سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى – 2 (داۋامى…)

ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخى – 2 (داۋامى…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

يازغۇچى: پروففېسسور دوكتور سائادەتتىن يامغۇر گۆمەچ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: رىسالەت تۇرسۇن

كىرىش

بۇنىڭ بىلەن بىللە كۇن كاننىڭ (ھۇ-خان-يېھ) ۋاپاتىدىن كېيىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 31-يىلى) تەختكە چىققان كىشىلەرنىڭ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغان. بۇلاردىن بىرى بولغان ئۈچ ئوقلۇغ قاغان (مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-يىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى 13-يىلىغىچە) دەۋرىدە مۇنداق بىر ۋەقە بولۇپ ئۆتكەن: بىر قىسىم خىتاي دانىشمەنلىرى ئىمپىراتۇرنىڭ تاغىسىغا (ياكى قېيىن ئىنىسى) ئەقىل كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرك زېمىنى بۈگۈنكى كانسۇدىكى چاڭ يېھگىچە سوزۇلدىكەن. بۇ يەردە باشقا ھېچقانداق يەردە ئۇچرىمايدىغان ۋە ئوق ياساشقا بولىدىغان بىر ئورمانلىق بار ئىدى. بۇ يەرلەر تۈركلەرنىڭ قولىدىن ئېلىنسا، ئۆز زېمىنى ھەم بېيىپ ھەم كېڭىيىپ كېتەتتى. بۇ پىكىر ئىمپىراتۇرغا يەتكۈزۈلگەن ۋە ئۇنىڭغىمۇ مايدەك ياققان. مۇشۇنىڭغا بىنائەن بۇ زېمىن قاغاندىن تەلەپ قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن فەن ئىسىملىك بىر ئەلچى تەييارلىنىپ، تۈرك دۆلىتىنىڭ مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن. خىتاي ئەلچىسى قاغانغا: “مەن چاڭ يېھگىچە سوزۇلغان بىر ھۇن زېمىنى كۆردۈم، بۇ چېگرىدا ھۇن دۆلىتىنىڭ ئۈچ ئەسكىرىي بىرلىك قوماندانلىقىغا باغلىق ئەسكەرلەر سوغۇقتا توڭلاپ كېتىۋاتىدۇ. سىلەر بۇ رايوننى ئىمپىراتۇرغا ھەدىيە قىلساڭلار، بىز ئىككى ئەسكىرىي بىرلىك بېرىمىز، ھەم خىتاي ئىمپىراتۇرىنىڭ ياخشىلىقلىرىغا جاۋاب قايتۇرغان بولىسىلەر.” دېگەن. بۇنىڭغا ئۈچ ئوقلۇغ قاغان: “بۇ يەر ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان زېمىن، شۇڭا بۇ يەرنى تاشلاپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالايمەن” دەپ جاۋاب بەرگەن. ھەقىقەتەن بۇ دەرەخلىك زېمىن باشتا چېدىر ۋە ھارۋا تىرەكلىرى بولۇش بىلەن بىرگە، تۈركلەرنىڭ مۇھىم مىقداردا ياغاچ ماتېرىيال ئېھتىياجىنى قامدايدىغان يەر ئىدى. ئۇ يەردىكى قاغا پەيلىرى بولسا ئوق ياساشتا ئىشلىتىلەتتى. شۇڭا ئۇ ۋاقىتتا بۇ زېمىندىن ۋاز كېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۈچ ئوقلۇغ قاغان خىتاي ئەلچىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، دادىسىدىن تېخىمۇ ئىززەت-ئايرويلۇق بىر ئىش قىلغانىدى.

بۇنىڭ بىلەن بىللە، مىلادىنىڭ باشلىرىدا خىتايدا بىر ئىنقىلاب بولغان بولۇپ، ۋاڭ ماڭ ئىسملىك بىر كىشى، مىلادىدىن كېيىنكى 9-يىلى خەن سۇلالىسىنى ھالاك قىلىپ تەختكە چىققان. ئاستا-ئاستا تۈزۈلۈشكە باشلىغان تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەنە بۇزۇلۇشقا يۈزلەنگەن. كۇن كاننىڭ (ھۇ-خان-يېھ) بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاغان ئۇنۋانى بېرىپ، تۈرك يۇرتىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى كۆپەيتىشكە باشلىغان، لېكىن بۇ ھىيلىگەر ئادەم، ھۇنلار ياردەم قىلغان بىر توپىلاڭ بىلەن 23-يىلى مەغلۇب قىلىنغان. ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەنلەرمۇ تۈركلەرگە بولغان دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى داۋام قىلدۇرغان.

خىتاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بۇ تۈركلەر، بىر مەزگىلدىن كېيىن تەكرار مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، دۆلەتتە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ قالغان بىر قىسىم تالاش-تارتىشلار، قۇرغاقلىق يۈز بېرىپ، ئاچارچىلىق بولغاچقا دۆلەت مىلادىدىن كېيىنكى 48-يىلى يەنە بىر قېتىم شىمال ۋە جەنۇب دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. كېيىن جەنۇبتىكى ھۇن دۆلىتى، خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن شىمالدىكىلەر مۇستەقىللىقىنى قوغدىغان. بانگۇ (84–46) ۋە كېيىن يولېگ قاغان (87-84) چاغلىرىدىمۇ شىمال ھۇنلىرىنىڭ خىتاي ئىمپراتۇرلۇقى بىلەن تىركىشىشلىرى داۋام قىلغان. مەنبەلەر ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تولۇق خەۋەر بەرمىسىمۇ، 118-93 يىللىرى ئارىسىدا مۇستەقىل، يەنى شىمالدىكى تۈركلەرنىڭ باشقۇرۇلۇشى باشقا بىر قاغان بانگۇ قاغاننىڭ قولىدا ئىدى، شۇڭا مىلادىدىن كېيىنكى بىرىنچى ئەسىردە ھۇنلار يوقالمىغان. لېكىن بۇ دەۋرگە تەۋە خىتايچە مەنبەلەر ناھايىتى ئاز. چوڭ ئېھتىماللىق خىتايلارنىڭمۇ ئۆز ئىچكى مەسىلىلىرى بىلەن ھەپىلەشكەنلىكىدىن شىمال ۋە غەرب قىسمىدا نېمە بولۇۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولۇپ كەتمىگەن.

مۇستەقىل تۈرك قاغانى كۇن-يەن قاغان (153-118) 134- ۋە 135-يىللىرىدا ئۈستى-ئۈستىگە تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئىستىراتىگىيىلىك يەرلىرىدىن بىرى بولغان تۇرپان ئەتراپىدىكى خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، تۈركلەر ئۇلارغا قارىشى ھۇجۇم قىلىشنى بىلسىمۇ، قاغاننىڭ يېقىنلىرىدىن بىر نەچچە يۈز كىشى ئەسىرگە چۈشكەن. ئەلۋەتتە تۈرك ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ھايۋانلارنىڭمۇ كۆپ قىسمى يوق بولغان. جەنۇبتا مۇقىملىق قالمىغاچقا بىر قىسىم قەبىلىلەر شىمالغا چېكىنىشكە باشلىغانىدى.

3-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خىتاينىڭ مەشھۇر خەن سۇلالىسىنىڭ يىمىرلىشى بىلەن بۇ زېمىندا يېڭى بىر دەۋر باشلىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىدى. بۇ مەزگىلدىن ئېتىبارەن تۈرك-ھۇنلارنىڭ يېڭى دۆلەت قۇرۇش ئوي-خىياللىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بولۇپمۇ قىسمەت ھەمكارلىقى قىلغان ھسىيەن پىدەك قەۋلەردىنمۇ ئايرىلغان. چۈنكى ئۇلار تۈركلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتاتتى ۋە تۈركلەرمۇ ئامالسىز ئوردوسنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا چېكىنىۋاتاتتى. بۇ يەردە باشقا  تۈرك بويلىرى  بىلەن بىرلىشىش مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، 3-ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدا ھۇنلارنى تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىسىمۇ، بىزگە نىسبەتەن ھۇنلار ئۈچ ئانا رايوندا توپلىنىپ ياشىغان. ئۇلار: 1-ئەنەسەي ياكى ئاناچاي-سەلەنگە-ئالتاي تۈركلىرى، 2- تۈركىستان – ئارال – ھازار، 3-ئوردوس-كانسۇ-تۈركلىرى.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تۈرك-ھۇن قەبىلىلىرى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە تارقاق، بەزىدە ئۆز ئالدىغا، سىياسىي بىرلىكلەر ئەتراپىدا ياشىغان. تەتقىقاتىمىزنىڭ كېينكى قىسىملىرىدا بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.

ھۇنلار تايانغان يەرلىك ئەسكىرىي كۈچ، تىللىرى، دۆلەت تەشكىلاتلىرى ۋە خاندانلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك مەدەنىيىتىگە پىششىق بولغان بىر دۆلەت ئىدى. ھۇنلارغا ئائىت قولىمىزدا نۇرغۇن مەدەنىيەت خام ماتېرياللىرى بار، لېكىن يېزىلغان رەسمىي ھۆججەتتىن پەقەت ئەسىك (يەسىك) كۇرگاندا چىققان بىر ھۆججەت كۆرسىتىلمەكتە. ھازىرقى بۇ رەسمىي ھۆججەت ئۈستىدە تالاش-تارتىشلار داۋاملاشماقتا. ھۇنلاردىن قالغان بۇ ھۆججەتنىڭ كۆك تۈركچىنىڭ ئەڭ كونا دەۋرلىرىگە ئائىت بولۇش ئېھتىمالى چوڭ.

تۈرك مىللىتى مەلۇم بولغان بەش مىڭ يىللىق تارىخى بويىچە، پەقەتلا جۇغراپىيە ئۆزگەرتىش بىلەن ياشىغان كۆچمەن بىر مىللەت ئەمەس. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك قەۋمى، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت ياراتقان ۋە بۇ مەدەنىيەت بىلەن يەر يۈزىدىكى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ چىققانىدى.

تارىخىي مەنبەلەردىن بايقىشىمىزچە، ھۇن ئىسمى بىلەن خاتىرىلەنگەن تۈركلەرنىڭ ئاسىيادا قۇرغان خاندانلىقلىرى ياشىغان يەرلەردە 5-ئەسىرنىڭ 2- يېرىمىغىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، 3-ئەسىردىن كېيىن بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك بولالمىغان. ئالدىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۈركلەر ئارىسىدا تۇنجى ئايرىلىش مىلادىدىن بۇرۇنقى 55-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇ بىلەن بىللە چوڭ بىر تۈرك تۆلۆس گۇرۇپپىسىنىڭ، شۇنىڭ بىلەن ھۇن سىياسىي ئىسمى ئاستىدا توپلانغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بۈگۈنكى تۈركىستان ۋە شىمالىي قازاقىستان رايونىغا كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا ھۇنلار پەقەت ئاسىيادا ياشىمىغان بولۇپ، ئۇلار ياۋروپانىمۇ بويسۇندۇرغان كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرغان. ئەسلىدە بۇ يەردە ۋە تېخىمۇ شىمالىدىكى ئىدىل-ئۇرال ھاۋزاسىندا، تۈركلەر بۆرۈ تونگو (مو-تۇن) يابغۇ دەۋردىن ناھايىتى بۇرۇن يۇرت قۇرغانىدى. ھەم تارىخىي مەنبەلەر ھەم تۈركلەرگە تەۋە داستانلار بىلەن ئەپسانىلەر بۇلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەشھۇر ئوغۇزخان سەپەرلىرىدىن بىرى ھازارنىڭ شىمالىغا، ئىدىل – ئۇرال ۋە شەرقىي ياۋروپا تۇپراقلىرىغا قىلىنغان بولۇپ، بىر تۈرك باشقۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىنغانىدى. بۈگۈنمۇ ئىلىم ئىگىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ تەرەپدارلىرى بار بولغان بىر كۆز قاراش: ئوغۇز بىلەن ھۇن ھۆكۈمدارى بۆرۈ تونگانىڭ (مو-تۇن) بىر كىشى ئىكەنلىكىدۇر.  بۆرۈ تونگانىڭ (مو-تۇن) شەخسىيىتى ۋە بالىلىرىنىڭ ئىسىملىرى خىتايچە ماتېرياللارنىڭ ياردىمى بىلەن يېشىلىشكە تىرىشىلماقتا، شۇنداقلا بۇ ھەقتە يامان ئەمەس نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە، غەربكە كەلگەن ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن تۈركلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، كېيىن مىلادىدىن كېيىنكى 1-ئەسىر ۋە 2-ئەسىلەردە ئاسىيادىكى ھۇنلار ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. تارىخىي ئەسەرلەردە “شىمال ھۇنلىرى” دەپ خاتىرىلەنگەن بۇ تۈركلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمى كىچىك قۇتلۇغ ئالپ يابغۇ ھۇنلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھالدا تۈركىستاننىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە، ئۇ يەردىن ئىدىل-ئۇرال ۋە كافكاسيا رايونىغا يېتىپ بارغان. ئۇلار 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە كافكاسيا رايونى ۋە ھازار ئەتراپىغا ئىگە بولغانىدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرك تەتقىقاتچىلاردىن سىرت، باشقا ئىلىم ئىگىلىرى ئاسىيا ھۇنلىرى مەسىلىسدىكىدەك، ياۋروپادا ھاكىمىيەت قۇرغان ھۇنلارنىڭمۇ تۈرك ئەمەسلىكىنى خىلمۇ-خىل ماتېرىياللاردا يازدى. ھەم شەرقتىكى ھەم غەربتىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ياۋروپادىكى ھۇنلار بىلەن ئاسىيادىكى ھۇنلارنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۈگۈنكى كۈندە تۈرك ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدىغان كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خاندالىقلىرىنى خىتايچە مەنبەلەر ئۇدۇل ھۇنلارغا باغلىسا، ئۇلار ئۈچۈن باشقا بىر كېلىپ چىقىش ئىزدىشىنى پەقەت چۈشىنەلمىدۇق. بۇ ھەقتە دىققەت تارتىدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدىن باشلاپ، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرى مۇئەيەنلەشتۈرگەن.

ئەلۋەتتە، ھۇنلار تارىخ ساھەسىدىن دەرھال ئۆچۈرۈلمىگەن بولۇپ، ياۋروپادىكى تۈركلەر، ئاۋارلار ۋە بۇلگارلاردەك سىياسىي بىرلىكلەر ئەتراپىدا توپلاشقاندا، ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىمۇ شىمالىي خىتاي ۋە موڭغۇلىستاندا يېڭى-يېڭى تۈرك-ھۇن سۇلالىلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. كونا كۈچىگە قايتا ئىگە بولالمىسىمۇ، خىتاينى مەلۇم بىر ۋاقىت تىترىتىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا سىياسىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈركلەرنى باشقۇرۇش ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت قىلىدىغان لىيۇ يۈئەننىڭ (ئەپسۇس، تۈركچە ئىسمى ئېنىق ئەمەس) باشتا خەن، كېيىن چاۋ دەپ ئاتالغان بەگلىكىنى ۋە چۈ-چۈ (تۈرك) بەنگۈ قاغان تەرىپىدىن شىمالىي لىياڭ رايونى قۇرۇلغان دۆلەت بىلەن خىتاي مەنبەلىرىدە ئىسمى خې-لىئەن پو پو (تەڭرىكەن ئاپا بۇغ) دەپ ئاتالغان تۈرك ئېسىلزادىسىنىڭ 5-ئەسىرنىڭ تۇنجى يىللىرىدا ئوردوسنىڭ جەنۇبىدا يۇقىرى كۆتۈرگەن سىياسىي تەشەككۈل ۋە ئاق ھۇنلارنىڭ تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 6-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغىچە خىتاينىڭ شىمالىدا تابغاچ سۇلالىسى بويىچە مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن سىياسىي تەشەككۈل ئۈستىدىمۇ توختىلىش كېرەك، لېكىن بۇلارنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن خىتايلىشىشى ۋە ئۆتۈكەندىكى يېڭى تۈرك خاندانلىقىغا بەلكىم بىۋاستە تۆھپە قوشمىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرك تارىخى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىسىمۇ، تەتقىقاتلاردا ئۇلارغا سەل قارىماسلىق كېرەك.

پۈتۈن رەقىبلىرىنى يەڭگەن تابغاچلار، ناھايىتى ئەپسۇس، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بەكرەك خىتاي تارىخى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلانغان بولۇپ، ھەتتا 420-يىلىغىچە پۈتۈن شىمالىي خىتاينى بىر بايراق ئاستىغا توپلىغانىدى. خىتايلارنىڭ ۋېي دەپ ئاتىۋالغان بۇ سۇلالىسى خىتاي تېبا بىلەن كېلىشىش يولىدىكى تۇنجى قەدىمىنى تاشلىغان. بۇ تۈرك-موڭغۇل خاندالىقىنىڭ ئاستا-ئاستا ئاسمىلىياتسىيە بولۇشى نەتىجىسىدە ناھايىتى كۆپ تۈرك ئادەتلىرى تاشلىنىپ قالغان. ھەتتا ئۆز تىللىرىنى ئۇنۇتۇپ، خىتايچە پاراڭلىشىشقا باشلىغان. بۇ چاغدا دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئىمپىراتۇرمۇ تابغاچلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشى، مەمۇرلارنىڭ خىتايچىنى مەجبۇرىي ئۆگىنىشى ئۈچۈن بېسىم قىلغان. تىلىنى ۋە كىيىنىش ئادەتلىرىنى يوقىتىپ قويغان تابغاچلار، بىر ۋاقىتلاردا ساناقسىز غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىرلىك تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.

تابغاچ ھۆكۈمدارى ھسىئائو-مىڭ 528-يىلى ئاپىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. 531-يىلى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدا بىر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ۋە ئىسيانچىلار پايتەخت لوياڭنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئۆزلىرى بىرىنى ئىمپىراتۇر سايلىغان. يېڭى ھۆكۈمدار قورقۇپ قاچقاچقا، تابغاچ دۆلىتى غەربى ۋە شەرقى ۋېي (كېيىن شىمالىي چۇ ۋە شىمالىي چى) دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن باشتا بولغان تۈرك-موڭغۇل نەسەبىدىن بولغان ھۆكۈمدارلار خىتاي قوماندانلارنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلانغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش