سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » 36 ھىيلە ۋە ئ‍ۇيغۇرلار (1)

36 ھىيلە ۋە ئ‍ۇيغۇرلار (1)

ئاپتورى: خالمۇرات ئۇيغۇر ئەلسۆي

دۈشمەننى بىلمەي تۇرۇپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمايمىز. كىچىكىمدىن ياخشى كۆرۈدىغان خىتايچە كىتابلارنىڭ بىرى لېيچىڭيىنىڭ ھازىرقى زامان خىتاي تىلىغا ئۆرىگەن «36 ھىيلە» ناملىق كىتابى ئىدى. بۇ كىتابنى خىتايلار جەنۇپ شىمال بەگلىكلىرى دەۋرىدىن باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە دەۋا قىلسىمۇ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىتاب ھالىتىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدىكەن. مەقسىتىم بۇ كىتابنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئەمەس، ئالتە تۈرلۈك، جەمئىي 36 خىل ھىلە تونۇشتۇرۇلغان بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئاددىي تىلدا تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە ۋە كۈرىشىمىزدە ئۆزىمىزنى قوغداش، خىتاينىڭ ھىلىلىرىنى چۈشۈنۈشنى مەقسەت قىلىپ، كىتابنىڭ تارىخى دېگەندەك مەزمۇنلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىمەن. مەن بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان، تېمىدا يېزىلغانلار پەقەتلا شەخسىي قاراشلىرىم ۋە بەزى يەرلەردە مىسال ئالغانلىرىم پەقەتلا گۇمانلىرىم، شۇڭا ئىلمىي ماقالە قاتارىدە مۇئامىلە قىلماسلىقىڭىزنى، تولۇقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار ھەققىدە پىكىرلىرىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سورايمەن.

1. تۈرلۈك ھىيلىلەر: غەلبە ھىيلىلىرى

بۇ ھىيلىلەر دۈشمەنگە قارشى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەھۋالدا قوللىنىلىدۇ. ھازىرقى خىتاي دۆلىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى مۇشۇ بىر تۈرلۈك ھىلىلەرنى ئاساس قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ئۆزىنىڭ جەزىملەشتۈرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى كۈچلۈك ۋە غەلبە مۇقەررەر بولغان ئەھۋالدا، تىركىشىش جەريانىدىكى چىقىم ۋە زىياننى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۇتلەق غەلبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىدىنمۇ دېرەك بېرىشى مۇمكىن.

بىرىنچى ھىيلە: تەڭرىنى ئالداپ دېڭىزدىن ئۆتۈش

سۆز مەنىسى ھەممە ئىش ئېنىق ئايدىڭ بولغان شارائىتتا، تەڭرىگىمۇ تۇيدۇرماستىن دېڭىزدىن ئۆتۈش دېگەنلىك بولۇپ، تەڭرىنىمۇ ئالداشقا پېتىنىدىغان ماھىيىتى بىلەن، ھەرقانداق ئالدامچىلىق ياكى شەرمەندىلىك ۋاستىسىنى تاللاشتىن باش تارتمىغان ھالدا مەقسىتىگە يېتىشتە ۋاستە تاللىماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق ۋە كۆز بۇيامچىلىق ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە نىشانىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ، ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن، بىلدۈرمەستىن ياكى يالغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئالداپ تۇرۇپ، پىلانىنى ئىجرا قىلىپ، مەقسىتىگە يېتىشنى كۆرسۈتىدۇ.
بۇ ھىلىسىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ دەسلەپتە خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى تەركىبىگە قېتىلىشى، كېيىن ھېچكىمگە چاندۇرمىغان ھالدا تارقىتىۋېتىلىشى. ئانا تىل مائارىپىنى ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئوقۇتۇش مېتودى ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش» كە ئېرىشتۈرۈش، دېگەندەك يالغان سۆزلەر ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ئويغۇنىشى توسۇپ، مىللىي مەنپەئەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى پۈتۈنلەي يۇقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئىككىنچى ھىيلە: ئەمەتكە بولۇشۇپ سەمەتنى قۇتقۇزۇش

خىتايچىدا «ۋېينى قورشاپ، جاۋنى قۇتقۇزۇش ھىلىسى» دېيىلگەن بۇ ھىلىدە، دۈشمەننى پاراكەندە قىلىپ، ئۇنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، دۈشمەننىڭ كۈچىنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ دىققىتىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە بولۇشىدىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭ دىققىتىنى مۇھىم نۇقتىلىرىدىن ئازدۇرۇپ، كۈچىنى ۋە دىققىتىنى چېچىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەقسەت ئەمەتنى قۇتقۇزۇش بولمىسىمۇ، ئەمەتكە بۇلۇشۇپ، دۈشمەننىڭ دىققىتىنى ئەمەتكە بۇراپ، ئۇنىڭ سەمەتكە بولغان بېسىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئەمەت بىلەن ئېيتىشىش جەريانىدا ئاجىزلىغان دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇش دېگەنلىكتۇر.

خىتاي ئاتالمىش «تېرۇرلۇققا قارشى ئۇرۇش» قا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى تېرۇرچى كۆرسۈتۈپ، قارشىلىققا پېتىنغان ئۇيغۇرلارنى يۇقۇتۇپ كەلدى، بۇ ھىلىسىمۇ ئەمەتكە بولۇشۇپ، سەمەتنى قۇتقۇزۇش ھىلىسى بولۇپ، تېرۇرلۇققا قارشى ئۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى تازىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى راستىنلا «خىتاينىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمى» غا ئايلاندۇرۇپ قويۇش مەقسىتىگە يېتىشتە ئىشلەتكەن بىر ھىلىسى. ئ‍ۇنىڭدىن سىرت، ۋەتەننىڭ ئىچىدە ئاتالمىش «نامراتلىققا قارشى كۈرەش» دېگەندەك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، قارىماققا نامراتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزىۋاتقاندەك قىياپەتتە بولىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش، خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىش ئارقىلىق، ھەقىقىي مەقسىتى بولغان «ئۇيغۇرلارنى خىتاي نوپۇسى بىلەن تۇنجۇقتۇرۇش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى، دەل «ئەمەتكە بولۇشۇپ سەمەتنى قۇتقۇزۇش» ھىلىسىدۇر.

ئۈچىنچى ھىيلە: ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇنى جايلاش

سۆز مەنىسى، ئۆزىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، باشقىلار ئارقىلىق باپلاش ھىيلىسى بولۇپ، ئ‍ۆزىنى كۆرسەتمەي ۋە ئۆزى كۈچىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، باشقىلارنى كۈشكۈرتۈش، ياكى دۈشمەننىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرىنىڭ ھەركەتلىرىگە بىر كۆزىنى قىسىۋېلىش، ھەتتا يوشۇرۇن يول ئېچىپ بېرىشى، ياكى باشقا شەكىللەردە يوشۇرۇن ياردەمدە بولۇش ئارقىلىق دۈشمىنىنى جايلاش ئۇسۇلى بولۇپ، قولنى قان قىلماي تۇرۇپ ياۋنى باپلاش ھىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھىلىدە دۈشمەننىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولغان، ئۇنىڭ باشقا كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا قارشى ھەركەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ياندا تۇرىۋېلىپ، دۈشمەننى دوستلار ياكى دۈشمەننىڭ كۈشەندىلىرى ئارقىلىق جايلىغاندا ئىككى مەقسەت بولىدۇ، بىرىنچىدىن، دۈشمەن بىلەن يۈز تۇرانە ئېتىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. ياكى ئۇنداق تۇتۇشقاندا زىيان كېلىپ چىقىدۇ. ئىككىنچىدىن، دۈشمەنگە قارشىلىق قىلىۋاتقان شۇ ئاتالمىش دوستلار ياكى كۈشەندىلەر كېيىنچە ئۆزىگىمۇ دۈشمەن بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىسى تەرەپنىڭ تۇتۇشۇپ ئاجىزلىشىشى پايدىلىق.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان ئېقىملار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىشتا مۇشۇ ھىيلىنى قوللانغان مىساللار مەۋجۇت. بۇرۇنقى مىساللارنى ئالساق، ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، تېخى تارقىتىۋېتىلمىگەن مىللىي ئارمىيىنى ئالتايغا يۈرۈش قىلدۇرۇپ، ئوسمان باتۇر باشچىلىق ھەربىي كۈچلەرگە قارشى ئۇرۇشقا سالغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ھېسسىيات تۈگۈنى، ئىشەنمەسلىك ئۇرۇقىنى سالغانلىقى بىر مىسالى بولسا، كېيىن مىللىي ئارمىيىنى ھىندىستانغا قارشى ئۇرۇشقا ئىشلىتىشى، ئۇرۇشتىن كېيىن ئاجىزلىغان مىللىي ئارمىيىنى قۇرالسىزلاندۇرۇپ، ئەسكەر قىسقارتىش نامىدا تارقىتىۋېتىشىمۇ، خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخمىزدا بىزگە بۇ ھىلىسىنى ئىشلەتكەن تىپىك مىساللاردىن بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ يالغان دىندارلار ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ دىنغا بولغان قارىشىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يالغان زىيالىيلار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشى، ئۇيغۇرلاردا ئورتاق مىللىي مەنپەئەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئىشلەتكەن ھىلىسىدۇر.

تۆتىنچى ھىيلە: ئارام ئالغاچ چارچىغان دۈشمەننى ساقلاش

سۆز مەنىسى، تۇتۇشمىغان ۋاقىتتا ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، كۈچلىنىپ، چارچىغان ۋە ئاجىزلىغان دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇش دېگەنلىك. يەنى، دۈشمەننى يامان شارائىتلارغا ۋە ئەھۋاللارغا دۇچار قىلىش ئارقىلىق، دۈشمەننىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ ئۈستىدىن بۇراش ئارقىلىق، دۈشمەننىڭ كۈچىنى باشقا ئىشلارغا ئىسراپ قىلىپ، ئۇنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشقاندا تېخىمۇ ئاسان، تېخىمۇ ئاز تالاپەت ۋە زىيان بىلەن دۈشمەننى بىتچىت قىلىش ھىلىسىدۇر.

خىتاينىڭ بۇ ھىلىسىنى بىزگە ئىشلىتىشىنى مىللىي تىل يېزىقلىرىمىزنى ئىشغالىيەتتىن كېيىن ئىككى قېتىم ئالماشتۇرغانلىقىنى مىسال قىلساق ياخشى مىسال بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ئويغۇنىشى، ئومۇمىي مىللەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېىپ چىقىدىغان مىللەتچىلىك ۋە مىللىي مەنپەئەت قارىشىنىڭ كۈچىيىشى كېچىكتۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا قارشى ئېلىپ بارغان ھىيلىسى بولۇپ، زىيالىيلىرىمىزنىڭ مىللەتنى ئويغۇتۇش قەدىمىنى ئاستىلاتقان، مىللەتنى چارچاتقان. ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىگە قايتالمايدىغان قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، يېزىق، دىن ۋە مەدەنىيىتىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا شۇ نەرسىلەرنى قوغداپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى باردەك ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بولمايدىكەن مىللىي مەنپەئەتنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقى، مىللىي مەۋجۇتلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېلىمېنتلىرىنى قوغداپ قېلىشنىڭ خۇددىي ئوتتا كۆيىۋاتقان ئۆيدە تازىلىق قىلىش ئارقىلىق ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ، دېگەنگە ئىشەندۈرگەنلىككە ئوخشايدۇ. يەنى، كۈچنى قۇتۇلۇشقا ئەمەس، كۆيىۋاتقان ئۆينى تازىلاشقا ئىشلىتىشتەك لوگىكىغا ئىشەندۈرۈش، خىتاينىڭ «ئارام ئالغاچ چارچىغان دۈشمەننى ساقلاش» ھىلىسىنى بىزگە ئىشلەتكەنلىكىدۇر.

بەشىنچى ھىيلە: توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش

ئەسلىدە خىتاي تىلىدا «ئوت كەتكەندە بۇلاش» مەنىسىدىكى بۇ ھىلىنىڭ سۆز مەنىسى، دۈشمەن تالاپەتكە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ زىيىنىغا پايدا ئېلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. دۈشمەن قىيىن ئەھۋالغا قالغاندا، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە تەھدىت بولىدىغان تەرەپلىرىنى يۇقىتىش ياكى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان ھىلە بولۇپ، يەنە بىر جەھەتتىن، دۈشمەن ئەڭ ئاجىز ھالغا چۈشكەن ۋاقىتتا رەھىمدىللىك قىلماسلىق مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ھىيلىسىدىن، ئۇنىڭ پۇرسەت بولغاندا ئۆزىگە دۈشمەن بولغان، ياكى كەلگۈسىدە خىرىس بولىدىغان ھەرقانداق بىرىنى تەلتۆكۈس يۇقاتماي قانائەت قىلمايدىغانلىقىدەك ماھىيىتىنى كۆرىۋالساق، يەنە بىر جەھەتتىن، بىزدەك ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز لازىم.

خىتاي بۇ ھىيلىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز، بۇندىن ئىلگىرىكى مىساللارنى كەلتۈرۈشتىن كۆرە، ھازىرقى ۋاقتىمىزغا كۆز تاشلىساق، ئۇيغۇرلار سەۋەبسىز لاگېرلارغا بەنت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن جازالاش، ھەتتا يۇقۇتۇش نىشابى بولىۋاتقان پۇرسەتتە، خىتاي دۆلىتىنىڭ «مىلەتلەر ئارا نىكاھلىنىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىنى دەپسەندە قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرىشى، ئېچىرقىغان چىل بۆرىلەردەك يالماۋۇز نەسلىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىپپىتىنىڭ سىمۋولى بولغان قىز- ئاياللىرىغا ئېتىلىشى، دەپ مۇشۇ ھىلىسىنى ئىشلەتكەنلىكىدىن بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئالتىنچى ھىيلە: شەرىقتىن شەپە بېرىپ، غەرىپتىن ھۇجۇم قىلىش

بۇ ھىيلىنىڭ سۆز مەنىسى غەرىپتىن ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۈشمەنگە خۇددىي شەرىقتىن ھۇجۇم قىلىدىغاندەك شەپە بېرىپ، دۈشمەننىڭ دىققىتىنى ۋە ئېھتىياتىنى شەرىققە بۇراپ قويۇپ، غەرىپكە بولغان دىققىتىنى ۋە مۇداپىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن ھۇجۇم قىلىش ھىلىسىدۇر. يەنى ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى بىلەن، دۈشمەننىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىنى ئۇجۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، دۈشمەننىڭ كۈچى ۋە زېھمىنى باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق، ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاجىزلىق نۇقتىسىنى پەيدە قىلىش ئارقىلىق، دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ تۇرۇپ، ئەڭ ئاجىز يېرىگە ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش دېگەن مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ.

خىتاي بۇ ھىيلىسىنى ئۇيغۇرلارغا ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت مىساللار يادىمغا كەلمىدى، بىر ئاكىمىزدىن بۇ ھەقتە سورىغىنىمدا، جاللات زوزۇڭتاڭنىڭ روسلار بىلەن چىڭ ئېمپىرىيىسى ئارىسىدىكى كېلىشىم ئارقىلىق، غۇلجىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، روس ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ سەپەر خاتىرىسىگە ئاساسەن، غۇلجىدىن ئاقسۇغا مۇزداۋان ئارقىلىق تۇتىشىدىغان يول ئارقىلىق ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق كۈچى كورلىنى ساقلاپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ھۇجۇم قىلغانلىقىدەك بىر ئۇرۇش خاتىرلەنگەن ئەنگىلىيىلىك بىر تارىخشۇناسنىڭ كىتابىدا ئوقىغىنىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ، زوزۇڭتاڭنىڭ تۇرپان ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈپ، مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ ئاقسۇدىن ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ھەقتە، شۇ ۋاقىتتىكى تارىخ تەپسىلاتىنى بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ جەزىملەشتۈرۈپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.

«36 ھىيلە» ھەققىدىكى ئويلىرىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئالتە تۈرلۈك ھىلىلەرنىڭ ئىككىنچى توپى، دۈشمەنلىشىش ھىيلىلىرى بولۇپ، بۇ تۈرلۈك ھىلىلەر دۈشمەن بىلەن كۈچ سېلىشتۇرمىسى تەڭلەشكەن، ياكى تەڭلىشىپ قالىدىغان شارائىتتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق نىشان ۋە مەقستى دۈشمەننى پايدىسىز ۋە ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئارقىلىق غەلبە قىلىشتۇر.

بۇ ھەقتىدىكى تەپسىلاتلار ئىككىنچى قىسىمدا يېزىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش