• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى

ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى

يازغۇچى: پىروفېسسور دوكتور سائادەتتىن يامغۇر گۆمەچ (ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: رىسالەت تۇرسۇن

كىرىش سۆز

تۈرك تارىخى بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. مەسىلە پەقەت ئۇنى سېتىمىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. (- نامسىز)

شۇنچە ئۇزۇن يىل تارىخ ئوقۇغان ۋە تارىخ ئىلمى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئۇلۇغ مىللەتنىڭ كەچۈرمىشىنى پەقەت 1% لا ئۆگىنەلىدىم، چۈنكى تۈرك تارىخى شۇ قەدەر كەڭرى ۋە چوڭقۇر بولۇپ، ئۇنى لايىقىدا يېزىپ چىقىشقا بىر كىشىنىڭ ئۆمرى يەتمەيدۇ، ئوقۇش ئارقىلىقمۇ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، تارىخچىلار پەقەت مەلۇم بىر مەزگىل ياكى جۇغراپىيەدىكى تۈرك تارىخى بىلەن ھەپىلىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ تەتقىق قىلغىنىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئەسكە ئېلىنىدىغان، ئىچكى ئاسىيا ۋە بۇنىڭ داۋامى شەرقىي تۈركىستان رايونى بولدى. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تاللىغان ۋاقتىمىز مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار بىلەن قىسمەن 10-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتلار بولۇپ، بۇنىڭ سىرتىدىكىلەر ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە بىر نەرسىلەر قېتىش مەقسىتىدە بۇ ئەسەرنىڭ تېمىسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن “كۆك تۈرك تارىخى” ناملىق كىتابىمىزنى نەشىر قىلغانىدۇق. بۇ ساھەدە پايدىلىنىش ماتېرياللىرىغا تايانغان ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆك تۈرك تارىخىدىن كېيىن، ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخىنىمۇ تەييارلاشقا باشلىدۇق. لېكىن ھەر كۈنى يېڭى بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزغا ئوخشاش، بەزىدە كۆزىمىزدىن قېچىپ قالغان خاتالىقلىرىمىزنىڭ بارلىقى مەلۇم. شۇڭا ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى ناملىق بۇ ئەسىرىمىزنىڭ يېڭى نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق.

بارلىق تەتقىقاتلىرىمىزدا بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخىدىمۇ ئارتۇقچە ئەگرى-توقاي يوللارغا كېتىپ قالماي ۋە ئۇقۇرمەنلەرنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن بىزار قىلماي، ئەڭ قىسقا ھالەتتە، بىر چاغلاردا دۆلەتنى ئىدارە قىلغان، بىزلەرگە چەكسىز شان-شۆھرەت ئاتا قىلغان ئۇيغۇر ئاتىلىرىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتۇق.

كۆك تۈرك قاغانلىقى قانداقسىگە مىللىي بىر دۆلەت قۇرۇلمىسىدا ۋە تۈرك دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ پىشىپ-يېتىلگەن بىر سەۋىيەگە ئىگە بولۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم بولسا، ئۇيغۇر تۈركلىرىمۇ تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبلىك بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار باسمىچىلىقنىڭ، دىن چۈشەنچىسىنىڭ، تىجارەتنىڭ، مۇقىم يەرلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ۋە يېيىلىشىدا باشلامچىلىق ۋە ۋاستىلىك رول ئوينىغان.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۆتۈكەن ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان ئۇيغۇر خانلىقلىرى بۈگۈنكى بۈيۈك تۈركىستاننىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان. تۈركىستاندىكى تۈرك بويلىرى ئىرقىي نۇقتىدىن ئۇنداق ياكى بۇنداق ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى نۇقتىسىدىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

كىرىش

شانلىق تارىخىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ، تۈرك دۆلىتىنىڭ بېشىدا بولغان بىر دەۋر مەيدانغا ئېلىپ كەلگەن. تۈرك ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر تۈركلىرى قۇرغان ئىدارە قىلىنىش مەلۇم بولغىنىدەك كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ داۋامىدۇر. بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىمىز باشقا تەتقىقاتلاردىن پەرقلىق بىر ئەھۋال تەلەپ قىلماقتا. قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى ئادەتتە خىتاي ماتېرىيال مەنبەلىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن يېزىلغان. خىتايلار باشقا مىللەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر نۇقتىسىدىن ھەر ۋاقىت راستچىل ئەمەس. ئەسەرگە دىققەت بىلەن قاراپ چىقىدىغان بولساق، خىتاي مەنبەلىرى بىلەن بەزى پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتىمىزنىڭ ئاساسىنى كۆك تۈركچە يېزىقلار تەشكىل قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي، سوغدى ۋە تىبەت قاتارلىق خىلمۇ خىل تىللاردا يېزىلغان ھۆججەتلەردىنمۇ پايدىلىنىلدى. قوللىنىلغان بىر قىسىم يېزىقلار ئىلگىرى ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن كۆرۈپ چىقىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن يېڭى مەڭگۈتاشلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تارىخىغا تۆھپە قوشۇشقا تىرىشتۇق.

ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تارىخى، ۋەتەن مەۋقى ۋە قەدىمىي تۈرك يۇرتلىرى ھەققىدە، بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئارخولوگىيىلىك ۋە يېزىقچە تەتقىقاتلار تۈرك تارىخىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-2500- يىللىرىغىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى سۈپىتىدە تارىخشۇناسلار ۋە تىلشۇناسلار ئارىسىدا ھەر خىل ماقالىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بىز مەڭگۈتاشلاردا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا قاراپ، تارىخىي تۈرك يۇرتىنىڭ سەلەنگە ئورخۇن ئەتراپلىرى ئىكەنلىكىدەك قانائەتكە باردۇق. ھونلارنىڭ، كۆك تۈركلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ مەركەزلىرىمۇ مۇشۇ يەر ئىدى.

خىتايچە مەنبەلەردە تۈركلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى، مىلادىدىن ئىلگىرى 2200-يىللىرىغا سوزۇلىدىغانلىقى ئېيتىلسىمۇ، تارىختىكى ئەڭ قەدىمىي تۈرك دۆلىتى ھازىرقى ھونلار دەپ قوبۇل قىلىنىش بىلەن بىرگە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1050-247-يىللىرى ئارىسىدا خىتايدا قۇرۇلغان چوۋ دۆلىتىنىڭ تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى خىلمۇ خىل تىللاردىكى دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشىلغان. ھون (كۇن=كۈن) ئىسمىنىڭمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000-يىللارنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلمەكتە. شۇڭا ھون بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 11-ئەسىردىن ئىبارەتتۇر. ئىلگىرى “ھون” ئىسمى قوللىنىۋاتقانمۇ ياكى ئۇلارغا قانداق ئىسىم بېرىلگەنىدى، بۇ قىسمى ھازىرچە مەجھۇل بولماقتا.

ھونچە مەنبەلەردە، تۇنجى قېتىم سىياسىي بىر دۆلەت شەكلىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 380-يىللىرىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بىر قىسىم يەرلىك خاندالىقلارنىڭ بۇ دەۋردە ئەڭ قۇدرەتلىك خىتاي دۆلىتى بولغان “چى” لەرگە ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ھونلارنىمۇ يېنىغا تارتماقچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۈزۈلگەن شەرتنامە ۋەسىلىسى بىلەن ئۆتىدۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاسىيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 216-يىلى خىتايلارنىڭ تۈركلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، پارچە پارچە ھالەتتە ياسالغان سەددىچىن سېپىلىنى بىرلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. خىتاينى قوغداش مەقسىتىدە ياسالغان بۇ توسالغۇنىڭ ئىنشائاتىدا ئون مىڭلىغان كىشى ئىشلىتىلگەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن ۋە شۇ يەرلەرگە كۆمۈلگەن. يەنىلا مىڭلارچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ سەددىچىن سېپىلى تۈركلەرنىڭ ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولالمىغان. شۇڭا بىرلىكتە ئىلىم ئەھلى بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركلەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە. سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن تۈرك ۋە يېقىن تۇغقان مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

ھون تارىخىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە مەشھۇر خاقانى بۆرۈ تونگا(مو-تۇن) يابغۇدۇر. ئاتىسى تۇ-مان (بەلكى تۈمەن؟)، ئۆزىدىن كېيىن ھۆكۈمدارلىق ئۈچۈن ئوغلىنى ئەمەس، قېرىندىشىنى ۋارىسلىققا كۆرسەتكەن. شۇڭا بۆرۈ تونگا(مو-تۇن) ئۆز ئەمرىدىكى بىر تۈمەن ئەسكەر بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دادىسىنىڭ ئوۋغا چىققان پەيتىدىن پايدىلىنىپ قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزگەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى تۈرك خەلقىنى ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. دۆلەت تەشكىلاتىنى يېڭىدىن تەشكىللىگەن بۆرۈ تونگا(مو-تۇن)، تۇنە-ھونلارنىڭ ئۆزىدىن توختىماي تۇپراق تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئۇلارنى چوڭ بىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 203-يىلى يۈئەھچىلەرنى يەڭگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم خىتاي مەنبەلىرى بۆرۈ تونگا (مو-تۇن) نىڭ ھاياتىنى ناھايىتى رەڭدار چۈشەندۈرگەن. خىتاي مەنبەلىرىدىكى بۇ ھىكايىلەر تۈركلەرگە ئائىت تۇنجى داستان پارچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۆرۈ تونگا (مو-تۇن) ئاسىيادا سىياسىي ھاكىمىيىتىنى مۇقىلاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي تۇپراقلىرىغا قاراپ يولغا چىققان. سەددىچىن سېپىلىنى ئاسانلا بۆسۈپ ئۆتكىنىدەك، مىلادىدىن بۇرۇنقى 201-يىلىدا خىتاي ئىمپىراتورى كاۋيۇنىمۇ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-195) قىستاپ، ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئىمپىراتور يىللىق باج تاپشۇرۇش ۋەدىسى بىلەن تۈرك قاغاننىڭ قولىدىن قۇتۇلغان. بۇ ۋاقىتتا تۈزۈلگەن شەرتنامىگە قارىغاندا، خىتاي تۈرك ھۆكۈمدارىغا بىر مەلىكە، مەلۇم مىقتداردا ئالتۇن ئەۋەتمەكچى بولغان. خىتاي ئىمپىراتورىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبى بىلەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 192-يىلى بۆرۈ تونگا (مو-تۇن)غا يەنە بىر مەلىكە يوللىغان. لېكىن ئۇ يازغان بىر مەكتۇپىدا، بۇ ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتىنى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇۋاتقان ئىمپىراتۇرنىڭ ئاپىسىغا مەسخىرىلىك بىر تىل بىلەن تويلىشىش تەكلىپى بەرگەن، ئۇ ئايالمۇ بۇنى راست دەپ قالغان ۋە يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەلۋەتتە، بۆرۈ تونگا (مو-تۇن) يابغۇمۇ بۇنى بىلەتتى. بۇ تويلىشىش تەكلىپى سىياسىي بىر ۋەقەدىن باشقا ئىش ئەمەس ئىدى.

بۆرۈ تونگا (مو-تۇن) يابغۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن (176) خىتايغا تەھدىت تۈسىنى ئالغان بىر مەكتۇپ يوللىغان. بۇ مەكتۇپتىن بىلىشىمىزچە، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربنى بىرلەشتۈرۈش بىلەن مەشغۇل ئىدى. قولى ئوقيا تۇتىدىغان قەۋملەرنى ئىدارە قىلغان ۋە ئۇلارنى “ھون” قىلغانىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۆرۈ تونگا (مو-تۇن)، مىلادىدىن بۇرۇنقى 174-يىلى ۋاپات بولغان ۋاقتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرك بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا، نۇرغۇن يات قەۋملەرنىمۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغانىدى. ئۇ “تەڭرىقۇت” ئىدى، كۈچىنىڭ مەنبەسى تەڭرىدىن كېلەتتى، لېكىن خىتاي ئىمپىراتۇرلىرىدەك تەڭرىنىڭ ئوغلى ئەمەس ئىدى. بۇ ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ چېگرىلىرى شەرقتە كورىيەدىن غەربتە ھازال-ئۇرال ساھەسىگە، شىمالدا يەنىسەي (ئەنەسەي/ئاناچاي) نىڭ يۇقىرى قىسىملىرىغا، جەنۇبتا بولسا ھىندىستاننىڭ شىمالىغىچە تۇتاشقان ئىدى. مۇشۇنداق قىلىپ بۆرۈ تونگا (مو-تۇن)، تارىختا تۇنجى بولۇپ تۈرك بىرلىكىنى (قىسقىچە “تۇران” دەپ بىلىنىدىغان) ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىغا چىققان ئوغلى كىكومۇ (كۆك؟) دادىسىدەك جەڭچى بولۇپ، خىتاينى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇب قىلىپ، باج تۆلەيدىغان قىلغان. كىكونىڭ كەينىدىن تەختكە چىققان ئوغلى گۈنچىئەن (كۈن-چىئەن) دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 160-126-يىللىرى) دۆلەت ئاجىزلىغان. خىتاي، ھون دۆلىتىنى يوقىتىشقا قارىتا مەنپىي پروگراملىرىنى تېزلەتكەن، چۈنكى سەددىچىن سېپىلى تۈركلەرنى توسۇشقا يەتمەيۋاتاتتى، تۈركلەرنى ئالدىراش قىلىدىغان باشقا يېڭى-يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ، بۇ يىللاردا خىتاي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، سەيياھ ۋە راھىبلەرنىڭ تۈرك دۆلەتلىرىدە جاسۇسلۇق مەقسىتىدە بېرىپ-كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇلار خىتاي ئىمپىراتورىغا سۇنۇلغان، بۇ ئاخباراتلار توغرىسىدا، خىتاي دۆلەتلىرى تۈركلەرنى پارچىلاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن. ئەسلىدە بۇ ۋاقىتتا خەن سۇلالىسى ئىمپىراتورى ۋۇ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 140-87-يىللىرى) دەك بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينىڭ ھونلار ئالدىدا تۇرالىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ئىدى. ناھايىتى ھىلىيگەر بىر سىياسىي ئەقىلگە ئىگە بولغان ۋۇ تەختكە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ھونلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش ئۈچۈن بىر قىسىم تەدبىرلەر ئالغان ۋە غەلبە قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تۈركلەرگە قارىشى چوڭ بىر قوشۇننىڭ تەييارلىنىشى بىلەن بىلللە، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئالدىنقى پىلاندا بولغان. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ داڭلىق جاسۇس جاڭچىئەن باشچىلىقىدا 100 كىشى تۈركىستان رايونىغا ئەۋەتىلىپ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى)، باشتا يۈئەھچىلەر بولۇپ ھەر خىل قەۋملەردىن تۈركلەرگە قارىشى ئىتتىپاق تەشكىللەشكە ئۇرۇنغان. جاڭچىئەن بۇ ھەرىكەتلەر داۋامىدا تۇتۇلۇپ، 10 يىلدەك تۈرمىدە ياتقان. ھەر ۋاقىت بولغىنىدەك، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئالىيجانابلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەركىن ۋاقىت بەرگەن پۇرسەتتە قېچىپ كەتكەن. ئۇ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن فەرغانەدىكى يۈئەھچىلەر پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۈركلەرگە قارىشى ھەرىكەت باشلاش ھەققىدە خىتاي ئىمپىراتورىنىڭ تەكلىپىنى يەتكۈزگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 126-يىلى خىتايغا قايتقان جاڭچىئەن، يىغقان ئۇچۇلارنى بىر دوكىلات شەكلىدە ئىمپىراتورغا سۇنغان ۋە بۇ رىسالە كېيىن خىتاينىڭ تۈركىستان سىياسىتىدە يېتەكچى رول ئوينىغان. ئاقىۋەتتە تۈرك تۇپراقلىرى ئەسكىرىي نۇقتىدىن قورشالغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئاجىزلىتىلغان.

ھونلار تېز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىغان، خىتاي سىياسىتىدىكى كونا كۈچلىرىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىم خىتاينىڭ تۈركلەرگە قارىتا سىياسەتلىرى تەسىرچانلىققا ئىگە بولۇشقا باشلىغان. بولۇپمۇ، تۈركىستاننىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ قولدىن كېتىشى ئەسكىرىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن تۈركلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇرۇن ھون بىرلىكىدىكى نۇرغۇن قەۋم ۋە قەبىلىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ، خىتاي بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. بۇ كىشىلەرنى قايتىدىن ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ۋۇ-سۇن تۇپراقلىرىغا قاراپ بىر سەپەر قىلشىقا قارار قىلىنغان. قايتىش يولىدا تۇيۇقسىز كەلگەن قار كۆچكۈنىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مىڭلىغان ئەسكەر ۋە ھايۋان جېنىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 71-يىلى، شىمالدىن بىر قىسىم تۆلۆس قەبىلىلىرى، غەربتىن ۋۇسۇنلار ۋە شەرقتىن ۋۇخۇۋەنلەر تۇيۇقسىز ھونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئەۋەتتە، بۇلار مىللەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.

تۈركلەر ئارىسىدىكى تۇنجى ئايرىلىش مىلادىدىن بۇرۇنقى 55-يىلى يۈز بەرگەن. قىيىن ئەھۋالدا قالغان تۈرك مىللىتىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان يابغۇ كۇن كان (خۇ-خەن-يەھ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 58-31-يىللىرى)، بىر قىسىم بەگلەرنىڭ مەسلىھەت بېرىشى بىلەن خىتاينىڭ ھىمايىسىگە كىرمەكچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدىكى زىيالىيلارغا خەۋەر قىلىنىپ، بىر قۇرۇلتاي ئېچىلغان. مەسىلە تالاش-تارتىش قىلىنغان ۋە قېرىندىشى چىھ-چىھ-كۇ-تۇ-ھوۇ (چى چى- چى چىك- كىچىك= كىچىك قۇتلۇغ ئالپ) دەك مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولغانلار: “تۈرك ئۆرپ-ئادەتلىرىدە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۆزىنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ. تۈرك-ھونلار ئات ئۈستىدە جەڭ قىلىش ئارقىلىق قۇرغان قاغانلىقلىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. قەرىمانلارنىڭ ئىشى جەڭ قىلىپ ئۆلۈشتۇر. بۈگۈن قېرىنداشلار دۆلەتنىڭ بېشىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇرۇشماقتا. چوڭى غەلبە قىلمىسا كىچىكى دۆلەتنى باشقۇرىدۇ. قايسى بىرى ئۆلسە نامى ئوغۇللىرىغا ۋە نەۋرىلىرىگە قالۇر ۋە دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلۇر. ھازىر خىتاي (خەن) كۈچلۈك بولسىمۇ، تۈركلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالالمايدۇ. نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئادەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىتايغا باش ئېگىدىكەنمىز، كونا قاغانلىرىمىزنىڭ شانىغا داغ تەگكۈزىدىكەنمىز. بەلكىم خىتاينىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ھۇزۇر تېپىشىمىز مۇمكىن، لېكىن يەنە باشقا قەۋملەر ئۈستىدە ھاكىمىيەت قۇرالامدۇق؟” دېيىشكەن.

مۇشۇنداق قىلىپ دۆلەت ئىكىگە ئايرىلغان. كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇ تەرەپدالىرى خىتاي بىلەن ھەمكەرلىشىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈش خىيالىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نومۇس قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ پىكىرلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنماي، خەلقنىڭ بىر قىسمىنىڭمۇ قېرىندىشىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشى بىلەن، قول ئاستىدىكى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن دۆلەتنىڭ غەربىي تەرىپىگە چېكىنگەن. كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇ، تەڭرى تاغلىرى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە غەلبە قىلغان ۋە بۇ رايوندىكى تۆلۆسلەرنى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالغانىدى. لېكىن قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانىمۇ ئىككى ئۈچ مىڭغا چۈشۈپ قالغانىدى. كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇنىڭ ھەر ھەرىكىتىنى كۆزىتىۋاتقان ۋە بۇنداق كۈچىيىشىگە چىداپ تۇرالمىغان خىتاي، چۇ-تالاس دەريالىرى ئارىسىدا بىر پايتەخت قۇرغان ھونلارنى يەتمىش مىڭ (بەزى مەنبەلەردە 140 مىڭ) كىشىلىك كۈچلۈك بىر قوشۇن بىلەن بېسىپ كىرىپ، ھون مەركىزىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلىدا تامامەن يوقاتقان. توقۇنۇشتىن بۇرۇن خىتاي قوماندانى كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇغا قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ بىكار ئىكەنلىكىنى، تەسلىم بولسا جېنىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى، بۇنداق ئاز ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بىر ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇ 1600 ئەسكىرى بىلەن 70 مىڭ كىشىلىك خىتاي قوشۇنىغا قارشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدا ئۇرۇش قىلغانكى، بۇ بۈگۈنكى تۈرك مىللىتىنىڭ بار بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىندۇر. ئۇ خىتاي گېنىرالىنىڭ ۋە ئەسكەرلىنىڭ ئالدىغا كۆكرەك كېرىپ چىققان، نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى سورىغان. گېنرال ئۇنىڭ ئېلىپ خىتايغا ئاپىرىش ئۈچۈن ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى، ئەگەر باش ئەگسە كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغان. رايوندىكى خەلقمۇ ئامال بار بۇ ئىشتىن يىراق تۇرۇپ، بالاغا كىرىپ قېلىشتىن قېچىۋاتاتتى. ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن تۈرك ئەسكەرلىرى بىر نومۇر ئورۇنلىغان، قاغان بولسا كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ “كېلىدىغىنى بولسا كۆرىدىغىنىمۇ بار” دەيتتى. تۈركلەر سۇرلارنىڭ ئۈستىدىن دۈشمەنلىرىنى قوزغاۋاتاتتى، كېلىڭلار ئۇرۇشايلى دەيتتى. قاغاننىڭ قىزلىرى ۋە خانىملىرىمۇ ئوقيالىرىنى ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجايىپ بىر ھۇجۇم باشلاندى. شەھەر ئوقلار بىلەن قورشالدى. مانا بۇنىڭ كەينىدىن بارلىق تىركىشىش تۈگىدى. ئەسلىدە سۇرلار كالاسلاردىن ۋە كازىكلاردىن ئىبارەت ئىدى. خىتاي ئەسكەرلىرىگە كەلگەن ئوقلارنىڭ ھېچقانداق تەسىرى يوق ئىدى. ئاخىرى دۈشمەنلەر ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى، قوغداش سەپلىرى كېيىن تارقىلىپ كەتتى، كوچىلاردا ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى. دېمىسىمۇ بۇنداق ئاز ئەسكەر بىلەن قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيتتى. ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلارنىڭ ھېچقايسسى ئەتراپىدا يوق ئىدى. ئۇلار تۈرك-ھون ئاياللىرىچىلىكمۇ جاسارەت كۆرسىتەلمىدى. تۆشۈكلەردىن بولۇۋاتقان ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرۋاتاتتى. ئاخىرىدا قاغان ۋە مۇھاپىزەتچىلىرى سۇرلارنىڭ ئىچدىكى قەلئەگە چېكىندى، لېكىن بۇ ۋاقىتتا كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇمۇ يارىلىنىپ ئەسىر چۈشكەنىدى. خىتاي گېنىرالى ئۇنىڭ بېشىنى كەستۈردى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى) ۋە تۈركىستان شەھىرلىرىدە ئىبرەت بولسۇن دەپ سازايى قىلغاندىن كېيىن، خىتاي پايتەختىگە يوللىغان، بۇ يەردە چەتئەللىك ئەلچىلەر تۇرىدىغان كوچىدا كۆرسىتىلگەن. كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇ بىلەن بىللە 1600 كىشى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاقىۋەتتە كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇنىڭ ئېلىپ بارغان بۇ ئىززەت-ھۆرمەت ئۇرۇشى، تۈرك مىللىتىنىڭ شەرەپلىك ھالدا ياشاش ئارزۇسى ۋە ھاياتتا قېلىش كۈرىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئەسكەرتىش: «ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى» ناملىق كىتاب ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور سائادەتتىن يامغۇر گۆمەچ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە 2011-يىلى بېرىكان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top