ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نوقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى-3

تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نوقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى-3

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىتاينىڭ شىئەن شەھرىدىن يولغا چىققان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس چېگرىسىدىن قازاقىستانغا، ئۇ يەردىن ھازار دېڭىزىغا ئۆتۈپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى قارس ۋىلايىتىدىن تۈركىيەگە كىردى.

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنقەرەدە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىنىپ، ياۋروپاغا يولغا سېلىپ قويۇلغان پويىزنىڭ قىزىل رەڭلىك لوگولىرىدا مۇنداق يېزىلغانىدى: “بىر يول بىر بەلباغ تۈرى ئۈچۈن يېڭى سۇپا تەييارلايلى، سىرتقا ئېچىلىش (يېيىلىش) يولىدا يېڭى ئۇپۇقلارنى ئالدىن ئويلىشايلى.”

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇنداق مەزمۇنلار بار ئىدى:
1) تۈركىيە “خىتاي-ياۋروپا پويىز لىنىيىسى دوست چەمبىرى” گە قوشۇلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
2) تۇنجى قېتىم “ئورتاق تالۇن، يەنى يالغۇز بىرلا تالۇن قوللىنىلدى. يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنىڭ قايتىدىن بېجىرىلىشىگە كېرەك قالمايلا, بارلىق دۆلەتلەردىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى بېكەتكىچە يالغۇز بىرلا تالۇن قوللىنىلدى.
3) بۇ پويىز ھازار دېڭىزى ۋە دېڭىز ئاستى تونىلىنى كېسىپ ئۆتكەن تۇنجى پويىز بولۇپ قالدى.
4) تۆمۈر يول-دېڭىز-تۆمۈر يول ئارلاشقان توشۇش ئۇسۇلى تۇنجى قېتىم قوللىنىلدى.

تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بولسا تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ شار ئۇچۇرۇپ، خۇشاللىققا تولغان كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادىلىگەن ۋە بېزەلگەن (خۇشاللىق خەۋىرى) رەسىملەر قاپلىدى.

ھالبۇكى بۇ يەردە چوقۇم سوراشقا تېگىشلىك بىر سوئال بار ئىدى:
تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلالايدىغىنىمىز ياكى قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش پەقەتلا پويىزغا قاراشمۇ؟

ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس.
بەلباغ ۋە يول تۈرى تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ يېڭىدىن قويۇلغان ئىسمىدۇر.
تارىختىكى يىپەك يولى بولسا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يولىدۇر.
خىتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يىپەك يولى ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزۈش، دۇنياۋى كۈچ بولۇش نىيىتى بولغان “خىتاي دۇنياسى”نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن “بەلباغ ۋە يول تۈرى” نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ چىقىمى دېڭىز يولى بىلەن توشۇشقا قارىغاندا كۆپ ئەرزان بولىدۇ. يولنى قىسقارتىپ، قىسقا ۋاقىتتا مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ.
بەلباغ ۋە يول تۈرىنىڭ يول قىسمى تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ئۆتكەن قىسمىدۇر.
شەرقىي تۈركىستان، تۈركىستان ۋە تۈركىيە بۇ لىنىيەدىكى ئۆتمىسە بولمايدىغان نۇقتىلاردۇر.
بۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە ۋە تۈرك دۆلەتلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ خەتىرىنى قانچىلىك تونۇپ يېتەلىدى؟
تۈركىيە ۋە تۈرك دۆلەتلىرى بۇ تۈر بىلەن “خىتاينىڭ يېتىلىشى” گە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەكمۇ؟
ياكى بۇ تۈرنى تۈرك مىللىتىگە پايدىلىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئامال ئىزدىشى كېرەكمۇ؟

ياكى

تۈرك مىللەتلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرى رامكىسىدا، بۇ مەسىلىلەرنى بىلىم نۇقتىسىدىن تەتقىق ۋە مۇلاھىزە قىلىش مەقسىتىدە، باشتا 1. ۋە 2. سىنى ئۆتكۈزگەن “تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نوقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى” نىڭ ئۈچىنجىسى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە چەمبەرلىتاشتىكى ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتى يار بەرگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تۈركىيەلىك قېرىنداشلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

– خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى، ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش