سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئىككى جۇمھۇرىيەت ئالدى-كەينىدە پايدىلىنىلغان ئاخبارات ۋاستىلىرى

ئىككى جۇمھۇرىيەت ئالدى-كەينىدە پايدىلىنىلغان ئاخبارات ۋاستىلىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاپتورى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
كىرىش سۆز
ئاخبارات ئەرەپچە «خبر» دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا ھەرئىككىلىسى شۇپىتى قوبۇل قىلىنغان. سىياسىي، ئىجتىمائىي ساھەدىكى ئەڭ مۇھىم ھادىسلەر، ۋەقەلەر، يېڭىلىقلار كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق رەتلىنىپ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۇچۇر ھالىتىگە كەلتۈرلىدۇ ۋە ھەرخىل تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىستىمالچى (كۆرۈرمەن، تىڭشارمەن) لارغا سۇنۇلىدۇ. بۇلار ئومۇملاشتۇرلۇپ ئاخبارات دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخباراتچىلىق ياكى ئاخبارات مۇخبىرلىقى بولسا بىرخىل كەسپى پائالىيەت بولۇپ كاپىتالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجى ۋە كىشلەرنىڭ خەۋەرلەردىن ۋاقىپ بولۇش، يىتەكلىنىش، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئىھتىياجىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. ئاخبارات ساھەسى، شۇنداقلا ئاخبارات مۇخبىرلىقى پەن-تىخىنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاخبارات ئۇقۇمى، كاتېگورىيسى، مۇخبىر تەبىرى ۋە ۋەزىپىلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىلىش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپ يېڭىلىنىۋاتىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسا ئاخبارات ساھەسىدە، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ھەرخىل ئۇسۇل ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلنىپ تەييارلىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىدىغان ۋاستىلەرنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى بولۇپ نۆۋەتتە تاراتقۇلار، تارقىتىش ۋاستىلىرى ۋە مېدىيا دېگەندەك بىرنەچچە خىل نامدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى يىڭىچە ئاتىلىشى بىلەن مېدىيا گېزىت، ژۇرنال، مەتبەئە، تىلىۋۇۇر، رادىئۇ، كىنۇ- ڧىلىم ۋە ئىنتېرنىت ئۇللۇق تارقىتىش ۋاستىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەرسالىدىغان بولساق ناھايتى مۇرەككەپ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈنۈشلەر بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن مۇشەققەتلىك تارىخىي جەريان ۋە ۋەزىيەتلەر بىلەن قوشۇپ مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

1755- 1884- يىللىرى ئىككى قېتىم خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر ئۈچىنچى قېتىم بۈگۈنكى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيسىنىڭ مۇستەملىكىسگە ئۆتۈشىگىچە بولغان ئارلىقتا، چەكلىك ئىمكانىيەت ۋە قىيىن شارائىتلاردا شۇ زاماننىڭ تىپىك ئاخبارات ۋاستلىرى بولغان گېزىت ۋە ژۇرناللاردىن پايدىلىنشىقا تىرىشقان. ئۇيغۇر يېقىن زامان تارىخدىكى تۇنجى گېزىت ئىسلاھاتچى ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللام تەرىپىدىن چىقىرىلغان. گېزىت ۋە ژۇرناللارنى چىقرىش ۋە تارقىتىشقا 1933-يىلى 12- نويابىر ۋە 1944-يىلى 12- نويابىر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسى ۋە ھۆكۈمەت بولۇش ئالدى- كەينىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. خىتاي كومۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىۋالغاندىن كىيىن ئاخبارات ساھەسىنىمۇ ماس ھالدا كونتىرۇل قىلىۋالغان بولۇپ، نۆۋەتتە مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاندا مەتبۇئات، نەشرىيات، رادىئۇ- تېلىۋېزىيە ئىستانسىلىرى پۈتۈنلەي كومپارتىيەنىڭ كونتىرۇللىقىدا تۇرۇۋاتماقتا. بۇ ماقالىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇش ئالدى- كەينىدە تەسىس قىلىنغان گىزىت- ژۇرناللار تونۇشتۇرۇلىدۇ. خىتاي كونتىرۇللىقىدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات- تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا قىسقىچە قاراپ چىقىلىدۇ. ماقالىدە تاراش مېتۇدى ئارقىلىق بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەر ۋە تارىخىي كىتاپلارغا مۇراجىئەت قىلىپ سۈزۈپ چىقىش ئاساس قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مەزكۇر ماتىرىياللارغا قىزىققۇچىلارنى يۈزەكى مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنىدۇ.

1. بىرىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغىچە بولغان ئارلىقتا پايدىلىنىلغان ئاخبارات ۋاستىلىرىغا نەزەر
ئۇيغۇرئاخباراتچىلىقىنىڭ تارىخى 1865- يىلى قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتىگە تۇتىشىدۇ. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابىدا 1863-يىلىدىن 1910- يىلىغىچە شىۋىت ، ئىنگىلىز ۋە رۇس مىسيۇنىرلىرىنڭ شەرقىي تۈركىستاندا چېركاۋلارنى سالغانلىقى ۋە قۇرغان رەسمىي ياكى يۇشۇرۇن مەتبەئە ۋە نەشىر ئورگانلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات ئشىلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى يازغان.
غەربى ئوكيانۇس: 1905-يىلى قەشقەردە «غەربى ئوكيانۇس» نامىدا بىر نەشىرئورگىىنى قۇرۇلغان. بۇ نەشىر ئورگىنى شىۋېت مىسيۇنىرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئىنجىل، خەت- چەك، خەرىتە، مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىنى بېسشقا ئىشلەتكەن. ھەتتا، ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قەغەز پۇل بېسىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
نۇر نەشىرياتى: 1895-يىلى يىڭىسار ناھىيەسىدە ھاجى نۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ 1980-يىلىغىچە ئەرەپچە گىراماتىكا ۋە كىلاسسىك شئېر كىتاپلىرى بېسىلغان.
ھۇسەينىيە مەتبەئەسى: 1918- يىلى ئىيۇلدا غۇلجا شەھىردە ھۇسەيىن نورۇز يۇنۇسۇۋ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ مەتبەئە گەرچە شەخسىي مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ 1937- يىلىغا كەلگۈچە رايۇندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىنى باسقان. 1937- يىلى خىتاي دائىرىلىرى مەتبەئەخانا ئىگىسىنى قولغا ئىلىپ مەتبەئەخانىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.
ئىلى ئاۋام گېزىتى: 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىشغالچى مانجۇ-خىتاي ئىمپىرىيىسىنىڭ غۇلجىدىكى يېڭى ئارمىيە قۇماندانى ياڭ زەنشۈ غۇلجىدا ۋەزىپى ئۆتىگەن مەزگىلدە مەتبۇئاتنى يولغا قويغان بولۇپ، «ئىلى بەيخۇ باۋ» (ئىلى ئاۋام گېزىتى) نامىدا تۇنجى گېزىت چىقارغان. بۇ خىتايچە گېزىت 1910-يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان. ئۇيغۇر جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئابدۇقادىر داموللام بىلەن ئابدۇلقەييۇم ھىفىزى دېگەن تاتار كىشى ياڭ زەنشۈ نەشىر قىلدۇرىۋاتقان خىتايچە گېزىتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسنى «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى» نامىدا چىقارغان. «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى» قولدا يېزىلغان بولۇپ ئىككى ھەپتىدە بىر سان چىقىرىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا گېزىتنىڭ تىلى «قازاقچە ئارىلاشقان ئۇيغۇرچە» بولغان. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى ناملىق بۇ گېزىت 1911- يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا نەشىر قىلىنىشتىن توختىغان. تارىخ تەتقىقاتچىلىرى بۇ گېزىتنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا تۇنجى قەرەللىك جەدىتچە گېزىت بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. بۇ گېزىت يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە توختىتىلغاندىن كىيىن ئابدۇقادىر داموللام قىرىمدىكى تاتار ئايدىڭلىرى تەرىپىدىن چىقرىلىۋاتقان تەرجىمان، ۋاقىت، شۇرا .. قاتارلىق گېزىت ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلىپ تۇرغان. 1912- يىلى ئىلىدا يېڭى گېزىت دېگەن نامدا گېزىت چىقرىلغان. بۇ گىزېتمۇ 1912-يىلى سىنتەبردە نەشىرىدىن توختىتىلغان.
1913- يىلى ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئۆلىمالار مۇسابايىۋلار بىلەن بىرلىكتە «نەشرى مائارىپ جەمئىيىتى» دېگەن نامدا بىر ئورگان قۇرغان ۋە ئاشكارە يېڭىچە مائارىپنى تەرغىپ قىلغان. ئۇلار ھەر جۈمە كۈنى پىشىن نامىزىدىن كېيىن يىغىلىش قىلىپ خوراپاتلىقنى تەنقىت قىلغان، جامائەتكە پايدىلىق رىسالىلەرنى ۋە كارتلارنى تارقاتقان. نەشرى مائارىپ جەمئىيىتىدىكىلەر قۇرغان بۇ جەمىئىيەت ياڭزىڭشىن تەرىپىدىن تاقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىمۇ سۇغا چىلاشقان. ئۇلارنىڭ تارقاتقان رىسالىلىرىنىڭ مەزمۇنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زامانىمزىدىكى ئاخباراتنىڭ بىر ۋەزىپىسى بولغان تەشۋىقات قىلىش (تەشۋىقات ۋاراقچىسى) دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ئۈنۈمى ناھايتى تېز ئۈنۈمىتى كۆرسەتكەن.
1918- يىلى قۇتلۇق ھاجى قەشقەردە «ئاڭ گېزىتى» نى نەشىر قىلغان، بىر مەزگىلدىن كىيىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن توختىتىلىپ قويۇلغان. ئاڭ گېزىتى توختىتىپ قويۇلغاندىن كىيىن قۇتلۇق شەۋقى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ قەشقەردىكى مەرىپەتۋەر بايلارنىڭ ياردىمىدە موللا نازىم، نورۇز يۈسۈپى قاتارلىق شائېرلارنىڭ جەڭگىۋار شئېرلىرىنى توپلام قىلىپ 1920-1924- يىللىرى «ئويغان ئىنقىلاپ ئەشئارلىرى»، «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق» دېگەن ناملاردا مخ مەتبەئەدە بىسىپ تارقاتقان.
1920- يىللىرى ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتسيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدن كەلگەن خىرىستىيان مىسسيۇنىلىرى قەشقەرگە قەدەم باسقان. ئۇلار دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ ئىچىش باھانىسىدا دىنىي تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. 1924- ئابدۇقادىر داموللام بۇ مىسسىيۇنىرلاغا قارشى خەلقنى قوزغىتىپ ئۇلارنىڭ تەسۋىقات پىلانىنى ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى بىتچىت قىلغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نېمىشقا گىزىت ياكى ژۇرنال چىقارماي مەخپى تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقى سەۋەبىنى زىڭ ۋىنۇېنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن:
زىڭ ۋىنۇۋ يازغان «جوڭگۇنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى» دېگەن كىتاپتا: «مىنگۇنىڭ 12-يىلى (1924-يىلى) قەشقەردىكى چوڭ مۇپتى ئابدۇقادىر داموللام شىنجاڭدا خىرىستىيان كۈچلىرىنىڭ يامراپ كىتىۋاتقانلىىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇسۇلمانلارنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ژۇرنال چىقىرىشقا رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان. ئابدۇقادىر داموللام تەشۋىقات ماتىرياللىرىنى يېزىپ، تالىپلىرىغا ھەرقايسى مەسچىتلەرگە چاپلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنى ئوقۇغانلار ناھايتى كۆپ بولغان، ئۈنۈمىمۇ يۇقرى بولغان. مانا مۇشۇنداق ئىدىيۋى قوزغىتىش نەتىجىسىدە قەشقەردىكى ئوقۇغۇچىلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، شۇئار توۋلاپ كوچىلارنى ئايلانغان. ئوقۇغۇچىلار مىسيۇنىرلارنىڭ تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. باسما ماشىنلىرىنى پاچاقلىۋەتكەن. بۇ ئىش قەشقەرنى زىلزىلىگە سالغان. قەشقەردىكى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسى، شېۋىت مىسيۇنىرلىرى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەملىرى چۆچۆپ كەتكەن» دەپ يازغان.
چارپادىشاھنىڭ غۇلجىدىكى ۋەكىلى ۋىكتور لىيۇبا 1918 ۋە 1919-يىللىرى غۇلجىدا ھۈسەيىنبەگ يۈنۈسوۋنىڭ باسمىخانىسىدا «ئەركىن دۇنيا» دېگەن گېزىتنى چىقارغان. بۇ گىزىت تىلغا ئىلىنغا كىتاپتا گىزىتنىڭ قاچانغىچە داۋاملاشقانلىقى، تىلى، مەقسىدى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
1929-يىلى 3–ئايدا ئۆرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ خەۋەرچىلىكى» ژۇرنىلى چىقىرىلغان. بۇ ئۇيغۇرلار چىقارغان تۇنجى ژۇرنال دەپ قارىلىدۇ.

2. ئىككى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ھەققىدە
121933-يىلى -نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە گېزىت ۋە ژۇرناللار ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پەۋقۇلاددە رول ئوينىغان. بۇ مەزگىلدە گېزىت ۋە ژۇرناللار مەزكۇر دۆلەتنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. ئۇيغۇر يازغۇچىلرى ۋە تەتقىقاتچىلادىن (يالقۇن روزى 2013 ، ئالىمجان بۇغدا 2018 ۋە مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر 2018) قاتارلىقلارمۇ بۇ مەزگىلدە كۈن يۈزى كۆرگەن گېزىت ۋە ژۇرناللار ھەققىدە ئىزدىنىشلەردە بولغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى
شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى قەشقەر مائارىپ نازارىتى نەشىرىيات شۆبىسى تەرىپىدىن 1933-يىلى7- ئاينىڭ 21-كۈنى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. گېزىتنىڭ تۇنجى سانى بىر بەت نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قالغان سانلىرى ئىككى بەتتىن نەشىر قىلىنغان. گېزىتنىڭ مەسئۇللىقى ۋە مۇدىرلىقىنى ھاجى قۇتلۇق شەۋقى ئۈستىگە ئالغان. «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» گېزىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كىيىن يەنى، 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ « ئەركىن تۈركىستان» گېزىتى نامىدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان.
2. ئەركىن تۈركىستان گېزىتى
ئەركىن تۈركىستان گېزىتى 13-ساندىن باشلانغان بولۇپ 1934-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە 21 سان چىقىرىلغان. «ئەركىن تۈركىستان» گېزىتىمۇ ئىككى بەتتىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىكى ۋە مەسئۇللىقىنىمۇ قۇتلۇق شەۋقى ئۈستىگە ئالغان. 1934-يىلى 2- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 29- كۈنگىچە ئەركىن تۈركىستان گېزىتىنىڭ نەشىر قىلىپ قىلىنمىغانلىقى توغرىىسىدا، «تارىخى ماتىرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنى» دېگەن كىتاپنىڭ مۇئەللىپى مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ «يېڭى ھايات گېزىتى» نىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى مەلۇم. كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەركىن تۈركىستان گېزىتى «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» گېزىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغان.
3. يېڭى ھايات گېزىتى
يىڭى ھايات گىزىتى 1934- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ 1937-يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنگىچە 263 سان نەشىر قىلىنغان. يىڭى ھايات گىزىتى دەسلەپتە «قەشقەر مائارىپ جەمىئيتى» تەرىپىدىن، كىيىن «ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمسى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. دەسلەپتە ھەپتىدە بىر سان چىقىرىلغان «يېڭى ھايات» گېزىتى، كىيىكى ۋاقىتلاردا ھەپتىدە ئىككى ساندىن چىقىرىلغان. تۇنجى سان ئىككى بەت، كىيىنكى سانلىرى تۆت بەت قىلىپ نەشىر قىلىنغان. بۇ گېزىتمۇ باشتىن-ئاخىرى ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە نەشىر قىلىنغان .
بۇنىڭدىن باشقا ئۆلكە تارىخى دىگەن كىتاپتىنىڭ مۇئەللىپى «يىڭى ھايات» گېزىتى ھەققىدە توختالغاندا باشقا بىرقانچە گېزىتنىڭ ئىسىمىنىمۇ تىلغا ئالغان:
قەشقەردە مەھمۇت مۇھتىنىڭ رەھبەرلىكى، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ باش مۇھەررىلىكى ئاستىدا«يېڭى ھايات» ناملىق بىر گېزىت چىقىشقا باشلىدى. چۆچەكتە «بىزنىڭ تاۋۇش»، ئاقسۇدا «ئاقسۇ خەۋەرلىرى» ناملىق گېزىتلەر نەشىر قىلىندى. ئۆرۈمچىدە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن«يىڭى شىنچاڭ» ناملىق گېزىت چىقرىلدى. يېڭىدىن بىخ ئۇرۇۋاتقان گېزىتلەرگە يول بەرمەسلىك ۋە مەتبۇئات ۋە مائارىپچىلىققا ئوخشاش مۇھىم ئىشلارنى ھۆكۈمەت قولىغا ئېلىپ، ئۆزى خالىغان يولدا ئېلىپ بارماقچى بولغان شىڭ شسەي ئۆرۈمچىدە «ئۆلكىلىك شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى» نامىدا بىر گېزىتخانا قۇرۇپ، بۇنىڭ شۆبىسىنى قەشقەر، چۆچەك، ئىلى، ئالتاي، خوتەن، ئاقسۇغا ئوخشاش جايلاردا ئېچىپ «يىڭ ھايات»، «بىزنىڭ تاۋۇش»قا ئوخشاش خەلق گېزىتلىرىنى تاقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» ،«چۆچەك شىنجاڭ گېزىتى» دېگەن نام ئاستىدا گېزت چىقىرىشقا باشلىدى .
مۇئەللىپ كىتابىدا گېزىتلەرنىڭ چىقرىغان ۋە تاقىتىلغان ۋاقتى ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، يېڭى ھايات گېزىتىنىڭ 1937- يىلى 5-ئاينىڭ 27- كۈنگىچە چىقىرىلغانلىقى ئۇچۇرىغا ئاساسەن «بىزنىڭ تاۋۇش» ۋە «ئاقسۇ خەۋەرلىرى» دېگەن گېزىتنىڭمۇ 1934- يىلى يېڭى ھايات گېزىتى چىقرىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ 1937-يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى توختىغىچە بولغان ئارلىقتا چىقرىلغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
4. «شىنجاڭ» قەشقەر گېزىتى
شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە نەشىر قىلىنغان «ئەركىن تۈركىستان» دېگەن گېزىتنىڭ نامى «يىڭى ھايات» قا ئۆزگەرتىلىپ 1934-يىلى 23-ئاۋغۇسىتتىن باشلاپ 1937- يىلىنىڭ ئوتتورلىرىغىچە ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ مۇھەررىرلىكىدە(5- ئاينىڭ 27- كۈنىگىچە) نەشىر قىلىنىپ تۇرغان. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ھاجى قۇتلۇق شەۋقى ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن «شىنجاڭ قەشقەر گىزىتى» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان.
1910- يلىدىن 1949- يىلى خىتاي كومۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغۇچە بولغان ئارلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا ھەرخىل كىشلەر تەرىپىدىن ھەرخىل ئىدىيەىكى گېزىتلەر مەيدانغا كەلگەن ۋە مۇستەملىكە كۈچلەر تەرىپىدىن ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تاقىتىۋىتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلى ئاۋام گېزىتى (1910-1911)، يېڭى گېزىت (1912)، شىنجاڭ خەۋەرلىرى (1913). تەڭرىتاغ گېزىتى(1918) دىمۇكراتىيە(1946-1948) قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
5. ئىستىقلال مەجمۇئەسى (ژۇرنىلى)
ئىستىقلال مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى سانى 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 24- كۈنى نەشىر قىلىنغان. بۇ مەجمۇئە 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچى تەشكىلاتى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمىئيىتىنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى، ئەمىر- پەرمانلىرىنى خەلققە ئيەتكۈزۈش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان ئورگان ژۇرنىلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ژۇرنال شەرقىي تۈركستان ئىستىقلال جەمىئيتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. باش مۇھەررىرىلىكى سۇپىزادە ئاتقۇزغان. ژۇرنال يېرىم ئايدا بىر نەشىر قىلىنغان. قانچە سان چىققانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما «تارىخىي ماتىرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنى» دېگەن كىتاپنىڭ 210- بىتگە ئىلاۋە قىلىنغان ژۇرنال ھەققىدىىكى مەلۇماتلاردىن ژۇرنالنىڭ ئەڭ ئاز 3 سان چىققانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. كىتاپقا ژۇرنالنىڭ مۇنۇ مەزمۇنى ئىلاۋە قىلىغان:
بىلدۈرۈش (ئۇقتۇرۇش)
مۆھتىرەم ئوقۇغۇچىلرىمىزغا بىلدۈرۈمىزكى، مەجمۇئەمىزنىڭ كەلگۈسى 3- سانى بۈيۈك باتۇر، رەئىسى جۇمھۇر، غازى ئاتىمىز خوجىنىياز ھاجىم ھەزرەتلىرىگە بىغىشلىنىپ چىقىدۇ.
1939-يىلى دەۋىرژۇرنىلى (يۇمۇرىستىك مەزمۇن ئاساس قىلىنغان) چىقىرىلغان. 1929 – يىلىدىن 1949- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە شەخىسلەر تەرىپىدىن جەمئىې 100دىن ئارتۇق ژۇرنال نەشىر قىلىنغان ۋە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى نەشىرىدىن توختىغان.

1946-يىلى لەنجۇدىكى چېغىدا ئۈچ ئەپەندى «ئەرك» ژۇرنىلىنى چىقارغان. بۇ گومىنداڭ چىقىرىۋاتقان «شىنجاڭ» گېزىتىگە قارىغاندا ئوچۇقتىن ئوچۇق تۈركچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ژۇرنال ئىدى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئەرك ژۇرنىلى ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ۋاستىسىغا ئايلانغان ھەمدە يىڭى قۇرۇلغان ئالتاي نەشرىياتىدا بېسپ تارقىتىلغان. «ئەرك» تۈرك دۇنياسىدىكى تىل بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە تۈركچىلىكنى تونۇشتۇرغان. گېزىت جۇمھۇرىيەتچى تۈركلەردىن فۇئات كۆپرۈلۈنىڭ تۈرك ئەدەبىيات تارىخىنى قايتا بېسىپلا قالماي 19-ئەسىردىكى ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ ھۆرىيەتپەرۋەر زىيالىسى نامىق كەمالنىڭ ماقالىلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان.
1948- يىلى 20-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئالتاي نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى تەبرىكلەندە، مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن (ئەينى ۋاقىتتا ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن بۇغرا بولۇپ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن باش كاتىپ ئىدى- تەرجىماندىن) نۇتۇق سۆزلەپ ئۆزىنىڭ نەشرىياتچىلىق ھاياتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ نەنجىڭدا بىرىنجى ژۇرنالنى نەشىر قىلغاندىن باشلاپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئالتاي نەشرىياتى قۇرۇلغىچە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلغان. ئۇ تۇنجى قېتىم نەشرىياتچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى قانداق تونۇپ يەتكەنلىكىدىن تارتىپ سىياسىي پائالىيەتلىرىگىچە سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنجاندا كونسۇلدا ئىشلىگەن چاغلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزلەۋىتىپ يېنىدىن كونا گېزىتلەرنى چىقارغان ۋە كۆپچىلىككە تارقاتقان. ئۇ «بۇ يەردە بىر گېزىت بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئازاتلىق، بۇ مېنىڭ قولۇمغا 1928- يىلى چۈشكەن، شۇندىن كىيىن مەن ئۇنى ساقلاپ كەلدىم» دېگەن.
3. خىتاي كونتىرۇللىقىدىكى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىغا ئومۇمىي نەزەر
1. ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى رادىئو
رايۇندىكى سىياسى مۇقىمسىزلىق تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستاندا 1935- يىلىغا قەدەر رادىئو ئىستانىسسى قۇرۇلمىغان. 1935- يىلى ئۆرۈمچىدە دېخۇا رادىئوسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاخبارات سىاھەسىدىكى تۇنجى رادىئو بولۇپ قالغان. 1949- يىلى رادىئونىڭ ئىسمى دېخۇا خەلق رادىئوسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1949- يىلى 10-ئايدا خىتاي كومۇنىستىك پارتىيسىى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونتىرۇللىقىغا ئالغان ۋ ھەر شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاس ھەتتاكى ناھىيەلەرگىچە كىچىك رادىئو ئىستانسىلىرىنى تەسىس قىلغۇزغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 150 قا يېقىن رادىئو ئىستانىسى بار.
2. ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى تېلېۋۇزۇر
ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېۋۇزۇربىلەن ئۇچىرىششى ياكى شەرقىي تۈركىستاندا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلىشى خىتاي كومۇنىىسىتلىرى ئىشغالىدىن كىيىن بولغان. خىتايدا تۇنجى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى بولغان بىيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى1958- يىلى1-ماي قۇرۇلغان بولۇپ، ئارىدىن ئىككى يىلى ئۆتكەندىن كىيىن 1960-يىلى 10-ئاينىڭ ب1-كۈنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» ھۆكۈمىتى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى قۇرۇپ تارقىتىش قىلىشنى باشلىغان. 1972- يىلىغا كەلگەندە بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى «شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانىسى»دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى» شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى بولۇپ ختاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بىۋاستە باشقۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى پىرۇگىراممىلىرىنى 24 سائەت سۈنئى ھەمرادىن بىۋاستە تارقىتدۇ. تارقىتىش دائىرىسى پەقەت شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن خىتاينىڭ ئىچكىرى رايۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ سوزۇلغان. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى»غا ئائىت 96 تېلېۋىزىيە قانىلى بار بولۇپ 10دىن ئارتۇق تىلدا تارقىتىش ئېلىپ بارىدۇ .
4. مۇھىم خەۋەر تور بىكەتلىرى
1. شىنجاڭ خەۋەرلىرى
بۇ خەۋەر تورى 2000-يىلى بەشىنچى ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاينىڭ يەرشارىۋىي ئاخبارات ئورگىنى بولغان شنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ شۆبىسى سۈپىتىدە تەسىس قىلىنغان.
2. شىنخۇا شىنجاڭ خەۋەرلىرى
بۇ خەۋەر تور بىكىتىمۇ شىنخۇ ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنىتلىقىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى كۆپ قىسىم مەزمۇننى ئىگىلەيدۇ.
3. تىيانشان تورى
2001- يىلى ئاتالمىش«شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىپارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى» تەرپىدىن قۇرۇلغان. قۇرۇلغان چاغدا تەڭرىتاغ تورى دەپ قۇرۇلغان بولۇپ، كىيىن ئىسىمى تىيانشان تورى دەپ ئۆزگەرتىۋىتىلگەن. نۆۋەتتە خىتايچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە. تۈرۈكچە، ئىنگىلىزچە قاتارلىق ئالتە تىلدا خەۋەر تارقىتىدۇ. ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان خەۋەر بىكەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىىدۇ.
4. ئۇلىنىش تورى
ئۇلىنىش تورى 2005-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، تورداشلارغا قولايلىق ئۇلىنىشلارنى، ئېسىل مەزمۇنلارنى ئۇلانما قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزمۇن ئىشلەپ چىقارمايدۇ. خىزمەت نىشانى مەخسۇس تور ئادرىسلىرى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىگە مەركەزلەشكەن. بۇ تور بىكەت ئۇيغۇر لار ئۆز مەبلىغى بىلەن قۇرغان تور بىكەت بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە بىقىندى خەۋەر توربەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تور بىكەتتە پەقەت سىياسىي خەۋەرلەرلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەرتۈرلۈك خەۋەرلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۆي- مۈلۈك ئۇچۇرلىرى، كىنۇ- تىياتىر ئېلانلىرى، مەدەنىيەت- سەنئەت خەۋەرلىرى، مائارىپ، پەن – تىخنىكا..غا ئائىت خەۋەرلەر بار. ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بۇ خەۋەرتورى ئارقىلىق باشقا چوڭ- كىچكىك تور بەتلەرنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى تېزلا تاپقىلى ۋە زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
بۇندىن باشقا يەنە بىرقانچە خەۋەر تور بەتلىرى بار بولۇپ ، ئىسىمى ئوخشاش بولمىسىمۇ مەزمۇن ۋە خىزمەت قىلىدىغان ئىدىيە خىتاي كومپاتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلشتىن ئىبارەت ئانا پرىنسىپ ئوخشاشتۇر. ئۇلاردىن بىرقانچىسى تۆۋەندىكىچە:
جوڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى، شىنجاڭ گېزىتى تورى، شىنجاڭ رادىئوسى تورى، شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى، شىنجاڭ كۇئىنلۇن تورى…..
خۇلاسە
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىنىڭ تارىخى شۋىت ۋە ئىنگىلىز مىسيۇنىرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەتبەئەلەر بىلەن باشلانغان. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئابدۇقادىر داموللام تەرىپىدىن ئىلى ۋىلايىنىڭ گېزىتىنىڭ چىقرىلىشى ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى يېڭىچە گېزىت بولۇپ قالغان. 1933- يىلى 12- نويابىر بىرىنچى قىتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇيغۇر سەرخىللىرى چەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ گېزىت- ژۇرنال ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىنى مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشقان. ئەينى دەۋرنىڭ تىپىك ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى بولغان گېزىت -ژۇرناللارغا ئالاھىىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شەرقىي تۈركىستان تەۋەلىكىدە گىزىت- ژۇرنال چىقىرىش چەكلىمىگە ئۇچرىغاندا، ھەرخىل تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىغا مۇراجىئەت قىلغان ياكى قىرىم ۋە تاشكەنىتتە چىقرىلغان گېزىت- ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرغان. ئۇيغۇرلار گېزىت ۋە ژۇرناللاغا 1933- يىلىدىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستان ھاياتى، ئەركىن تۈركىستان، يېڭى ھايات قاتارلىق گېزىتلەرنى، ئىستىقلال مەجمۇئەسى قاتارلىق ژۇنالنى چىقىرىپ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. خىتاي كومۇنىستك پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانغا قەدەر ئۇيغۇرلارھەرخىل مەقسەت ۋە ئىدىئوگىيەلىرى ئۈچۈن پەرقلىق ئىسىم ۋە ناملاردا گېزىت ژۇرناللارنى تەسىس قىلغان ۋە دائىم دېگۈدەك خىتاي دائىرلىرى تەرىپىىدىن چەكلىمىگە ئۇچراپ تاقىتىلىپ تۇرغان. 1949-يىلى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تامامىنى كومپارتىيە كونتىرۇللۇقىغا ئالغان ۋە بۇ ساھە پۈتۈنلەي كومپارتىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان. بۇ مەزگىلدە 1960-يىلى «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى» قۇرۇلغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا شىنجاڭ گېزىتى تورى، شىنخۇا شىنجاڭ تورى، تىيانشان تورى قاتارلىق خەۋەر بىكەتىلىرى بار بولۇپ پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش تورىغا ئوخشاش ئاز ساندىكى تور بىكەتلىرى قىسمەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەر ۋە ئىجتىمائىي ئىھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا شۇنداق يەكۈن چىقرىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسى ۋە ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان. ئاخبارات ياكى زامانىۋى نامى بىلەن مېدىيانىڭ ئېلان ئارقىلىق كىرىم قىلىش، ئۇلۇس دۆلەتنىڭ دېمۇكراتىيەسى ئۈچۈن كۆزەتچىلىك قىلىش، خەلقنىڭ كۆڭۈل ئىچىشى ۋە مەنىۋىيتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش دېگەندەك ۋەزىپىلرىنى ئورۇنداشقا، ھەتتاكى ئۇ تېمىلارنى ئويلىشىشىقىمۇ ئىمكانىيەت يار بەرمىگەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا: شەرقى تۈركىستان تارىخى، 1952- يىلى ئەنقەرە.
مۇھەممەت ئادىل: شىنجاڭنىڭ ئاخارات- نەشرىياتچىلىقى، 2001-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
دەيۋىد بروفى: ئۇيغۇر مىللىتى، 2016-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى (ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرجىمىسى)
مۇھەممەتتۇرسۇن ئۇيغۇر: 100 مەشھۇر ئۇيغۇر، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. تۈركىيە-ئىستانبۇل.
يالقۇن روزى: «لاي قەلئەنىڭ سىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 20- ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى ناملىق ماقالىسى، 2014 – يىلى 2 – باسما، شىنجاڭ پەن – تىخنىكا نەشرىياتى.
يالقۇن روزى: ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى، سابىت داموللام كىم؟ 2014- يىلى 2- بېسىلىشى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن – تىخنىكا نەشرىياتى.
ئالىمجان بۇغدا: تارىخىي ماتىرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنى 2018- يىلى، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. تۈركىيە – ئىستانبۇل.
پولات قادىرى: ئۆلكە تارىخى، 2018- يىلى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، تۈركىيە- ئىستانبۇل.
ئىسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن: شەرقى تۈركىستان داۋاسى، 1992- يىلى، ساھا نەشىرىياتى، تۈركىيە ئىستانبۇل.
مۇھەممەت ئەمىن بەگتىمۇر: ئۇيغۇر نەشىرىيات تارىخى، 2018-يىلى، خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقات ژۇرنىلى (تور ژۇرنىلى)
http://sjrt.org/uyghur/
http://uyghur.people.com.cn/
http://uy.ts.cn/
http://uyghur.xjdaily.com/
http://www.uycnr.com/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش