيىن ئۇ پۇلنى قايتۇرۇش ئىمكانى بولمىغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ئوردىغا ئەرز قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى نومۇستا قېلىپ، لى شېننى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان. پادىشاھ دەرھال يارلىق چىقىرىپ تابغاچلارنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىش ئىشلىرىنى چەكلىگەن. كېينچە خىتايلار ئۇيغۇرلار بىلەن پەقەت رەسمىي تىجارەت يوللىرى ئارقىلىقلا ئالاقە قىلغان. بۇ يارلىقنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ قەرز بېرىش تىجارىتىنى توسۇپ قالالغانلىق توغۇرلۇق ھېچ بىر مەلۇمات يوق. دەل ئەكسىچە، سۇڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ قەرز بېرىش ئىشلىرى ناھايىتى ئاكتىپ ھەم بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۈچىيىپ كەتكەنلىكى بىزگە مەلۇم.

خۇلاسە

خىتاي ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىسى فېڭ جىياشېڭ مىلادى 744-840 يىللار ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىگەن:
ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىقنى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى قىلىپ كەلگەن. ئەمما تاڭ سۇلالىسى بىلەن قىلغان دوستلۇق تىجارەتلىرى، شەرق- غەرب ئالاقە لىنىيىسىنى كونترول قىلغانلىقلىرى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ يۆلىنىش كۆچمەنلىكتىن يېرىم- ئولتۇراقلىشىشقا، چارۋىچىلىقتىن تىجارەتكە قاراپ تەرەققىي قىلغان.

مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، فېڭ ئۇيغۇر-تاڭ مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ئىجابىي تەسۋىرلىگەن بىر پارچە رەسىم سىزىپ بەرگەن ئىدى. مېنىڭ قانائىتىمچە، بۇ خىل مۇناسىۋەت نۇرغۇن ۋاقىتتا دوستانە تىجارەت مۇناسىۋىتى ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قىلغان ھەربىي ياردىمى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئاچچىق بىر تەم قاتقان ئىدى. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەر تەرەپلەرنىڭ دوستلۇقىغا ياخشى تەسىر كۆرسەتكەندەك قىلمايتتى. بەزىبىر مىساللارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرلىرىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقى ھەقىقەت ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، فېڭ نىڭ ئېيتقىنىدەك كارتىنا يوقمۇ ئەمەس. بۇنىڭغا ئۇيغۇر- تاڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر دەلىل بولالايدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى ئات ۋە يىپەك تىجارىتى، دىپلوماتىيىلىك نىكاھلىنىش، بولۇپمۇ تەيخې مەلىكىنىڭ ياتلىق بولىشى، ھەم باشقا مۇناسىۋەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. مىلادى 744-يىلىدىن مىلادى 840-يىلغىچە بولغان بىر ئەسىردە تىجارەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىمۇ ھەقىقەت. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىكتىن ئولتۇراقلىشىشقا، شەھەرلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى، بولۇپمۇ شەرق تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەكىلدە ئۆزگىرىشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا فېڭنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ توغرا.

لېكىن بۈگۈن «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىۋاتقان رايۇننىڭ غەرب تەرىپىدىكى شەھەرلەردە، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئېھتىماللىققا تېخىمۇ يېقىن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا جەمئىيەت ئىچىدە تەرەققىيات باسقۇچىغا ئاللىبۇرۇن قەدەم قويۇپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا كۆچمەنلىكتىن ئولتۇراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىشكە قەدەم قويۇپ بولغانلىقىنى، تاڭ بىلەن ھېچ قانداق ئالاقە قىلمىغان تەقدىردىمۇ يۇقىرقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى تۈرك قەۋىملىرى ئاللىبۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتىنى ياراتقان قەۋم ئىدى.

ئۆزگىرىشنىڭ باشقا بىر نوقتىسى تاڭ خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ھېچ جەلپ قىلالمىغان مانى دىنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدۇر. گەرچە بۇ نوقتا ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ خىتاي تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ قولىمىزغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ماتېرىياللىرىدىن ۋە ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىن مانىزىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭدا قىزىقارلىق ئەھۋال ئوتتۇرغا چىقىدۇ: بۇ تارىخىي ماتېرىياللاردا ھېچ بىر زامان خىتايلارنىڭ دىنى بولۇپ باقمىغان، ھەتتا خىتايدا ھەقىقىي تۈردە تارقىلىپ باقمىغان مانى دىنىنىڭ خىتايلاردىن ئۇيغۇرلارغا تارقالغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. بۆكە قاغان شى چاۋيىدىن شەھەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن لو ياڭغا بارمىغان بولسا ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا كىرىشى شۈبھىلىك بولاتتى. بۇ شۇنى دېمەك بولىدۇكى، مىلادى 744-يىلىدىن 840- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلاردا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىدىمۇ، تاڭ سۇلالىسى تاسادىپىي ھالدا سەۋەب بولۇپ قالغان دەپ نەقىل قىلىنغان.

ھالبۇكى، بىز قارشى تەرەپتىن بۇ نۇقتىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە بولغان تەسىرىگە قارىغىنىمىزدا، ھەقىقەتەنمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيمىز. ئەمما تاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى كىچىك ھېسابلىنىدۇ. بۆكە قاغاننىڭ مىلادى 762-يىلنىڭ ئاخىرىدا لوياڭنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن قىلغان ياردىمى ناھايىتى مۇھىم ھەربىي ھەرىكەت بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇيغۇرلار بولمىغان بولسا بۇ قېتىمقى توپىلاڭنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. ئات ۋە يىپەك تىجارىتى بىر خىل مەجبۇرىيەت خارەكتېرىدىكى تىجارەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىجارەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە سېلىشتۇرغاندا تاڭنىڭ ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ھېچ نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلار بەلكىم خىتايلارنى مانى دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن مانى دىنى ھېچ بىر ۋاقىت خىتايلارنىڭ ئاساسىي دىنى بولۇپ باقمىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا يېقىنمۇ كەلمىگەن ئىدى.

تاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭغا بولغان تەسىرىدىن چوڭ. شۇڭا مەن يەنە قايتا تەكىتلەيمەنكى، بۇ ئىككى دۆلەت نۇرغۇن جەھەتلەردە باراۋەر ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ تېررىتورىيىسى ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەينى ۋاقىتتىكى تاڭ سۇلالىسىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ھېسابلىناتتى. يەنە كېلىپ كۈلتۈر جەھەتتىن، خىتاي كۈلتۈرى تۈرك كۈلتۈرىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە ھېسابلىنىدۇ. خىتايلارنىڭ مىڭ يىللارچە تارىخى بار، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ خىتايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىسقا ۋاقىتلىق تەرەققىياتى بولغان. ھەم تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىياتى بىر ئاز كېيىن ھەم تېخىمۇ غەرب تەرەپلەردە باشلانغان. بۇ سەۋەبتىن ئىككىلىك تەسىرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ھەيران قالارلىق ئىشى ئەمەس.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى بەك چوڭ. تارىخ نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى ناھايىتى مۇھىم. شۇنداقلا ئەگەر تاڭ خىتاي كۈلتۈرىنىڭ تەسىرى بولمىغان بولسا ئىدى بۇ خىل شەكىلدە تەرەققىي قىلمىغان بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۈچۈن ئېيتقاندا مىلادى 744-تىن مىلادى 840-قىچە بولغان بىر ئەسىر پەۋقۇلئادە مۇھىم دەۋر ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇر دۆلىتى مىسالى بىزگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ شۇنداقلا دائىملىق رىقابەتلەشكەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىر- بىرىگە بولغان تەسىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل ئانالىزلار بىزگە پەرقلىق كۈلتۈر ۋە كۈچتىكى توپلۇملارنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز- ئارا ۋە ئۆز ئىچىدە تارىخقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەتتا دۇنيا تارىخىدىمۇ ئەكىس ئېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەنبە: Colin Mackerras – Relations between the Uighurs and Tang China, 744 – 840

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش