سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۆگرەنىش ئىبادەتى ۋە ئىنسان سائادەتى

ئۆگرەنىش ئىبادەتى ۋە ئىنسان سائادەتى

نەسىر

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانىي

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى ئايەتى «ئىقرا بىسمى رەببىكە (پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ – ئۆگرەن!)» دەپ نازىل بولغانىكەن. دەمەككى، ئىنسان ئۈچۈن، ئۆگرەنىش ئەڭ مۇھىم، ئۆگرەنىش تولامۇ زۆرۈر، ئۆگرەنىش بەك مۇقەددەس؛ ياشامنى ئەھمىيەتلىك، تۇرمۇشنى مەئنەلىك ۋە ھاياتنى قىممەتلىك قىلىدىغان قوراللار ئىچىدە،  ئۆگرەنىشنىڭ ئالدىغا ھىچ قانداقى مەڭگۈ ئۆتەلمەس!

مۇسۇلمانلىق ئىيمان پرىنسىپى بويىچە ئەيتقاندا، ئاللاھنىڭ دەگەنىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى پائالىيەت ئىبادەت جۈملەسىگە كىرىدۇكى، بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە، ئۆگرەنىش پائالىيەتى ئەڭ باشتا تۇرىدىغان مۆتىۋەر پائالىيەت سانالىدۇ. ئاچىپ دەسەك، ئۆگرەنىش -بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، ھەلىقىدەك قىلسامۇ بولىدىغان، قىلماسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىبادەت قىممەتىدەكى پەرز ئىشتۇر دەسەك، ئاشۇق كەتمەس!

ئىنساننىڭ ئىبادەت قىلىشتىن مەقسەت-مۇددەئاسى مەڭگۈلۈك سائادەتنى قازانىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ھەر قانداق سائادەت، بولۇپمۇ بىز دەۋاتقان مەڭگۈلۈك سائادەت ئەمگەكسىز، رىيازەتسىز ۋە جاپا-مۇشەققەتسىز قولغا كەلمەس.

دەمەكچىمىزكى، ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ جاپاسى-رىيازەتى بار، ئوخشاشلا ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ ھەم مۇشەققەتى بار. ھەتتا، ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ رىيازەتى ۋە مۇشەققەتى باشقا ئىبادەتلەرنىڭكىدىن قىلچىمۇ قالىشماس.

رىيازەتتىن قاچماي، مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرقى ھىسابتا ھالاۋەتى، راھەتى ۋە مۇكاپاتى بولىدۇ. ئەمدى، ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ مۇكاپاتى شۇكى، ئۇ ئىنسانغا بىلمەگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۇقماغاننى ئۇقتۇرىدۇ، ئىنساننى بىلمەس مەخلۇقتىن بىلگىن ئالىمغا، مىسكىن مەغلۇبتىن مەغرۇر غالىبقا ئايلاندۇرىدۇ.

يەنە دەسەك، ئىنساننىڭ تۇرمۇشى ئۆگرەنىش بىلەن زىننەت تاپىدۇ: زىننەتلىك تۇرمۇش، گۈزەل ھايات ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئىنساننىڭ بىرىنچى ئارزۇسى، ئەڭ باشتا تۇرىدىغان ئارمانىدۇر. ھالبۇكى، ئىنساننىڭ بۇ ئارزۇسى ۋە بۇ يۈكسەك ئارمانى پەقەت ۋە پەقەت ئۆگرەنىش -ئوقۇش بىلەنلا رىئاللىققا ئايلانىدۇ.

كىشىلىك ھايات ئۆگرەنىش بىلەن لەززەت تاپىدۇ: شۇنىسى ئانىقكى، تەمسىز ھاياتنى ھىچكىممۇ ياقتۇرمايدۇ؛ لاۋزا تۇرمۇشنى ھىچكىممۇ ياراتمايدۇ. ھالبۇكى، ئۆگرەنىش-ئوقۇش ئىنسان تۇرمۇشىغا تەم كىرگۈزىدىغان خاسىيەتلىك تۇزدۇر؛ تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىجتىھات قىلىش بولسا، كىشىلىك ھاياتنى تەملىك، تاتلىق، ياشاغانسارى ياشاغۇسى كەلىدىغان مەززەلىك قىلىدىغان سىھرىي كۈچنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت جاپالىق ئۆگرەنىش بىلەن، ئىخلاسلىق ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە تەگىشلىك قىممەت تاپىدۇ؛ ئىنساننىڭ ئۆزى بولسا، ئۆگرەنىش بىلەن، ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە لايىق ھۆرمەت، ئىكرام ۋە ئىززەت تاپىدۇ!

شۇنداق دەيىش مۇمكىنكى، بۈگۈنكى دۇنيادا، ستودىنت بولماغان، بىلىك ئاڭىدا ستودىنت سەۋىيەسىنى ھاسىل قىلالماغان مۇسۇلمان نەمەلا دەگەنبىلەن بىر ناچار مۇسۇلماندۇر. بۈگۈنكى ئالەمدە، كومپيوتەر بىلمەگەن، بىلىك، ئۇچۇر ۋاسىتەلەرىنى قوللانالمايدىغان مۇسۇلمان بولسا، ساپى ئۆزىدىن بىر ناكار مۇسۇلماندۇر!

«ياشلىقتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك». ئوخشاشلا، ئۆگرەنىش ئىبادەتىمۇ ئۆمۈر مەۋسۇمىنى بەك تاللايدۇكى، ياشلىق-نەۋقىرانلىق ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ ئەڭ بەرىملىك، ئەڭ ھوسۇللۇق ۋە ئەڭ پەيز مەۋسۇمىدۇر!

ئى، ياش مۆئمىن! ئى، ياش نەۋقىران مۇسۇلمان! ئۆگرەنىش -ئوقۇش ئىبادەتىدىن ھەرگىز نەسىۋەسىز قالما، تىرىشىپ ئۆگرەن! ياشلىق-بەڭباشلىق ۋە قاششاقلىق ئاتىڭنىڭ باشىغا دەرھال سال يۈگەن!

ھەيھات! ئىلىم – پەن كىتابلارىنىمۇ ئاشۇ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ كىتابلارىنى ئوقۇغاندەك مۇھەببەت بىلەن، سۆيگۈ بىلەن ۋە چىن ئىخلاس تەسبىھىڭ بىلەن ئوقۇ! چۈنكى، ئۇ كىتابلاردا سۆزلەنىۋاتقانى دەل ئاللاھ مۆئجىزاتلارىنىڭ تەسۋىرىدۇر؛ ئۇ پەن ۋە ئۇ تەخنىكالارنىڭ ساڭا بىلدۈرىدىغانى بولسا، بەلكى پەرزىي بىلىملەرنىڭ نەق جەۋھەرىدۇر!

خۇللەس كەلام، ئۆگرەنىش ئىبادەتى مۆئمىن ئىنسان سائادەتىنىڭ خاسىيەتلىك ئاچقۇچىدۇر. ھالبۇكى، پەقەت ئۆگرەنىش – ھەر دەرىجەلىك ئىلىم-پەن ئوچاقلارىدا، ئالىي دانىشگاھلاردا، ئۇنىۋەرسىتىتلەردە، بەس-بەس بىلەن ئوقۇش-ئۆگرەنىش  ئىبادەتىنى ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىنسانلا، ئاخىرقى ھىسابتا، ئىككى دۇنيالىق سائادەتلىك ياشام ئۇپۇقىنىڭ دەرۋازەسىنى بەمالال ئاچىپ كىرەلەيدۇ ۋە ئۇ يەردە، ئىنسانىي ھاياتنىڭ پەيزىنى راۋرۇس سۈرەلەيدۇ!

2010 – يىل 20 – يانۋار، كاشغارىيە، 2019-يىل، 13-ئۆكتەبىر، كالىفورنىيە.

ئالىندى: “«مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»غىچە” 93-91-بەتلەر. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2010-يىل 4-ئاي، ئىستانبۇل


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش