سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغىچە تارىخقا بىر نەزەر

ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغىچە تارىخقا بىر نەزەر

ئاپتورى: ئۆگدۈلمىش

تىمۇرىيلار ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بىر پۈتۈن تۈركىستاننىڭ قايتىدىن بىر سىياسىي ھاكىمىيەت ئاستىغا كىرىشى مۇمكىن بولمىدى. بابۇر شاھ ۋە سەئىد خانلار بۇنىڭغا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ ماۋەرا ئۇننەھىردە شەيبانىلەرگە قارشى ئۈستۈنلۈكنى ساقلىيالمىدى، بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرى كاشغەرنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ياركەنت سېپىلى ئەتراپىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ياركەنت خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ ئەندىجان ۋە ئەتراپىنى بىر قانچە قېتىم ئىگىلىگەن بولسىمۇ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شەيبانىلەردىن كېيىن تۈركىستاننىڭ غەربىدە دەسلەپتە بۇخارا خانلىقى يالغۇز ھاكىمىيەت سۈرگەن بولسىمۇ، بۇخارانىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خانلىقتىن خىۋە خانلىقى ۋە قوقەند خانلىقى بۆلۈنۈپ چىقتى. تۈركىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا چاغاتاي خانلىقى مەنسۇر خان دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، سەئىدىيە خانلىقى بولسا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە سىياسى ھاكىمىيەت سۈردى، 1696-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى پۈتۈن سىياسىي كۈچى ۋە نوپۇزى يىمىرىلدى.

تۈركىستاننىڭ غەرىبىدىكى خانلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەسلەپتە بۇخارا خانلىقىنىڭ سىياسىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بولۇپ، بۇ دەۋىرلەردە بۇخارا خانلىقى بىلەن دەۋلەتى ئالىيەيى ئوسمانىيەنىڭ (ئوسمانلى دەۋلەتى) سىياسىي ۋە ئەسكىرىي ھەمكارلىقى كۈچلىنىپ ئىراننىڭ ھەم شەرقتىن ھەم غەربتىن كېڭىيىشىنى چەكلىدى، بىر قانچە قېتىم ئورتاق ھەربىي ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ ئىراننى تىزگىنلەپ تۇردى. ياۋۇز سۇلتان سېلىم خان بىلەن شەيبانىخان ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان بىلەن ئابدۇللاھ خانلار ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن قويۇق ئالاقە ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ كۆپى ئىراننىڭ شىئەلىكنى يېيىش سىياسىتىگە قارشى شەكىللەنگەن ئىتتىپاق ئىدى. ئىراندا شاھ ئىسمائىل ۋە شاھ تاھماسب زامانىدا ئەمىر تىمۇرنىڭ نەۋرىسى بابۇرشاھ ئىراننىڭ ياردىمى بىلەن بۇخارانى ئىگىلەشكە مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالماي ھىراتقا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ھىندىستاندا بابۇرىيلەر ئىمپېرىيىسىنى قۇردى.

بۇ ئىتتىپاقلار كۆز ئالدىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن خانلىقلارنىڭ ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە، سەئىد خان بىلەن تاغىسى مەنسۇر خاننىڭ ھەم كېيىنكى ۋارسلىرىنىڭ بۇ سىياسىي ئىتتىپاقتا بابۇر ئىمپېرىيىسىگە يېقىنلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھەربىي سەپەرلەرگە قاتناشمىدى، كۆپىنچە جەنۇپتا كەشمىرگە قارشى، شەرقتە تىبەتكە قارشى ئىلگىرلەش سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى بايقايمىز. ھەتتا ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈش ئەسناسىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تارىخىي رەشىدىنىڭ مۇئەللىپى، سەئىدخاننىڭ باش ۋەزىرى ۋە قوماندانى مىرزا ھەيدەر كۇراگانمۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كەشمىرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھەربىي سەپىرىدىن كېيىن كەشمىردە قالىدۇ ۋە بۇ كىتابنى كەشمىردە يېزىپ چىقىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ياركەنت خانلىقى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان، بولۇپمۇ  ھىندىستاندىكى بابۇر خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى بولغان، بۇخارا خانلىقى بىلەن ھەربىي توقۇنۇشقا كىرگەن بولسىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا چوڭ سۈركىلىش كېلىپ چىقمىغان. شەرقىي چېگرىسىدا بولسا بەزى فەتىھ ھەرىكەتلىرى كۆرۈلگەن ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلارىغىچە كىرىپ قايتىپ چىققان. بۇفەتىھلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەربىي ئولجا ۋە غەنىمەت ئۈچۈن بولغان، ئەمما خىتايلىق تىجارەتچىلەرنىڭ سەئىدىيە زېمىنلىرىدا تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇش بىلەن بىرگە تىجارەت ھوقۇقىنىڭ نورمال يۈرگۈزۈلۈشىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغان.

ياركەنت خانلىقى قۇرۇلغان مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسەن كۆپىنچىسى كۇچانى مەركەز قىلغان نەقشى بەندى پىرى مەۋلانە ئىرشادۇددىن ۋە ئۇنىڭ تەرىقىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، شەرقى تۈركىستاندىكى نوپۇزى ئىنتايىن ئۈستۈن ئىدى. ھالبۇكى بۇ تەرىقەت مەنسۇپلىرى تۇغلۇق تىمۇرخان دەۋرىدە بەشبالىق ۋە قومۇلنىڭ تاغلىرىغا قەدەر يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي فەتىھلەرگە قېتىلغان بولسىمۇ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ زەئىپلىشىشىگە ئەگىشىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن ۋە دۇنياۋى ماجىرالاردىن ئۇزاق تۇرغان، ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى تۈرك ۋە موڭغۇل قەۋملىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، مەدرىسە ئوقۇتۇشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى. ياركەنت خانلىقى قۇرۇلغان دەۋرلەردە تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە خانلار دۆلەتنى قولاي ئىدارە قىلىش ۋە تەرىقەت مەنسۇپلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا خەلقنىڭ كۆزىدىكى دىنىي نوپۇزىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم يەرلىك تەرىقەتلەرنى ئۆزلىرىگە يېقىن تۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى. سەئىدخانمۇ سىياسىي جەھەتتىن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە دىنىي جەھەتتىن مەشرۇئىيەتىنى (قانۇنىيلىقىنى) كۈچەيتىش ئۈچۈن تەرىقەت سۈلىكىنىڭ پىرىگە قول بەرگەن ئىدى.

ياركەنت خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى خانى ئابدۇلكەرىم خان دەۋرىگە كەلگەندە تارىخىي مەنبەلەردە ئىسىملىرى ھەزرىتى ئەزىزلەر ياكى مەخدۇمى ئەزەم دەپ ئاتالغان، سەييىدلەردىن بولغان ۋە بىر تەرىپىدىن سىلسىلىسى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادىدىن بۈبى چۈيا كاشغەرىگە تاقىشىدىغانلىقى سۆزلەنگەن خوجا ئەھمەد كاسانىنىڭ تۆتىنچى(بەزى مەنبەلەردە سەككىزىنچى) ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئىسھاق ۋەلى 1580-يىلىدا كاشغەرگە كەلدى. خوجا ئىسھاق ۋەلى قۇرغان تەرىقەت پىرقىسىنىڭ مەنسۇپلىرى بېشىغا قارا تاقيە (شاپاق دوپپا) كىيەتتى. ياركەنت خانلىقى دەسلەپتە ئۇنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئارىلاشمىدى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئاۋۋال كاشغەردىن ياركەنتكە كەلدى، ياركەنتتە ئابدۇللاھ خان بىلەن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشكەندە ئۇنى ئۇزۇن ساقلاتقانلىقى سەۋەبلىك ئارىسىدا سوغۇقلۇق پەيدا بولدى. خان ئۇنى خوتەنگە سۈرگۈن قىلدى، خوتەندە ئۈچ يىل قالغان ئىسھاق خوجىنىڭ خوتەن ھاكىمى قۇرەيىش سۇلتاننىڭ ياركەنت ئوردىسىغا قارشى ھەربىي ئىسيانغا ئارىلاشقانلىقىدىن شۈبھە قىلىنغاچقا خوتەندىنمۇ چىقىرىلىۋېتىلدى. ئىسھاق خوجا ئارقىدىن ئاقسۇغا باردى ۋە ئاقسۇدىمۇ سىياسىي مەركەزنى راھەتسىز قىلغانلىقى ئۈچۈن ياركەنت خانلىقى تەرىپىدىن تۇرغان يېرىنى تەرك ئېتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە سەمەرقەنتكە كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

ئىسھاق ۋەلى خوجا ياركەنت خانلىقى ھۇدۇدى ئىچىدە 12 يىل ياشىدى ۋە خەلق ئىچىدە سەل قارىغىلى بولمىغىدەك نوپۇزغا ئېرىشتى. بۇ 12 يىل ئىچىدە 60 تىن ئارتۇق مۇرىدىغا ئىجازەت بېرىپ ئۆزىنىڭ خەلىپىسىنى تەيىنلىدى. ئۇنىڭ خەلىپىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇدىغان كىشى شاتۇر خوجا ئىدى. شاھزادىلەرمۇ تەخت غەۋغاسىدا غالىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ كۈچتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ پۇرسىتىنى كۈتەتتى، بۇنىڭ بىلەن بەزى شاھزادىلەرنىڭ تەختكە چىقىشىغا سەۋەب بولغان بۇ خوجىلارنىڭ قولىدا بەزى سىياسىي ھوقۇقلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. دەسلەپتە شاھزادىلەر بۇلاردىن پايدىلىنىشنى ئويلىغان بولسا، بۇ ئىككى پىرقىدىكىلەرمۇ سىياسىي كۈچنى تالىشىپ تەختكە يېقىنلىشىشقا ۋە ئۆزىگە قول بەرگەن شاھزادىلەرنى تەختكە چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشقا باشلىدى. بۇ غەۋغا تەبئىيلا بۇ پىرقىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  ئىشقىيە پىرقىسى ئىككى پىرقىگە بۆلۈپ بىرى ياركەنتنى يەنە بىرى كاشغەرنى ماكان تۇتتى. قايسىسىىنڭ مۇرىدى بولغان شاھزادە تەختكە چىقسا ياركەنتنىڭ خوجايىنى شۇ بولدى.  ۋاھالەنكى ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخاننىڭمۇ تەختكە چىققان ۋاقىتلىرىدا قول بەرگەن مۇرشىدى بولۇپ، ئۇ ياركەنت خانلىقىنى قۇرۇپ قىسقا مۇددەتتىن كېيىن مۇرشىدىگە دۆلەتنىڭ تەختىنى تاشلاپ تامامەن دەرۋىشلىك ھاياتىغا كىرىپ كېتىش ئارزۇسىنى ئېيتقانىدا، ئۇنىڭ مۇرشىدى  ئۇنى ئادالەت بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ مىڭ يىللىق ئىبادەتتىنمۇ ئەلا ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىپ ئۇنى توسقان ۋە مۇرشىدلەرنىڭ پەقەت خاقانلارنى توغرا يولغا باشلاش، ئادالەتلىك بولۇش ۋە قەلبىنى پاك تۇتۇش ئۈچۈن كۆڭۈل دوستى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھاكىمىيەت ۋە تەخت ھەۋىسىدىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

تەرىقەت شەيخلىرىنىڭ بۇ ئىچكى ماجىراسى ياركەنت خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىگىچە سۇيىقەست ۋە خانلارنىڭ قولى بىلەن بىر بىرلىرىنى جازالاشتىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. چۈنكى ياركەنت شاھزادىلىرىنىڭ سانى كۆپ، ۋەزىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك تەرىقەتلەردىن ئۇزاق تۇرغان. ئەمما ئابدۇرېشىد خاننىڭ زامانىدىن باشلاپ قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ شەرققە سىلجىشى، بولۇپمۇ قالماقلارنىڭ بېسىمىدىن قاچقان قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ ئارتۇچ ۋە ئاقسۇنىڭ يايلاقلىرىغا ۋە فەرغانە ۋادىسىنىڭ تاغلىق ئېتەكلىرىگە يەرلىشىشى بىلەن، قىپچاق ۋە قىرغىز قەبىلىلىرى بىلەن ياركەنت ئەسكەرلىرى ئارىسىدا توختىماي سۈركىلىش بولدى. قىپچاق ۋە قىرغىز قەبىلىلىرى داۋاملىق تۈردە شەھەر ۋە قىشلاقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. ياركەنت ئەسكەرلىرى ئۇلارنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ داۋاملىق كونترولى ئاستىدا تۇتالمىدى. ھەتتا ئاقسۇدا ئابدۇرېشىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى ۋەلىئەھد ئابدۇللاتىف خاننى قىپچاقلار شەبخۇن قىلىپ قەتلى قىلغاندىن كېيىن بۇ جېدەل توختىماي داۋام قىلدى. بىر قانچە قېتىم چوڭ ئۇرۇش بولدى، شۇنداقتىمۇ قىرغىزلارنى تامامەن تىزگىنلىگىلى بولمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن قالماق موڭغۇللىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلى ۋە يەتتە سۇ ۋادىسى، دەشتى قىپچاق ۋە تەڭرىتاغ بىلەن ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپەيىشى، موڭغۇللار بىلەن ياركەنت كۈچلىرىنىڭ تۇرپان ۋە قومۇل شۇنداقلا بەشبالىق رايونىدىكى زىددىيىتىنى كۈچەيتتى. قالماقلار كۈچەيگەنچە ياركەنتنىڭ كۈچى زەئىپلەشكە باشلىدى ۋە بەزىدە قالماق قوشۇنلىرى تارىم ۋادىلىرىغىچە كېلىپ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ كېتەتتى، ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە تۇرپان ۋە قومۇل داۋاملىق قالماقلارنىڭ ياغمىسىغا ئۇچراپ تۇراتتى.

ياركەنت خانلىقى ئىچكى جەھەتتىن قىپچاق-قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ ئىسيانلىرى، خوجىلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتنى مەشغۇل قىلىشى، شاھزادىلەرنىڭ تەخت غەۋغاسى بىلەن كۈچلىنەلمىگەن بولسا، تاشقى جەھەتتىن بۇخارا بىلەن بولغان بەزى ئۇرۇشلار، قالماقلارنىڭ تاجاۋۇزى سەۋەبلىك ئەسكىرى جەھەتتىن ئاجىز ئورۇنغا چۈشتى. قالماقلارنىڭ يىپەك يولىنىڭ بىر قىسىمىنى ۋە ھەج يوللىرىنى كونترول قىلىۋېلىشى شۇنداقلا يول بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى بىلەن تىجارەتنىڭ دائىرىسىمۇ تارايدى. ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە كۆپ قېتىم تەخت ئالمىشىش مەيدانغا كەلدى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تەرىقەتتىكىلەرنىڭ چېتىشلىقى بار ئىدى، بۇ تەرىقەتتىكىلەرنىڭ غەۋغاسى ئوچۇق ئاشكارە جەڭگى- جېدەلگە ئايلانغان ۋاقىتتا خەلقنى بۆلۈشۈۋالغىدەك سەۋىيەدە زورايدى ۋە ئاق تاقىيە ۋە قارا تاقىيە ئىسمى بىلەن چاقىرىلىشقا باشلىدى. كېيىنچە خەلق تىلىدا بۇلار ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلار دەپ ئاتالدى.

ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلەرىدە بولۇپمۇ 1650-يىللىرىدىن كېيىن تەخت ئالمىشىش كۆپىيىپ كەتتى ۋە بۇ ئىچكى غەۋغا ھەم تەرىقەت كۈچلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتسە ھەم جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ بىۋاستە ياركەنتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىگە قول تىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.  1667-يىلىغا كەلگەندە ياركەنتتە يولبارس خان تەختتە ئىدى. ئەمما ئاقسۇغا ھاكىم بولغان ئىسمائىل خان ياركەنت تەختىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ياركەنتكە ھەربىي يۈرۈش قىلدى ۋە يولبارس خان بىلەن ئۇرۇشتى. ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەت بىلەن قايتقان ئىسمائىل خان، موڭغۇللارنىڭ كۈچى بىلەن داۋاملىق ياركەنت ئۈستىگە بېسىم قىلدى ۋە 1770- يىلىغا كەلگەندە يولبارس خان تەختنى تاشلاپ مەككىگە كەتتى.  ئاق تاغلىق خوجىلار بىلەن قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان جېدەللىرى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئاق تاغلىق خوجىلار يولبارس خاننى قوللىغان بولسا ئىسمائىل خاننى قارا تاغلىق خوجىلار قوللىدى، ھەر ئىككى خانغا ئائىت رەسمىي دۆلەت ئەسكەرلىرنىڭ سىرتىدا بۇ ئىككى پىرقىنىڭمۇ ئايرىم ھەربىي تەشكىلاتلىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇشلاردا بىۋاسىتە جەڭ مەيدانلىرىدا ئالدىنقى سەپلەردە ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىتى ئۆزلىرى قوللىغان خانلارنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ۋە ھاكىميەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىدى. ئاقىۋەتتە يولبارس خاننىڭ تەختنى تەرك ئېتىشى بىلەن تەختكە جۇلۇس قىلغان ئىسمائىل خان دەرھال ئاق تاغلىق خوجىلاردىن ئىنتىقام ئېلىشقا باشلادى. قارا تاغلىقلارمۇ ياركەنتتە ئاق تاغلىقلارغا قارشى چوڭ تازىلاش ئېلىپ باردى. ئىسمائىل خان ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ پىرى ھىدايەتۇللاھ ئىشاننى ياركەنت چېگرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئىشان مەجبۇرىي چېگرىدىن چىقىرىلىغاندىن كېيىن ئاۋۋال كەشمىرگە ئاندىن تىبەتكە بېرىپ دالاي لامادىن جۇڭغارلارنىڭ ئۆزىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى، ياركەنت تەختىنىڭ مەجبۇرىي قولىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى. دالاي لاما ئۇنىڭغا بىر پارچە مەكتۇپ بېرىپ ئۇنى جۇڭغارلارنىڭ خانى بولغان غالدانغا يوللىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ياركەنتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىگە ئارلشىپ كەلگەن جۇڭغارلار بۇ پۇرسەتنى قولدىن قاچۇرماسلىقنى ۋە ياركەنت ئۈستىدىن چوڭ ئولجىلارنى ئالالايدىغانلىقىنى پىلان قىلىپ، 1680-يىلى ئاپاق خوجىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياركەنتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئەسكىرى جەھەتتىن زەئىپلىگەن ياركەنت ئەسكەرلىرى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالدى ۋە ئىسمائىل خان غالدانغا ئەسىر چۈشتى. غالدان ياركەنت خانلىق جەمەتىنىڭ مۇھىم ئادەملىرىنى ۋە قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ پىرلىرىنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئەشيالار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى بىلەن بىللە ئىلىگە ئېلىپ كەتتى. ئىسمائىل خان غالداننىڭ زىندانلىرىدا 56 يېشىدا ۋاپات بولدى. دەسلەپتە ئاپاق خوجا ئۆزىنى خان ئېلان قىلماستىن ياركەنت خانىدان ئائىلىسىدىن ئاقباش لەقەملىك مۇھەممەد ئەمىن خاننى قورچاق تەختكە ئولتۇرغۇزغان بولسىمۇ مۇھەممد ئەمىن خان مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن موڭغۇللارغا ۋە ئاپاق خوجىغا قارشى ھەرىكەتلەردە بولغاچقا ئۇنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈردى، ئارقىدىن يەنە ئىككى سەئىدىيە خانىدان ئائىلىسى شاھزادىسى تەختكە چىققان بولسىمۇ، خوجىلار ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى.

1696- يىلىغا كەلگەندە ياركەنت خانلىقىنىڭ خانىدان جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۈچى ئاساسەن دېگۈدەك يوق قىلىندى. ياركەنت تەختىگە ئاپاق خوجىنىڭ ئوغلى يەھيا خوجا ئولتۇردى. بۇ دەۋردىن كېيىن دۆلەت تەشكىلاتلانمىسى ۋە ھەربىي ئىنتىزامدىن ئۇزاق بولغان تەرىقەت مەنسۇپلىرى ئۆز-ئارا جەڭگى-جېدەل، قىپچاقلارنىڭ ياغمىسى ۋە موڭغۇللارغا ئولپان ۋە باج تاپشۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولدى ۋە ھېچقاچان ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالمىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خوجىلارنىڭ بۇ ھاكىميىتى قالماقلارنىڭ ھىمايىسىدىكى قورچاق بىر ھاكىمىيەت ئىدى. قالماقلار خوجىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىگە ئارىلاشمايتتى، ئەمما ۋەلىخان چوقانوفقا كۆرە، خوجىلار قالماقلارغا يىلدا 400 مىڭ تەڭگە باج تۆلەيتتى، مەھمەت ئاتىف بولسا تۆلەنگەن باج مىقدارىنىڭ ئۆزىنىڭ زامانىدا 88 مىڭ ئوسمانلى لىراسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ فەترەت، موڭغۇللارنى يوق قىلىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان مانجۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مانجۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قالماقلارنىڭ توختىماي يېڭىلىۋاتقانلىق خەۋىرى ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقان قارا تاغلىق يۇسۇف خوجىغا كەلدى ۋە ئۇ قالماقلارغا قارشى ئىسيان قىلىپ ئادەملىرى بىلەن ئىلىدىن كۇچا يولى ئارقىلىق كاشغەرگە كەلدى. يۇسۇف خوجا مانجۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى ۋە مانجۇلارنى كاشغەرگىچە ئېلىپ كىردى. ئەمما ئاق تاغلىق جاھانگىر خوجا ۋە بۇرھانىددىن خوجىلار يۇسۇف خوجىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى، ئاق تاغلىق خوجىلار بۇ جېدەلدە ئۈستۈن كەلدى. ئاق تاغلىق خوجىلار مانجۇلارنىڭ ھاكىميىتى ئاستىغا كىرىشنى خالىماي ئۇلارنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. خوجىلار دەسلەپتە غەلبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھەربىي ئىنتىزامسىزلىقى ۋە خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبلىك مەغلۇب بولدى ۋە ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلدى. مانجۇلارنىڭ دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستانغا خوجىلارنى ھاكىم قىلىپ ئۆزىگە بېقىندى بىر ۋاسسال دۆلەت قىلىش پىلانى بار ئىدى، ئەمما ئىچكىرلەپ كىرگەنچە شەرقى تۈركىستاندا ئىنتايىن مول دېھقانچىلىق ۋە زىرائەت، ئالتۇن ۋە باشقا بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى، زېمىنىنىڭ چوڭلۇقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. 1759-يىلىغا كەلگەندە، مانجۇلار بىۋاسىتە ھەربىي ۋالىيلىق قۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننى ۋىلايەتلەرگە بۆلۈپ بىۋاسىتە ۋاڭ تەيىنلەپ ئىدارە قىلىشقا باشلىدى. بۇ تارىختىن ئىتىبارەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل سىياسىي ۋە جۇغراپىيۋى ھوقۇقى بولمىدى. ھۆر شەرقىي تۈركىستان ئاسارەت ئاستىغا كىردى.

2019-يىل 9-سىنتەبىر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش