سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە تەسەللى بىرىش

ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە تەسەللى بىرىش

ئالماس ھاجى

1. ھەرخىل كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسلار كىشىگە نىمىنى ياخشى كۆرۈش، نىمىنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ھەرخىل نۇقتىلاردىن چىقىپ ئۈگۈتۈشكە ھەركەت قىلىدۇ، لېكىن، ھاياتتا ھەرقانداق ئادەم تەبىئىي ھالدا  ھەممە ئىشتا ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە مۈمكىنچىلىكى دائىرىسىدە سۆز-ھەركەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشتىن شەكىللەنگەن غۇبارسىز مېھىر- سۈيگۈ ئاتا-ئانىسىنى، ئائىلىسىنى، قېرىنداشلىرىنى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى، مەھەللىسىنى، يۇرتىنى، ۋەتىنىنى سۈيىدىغان بۈيۈكلىككە-ۋەتەن مۇھەببىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئالەمچە سۈيگۈدۇر.

شەخسىيەتسىز ۋە  سەمىمىلىك بىلەن ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن گۈزەل قەلىبتە ئالەمچە سۈيگۈ بولىدۇ. بۇ سۈيگۈ ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ بارلىقى بولغان ئائىلىسى ئۈچۈن، ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىقنىڭ ۋە قەھرىمانلىقنىڭ تۈرتكىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۆزىڭىزنى سۈيگەن سۈيگۈ بىلەن ئاتا -ئانىڭىزنى چىن قەلبىڭىزدىن سۈيەلەيسىز، چۈنكى ئۇلار سىز سۈيگەن سىز ئۈچۈن قان – تەرىنى ئاققۇزغان، ئاشۇ سۈيگۈ بىلەن ئائىلىڭىزنى، ئۇرۇق-تۇققان، قىرىنداشلىرىڭىزنى، يۇرتداشلىرىڭىزنى ھەم چىن قەلبىڭىزدىن سۆيەلەيسىز، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ بارلىقىڭىز، سىز سۆيگەن ئۆزىڭىزنى سۆيگۈچىلەر، سىزنى قەدىرلىگۈچىلەردۇر. دىمەك، سىز سۆيگۈگە سۆيگۈ بىلەن ئېرىشىسىز. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرىشىنى بىلىشىڭىز، ئۆزىڭىز سۆيگۈنىڭ تەمىنى تېتىپ، بۇ تەمنى تەمداشلىرىڭىزغا تارقىتالىسىڭىز ھاياتتا سۈيگۈنىڭ پەيزىنى سۈرگەن بولىسىز.

ئۆزىنى سۈيۈش شەخسىيەتچىلىكتىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ، ئۆزىنى سۈيۈش مىھرىبانلىق، دوستلۇق، پىداكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ، شەخسىيەتچىلىك بولسا مەنمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ.

2. بۇ ھاياتتا بىز خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە خاتىرجەملىكنى ئىزدەيمىز، بەخىتسىزلىك ئىچىدە بەخىتكە ئىنتىلىمىز. ئېغىر كەچۇرمىشلەر بېشىمىزدىن ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا كۈچلۈك بېسىم ۋە روھى قىسىلىشلارغا دۇچ كىلىمىز، خالىساق خالىمىساق ئۇنى كۆتۈرۈشكە، بەرداشلىق بىرىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق چاغلاردا بىزگە مەدەت بىرىدىغان، بىزگە تەسەللىي بىرىپ روھ بېغىشلايدىغان يېقىنلارغا مۇھتاج بولۇپ، ئەتىراپقا مۇلدۇرلەپ قارايمىز، ئۇنداقلار بەزىدە بار، كۆپ چاغلاردا يوق بولۇپ قالىدۇ. بار بولغاندا بۇ تەسەللىگە ئىچ ئاغرىتىش، بىزگە بولغان ياخشى كۆڭلىنى ئىپادىلەش كۆپرەك بولۇپ كىتىپ، بۇ ئېغىرچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا مۇھتاج بولغان روھىي مەدەتكە تولۇق ئىرىشەلمەيمىز. شۇڭا كىشى ھاياتتا ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە تەسەللى بېرىشنى بىلىش زۆرۈردۇر .

ئۆزىگە تەسەللى بىرىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى-رىياللىقنى توغرا قوبۇل قىلىشتۇر. ئادەم بەزى دۇچ كەلگەن مەسئىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىلاجىسىز قالىدۇ، چارىسىزلىق ۋاقىتلىق ھادىسە، ئىزدەنسە قىيىن ئىشلارنىڭمۇ چارىسى تېپىلىدۇ، رىياللىقنى توغرا قوبۇل قىلىش دىگىنىمىزدە قىيىن مەسئىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئاھ- ۋايلاپ ئولتۇرماي، ئەقىل ئىشلىتىپ ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش دىگەنلىكتۇر. بۇ دىمەك، سەۋىر قىلىش دىمەكتۇر. سەۋىر قىلىش كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئەمەس، ئىلاجىسىزلىق، سۈكۈت قىلىش ئەمەس، سەۋىر قىلىش مەسئىلىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ سەۋەپ قىلىش دىمەكتۇر.

بەلكىم سىز چىكىنمەكچى بولغان ئاخىرقى قەدەمنى ئالدىغا قاراپ ئالغىنىڭىزدا سىز ئۇتۇپ چىقىشىڭىز مۈمكىن! بەلكىم سىز ھېسسىياتقا بىرىلىپ، ئالماقچى بولغان قەدەمدىن ئۆزىڭىزنى تارتسىڭىز زىياندىن ساقلىنىپ قالارسىز. سەۋىر سىزنى مۇنداق ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ. رىياللىقنى توغرا قوبۇل قىلغاندا سىزدىكى سىقىلىش، روھى ئازاپنىڭ ئورنىنى غەيرەت-جاسارەت ۋە ئۆزىنى توختاتقان ھالدا ئەقىل ئىشلىتىپ ئىزدىنىش ئىگەللەيدۇ. بۇنداق بولغاندا قىيىن ئەھۋالدىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپالايسىز.

ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۆزىگە تەسەللى بېرىشنى بىلگەن كىشىلەر ئېغىر كۈنلەردە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قۇيمايدۇ، باش قىتىنچىلىقنىڭ يولىنى تېپىشنى بىلەلەيدۇ.

2020-يىلى 3-فېۋرال، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش