ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا مۇخبىرى – باربارا ستېفېنس

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا مۇخبىرى – باربارا ستېفېنس

دوكتور ئەسەت سۇلايمان

قارا قىشتا ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئامېرىكالىق مۇخبىر قىز

ئامېرىكا «تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى (Barbara Stephens) باربارا ستېفېنس 1946-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭچىڭدىن كۇزۇپلۇق دالا ماشىنىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. دەل مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا باش كونسۇللۇققا تەيىنلەنگەن جون خول پاكىستون (John H. Paxton) خانىمى ۋىنكو پاكىستون (Vinco Paxton) بىلەن بىرلىكتە شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچقان ئامېرىكا ھەربىي ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئالتۇن چاچلىق گۈزەل قىز باربارا ستېفېنس بىرقانچە ئايلىق جاپالىق سەپەر ئارقىلىق 1947-يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.

ۋىنكو پاكىستون خانىم كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ئەسلىمىسىدە 1947-يىلى يانۋارنىڭ سوغۇق بىر كۈنى كونسۇلخانىنىڭ دەرۋازىسىنى تۆت چاقلىق ئات ھارۋىسىدىن سەكرەپ چۈشكەن ياش بىر ئامېرىكالىق قىزنىڭ چەككەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۇتىغا يەرلىكلەرنىڭ ئۇزۇن قونجلۇق ئۆتۈكى بىلەن ئۈستىگە قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن قېلىن جۇۋىسىنى كىيىۋالغانلىقىنى، ئارقىسىدىن چىگىلگەن ئالتۇنرەڭ چاچلىرىنىڭ مۈرىسىگىچە يېيىلىپ تۇرغانلىقىنى، قىزنىڭ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن «پاكىستون ئەپەندى، مەن باربارا ستېفېنس بولىمەن،» دېگەنلىكىنى خاتىرىلەيدۇ. [1]

ماناس دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىنى كۆرگۈم بار!

باربارا ستېفېنس كونسۇلخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن شۇ كۈنى كەچتە كونسۇل پاختون ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسولى كلارك گراھام (Clark Graham) بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق سۆزلىشىدۇ. باربارا ئۇلارغا: «مەن خىتايلارنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئالاھىدە قىزىقىمەن. مەن بۇ يەردە بولغان ۋاقتىمدا ئادەتتىكى زىيارەتچىلەردەك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپلا بولدى قىلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن. مەن بۇ يەردە بىر كونسۇلنىڭ دىپلوماتىك نۇقتىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشنى ئىستىمەيمەن. مەن ھەرقايسىي جايلارغا سەپەر قىلىپ، تۈرلۈك قاتلاملارغا مەنسۇپ كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ مەزكۇر رايون توغرىسىدىكى مۇستەقىل پىكرىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئويلاۋاتىمەن،» [2] دەيدۇ.

كونسۇل پاكىستون ئۇنىڭدىن قەيەرگە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى سورايدۇ. «ئالدى بىلەن ئىلىغا، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىگە بېرىشنى ئىستەيمەن،» – دەيدۇ بارابار ستېفېنس: – «مەن ئىلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) نىڭ سىرتمىقىدىن قانداق قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونومىيەسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمەن. مەن يەنە ئىلىدا ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ قولغا كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرمەكچىمەن. سىلەرچە ئۈچ ۋىلايەتنى ئەركىنلىككە ئېرىشتى دېسەم توغرا بولارمۇ؟» [3]

كونسۇل پاكىستون ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئۈرۈمچىدىن 150 مىل كېلىدىغان ماناس دەرياسى ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى بولماقتا. ئۇنىڭ غەرب ۋە شىمال تەرەپلىرىدىكى ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە ھازىر خىتاي ئارمىيەسى مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا، پوچتا ۋە تاشيول باشقۇرۇش قاتارلىق فۇنكىتسىيەلىك ئورگانلىرى پەقەتلا قالغان 7 ۋىلايەتتە ئىشلەيدۇ. ماناس دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئىشخانا ياكى مەمۇرىي پونكىتلىرى يوق.» [4]

باربارا ستېفېنس كونسۇل پاكىستوندىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى بولغان ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئىلىغا سەپەر قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى سورايدۇ. پاكىستون بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «سەپەر قىلىش مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭدىكى بىردىن-بىر توسالغۇ سەپەر ئۈچۈن تەستىق ئېلىش مەسىلىسىدۇر. ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدا قومۇل-ئالمۇتا ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايرۇپىلانلىرى قەرەللىك قاتناپ تۇرىدۇ. ئەمما سىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلارغا سەپەر قىلىش ئىشى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئىلى تەرەپنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان ئەپەندىدىن ئالاھىدە تەستىق ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاڭلىشىمچە، ئەخمەتجان ئەپەندى تەستىق سالغاندىن كېيىن بۇنى يەنە ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈش زۆرۈر ئىكەن.» [5]

ھالبۇكى، باربارا ستېفېنس پاكىستوننىڭ بۇ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ: «مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. بۇ مىللەتچى خىتايلارنىڭ تەشۋىقاتى، خالاس» [6]، دەيدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە كونسۇل پاكىستون بىلەن مۇخبىر بارابار ستېفېنس ئوتتۇرىسىدا بىراز تارتىشما بولىدۇ. پاكىستون ئۇنىڭ ئىلىنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىدىن تەستىق ئېلىش ئىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم مۇھىم كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. پاكىستون يەنە ئەتىسى كەچقۇرۇن گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىكى ھەمەيلەننى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارگاھىغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ بىللە بېرىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ.

بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق بارمۇ؟

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن مۇخبىر باربارا ستېفېنس بىلەن كونسۇل پاكىستون ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت داۋاملىشىدۇ. باربارا ئىلىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگىمۇ بېرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، بۇ زىيارەت جەرياندا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبتىكى يەرلىك خەلققە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە ئەمەلىي پاكىتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

كونسۇل پاكىستون ئۇنىڭغا جەنۇبىي ۋىلايەتلەرگە سەپەر قىلسا توسالغۇنىڭ يوقلىقىنى، 7 ۋىلايەتنى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) تەرەپ كونترول قىلىۋاتقان بولغاچقا ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ بېرىپ-كېلەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ گېنېرال جاڭ جىجۇڭغا جەنۇبقا قىلىدىغان سەپەر پىلانىنى ئالدىن دېيىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

سۆھبەت بۇ يەرگە كەلگەندە كونسۇل پاكىستون باربارا ستېفېنسقا مۇنداق دەيدۇ: «سىز ‹زۇلۇم› ياكى ‹تەقىب› دېگەن بۇ سۆزلەرنى داۋاملىق تىلغا ئېلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارامسىز؟ شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۆلەنگەن مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقانقاندىن كېيىن رايوننىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىش مۇۋاپىقمۇ؟ ‹تىنچلىق بىتىمى› ئىمزالانغاندىن كېيىن گېنېرال جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بىتىمدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇش جەريانىدا كۆرىسىز، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يەرلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جەنۇبتىكى تۈركلەر، شىمالدىكى قازاق ۋە موڭغوللارنىڭمۇ ۋەكىللىرى بار. [7]»

ھالبۇكى، باربارا ستېفېنس كونسۇل پاكىستوننىڭ بۇ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىللىرى قورچاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، چۈنكى ئۇلار يەرلىك خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلاردۇر. شۇ سەۋەبتىن يەرلىك خەلق ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىللىرىنىڭ سانى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق يوق.»

كونسۇل پاكىستون ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئىلى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايمەن. مەن ئۆزۈممۇ ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ماشىنا بىلەن بۇ جايلارنى كۆرۈپ ۋە ئايلىنىپ كەلمەكچىمەن. مېنىڭچە، نەق مەيدانغا بېرىپ كۆپلىگەن يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندىلا ئاندىن ۋەزىيەت ھەققىدە مۇستەقىل ھوكۈم چىقارغىلى بولىدۇ.»

«توغرا،» – دەيدۇ باربارا ستېفېنس: – «ئەگەر مەن ئىلىدىن قايتقىچە ماشىنا بىلەن كېلەلىسەم، كۆپ جايلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلەيمەن، دەپ ئويلايمەن.»

شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاشۇ كۈنى كەچقۇرۇندىكى سۆھبىتى ئاخىرلىشىدۇ.

غۇلجا ئامېرىكانىڭ دېنۋېر شەھىرىدەك كېلىدىكەن

باربارا ستېفېنس ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بىلەن 1947-يىلى فېۋرالدا غۇلجاغا بېرىپ، ئىككى ھەپتىدەك زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ماناس دەرياسى مىللىي ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىغا ئايلانغاندىن بېرى ئىلى تەرەپ ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان تېرىتورىيەگە دەسسىگەن تۇنجى ئامېرىكا مۇخبىرى ئىدى.

باربارا غۇلجادا كۆرگەنلىرى، تەكشۈرگەنلىرى ۋە كۆزەتكەنلىرى ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. نەچچە يۈزلىگەن فوتو سۈرەتلەرنى تارتىدۇ.[8] ھالبۇكى، كونسۇل پاكىستون بىلەن خانىمى ۋىنكو پاكىستون ئۈرۈمچى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە باربارا ستېفېنسنىڭ غۇلجادا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى، كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، قەيەرلەرگە بارغانلىقى ۋە قانداق مۇھىم ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمايدۇ. [9]

ئەمما باربارا ستېفېنس غۇلجادىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن كۈنى چۈشلۈك تاماقتا ئەر-ئايال پاكىستونلارغا غۇلجانىڭ ئۈرۈمچىدىن كۆپ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ماختاپ بېرىدۇ. ئۇ غۇلجا كوچىلىرىنىڭ كەڭ ۋە ئازادە ئىكەنلىكىنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۇۋادان تېرەكلەرنىڭ ئاسمانغا بوي تارتقانلىقىنى، ئىلى دەرياسىنىڭ بويىدىكى مۇنبەت ئېتىزلىقلارنىڭ ئىلى ۋادىسىنىڭ باي-باياشاتلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنداق مەنزىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىن ھېس قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

بۇ تەسۋىرلەرگە قىزىققان ۋىنكو پاكىستون خانىم: «ئامېرىكا شەھەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا غۇلجا قانچىلىك چوڭ ئىكەن؟» دەپ سورايدۇ. باربارا ستېفېنس ئۇنىڭغا جاۋابەن: «غۇلجا ئامېرىكانىڭ دېنۋېر شەھىرىدەك كېلىدىكەن» [*] دەيدۇ.


[*] دېنۋېر (Denver) – ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كولورادو شىتاتىنىڭ پايتەختى ھەمدە ئوتتۇرا قىسىم ئامەرىكادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. دېنۋېر شەھىرى 19-ئەسىردە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نوپۇسى ئەڭ تېز كۆپەيگەن شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان. ھازىرمۇ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېز تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىۋاتقان شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1940-يىللاردا دېنۋېر 300 مىڭدىن كۆپ نوپۇسقا ئىگە شەھەر بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردىكى غۇلجا شەھىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ ئىدى. بۇ يەردە باربارا ستېفېنس غۇلجا شەھىرىنىڭ چوڭلۇقىنى بىراز ئاشۇرىۋەتكەن – ئاپتوردىن


باربارانىڭ غۇلجا شەھىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى ئەر-ئايال پاكىستوننى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ. ئۇلار ئەسلىمىسىدە شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتلىرىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىز شۇ ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن قالسىلا مەزكۇر ئۆلكىدىكى ئېلېكتىر مەۋجۇت ئاز ساندىكى شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. ۋىنكونىڭ كۆز ئالدىغا بىردىنلا دېنۋېر شەھەر مەركىزىنىڭ ئېلېكتىر چىراقلىرى بىلەن جۇلالانغان كۆرۈنۈشلىرى كەلدى. دېنۋېر شەھەر مەركىزىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ماگازىنلار، ئۇ يەردىكى نېمىنى خالىسا شۇنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان تۈرلۈك ماللار دۇكانلىرى بىز ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە دائىم ئويلايدىغان نەرسىلەر ئىدى. باربارانىڭ غۇلجا ھەققىدىكى تەسۋىرلىرىمۇ ئورۇنلۇق ئىدى، چۈنكى غۇلجا چېگرا بويىغا جايلاشقان شەھەر بولغاچقا بۇ يەردە رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىپ ئەكىرگەن نۇرغۇن ماللار ۋە يەرلىكلەر ئىشلەپچىقارغان تۇرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ بولۇشى چوقۇم ئىدى.»[10]

غۇلجادىن قايتىپ كەلگۈچە شۇنچىلىك توڭلىدىمكى…

باربارا ستېفېنس شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى ئىككى ھەپتىگە يېقىن زىيارىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇ ھاۋا شۇنچە سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ ئىلى سەپىرىدىن بەكمۇ خوشال بولغانلىقىنى، غۇلجاغا يېتىپ بارغان كۈنى ئىلى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى ئىنگىلىزچە بىلىدىغان بىر سودىگەرنىڭ ئازادە ھەم ياسىداق ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، كېچىلىرى بۇ ئۆينىڭ ئەتراپىغا فورما كىيگەن قۇراللىق مۇھاپىزەتچى قويۇلۇپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى مەكتەپلەرنى، دۇكان-ماگازىنلارنى، زاۋۇت ۋە چوڭ تىپتىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى شۇنداقلا كۆپلىگەن زىياپەتلەرگە ۋە مېھماندارچىلىقلارغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.[11] ئەمما ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر كونسۇل پاكىستون ۋە ئۇنىڭ خانىمى ۋىنكو پاكىستونغا ئىلى ھەققىدە بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى دېمەيدۇ.

باربارا ستېفېنس غۇلجادىن قايتاشىدا ئايرۇپىلاندا ئەمەس، بەلكى ماشىنا بىلەن قايتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىلىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇنى ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بىر يۈك ماشىناسىنىڭ كابىنكىسىغا سېلىپ قويىدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قايتاشىدا غۇلجا شەھىرىدىن تاكى ماناس دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇزۇن مۇساپىنى كۆرۈپ، بۇ جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ ئەسكىرىي ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكچى بولىدۇ.

ھالبۇكى، غۇلجادىن قايتىش سەپىرى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ. يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن بۇ يۈك ماشىناسىنىڭ شوپۇرى گويا بىر جايدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندەك كۈندۈزى يول بويلىرىدىكى قونالغۇ ۋە دەڭلەردە ئۇخلاپ، پۈتۈن سەپەرنى كېچىسى داۋاملاشتۇرىدۇ. باربارا ئۇنىڭدىن كۈندۈزى يول مېڭىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رەت قىلىدۇ. ئۇ ئىلى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماي ماشىنا بىلەن قايتىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما شوپۇرغا ئايرىم كۆرسەتمە بېرىپ، كۈندۈزى يول ماڭماسلىقنى تاپىلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يول بويىدىكى جىڭ، شىخو، مايتاغ، ساۋەن قاتارلىق يۇرتلارنى كۆرۈش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىي كونترول قىلىپ تۇرغان تېرىتورىيەدىكى جۇغراپىيەلىك ئەھۋاللارنى كۆزىتىش پىلانى سۇغا چىلىشىدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

فېۋرالنىڭ جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقىدا تەلكە داۋىنىدىن چىقىپ شىخوغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا باربارا ستېفېنسنىڭ پۇتى توڭلاپ كۆكىرىپ كېتىدۇ. كېچىنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا كابىنكا مۇزدەك سوۋۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق جاپالىق سەپەر قىلىپ باقمىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنچىلىك قاتتىق توڭۇپ باقمىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇ شىخودىن ئۆتكەندە پۇتىنىڭ توڭلاپ ئۆتۈك ئىچىدە ئىشىشقا باشلىغانلىقىنى، پۇتىنىڭ بارماقلىرى بىلەن ئوشۇق تەرىپىنىڭ كۆكىرىپ ئاغرىشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

باربارا ستېفېنس ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «يولدا كەلگۈچە بەزى كېچىلىرى شۇنچىلىك قاتتىق توڭلىدىمكى، بىردىنلا يۇرتۇمنى سېغىنىش ئوتى پۈتكۈل قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. ئۈرۈمچىگە ساق-سالامەت يېتىپ بېرىۋالساملا ئالدى-كەينىمگە قارىماستىن ئۇدۇل ئامېرىكاغا كېتىمەن دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپلا بۇ ئويۇمدىن ياندىم. مەن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل دەم ئالغاچ تۈركى تىلى ئۆگەنمەكچىمەن ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىمەن.» [12]

ئالمۇتانىڭ ئالمىسى

باربارا ستېفېنس غۇلجادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا تۇرغۇسى يوقلۇقىنى، يېقىن ئەتراپتىن ئۆزىگە قولاي بىر ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، شۇنداق قىلغاندا ئۈرۈمچىدىكى ئاۋام خەلق بىلەن ئەركىز-ئازادە ئۇچراشقىلى، مېھمان قوبۇل قىلغىلى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئەر-ئايال پاكىستونلار ئۇنى كونسۇلخانىدا تۇرۇشقا شۇنچە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى بىلەن قوشنا كېلىدىغان ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى گراھاممۇ ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقىنى، يېڭى كونسۇل يېتىپ كەلگۈچە كونسۇلخانا ئۆيلىرىنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر باربارا ستېفېنس خالىسا شۇ ئۆيلەردە تۇرسا بولىدىغانلىقىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما باربارا بۇ تەكلىپنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.

ۋىنكو پاكىستون خانىم كېيىن يازغان ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «كونسۇلخانىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز كۆزەتتە تۇرىدىغان خىتاي ئامانلىق خادىمى بىلەن كونسۇلخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىناغا جايلاشقان سوۋېت سودا-تىجارەت ئۇيۇشمىسىنىڭ داۋاملىق ئوچۇق تۇرىدىغان دېرىزىلىرى كونسۇلخانىغا زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلاردا بىر خىل خاتىرجەمسىزلىك ۋە دىلىغۇللۇق پەيدا قىلاتتى. بىزنىڭ مېھمانلىرىمىز كوپ قېتىم بىزگە ئۆزلىرىنىڭ كونسۇلخانىغا كىرگۈچە نامەلۇم كۆز-قۇلاقلارنىڭ تىكىلىپ تۇرغان نەزەرىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇلارنى ھەر دائىم ۋەھىمىگە سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.» [13]

دەرۋەقە، مۇشۇ سەۋەبلەردىن بولسا كېرەك، باربارا ستېفېنس غۇلجادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا تۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئۇ مۇخبىر بولۇشتەك كەسپىي سەزگۈرلىكى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى نازۇك سىياسىي ئاتموسفېراسىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. دەرۋەقە، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ پەردىسى ئېچىلغان 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىكى ھەر بىر كىچىككىنە تىۋىش بىلەن كىرگەن-چىققان ئادەملەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ياللىغان قانچىلىغان «كۆز-قۇلاقلار» 24 سائەت كۆزىتىپ تۇراتتى.

شۇ كۈنى ئاخشىمى باربارا ستېفېنس ئۆزىنىڭ غۇلجادىن ئاجايىپ چوڭ ئالما ئالغاچ كەلگەنلىكىنى، بۇنداق چوڭ ئالمىلارنىڭ غۇلجا بازىرىغا ئالمۇتادىن كىرىدىغانلىقىنى، يولدا كەلگىچە سوغۇق ۋە ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا بۇ چىرايلىق ئالمىلارنىڭ ئازراق زىدە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋىنكو پاكىستون خانىم باربارا ئېلىپ كەلگەن ئالمىلارنىڭ چوڭلۇقىغا قاراپ ھەيران قالىدۇ. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچى بازىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئالمىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇششاق، رەڭگى كۆرۈمسىز، تەمى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ، بۇنداق چوڭ ئالمىنى ئۇلار ئاسىيانىڭ قەلبىگە جايلاشقان بۇ يىراق شەھەردە تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى.

باربارا ستېفېنس ئۇلارغا چاقچاق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئالمۇتانىڭ ئالمىسى، ئالمۇتا دېگەن شەھەرنىڭ ‹ئالمىلارنىڭ ئاتىسى› دېگەن مەنە بېرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!»

ئۈرۈمچىدە «25-فېۋرال ۋەقەسى» گە شاھىت بولۇش

باربارا ستېفېنس غۇلجادىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، بىرقانچە كۈن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا تۇرۇشنى رەت قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى يەرلىك كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ بۇ كۈنلەردە جەنۇبقا بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغاچ بىر تەرەپتىن جىددىي رەۋىشتە ئۇيغۇرچە ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۈندە ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە، سىياسەتكە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بولغان قاراشلىرىنى بىلىپ بېقىشقا تىرىشىدۇ.

دەل شۇ كۈنلەردە، يەنى 1947-يىلى 22-فېۋرالدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىدە يوق بولۇپ، ئۇ بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى نەنجىڭغا كەتكەن ئىدى. بىتىم ئىمزالانغاندىن بۇيان جاڭ جىجۇڭنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا تۇرۇپ كەلگەن گېنېرال سۇڭ شىليەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭچىلىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ئورنىغا ئىچىدە غۇم ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە بولماسلىقىدىن پايدىلانغان گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ گارنىزون قوماندانى سۇڭ شىليەن، مۇئاۋىنى داڭ بىگاڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئىلى تەرەپكە «نامايىشقا نامايىش بىلەن»، «تەلەپ قويۇشقا تەلەپ قويۇش بىلەن» ئىنكاس قايتۇرۇش، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ «خورىكىنى سۇندۇرۇش» ھەمدە ئۇلارنىڭ 7 ۋىلايەتتە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان تەسىرىنى توسۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

1947-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سۇڭ شىليەننىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن پۇقراچە كىيىنگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى جۇۋىلىرىنىڭ ئىچىگە قۇراللىرىنى يوشۇرۇپ، ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە تەلەپ قويۇش «نامايىشى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇ «نامايىش» قا يەنە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى، ئىلىدا ئىنقىلاب بولغاندا ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن خىتايلار، بىر قىسىم تۇڭگانلار بىلەن قازاقلارمۇ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئەلپازى بۇزۇلغان «نامايىشچى» خىتايلار شۇ كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىرقانچە كىشى ئۆلتۈرىدۇ، نەچچە ئونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار يارىلىنىدۇ. [14]

ئۇلار ئاخىرى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىنى قورشاۋغا ئېلىپ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سىرتقا چىقىپ، تەلەپلىرىگە نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغىنىدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىگە بېسىپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالىدۇ. ھالبۇكى، ئەخمەتجان قاسىمى بىر پىشقان سىياسىيونغا خاس تەمكىنلىك ۋە ۋەزمىن سالاپەت بىلەن بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقان گومىنداڭ ئوڭچىلىرىنى نەق مەيداندا مات قىلىدۇ. شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ كۈچ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئەگەردە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان بولسا سېپىل دەرۋازىسىغا ئوت قويۇپ شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ۋەزىيەتتىن شۇ كۈنىلا جىددىي تېلېگرامما ئارقىلىق خەۋەر تاپقان مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى گېنېرال ئىسھاقبەگ ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئالدىنقى سەپ قىسىملارغا ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ ۋە دەريانىڭ قارشى تەرىپىدىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. [15]

شۇنداق قىلىپ، سۇڭ شىليەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭچىلىرىنىڭ بۇ سۈيىقەستلىك ئويۇنى مەغلۇب بولىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى شۇ كۈنى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىدىكى قورشاۋدىن ساق-سالامەت ھالدا جەنۇبىي گۈللۈك (نەنخۇايۈەن) تىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ چىقىدۇ. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى جىددىي ۋەزىيەت پەسەيمىگەچكە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنىدۇ.

ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنس 22-فېۋرالدىن بۇيانقى ئۈرۈمچىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ھەم شاھىت بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ 25-فېۋرال كۈنى پۇقراچە كىيىندۈرۈلگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشتەك زورۋانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.

ۋىنكو پاكىستون خانىمنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىمۇ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن بولۇپ، كونسۇل پاكىستون 24-فېۋرال كۈنى كونسۇلخانىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. كونسۇلخانىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن بىرى ئۇنىڭغا دەرۋازا سىرتىدا 24 سائەت پوستا تۇرىدىغان ئامانلىق خادىملىرىدىن باشقا يەنە ئېھتىيات ئۈچۈن ھويلا ئىچىگە قۇراللىق خادىم ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. ئەمما پاكىستون كونسۇلخانىنىڭ «بىتەرەپلىك» ئورنىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ تەكلىپنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بىرقانچە كۈن بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ كونسۇلخانىدا پاناھلىنىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. كونسۇلخانىنىڭ تۈركى تىلى تەرجىمانى خەمىت سابىرى [**] دىن باشقا بارلىق خىزمەتچى خادىملار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بويىچە شۇ كۈنلەردە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا پاناھلىنىدۇ. ھالبۇكى، 24 ياشلىق ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنس ئاشۇ ئەنسىز كۈنلەردە كەسپىي مۇخبىرغا خاس تەۋەككۈلچىلىك ۋە جاسارەت بىلەن ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدە تۇرىدۇ ۋە كوچا-كويلارنى ئايلىنىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىدۇ.


[**] خەمىت سابىرى – مەسئۇت سابىرىنىڭ جىيەنى بولۇپ، ئۇ 1930-يىللاردا ئىلىدىن ئايرىلىپ تيەنجىن، بېيجىڭ ۋە نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ تەينجىندىكى ئامەرىكا مىسسيونېرلىرى ئاچقان مەكتەپتە ئىنگىلىزچە ئوقۇغانلىقى مەلۇم. كېيىنچە مەسئۇت سابىرى نەنجىڭغا بارغاندىن كېيىن ئۇ نەنجىڭ ۋە چوڭچىڭدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدۇ. 1945-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ. 1946-يىلىنىڭ باشلىرىدا  خەمىت سابىرى ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى ئاڭۇس ۋارد تەرىپىدىن كونسۇلخانىنىڭ تۈركىي تىلى تەرجىمانلىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1946-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋاردنىڭ ئورنىغا پاكىستون كونسۇل بولۇپ كەلگەندىن كېيىن خەمىت سابىرى كونسۇلخانىدا داۋاملىق ئىشلەيدۇ. ئەمما پاكىستون ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇنىڭ خىزمەتكە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئىشقا داۋاملىق كېچىكىپ كېلىدىغانلىقى ياكى بىرقانچە كۈن يوقاپ كېتىدىغانلىقىدىن ۋايسايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1947-يىلىدىكى «25-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدە ھېچقانداق ئىزاھەت بەرمەيلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى كونسۇل پاكىستوننى غەزەبلەندۈرىدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىش سەۋەبىدىن تۈركىي تىللىق تەرجىمانغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا خەمىت سابىرىنىڭ ئىشقا كەلمەسلىكى ئۇلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. كېيىنچە باربارا ستېفېنس جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا ماڭغاندا ئىنگىلىزچە بىلىدىغان باشقا ئۇيغۇر تەرجىمان بولمىغاچقا خەمىت سابىرىنى قوشۇپ ماڭدۇرىدۇ. خەمىت سابىرى 1948-يىلىغا بارغاندا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا سورايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنگىلىزچە بىلىدىغان ئەنۋەر شاقۇل تۇركىي تىلى تەرجىمانى بولۇپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدۇ (قاراڭ: John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, pp. 99-105).


25-فېۋرال كۈنىدىكى ۋەقەدە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇرھان شەھىدىنىڭ شوپۇرى مۇنۇپئاخۇننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى بىلەن بىرلىكتە يەنە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغايدۇ. جون خول پاكىستون ئۆزىنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرى ئارقىلىق بۇرھان شەھىدىنىڭ شوپۇرى مۇنۇپئاخۇننىڭ ئەسلىدە سوۋېت پۇقراسى ئىكەنلىكى، ئۆلگەندە ئۇنىڭ يېنىدىن سوۋېت پاسپورتى چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ۋىنكو پاكىستون خانىم ئەسلىمىسىدە يولدىشى كونسۇل پاكىستوننىڭ بۇ ۋەقەنى بىرقانچە مەنبەلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگەنلىكىنى، ھەتتا شۇ كۈنى كوچىدىكى خىتاي «نامايىشچى» لارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنسنىڭمۇ مۇنۇپئاخۇننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يېنىدىن سوۋېت پاسپورتىنىڭ چىققانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تەستىقلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. [16]

ۋىنكو پاكىستون خانىم ئەسلىمىسىدە ۋەقە يۈز بەرگەن 25-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سېپىل ئىچىدە ئولتۇرۇشلىق گومىنداڭنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆزلىرىنى كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى يازىدۇ، ئەمما بۇ ئەمەلدارنىڭ كىملىكىنى تىلغا ئالمايدۇ. كونسۇل پاكىستون تەكلىپنامىنى ئېلىپ كەلگۈچىدىن ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە ماشىنا بىلەن شەھەر سېپىلىنىڭ ئىچىگە كىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارمۇ-يوق، دەپ سورايدۇ. تەكلىپنامە ئېلىپ كەلگەن خىتاي ئەسكىرى سېپىل دەرۋازىسىنى ساقلاۋاتقان قۇراللىق ئەسكەرلەرگە باش شىتابتىن ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى، ئامېرىكا بايرىقى ئېسىلغان كونسۇلخانا ماشىنىسىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن كونسۇل پاكىستون خانىمى ۋىنكو ۋە شوپۇرى دىمىترى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا بايرىقى ئېسىلغان جىپ بىلەن جەنۇبىي قوۋۇق تەرەپكە ماڭىدۇ. ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى ۋەكىللىرى تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي گۈللۈك (نەنخۇايۈەن) نىڭ ئالدىدىكى يولدىن ئۆتكىنىدە مىللىي ئارمىيەنىڭ فورمىسىنى كىيگەن ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ قۇراللىرىنى بەتلەپ دەرۋازىدا جىددىي ھالەتتە تۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئۆتۈشىگە سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدىمۇ قۇراللىق كۆزەتچىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپەيتىلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇلار سوۋېت كونسۇلىنىڭ ھەشەمەتلىك لىموزېندا قۇراللىق خادىملارنىڭ ھىمايىسىدە كوچىدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسىنىڭ ماڭغانلىقىنى، ماشىنىنى مىللىي ئارمىيەنىڭ فورمىسىنى كىيگەن قۇراللىق ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ قوغداپ ماڭغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ مەنزىرىگە قاراپ ئۇلار بىرمۇ قۇراللىق قوغدىغۇچى ئالمىغان ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ ئادەتتىكى جىپ ماشىنىسىنىڭ سوۋېت كونسۇلىنىڭ قانچىلىغان قۇراللىق قوغدىغۇچى خادىملارنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭغان ھەيۋەتلىك لىموزېن ماشىنىسى ئالدىدا بەكمۇ چېنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار جەنۇبىي قوۋۇققا يېتىپ بارغىنىدا دەرۋازىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ماشىنىسىنى توسۇۋالىدۇ. تەكلىپنامىنى كۆرسەتسىمۇ ئۇنىماي ئۇلارنىڭ غەربىي دەرۋازىدىن شەھەرگە كىرىشىنى بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ بىلەن غۇرۇرى تۇتقان پاكىستون شوپۇرىغا دەرھال كونسۇلخانىغا قايتىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. [17]

ئاشۇ كۈنلەردە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا تۇرماي، بەلكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگەن مۇخبىر باربارا ستېفېنس نېمىلەرنى كۆردى، ئۇ ئۆز خاتىرىسىگە زادى نېمىلەرنى يازدى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى 24 ياشلىق باربارا ستېفېنسنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغاندا قومۇل ئاسمىنىدا يۈز بەرگەن سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلىشى بىلەن مەڭگۈ ئۈزۈلىدۇ.

جاڭ جىجۇڭغا سوئال: «نېمىشقا شىنجاڭغا مۇستەقىللىق بەرمەيسىلەر؟»

ئۈرۈمچىدە «25-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، جىددىي ۋەزىيەت تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن بىر ۋاقىتتا، يەنى 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جاڭ جىجۇڭ نەنجىڭدىن قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە گومىنداڭنىڭ ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، ئىچكىي قىسىمدا يېپىق يىغىن ئاچىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ خاتىرىسى ئۆز ۋاقتىدا قەتئىي مەخپىي تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ جىجۇڭ كېيىنكى دەۋرلەردە يازغان ئەسلىمىسىدە شۇ قېتىملىق يېپىق يىغىندا سۇڭ شىليەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭنىڭ قاتتىققول ئوڭچىلار گۇرۇھىنى قاتتىق تەنقىت قىلغانلىقىنى، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ گارنىزون شىتابى ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى يوق چاغدىكى پۇرسەتتىن پايدىللىنىپ، مەمۇرىيەتكە ئارىلىشىپ، «25-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى يازىدۇ. [18]

جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى غەربىي بىنادا شەخسىي نامىدىن چوڭ تىپتىكى بىر زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ. زىياپەتكە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى، جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋەكىللىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى ۋە خانىمى، ئامېرىكا كونسۇلى پاكىستون ۋە خانىمى ھەمدە ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنس قاتارلىق مېھمانلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ.

زىياپەتتە مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى، سوۋېت كونسۇلى بىلەن ئۇنىڭ خانىمى، ئامېرىكا كونسۇلى پاكىستون ۋە ئۇنىڭ خانىمى ۋىنكو پاكىستون ھەمدە ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنس قاتارلىق كىشىلەر گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ئۈستىلىدىن ئورۇن ئالىدۇ. جاڭ جىجۇڭ زىياپەت جەريانىدا مېھمانلارغا ئۆزى نەنجىڭدىن ئالغاچ كەلگەن يېڭى فىلىمنى كۆرسىتىدۇ. فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېھمانلار تاماق يېگەچ پاراڭغا چۈشىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا مۇخبىر باربارا ستېفېنس پاراڭ تېمىسىنى بىۋاسىتە نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە يۆتكەيدۇ. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان گېنېرال جاڭ جىجۇڭغا قاراپ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەرگە تولۇق مۇستەقىللىق بەرمەيدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ھېچ ئويلىمىغان يەردىن سورالغان بۇ تۇيۇقسىز سوئالدىن بىراز ئەندىككەن جاڭ جىجۇڭ دەقىقە ئارىلىقىدا ئۆزىنى دەڭسىۋېلىپ: «جۇڭگو ئەتىلا شىنجاڭغا مۇستەقىللىق بېرىدۇ،» دەيدۇ تەئەددى بىلەن. جاڭ جىجۇڭ ئارقىسىدىن بۇ سۆزىگە شەرت قويۇپ، يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مۇستەقىللىق شىنجاڭنى ئاسىيانىڭ شىۋېتسارىيەسىگە ئايلاندۇرالىسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە سىنجاڭغا مۇستەقىللىق بېرىدۇ. ناۋادا بۇ مۇستەقىللىق شىنجاڭنى ئىككىنچى پولشاغا ئايلاندۇرۇپ قويسا، ئۇ چاغدا بۇنىڭدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ!» [19]

باربارا ستېفېنسنىڭ يۈرەكلىك ھالدا بىۋاسىتە سورىغان بۇ سوئالى ۋە جاڭ جىجۇڭنىڭ دىپلوماتىك ئۇسۇلدا بەرگەن جاۋابى زالدىكى زىياپەت ئەھلىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. ھەتتا ۋىنكو پاكىستون خانىممۇ كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ئەسلىمىسىدە باربارا ستېفېنسنىڭ ئۈرۈمچىدە سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغان ئاشۇ سەزگۈر زامان ۋە ماكاندا – گومىنداڭنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىلى ۋەكىللىرى بىر-بىرىگە روبىرو قارىشىپ چىرايلىرىغا زورمۇ-زور كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرغان زىياپەت سورۇنىدا – بۇ سوئالنى سورىشىدىن قاتتىق جىددىيلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

باربارا ستېفېنسنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلەرگە سەپەر قىلىشى

ئارىدىن بىرقانچە كۈنلەر ئۆتكەندە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنسنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى زىيارەت قىلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلايدۇ. ئەمما جاڭ جىجۇڭ بىخەتەرلىك ۋە قاتناش مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، باربارا ستېفېنسنىڭ خالىغان ماشىنا بىلەن جەنۇبقا ماڭسا بولمايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىشەنچىلىك ماشىنا بىلەن يولغا سالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، باربارا ستېفېنس جاڭ جىجۇڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېڭىدىن يەركەن ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن گېنېرال تاڭنىڭ ماشىنىسى بىلەن يولغا چىقىدۇ. بۇ 1947-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئىدى. گېنېرال تاڭ خانىمى بىلەن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە بىر ماشىنادا سەپەر قىلغانلىقىدىن خوش بولىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرچە تەرجىمان تېپىش مەسىلىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىدە بىرقانچە ھەپتە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگەنگەن نەچچە يۈز سۆزلۈك ۋە نەچچە ئون جۈملە تىل بىلىمى بىلەن جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى قىيىن ئىدى. ئۇ ئۆزى سۆزلىيەلەيدىغان خىتاي تىلى بىلەن جەنۇبتىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يەرلىك خەلقنىڭ ئىچىگە كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ئەركىن-ئازادە سۆزلەشكىلىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ غۇلجادا زىيارەتتە بولغان كۈنلىرىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خەلق ئىچىدىكى مۇھىم شەخسلەر بىلەن بىۋاسىتە رۇسچە سۆزلەشكەن، يەرلىك خەلق بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ رۇسچە سۆزلەپ يۈرۈپ، ھاجىتىدىن چىققان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئۇيغۇرلار ئاھالىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە ھەم رۇس تىلىنىڭمۇ ھەم خىتاي تىلىنىڭمۇ يەرلىك خەلق بىلەن بولغان ئالاقىدە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

باربارا ستېفېنس بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كونسۇل پاكىستوندىن ياردەم سورايدۇ. كونسۇل پاكىستون بۇ ئىشتا كونسۇلخانىنىڭ تۈركىي تىلى تەرجىمانى خەمىت سابىرىنى ئويلاپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشقا كەلمەي يوقاپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «25-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى» يۈز بەرگەن، كونسۇلخانا ئۇنىڭغا ئەڭ مۇھتاج بولغان جىددىي كۈنلەردە بىر ئېغىزمۇ گەپ-سۆز قىلماستىن غايىب بولۇشى پاكىستوننى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن پاكىستون خەمىت سابىرىنى ئىشتىن توختىتىشنى ئويلىشىۋاتاتتى.

باربارا ستېفېنسنىڭ جەنۇبقا سەپەر قىلىشىنى ئاڭلىغان خەمىت سابىرى شۇ كۈنى بىلگەندەكلا كونسۇلخانىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ باربارا ستېفېنسقا ئەگەر كونسۇل پاكىستون قوشۇلسا، يەنى ئۇنىڭ مائاشىنى كونسۇلخانىدا ئىشلىگەن ھېسابلاپ تولۇق بەرسە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ جەنۇبقا بىللە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پاكىستوننىڭ خەمىت سابىرىدىن كۆڭلى سوۋۇغان بولغاچقا، ئۇنى جەنۇبقا تەرجىمان قىلىپ ئەۋەتىش ئويى يوق ئىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا ئۈرۈمچىدىن ئىنگىلىزچە بىلىدىغان باشقا ئۇيغۇر تەرجىمان تېپىش قىيىن بولغاچقا، ئامالسىز ماقۇل بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 1947-يىلىنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرى باربارا ستېفېنس خەمىت سابىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا جەنۇب سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

باربارا ستېفېنس قەشقەر ۋە خوتەنلەردە نېمىلەرنى كۆردى؟

ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستەفېنس ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە زادى قانچىلىك ۋاقىت تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى؟ ئۇ بۇ جەرياندا نېمىلەرنى كۆردى ۋە نېمىلەرگە شاھىت بولدى؟

ھازىرغىچە بۇ ھەقتە قولىمىزدا بار بولغان مەنبەلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، نىسبەتەن تەپسىلىيرەك ئۇچۇر بېرىلگەنلىرى پەقەتلا ئىككى. ئۇنىڭ بىرى، ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 3-نۆۋەتلىك كونسۇلى پاكىستوننىڭ ئايالى ۋىنكو پاكىستوننىڭ ئەسلىمىسى. يەنە بىر، 1945-يىلى 10-ئايدىن 1948-يىلى 8-ئايغىچە گومىنداڭ ئارمىيەسى شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ باش قوماندانى بولغان سوڭ شىليەن (宋希濂) نىڭ ئەسلىمىسىدۇر.

ۋىنكو پاكىستون خانىم ئەسلىمىسىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، باربارا ستېفېنسنىڭ 1947-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانى خەمىت سابىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا جەنۇبقا سەپەر قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇ كەتكەنچە ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە تاكى 7-ئايغىچە نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدە بولۇپ، شۇ يىلى ياز ئاخىرلىشىپ، كۈزنىڭ شەپىسى كېلىۋاتقان مەزگىللەردە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. [20]

باربارا ستېفېنس شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچقان گومىنداڭنىڭ C47 تىپلىق ھەربىي ترانسىپورت ئايرۇپىلانى بىلەن قومۇلدىن ئۆتكەندە ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلىدۇ. ۋىنكو پاكىستون خانىم ئۇنىڭ جەنۇبتىن قايتىپ كېلىپ ھەپتە ئون كۈن بولغاندا ئايرۇپىلان بىلەن قايقتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ جەنۇبتىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتى 1947-يىلى 7-ئاينىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

ھالبۇكى، 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش قوماندانى بولغان گېنېرال سوڭ شىليەن ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنسنىڭ جەنۇبتا 2 ئاي تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەخمىنەن 1947-يىلى 4-ئاي بىلەن 5-ئاي ئارىلىقىدا ئۈرۈمچىدىن ئىچكىي خىتايغا ئۇچقان ئايرۇپىلاندا ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. [21]

سوڭ شىليەننىڭ ئەسلىمىسىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىمىسىدىكى بەزى بايانلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلىمە يېزىش ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنى رەتلەپ نەشىر پرىنسىپىغا ماسلاشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن يازغانلىقى سەۋەبلىك ۋىنكو پاكىستون خانىمنىڭ ئەسلىمىسىدىكى باربارا ستېفېنسقا دائىر بايانلارنى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

«بىز ستېفېنس خېنىم جەنۇبتىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نېمىلەرنى دوكلات قىلىدىغانلىقىغا بەكمۇ قىزىقاتتۇق. ئۇ جەنۇبتىكى مەزگىلىدە قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان لىنىيەدىكى ھەرقايسىي شەھەر-بازارلارنى شۇنداقلا پۈتكۈل جەنۇبىي ۋىلايەتلەرنى كېزىپ چىققان ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىدە ياز ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى،» [22] دەپ يازىدۇ ۋىنكو پاكىستون خانىم. ئەمما سوڭ شىليەن باربارا ستېفېنسنىڭ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قاراشەھەر، كۇچا، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئىككى ئايدەك زىيارەتتە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئوچۇق-يورۇق، سەمىمىي، چىقىشقاق، تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا قىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

سوڭ شىليەن ئەسلىمىسىدە باربارا ستېفېنسنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئامېرىكا مۇخبىرلىرى ئىچىدە ئۆزىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر ئاق تەنلىك قىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپمۇ 1947-يىلى يازدا ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنس بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن چاغدىكى سۆھبەتنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ: «ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مېنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش 2 سائەتتەك داۋام قىلدى. شىنجاڭ بانكاسىنىڭ باشلىقى لو جىمېي (罗志枚) بىزگە تەرجىمانلىق قىلدى. باربارا مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا ماڭا دېگەن گەپلىرى ھېلىمۇ شۇنچىلىك ئوچۇق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹مەن جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىشتىن ئىلگىرى، يەنى ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى كۆپلىگەن مەسئۇل كىشىلەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكالىقلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشقان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا شىنجاڭ مەسىلىسى مىللىي مەسىلە ۋە شۇنداقلا دىپلوماتىيە مەسىلىسىدۇر، دېگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ قاراشنى خاتا دېگىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ مەسىلىنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بەزىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماھىل سىياسەت يۈرگۈزۈشتە دېسە، يەنە بەزىلەر مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىياسەت يۈرگۈزگەندىلا ئاندىن شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەيتتى. مېنىڭچە، شىنجاڭ مەسىلىسى ئۇنچىلىك ئاددىي مەسىلە ئەمەس. مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىككى ئاي زىيارەتتە بولدۇم. نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان قەشقەر ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە ئۇزۇنراق تۇردۇم. جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا چۆكۈپ تەكشۈردۈم، پۇقرالار بىلەن بىللە كۈن ئۆتكۈزدۈم. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ياكى ئالىي مۇختارىيات ئەمەسلىكىنى، تەشۋىقاتلاردا دېيىلگىنىدەك ئۇلارنىڭ خىتايلارغا ئۇ قەدەر ئۆچ ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا تەشۋىقاتنىڭ قۇترىتىشى بىلەن پۇقرالاردا خىتايلارغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پسىخىكىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى قايسىي دۆلەتكە يېقىن، قايسى دۆلەتلەرگە سوغۇق مۇناسىۋەت تۇتۇش مەسىلىسىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغىنى قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ياخشىراق ياشاش مەسىلىسى ئىدى. يەرلىك يوقىرى قاتلام فېئودال كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئاخۇنلار ۋە دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ كونتروللىقىمۇ ئېغىر ئىدى. ناۋادا ئۇلارنى كونترول قىلىپ تۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى قوغلاپ چىقارغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى…». [23]

ھالبۇكى، سوڭ شىليەننىڭ ئەسلىمىسىدە تىلغا ئېلىنغان باربارا ستېفېنسنىڭ يوقىرىقى سۆزلىرىنى دەلىللەيدىغان ئىككىنچى بىر مەنبە يوق. بولۇپمۇ سوغۇق ئۇرۇشنىڭ پەردىسى ئېچىلىپ، كوممۇنىزم تەھلىكىسىگە قارشى ئومۇمىييۈزلۈك كەيپىيات شەكىللەنگەن ئامېرىكا ئاخباراتچىلىقىغا قارشى ھالدا باربارا ستېفېنسنىڭ ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ گېنېرالى سوڭ شىليەنگە خۇددى كوممۇنىستلاردەك گەپ قىلىشى كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوڭ شىليەننىڭ ئەسلىمىسىدىكى مۇنۇ بايانلار ئۇنىڭ باربارا ستېفېنس ھەققىدىكى يوقىرىقى سۆزلىرىگە نىسبەتەن ئوقۇرمەنلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلىدۇ: «ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سىنىپىي كۈرەش زىددىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەلۇم ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ، ئەمما ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن. ئازادلىقتىن كېيىن ئۆگىنىش جەريانىدا سىنىپ ۋە سىنىپىي كۈرەشنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى قايتا چۇشەنگەندەك بولدۇم. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى قايتا ئەسلەش ئارقىلىق ئامېرىكالىق بۇ ئىلغار يازغۇچىنى خاتىرلىمەكچى بولدۇم.» [24]

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بولغان سوڭ شىليەن سىنىپ ۋە سىنىپىي كۈرەش تەلىماتىنى 1947-يىلى يازدا ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان ئامېرىكالىق مۇخبىر باربارا ستېفېنسنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆگەنگەنمىش!…

دەرۋەقە، 1947-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي ۋىلايەتلەرگە زىيارەتكە بارغان باربارا ستېفېنس شۇ يىلى يازنىڭ ئاخىرى ئاندىن قايتىپ كېلىدۇ. ۋىنكو پاكىستون خانىمنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، باربارا ستېفېنسنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋاقتى 3 يېرىم ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ 1947-يىلى مارتنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانى خەمىت سابىرى بىلەن بىللە يولغا چىقىپ، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قايتىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، سوڭ شىليەن ئەسلىمىسىدە باربارا ستېفېنسنىڭ جەنۇبتا بولغان ۋاقىتنى ئاران 2 ئاي دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەسلىمىسىدە يەنە باربارا ستېفېنسنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىدىغان، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ يەرلىك خەلققە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرىدۇ. شۇڭا سوڭ شىليەننىڭ ئەسلىمىسىدىكى باربارا ستېفېنسقا دائىر بەزى بايانلارنىڭ چىنلىقى كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ. ئۇ جەنۇبتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز تەسىراتلىرى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى سوڭ شىليەن تۇرماق، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى پاكىستون بىلەنمۇ ئورتاقلاشمايدۇ. شۇڭا ۋىنكو پاكىستون خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىز ستېفېنس خېنىمنىڭ جەنۇبتىن ئالغان تەسىراتلىرى بىلەن تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىغا بەكمۇ قىزىققان ئىدۇق. چۈنكى ئۇ گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە نىسبەتەن تولىمۇ تەنقىدىي قاراشتا ئىدى، ھەتتا بۇ قارىشىنى يوشۇرۇپمۇ ئولتۇرمىغان ئىدى. جەنۇبتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ-يوق، بۇنى بىلگىلى بولمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكاغا قايتىشنىڭ جىددىي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆزىنىڭ جەنۇب سەپىرى ھەققىدە كۆپ گەپ قىلمىدى.» [25]

شۇنىسى ئېنىقكى، باربارا ستېفېنس جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىللەردە گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن ئىلى تەرەپ ئارىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇش ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت جىددىي تۈردە پارچىلىنىش گىردابىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ. جاڭ جىجۇڭ بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى مۇشۇ مەزگىللەردە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ ئاقسۇ، قەشقەر، يەركەن ۋە خوتەن 4 ۋىلايەتتە تەكشۈرۈشتە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىلى تەرەپنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان قەشقەر ۋىلايىتىدە جاڭ جىجۇڭ ئويلاپ باقمىغان قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. قەشقەر خەلقى، بولۇپمۇ قەشقەردىكى ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرى جاڭ جىجۇڭنى قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىدە قورشىۋېلىپ ئۇنىڭغا تەلەپنامە قويىدۇ ھەمدە تەلەپلەرگە نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشكە قىستايدۇ. قىيىن ئەھۋالدا قالغان جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ ھەربىيلىرىنىڭ ھىمايىسىدە قەشقەر يېڭىشەھەرگە قېچىپ كىرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە جەنۇبتا تۇرۇۋاتقان باربارا ستېفېنسنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سىياسىي كۈرەشتىن خەۋىرى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، باربارا ستېفېنس 1947-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇشلارنى نەق مەيداندا تۇرۇپ ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشەنگەن ئامېرىكا مۇخبىرى دېيىشكە بولاتتى.

ئارايۇلتۇزدىكى سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسى ۋە باربارا ستېفېنسنىڭ ئۆلۈمى

ئامېرىكاغا قايتىشقا ئالدىرىغان باربارا ستېفېنس ئويلىمىغان يەردىن ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قايتىدىغان گومىنداڭنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىغا دۇچ كېلىپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچى بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرىسىدا ئايدا بىر قېتىم قاتنايدىغان سودا ئايروپىلانى بار بولۇپ، يەنە بىر نۆۋەتلىك ئايروپىلان كەلگىچە بىر ئاي ساقلاشقا توغرا كېلەتتى.

شۇنداق قىلىپ، 1947-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى باربارا ستېفېنس ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ C47 تىپلىق ھەربىي ترانسىپورت ئايروپىلانىغا چىقىدۇ. سوڭ شىليەن ئەسلىمىسىدە مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ C47 تىپلىق ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى، ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇدۇل لەنجوغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى، ئەمما قومۇل بىلەن جيۇچۈەننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 20 نەچچە كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەن يۆرەن (韩乐然) ئىسىملىك بىر رەسسامنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. [26]

ۋىنكو پاكىستون خانىممۇ ئەسلىمىسىدە شۇ كۈنىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بارباراغا ھەمراھ بولۇپ بىر ئايروپىلاندا ماڭغانلار ئارىسىدا ئەنگىليەلىك بريان سورېنسون ئىسىملىك ياش يىگىتمۇ بار ئىدى. ئۇ خىتايدا ئامبۇلانس شوپۇرى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. بىز شۇ كۈنى بۇ ئىككى ياشنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ سارغۇچ چاچلىرى بىلەن كۆپ-كۆك كۆزلىرى خۇددى رەسىمدەك كىشىنى جەلپ قىلاتتى. چۈنكى بىز شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان كونسۇلخانىنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ-چۈشىۋاتقان ئاسىيالىقلارنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ئادەتلەنگەن ئىدۇق. بريان يولغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كونسۇلخانىنىڭ كىرخانىسىدا كىيىملىرىنى يۇيغۇزغان ئىدى. بىز يەنە شۇ كۈنى بازاردىن مۇزدەك قوغۇن سېتىۋېلىپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ھوزۇرلىنىپ يېگەن ئىدۇق. بىز برياننىڭ خوشال ۋە ئوچۇق مىجەزىنى بەكمۇ ياقتۇرغان ئىدۇق… يولغا چىقىدىغان كۈنى سەھەردە بىز باربارا بىلەن برياننى ئېلىپ ئايرودرومغا چىقتۇق ۋە ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدۇق. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز ئۇلار ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدۇق. ئايروپىلان شۇ كۈنى نورمال ئۇچۇش پىلانى بويىچە قومۇلدا توختاپتۇ، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان لەنجوغا قاراپ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەپسۇسكى، قومۇلدىن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر تاغلىق رايونغا كەلگەندە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئايروپىلان قازاسىدا ھېچكىم ساق قالماپتۇ. ھەممە نەرسىلەر كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ.» [27]

توماس لايىرد ئۆزىنىڭ «تىبەتكە كىرىش» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1947-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكادىكى ‹زامان› ژۇرنىلىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى باربارا ستېفېنس ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر كومىسسارى (بۇ يەردە ئەخمەتجان قاسىمىنى دېمەكچى) بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئۇنى قايىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى غۇلجاغا بېرىش ۋىزىسى ئالىدۇ. ئۇ غۇلجاغا بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ، ئۇزۇن-ئۇزۇن خاتىرىلەرنى يازىدۇ، نۇرغۇن فوتو سۈرەتلەرنى تارتىدۇ. قايتاشىدا ئۇ ئولتۇرغان ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ خاتىرىلىرى ۋە تارتقان فوتو سۈرەتلىرىنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ يوق بولىدۇ. بۇ ھادىسەنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرغىنى شۇكى، شۇ قېتىملىق ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەنلەر ئارىسىدا بىر نەپەر خىتاي گېنېرالى بىلەن بۈيۈك بىرىتانىيە پارلامېنتى ئەزاسىنىڭ ئوغلىمۇ بار ئىدى.» [28]

شۇنداق قىلىپ، ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ھاكىمبەگ خوجا قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشكەن، جاڭ جىجۇڭغا «شىنجاڭغا نېمىشقا مۇستەقىللىق بەرمەيسىلەر» دەپ سوئال قويغان، سەزگۇر سوئاللىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلىنى تەمتىرەتكەن، جەنۇبتىكى ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە 3 ئايدىن ئارتۇق ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولغان ئامېرىكالىق ياش مۇخبىر قىز باربارا ستېفېنس قايتاشىدا قومۇلنىڭ ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) جىلغىسىدا سىرلىق بىر ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن 24 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

باربارا ستېفېنسنىڭ قەبرە تېشىغا يېزىلغان شېئىر

باربارا ستېفېنسنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئامېرىكا ئاخباراتچىلىقىدىكى پارلاق ئىستىقبالىنى يوققا چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى بىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ نەتىجىسىز قالدۇرىدۇ.

باربارا ستېفېنسنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى غۇلجانى زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتېرىياللىرى – خاتىرە، قوليازما ۋە يۈزلىگەن فوتو سۈرەتلەر قومۇل بىلەن جيۇچۈەن ئارىلىقىدىكى ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) جىلغىسىدا كۆيۈپ كۈل بولىدۇ.

ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىرقانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن گومىنداڭ ھەربىي تەرەپ مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئارايۇلتۇزدا چۈشۈپ كەتكەن C47 تىپلىق ھەربىي تىرانسىپورت ئايرۇپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى تەكشۈرىدۇ. كۆيگەن جەسەتلەر ئارىسىدىن باربارا ستېفېنسنىڭ جەسىتى جەزىملەشتۈرۈلۈپ، مەخسۇس ساندۇق ئارقىلىق نەنجىڭغا ئەۋەتىلىدۇ. 1947-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى باربارا ستېفېنسنىڭ جەسىتى نەنجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ھويلىسىدا يەرلىككە قويۇلىدۇ. باش ئەلچى جون لەيتون ستۇئارت دەپنە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ۋە شەخسەن ئۆزى ۋىدا نۇتۇقى سۆزلەيدۇ. باربارا ستېفېنسنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنۇ مىسرالار ئويۇلىدۇ:

ئەلۋىدا، سەن قايتتىڭ،
كەلگەن يېرىڭگە.
بىز قالدۇق،
بۇ قانلىق، ئەسەبىي، ناخۇش دۇنيادا.
لېكىن سەن بىلگەندەك،
بىز كۈرەشنى داۋام قىلىمىز،
قىلچە بوشاشماي.
ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز،
داۋاملىق ئىچىمىز ۋودكا،
ھەمدە قاقاھلاپ كۈلىمىز يەنە.
كېتىۋەر قەدىرلىكىم،
قىلچە غەم قىلماي،
چۈنكى ئەبەدىي ياشايسەن،
ھامان،
بىزنىڭ قەلبىمىزدە. [29]

باربارا ستېفېنسنىڭ «پارلىغان ساراي» رومانىدا تىرىلگەن ئوبرازى

باربارا ستېفېنسنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئوبرازى ئامېرىكا يازغۇچىسى ئەيمى ليۇ (Aimee Liu) نىڭ رومانىدا قايتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يازغۇچى ئەيمى ليۇ ئۆزىنىڭ «پارلىغان ساراي» (Flash House) ناملىق رومانىدا ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغان ئەلىس جەيمەس(Alice James) نىڭ ئوبرازىنى باربارا ستېفېنسنىڭ پروتوتىپى ئاساسىدا يارىتىدۇ.

ئەيمى ليۇنىڭ مەزكۇر رومانى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «رومانىمدىكى ئەلىس جەيمەسنىڭ ئوبرازى باربارا ستېفېنسنىڭ پروتوتىپى ئاساسىدا يارىتىلدى. باربارا ستېفېنس تارىخىي رېيال شەخس بولۇپ، ئۇ ياش، چىرايلىق، ئالتۇن چاچلىق ھەم سېھرىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئايال ژۇرنالىست ئىدى. باربارا ستېفېنس 1947-يىلى خىتاي مىللەتچى ئارمىيەسى (گومىنداڭ ئارمىيەسى) نىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي خىتاينى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ شىنجاڭغا بارىدۇ. ئۇ بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقىي دۇنياغا ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ. ھالبۇكى، باربارا ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قايتىشىدا ئىنتايىن گۇمانلىق بولغان ئايروپىلان ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ‹پارلىغان ساراي› ناملىق رومانىمدا بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خاراكتېرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىشقا تىرىشتىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئەينى يىللاردا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ سىرىنى ئېچىش يولىدىكى تەۋەككۈلچىلىك ئىرادىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتىم.» [30]

باربارا ستېفېنسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

باربارا ستېفېنس 1922-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى نيۇ-يورك شىتاتىنىڭ يونكېرس بازىرىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى لۇئىس دۇمونت بىربوۋېر، ئانىسى مارگارېت ستېفېنس بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا باربارا ئېللېن بىربوۋېر دەپ ئىسىم قويغان. كېيىنچە ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئانىسى بىلەن ياشاپ، ئانىسىنىڭ ئەسلىدىكى فامىلىسىنى ئۆزىگە فامىلە قىلىدۇ. ئۆسمۈرلۈك يىللىرىدا ئۇ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە نيو-يورك شىتاتىدىن ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتونغا قوشنا ئارلىڭتون ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ.

ياش باربارا ئالاباما شىتاتىدا ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىنىڭ بىرىنچى يىلىنى تۈگىتىدۇ، ئاندىن نيو-يورك شەھىرىدىكى بارنېرد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالمىشىپ كېلىدۇ ۋە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا باكلاۋېرلىقنى تاماملايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇرۇش ئىنفورماتسىيە ئىشخانىسى (OWI) نىڭ چەتئەلدىكى خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭدا خىزمەت قىلىدۇ. چوڭچىڭدا تۇرغان مەزگىللىرىدە ئۇ ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى داڭلىق ژۇرنالىستلار بىلەن تونۇشىدۇ ۋە دوست بولىدۇ.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 1945-يىلى 5-نويابىردىكى مەخسۇس سانىدا باربارا ستېفېنسنىڭ چوڭچىڭدىكى ھاياتى سۈرەتلىك خەۋەر تەرىقىسىدە تونۇشتۇرىلىدۇ. [31]

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن ئۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇرۇش ئىنفورماتسىيە ئىشخانسى (OWI) قارىمىقىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، قىسقا مەزگىل فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، خىتايدىكى ئىچكىي ئۇرۇش ھەققىدە خەۋەر يازىدۇ. 1946-يىلى 11-ئايدا ئۇ چوڭچىڭدىن كۇزۇپلۇق دالا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇزاق سەپىرىنىڭ مەقسىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان قاتتىققول سىياسىتىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىش ئىدى.

دېگەندەك، ئۇ 1947-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بىلەن ئىلىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جاكارلانغاندىن بۇيان يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ماناس دەرياسىنى پاسىل قىلغان چېگراسى غەربتىكى قوشنىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئېتىكلىك ئىدى. غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوربېتاسىدا پەيدا بولغان دۆلەت» ياكى «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆلەڭگىسى» دەپلا چۈشىنەتتى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىر چەتئەل پۇقراسى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇپرىقىنى دەسسەپ باقمىغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ مۇمكىنچىلىك 24 ياشلىق ئامېرىكا مۇخبىرى باربارا ستېفېنسقا نېسىپ بولدى. باربارا ستېفېنس شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا مۇخبىرى ھەم شۇنداقلا تۇنجى غەرب مۇخبىرى بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە غەربتىكى ئەركىن دۇنياغا، جۈملىدىن ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىماقچى بولغانلىرى ئۆزى بىلەن بىللە بۇ ئەزىم تۇپراقنىڭ چېگراسىدا سىرلىق بىر رەۋىشتە غايىب بولدى…


پايدىلانغان مەنبەلەرگە ئىزاھات:

[1] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, Yale University Library Manuscripts and Archives, MS-629, Series No: III, Box No: 6a, Folder No: 97a, p. 68

[2] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 68

[3] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, pp. 68-69

[4] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 69

[5] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 69

[6] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 69

[7] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 70

[8] Thomas Laird, Into Tibet: The CIA’s first atomic spy and his secret expedition to Lhasa, New York: Grove Press, 2003, p. 36

[9] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, pp. 99-102

[10] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 99

[11] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 100

[12] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 100

[13] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 99

[14] ماھىنۇر قاسىمى: «ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن»، بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى، 2014-يىل نەشرى، 2-كىتاب، 726-، 746-بەتلەرگە قارالسۇن

[15] ماھىنۇر قاسىمى: «ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن»، بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى، 2014-يىل نەشرى، 2-كىتاب، 729-، 735-، 736-بەتلەرگە قارالسۇن

[16] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 107

[17] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 107 – 108

[18] جاڭ جىجۇڭ: «ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانغا قەدەر»، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل نەشرى، 21-قىسىم، 172-174-بەتلەر؛ ماھىنۇر قاسىم: «ئەخمەت ئەپەندىمنى ئېسلەيمەن»، 2-كىتاب، 792-بەت

[19] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 117

[20] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 197

[21] 宋希濂:《新疆三年见闻录》,《鹰犬将军:宋希濂自述》北京:中国文史出版社,1993年版

[22] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 197

[23] 宋希濂:《新疆三年见闻录》,《鹰犬将军:宋希濂自述》, 北京:中国文史出版社,1993年版

[24] 宋希濂:《新疆三年见闻录》,《鹰犬将军:宋希濂自述》, 北京:中国文史出版社,1993年版

[25] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, p. 197

[26] 宋希濂:《新疆三年见闻录》,《鹰犬将军:宋希濂自述》, 北京:中国文史出版社,1993年版

[27] John Hall Paxton & Vincoe Paxton, John Hall Paxton papers, pp. 197-198

[28] Thomas Laird, Into Tibet: The CIA’s first atomic spy and his secret expedition to Lhasa, p. 36

[29] Barbara Stephens (journalist), the Wikipedia ]https://en.wikipedia.org/wiki/Barbara_Stephens_(journalist)[

[30] “Stacy Bierlein talks with Aimee Liu and Akin Adesokan”, Other Voice #41 (http://www.webdelsol.com/Other_Voices/LiuAdesokanInt.htm(

[31] “Life Goes on a Date in Chungking”, Life Magazine, November 05, 1945, pp. 138-141

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش