سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر زىيالىيلارغا مۇراجىئەت

ئۇيغۇر زىيالىيلارغا مۇراجىئەت

سالام، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي قېرىنداشلار، سالامەتمۇ سىلەر؟

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نامىدىن ھەربىرىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە خاتىرىجەملىك ۋە خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، 2020-يىلى 26-مارت پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى، شۇنداقلا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن “ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى” قۇرۇلۇپ، ياردەم توپلاش سەپەرۋەرلىك مۇراجىئەتى ئېلان قىلىنغان قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن يىغىلغان ياردەم سوممىسى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىتىبارى بىلەن 679.661,05 تۈرك لىراسى بولغان. بۇ يىغىلغان ياردەم تۈركىيە، ئافغانىستان، پاكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقتا قالغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ.

ئىككى ھەپتە ئىچىدە شۇنچە كۆپ پۇل يىغىلىپتۇ، يېتىپ قالار دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن، بۇ پۇل تۈركىيە، ئافغانىستان، پاكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەردە تولىمۇ قېيىن شارائىتتا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 20-30 مىڭ ئەتراپىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ھەرگىز يەتمەيدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك، مۇھاجىرەتتە خېلى كۆپلىگەن ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇرلىرىمىز مەۋجۇت، زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار، تۇرمۇشى خاتىرىجەم، شۇنداقلا ئىقتىسادى قېيىنچىلىقى يوق دېيەرلىك. شۇڭا بۇ ھايات-ماماتلىق قېيىن شارائىتتا ئىقتىسادى كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى يۆلەپ ئازدۇر-كۆپتۇر ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئۇيغۇرلۇق بۇرچىمىز ھەم شۇنداقلا ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياردەم قىلىشنى خالايدىغان زىيالىي قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ياكى ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەكىلى مۇھەممەتئېلى ھاپىز ئەپەندى (00905352345806 نومۇرلۇق تېلىفۇن) بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئەمەلىي ياردەمدە بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شۇنداقلا، ياردەمگە ئېھىتىياجلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ياردەم تەلەپ جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەم شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ خالىغان بىرسىگە ئەۋەتىپ بېرىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى ياردەم تەلەپ جەدىۋېلى [Word]

ئاخىرىدا، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەزىز تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئوقۇش ھەم خىزمەتلىرىگە غەلبە ۋە تۇرمۇشلىرىغا خاتىرىجەملىك تىلەيمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى


ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى تور بېتى: www.viruskirizisiyardemmerkizi.net

قوشۇمچە-1: ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى يەتتە ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئالاقە تېلىفۇن نومۇرلىرى

1) ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد

0090 532 3937637

2) ئالىمجان بۇغدا

0090 533 7347338

3) نىزامىدىن تەمكىنى

0090 539 8566666

4) مۇھەممەتئېلى ھاپىز

0090 535 2345806

5) تىبەت يۈجەتۈرك

0090 5368724530

6) نىمەتۇللا قارىم

0090 5355996393

7) مىنەۋەر ئۆزئۇيغۇر

0090 5375797863


قوشۇمچە-2: ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىنىڭ 2020-يىلى 31-مارتتىكى ئۇقتۇرۇشى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئالاقە تېلىفۇن نومۇرلىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش