سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (2)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (2)

«خىتاي ۋەكىللەر جەم بولغاندا بومبا ۋەھىمىسىدىن گۈل تەشتەكلىرىمۇ تەكشۈرۈلدى»

درېيك ۋولدو

لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى ئاسىيا شۆبىسى، نەنجىڭ، (1946)-يىلى 16-نويابىر


تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

خىتاي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتىيى ھال، كۆك ۋە ئاق رەڭلىك تەشتەكلەرگە قاچىلانغان ۋە ھۈپپىدە ئېچىلغان ياسىمەن گۈللىرى ئىچىدە چاقىرىلدى. لېكىن ھەر بىر تەشتەك گۈل مىنا تەكشۈرگۈچ بىلەن بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، ئاندىن بۈگۈن ئېچىۋېتىلگەن يىغىن زالىغا كىرگۈزۈلۈشكە رۇخسەت قىلىنىۋاتاتتى. شۇنداقلا ھەر بىر ۋەكىل، كۆرۈرمەن ۋە مۇخبىرلارمۇ شۇ تەرىقىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى. نېمىلا بولمىسۇن، تېنچ ۋە قاتمال يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يىغىنغا خەلقچىللىق (دېموكراتىيە) نىڭ توپ ئوقى ئېتىلدى. بۇ توپ ئوقى چەت ياقا شىنجاڭ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن تولۇق مۇختارىيەت تەلىپى شەكلىدە ئېتىلغان ئىدى. بۇ ئۇچۇر 21 كىشىلىك شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن 18 ئۇيغۇر تۈرك ۋەكىلىنىڭ بىرىدىن كەلگەن ئىدى.

بىتىم ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىكەن

ئەسلىدە خىتاينىڭ سىياسىي سېستىمىسىدىكى بۇ ئىنقىلاب خارەكتېرلىك ئۆزگىرىش بۇ گىگانت مەركىزىي ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمان يەرلىكلەرگە ئالدىنقى يىلىنىڭ 6-ئىيۇنىدا دىخۇا (ئۈرۈمچى) شەھىرىدە گېنىرال جاڭ جىجۇڭ بىلەن ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىكەن. بۇ كېلىشىم خىتاي ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلۈشتىن بۇرۇنلا شىنجاڭغا خەلقچىل (دېموكراتىك) مۇختار ھاكىمىيەتنى ۋەدە قىلغان ئىكەن. شىنجاڭنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ياش رەھبىرى ۋە شىنجاڭنىڭ رەئىس ئورۇنباسارى ئەخمەتجان قاسىموۋ تەرىپىدىن سۇنۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتى جەريانىدا ئەخمەتجان ئەگەر خەلقچىل (دېموكراتىك) باراۋەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولسا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان خەلقى خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

“باراۋەر مۇئامىلە”

بىز مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە بارمىساقمۇ بولىدۇ” دېدى ئۇ، “خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسا شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. لېكىن، ئەگەر مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلسا، گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) چوقۇم بىزگە باشقا ئىنسانلار بىلەن تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك“.شىنجاڭدا ھازىر خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەخمەتجان “بۇ خىل تونۇقۇشلارنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا زور ساندا ئەسكەر يۆتكەش ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۈرگەن ناھايىتى ئېغىر ھەربىي مۇھاسىرىسىدىن كېلىپ چىققان“لىقىنى تەكىتلىدى.

سۇقۇنۇپ كىرگۈچىلەر ئەيىپلەندى

ئۇ يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) نىڭ نامراتلىق ئىچىدىكى ئۆلكىدە ئاسايىشلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە “گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) نىڭ خەلقىمىزنى بۆلۈش ۋە يەرلىكلەردە زىددىيەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن تەتۈر ئامىللارنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان» لىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى. ئەخمەتجان يەنە “لېكىن بىز غۇلجا ھۆكۈمىتى (غەربىي شىمالدىكى يەرلىك قوزغىلاڭچىلار رايونى) دە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە خەنلەر (يەرلىك خىتايلار) بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. يېقىندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدا سۈركۈلۈشلەر ۋە بەختكە قارشى ئۆلۈملەر مەيدانغا كەلدى. ئەمما بۇ يەرلىك خەلقنىڭ خەنلەرنى شىڭ شىسەينىڭ ۋەكىللىرى دەپ قارىغانلىقىدىن بولدى” دېدى. (شىڭ شىسەي ئۆلكىنى ئون يىلغا يېقىن ۋاقت شۇ قەدەر رەھىمسىزلەرچە باشقۇرغان پۇرسەتپەرەس بولۇپ، ئۇ 1944-يىلى خىتايغا كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ تەلىپى بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سوتلىنىشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى).

“شىڭ شىسەينى شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن سوتلاشقا كەلسەك، بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىز بىر كىشى ياكى بىر گۇرۇھنى سوتلاش بىلەن ھەل بولمايدۇ” دەپ تەكىتلىدى ئەخمەتجان. “ئۇنىڭغا قارىغاندا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋە ھەربىي باستۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن ئەسلىگە كېلىدۇ“.

سىياسىي مەھبۇس

ئەخمەتجان چىنى تۈركىستاندا تېنچلىق ۋە ئاسايىشلىقنىڭ گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) تۆۋەندىكى بەش خىل ئسىلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىر بولمىغىچە ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. بۇلار مىللىي باراۋەرلىك، يەرلىك سانائەتنى ئالغا سۈرۈش، ئۆلكىنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل «بېسىشى»نى توختىتىش، يەرلىكلەرگە سودا قىلىش ھوقۇقى بېرىش، شىنجاڭنىڭ يوقنىڭ ئورنىدىكى تاشيوللىرىنى ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئەسلى شىڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچى ۋە چۆچەكتىكى تۈرمىسىدە يەتتە يىل ياتقان بىر سىياسىي مەھبۇس بولۇپ،  1944-يىلى سېنتەبىردە قويۇپ بېرىلگىچە ئۆزىنىڭ ئاۋۋال شىڭ شىسەي، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەن ئۆلكە رەئىسى ۋۇ جۇڭشىننىڭ قايتا-قايتا قىيىن قىستاقلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەخمەتجان شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۈچ باي رايون، يەنى ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاينى خىتاي قولىدىن يۇلۇپ ئالغان مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى- يەنى ئاتالمىش غۇلجا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان چاغقا توغرا كەلگەن پەيتتە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. ئۇلار ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا ئۈرۈمچىدە كېلىشىمگە قول قويغان بولسىمۇ، ھېلىھەم بۇ رايونلارنى تولۇق باشقۇرۇپ كەلمەكتە.

«لوس ئانجېلىس ۋاقت گېزىتى»نىڭ 1946-يىلى 17-نويابىردىكى سانىدىن


مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

مەزكۇر ماقالە ئاپتورى درېيك ۋولدو ئامېرىكا «لوس ئانجېلىس ۋاقتى» (Los Angeles Times) گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقتتا شاڭخەي ۋە نەنجىڭدىن خەۋەر يوللىغان. ئۇ 1945-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت خەۋەرلەرنىمۇ يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىگىمۇ كېلىپ زىيارەت قىلغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋە نەنجىڭدە ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ۋە ۋەتەننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خەۋەرلىرى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرگە بېسىلىپ تۇرغان.

مەزكۇر ماقالىنىڭ «لوس ئانجېلىس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 1946-يىلى 17-نويابىردىكى سانىغا بېسىلغان ئەسلى نۇسخىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش