سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئاچچىق ئۇيغۇر قىسمەتلىرىنىڭ سىرلىرى

ئاچچىق ئۇيغۇر قىسمەتلىرىنىڭ سىرلىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

بۈگۈن، 8-مارت خەلقئارا خانىم -قىزلار بايرىمى! مەن ئەتىگەندىلا ئالدى بىلەن ۋاپات بولغان ئانام روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم ۋە ئانام ھايات ۋاقىتلىرىدا ئۇزۇن يىللىق مۇساپىرلىقىم سەۋەبىدىن ئۇنىڭ 8-مارت كۈنلىرىنى ياخشى تەبرىكلىيەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلاندىم!
بۈگۈن، 8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇبارەك بايرىمىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندا پەقەت دۇنيانىڭ بىرلا بۇرجىكىدە، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارىدە مىليونلىغان ئادەملەر، جۈملىدىن نەچچە يۈز مىڭلىغان ئاياللار لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ياتماقتا. ئۇلار ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مۇسۇلمىنى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ قىسمەتكە دۇچار قىلىنغانىدى.
يۇرتۇمدا قالغان ئىككى سىڭلىمنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تېلېپون ئۇرۇش ئىمكانىيىتىم بولمىدى، چۈنكى ئۇلار بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلگىنى ئۈچ يىل بولاي دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتە ماڭا ئوخشاشلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى بەكرەك سۆيگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق ئەركىنلىكتىن مەھرۇن قىلىنغانىدى. سىڭىللىرىمنىڭ دەھشەتلىك بىر قورقۇنۇچ ۋە تەھدىت ئىچىدە مەندەك قەدىرلىك ئاكىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىق قارارىغا كەلگەنلىكىدە شەك يوق. ئەمما، ئوخشاش چەتئەللەردە ياشاپ ئۆز يۇرتىدىكىلەرنى ھەر كۈنى خاتىرجەم تەبرىكلىيەلەيدىغان ۋە مۇڭدىشىلايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىسى بارلىقىنى ئانچە بىلمەيمەن.
مەن ئەركىن ۋە ھۆر ئىنسانمەن! مەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدەك دۇنيادىكى قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىمەن، ئامېرىكا مېنىڭ ۋەتىنىم ! لېكىن ئانا ۋەتىنىمدىكى، تارىخى ۋەتىنىمدىكى بىر قورساق سىڭىللىرىمنى تەبرىكلەش ئىمكانىيىتىم يوق، ئۇ ۋەتەندىكى سىڭىللىرىمنىڭ مېنىڭ تەبرىكلەش ئاۋازىمنى ئاڭلاش ھۆرلۈكى يوق ! مانا بۇ مېنىڭ قىسمىتىم، بىزنىڭ قىسمىتىمىز ۋە ئۇيغۇرنىڭ قىسمىتىدۇر !مەن تولىمۇ ئېچىندىم !
ئاخىرى مەن ئىمكانىيىتىم يار بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئايالىم ۋە قىزلىرىمنىڭ 8-مارت كۈنىنى تەبرىكلىدىم – دە ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرىم ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوقۇشقا، يېزىشقا ۋە تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدىم. تەپەككۈرلۈرۈم ئۇيغۇر قىسمەتلىرىگە يۈكلەندى.
بۈگۈنكى بۇ قىسمەتلەر ئەشۇ تارىخىي قىسمەتلەر، ئەشۇ قۇرغان ھاكىمىيەتلەرنى ئۆز قولىدا ساقلاپ قالالماسلىق ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولالماسلىق شۇنىڭدەك كەتكۈزگەن نۇرغۇن سەۋەنلىكلەر ۋە ئىچكى-تاشقى سەۋەب-ئامىللاردىن كەلگەنىدى. بىر مىللەت ئۈچۈن تارىخىي قىسمەتلەرنى بىلمەي ۋە تەھلىل قىلماي تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەش ۋە غەلىبە قازىنىش مۇمكىن ئەمەستۇر!
ئۇيغۇرنىڭ يېقىنقى 150 يىللىق قىسمەتلىرى ۋە بۇ قىسمەتلەردىكى داھىي ياكى باشلامچىنىڭ خۇسۇسىي قىسمەتلىرى ئىچكى ئويۇنلار بىلەن خەلقئارا مۇناسىۋەت ئويۇنلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىكىدىن بەلگىلەنگەنىدى.
19-ئەسىردىكى مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئەڭ ھەربىي قۇدرەتلىك دۆلىتى دەپ قارالغان يەتتەشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى «چوڭ ئويۇن» دا شەكىللەنگەن رۇس، بېرىتانىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەلىرى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، رەقىبلىك ۋە ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىش بىلەن «ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ نام ئالغان ئاجىز مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى. ياقۇپبەگنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى رۇس-ئىنگلىز رىقابىتىگە، رۇس-ئوسمانلى رەقىبلىك ئېلىشىشلىرى ئارىسىغا كىرىپ قېلىشى، قەشقەرىيەنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن «ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق» تەقدىرىنى ياراتقانىدى.
قانۇنىي جەھەتتە يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى، يەنى قەشقەرىيە دۆلىتى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ھامىيسى -ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ئۆزىنىڭ ئىگىسى ھېسابلاپ، ئوسمانلى سۇلتانلىرىنى ئەڭ ئالى ھۆكۈمران دەپ تونۇغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھېچ بولمىغاندا بېرىتانىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ، قەشقەرىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ھەتتا كىچىك گۇرۇپپا مەسلىھەتچى ۋە قوراللارنى ئەمەس، بەلكى زوق قوشۇن ئەۋەتىپ قوغداش ئىمكانىيىتىنى يارىتالمىدى. ھەتتا مانجۇ-خىتايلار بۇ جاينى بېسىۋالغاندىمۇ ئوسمانلى ئىمپېراتورى مەنچىڭ ئوردىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى، ۋاھالەنكى، رۇسلار بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولغان ۋە دۇنيادا ئۆزىنى قوغداش بىلەن قالغان ئوسمانلى سۇلتانلىرى مەنچىڭ – خىتاي قوشۇنىنىڭ قەشقەرىيەدىكى قىرغىنچىلىقلىرىغا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىدى.

لېكىن، ياقۇپ بەگ پۈتۈن كۈچى بىلەن زو زوڭتاڭنىڭ مانجۇ-خىتاي ئارمىيىسىگە قارشى ئۇنىڭ ئالدىغا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، ئۇنى ئاخىرغىچە جەڭ قىلىپ توسقان ۋە مەغلۇپ قىلغان بولسا، چوڭ ئويۇندىكى ئىمپېرىيەلەر قەشقەرىيە دۆلىتىنى تەڭ تونۇيتتى ھەم ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆز دۆلىتىنىڭ 156 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن بولار ئىدى.
ئەلۋەتتە، پاجىئەلەرنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرىدە بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ رەھبىرى ياقۇپ بەگ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسلى قەشقەرىيەنى ئۆز كىندىك قېتىم تۆكۈلگەن ۋەتىنىم دەپ چىڭ يۈرىكىدىن ئازابلانمىغان پەرغانىلىق، قوقانلىق ياكى باشقا جايلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مانجۇ -خىتاي ئىشغالچى قوشۇنلىرىغا ئىسلامى ئىمانىنى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرقى تامچە قېنى قالغىچە جەڭ قىلىش روھىغا قارىغاندا جاننى ۋە تاپقان مال دۇنياسىنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قېچىش ياكى تەخت ۋە ھوقۇق تالىشىش روھى ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. شۇنىڭدەك ئىچكى رىقابەتتىكى پەرغانىلىقلاردىن نارازى بولغان ئۇيغۇر بەگلىرىنىڭمۇ ۋەتەن ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىش ۋە ھەممە زىددىيەتلەرنى چەتكە قايتىپ قويۇپ، ئورتاق دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلانماستىن مەنسەپپەرەس ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك خاھىشىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ، خائىنلىق يولىنى تاللىشىمۇ، يەنى مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ بەگلىك ھوقۇقلىرىنى ، مەنسەپلىرىنى ئۈستۈن كۆرۈپ، ياقۇپ بەگنى زەھەرلەش ياكى دۈشمەننى باشلاپ كېلىش يولىنى تۇتۇشىمۇ بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىدىكى ئاپەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. ئۇيغۇر تارىخىدىكى خائىنلىقلار دائىملىق ئاپەتلەرنىڭ مەنبەسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللاردۇر. ئۇيغۇردا قەھرىمانلارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، ئوخشاشلا ساتقىن خائىنلار تىپىكىدىلەرنىڭ ۋە ياكى ئۆز ئابروي، مەنپەئەتلىرى، پايدىسى ئۈچۈن ئىش بۇزىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇپ كەلگەنىدى.
كەسكىن ئېيتىشقا بولىدۇكى، ياقۇپبەگ قۇدرەتلىك ئۆز ئارمىيەسى ۋە كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنى يىراق چۆللەرنى بېسىپ، چارچىغان ، قېرى-چۆرە ۋە بۇ زېمىننى ئىگىلىشىگە تېخى ئىشەنچىسى يوق زو زوڭتاڭنىڭ يېشىل تۇغلۇق قوشۇنلىرى، يەنى خىتاي قوشۇنلىرىغا قارشى ۋەتەن ۋە ئىمانىنى قوغداش ئۈچۈن جەڭگە سەپەرۋەر قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭ بىلەن سۇلھى تۈزۈشكە ئىنتىلىپ، دۈشمەنگە ئۆزىنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋە ئاخىرىدا 13 يىللىق بۇ دۆلەتنى پۈتۈنلەت يوقىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنىدى. بەلكى كىم بىلىدۇ، ياقۇپ بەگ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەن بولسا ئاخىرى بېرىپ، خۇددى ئوغلى بەگقۇلىبەگكە ئوخشاش يەنە شۇ پىسكەنتكە، ياكى تاشكەنتكە قېچىپ بېرىپ، چار پادىشاھنىڭ كوزۇرى بولۇپ قالار ئىدى.
ئۇيغۇر خەلقىدە چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كېيىنكى ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن ئۆز قوۋمىدىن ئەمەس، بەلكى باشقا قوۋملاردىن چىققانلارنى بەكرەك ئەتىۋارلاپ، مەھلىيا بولۇش ۋە ھەتتا ئۆزىگە باشلامچى قىلىپ تىكلەشتەك ئۆزگىچە خۇسۇسىيەت ئىزچىل بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن چىققان يېتەكچىلەرنىڭ ئاجىزلىقلىرى، دائىم ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىدىن، كۈتكەن ئۈمىدلىرىدىن چىقالماسلىقى ۋە باشقىلار بۇ خەلقنىڭ دائىم باشقا قوۋملاردىن چىققان يېتەكچىلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان، ئۇلارغا ئۆزلىرىگە قارىغاندا بەكرەك مەھلىيا بولىدىغان خاراكتېرغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھېسابلىناتتى.
تارىخنىڭ ئەڭ ئاچچىق يەنە بىر قىسمىتى 1945-1949-يىللىرى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى مەركىزىي ئاسىيادىكى كۈچلۈك تۈركىي -ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى-شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەنە بىر قېتىملىق دۇنياۋى مۇناسىۋەتلەر كۈن تەرىپىگە دۇچ كەلدى. پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان ھەم مۇسۇلمان ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئىستىگەن خەلقلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرىنىڭ ھايات قىسمىتى بۇ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ رەھبىرىدىن ئاددىي پۇقرا سۈپىتىدە ياقۇپبەگنىڭ يۇرتى پىسكەنتكە يېقىن تاشكەنت شەھىرىدە تىنچ 91 ياش ئۆمۈر سۈرۈش بىلەن خۇلاسىلاندى.
ئەلۋەتتە، 1945-يىلى، 5-ئايدا گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يوقىتىلىشى، 9-ئايدا ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن دۇنيا پۈتۈنلەي يېڭى مۇناسىۋەتلەر كۈن تەرتىپىگە كىردى. ئەگەر ستالىن ھۆكۈمىتى ياپونىيە تەسلىم بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ياۋرپوپادا، جۈملىدىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئوز سىياسىتىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللاش سىياسىتى ئۆزگەرمىگەن بولار ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى بىر خىتاي تارىخچىسى، “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلاشقان قىسىملىرى ئۈرۈمچى بوسۇغىسىغا يېقىن كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى توختاۋسىز ھەربىي غەلىبە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلانىڭ سىياسىي جەھەتتە غەلىبە قىلالمايدىغانلىقى كۆرۈنگەن ئىدى. چۈنكى، ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن موسكۋا ئوز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋالغانىدى” دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى. ئومۇمىي تارىخىمىزغا قارىغىنىمىزدا خەلقىمىز بارلىق كۈرەشلەردە دۈشمەندىن ھەربىي جەھەتتىن يېڭىلمىگەن ئىدى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ھەر قاچان ئوز دۈشمەنلىرىنى يېڭەلىدى، مەيلى، 19-ئەسىردىكى مانجۇلارغا قارشى كۈرەشلەر بولسۇن، ۋە ياكى 1930-يىللاردىكى كۈرەشلەر بولسۇن، ياكى 1944-1945-يىللىرى بولسۇن ئۇيغۇر ۋە قېرىنداش خەلقلەرگە قارشى مەيداندىكى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ھەربىي جەھەتتە تارمار بولۇش بىلەن چەكلەندى، 1944-يىلى، 9-ئايدىن 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پارتىزانلار ۋە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە خىتاي گومىنداڭنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 5 دېۋىزىيەگە يېقىن، يەنى شىمالدىكى 30 مىڭغا يېقىن قوشۇنىنى تارمار قىلدى، بىر جىڭ ۋە شىخۇ، تارباغاتاي لىنىيەسىدىكى جەڭلەردىلا ئۈچ دېۋىزىيە خىتاي قوشۇنى تارمار بولدى.

ئەينى ۋاقىتتىكى 80 -90 مىڭ دېيىلگەن خىتاي ئارمىيەسى مەيلى شىمال، مەيلى جەنۇب بولسۇن، ھەممىسىدە تارمار بولۇش ۋە مەغلۇپ بولۇش ھالىتىدە ئىدى. ئەپسۇسكى، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىپ، دۇنيانىڭ يېڭى سىياسىي تەرتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، شىددەتلىك دېڭىز دولقۇنى كەبى ئىلگىرىلەۋاتقان مىللىي ئارمىيەنى كىچىككىنە ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويدى خالاس، چۈنكى، ستالىن ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئارمىيەنىڭ بارلىق قوماندانلىق ھوقۇقىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، موسكۋا، 1945-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنى مەخپىي قارار قوبۇل قىلىپ، 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 جەڭچىنى ياردەمگە ئەۋەتتى ۋە مىللىي ئارمىيەنى ھەر خىل ئېغىر ۋە يېنىك قوراللار ھەم ئوق-دورىلار بىلەن تەمىنلىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ياردەملەرگە ئېرىشكەنىدى. ئەپسۇسكى، ستالىن سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تىنچلىق سۆھبىتىگە قىستاش بىلەن مىللىي ئارمىيەگە بەرگەن بارلىق ياردەم قوراللىرى ۋە ئوق-دورىلىرىنى يىغىپ ياندۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ، مىللىي ئارمىيەنى ئوق-دورا، ۋە قورال-ياراق جەھەتتىن ئاجىزلىتىش ئارقىلىق ئوز مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانىدى. بۇنىڭ سىرى شۇكى مەغلۇپ بولۇۋاتقان جاڭ كەيشى مەخپىي تۈردە موسكۋا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ شەرتلىرىگە كۆنگەن ئىدى. دېمەك، قەھرىمان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى، ھەتتا ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر، ئۆزلىرىنىڭ موسكۋانىڭ مانا شۇ مەخپىي ئۆزگىرىشى ۋە سىياسىي ئويۇنىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى دەسلەپتە بىلمەي قالغانىدى. لېكىن، ئۇلار قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپلىرى، بېسىملىرىغا قارشى چىقىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ساناقلىقلا مارشاللارنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشالى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە دۆلەتنىڭ رەئىس جۇمھۇرىدىن ئىبارەت بارلىق ھەربىي-سىياسىي ھوقۇقلارنى ئۆز قولىدا تۇتقان ئەلىخان تۆرە قەھرىمان مىللىي ئارمىيەگە بۇيرۇق بېرىپ، ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ھۇجۇمغا ئۆتكۈزۈشكە ۋە خەلقنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا سەپەرۋەرلىك قىلىشقا ئاجىزلىق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ شۇنى بىلەتتىكى، ئەگەردە موسكۋانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ ۋە ياكى ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، خىتايغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتسە، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئىككى سەپتە، يەنى، بىر تەرەپتىن موسكۋا قوشۇنى بىلەن ئارقا تەرەپتىن، يەنە بىرى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئالدى تەرەپتىن تەڭ جەڭ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، ئۇ بەرىبىر 2-دومنىڭ گېنېراللىرى تەرىپىدىن 1946-يىلى، 16-ئىيۇن كۈنى غۇلجىدىن قورغاسقا، ئارقىدىن قورغاستىن ئالمۇتاغا ۋە تاشكەنتكە ئاپىرىلىپ، ھاياتىنىڭ كېيىنكى 30 يىلىنى ئۆتكۈزۈش قىسمىتىدىن خالى بولالمىدى. 3 يىل ئۆتۈپ، يەنى 1949-يىلىنىڭ ئاۋغۇست-سېنتەبىر ئېيىدا بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىدىن چىققان رەھبىرى ئەخمەتجاننىڭ 35 ياشلىق ھاياتى يەنە شۇ قورغاس-ئالمۇتا يولىدىن ئۆتۈپ، سوۋېت تۇپرىقىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ۋە ئىنسانىيەت تېخى ھازىرغىچە ھەقىقىي بىلەلمەي كېلىۋاتقان ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتى ھەم ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنلا بۇ تۇپراق زو زوڭتاڭنىڭ يۇرتدېشى ۋاڭ جېننىڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.

تارىختىكى، بىرىتانىيەدىن شەرقىي تۈركىستاننى قىزغانغان چار پادىشاھ ئالېكساندىر 2 – زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرىنىڭ بۇ تۇپراقنى قانداق ئىشغال قىلغانلىقىغا قاراپ تۇرغان ھەتتا ئاچ قالغان خىتاي قوشۇنلىرىنى رۇس سودىگەرلىرىنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلىشىگە يول قويغان بولسا، كېيىنكى «قىزىل چار پادىشاھ» ستالىن ماۋ زېدوڭنى ئۇيغۇرلار يەرلىرىنىنى ئىشغال قىلىشقا ئالدىرىتىپ، زو زوڭتاڭنىڭ يۇرتدېشى ۋاڭ جېن قوشۇنلىرىنى ئايروپىلان، يېقىلغۇلار بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ۋاڭ جېننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى جاكارلىنىپ، رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غەلىبە تەنتەنىسى قىلغان «ئۇ قا قى كۇلۇبى» نىڭ رەئىس سەھنىسىدە مىيىقىدا كۈلۈپ سەيپىدىن ئەزىز، بۇرھان شەھىدىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا ئېلىپ كەلگەنىدى. ئەنە شۇ ئەخمەتجاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنلا قەھرىمان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئوفىتسېلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ باشقا قىسمەت يولىنى تاللىغان پولكوۋنىك، كاپىتانلىرىنى ئاتىدىغان، تۈنۈگۈن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى ياكى ئەمەلدارلىرى ۋە ياكى ئارمىيە كوماندىرلىرى بولغانلارنىڭ بىر ئۆزگىرىپلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىرلىرى ۋە ئەسكەرلىرى بولىدىغان قىسمەتلەر يۈز بەرگەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرى بولغان، ھەر دائىم قۇرئانى كەرىمنى مۇقەددەس بىلىدىغانلىقىنى جار سالىدىغان نەچچە ئونلىغان مۇسۇلمان دۆلىتى ئۆز مەنپەئەتلىرى ۋە سودا-ئىقتىسادىي باياشاتلىرى ھەم پايدىلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى، مۇقەددەس دىنىنىڭ خورلىرىنىشى، مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ خورلىنىشى، ئەقەللىي ئىنسانىي قىممىتىنىڭ خورلىنىشىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەت ئالدىدا ئىسلامغىلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق بىر دىنغا قارشى، ماركىسىزىم-لېنىنىزم، ماۋ زېدوڭ كوممۇنىستىك ئىدىيەسىنى ۋە شى جىنپىڭ جۇڭخۇئا مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويدىغان خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى بىلەن بىر ئېتىكاپتا ئولتۇردى. ياقۇپ بەگدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يېرىم ئەسىرلىك مۇسۇلمان دۇنياسىغا تەلپۈنۈش سەزگۈلىرى ئەڭ چوڭقۇر ئازابقا ۋە زەربىگە ئۇچرىدى.
دېمەك، تارىخنىڭ ۋە بۈگۈننىڭ تاللىشى ئەنە شۇنداق بولدى. ئۇيغۇر قىسمىتى ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك، رەھىمسىز، ئاچچىق ۋە سوغۇق كۈلكىلىك سىياسىي ئويۇنلار ۋە مەنپەت توقۇنۇشلىرى بىلەن تولدى!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش