• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » بېلىسكى پارتىزانلىرى ۋە بىز

بېلىسكى پارتىزانلىرى ۋە بىز

ئەكرەم ئىلىك

يەھۇدىي پارتىزانلىرى ئىز قوغلاپ كەلگەن گېرمان ئەسكەرلىرىگە پىستىرما قۇرۇپ، بىرنى ئەسرگە ئالىدۇ. ئورمان ئىچىدىكى يوشۇرۇن بازىسىدا يەھۇدىي مۇساپىرلار قورقۇپ تىزلىنىپ قالغان ياش گېرمان ئەسكىرىنى ئارىغا ئالىدۇ.

– “يەھۇدىي ئىزلەمتىڭ؟ مانا بىز ھەممىمىز يەھۇدىي!”

مۇشت-تېپىكلەر ياغىدۇ. مۇساپىرلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق ئىككەيلەن، بىر ئوقۇتقۇچى ۋە بىر مۇخبىر، بۇ ئەسكەرنى قۇتقۇزۇشقا ئۆتىدۇ:

– “بۇ ئەسكەرنىڭ ئايالى ۋە ئىككى كىچىك بالىسى باركەن”، دەيدۇ ئوقۇتقۇچى.

– “مېنىڭمۇ بارتى، مۇشۇلار ئۆلتۈرۈۋەتتى!”، دەپ ۋارقىرايدۇ بىر مۇساپىر.

– “بۇ ئەسكەرنى ئەگەر قويۇپ بەرسەك، ئۇ بىزنىڭ ئورنىمىزنى ئاشكارىلىماسلىققا قەسەم قىلدى”، دەيدۇ مۇخبىر.

– “ئۇ ھەر قانداق قەسەمنى بېرەلەيدۇ، شۇنىڭغىمۇ ئىشىنەمسەن!؟”، دەيدۇ يەنە بىر مۇساپىر.

– “ئوغلۇم 15 ياش ئىدى، كۆزلىرى كۆپ-كۆك ئىدى، ئۇ قېنى؟!”، بىر ئايال ئەسكەرنى كالتەكلەيدۇ.

– “قېنى مېنىڭ ئۇكام؟!”، يەنە بىر ئايال ئەسكەرگە ئېسىلىدۇ.

چارىسىز قالغان ئىككى زىيالى ھىچكىم گېپىنى يىرالمايدىغان، بايىدىن بېرى چەتتە ئۈن-تىنسىز قاراپ تۇرغان پارتىزانلار باشلىقىغا تەلمۈرىدۇ. باشلىق گەپ قىلماستىن ئۆرۈلۈپ ئورمان ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. مۇساپىرلار گېرمان ئەسكىرىگە تاشلىنىدۇ، بەزىلەر قارىيالماي بېشىنى بۇرىۋالىدۇ…

بۇ 2008-يىلى ھوللىۋودتا ئىشلەنگەن《قارشىلىق》(ئېنگلىزچە ئىسمى Defiance) فىلىمىدىكى بىر كۆرۈنۈش. ئەسرلەرنى ئۆلتۈرۈش قانۇندىمۇ، ئەخلاقتىمۇ چەكلەنگەن بىر قىلمىشتۇر. شۇڭا قەھرىمانلارنى مۇكەممەل ئەخلاق ئىگىسى قىلىپ تەسۋىرلەش قېلىپلاشقان ھوللىۋودنىڭ بۇنداق بىر فىلىمى مېنى سەل ھەيران قالدۇردى. بۇ فىلىمنىڭ تارىخى چىنلىق ئاساسىدا ئىشلەنگىنىنى بىلەتتىم. شۇڭا فىلىمدە بۇنچىلىك تەسۋىرلەنگەن بىر ۋەقەنىڭ كەينىدە يەنە قانداق ئىشلار بارلىقىنى بىلگۈم كېلىپ ئىزدىنىپ باقتىم.

پولشانىڭ نوۋوگرودېك رايونى 1939-يىلى سېنتەبىردىكى گېرمان-سوۋېت بىرلەشمە ئىشغالىيىتىدىن كېيىن سوۋېتقا كېسىپ بېرىلىپ، بلوروسىيە رېسپوبلىكىسىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1941-يىلى گېرمان ئارمىيىسى بۇ يەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يەرلىك بلوروس ۋە پولەكلەرنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن يەھۇدىيلارغا قارىتا چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا تۈگمەنچىلىك ۋە كۆكتات سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تۆت ئوغۇللۇق بېلىسكى ئەر-خوتۇنمۇ بار بولۇپ، چوڭ ئوغلى تۇۋىيا بېلسكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى پولشا ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولغان، كېيىن ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ساقچىلاردىن قېچىپ يۈرگەن بىر جىنايەتچى ئىكەن. شۇ يىلى 35 ياشقا كىرگەن تۇۋىيا قاراڭغۇ بازاردىن قورال سېتىۋېلىپ، ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن قورچاق بلوروس ساقچى باشلىقىنى ئائىلىسى بويىچە قىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈچ ئىنىسىنى (ئەڭ كىچىكى تېخى كىچىك بالا ئىدى) ئېلىپ ئورمانغا يوشۇرۇنغان ۋە باشقا 13 نەپەر يەھۇدىي مۇساپىر بىلەن بىرلىشىپ قوراللىق ھەركىتىنى باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇلار بېلسكى پارتىزانلىرى دەپ ئاتالغان.

ئۆزىنى قوغداپ، ئىنتىقام ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئىش باشلىغان بۇلارغا يەھۇدىي مۇساپىرلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يۈكى ئېغىرلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇۋىيا قاتتىق تۈزۈم ۋە ئېنىق ئىش-تەقسىماتى ئورنىتىدۇ. كېيىن يەنە يوشۇرۇنچە شەھەرگە كىرىپ، گېرمان قورشاۋىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىدە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ قارشىلىقىنى يېڭىپ تۇرۇپ بەچچە يۈز يەھۇدىينى قۇتقۇزۇپ ئورمانلىققا ئېلىپ كېتىدۇ. ئادەم سانى جىقلىغان بىلەن كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، قورال تۇتۇپ جەڭ قىلالايدىغانلىرى چەكلىك ئىدى. شۇڭا تۇۋىيا ئەتراپتىكى سوۋېت پارتىزانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ، يەنى سوۋېت پارتىزانلىرى بۇلارنى قوراللىق قوغداش بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەھۇدى پارتىزانلىرى ئۇلارنى ئاشلىق ۋە باشقا لاۋازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەھۇدى ئاياللىرى سوۋېت پارتىزانلىرىغا كىيىم تىكىدۇ، يەھۇدى ھۈنەرۋەنلىرى بولسا بۇزۇلغان قوراللىرىنى رېمۇنت قىلىپ بېرىدۇ.

تۇۋىيا كىنو-رومانلاردا كۆرۈپ كۆنگەن قەھرىمانلىرىمىزدەك مۇكەممەل پېرسوناژ ئەمەس ئىكەن. دىكتاتۇر مىجەز، قاتتىق قول ۋە زالىم ئىكەن. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدىكەن. ئورمانلىقتا يەھۇدىي ئەر-ئاياللارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلىشىغا يول قىلىدىكەن، ئەمما بالىلىق بولۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىكەن. ئاشلىق يىققىلى چىققاندا بەرگىلى ئۇنىمىغان يەرلىك پولەك ۋە بلوروس دىخانلىرىدىن بۇلاپ ئالىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرىنى ئېتىپ تاشلايدىكەن. ئورماندىكى بۇ يەھۇدىي جەمىيىتىمۇ ئۈتوپىيە ئەمەس ئىكەن. قوراللىق جەڭچىلەر بىلەن باشقىلارنىڭ ئىمتىيازى ۋە تەمىناتىدا كۆرۈنەرلىك پەرق باركەن، تۈرلۈك زىددىيەت ۋە ھوقۇق تالىشىش مەۋجۇت ئىكەن. رەھبەرلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ھەتتا تۇۋىيا بىلەن ئىنىسى زۇس ئۆزئارا يۈز ئۆرۈشىدىكەن. بەزىلەر تۇۋىيانى “لاۋازىمەتلىكلەرگە خىيانەت قىلدى” دەپ سوۋېت پارتىزانلىرىغا ئەرز قىلىدىكەن. سوۋېتلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ساق چىققان تۇۋىيا مەست پېتى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئالدىدا ئەرز قىلغۇچىنى ئۈچ پاي ئوق بىلەن ئېتىپ تاشلايدىكەن.

تۇۋىيانىڭ مۇنداق سۆزى باركەن : “بىر يەھۇدىينى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئون گېرماننى ئۆلتۈرۈشكە تەييارمەن”. ئۇ گېرمانلارغا ناھايىتى قاتتىق قوللۇق قىلغان، يالغۇز گېرمانلا ئەمەس، يەھۇدىيلارغا زىيان سالغان ھەر قانداق ئادەمگە رەھىم قىلمىغان. بىر بلوروس دىخان ئۆزىدىن ياردەم سوراپ كەلگەن ئىككى يەھۇدىي قىزنى گېرمانلارغا مەلۇم قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، تۇۋىيا بۇ دىخان ئائىلىسىدىن 12 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئالغان. ئەمما رەھىمسىزلىك ئۇنىڭ دىپلوماتىيە قابىلىيىتىنى چۈشەپ قويمىغان. سوۋېت پارتىزانلىرى نەچچە قېتىم بېلسكى پارتىزانلىرىنى بىۋاستە ئۆز قوماندانلىقى ئاستىغا قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان. يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان تۇۋىيا بولسا سوۋېتلەرنىڭ ھەربىي پىلانىنىڭ قۇربانى بولماسلىق ئۈچۈن بۇنى ھەر ئاماللار بىلەن رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە سوۋېتلەرنىڭ دۈشمىنى بولغان، ئوخشاش بىر ئورمانلىقتا يوشۇرۇن ھەركەت قىلىدىغان پولەك پارتىزانلىرى بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت باغلىغان. گەرچە بەزىدە سوۋېتلەرنىڭ زورى بىلەن پولەك پارتىزانلىرىغا قارشى ئوپىراتسىيىلەرگە قاتناتناشسىمۇ، ئەمما پۈتۈن پولەك پارتىزانلىرى گېرمانلارغا ئەسرگە چۈشكەندە، گېرمانلارغا ھۇجۇم قىلىپ پولەكلەرنىڭ قېچىشىغا ياردەملەشكەن.

گېرمانلارنىڭ ئىز قوغلاپ تازىلىشى، جاپالىق شارائىت ۋە مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە يەھۇدىيلار ئورمانلىقتا بىر ياقتىن جەڭ قىلىپ، بىر ياقتىن ئەمگەك قىلغان. دىخانلىرى تۈگمەن قۇرۇپ ئاشلىق چىقارغان. دىندارلىرى چېركاۋ سېلىپ ئىبادىتىنى ئۈزمىگەن، زىيالىلىرى مەكتەپ قۇرۇپ بالىلارغا پەننى بىلىم ئۈگەتكەن. ئاياللار كىيىم تىككەن، ھۈنەرۋەنلەر قورال ياسىغان … ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 1943-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بۇ يەرلەرنى ئىشغال قىلغاندا، 1236 يەھۇدىي ئورمانلىقتىن ھايات پېتى يىنىپ چىققان. بۇلارنىڭ 70% ئى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، قوراللىق جەڭچىلىرى 160 تەك بولغان. شۇندىن كېيىن سوۋېتلەر بۇ پارتىزانلارنى تارقىتىپ، ئۆزىگە قوشۇۋالغان ۋە تۇۋىيانىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى “بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق” قاتارلىق ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. تۇۋىيا ۋە ئىنىسى ئاۋال پولشاغا قېچىپ، ئاندىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، يۈك ترانسپورت سودىسى قىلىپ بېيىپ كەتكەن. 1987-يىلى تۇۋىيا نيۇ يوركتا ۋاپات بولغان. بىر يىلدىن كېيىن بېلىسكى پارتىزانلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ قەۋرىسىنى ئىسرائىلىيىگە كۆچۈرۈپ، قەھرىمانلار دەپنىسى بىلەن قايتىدىن يەرلىككە قويغان. تا بۈگۈنگىچە بېلسكى جەمەتىدىن ھىچبىر كىشى ئىسرائىلىيە دۆلىتى ياكى يەھۇدىيلار جەمئىيىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ قەھرىمانلىقلىرىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ياكى مۇكاپاتلىشىنى تەلەپ قىلىپ باقمىغان.

ھىكايىنى ئاڭلىدۇق، ئەمدى بۇ يازمىنىڭ بېشىدىكى كۆرۈنۈشكە قايتايلى: يەھۇدىيلارنىڭ ئورماندا قورققىنىدىن غال-غال تىترەپ تۇرغان ئەسرگە چۈشكەن گېرمان ئەسىرىنى قىيناپ ئۆلتۈرۈشى خاتامۇ؟ خاتا. جەنۋە ئەھدىنامىسى بويىچە ئەسرگە چۈشكەنلەرنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلانماسلىقى كېرەك. دىمەك قانۇن نۇقتىسىدىن بۇلارنىڭ قىلمىشى خاتا. ئەخلاق نۇقتىسىدىنچۇ؟ تەسلىم بولغاننى ياكى ئۆزىدىن ئاجىزنى بوزەك قىلىش ھەرگىزمۇ ئاقمايدىغان گەپ. دىمەك ئۇلارنىڭ قىلمىشى خاتا ئىكەن دىگەن خۇلاسىنى چىقاردۇق، تۈگىدى، شۇنداقمۇ؟ ۋە ياكى بەكرەك كرىتىكال تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ باققۇڭلار بارمۇ؟ ئۇنداقتا مۇنۇ سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەپ باقايلى: ئاشۇ قانۇن ۋە ئەخلاق مىزانلىرىنى كىم تۈزدى؟ كۈچلۈكلەر. نىمىشقا تۈزدى؟ جەمىيەت تەرتىپىنى ۋە ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن. ئەمىسە ئاشۇ قانۇن،مىزان ۋە ئەخلاقلار بۇ يەھۇدىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدىمۇ؟ ھمممممم. جاۋاپ بېرىش تەس بولدى، شۇنداقمۇ؟ ئەمدى ئىككى قەدەملىك سوئالدىن بىرنى سوراي، ئاچلىقتىن ئۆلۈم گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بىرىدىن تاپقانلا نەرسىنى يىمەي، ۋىتامىن ۋە كالورىيىسىگە دىققەت قىلغان ئاساستا ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنى تەلەپ قىلالامسىلەر؟ ئەگەر ئۇنى قىلالمىساڭلار، ئۇنداقتا پۈتۈن دۇنيانىڭ سۈكۈتى ئاستىدا مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان، قورال تۇتۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، پەقەت يەھۇدىي بولۇپ تۇغۇلغىنى ئۈچۈنلا ئاتا-ئانىسى، بالىلىرىنىڭ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشىنى كۆرۈپ تراماتايز بولغان، يالغۇز گېرماندىنلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپىدىكى ھەر بىر قەۋمدىن بىپەرۋالىق، ئاسىيلىق ھەتتا دۈشمەنلىكنى كۆرۈۋاتقان ئاشۇ يەھۇدىيلاردىن جەنۋە شەرتنامىسى ۋە باشقا ئۆزىگە ھىچ پايدا ياكى بىخەتەرلىك بېرەلمىگەن قانۇن،مىزانلارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلالامسىلەر؟

سوئال يالغۇز بۇلا ئەمەس. تۇۋىيالارنىڭ ئۆز جېنىنى ساقلاش ۋە سوۋېتلەرنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەرلبك دىخانلاردىن ئاشلىق بۇلىشى توغرىمۇ؟ ئىككى يەھۇدىنىڭ خۇنى ئۈچۈن بىر ئائىلىدىن 12 ئادەمنى ئۆلتۈرۈشى توغرىمۇ؟ ئۆزى تۈزگەن قاتتىق تۈزۈم بىلەن باشقىلارنى جازالىشى توغرىمۇ؟ قارشى پىكىر بەرگەنلەرنى بېسىشى، ھەتتا ئۆلتۈرۈشى توغرىمۇ؟ ئۆزىنى قوغدىغان سوۋېتلەرگە ئەقىدە قىلىپ قوشۇلۇپ كەتمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭ دۈشمىنى پولەكلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ يۈرۈشى توغرىمۇ؟ جەڭچى يەھۇدىلارنى ئىشچى يەھۇدىلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغىنى توغرىمۇ؟ … بەك جىق سوئال. ئەمما جاۋابىم يوق. شۇنى ھىس قىلدىمكى، بۇ يەردە ئۆلچەملىك جاۋاب يوق ئىكەن، پەقەت مەيدان قارىشى، يەنى مەنپەئەت مەسىلىسىلا مەۋجۇت ئىكەن. پولەكلەر ۋە بلوروسلارنىڭ نەزىرىدە، تۇۋىيا ۋە ئۇنىڭ پارتىزانلىرى پەقەت ئەتكەسچى جىنايەتچى،دىن دۈشمىنى، يەھۇدىي پارازىت، راسىست، قانخور بۇلاڭچى ۋە قاتىلدىن ئىبارەت. سوۋېتلەرنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار ئىشەنچسىز، ۋاپاسىز، يۈگۈر-يېتىمگە سېلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدىغان بىر پېچكا، ئىشلىتىپ بولغاندا بوغۇزلايدىغان قۇربانلىق قويدۇر. گېرمانلارنىڭ نەزىرىدە بولسا، ئۇلار مىليونلىغان قېرىندىشى ئۈن-تىن چىقارماستىن قويدەك توپلىشىپ لاگىرلارغا كىرىپ، زەھەرلىك گاز زاللىرىدا يوقاپ كېتىۋاتقىنىدا ئۆزىنى بىلمەي قاپيۈرەكلىك بىلەن شىلتىڭ ئېتىۋاتقان بىر توپ پەسەندىلەردۇر، چوقۇم يوقىتىلىشى كېرەك بولغان ناچار نەسىلدۇر. بېلسكى پارتىزانلىرى ئىچىدىكى قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە تۇۋىيا بىر دىكتاتۇر، زالىم، ھەتتا خىيانەتچى بولسا، قوللىغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر قوماندان، دىپلومات، قۇتقازغۇچى. ئاۋام يەھۇدىي مىللىتىنىڭ نەزىرىدە بولسا تۇۋىيا ۋە بېلسكى پارتىزانلىرى ھەقىقى مىللەتپەرۋەرلەر، تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىشقا پېتىنغان داستان كەبى ئەزىمەتلەر… شۇنىسى ئېنىقكى، ئوخشاش بىر مەسىلىنى كۈزىتىش نۇقتىسى ئۆزگەرسە، ئېرىشىدىغان نەتىجىمۇ ئۆزگىرىدۇ. دىمەك قاراش نۇقتىمىز بۇ دۇنيانى قانداق تونۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

ئەمىسە ئوخشىمىغان بۇ مەيدانلارنىڭ ئىچىدىن توغرا مەيداننى قانداق تاللاش كېرەك؟ يەنە تۇۋىياغا قايتايلى. ئۇنىڭ ئەتكەسچىلىك قىلىپ قېچىپ يۈرگەن قاچقۇن ئىكەنلىكى ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك. ئۇنىڭ قىممەت قارىشىدا پولشادىكى ئاۋام خەلق رىئايە قىلىۋاتقان چېگرا ۋە تامۇژنا قانۇنىدىن ئۆزى ئېرىشەلەيدىغان ئىقتىسادى ئۈنۈم يۇقىرى تۇرغان. بۇنىڭدا پولشادىكى يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى قانچىلىك رول ئوينىغىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىر نۇقتا ئېنىق، يەنى تۇۋىيا ئۆزىگە نىمە كېرەكلىكىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا نىشانىنى ئېنىق بىلگەن ۋە شۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كىشىلەر كۆنگەن ۋە رىئايە قىلىپ كەلگەن رامكىلارنى بۇزۇپ ئىلگىرىلىگەن (ئەگەر بۇلارنى ئوقۇۋېتىپ مېنى ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى قوللايدىكەن دەپ ئويلىساڭلار، بۇ يازمام مەغلۇپ بولغان بولىدۇ، شۇڭا داۋامىنى ئوقۇمىساڭلامۇ بولىدۇ). ئۇنىڭ بۇ قىممەت قارىشى كېيىنكى پارتىزانلىق ھاياتىدىمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ: مەسىلەن، ئۆزىگە قارشى پىكىرلەرنى ئاڭلىمايدۇ، ھەتتا باستۇرىدۇ; ئۇرۇش ئازابىنى ئوخشاش تارتىۋاتقان دىخانلاردىن ئاشلىقنى بۇلاپ ئالىدۇ; يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن ھەسسىلەپ قانلىق ئىنتىقام ئېلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپتە ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ; ئۆزى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ بېشىنى سىلىغان سوۋېت پارتىزانلىرىغا مۇتلەق بوي سۇئمايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن ئالاقە باغلايدۇ; يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرگەن بلوروسلارنىڭ قاراڭغۇ بازىرىدىن قورال تاپىدۇ، ئاندىن بۇ قورال ئارقىلىق قىساس ئالىدۇ … قىسقىسى، ئەخلاقلىق، قۇلىقى يۇمشاق ئادەملەر رىئايە قىلىدىغان ھەممە قائىدە ۋە رامكىلارنى دىگۈدەك بۇزىدۇ. نىمىشقا؟ چۈنكى ئۇنىڭ نىشانى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى باشلىق مۇشۇ يەھۇدىيلارنى ئورمانلىقتىن تىرىك ئېلىپ چىقىش. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇ ۋاستە تاللىمايدۇ. ئىشنىڭ خاراكتىرىگە ئەمەس، پەقەت ئۈنۈمىگە قارايدۇ. چۈنكى ئۇ بىلىدۇ، يەھۇدىيلار مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان، پۈتۈن دۇنيا بولسا بۇ يوقىلىشقا يا قاراپ تۇرغان، يا ھەسسە قوشۇۋاتقان بىر ھالەتتە بۇلارغا ئىككىلەنگۈدەك، نام-شەرىپىنى ئويلاشقۇدەك پۇرسەت قالمىدى. ھەر ئامال بىلەن ئىلگىرىلەشتىن باشقا ئامال يوق. چۈنكى توختىسىلا يەم بولىدۇ.

ئەمىسە بۇ يازمام ئارقىلىق نىمە دىمەكچىمەن؟ روھىي ھالىتىمىزدە بىر خىل بالىلارچە گۈدەكلىك بار، يەنى دۇنيادىكى قانۇنلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساقلا; ئىنتېرنېتتە بولامدۇ، رېئال تۇرمۇشتا بولامدۇ، بىچارىلىكىمىزنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ نەزىرى ياكى ئۆلچىمىدە يامان ھىساپلىنىدىغان ئىشلارغا يېقىن كەلمىسەكلا، زوراۋانلىق ئاتىلىپ قالىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن بەك يىراق تۇرساقلا، تەقۋا مۇسۇلمان بولساق ياكى سادىق تۇرانچى بولساق ۋە ياكى دىندىن يىراق تۇرساق ۋە ياكى ئىنسان ھەقلىرىدىن باشقا تەلەپنى قىلمىساقلا… ئىشقىلىپ” كالپۇكىنى تىترىتىپ ئۆمچىيىپ تۇرغان قۇلىقى يۇمشاق بىر بىچارە” بولساقلا دۇنيا بىزگە ئىگە چىقىدۇ دەپ قارايدىغانلار ئارىمىزدا زور سالماقنى ئىگەللىمەكتە. بۇنداقلارنىڭ بىر قىسمى راستىنلا ساددىلارچە شۇنىڭغا ئىشەنسە، يەنە بىر قىسمى ئەمىلىيەتتە شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىش قىلماسلىق ئۇچۇن تەسەللى ۋە باھانە تاپىدۇ، شۇ پۇرسەتلەرنى كۈتۈپ، ئوغلىنى ياكى نەۋرىسىنى ئاتاپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ خىيالىچە بۇ دۇنيادا ئەسكىلەر ئاز، ياخشىلار كۆپ بولىدۇ. ياخشى ئادەملەر ھامىنى بىزگە ياردەم قىلىدۇ. مېنىڭ قارىشىم بولسا سەل پەرقلىق: بۇ دۇنيادا ئەسكىلەر ھەقىقەتەن ئاز، ئەمما ياخشىلارمۇ ئاز. ئەمىسە نىمە كۆپ؟ دۆتلەر كۆپ. بۇ دۆتلەر دائىم ئاشۇ ئەسكىلەرنىڭ قورالىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى ياخشىلارنىڭ مۇددىئاسى، نىشانى ھەر ۋاقىت ئەسكىلەردىن ئاجىز كېلىدۇ. يەنە كېلىپ ياخشى-ياماننىڭ ئېنىق ئۆلچىمى يوق، نىسبىي بولىدۇ. ماڭا ياخشى تۇيۇلغان نەرسە دۈشمىنىمگە يامان تۇيۇلۇشى مۈمكىن. خۇددى ماڭا قاتىل تۇيۇلغان خىتاي ئەسكىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە باتۇر بولغىنىدەك.

بېلسكى پارتىزانلىرى پەقەت بىرلا مىسال. ئەمىلىيەتتە ھەر قانداق ئىنقىلاپ قانلىق بولىدۇ، مۇجىمەل كېلىدۇ، ئادەم يەيدۇ. ئۇ ئاق-قارا دەپ ئېنىق ئايرىلمايدۇ، ئاساسەن كۈلرەڭ كېلىدۇ، ئۇنى ساڭا ئاق ياكى قارا كۆرسىتىدىغىنى پەقەت سېنىڭ تۇتقان مەيدانىڭدۇر، خالاس. بىز پەقەت كىنو، رومان ۋە باشقا تەشۋىقاتلاردىكى غالىپ تەرەپنىڭ قولىدىن چىققان غايىۋى رومانتىك ئىنقىلاپنى كۆرىمىز ۋە شۇنىڭغا ئىشىنىمىز. بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇقلىرىمىز زوراۋانسىز قارشىلىق ھەركەتلىرى ۋە ھىندىستانلىق گەندى بىلەن ئامېرىكىلىق مارتىن لۇسېر كىڭنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ ھەم بىزمۇ شۇ يولنى تۇتساق چوقۇم يىڭىدىغىنىمىزغا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار گەندىنىڭ تېنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى جەريانىدا چوڭ-كىچىك 16 قېتىم قوزغىلاڭ بولغىنىنى، ئەنگلىيەنىڭ كۈشەندىسى ياپونىيە تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلغان، ئۇلترا ھىندى مىللەتچىسى نېتاجى بوس قوماندانلىقىدىكى ئازاد ھىندىستان ئارمىيىسى سەۋەبىدىن ھىندىستان خەلقى ئارىسىدا ئويغانغان مىللىي دۆلەت ئېڭىنىڭ ئاخىرى ئەنگلىيەگە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقىنىنى ھىس قىلدۇرغىنىنى بىلمەيدۇ، گەندىنىڭ “مۇستەقىللىقىمىز ھەر بىر ھىندىستانلىقنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، مەيلى ئۇ زورلۇق ئۇسۇلدا بولسۇن ياكى تېنچلىق ئۇسۇلدا بولسۇن” دىگىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار مارتىن لۇسېر كىڭنىڭ “ساقچىلارنىڭ تايىقىغا قارشىلىق قىلماسلىق ئارقىلىق ئاۋام ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھىسداشلىقىغا ئېرىشىمىز” دىگەن ئىستراتېگىيىسىدىن ئۈمىتسىزلەنگەن قارا تەنلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرۇپ چىققان رادىكال زوراۋان ئۇسۇللار ئارقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان “قارا قۇۋۋەت” ھەركىتىنى بىلمەيدۇ. كىڭنىڭ قارا قۇۋۋەتنى ھىچقاچان ئەيىپلىمىگىنىنى، چەتكە قاقمىغىنىنى، ھەتتا ئۇلارنى ئاقلىغىنىنى بىلمەيدۇ. قارا تەنلىكلەر ئىككىنچى چوڭ نوپۇس بولغان، ھەممە ئادەمنىڭ قورال ساقلاش ھەققى بولغان ئامېرىكىدا پەيدا بولغان بۇنداق بىر رادىكال ھەركەتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئاۋام ئاق تەنلىكلەردە يول قويۇش ۋە كىم بىلەن سۆھبەتلىشىش توغرىلىق قايتا ئويلىنىش پەيدا قىلغىنىنى بىلمەيدۇ. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيا يەنىلا ئاددى ھالدا ئاق ۋە قارا دەپ ئىككىگە ئايرىغلىق.

ئەمىسە مەن گەندى ۋە كىڭنىڭ ھەركىتىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ؟ ياق. ئىنقىلاپنىڭ ھەر خىل يۈزى بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ ئۆز رولى بولىدۇ. خىتاينىڭ بىر ئەقلىيەسى بار “ئىنساننى كۆرسەڭ ئىنسانچە سۆزلە، جىننى كۆرسەڭ جىنچە” دەيدىغان. شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. داۋا سېپىدىكى ئاكتىپ بىر ئىنى ئاغىنەمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ياقتۇرىمەن: ” داۋا يولىدا ھەممە تۇخۇمنى بىر سىۋەتكە سېلىپ كۆتۈرمەسلىكىمىز كېرەك”. ھازىرقى ھالىتىمىزدە بىز ھەر يەردە ھەر خىل تۇخۇمنى ئوخشىمىغان سىۋەتتە كۆتىرىپ مېڭىغلىق، بۇ پايدىلىق تەرىپى. ئەمما بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى بىللە مېڭىپ ئاشۇ تۇخۇملارنى بىر مەنزىلگە يەتكۈزۈش، خۇددى گەندى بىلەن كىڭنىڭ نېتاجى بىلەن قارا قۇۋۋەتنى دۈشمەن تۇتۇپ چەتكە قاقمىغىنىدەك. داۋا سېپىمىزدە نۇرغۇن تالاشلار بولۇۋاتىدۇ، بىر-بىرىمىزنى دۈشمەن تۇتۇپ، ھەتتا خائىن ياكى جاسوسقىمۇ چىقىرىمىز. ئەگەر كاللىمىزنى سالقىن تۇتۇپ ئويلاپ باقساق ئۇلاردىكى زىددىيەت ئاساسەن پىكىر ئىختىلاپى. ھەممىسى ئۆزىنى “ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىۋاتىمەن، ئەڭ توغرا يولنى تۇتۇۋاتىمەن” دەپ ئويلايدۇ. خەير، سىۋەتنى قوشمايلى، ئەمما پۇتلاشماي بىللە ماڭساقمۇ بولمامدۇ؟

ئاخىرىدا يەنىلا ھىلىقى ئورمانغا، بېلسكىلارنىڭ يېنىغا قايتايلى. مەن ئۇ ئورماننى مۇشۇ دۇنيا دەپ ئويلايمەن، ئورماندا يولۋاس بار، ئېيىق بار، تۈلكە، يىلان، توشقان، چۈمۈلىمۇ بار. بىزمۇ ھەم بار. بۇ يەردە بىرلا قانۇن بار، يەنى جاڭگال قانۇنى، ئېنىقراق ئېيتقاندا قانداق قىلىپ يەم بولماسلىق ۋە قانداق قىلىپ باشقىلارنى يىيىشلا بار. بىزگە ھىلىقى گېرمانلارغا چەكسىز غەزەپكە تولغان بېلسكى پارتىزانلىرىدەك ئادەملەر كېرەك، پەيتى كەلگەندە ئۇلارغا ئەقىل كۆرسىتىدىغان، نەسىھەت بىلەن توسىدىغان زىيالىلامۇ كېرەك، كىمگە قاراپ قانداق ئويناشنى، يەنى جاڭگال قانۇنىنى بىلىدىغان تۇۋىيالار ھەم كېرەك. شۇندىلا ئاندىن بۇ جاڭگالدىن ھايات چىقالايمىز.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top