You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » جۈملە ئالەم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي مەتبۇئاتلارىدا «قازاقىستان نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار؟» دىگەن ماۋزۇلۇق ماقالەنىڭ ئىلان قىلىنىشى نىمە مەناغا كەلەدۇر؟

جۈملە ئالەم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي مەتبۇئاتلارىدا «قازاقىستان نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار؟» دىگەن ماۋزۇلۇق ماقالەنىڭ ئىلان قىلىنىشى نىمە مەناغا كەلەدۇر؟

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى

2000-يىلى 15-ئاپرىل كۈنى غەرب ئەللىرى مەتبۇئاتلارىدا مۇنداق بىر خەۋەر چىقتى: خىتاي مەتبۇئاتلارىدا «قازاقىستان نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا  قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار؟» دىگەن ماۋزۇلۇق ماقالەنىڭ ئىلان قىلىنىشىدىن كەيىن قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى 14-ئاپرىل كۈنى خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىشنىڭ ئەسلى مۇنداق بولغان ئىدى: 

2020-يىلى 8-ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ «سۇخۇ.كوم»[1] ناملىق تور بەتىدە » قازاقىستان نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلىشكە ئىنتىزار؟» دىگەن ماۋزۇلۇق ماقالە ئىلان قىلىنغان ئىدى.

بىر قانچە كۈندىن كەيىن ئۇ ماقالە توردىن ئالىنغان بولسىمۇ باشقا تورلارغا تارقالغان بولۇپ تېكىستنى تاپقىلى بولغان. مەنمۇ بۇ ماقالەنىىڭ ئەسلى تېكىستىنى ساقلاپ قويدۇم.

ماقالەدە 7-ئەسىردە يەتتە سۇ رايونىدىن خىتايغا كۆچۆپ بارغان ۋە تاڭ سۇلالەسىدىكى مەشىھۇر شائىر بولغان لىبەينى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ قەدىم تارىختىن بەرى خىتاي زەمىنى بولغانلىقى، ئەپىيون سوقاشلارىدا خىتاي ئاجىزلاپ قالغان پۇرسەتتە چارلىق روسىيە تەرىپىدىن ئشغال قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان خەلقىنىڭ بالدۇراق خىتاي قوينىغا قايتىپ كېلىشكە ئىنتىزار ئىكەنلىكى قاتارلىق سەپسەتەلەر ئورۇن ئالغان.[2]

ماقالەنىڭ ھەقىقي ماھىيەتىنى چۈشۈنۈپ يەتىش ئۈچۈن بۇ ماقالەنى بىرىنجى بولۇپ ئىلان قىلغان تور بەتنىڭ پەردە ئارقاسىغا بىر كۆز ئاتايلىك:

Sohu.com / 搜狐网 بولسا بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئەڭ موھىم مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان خەيدىيەن رايونىدا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا 300 مىتىر ئۇزاقلىقتاكى ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان چوڭ بىنادا بولۇپ، شاڭخەي ۋە چېڭدۇ قاتارلىق 25 چوڭ شەھەردە تارماقلارى بار ۋە 2007-يىلى ئامەرىكا پاي-چەك بازارىغا كىرگەن.

Sohu.com / 搜狐网 نىڭ ھازىر خىتايدا رەسمي تىزىملانغان 500 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار بولۇپ خۇسۇسىي كۆرۈنۈشكە ئورۇنىۋالغان بولسىمۇ ئەمىليەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ۋاسىتاسىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ھەر خىل سىياسىي تەشۋىقاتلارنى قىلىشتا ۋە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشتا بۇ تورنى ئىشلەتىپ كەلمەكتە.

بەزى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ شىئەن شەھرىدە تۇرۇشلۇق بىر شىركەتنىڭ 2019-يىلى 7-يانۋار كۈنىدىن بەرى پائالىيەتكە باشلىغان بىر تور بەتىدە «مەلۇم دۆلەت نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلىشكە ئنتىزار؟»،  «مەلۇم دۆلەت نىمە ئۈچۈن خىتايدىن ئايرىلغان» دىگەندەك ماۋزۇلاردا 30 دىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلغان ۋە كەينىدىن تاقالىپ كەتكەن.

بۇ شەكىلدە تىلغا ئالىنغان يەرلەر ئاراسىدا ۋېتنام، موڭغولىستان، قىرغىزىستان، ئوتتۇرا شەرقتەكى دۈرزى، ھىندىستانداكى مانىپۇر ۋە شىمالي بۇرماداكى كوكاڭ رايونىمۇ بار ئىكەن.[3]

بۇ خىل ماقالەلەر خىتاي ھۆكۈمەتىنىڭ تەلىماتى بولماستىن ئىلان قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنداق بولسا خىتاي نىمە ئىش قىلماقچى؟

ئەسلىدە بۇ ئىشلار خىتاينىڭ خېلى كونا كەسپىدۇر.

ئەمدى بىراز ئۆتمۈشكە نەزەر سالايلى: خىتاي مىللى مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى گەنىرال لىيۇ ياجو 2010-يىلىدا قەلەمگە ئالغان «غەربى رايون نەزەرىيەسى» دىگەن ماقالەسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە شىىنجاڭ  – ئوتتۇرا ئاسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بولسا تەڭرىنىڭ بىز خىتاي مىللىتىگە ئاتا قىلغان چوڭ بىر تورتىدۇر.» [4]

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى مىللىي مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 8-ۋە 9-نۆۋەتلىك مىنىستىرى، مەركەزى ھەربى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىخاۋتىيەن 2010-يىلى 15-ئۆكتەبىر كۈنى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دىگەن: «ياخشىلىق ئىزلەپ يامانلىق تاپماق، ھازىرقى سىياسەتىمىزنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر، بىز قاچان كى ياپونىيەنى پۈتۈنلەي يوق قىلالايدىغان، ئامېرىكانى مېيىپ قىلىپ تاشلىيالايدىغان كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىتىمىزدا ئاندىن تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەيۋەن مەسەلىسى 10 يىلمۇ ساقلاپ تۇرالمايدۇ. چوقۇم ئۇرۇش چىقىدۇ»[5]

بۇ يەردە ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ كى، خىتاينىڭ غايەسى تۈركىستاننى يۇتۇپ ئالىش ۋە دۇنياغا ھاكىم بولۇش، باشقاچە ئەيتقاندا «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

خىتاي بۇ نىشانىغا قاراپ ئاڭلىق ۋە پىلانلىق بىر شەكىلدە يولىغا داۋام قىلىۋاتقاندا ئالدىغا بەزى توسالغۇلار چىققان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلەرى بۇ جەھەتتە تىپىك ئۆرنەكلەردۇر.

بولۇپمۇ 2018-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى پەللىگە چىقارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلەرى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلەرى تەرىپىدىن دۇنياغا پاش قىلىندى ۋە لەنەتلەندى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسەلەسى تارىختە تۇنجى قېتىم دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئورۇنلاشتى. خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق نەپرىتىنڭ مەركەزىگە ئايلىنىپ قالدى.

بىر مۇنچە دۆلەتلەر خىتايغا قارشى سەپ ئايرىۋاتقان بىر پەيتتە تۇيۇقسىزدىنلا «خىتاي ۋىرۈسى» بالاسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا چۈشۈپ قالدى. تېخىمۇ قىزىق بولغىنى بۇ بالانىڭ ئەڭ ئاغىر يۈز بەرگەن دۆلەتلەر بولسا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلەرىدۇر. خىتايغا قوشنا ۋە ئەتراپىدەكى دۆلەتلەردەمۇ بۇ ۋىرۈس بالاسى تارقالدى ئەمما نوپۇس نىسبەتلەرىگە قارىغاندا تولىمۇ ئاز بولۇپ ئەجەپلەنىشكە تەگىشلىكتۇر.

تەيۋەندەكى بىر خەۋەر ئاگىنتىلىقىنىڭ 2020-يىلى1-فېۋرال كۈنىدەكى بىر پىروگراممىسىدا مۇنداق بىر ۋەقە ئەيتىلغان:

20 يىل بۇرۇن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى مىللىي مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، مەركەزى ھەربىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىخاۋتىيەن يۇقۇرى دەرەجەلىك ئەمەلدارلارغا مەخپى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دىگەن ئىكەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاياتتا قالىشى ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىلدە ھەل قىلىشى كەرەك بولغان 3 مەسەلە بار: بىرىنجىسى، ياشاش ئۈچۈن يېڭى توپراقلار. خىتاي نوپوسى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، موھىت كىرلىشىشمۇ ئاغىرلاشماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پەيدا بولغان ئىككىنجى مەسەلە بولسا كومپارتىيە خىتاي خەلقىنى تاشقىرىغا چىقىشقا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەلىم تەربىيە يۈرگۈزۈشى كەرەك. بۇ بولسا مۇستەملىكە يولى بىلەن ئىككىنجى بىر خىتاي بەرپا قىلىش ئۈچۈن ييڭى توپراقلارنى ئىشخال قىلىش دىگەن مەناغا كەلمەكتە. بۇلارنىڭ نەتىجەسىدە مەيدانغا چىققان ئۈچۈنجى مەسەلە بولسا ئامېرىكا مەسەلىسىدۇر. ئامېرىكا يېڭى بىر ھاياتلىق زېمىنى قولغا كەلتۈرىشىمىزگە يول قويامدۇ؟

ئامېرىكا بىزنى مەھكەم تۇتۈۋالغانسېرى تەيۋەن، ۋېتنام ۋە ھىندىستان، ھەتتا ياپۇنىيە توغرىسىدا قولغا چىققىدەك بىر ئىش قىلىشىمىزمۇ قىيىن. بىز ئامېرىكا بىلەن يادرو قۇرال ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنىمۇ بىرلىكتە ئۆلتۈرگىدەك ئەخمەق ئەمەسمىز.

پەقەتلا نۇرغۇن ئىنساننى ئۆلتۈرۈدىغان، ئەمما ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان قۇراللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئامېرىكانى ئۆزىمىزگە ئايرىپ قالالايمىز. ئەلبەتتە بىزمۇ جىم تۇرمىدۇق. بىر قانچە يىلدىن بەرى بۇ خىل قۇرالغا ئىگە بولۇش پۇرسەتىنى قولغا كەلتۈردۇق». [6]

بۇ سۆزلەر قىلىنغان ۋاقىتتا ۋۇخەندەكى ھەربىي قىشلاقتا بىئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركەزى قۇرۇلۇپ بولغان ئىكەن.

خۇلاسە قىلىپ ئەيتقاندا، خىتاينىڭ ئاخىرقى غايەسى تۈركىستاننى يۇتۇۋەلىپ جاھانغا خوجايىن بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ خىتاي شارائىتلار قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر غايەسىدىن ئاداشماي يولىغا داۋام قىلماقتا، ھەتتا لازىم كەلگەندە شارائىتنى ئۆزى پەيدا قىلىپ، ئۆزىگە پايدىلىق ۋەزىيەت ياراتماقتا.

نەتىجەدە خىتاي ھەم دۇنيانىڭ دىققەتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش، ھەم ئنتىقام ئالىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ۋىرۈسنى ئشلەپچىقىرىپ، ۋىرۇس بالاسىنى ئنسانىيەتنىڭ باشىغا تەرىدى، پۈتۈن دۇنيا ئۆزىنىڭ جانىنىڭ كويىغا چۈشكەندىن كېيىن ھەقىقىي قارا پىلانلارىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بىلەكلەرىنى تۈرۈپ ئىشقا باشلىدى.

ئىزاھاتلار:

[1] Sohu.com / 搜狐网

[2]   https://user.guancha.cn/main/content?id=287574 ?” 哈萨克斯坦为何渴望回归中国?”

[3] 中国外交战狼层出不穷 要取悦习近平? https://www.aboluowang.com/2020/0417/1438008.html

[4] Liu yazhou (刘亚洲) “Batı Bölge Teorisi西部论 “Yönetici Dergisi, resmi web sayfası,  05 Ağustos 2010, 领导者杂志官方网站 2010年八月五日  原文首刊于凤凰周刊). http://www.sinoturknews.org/bati-bolge-teorisi-cinin-buyuk-turkistan-politikasi/

[5] 迟浩田将军发表惊人讲话  https://www.wenkuxiazai.com/doc/c1dc134efe4733687e21aac0.html

[6] :https://www.epochtimes.com/gb/20/2/1/n11836773.htm 【名家专栏】中共计划摧毁美国反伤了自己


ئىلاۋە: بۇ يازما پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، تامامەن ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top