• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » «تۈرك دۇنياسى گېئو – سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە نەزەر» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى

«تۈرك دۇنياسى گېئو – سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە نەزەر» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى بىلەن ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغىنىڭ ھەمكارلىقىدا، تۈرك دۇنياسى گېئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىقى ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى يىغىن زالىدا 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 14:00 دە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تۈركىيەلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر قايسى ساھەدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك زىيالىيلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇھاكىمە يىغىنى سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى ئوقۇلىشىدىن كېيىن ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغلىرى رەئىسى دوكتور جەزمى بايرامنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى.

دوكتور جەزمى بايرام سۆزىدە بىر يول  بىر بەلۋاغ تۈرىنىڭ خىتايلارنىڭ جاھانگىرلىك خىياللىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش تۈرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تىجارەت يولى بىلەن دۇنياغا كېڭەيمەكچى ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەگە سالغان مەبلەغنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىداشلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىنسان ھەقلىرىدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا توختالدى.

ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن يىغىن رىياسەتچىسى پروفېسسور دوكتور سالىھ ئاينۇرئال بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىنى سەلبىي ۋە ئىجابىي تەرىپىدىن باھالىدى. دوكتور ئاينۇرئال بۇ تۈرنىڭ 21-ئەسىرنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستانغا 1.1 مىليارد قىممىتىدە زور مەبلەغ سالغانلىقىنى ۋە ئۇيەردە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرغانلىقىنى ئېيتتى. نەزەربايوفنىڭ غەربىي تۈركىستان تېمىسىدا باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن دوكتور ئاينۇرئال، تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈركلۈك ۋە تۇران ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئوخشاش دىن، تىل ۋە قاننىڭ تۈركلەرنى بىرلەشتۈرىدىغانلىقىدا ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.  ئۇ سۆزىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 30 يىل ئىچىدە تەدرىجىي ھالدا كۈچىيىپ ماڭغانلىقىنى، ھەربىي ساھەگە تىپتىنچلا مەبلەغ سالغانلىقىنى، ھەربىي كۈچىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورتىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ۋە زىرائەت مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئېكسپورت قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيەگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ خىتايلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئافرىقىغىچە كېڭىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن پروفېسسور دوكتور ئەكرەم باراك ئارىكئوغلۇ «بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىنىڭ قىرغىزىستانغا بولغان تەسىرلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت قىلغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ غېمىنى ئۆزىنىڭ غېمى بىلگەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن سۆزىنى باشلىغان دوكتور ئارىكئوغلۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكى، سابىق دۆلەت رەئىسىنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىدىن پارا ئالغانلىق سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرگەنلىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چېگرا خەۋپلىكىنى ۋە نېفىت يولىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى نىشانلىغان ۋە ئامېرىكىغا قارشى قۇرۇلغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى، قىرغىزىستاندىكى مىللىي كىرىمنىڭ بەك تۆۋەن ئىكەنلىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن قەرز بولغانلىقى، دۆلەتنىڭمۇ تۆت مىلياردقا يېقىن قەرزى بارلىقى ۋە بۇ قەرزلەرنىڭ يېرىمىنى خىتايدىن ئالغانلىقى،  خىتاي تىجارىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى پۈتۈن يوللارنى ياساش ئىشىنى قوللىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

يىپەك يولىنىڭ تەسىرلىرى ئۈستىدە توختالغان دوكتور ئارىكئوغلۇ، قەشقەر- تاشكەنت تۆمۈر يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي- شەرقىي تۈركىستان – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان – ئىران ھالىتىدە بىر قۇرۇقلۇق لىنىيىسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ قەرز ئارقىلىق تاجىكىستاندىن يەر ئىستىگەنلىكىنى ۋە قىرغىزىستانلىقلارمۇ بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ھەمكارلىقتا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى، ۋەتەن سۆيەرلەرنىڭ خىتايغا قارشى چىققانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىدىن خىتاي قىرغىزىستاندىكى بىخەتەرلىكىدىن خاتىرجەم بولالمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت سوۋېت رېلىس سىستېمىسى بىلەن خىتاي رېلىس سىستېمىسىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكىنى ۋە بۇ بىرقاتارمەسىلىلەر تۈپەيلى قەشقەر – تاشكەنت تۆمۈر يولىنىڭ تېخى يولغا قويۇلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىللە  قىرغىزىستاندا 500 مىقغا يېقىن خىتاينىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر چوڭ خەتەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان دوكتور ئارىكئوغلۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىربىرى بىلەن دۈشمەن ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۆلەتلىرى رۇسىيە ۋە خىتايغا يۆلىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ يۇقىرى تېخنىكا جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن پروفېسسور دوكتور كۇتاي كاراجا «يۇمشاق كۈچ نۇقتىسىدىن بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە باھا» تېمىسىدا سۆز قىلدى. 1996-يىلىدىن  بۇيان خىتاي ئۈستىدە تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان پروفېسسور دوكتور كۇتاي كاراجا، بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىنىڭ پاراۋانلىق ۋە ئىقتىسادقا ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت ۋە تاشقى سىياسەتكە ئاساسلانغانلىقىنى، خىتايدىن كەلگەن پويىزنىڭ تۈركىيەدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقىنى ۋە پۇخرالارنىڭ باج تۆلىشى بىلەن ياسالغان يولدىن ھەق تۆلىمەيلا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن سۆزىنى باشلىدى.يۇمشاق كۈچنىڭ مەدەنىيەت، تاشقى سىياسەت ۋە سىياسىي قىممەتلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن دوكتور كاراجا، خىتاينىڭ ئاساسلىق مەدەنىيىتى بولغان كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىنى يېيىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى، چەتئەلدە 548 كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرغانلىقىنى ۋە ئىچىدە 1070 خىتايچە سىنىپىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ تېخىچە خىتايدا يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى ئاچمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەدەنيەت، مائارىپ ۋە تاراتقۇ ئۈچۈن زور مەبلەغ سالغانلىقىنى ۋە ئاڭ ھەرىكىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ جاھانگىرلىق مەقسىتى ئۈچۈن ئافرىقىغىمۇ زور مىقداردا مەبلەغ سالغانلىقىنى، بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلىشىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە  زور مىقداردا قەرز بەرگەنلىكىنى ۋە توپلام بىر ترلىيۇن 200 مىليارد دوللار خەجلىگەنلىكىنى، سرىلانكا، كېنىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرقەرز بەدىلىگە پورتلىرىنى خىتايغا بەرگەنلىكىنى، بىر يول  بىر بەلۋاغ ئىچىدە يولغا قويۇلغانلارنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ بولىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ئۆزى مالىيە جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ھەممە نەرسىنىڭ بەدىلىنى ۋاقتى كەلگەندە قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، بەش يىل بۇرۇن 20 مىليارد بولغان تاشقى تىجارىتىنىڭ ھازىر بولسا 140 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى، ئامېرىكا خىتاينىڭ قورال-ياراققا ئەمەس بەلكى  تىجارەتكە مەبلەغ سالغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە بولسا رۇسچە سۆزلەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يەنىلا ئۆزىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بۇنىڭغا قارشى چىقمىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە – خىتاي مۇناسىتى ئۈستىدە توختالغان دوكتور كاراجا، تۈركىيەنىڭ خىتايدا بەش ئالتە يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىسى بولغاندا ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈستىگە كەلگەن زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز بېرەلىگەندە، ئۇ ۋاقىتتا بىر بىر دۆلەت بولالايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىنى دوغۇ پېرىنچەك قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەم تۈرك ھەم مۇسۇلمان خەلق بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھېچ بولمىغاندا پەلەستىنچىلىك قوغدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەڭ ئاخىرىدا، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «يىپەك يولى بويىدىكى يەر ئاتلىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى-3: كرورەن ( لولەن ئەمەس)» تېمىسىدا سۆزلىدى. «كرورەن» كەلىمىسنىڭ تۇنجى بولۇپ مىلاتتىن بۇرۇن 176-يىلىدا ھۇنلارنىڭ خەن خانىدانلىقىغا يازغان مەكتۇپتا تىلغا ئېلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن دوكتور تەڭرىتاغلى، شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن، قەدىمىي يىپەك يولى، مىسىردىكى مۇمىيالاش تېخنىكىسىدىنمۇ ئىلغار بىر تېخنىكا بىلەن قىلىنغانلىقى بىلىنگەن ۋە كرورەن گۈزىلى دەپ تۇنۇلغان مۇمىيا قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە توختالدى ۋە قېزىۋېلىنغان مۇمىيالارنىڭ خىتايلاردىنمۇ بۇرۇن ياشىغانلىقى، د ن ئا جەھەتتىن كاۋكازلىقلارغا ئوخشاشلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئۇ يەرگە تۇنجى بولۇپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ئىچىدە تۈركچە تەتقىقاتلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى، شۇڭا باھالارنىڭ خىتايغا پايدىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، «كرورەن» كەلىمىسى بىر تۈركچە ئىسىم بولسىمۇ ئاكادېمىك يازمىلاردا خىتايچە تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن كەلگەن «لولەن» كەلىمىسى ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە سۆزلىدى.

دوكلات قىسمىدىن كېيىن سوئال – جاۋاپ قىسمى ئېلىپ بېرىلدى ۋە دوكلات سۇنغۇچىلارغا تەقدىرنامىلىرى بېرىلدى. مۇھاكىمە يىغىن غەلبىلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top