• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » ئابلىز ھوشۇر – چىڭگىزخان داموللام كىم؟

ئابلىز ھوشۇر – چىڭگىزخان داموللام كىم؟

ئاپتورى: ئابلىمىت مەخسۇم

ئىنىم ئابلىز (ئابدۇل ئېزىز) 1912-يىلى 1-ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزا موللا ھوشۇر داموللا ھاجى دېگەن دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952-يىلى 40 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۈلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەپچە، ئىنگىلىزچە، پارىسچە، تۈرك تىلى قاتارلىق 7 تىلنى بىلەتتى ھەم تەرجىماللىق قىلاتتى.

ئۇ تۇغۇلۇپ 16 ياشقىچە (1928-يىلغىچە) ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان ۋە ئۆز ئاتىمىز موللا ھوشۇر ھاجىدا ئوقۇغان. 1928-يىلدىن 1931-يىلغىچە كۇچا ناھىيىسىدە موسايىپ داموللىدا ئوقۇغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ”ئەندىرىپ“ دېگەن نام بېرىلگەن. بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، مەنىسى “بۇلبۇل“ دېگەن بولىدۇ. 1932-يىلدىن 1934-يىلغىچە 3 يىل قەشقەر دىنىي خانلىق مەدىرىستە ئوقۇپ داموللا دېگەن ئۈنۋاننى ئالغاندىن كىيىن ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن 1936-يىلغىچە ھىندىستانغا بېرىپ ئىككى يىل دىنى دەرس ئوقۇغان. 1937-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە 6 يىل ئەرەبىستاندىكى مەككىدە ئوقۇغان. ھەم شۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولغان.  1942-يىلىدىن 1946-يىلغىچە مىسىردا 4 يىل ئوقۇغان ھەم جامىل ئەزھەر ئۈنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەل 35 ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دېگەن ئاتاقلىق مەكتىپىدە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى، پادىشاھلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتە ئابدۇلئەزىزنىڭ بەرگەن جاۋابى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنى ماختاپ“ بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ «چىڭگىزخان» بولسۇن، چۈنكى بۇرۇندا خىتايدا چىڭگىزخان دېگەن كىشى ئۆتكەن. بۇ قېتىم سەن خىتايدىن 2-قېتىم چىقتىڭ“ دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇلئەزىز دېگەن ئىسىم ”چىڭگىزخان“ دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

”چىڭگىزخان“ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى “ئاتاقلىق“، “مەشھۇر“، “ناھايىتى كۈچلۈك“، “تەڭداشسىز“ دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مىسىردىن ئەرەبىستانغا بېرىپ مامۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنىيەگە بارغان. شۇ مەزگىللەردە خىتاينىڭ ياپۇنغا قارىشى ئۇرىشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ئىنىم ئابدۇلئەزىزنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشچە “ياپۇننىڭ بىر باشلىقى ھازىر خىتاي-ياپۇن ئۇرۇشى بولىۋاتىدۇ. بىز خىتاينى چوقۇم بويسۇندۇرىمىز، سىلەر ئۇيغۇر ئىلىدىكى موھىم ئادەملەر، سىلەر بېيجىڭغا بېرىڭلار بىز غەلبە قىلغاندا چىڭگىزخان سەن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مەمۇرى باشلىقى، مامۇت سىجاڭنى سەن ھەربىي باشلىق بولىسەن“ دېگەن. بۇ ئىككىسى ياپۇنىيەدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە كومىنىستلارنى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى، زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ئۇيغۇر ئىلىگە بارماي ئاخىرى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. بۇ چاغدا مامۇت سىجاڭ ۋاپات بولغان، نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ  يەرلىككە قويغان.

چىڭگىزخان ئاخىرى خىتاينىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا بىر مەزگىل ئىشلەپ 1947-يىلى 1-ئايدا مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. 15 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىسارغا كېلىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندىن كىيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجۇڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى ماشىنا ئەۋەتىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارىتىدە كوجاڭ، قوشۇمچە سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن (ئەيسا بەگ رەئىس ئىدى). مۇشۇ ۋاقىت بېتىم بۇزۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى راۋاجلانغان مەزگىل بولۇپ توقسۇن، تۇرپان، پىچان ناھىيىلىرىنىڭ ھاكىملىرى ھاكىملىقنى تاشلاپ غۇلجا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. بۇ ئۇرۇنلارنىڭ جەمىئىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپلىشىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۈچ ناھىيىگە جەمىئىيەت تەرتىپىنى تىنجىتىپ باشقىدىن ھاكىم سايلاش ئۈچۈن ئىنىم چىڭگىزخاننى باشلىق، لى….نى مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ 25 دەك كىشىنى 1947-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى توقسۇن، تۇرپان، پىچان ناھىيىلىرىگە ئەۋەتىپ توقسۇن ناھىيىسىگە ھامۇت داموللىنى ھاكىم، تۇرپانغا ئابدۇراخمان موھىتىنىڭ ئورنىغا ئابلىمىت دېگەن چوڭ ئاخۇننى ھاكىم، پىچان ناھىيىسىگە لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر غوجىنى ھاكىملىققا بەلگىلەپ، تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ ۋەزىپىنى تاماملاپ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان. بۇ خىزمەتكە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بارغان.

ئىنىم ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان بۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. 1948-يىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە جاڭجېشىنى رەئىس سايلايدىغان ۋەكىل نامزاتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە چىڭگىزخاننى بۈگۈردىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتتى. شۇ يىلى 4-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ 9-ئايدا قايتىپ كەلدى. جىياڭ جېشىنى رەئىس سايلايدىغان قۇرۇلتايغا بېرىپ قاتناشتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر بىر ناھىيە، ۋىلايەت ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن باردى ھەم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دىنى نازارەتكە باشلىق بولۇپ ھەر بىر ناھىيىنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرىنى بېكىتىش ۋە تەستىقلاش ئىشلىرىنى بېجىردى.

1949-يىلى 7-ئايدا تۇغقان يوقلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىساردىكى ئائىلىمىزگە كەلدى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا، باش كاتىپ ئەيسا بەگ، قۇربان قوداي، ھاجى ياقۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا  يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن  كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا (چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى. ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى. ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ، 400 سەر ياڭچەن، 17 سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى. چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىنىم ئۆتەلمەي (كىچىكىپ قېلىپ) يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى. قەشقەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ  قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى قەشقەر ۋە ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ 1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ، بىر يېرىم يىلدىن كىيىن 1952-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ﺋﯘﻧﻰ «ﺧﻪﻟﻖ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ» ﺩﻩﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ داموللام ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ھاﻳﺎﺗﯩﺪﺍ “ﺳﻪﺭ ﭘﯘﻝ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ”، “ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﻪﺭﻓﻰ”، “ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ”، “ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻫﯘﺩﯗﺗﻠﯩﺮﻯ” ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

مەنبە: بايىنغۇلىن تارىخى ماتىرىياللىرى 4-توپلامدىن ئېلىندى. (1990-يىلى 1-ئاي نەشىرى)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top