سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىلار ناخشاسى

ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىلار ناخشاسى

(مەسنەۋى)

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

(ئۇيغۇر ستۇدىنتلار 6-نۆۋەتلىك ئادىلجان «غالىب لوڭقا» ۋاسكىتبول مۇسابىقەسىنى قۇتلۇقلاپ)

*

چىنىقايلى مەيداندا، كەل ئاغىنە چاپسان بول،

سال چاپاننى، يەڭنى تۈر، بىز ئوينايلى ۋاسكىتبول.

*

ۋاسكىتبول دەگەن ئوبدان، چوڭ توپلارنىڭ بىر تۈرى.

ئۇنى ئويناشنى بىلگەن ئوغۇل-قىزلارنىڭ گۈلى.

*

كوبى، جوردان دۇنياۋى ۋاسكىتبول ماھىرلارى.

قالىشمايدۇ ئادىلجان بىزدە يەنە شىرئەلىي.

*

ئۆملۈك، بىرلىك، دادىللىق ۋاسكىتبولنىڭ شوئارى،

بەسلەشىشتە ئادىللىق مۇسابىقە مىزانى.

*

گويا قولنىڭ بەش پەنجى مەيدان ئارا بەش ماھىر ،

بەش پەنج مەھكەم يۇمۇلسا، بولىدۇ زەپەر زاھىر.

*

ۋاسكىتبولنىڭ مەيدانى مەردانلارنى چىللايدۇ.

جاسارەتلىك، قەيسەرنى ماھىر قىلىپ تاۋلايدۇ.

*

شۇڭا دەيمىز توپ ئويناش ساقلىق ئۈچۈن داغدام يول.

ساغلام، جۇشقۇن بولۇشنىڭ كاپالەتى ۋاسكىتبول!

*

2016-يىل 23-ئاپرىل، شەنبە، كاشغارىيە

2020-يىل 20-ئاپرىل، كالىفورنىيە


ئىلاۋە: بۇ شېئىر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، تامامەن ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش