You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەخمەتجان قاسىمى ئىدىيەسى

ئەخمەتجان قاسىمى ئىدىيەسى

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

كىرىش سۆز

يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان دۇنيا سىياسىي تارىخىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىنى تىكلەپ، ئۇنى دۆلەتچىلىك ۋە مىللىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىي ھەم تايانچىسى قىلغان. نۇرغۇن ئاتاقلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دۇنيا قاراشلىرى، دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە باشقا ھەر تەرەپلەردىكى قاراشلىرى، پىكىرلىرى جۇغلىنىپ ئىدېئولوگىيە دەرىجىسىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئۇ ئۆز دۆلىتىنى ۋە مىللىتىنىڭ مەنىۋى قۇرۇلمىسى، مەنىۋى ۋە روھىي تۈۋرۈكلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكىلەر مەلۇم دۆلەت ۋە مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

ھەممە مىللەت ۋە دۆلەت ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتى ۋە دۆلىتىنىڭ ئەنە شۇ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي روھى بايلىقى ۋە روھى تايانچىسى قىلىپ بېكىتىپ، ئاندىن باشقا ئىلغارلىقلارنى، ئىلغار ۋە پايدىلىق ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقىچۇ؟ ئۇيغۇر خەلقىدە ئەنە شۇنداق ھازىرقى زامان دەۋرىدە سىستېمىلىق ئىدىيەلەر دۆلەت ۋە مىللەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق  ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقتىمۇ؟ قويۇلغان بولسا، بۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ  كەڭ قاتلىمىغا، خەلققە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى ۋە يېتەكچى بولدى؟ ئەلۋەتتە، كېسىپ ئېيتىمىزكى، بۇ بار!

بۇلار ئىچىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك تارىخىدىكى بىر قانچە رەھبەرلەرنى، بولۇپمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.

دۇنيادا، ماركسىزم، لېنىنىزم، ستالىنىزم،  كامالىزم، ماۋىزم ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە نۇرغۇن ئىدېئولوگىيەلەر مەۋجۇت. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆز رەھبەرلىرىنىڭ ئىدىيەلىرىنى مەخسۇس كەڭ كۆلەمدە تەتقىق قىلدى.

ئامېرىكىدا جورجى ۋاشىنگتون،  تومماس جېففررسون، ئابراخام لىنكولىن، فرانكلىن رۇزۋېلت، ھاررى ترۇمېن، جون كېننىدي ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دۇنياۋى تەرتىپلەرنى ئورنىتىش ۋە  ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكى ۋە باشقىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆرسەتكەن ئىدىيەلىرى ئۆزگىچىدۇر. ئەلۋەتتە باشقا ياۋروپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ ئۆز دۆلەت ئىدىيەلىرىگە ئىگە. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارچۇ؟

دېمەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئەخمەتجان قاسىمى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، سابىت داموللا، خوجا نىيا ھاجى قاتارلىق مۇستەقىل مىللىي  ھاكىمىيەت ۋە دۆلەت قۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلغان ئۇيغۇر  رەھبەرلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشى كېرەك، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ سىستېمىلىق ۋە نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە بولغان ئىدېئولوگ ۋە دۆلەت نەزەرىيەچىسى ئەخمەتجان قاسىمىدۇر. ئەخمەتجان قاسىمىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش، يەنى «ئەخمەتجان قاسىمى ئىدىيەسى  تەتقىقاتى» زور بىر ئىلمىي ۋەزىپە شۇنىڭدەك بىر مەخسۇس ئىلىملىق سالاھىيىتىگە  ئىگەدۇر.

ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتىشەھەر دۆلىتى مانجۇ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل ئىدىيەگە مەنسۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن بۇيانقى مىللىي مەۋجۇتلۇق، مىللىي ئازادلىق، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىدىكى سىياسىي ۋە مىللىي داھىي  بولۇش سۈپىتى بىلەن تاكى ھازىرغىچە خەلق قەلبىدە تىكلىگەن مەنىۋى ئورنىدىن ئايرىلمىدى. ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تاكى ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى ئېرىشكەن سالاھىيەت، قابىلىيەت، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدار، دۆلەتچىلىك ۋە سىياسىي نەزەرىيەگە تايىنىپ كۈرەش قىلىش ھەم ناتىقلىق، داھىيلىق ۋە كىشىلىك  پەزىلىتى  ھەم  خەلق قەلبىدىكى غايىۋى يۈكسەكلىك  قاتارلىق مۇكەممەللىكلەرگە يېقىنلىشالمىدى.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىدىيەۋى دۇنياسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇ، ئۆز دەۋرىدىكى ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان  تۈرلۈك دۇنياۋى سىياسىي ئىدېئولوگىيەلەر، مىللىي ئىدېئولوگىيەلەر، خەلقچىللىق ئىدېئولوگىيەسى، دۆلەتچىلىك ئىدېئولوگىيەلىرى ھەم دىنىي ئىدېئولوگىيەلەرنى مۇجەسسىملەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنى  مۇستەقىل، ئەركىن ، ئازاد ھالدا دۇنيا دۆلەتلىرى ۋە دۇنيا مۇستەقىل مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بولغان ئىدېئولوگىيەنى، يەنى ئەخمەتجان قاسىمى ئىدېئولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ  كۈرىشىگە ئەنە شۇ ئىدېئولوگىيە بويىچە رەھبەرلىك قىلدى. شۇڭا ئەخمەتجان قاسىمى ئىدىيەسىنى  ئەتراپلىق تەتقىق قىلغاندا ئۇنىڭ ئىدىيەۋى دۇنياسىدىن يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن بارلىق ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېلىمېنتلىرىنى  كۆرۈش مۇمكىن. ئەنە شۇ نۇقتىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز دەۋرىدە  ئۇيغۇرلاردىن باشقىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ياشىغۇچى  بارلىق ئەزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق رەھبىرى ۋە سىياسىي داھىيسىغا ئايلىنىپ، ئورتاق سۆيۈشكە ئېرىشەلىگەنىدى

تۆۋەندىكىسى ئەخمەتجان قاسىمى ئىدىيەسى تەتقىقات لايىھەم بولۇپ، بىرمۇ-بىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ تەھلىل قىلىشىغا سۇنىمەن.

1. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئىدىيەسى

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلغىچە، شۇنىڭدەك 1950-يىللاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ۋە خىتايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان كۈرەشلىرىگە قانداق تەبىر بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ تۈپ ماھىيىتى، مۇددىئاسى ھەققىدە ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، بۇ كۈرەشلىرىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جۇمھۇرىيەتچىلىك پىكىرلىرى ئاساسىدىكى مۇستەقىل دۆلەت، مۇستەقىل مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش دەپ بىلگەنىدى.

1931-1934-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىللىي رەھبەرلەر تەرىپىدىن «مىللىي ئىنقىلاب»، «مىللىي ئىستىقلالىيەت ئىنقىلابى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىنقىلابچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىنقىلابىنىڭ تۈپ مەقسىتى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش دەپ تونۇغان ھەم بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇ غايىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە 1933-يىلى،12-نويابىر كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېلىپ بارغان بۇ بىر مەيدان قوراللىق ئىنقىلابىنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. گەرچە، 1934-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن خوجا نىياز ھاجىم بىلەن شېڭ شىسەينىڭ ھەمكارلىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، ئۆلكە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مىللىي باراۋەرلىك سىياسىتى ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرەشلىرىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەقىللىقنى ئەمەس بەلكى ئەنە شۇنداق ئەركىن، ھوقۇقتا باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن ۋە تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چۈشەندۈرۈشلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 1937-يىلى، ئابدۇنىيازنىڭ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ موسكۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ھەقىقىي يوسۇندا خوجا بولغان، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مىللىي دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى.

1944-يىلى، پارلىغان 2-قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ، يەنى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ۋە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەزگىلىدىكى ئىنقىلابىنى ئەنە شۇ 1930-يىللاردىكى بىرىنچى قېتىملىق مىللىي ئىنقىلابنىڭ داۋامى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 18-ئەسىردىن ئېتىبارەن مانجۇ-خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان كۈرىشىنىڭ داۋامى دەپ قارىغان. بۇ نۇقتا ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى شۇنىڭدەك باشقىمۇ زىيالىيلارنىڭ ماقالىلىرى ۋە سۆز-نۇتۇقلىرىدا كەڭ قوللىنىلغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىنقىلابىنى ئازادلىق، مۇستەقىللىق كۈرىشى دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش دەپ قارىغان ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئۆزلىرىنىڭ غايىسى قىلىپ تاللىغانىدى.

بىراق، بۇ ئىنقىلاب باشتىن ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتلەردىن قوللىشى، ياردىمىگە تايانغانلىقى ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى تەسىرى ھەتتا كۆرسەتمىسىدىن خالى بولالمىدى. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىنقىلابنىڭ 1944-1946-يىللىرىدىكى ئۇرۇش باسقۇچى بىلەن 1946-يىلى 7- ئايدىن تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان سىياسىي كۈرەش باسقۇچىدا شارائىت ۋە ۋەزىيەتكە مۇناسىپ ھالدا ئىشلەتكەن ئاتالغۇلىرى ۋە شوئارلىرىدىمۇ مەلۇم پەرقلەر بولدى. لېكىن، ئىنقىلابچىلار ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ غايىسى بولغان مۇستەقىللىق ۋە ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇش غايىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ھەقىقەتەن، بىرىنچى باسقۇچتا ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى، شوئارلىرى ۋە مەتبۇئات تەشۋىقاتلىرىدا ھەمدە رەھبەرلەرنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرىدا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى»، «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى» ئاتالغۇسى ۋە شوئارلىرى ئاشكارا ھەم كەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇستەقىللىق، ئازادلىق، «خىتاي زالىملىرىنى ئۈزۈل-كېسىل شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەتەننى تولۇق ئازاد قىلىش»، «دۈشمەننى ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش» شوئارلىرى جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرى ۋە مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغاندىن تاشقىرى ھەتتا مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي مارشلىرىدىمۇ «دۈشمەننى سەددىچىنگىچە قوغلايمىز» دېگەن مىسرالار ئورۇن ئالغانىدى.

«شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشى» شوئارى ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي شاھادەتنامىلىرى ۋە ئوردېن بېرىشتىكى ئۆلچەم قىلىنغان بولۇپ، ئەنە شۇ «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشى»، «مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئۈچۈن» ھەسسە قوشقان ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى ئالىي ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەنىدى. مەسىلەن، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە ئىمزا قويغان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئېلى مەمەدوفقا بەرگەن 1945-يىلى 3-فېۋرال كۈنىدىكى 15- نومۇرلۇق تەقدىرنامىسىدە «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن قوزغالغان قوراللىق كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە قەھرىمانلىق بىلەن شان ۋە شەرەپلىك بولغان ئېلى ئەفەندى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئىشلىتىلگەن ئازادلىق ئەمەلىيەتتە مۇستەقىللىق چۈشەنچىسىنى بەرگەن.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئەنە شۇنداق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى زور تۆھپە قوشقان شەخسلەرگە، ھەتتا ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف، ھەتتا ئوسمان باتۇر ۋە باشقىلارغا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»، «ئازادلىق»، «ئىستىقلالىيەت»، يەنى «مۇستەقىللىق» ئوردېنلىرى تەقدىم قىلغانىدى. «ئىستىقلالىيەت»، يەنى «مۇستەقىللىق 1-» دەرىجىلىك ۋە «ئىستىقلالىيەت 2-» دەرىجىلىك ئوردېنلىرى ھەم باشقا ئوردېنلار تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىق بېرىلدى. [1]

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقى ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب  تەرغىباتى  بىتىمدىن كېيىنمۇ ئىزچىللىقنى ساقلىغان بولۇپ، بۇ خىل ئىدىيەدىن ھېچقاچان ۋاز كېچىلمىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئىدىيەسى ۋە تەرغىباتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە نەزەرىيەچىسى ئىدى.

داۋامىنى بۇ ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ 5-بەتتىن باشلاپ ئوقۇڭ: ئەخمەتجان قاسىمى ئىدىيەسى


پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي مەسىلىدىكى بەزى خاتالىقلىرىمىز. (1949-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان). بۇ ماقالە» شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتى ۋە ماقالىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتا قايتا ئېلان قىلىنغان. شۇ كىتاب، 105-بەت. 1997-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top