سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » يالقۇن روزىنىڭ ئىستانبۇلدا يېڭى نەشىر قىلىنغان «تەنقىتنىڭ كۆزىدە» ناملىق كىتابى ھەققىدە

يالقۇن روزىنىڭ ئىستانبۇلدا يېڭى نەشىر قىلىنغان «تەنقىتنىڭ كۆزىدە» ناملىق كىتابى ھەققىدە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئالماس ھاجى

تونۇلغان ئەدەبى ئوبزۇرچى يالقۇن رۇزىنىڭ “تەنقىتنىڭ كۆزىدە” ناملىق كىتابى تەكلىمىكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. يالقۇن روزى بۇ كىتابنى 2016-يىلى “يالقۇن روزى ماقالە، ئوبزۇرلار توپلىمى“ نىڭ 4-كىتابى سۈپىتىدە تەييارلاپ، نەشىر قىلىشقا تاپشۇرغان بولسىمۇ، كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىپ، تارقىتىلىشىنى چەكلىگەن. يالقۇن روزى بۇ كىتابىغا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنى، جەمىيەتتە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان ئوبزور، ماقالىلىرىنى كىرگۈزگەن. بۇ كىتاب ئەسلى نەشىرگە تەييارلانغان نۇسخىسى ئاساسىدا بۇ قېتىم ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

يالقۇن رۇزى بۇكىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىدە مىللىتىمىز نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىس تۇيغۇسىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ھەققىدە، مۇقەددەس ئائىلە زىمىنىگە مەھكەم دەسسەپ تۇرۇپ، مىللىيەت روھى سىڭدۈرۈلگەن ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق يىمىرىلمەس قورغان قۇرۇش ھەققىدە ئىلمىي ۋە ئۇتكۇر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. “مۇسابايېفلارنىڭ ھېسابات دەپتىرى” دىگەن ئەسىرىدە تارىختىن مىسال ئېلىپ، ھەمكارلىشىش، تەشكىللىنىپ كارخانىلىشىشنىڭ ئەۋزەللىگىنى چۈشەندۇرگەن.

“20-ئەسىردىكى تۇنجى سىياسىيۇن” دىگەن ماقالىسىدا، 1938-يىلى سىتالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇرژۇئا مىللەتچىسى دىگەن بەتنام بىلەن 41 يېشىدا رەھمىسىزلەرچە باستۇرۇلغان داڭلىق سىياسىيۇن ئابدۇللا رۇزىباقىيېفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، مەتبۇئات ئىشلىرىدىكى تۆھپىكارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك ھەم مىللىي ئازاتلىق يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇچمەس ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدا يەنە روس كوممۇنىستلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئائىت ماتىرىياللار تەمىنلەنگەن.

بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ”20-ئەسىردىكى بىردىن بىر پەيلاسۇپ” دىگەن ماقالە دەسلاپتا ئېلان قىلىنغاندا زور غولغولا پەيدا قىلغان ئەسەر بولۇپ، يالقۇن رۇزى بۇ ماقالىسىدا،

-ھەقىقى مەنىدىكى بىر پەيلاسوپ بولۇش تۇلىمۇ مۈشكۈل، پەيلاسوپ بولۇش ئۈچۈن ھەقىقەت ئۈستىدە تەۋرەنمەي ئىزدىنىدىغان جاسارەت ۋە ماھىيەتنى كۆرەلەيدىغان پاراسەت بولۇش، شەيئىلەرنى كۈزۈتۈشكە ۋە پىكىر قىلىشقا ماھىر بولۇش، بىلىم قۇرۇلمىسى كەڭ ۋە ئابىستىراكىت تەپەككۇر ئىقتىدارى يۇقۇرى بولۇش، مۇلاھىزە كۈچى كۈچلۈك ھەم لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتى ئۈستۈن بولۇش شەرت…پەيلاسوپلۇق ھەقىقەتكە بولغان تەشنالىق ئاساسىدىكى ئىدىراكى يۈكسەك، –

دەپ قاراپ شۇ ئاساستا ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىنگە 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن چىققان پەيلاسوپ، دەپ باھا بىرىدۇ.

كىتابتىكى ئەھمىيەتلىك ماقالىلەرنىڭ بىرى ”يېڭى دەرس ئىدىيىسى بويىچە تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى” ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىدۇر. يالقۇن رۇزى 2002-يىلدىن 2010-يىلغىچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىگىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ،

-بۇ خىزمەتنى ئۈزۈمنى ئۇنتىغان ھالدا سەككىز يىل ئىشلىدىم. بۇ سەككىز يىل جەريانىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىم ۋە تۆككەن تەرىم بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك بولدى. بۇ مىنىڭ خىزمەت ھاياتىمدىكى مەڭگۈ شەرەپ ھېس قىلىدىغان بىر يارقىن سەھىپە بولۇپ قالدى.

سۆھبەت خاتىرىسىدە، دەرسلىك تۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قاراش، ھايات قارىشى ۋە قېممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشنى ئاساسى ئىدىيە قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن، دەرسلىك تۈزۈش مىتوتىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكار بولۇپ، ئاڭلىق ئۈگىنىشكە يىتەكلەش؛ زامانىۋى جەمىئىيەتنىڭ پۇقراسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ساپا ئەركىن ئىدىيە ۋە مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىغان ۋە بۇ جەرياندىكى كەسپىي مەسىلەلەر يۇرۇتۇپ بىرىلگەن.

يالقۇن رۇزىنىڭ بۇ كىتابىمۇ باشقا كىتابلىرىغا ئوخشاشلا كىتاپخانلارغا ھەر جەھەتتىن بەھىر ۋە زوق بېغىشلىغۇسى، قېنى قېرىنداشلار ئوقۇپ، پايدىلىنىپ بەھىرلىنەيلى. بۇ كىتاپ ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسىدا سېتىلىپ تارقىتىلىۋاتىدۇ، ئىستانبۇل سىرتىدىكىلەر ئالاقىلاشسا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بىرىلىدىكەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش