You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » كورونا ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە نەخ مەيدان تور لىكسىيەسى (ئاممىغا ئوچۇق)

كورونا ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە نەخ مەيدان تور لىكسىيەسى (ئاممىغا ئوچۇق)

كورونا ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە نەخ مەيدان تور لىكسىيەسىنىڭ خاتىرىسى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دوختۇر مەمەت ئېمىن ئەپەندى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى شەنبە نىيۇيورك ۋاقتى سائەت 10:00 دا (ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 17:00 دە) توردىن نەخ مەيداندىن «كورونا ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە» تور لىكسىيەسى بەردى.

لېكسىيە سوئال – جاۋاب شەكلىدە بولغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار تولىمۇ مۇھىم سۇئاللارنى سوراشتى. قىزىققان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ لىكسىيەنى تۆۋەندىكى سىنلىق ئۇلانمىدىن كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە لەنجۇدا ئىككى يىل تىببىي تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1985-يىلدىن 1991-يىلىغىچە گۇاڭجو جوڭشەن تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتىدا 6 يىل غەرب تىبابىتى ئوقۇغان. 1999-يىلى ئامىرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھرىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى تىببىي مەكتەپكە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن بولۇپ، 2004-يىلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتۇر ئاشتىلىقنى تاماملىغاندىن بېرى تا بۈگۈنكىچە، ئۇ مەكتەپ قارمىقىدىكى تىببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ نەپەس يولى كىسەللىكلەر بۆلۈمىدە تىببىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

دوختۇر مەمەت ئىمىن ئاساسلىقى، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، ئاشقازان كىسىلتاسى ۋە نەپەس يولى توسۇلۇپ قىلىپ ئوكسېگىن يىتىشمەسلىك قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە زەخمىسى ۋە ئۇنىڭ مىڭە ۋە يۈرەك قان-تومۇر كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشتا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى جەھەتتە تەتقىقات قىلىپ كەلمەكتە.

خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىدىن ئىبارەت بۇ ۋابا خەلقىمىزگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى بۇ ۋابا توغرسىدا ئىزچىل ئىزدىنىش ئىلىپ بىرىپ، بۇ ھەقتە خەلقىمىزنى يىڭى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top