سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇر تراگېدىيەسى ماناس دەرياسى بويىدىن باشلانغانىدى

ئۇيغۇر تراگېدىيەسى ماناس دەرياسى بويىدىن باشلانغانىدى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى جىڭ ۋە شىخولارنى ئازاد قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى قوغلاپ ماناس دەرياسىنىڭ شەرقىگە ھەيدەپ چىقاردى ۋە مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى 13-سېنتەبىر كۈنى ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كېلىپ داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىشقا تەييارلاندى. مانا بۇ خەۋەر ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ھەربىي-مەمۇرىي دائىرىلىرى ۋە خىتاي ئاھالىسىنى زور قورقۇنچقا سالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جاڭ كەيشى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن جاڭ جىجوڭ ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى جاڭ كەيشىگە مەلۇم قىلدى. 8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭ 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى جاڭ جىجوڭغا مەلۇم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئىككى كۈنلۈك يول بولغان ماناس دەرياسىنىڭ غەربىگە يېتىپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەر قاچان ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئاران 6 باتاليون بولۇپ، 46-دىۋىزىيەنىڭ بىر قىسمى ۋە 5-كورپۇسنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 8-10 كۈن كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋالنى جاڭ ججوڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە خاتىرىلىگەن.

شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ ئۆز كىتابىدا خاتىرىلىشىچە، 1945-يىلى 9-ئايدا شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 8-9 كىلومېتىر نېرى جايلارغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىسى تۇشمۇتۇشتىن قېچىشقا باشلىغان بولۇپ، باھالار تېزدىن يۇقىرىلاپ كەتكەن. ھەتتا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى كۆچۈرۈش پىلانىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى ئادەملەر قورقۇنچقا چۆمگەن.

ئەينى ۋاقىتتىكى شىخو ئالدىنقى سېپىدىكى گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرىدىن دوڭ شىنىڭ خاتىرىلىشىچە، ئەگەر مىللىي ئارمىيە داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسا ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرەلەيتتى. ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان مۇنىر يېرزىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلسا، مەلۇم قان تۆكۈلۈشلەر ئارقىلىق ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان بولۇپ، خىتايلار سېپىل ئىچىگە كىرىپ بېكىنىپ ياشايتتى، خىتاي ئاھالىسى ناھايىتى قورۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئارىسىدا ھەر خىل ئەندىشىلەر كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەھەر سىرتىغا مۇداپىئە ئاكوپلىرىنى قۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاكوپ كولاشقا سالدى. شەھەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقەر ئىلى ئارمىيەسىنىڭ تېز ئارىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ئازاد قىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە ۋە ھاياجانلانماقتا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئەگەر مىللىي ئارمىيە شەھەرگە ھۇجۇم باشلىسا، بارلىق خەلقنىڭ ئۇلارنى قوللىشى ھەم ياردەم بېرىشى، خەلق تەڭ قوزغىلىشى تەبىئىي ئىدى. ئەپسۇسكى، شۇنداق جىددىي ۋە ياخشى ۋەزىيەت بىردىنلا تىنجىپ قالدى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى كېيىنرەك كىشىلەرگە مەلۇم بولدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ ماناس دەرياسىدىن ئۆتمەي توختاپ قالغانلىقى كىشىلەرگە ئاشكارا بولدى.
بۇ يىل 92 ياشلىق مۇنىر يېرزىن 1946-1947-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە، 1947-1949-يىللىرى غۇلجادىكى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلىگەن. 1955-يىلىدىن ھازىرغىچە ئالمۇتا شەھىرىدە ياشىماقتا.

1945-يىلىنىڭ 9-ئايلىرى خىتاي ئارمىيەسى شىمالدا ئومۇمىيۈزلۈك تارمار بولۇپ، جەنۇبتىكى قوشۇنلار پامىر تاغلىق رايونلىرىنى ئىگىلەپ، يېڭىسار، قەشقەر ۋە يەكەن يۆنىلىشىگە شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، ئاقسۇغا چۈشكەن كىچىككىنە قوشۇن باينى ۋە ئاقسۇ كوناشەھەرنى ئازاد قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنى قورشىغان، پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى شەرقىي تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن، قاراشەھەر ھەم توقسۇن ناھىيەلىرى تەۋەسىگىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئىچكىرىلەپ كىرگەن، شەرقتە ئالتاي ئازاد بولۇپ، قۇمۇل تاغلىرىغا ئىنقىلاب ئوتى تۇتىشىۋاتقان بىر ياخشى ۋەزىيەت ئىدى.

دېمەك، مانا شۇنداق ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئارمىيەسى ۋە ھاكىمىيىتى گۇمران بولۇشقا يۈزلىنىپ،مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىشتىن توختىتىپ قويۇلۇشىدىن ئىبارەت، ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ پاجىئەلىك بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان مەزكۇر قىسمەت ئەنە شۇ تارىخنىڭ ئەڭ ئاچچىق قىسمىدۇر. مەزكۇر تارىخنىڭ ئەڭ ئاچچىق يېرى شۇكى، ئەگەر ستالىن ھۆكۈمىتى ياپونىيە تەسلىم بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئوز سىياسىتىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللاش سىياسىتى ئۆزگەرمىگەن بولار ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى بىر خىتاي تارىخچىسى، «شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلاشقان قىسىملىرى ئۇرۇمچى بوسۇغىسىغا يېقىن كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى توختاۋسىز ھەربىي غەلىبە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلانىڭ سىياسىي جەھەتتە غەلىبە قىلالمايدىغانلىقى كۆرۈنگەن ئىدى. چۈنكى، ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن موسكۋا ئوز سىياسىتىنى ئوزگەرتىۋالغانىدى» دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى. ئومۇمىي تارىخىمىزغا قارىغىنىمىزدا خەلقىمىز بارلىق كۈرەشلەردە دۈشمەندىن ھەربىي جەھەتتىن يېڭىلمىگەن ئىدى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ھەر قاچان ئوز دۈشمەنلىرىنى يېڭەلىدى، مەيلى، 19-ئەسىردىكى مانجۇلارغا قارشى كۈرەشلەر بولسۇن، ۋە ياكى 1930-يىللاردىكى كۈرەشلەر بولسۇن، ياكى 1944-1945-يىللىرى بولسۇن ئۇيغۇر ۋە قېرىنداش خەلقلەرگە قارشى مەيداندىكى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ھەربىي جەھەتتە تارمار بولۇش بىلەن چەكلەندى، 1944-يىلى، 9-ئايدىن 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پارتىزانلار ۋە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە خىتاي گومىنداڭنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 5 دېۋىزىيەگە يېقىن، يەنى شىمالدىكى 30 مىڭغا يېقىن قوشۇنىنى تارمار قىلدى، بىر جىڭ ۋە شىخۇ، تارباغاتاي لىنىيەسىدىكى جەڭلەردىلا ئۇچ دېۋىزىيە خىتاي قوشۇنى تارمار بولدى. ئەينى ۋاقىتتىكى 80 -90 مىڭ دېيىلگەن خىتاي ئارمىيەسى مەيلى شىمال، مەيلى جەنۇب بولسۇن، ھەممىسىدە تارمار بولۇش ۋە مەغلۇپ بولۇش ھالىتىدە ئىدى. ئەپسۇسكى، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىپ، دۇنيانىڭ يېڭى سىياسىي تەرتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ، شىددەتلىك دېڭىز دولقۇنى كەبى ئىلگىرىلەۋاتقان مىللىي ئارمىيەنى كىچىككىنە ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويدى خالاس، چۈنكى، ستالىن ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئارمىيەنىڭ بارلىق قوماندانلىق ھوقۇقىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، موسكۋا، 1945-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنى مەخپىي قارار قوبۇل قىلىپ، 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 جەڭچىنى ياردەمگە ئەۋەتتى ۋە مىللىي ئارمىيەنى ھەر خىل ئېغىر ۋە يېنىك قوراللار ھەم ئوق-دورىلار بىلەن تەمىنلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ياردەملەرگە ئېرىشكەنىدى. ئەپسۇسكى،ستالىن سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تىنچلىق سۆھبىتىگە قىستاش بىلەن مىللىي ئارمىيەگە بەرگەن بارلىق ياردەم قوراللىرى ۋە ئوق-دورىلىرىنى يىغىپ ياندۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ، مىللىي ئارمىيەنى ئوق-دورا، ۋە قورال-ياراق جەھەتتىن ئاجىزلىتىش ئارقىلىق ئوز مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانىدى. بۇنىڭ سىرى شۇكى مەغلۇپ بولۇۋاتقان جاڭ كەيشى مەخپىي تۈردە موسكۋا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن شەرتلىرىگە كۆنگەن ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدى. دېمەك، قەھرىمان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى، ھەتتا ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر، ئۆزلىرىنىڭ موسكۋانىڭ مانا شۇ مەخپىي ئۆزگىرىشى ۋە سىياسىي ئويۇنىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى دەسلەپتە بىلمەي قالغانىدى. لېكىن، ئۇلار قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپلىرى، بېسىملىرىغا قارشى چىقىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايتتى. چۈنكى، موسكۋا تېخى ئاخىرقى تاللاشنى بەرمىگەنىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەردە موسكۋانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، خىتايغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتسە، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئىككى سەپتە ، يەنى، بىر تەرەپتىن موسكۋا قوشۇنى بىلەن ئارقا تەرەپتىن، يەنە بىرى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئالدى تەرەپتىن تەڭ جەڭ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. دېمەك، تارىخنىڭ تاللىشى ئەنە شۇنداق بولدى. ئۇيغۇر قىسمىتى ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك ۋە رەھىمسىز سىياسىي ئويۇنغا دۇچ كەلگەنىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش