ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان قەيەردۇر؟

ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان قەيەردۇر؟

ئاپتورى: ئۆگدۈلمىش

كۈنىمىزدە ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان بۇ مىللەت تۈركچە سۆزلەيدىغان خەلق بولۇپ، جۇغراپىيەۋى جەھەتتىن ئاسيا قىتئەسىنڭ مەركەزىدە يەر ئالغان، كۈنىمىزدە خىتتاي ئىشغالىيەتى ئاستىداكى شەرقىيي تۈركىستاننىىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئاھالەسىدۇر. خىتتايلار شەرقىيي تۈركىستاننى شىنجاڭ دەپ ئاتايدۇر. شىنجاڭ دەگەنلىك خىتتايچەدە« يەڭىدىن ئىشغال قىلىنغان زەمىن» دەگەن مەنانى بىلدۈرەدۇر. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا(توغرىسى تۈركىستان بولۇپ ھەم سىياسى جەھەتتىن ھەم جۇغراپىيەۋى جەھەتتىن تۈركىستان سۆزى ئەڭ مۇۋاپىقتۇر) ياشاغان قەۋملەر ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ شەھەر ھاياتىغا كىرگەن، مۇھىم دەۋلەتلەرنى قۇرغان بىر تۈرك  قەۋمىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى ئورخۇن يەنسەي مەڭگۈ تاشلارىدا، خىتتايچە تارىخى مەنبەلەردە ۋە دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركتە كۆپلەپ تىلغا ئالىنغاندۇر. ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ باشلانىشىدىن بۇيان تۈرك قەۋملەرىنىڭ ئىچىدە ھەرخىل سىياسى ئىتتىپاقتا پەرقلىق ئىسىملەر ئاستىداكى قەبىلەلەرنىڭ ئاتلارى بىرلەن ئاتالىپ كەلگەن. 8- ئەسىردە تارىخچىلار تەرەپىدىن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەپ ئىسىم قويۇلغان توققۇز ئوغۇز قاغانلىقىنى  قۇرۇپ چىققان. 840- يىلى بۇ قاغانلىق يىمىرىلگەندىن كەيىن قاغانلىقنىڭ خانەدان(خان جەمەتى) ئائىلەسى ۋە ھاكىمىيەت تۇتقان قەبىلەلەر ئۆزلەرىنىڭ ئىدارەسى ئاستىداكى شەرقىي تۈركىستاننى ئاساس قىلغان يەرلەرگە كۆچۈپ بارغان. ئۇيغۇر قەبىلەلەرى ئاساسلىق بەشبالىق ۋە خېشى كارىدورىغا كۆچكەن بولسا، باشقا باقىندى قەبىلەلەرمۇ تەخىمۇ ئىلگىرلەگەن ھالدا تەڭرىتاغلارىنىڭ جەنۇبىداكى ئەسىرلەردىن بۇيان قارلۇق ۋە ياغما قەبىلەلەرى ياشايدۇرغان رايۇنلارغا كۆچكەن. بۇنىڭدىن كەيىن ئۇيغۇرلار گەنسۇدا كەڭسۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى، بەشبالىقتا ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقنى قۇرغان. ئۇيغۇرلار ئۆزلەرى بىرلەن سىياسى ۋە ئېتنىك مۇناسىۋەتى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى ئىچىدە ياشايدىغان پۈتۈن تۈرك قەۋملەرى بىرلەن بىرلەشىپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن.  چىڭگىزخاننىڭ ھەربى يۈرۈشلەرىگە قاتىلغان ئۇيغۇرلار، ئۆزلەرى ئىشلەتىۋاتقان يازىقنى موڭغۇللارغا ئۆگرەتكەن ۋە ئۇيغۇر يازىقى موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ يازىقىغا ئايلانغان، كەيىن بۇ يازىق مانجۇلارغا ئۆتكەن ۋە 1911- يىلىغا قەدەر مانجۇلار تەرەپىدىن قوللانىلغان.  ئىسلام  دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كەيىن ئۇيغۇر ئىسمىنىڭ ئورنىنى ئومۇمىي مىللەتنىڭ ئەسلى ئىسمى بولغان تۈرك ئىسمى ئالغان. 1949- يىلى خىتتاي كومىنىست ئىستىلاسىدىن كەيىن ماركىسىزىملىق مىللەت ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە ۋە ئىشغالچىلارنىڭ بۆلۈپ پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسەتى بويىچە شەرقىي تۈركىستانداكى قىپچاق ئاھالەسىنى قازاق ۋە قىرغىز، باشقا تۈركچە سۆزلەشىدىغان ئاھالەنى ئۇيغۇر، ئۆزبەك دەپ ئايرىۋەتكەن ۋە 1955- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دەپ ئاتىغان.

شەرقىي تۈركىستان مىلاددىن بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپ تۈرك قەۋملەرى ياشاغان  ۋە ھاكىميەت سۈرگەن ئەڭ ئاساسلىق جايى بولغان، شىمالى ئالتاي تاغى، ئوتتۇراسى تەڭرىتاغ، جەنۇبى بولسا قاراقۇرۇم تاغلارى بىرلەن قاپلانىپ تۇرادۇ، شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپى ھەم تىبەت ئىگىزلىكى ھەم ھىمالايا تاغلارى بىرلەن جەنۇبى ئاسيادىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەرب تەرەپى  مۇستەقىل تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەر بىرلەن، شەرق تەرەپى بولسا خىتتاي بىرلەن خېشى كارىدورى ئارقىلىق تۇتاشىپ تۇرادۇ، شىمال تەرەپى موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە بىرلەن چىگرالانادۇ. يەرمەيدانى 1 مىليون 823 مىڭ  418  كىۋادىرات كىلومېتىر كەلەدۇرغان بولۇپ، دۇنياداكى ئىككىنچى چوڭ چۆللۈك شەرقىي تۈركىستاندادۇر. شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەر تەرەپىدىن باشقۇرۇلغان بىر جۇغراپىيە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن دەۋلەتلەر قۇرۇلغان. 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىرلەن خىتتاي كومىنىستلىرى قوراللىق ئىشغال قىلىۋالغان ۋە ئىسمىنى 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن. خىتتايلار يالغان تارىخلارنى يازىپ چىقىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەردىن تارتىپ خىتتاي چوڭ قۇرۇغلۇقىداكى ھاكىمىيەتلەرىنىڭ ئاستىدا بولغانلىقىنى جۆيلۈپ كەلسەمۇ، تارىخى پاكىتلاردىن بۇنىڭ قىلچىمۇ توغرا ئەمەسلىكى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىغا ئاياندۇر. شەرقىي تۈركىستان تارىخ بويۇنچە بۈيۈك ھۇن ئىمپىرىيەسىنىڭ، كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ، ئىدىقۇت قاغانلىقىنىڭ، قاراخانىيلار دەۋلەتىنىڭ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ، ياركەنت خانلىقىنىڭ ۋە كاشغارىيە ئەمىرلىكىنىڭ زەمىنى بولۇپ كەلگەن ۋە پۈتۈن بۇ دەۋلەتلەر بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن تۈركلەر تەرەپىدىن قۇرۇلغان ئىدى. تىلغا ئالىنىپ ئۆتكەن دەۋلەتلەر بەزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسمىنى باشقۇرغان بولسا، بەزىلەرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستاننىڭ تامامىنى، ھەتتا موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن دەشتى قىپچاققىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. قىسقاسى، تىلغا ئالىنىپ ئۆتكەن دەۋلەتلەر خىتتايلار قۇرغان دەۋلەتلەر بىرلەن يا قوشنا بولغان ياكى خىتتايلارنى باشقۇرغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈنىمىزدەكى سىياسى چىگراسى ياركەنت خانلىقى زامانىدا شەكىللەنگەن. خىتتايلار، 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى باسىپ ئالغان بىر تاجاۋۇزچىدىن ئىبارەتتۇر. كۈنىمىزدە داۋام قىلىۋاتقان پۈتۈن بۇ زۇلۇملار ۋە مىللىي-ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈپ نىگىزى خىتتاينىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ياپىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي بولمىغان پۈتۈن يەرلىك ئاھالەنى يوقاتىپ بۇ زەمىننى تامامەن خىتتايلاشتۇرۇشتۇر.

تارىخچىلار مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى مىڭ يىلنىڭ باشلارىدا تۈرك قەبىلەلەرىنىڭ ئانا يۇرتلارى بولغان ئالتاي تاغلارىنىڭ ئەتراپىدا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا يەرلەشكەنلىكىنى ئىپادە قىلماقتا. يەنى ھۇنلاردىن بۇرۇنمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالەسى تۈركلەر بولۇپ، ھۇنلار دەۋرىدە بۇ يەردە ئىرانى قەۋملەر بىرلەن توخارلار، تۈركلەر بىللە ياشاغان. تۈركلەر شەرقىي تۈركىستاندىن سەددىچىنغىچە بولغان كەڭ بوزقىرلاردا شەھەرلەردە ھەم يايلاقلاردا ياشاغان. قىسقاسى شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ۋە ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇراغا چىققان زەمىندۇر.

شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن سىياسى كۈچلەر ۋە دەۋلەتلەر:

 

1- ھۇنلار

تۈرك خەلقلىرى، كۆچمەن ھاياتتا ياشايدۇرغانلار قۇرغان ئۈچ چوڭ ئىمپىرىيە بولغان ھۇن، كۆكتۈرك، چىڭگىزخان دەۋلەتلىرىنىڭ شەكىللەنىشىدە پەرقلىق سىياسى ھالەتتە مەۋجۇت بولدى، بۇنىڭ باشىدا ھۇنلار كەلەدۇر. نۇرغۇن تارىخچىلار ھۇنلارنىڭ تۈركچە سۆزلەيدۇرغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا، بۇنىڭدىن باشقا كۆك تۈركلەرنىڭ ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلارى ۋە مىراسچىلارى ئىكەنلىكى خىتتايچە مەنبەلەردە ئوچۇق يازىلغاندۇر. ھۇن ئىمپىرىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تامامىنى دىگۈدەك ھاكىميەتى ئاستىدا تۇتقان ۋە كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن خىتتاي تاجاۋۇزىنى يەڭگەن. مىلادى 133-يىلى ھۇنلار خىتتايلارنىڭ  تۈركىستانداكى پۈتۈن كۈچىنى ئۈزۈل كەسىل يوق قىلغان. 557-يىلى ھۇن دەۋلەتى يوق بولغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان ھۇنلارنىڭ باشقۇرىشىدا ۋە تۈرك قەبىلەلەرىنىڭ ياشايدىغان زەمىنى بولغان.

2-كۆك تۈرك ئىمپىرىيەسى

ھۇن دەۋلەتى يوق بولغاندىن كەيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىداكى ئالتاي تاغى بىرلەن تەڭرىتاغى ئاراسىدا ياشايدىغان كۆكتۈركلەر تارىخ سەھنەسىگە چىقتى ۋە 552-يىلى بۇمىن قاغان كۆكتۈرك خانلىقىنى قۇردى، شەرقىي تۈركىستان 745- يىلىغا قەدەر ھۈكۈم سۈرگەن كۆك تۈركلەرنىڭ باشقۇرىشىدا بولدى، تۈرك قەبىلەلەرىنىڭ ئىچكى ماجراسىنى پۇرسەت بىلگەن خىتتاي دەۋلەتى – تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىغا قارشى تۈرك بويلارى 751-يىلى تالاس ئۇرىشىدا خىتتايلارنى تامامەن مەغلۇپ قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن سەددىچىننىڭ ئىچىگە قەدەر قوغلاپ كىرگەن.

3-  ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى

745-يىلى توققۇز ئوغۇز بويلارى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ سىياسى ھاكىمىيەتىنى ئاغدۇرۇپ، تۈرك قەبىلەلەرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ مۇستەقىل توققۇز ئوغۇز قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى، توققۇز ئوغۇز قاغانلىقى موڭغۇلىيە يايلاقلارىدىن تارتىپ تاشكەنت ۋە كاشغەرگە قەدەر تۈرك قەۋملىرى ياشاۋاتقان زەمىنلەرنىڭ ھەممەسىنى ھاكىمىيەتى ئاستىغا ئالدى. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا قارلۇق، ياغما، چىگىل، باسمىل، ۋە بىر قىسىم ئوغۇز قەبىلەلەرى ۋە ئىرانى قەۋملەر ياشىماقتا ئىدى، ئۇلار ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا ئىدى. توققۇز ئوغۇز بويىنىڭ لىدەرلىرى ئۇيغۇر قەبىلەسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قاغانلىققا تارىخچىلەر ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئىسمىنى قويدى. 840-يىلى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋەيران بولغاندىن كەيىن، ئۇيغۇرۋە توققۇز ئوغۇز قەبىلەلەرىنىڭ بىر قىسمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى ۋە فەرغانە ۋادىسىداكى قارلۇقلارنىڭ يانىغا، بىر قىسمى كەڭسۇغا، بىر قىسمى بولسا بەشبالىق ۋە كۇچا رايونىدىكى تۈرك قەبىلەلەرىنىڭ يانىغا كۆچۈپ كەلدى.

4- گەنجۇ ئۇيغۇر دەۋلەتى

كەڭسۇ رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلەلەرى يەنە 847-يىلى بۇ يەردە بىر دەۋلەت قۇردى، تارىخچىلار بۇنىڭغا گەنجۇ ئۇيغۇر دەۋلەتى ئىسمىنى بەردى. بۇ ئۇيغۇرلارمۇ 911- يىلى خىتتايلاردىن دۇنخۇاڭنى ئالىپ، خىتتايلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇرتۇلدى، بۇ دەۋلەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىيدەكى رايۇنلاردا 1226-يىلىغا قەدەر ئۆز مەۋجۇدىيىتەنى ساقلاپ قالدى.

5- قوچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى

بەشبالىق ئەتراپىغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر قەبىلەلەرى ئورخۇن دەريا ۋادىسىداكى قاغانلارنىڭ جەمەتىدىن مەڭلىكنى856-يىلى قاغان ئىلان قىلىپ، قوچۇ دەۋلەتىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كۇچانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭرىتاغنىڭ شىمالىداكى رايونلارنى باشقۇردى. 948-يىلىدىن كېين ئۇيغۇر قاغانلارنىڭ ئۈنۋانى ئىدىقۇت بولدى. 1209-يىلى چىڭگىزخاننىڭ ھىمايەسىگە كىرگەن ئىدىقۇت خانى چىڭگىزخاننىڭ ئەسكەرى يۈرۈشلەرىگە قاتىلدى ۋە ئاناتولىيەگە قەدەر كەلدى.

6- قاراخانىيلار خانلىقى

سىياسى مەركەزى ئورخۇن دەرياسى بويىدا بولغان ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ840 -يىلى يىمىرىلىشىدىن پەيدا بولغان سىياسى بوشلۇقتىن پايدىلانغان ۋە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ نوپۇزىدا بولغان  قارلۇقلار ۋە ياغمالار، كۆل قادىرخاننىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستاندا قاراخانىيلار دەۋلەتىنى قۇردى. پايتەختىنى كاشغەر قىلغان قاراخانىيلار 943. يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندا خوتەن ۋە  ئاقسۇنى، شۇنداقلا فەرغانە ۋە چۇ دەرياسى ۋادىسىنى سىياسى خەرىتەسىگە قاتتى. قاراخانىيلار خانلىقى تۈركلەردە ئىسلام دىنىنىڭ يايىلىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينادى ۋە تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بولغان تەسىرىنى كۈچەيتتى. بۇ خانلىقتا تۈركلەرنىڭ مەشھۇر تىلشۇناسى مەھمۇد كاشغەرى بۈيۈك ئەسەرى دىۋانى لۇغەتىت تۈركنى، يەنە يۇسۇف خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىك ناملىق ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.  تىلغا ئالىنغان ھەر ئىككى مەشھۇر ئالىمنىڭ  قەبرەسى كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كاشغەر ۋىلايەتىدەدۇر.

7-چىڭگىزخان موڭغۇل ئىمپىرىيەسى

840-يىلى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىداكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ سىياسى كۈچى ۋەيران بولغاندىن كەيىن، گوبى چۆلىنىڭ شىمالىدىكى ۋە غەرىبىدىكى تۈرك قەبىلەلەرى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۈركىستاننىڭ ئىچ قىسىملارىغا ۋە خازار دەڭىزى ئەتراپىغا كۆچۈشكە باشلادى ۋە موڭغۇل ئىگىزلىكىدە تۈرك قەبىلەلەرى ئاساسەن دەگۈدەك قالمادى. قىرغىزلارنىڭ قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىرلەن تەڭ قىرغىزلارمۇ ئالتاي تاغلارىنىڭ غەربىگە كۆچۈشكە باشلادى. بۇنىڭلىق بىرلەن بوش قالغان ئۆتۈكەن ۋادىسى ۋە ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا موڭغۇل قەبىلەلەرى كۆچۈپ كىلىشكە باشلادى ۋە موڭغۇللار تارىخ سەھنەسىگە چىقتى. 1209-يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانى بارچۇق قارا قىتانلارنى يەڭىپ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى، بۇنىڭلىق بىرلەن شەرقىي تۈركىستان مۇڭغۇل ئىمپىرىيەسىگە ئۆز ئىختىيارى بىرلەن قاتىلغان تۇنجى تۇپراقنىڭ بىرى بولدى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى چىڭگىزخان بىرلەن بىرگە غەربنىڭ بويسۇندۇرۇلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى، ئۇيغۇر باخشىلار چىڭگىزخاننىڭ ۋەزىرلەرىگە يازىق ئۆگرەتتى ۋە چىڭگىزخاننىڭ ئورداسىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇر بىلگەلەرى خىزمەت قىلدى. بۇ ئىمپىرىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى ئىنتايىن زور ئىدى.

8- چاغاتاي خانلىقى

چىڭگىزخان بۈيۈك ئىمپىرىيەسىنى قۇرغاندىن كەيىن  بويسۇندۇرغان زەمىنلارىنى تۆرت ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى، تۈركىستاننى يەنى تۈركلەر ياشايدىغان يەرلەرنى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا بۆلۈپ بەردى. چاغاتاي خانلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالمالىق شەھرىنى پايتەخىت قىلىپ پۈتۈن تۈركىستاننى  باشقۇردى. چاغاتاي ئەۋلاتلارىنىڭ سىياسى ھاكىمىيەتى شەرقىي تۈركىستاندا 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلارىغاچە داۋام قىلدى، لاكىن چاغاتاي موڭغۇللارى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ھەم مۇسۇلمان بولدى ھەم تەز سۈرئەتتە تۈركلەشىپ كەتتى.  ئەمىر تىمۇردىن كەيىن شەرقىي تۈركىستان بىرلەن غەربى تۈركىستان ئوتتۇراسىداكى سىياسى ھاكىمىيەت ئۆز ئالدىغا داۋام قىلدى ۋە تۈركىستاننىڭ تامامىغا ھاكىم بولالايدىغان بىر سىياسى كۈچ مەيدانغا كەلمىدى.

9- ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى

چاغاتاي خانلىقىنىڭ سىياسى كۈچىنىڭ ئاجىزلاشىشى بىرلەن شەرقىي تۈركىستاننى ھەرقايسى كۈچلۈك موڭغۇل قەبىلەلەرى بۆلۈشۈۋالغان بولۇپ، چاغاتاي خانىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ نەۋرەسى سەئىدخان 1514-يىلى تارىم ھاۋزاسىداكى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھاكىمىيەتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياركەنتنى پايتەخىت قىلغان سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچا ۋە شەرقىيدەكى جايلارنى يەنە چاغاتاي خان جەمەتىدىن بولغان سەئىدخاننىڭ تاغاسى مەنسۇر خان باشقۇراتتى ۋە بۇ ئىككى خان شەرقىي تۈركىستاننى بۆلۈپ بىرلىكتە باشقۇردى، كەيىنكى ۋاقىتلاردا ياركەنتنىڭ سىياسى ۋە ئەسكەرى كۈچى كۈچلەنىپ قۇمۇلغاچە بولغان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ياركەنت خانلىقى مەركەزى ھاكىمىيەتى ئىدارە قىلدى ۋە كۈنىمىزدەكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېتنىك ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدەلىكى مەيدانغا كەلدى. ياركەنت خانلىقى كەشمىرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ تۇپراقلارىغا قاتقان ئىدى. 1696-يىلى تەرىقەت مەنسۇپلارى خوجالارنىڭ ئىسيانى بىرلەن ياركەنت خانلىقى جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ باقىنداسى ھالىغا كەلگەن بىر دەۋلەتكە ئايلانىپ قالدى.

10- بىرىنجى قېتىملىق مانجۇ ئىستىلاسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشى

1644-يىلى سەددىچىننىڭ شەرقىي ئۇچىنى بۆسۈپ كىرىپ خىتتاينى ئىشغال قىلغان مانجۇلار 18- ئەسىرنىڭ باشلارىدىن باشلاپ جۇڭغارلارنى ئۆزلەرىگە تەھدىت دەپ قاراشقا ۋە غەربكە كەڭىيىپ موڭغۇللار بىرلەن ئۇرۇشۇشقا باشلادى. 1750-ئەتراپىدا موڭغۇللار مانجۇلارغا يەڭىلىشقا باشلادى ۋە جۇڭغارلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانداكى سىياسى كۈچى ئاجىزلاشقا باشلادى. مانجۇلار موڭغۇللار بىرلەن ئۇرۇشۇش باھانەسىدە شەرقىي تۈركىستانغا كىردى ۋە دەسلەپتە خوجالار بىرلەن ھەمكارلاشىپ موڭغۇللارنى يەڭدى، كەيىن خوجالار مانجۇلارنىڭ ھاكىمىيەتى ئاستىغا كىرىشنى خالاماغاچقا خوجالار بىرلەن ئۇرۇشقاچ كاشغەرگىچە كىردى. 1759-يىلى خوجالارنىڭ ئۈزۈل-كەسىل يەڭىلىشى بىرلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تامامى مانجۇ چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئىشغالىيەتى ئاستىدا قالدى ۋە دەسلەپتە ئۆزىگە باقىندى بىر دەۋلەت قىلىپ باشقۇرماقچى بولغان بولسامۇ بارا بارا شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ ئەسكەرى كۈچ كىرگۈزۈشكە، سىياسى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. شەرقىي تۈكىستان خەلقى مانجۇلار بىرلەن توختىماي كۈرەش قىلىپ بىر قانچە قەتىم غەلبەنى قولغا كەلتۈرگەن بولسامۇ، ياقۇپ بەگنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ مانجۇلارنى تامامەن قوغلاپ چىقارغانىغا قەدەر ئومۇميۈزلۈك بىر غەلىبەگە ئەرىشەلمەدى.

11- كاشغەرىيە ئەمىرلىكى

شەرقىي تۈركىستان مانجۇلارنىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالغاندىن كەيىن، خوجالار قوقەند خانلىقىدىن ئەسكەرى ۋە سىياسى كۈچ تەلەپ قىلدى، خوجالار قوقەنت خانلىقىنىڭ ياردەمى بىرلەن كۆپ قەتىم قوقەند ئۈستىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىردى، ھەتتا قوقەنت خانلىقىنىڭ ئەسكەرلەرى بىۋاستە شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ مانجۇلاردىن كۆپ جايلارنى قايتۇرۇپ ئالدى. ئەمما قوقەندتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى قوقەند ئەسكەرلەرى شەرقىي  تۈركىستاندا ئۇزۇن تۇرالمادى، 1840-1860-يىللارىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يەرىدە مانجۇلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىسيان قوزغالدى، ھەرقايسى ۋىلايەتلەر ئۆز ئالدىغا يەرلىك ھۈكۈمەتلەرىنى قۇرۇشقا باشلادى. بۇنىڭلىق بىرلەن خوجالارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان بۈزرۈك خان قوقەند ئەسكەرى قوماندانى ياقۇپ بەگ بىرلەن بىرگە كاشغەرگە كىردى. ئەسكەرى داھى بولغان ياقۇپ بەگ تەز سۈرئەتتە شەرقىي تۈركىستانداكى بۆلۈنمەچىلىككە خاتىمە بەرىپ، 1871-يىلى  مانجۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن پاك-پاكىزە تازەلەدى. تامامەن مۇستەقىللىققە ئەرىشكەن شەرقىي تۈركىستان بۇ ۋاقىتلاردا كاشغەر ئەمىرلىكى دەپ ئاتالدى، بۇ دەۋلەت برىتانىيە، روسىيە ۋە ئوسمانىيلار بىرلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى ھەمدە ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەمما 1877-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ ئۆلۈمىدىن كەيىن مانجۇلار زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەر بىرلەن چارروسىيەنىڭ ياردىمىنى ئالىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئىككىنچى قەتىم كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 1884-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئىدارە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ “شىنجاڭ” ئىسمىنى قويدى ۋە بىر ئۆلكە ھالەتىگە ئالىپ كەلدى.

2019-10-28

مەنبە: كۆكتۇغ تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش