• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » رازۋېدكىچىلارمۇ؟ مەخسۇس خادىملارمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ستالىننىڭ ئادەملىرى

رازۋېدكىچىلارمۇ؟ مەخسۇس خادىملارمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ستالىننىڭ ئادەملىرى

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

1944- 1949 – يىللىرى ئارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي  ئازادلىق ئىنقىلابى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ۋە ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى قوشۇنلىرىنى  ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان بارلىق جەريانلار ۋە خۇلاسىلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى ئامىلى ئىنتايىن مۇھىم ئامىلدۇر.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، ئۆزىنىڭ  تاشقى سىياسىتى، جۈملىدىن خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار دىيارى- يەنى شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىي ئىستراتېگىيىلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، 1949-1944-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ياردەملەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە مەلۇم ساندا  ھەربىي-سىياسىي، مەمۇرىي، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت خادىملىرىنى ئەۋەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ياردەملەرنىڭ ھەممىسى مۇتلەق مەخپىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خەلقئارا سەھنىدە، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئىنقىلابقا ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە  ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانىدى.

مەزكۇر خادىملار بىردەك ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ قارارىنى ئاساس قىلغان ھالدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرى ۋە ھەربىي ساھەسىدىن تاللانسىمۇ، ئەمما بۇلار  ئەۋەتىلىش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىن بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى، يەنى كېيىنكى ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقلىرى، 1947-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى  مىنىستىرلار سوۋېتى تەركىبىدىكى ئىنفورماتسىيە كومىتېتى، يەنى دۆلەت تاشقى رازۋېدكا ئورگىنىغا تەۋە ئىدى.

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مەخسۇس ھەر ساھەلەر بويىچە خادىملارنى ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشى ئىككى باسقۇچتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ 1949-1947 – يىللىرىغىچە، ئىككىنچى باسقۇچ 1943-1946 -يىللىرىغىچىدۇر. ھەر قايسى باسقۇچلاردىكى سوۋېت خادىملىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسى ۋە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىدە ئورتاقلىقلار ۋە ئۆزگىچە پەرقلىق تەرەپلەر بار ئىدى.

سوۋېت سىياسىتىنىڭ  ئارقا كۆرۈنۈشى 

شۇنى ئېنىق ئېيتىش زۆرۈركى، 1920-يىللاردا سوۋېت رۇسىيەسى سابىق چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنا شىنجاڭدىكى، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ جايدا ئۆزىنىڭ سىياسىي، شۇنىڭدەك سودا-ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەم ئۇنى مۇستەھكەم ھالدا تىكلەش چارىسى قوللانغانىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى  بۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلاب قوزغاپ،  مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇشىغا يول قويماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزدى.

مەزكۇر  جايدا سوۋېت  ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن  يوسىف ستالىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 1931-1933- يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق  ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قوللىماسلىق، ئەكسىچە، خىتاي مىلىتارىستى شېڭ شىسەيگە ھەربىي ياردەم بېرىپ، ئۇنى ھىمايە قىلىشنى قارار قىلغانىدى. 1933- يىلى 3-ئاۋغۇستىكى سىياسىي بيۇرونىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىدە «شىنجاڭنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى لوزۇنكىسىنى قوللىماسلىق» قارارى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ سىياسىتى» نى تولۇق نامايان قىلغانىدى.

بۇ يەرنى چېكىپ تۇلۇق تېكىستنى چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ. (ئەسەر ئەسلى “ئۇيغۇرلار” تور ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان.)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top