• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇنتۇلماس «يەتتە قىزلىرىم» روھى

ئۇنتۇلماس «يەتتە قىزلىرىم» روھى

مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىغا 255 يىل!

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتىنىدىكى قەشقەر (كاشىغەر)، ياركەنت، خوتەن،كۇچار، تۇرفان، غۇلجا ۋە باشقا شەھەرلىرى مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمى مەدەنىيەت، سودا-ئىقتىساد شۇنىڭدەك شەھەرچىلىك مەدەنىيەتلىرى تەرەققى قىلىپ، يىپەك يولىدىكى شانلىق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىغا ئايلانغان بولسا، بۇ شەھەرلەر ئوخشاشلا تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچلىككە قارشى كۈرەش قىلىپ، تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلىش بىلەنمۇ ئۈلگىدۇر. ئۇيغۇر شەھەرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆزىنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى مۇساپىلىرىدە ئالېكساندىر ماكېدونسكىي، يەنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ماكېدون ئىمپېرىيەسى، خەن ئىمپېرىيەسى، تاڭ ئىمپېرىيەسى، تىبەت خانلىقى، قارا قىتانلار خانلىقى، موڭغۇل ئىمپېرىيەسى، جۇڭغارلار خانلىقى، مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە ئاخىرىدا خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك باشقا ھەر خىل رايون خاراكتېرلىق خاندانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا دۇچ كېلىپ پۈتۈن تارىخىي مۇساپىلىرى ئىشغالچىلىققا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش بىلەن تولغان شۇنىڭدەك ئۆزلىرىمۇ كۆپلىگەن چوڭ -كىچىك دۆلەتلەرنى ۋە ئىمپېرىيەلەرنى قۇرۇپ، سەلتەنەت سۈرگەن ۋە قۇدرەتلىك سىياسىي كۈچ بولۇش دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. لېكىن، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا باشقا دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىپ، ئۇنى مۇنقەرز قىلىپ، تاجاۋۇزچى ئىمپېرىيەلەر سەھىپىسىگە كىرمىگەنىدى. مەسىلەن 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 9-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى ئەڭ قۇدرەتلىك مەزگىلىدە تاڭ سۇلالىسىنى گۇمران بولۇشتىن ساقلاپ قالسىمۇ، ئەمما ئۇنى بېسىۋالمىدى. بۇ چاغدا ئۇلار تاڭ سۇلالىسىنى بېسىۋېلىشقا پۈتۈنلەي قۇدرىتى يېتەتتى، ئەكسىچە ئۇنى ئۆزىگە تۆلەم تۆلەيدىغان بېقىندىغا ئايلاندۇردى خالاس. مۇنداق مىساللارنى كۆپ كۆرسىتىش مۇمكىن.
ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ئاخىرىدا 18- 19-ئەسىردە ئىككى قېتىم شىددەتلىك مانجۇ-چىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كېلىپ، 3 ئەسىرگە سوزۇلغان ئىستىلا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى، ئەركىنلىك، ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى باشلىنىپ،يۈز مىڭلىغان بەتلەر بىلەن تولىدىغان تارىخ مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتتى.
كۆز ئالدىڭىزدىكى سۈرەتتىكى ئاددىي بىر مەقبەرە، مېنىڭ سۆيۈملۈك يۇرتۇم-قەھرىمان ۋە قەدىمى شەھەر ئۇچتۇرپاندا 1765-يىلى، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ شېھىت بولغان 7 قىزغا مەنسۇپتۇر. ماخمۇت قەشقىرىي ئۆز ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «توشقان دەرياسى بويىدىكى قەدىمى شەھەر» دەپ خاتىرىلىگەن ئۇچتۇرپان ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى، ئەركىنلىك ۋە قەھرىمانلىق تارىخىنى كۆپ قېتىم يازغانىدى. بۇنىڭغا 1765-يىلىدىكى پۈتۈن مانجۇ ئىمپېرىيەسىنى تىترەتكەن ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى، 1865-يىلى كۇچار قوشۇنلىرى بىلەن بىرگە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈلىنى مۆلچەرتاغدا سورۇشى، 1945-يىلى، 7-8-ئايلاردا شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئاقسۇغا چۈشىش ئالدىدا ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ياش زىيالىيلار بىلەن بىرگە «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچقۇنى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى تارمىقىنى قۇرۇپ، ئۇچتۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىقىنى لەپىلدىتىشكە ئاتلانغان ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئىنىلىرى سېيىت ئابباس، ئارتۇق ئابباس، ئىبراھىم مۆمىن باشلىق 18 باتۇر ياشنىڭ 1945-يىلى سېنتېبىردە سوپاخۇن سوۋۇرۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە قاسىمجان قەمبىرى قوشۇنى ئاقسۇنى قورشىىغاندا كوللېكتىپ قىرغىن قىلىنىشى ھەم باشقا كۆپلىگەن شەجەرىلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بىز ئۆز تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن قەھرىمانلارغا قەبرە تىكلىيەلمىگەنگە ئوخشاش بۇ باتۇرلارمۇ قەبرىسىز قالغانىدى.
لېكىن، كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ قەبرە ئەنە شۇ ئەركىنلىك ، ھۆرلۈك يولىدا كۇرەش قىلىپ، ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلغان ئۇچتۇرپاندىكى پۈتۈن ئانا ۋەتەنگە نامى كەڭ تارقالغان يەتتە باتۇر قىزنىڭ «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىدۇر. بۇ مەقبەرە ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ۋە تىز پۈكمەس كۈرەش تارىخىنىڭ شانلىق بىر سەھىپىسى، يەنى 1765-يىلىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ شانلىق گۇۋاھچىسىدۇر! لېكىن، خەلقىمىز ھەر خىل يوللار بىلەن ساقلاپ كەلگەن بۇ مەقبەرىنىڭ ھازىر زىيارەتتىن چەكلەنگەنلىكى ۋە باشقا قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنە شۇ «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىنىڭ تىكلىنىشىگە ئارقا كۆرىنىش بولغان مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىغا 255 يىل توشتى!
مېنىڭ ئەنە شۇ قەھرىمانلارنىڭ ھۆرلۈك يولىدا ئاققان قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان توققۇز بۇلاق سۇلىرىنى ئىچىپ، چوڭ بولغان يۇرتۇمدىن ئايرىلىغىنىمغا، ئەشۇ «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىنى تاۋاب قىلمىغىنىمغا ، ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ، چەتئەللەردە ئوقۇش، تۇرمۇش ۋە مۇساپىرلىق قەدىمىنى تاشلىغىنىمغا 30 يىل توشتى!

تارىخقا قايتىش مەن ئۈچۈن ئەڭ شەرەپلىكتۇر! 1759-يىلى مانجۇ -خىتاي ئىشغالچى قوشۇنلىرى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىشنى باستۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى، بولۇپمۇ قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن 6 يىل ئۆتۈپ، ئۇچتۇرپان خەلقى 1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىشغالچىلارغا قارشى قوزغالدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خائىن بەگلەر مانجۇلارغا ماسلىشىپ ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھاكىمبەگلىك ، ئىشخانابەگلىك ۋە باشقا ھەر خىل مەنسەپلەردىن نەپ ئېلىپ يۈرۈۋاتاتتى، بىراق، مەھكۇملۇقنى ۋە خورلۇقنى خالىمىغان ئۇچتۇرپان خەلقى ئاكا-ئۇكا رەھمىتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا بەگلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇچتۇرپان خەلقى ئەمەلىيەتتە مانجۇ-خىتاي ئىشغالچىلىرىغا قارشى ئازادلىق كۈرىشىنىڭ پەردىسىنى تۇنجى ئاچقان بولۇپ، قوزغىلاڭچى خەلق 2-ئاينىڭ 14-كۈنلىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن 2-ئاينىڭ 15-16-كۈنلىرى ئۇچتۇرپان شەھىرىنى ئازاد قىلىپ، بۇ يەردىكى مانجۇ ئەمەلدارى – ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال سۇچىڭنى ۋە مانجۇلار ئۇچتۇرپانغا ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىگەن قۇمۇل تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ھاكىمبەگ ئابدۇللانى ھەم ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى يوقىتىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن يەنە ئاقسۇدىن قوشۇن باشلاپ، باستۇرۇشقا كەلگەن مانجۇ قوماندانلىرى ناشىتوڭ ۋە كاتاخەيلەرنىمۇ تارمار قىلدى.

مانجۇ ئوردىسى ۋە ئىمپېراتور چيەنلوڭ ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئىلى گېنېرالى مىڭرۇينى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا بۇيرىدى، نەتىجىدە مىڭرۇي 10 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئاقسۇ ۋە قەشقەردىن كەلگەن قوشۇن بىلەن بىرلىكتە ئۇچتۇرپان شەھىرىنى قاتمۇ-قات قورشىۋالدى. ئۇچتۇرپان خەلقى بۇ چاغدا پۈتۈن ۋەتەننىڭ تەڭ قوزغىلىشىنى شۇنىڭدەك قوقان خانلىقىنىڭ ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىپ، قوقانغا ۋە باشقا جايلارغا ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەۋەتىلگەن ئادەملەر قولغا چۈشۈپ قالدى. كۇچار ، يەكەن ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر بەگلىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم خائىن بەگلەر ئۆز جايلىرىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئۇچتۇرپان خەلقىگە ماسلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇچتۇرپان خەلقى تەنھا قالغانىدى.
ئۇچتۇرپان ئاھالىسى ۋە قوزغىلاڭچىلار ئۇچتۇرپان شەھىرى سېپىلى ئىچىگە كىرىۋېلىپ، 6 ئاي قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى، دۈشەمننىڭ دائىم سېپىلغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرۈشكە ئەر-ئايال، قېرى-چۆرە ھەتتا ئۇششاق بالىلارغىچە قاتنىشىپ، سېپىل ئۈستىدىن تاشلارنى دومىلىتىپ، ياغ ۋە قايناقسۇلارنى چېچىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن دۈشمەن قوشۇنىنىڭ 6 ئايغا قەدەر سېپىلنى ئىگىلىشىگە ۋە ئۇچتۇرپان شەھىرى ئىچىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. ھەتتا ئۇلار پات-پات شەھەردىن چىقىپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپمۇ تۇردى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1759-يىلىدىن باشلىغان ئىشغالچىلىققا، تاجاۋۇزچىلىققا، مۇستەملىكىلىككە قارشى، مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق كۈرەشلىرى تارىخىدا ، بولۇپمۇ ئۇرۇش تارىخىدا ھېچقانداق بىر شەھەر مۇنداق تاجاۋۇزچى ئارمىيەگە قارشى 6 ئاي قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۈشمەننى شەھەرگە كىرگۈزمىگەن ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. بۇ مۇقەددەس تارىخنى قەھرىمان ئۇچتۇرپان خەلقى ياراتتى!

ئۇچتۇرپان شەھىرىنى ئالالمىغان مانجۇ قوماندانلىرى ئاخىرى شەھەرنى قاتتىق قورشاپ، شەھەر ئىچىدىكىلەرنىڭ تېشىغا چىقىشىغا يول قويمىدى، شەھەرنىڭ سۇ يولىنى كەستى، شەھەرنى تاشقى تەمىنلەشتىن ئۈزۈپ تاشلىدى. نەتىجىدە، خەلق ئاچلىق، كېسەللىك ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. لېكىن، خەلق يەنىلا بويسۇنمىدى. 6 ئايغا سوزۇلغان قارشىلىق نەتىجىسىدە، ئاخىرى مانجۇلار شەھەر ئىچىدىكىلەردىن خائىنلارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىچكى جەھەتتە بۆلۈش چارىسىنى قوللىنىپ، ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەردىن بىر قىسمىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭ باشلىقلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرەلىدى.
تارىخىي مەنبەلەرگە كۆرە مانجۇ -خىتاي قوشۇنلىرى شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن 10 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنى، بولۇپمۇ ياش ئەرلەرنى قىرىپ تاشلاپ، قېرى-چۆرە، ئاياللار، ۋە بىر قىسىم ئەسىر ئەرلەرنى ھەم بالىلاردىن 10 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلدى. مانا بۇ ئاھالە ئىلى تارانچى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قانىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇچتۇرپاندا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىرىپ تاشلانغان ۋە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، رىۋايەتلەرگە كۆرە پەقەت بىر كىچىك يېزا ئاھالىسى ساقلاپ قېلىنىپ، جەسەتلەرنى كۆمۈشكە سېلىنغان.
قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، رەھمىتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا بەگلەرنىڭ سىڭلىسى مايسىخان باشچىلىقىدا 7 نەپەر قىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر قىسىم ئاياللار داۋاملىق قېچىپ يۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، دادام مەرھۇم تۇرسۇن باراتنىڭ ئەسمەتەلۇللا ۋە رەھمىتۇللا بەگ جەمەتىگە مەنسۇپ ئەۋلادلىرىدىن ئىگىلىگەن ئائىلىۋى خاتىرلىرىگە ھەم تەكشۈرۈشلىرىگە قارىغاندا مايسىخان باشلىق بۇ قىزلارنىڭ قارشىلىقى 3 ئاي داۋاملاشقان. ئەڭ ئاخىرى ئۇلار ئۇچتۇرپان شەھىرى يېنىدىكى تاغلىق جايدا قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىدا دۈشمەننىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئاخىرى دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ، ئىپپەت-نومۇسلىرىنى يوقىتىشنى ئۆلۈمدىن ئېغىر دەپ قاراپ، ئاخىرى ئۆزلىرىنى تاغدىن تاشلاپ شېھىت قىلغان. كېيىن باشقىلار بۇ يەتتە قىزنى بىر يەرگە، يەنى تاگ تۆپىسىگە كوللېكتىپ دەپنە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ قەبرىسى «يەتتە قىزلىرىم» دەپ ئاتالغان.
ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى تارىختا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «جىگدە يېغىلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئىمپېراتور چيەنلوڭ قوزغىلاڭنى 6 ئايغىچە باستۇرالمىغان ۋە قوزغىلاڭنىڭ زورىيىشىغا سەۋەب بولغان بىر قانچە ئەمەلدارلىرىنى جازالىدى ھەم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. شۇنىڭدەك جەنۇبتىكى ئۇيغۇر بەگلىرى ۋە مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى. بولۇپمۇ بەگلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قىسقارتىش، ھەربىي ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى يولغا قويدى. بۇ قوزغىلاڭ مانجۇ خان ئوردىسىنى زىلزىلىگە سالغانىدى. ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى پەقەت ئۇيغۇر تارىخىغىلا ئەمەس، بەلكى مانجۇ چىڭ سۇلالىسى دۆلەت تارىخىغىمۇ كىرگەنىدى. بۇ مەلۇماتلار «چىڭ سۇلالىسى ھەقىقىي خاتىرلىرى» ناملىق تارىخىي مەنبە، ھۆججەت خاراكتېرلىق ئوردا تارىخى خاتىرىلىرى توپلىمىدىن ئورۇن ئالغانىدى.
ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى، رۇس تارىخچىلىرىدىن ۋ.كۇزنېتسوف ۋە باشقىلار، ئامېركا تارىخچى جەيمىس مىللۋارد ۋە باشقىلار ھەم ياپون تارىخچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. بۇ تېمىدا ئەڭ كۆپ يازغانلار خىتاي ۋە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدۇر!

«يەتتە قىزلىرىم» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ سىمۋولى ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە ئۆز غورۇرى، ئىپپەت-نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىنىڭ شانلىق سىمۋولىدۇر!

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئەشۇ «يەتتە قىزلىرىم» قەبىرىسىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن ۋە ئەشۇ تاغدا ئويناپ چوڭ بولغان ئىدىم. بۇ قەبرىلەرنى ئەينى ۋاقىتتا خەلق ياخشى بىلمەيتتى ۋە چۈشەنمەيتتى، بۇ قەبرە ھەققىدە ھەر خىل گەپلەر بار ئىدى. ئەمما 1978-1980-يىللىرى ئارىسىدا دادام رەھمىتى تۇرسۇن بارات كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق تۇنجى قېتىم بۇ قەبرىنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، دۈشمەنگە تەسلىم بولماي ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ شېھىت قىلغان قىزلارنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى، بۇ قەبرىدىكى يەتتە قىزنىڭ مايسىخان، غۇنچىخان قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز شاگىرتى ئىبرايىم قۇربانغا «يەتتە قىزلىرىم» داستانىنى يازدۇردى. ئارقىدىن ئۆزى دراما يازغان ئىدى .لېكىن، بۇ دراما باشقىلار تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ، ئۇلارنىڭ نامىدا «مۆلچەرتاغ بورانلىرى» دېگەن نامدا ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلدى. دادام «يەتتە قىزلىرىم» ۋە ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ھەققىدە بىر قانچە پارچە ماقالىلارنى ۋە تەزكىرىلەرنى ئېلان قىلدى. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا دادام بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئۇنى «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ۋە قىسقارتىلما نۇسخىسىنى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇق. بۇ تېمىدا دادام ئىلگىرى-كېيىن 10 پارچىغا يېقىن ماقالە ۋە تەزكىرە ماتېرىيالى يازغانىدى.
مەن يەتتە قىز ۋە ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ھەققىدە 1981-1986-يىللىرى ئارىسىدا «قانغا بويالغان تاغ» ناملىق تارىخىي رومان يېزىپ، دەسلەپكى 7 بابىنى تۈگەتكەنىدىم، بۇنىڭ بىر بابى 1985-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دا، يەنە بىر بابى 1994-يىلى، قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانىدى، كېيىن بۇ يازمامنىڭ ئورگىنالى يوقاپ كەتتى.

دادام رەھمىتى، 1980-يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئىئانىسى بىلەن يۇقىرقى سۈرەتتىكى «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىنى قايتىدىن ياساشقا يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە مەخسۇس خاتىرە تاش ئورنىتىپ، خاتىرە تاشقا ئۆزى تېكىست يازدى. 1980-1990-يىللاردا ئۇچتۇرپانغا كەلگەن ھەر قانداق كىشى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مانا شۇ «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلارغا دادام تۇرسۇن بارات باشلامچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسىگە باشلاپ چىقىپ، ئۇلارغا شۇ تارىخنى سۆزلەپ بېرەتتى.
‘قىسقىسى، بىز ئەنە شۇ «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسى يېنىدا، ھەيۋەتلىك قەھرىمان تاغ مۆلچەرتاغدا ئويناپ، توققۇز بۇلاقنىڭ سۇلىرىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ئىدۇق، ئەنە شۇ شەرەپلىك تارىخنى ھەر كۈنى دادامدىن ئاڭلاپ، ماڭا تارىخ سۆيگۈسى، ۋەتەن سۆيگۈسى روھى سىڭگەن ئىدى.

نۆۋەتتە نۇرغۇن قەبرىلەر بۇزۇلماقتا ۋە يوقىتىلماقتا. قەھرىمان ئەجدادلارنىڭ، ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ، ۋەتەن ئوغلانلىرىنىڭ قەبرىلىرىنىڭ، بۈيۈك ۋە شانلىق سەلتەنەت دەۋرلىرىگە مەنسۇپ مىللىي ۋە دىنىي روھقا سىمۋول مازار ۋە قەبرىلەرنىڭ يوق قىلىنىشى سەلتەنەتلىك ۋە قەھرىمانلىق تارىخىنى يوقىتىشنىڭ ئاشكارا جەڭنامىسىدۇر! ئىشىنىمەنكى مىللەت ۋە خەلق قەلبىگە تىكلەنگەن قەبرىلەر ھېچقاچان يوقالماس ۋە يىقىلماستۇر! بۇ قەبرىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر مىللەت ۋە خەلقنىڭ مېڭىسىنى تولۇق يۇيۇپ، قەلبىنى تولۇق ئۆزگەرتىش كېرەك بولىدۇ. بۇنداق غەلىبە ئادەتتە ھېچكىمگە ۋە ھېچقانداق كۈچكە مەنسۇپ بولمايدۇ! «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسى چېقىلسىمۇ، پۈتۈن ئۇچتۇرپان خەلقى ۋە ئۇيغۇر خەلقى قەھرىمان «يەتتە قىز روھى» نى ھېچقاچان ئۇنتۇپ كەتمەيدۇ. ئەقەللىسى، شۇ قەبرىلەردىن 30 يىل ئايرىلغان مەنمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top