سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاينىڭ بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىمىزدە قىلماقچى بولغان كېيىنكى پىلانى نىمە؟

خىتاينىڭ بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىمىزدە قىلماقچى بولغان كېيىنكى پىلانى نىمە؟

خالمۇرات ئەلسۆي ئۇيغۇر

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى نىمە مەقسەتتە باشلىغانلىقىنى، شۇنچە كۆپ سۈكۈتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈسۈتىنى بۇزۇپ، ئۆزىگە دۈشمەن بولۇشىغا ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ بۇزۇلىشىغا، ھەتتا جازالىنىشقا پىسەنت قىلماي، بۇ بىر رەزىل پىلاننى ئىككىلەنمەي ئىجرا قىلىشىنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي كەلگەنىدۇق. بىز ئۇيغۇرلارنى يۇقىتىش پىلانىنى ئەسىرلەردىن بۇيى ئىجرا قلىپ كەلدى دېگەن گۇماننى ۋە نۇقتىنەزەرنى تارقىتىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ كەلدۇق. مەنچە، بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولۇشى ناتايىن. خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» يولى پىلانىدىن كېيىن بۇنداق بىر كەڭ كۆلۈملىك، ۋە تەۋەككۈل بىر تۈرنى تەستىقلاپ ۋە ئىجرا قىلىشقا پېتىنىشى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى تەھدىت ھېس قىلغانلىقىدىن بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا سەۋەبلىرى ۋە مەقسەتلىرى مەۋجۇت. ئۇنداقتا جازا لاگېرلىرىدىن كېيىن خىتاي نىمە قىلماقچى؟

گەرچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 2018-يىلى دېكابىردا قويىۋېتىلگەن بولسىمۇ، 2019-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلۈمدە قويىۋېتىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كەڭ كۆلەمدە تۇتىلغانلىقىنىغا ئائىت مەلۇماتلار بار. يېقىندا، يەنى 2020-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قويىۋېتىلگەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلارغا ئېرىشتىم، بۇ مەلۇماتلار ماڭا دىئاسپورادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قويىۋەتكەندىن كېيىن، مەن بىلەن ئالاقىلىپ ئېيتقانلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار 2017-يىلى ئاپرىلدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۈچ تۈركۈم بولۇپ قويىۋېتىلدى، ئىشىنىمەن، قويىۋېتىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى. بۇ ئارىلىقتىكى تەڭپۇڭلۇققا ئائىت مەلۇماتىم يوق، گۇمانىم بەلكىم ئوخشاش مىقداردا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن.

كەڭ كۆلۈمدە تۇتقۇن باشلانغاندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاراتمىلىقى ناھايىتى ئېنىق بولغان ھالدا نىشان قىلىنغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يىغقان ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرگە نومۇر قويۇش سېستىمىسى ئارقىلىق سۈزۈپ ئېلىنىپ، تاللىنىپ نىشان قىلىنغان. قارىقاش تىزىملىكى بۇنى چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭ مۇخبىرلارغا ۋە باشقىلارغا بەرگەن ئېنىقلىمامدا، يەنى، شەخسىي قارىشىمدا، ئۇيغۇرلار ئاھالىلەر كومىتېتى، يەرلىك ساقچىخانا، خىزمەت ئورنى، شەخسلەرنىڭ ئ‍ۆزلىرى تەمىنلىگەن ئۆزلىرىگە ئائىت مەلۇماتلارنى ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرى ئارقىلىق ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ئانالىز قىلغۇچىلار، ئۇچۇر يىغقۇچىلارنىڭ شۇ شەخسلەر ھەققىدە بەرگەن باھالىرى ئۇلارغا چىقىرىلغان ھۆكۈملەرگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بىر سېستىما شەرقىي گېرمانىيىدە سىتاسىلار قوللانغان سېستىمىغا ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ پەرق، سىتاسىلاردا ھازىرقى خىتاي قوللىنىۋاتقان چىراي تونۇش سېستىمىسى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق تېخنىكىلار يوق ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پىكىرگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، شۇنداق يېتەكچىلەر كەم بولغاندا ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان كىشىلەرنى قاراتمىلىقى ئېنىق ھالدا نىشانغا ئېلىش بىلەن بىرگە، خەلق ئىچىدىكى پىكىر ئېقىمى قوزغاش مۇمكىنچىلىك بولغانلار ۋە ئاكتىپ ئەگەشكۈچى بولۇش ئېھتىمالى بولغانلارنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نومۇر قويۇش سېستىمىسى ئارقىلىق تاللاپ چىققان ۋە شۇلارنى ئەڭ ئەۋۋەل لاگېرلارغا تۇتۇپ ئوبيېكتى قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، ئادەتلەر ۋە يوسۇنلارنى بۇزۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆزلىرىگە خاس ۋە مۇستەقىل بولغان ئىجتىمائىي كېلىشىم مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي بىرلىكنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىجتىمائىني ئىشەنچنى يىمىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ياكى پىكىر ئېقىملىرىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئامىللىرى ۋە يوللىرىنى كېسىپ تاشلىماقچى بولغان. بۇ ئامىللار يۇقالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، ئاسسىمىلياتسىيىگە بولغان قارشىلىقى توسالغۇ شەكىللەندۈرۈشتىن قالىدۇ. خىتاي شۇنداق ئىجتىمائىي كېلىشىملەرنى بۇزۇش ئارقىلىق، ھازىر مەۋجۇت بىر ئەۋلاتنىڭ قارشىلىقىنى پالەچ ھالەتكە ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلگىرىكىلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىككى ئەۋلات ئارىسىدا ئەۋلات ئارىلىقىنى چوڭلىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلۇملۇق ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ تۇپلۇملۇق ئېڭىدىن تۇغۇلىۋاتقان ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسماقچى ۋە مايسا ھالىتىدە تۇنجۇقتۇرماقچى بولغان.

بەلكىم، شۇ سەۋەبلەر خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ قېتىم نىشانغا ئېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەنئەنىۋىي سەۋەنلەرنىڭ يېڭىچە داۋامى بولسا، چوڭ سۈرەتكە قارىغىنىمىزدا، خىتاينىڭ رايۇن خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەتتىن، رايۇن ھالقىغان دۆلەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن، داۋاملىق تەرەققىياتقا بولغان ئېھتىياجى، ۋە ئىقتىسادىي مودىلىنى ئالماشتۇرۇش ئۆتكۈنچى باسقۇچىدا ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادىي مودىلىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىچە ئىقتىساد مودىلىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئەسلىدىكى بار بولغان ئەنئەنىۋىي مودىل بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ رايۇن ھالقىغان چوڭ دۆلەت بولۇش قەدىمىدە ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان. شىجىنپىڭنىڭ 2014-يىلى «يېڭى ھالەت» توغۇرلۇق سۆزلىشىدىن كېيىن، 2016-يىلى دېكابىردا ئوتتۇرىغا قويغان <ئىقتىسادىي مودېل ئۆزگۈرىشى> ھەققىدىكى دوكلاتىغا قارىغىنىمىزدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلىشى، يەنى يول-تىرانسپورت، كانچىلىق، قۇرۇلۇش دېگەندەك ئىقتىسادنىڭ ئۇمۇرتقىسى بولغان كونا مودېلدىن، ئەقلىي مۈلۈك، سۈنئىي ئەقىل، ئۇچۇر- ئالاقە، مۇھىت، يېڭى ئېنىرگىيە ۋە خەلقئارا ئىقتىساد سۇپىسى ساھەلىرىنى ئۇمۇرتقا قىلغان ئىقتىسادىي مودېلغا ئۆتۈش يوليۇرىقى ئېيتىلغان ۋە يۆنۈلىشى تەرغىپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادىنىڭ ئۇمۇرتقىسى بولغان قۇرۇلۇشچىلىق، كانچىلىق ساھەلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجدىن ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن شەكىللىنىدىغان شۇ ساھەلەرنىڭ يىگىلەش ۋە كىچىكلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى مودېلغا ئۆتمەي تۇرۇپ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ئىقتىساد ئۈزۈكچىلىكى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىرتقا ئېكسپورت قىلىش ئېھتىياجىنى قامداش بىلەن، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي سۇپا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي پۇلىنىڭ خەلقئارالىق ئايرىۋاشلاشنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى، كانچىلىك، يېڭى ئېنىرگىيە، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر چوڭ تۈرنى ئىجرا قىلىش ئېھتىياجى، ۋاقىت، زامان ۋە شارائىتقا ئۇيغۇر كېلىشى بىلەن، خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا زېمىنى باففېر رايۇنى، ئېنىرگىيە مەنبەسى، خام ئەشيا بازىسى بولۇشتىن سىرت، يەنە بىر چوڭ ئىستىراتىگىيىلىك قىممەتكە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، رايۇننىڭ ئېغىر يېنىك سانائەتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ناھايىتى كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش ئېھتىياجى، پۇرسىتى ۋە شارائىتى تۇغۇلىدۇ. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن ئادەم كۈچى ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، ئۇ بەلكىم، رايۇننىڭ ھازىر مەۋجۇت نوپۇسى بىلەن قامدىلىنىشى ناتايىن بولغان دەرىجىدە كۆپ خىزمەت ئورنى بولۇشى مۇمكىن، يەنى زاۋۇت كارخانىلارغا كىرىدىغان ئىشچىلار.

پۇرسەت دېيىشىمىزدە، رايۇننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلتىش بىلەن بىرگە، شەرقىىي تۈركىستاننىڭ خۇددىي كەڭسۇ ۋە باشقا ئەسلىدە خىتايلار ئاساسلىق نوپۇس بولمىغان رايۇنلارنى خىتايلاشتۇرۇپ، خىتايلار نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولغان رايۇنلارغا ئايلاندۈرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مۇمكىنچىلىكىنىڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شارائىت دېگىنىمىزدە، شۇنداق زور ئۆزگۈرۈشنى قىلىش ئۈچۈن، مۇھىت، سۇ، ئېنىرگىيە، ئولتۇراقلىشىش، قاتناش، ساغلاملىق، يىمەكلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش لازىم. خىتاينىڭ رايۇنىمىزدا ئېلىپ بارغان شامال ئېلېكتىرىك ئىستانسېسى ۋە شامال گېنىراتورى زاۋۇتى خەلقئارادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. رايۇندا ئېلىپ بارغان يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلىشى، يول ۋە قاتناش قۇرۇلىشى، 30 دىن ئارتۇق خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرپورتى، تۆمۈر يول ۋە تېز يوللار قۇرۇلۇشلىرى شۇنداق بىر چوڭ سانائەتلەشتۈرۈشكە ئالدىن سېلىنغان ئۇل قۇرۇلۇشلار ئىكەنلىكى سۇ يۈزىگە چىقماقتا. رايۇننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن بىرى دەررىن ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ماڭىدىغان تېز سۈرئەتلىك پويىزى رايۇننىڭ ھازىرقى نوپۇسى ۋە نوپۇس ئېقىم مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا يۈز يىلدىمۇ دەسمايىسى كەلمەيدىغان قۇرۇلۇش ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، رايۇنغا سېلىنغان تېز يول ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ قامداش چېكى رايۇن نوپۇسىنى ئىشلىتى ئېھتىياجىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىقتىدارغا ئىگە بولغان. دېمەك، خىتاي، ئۇل قۇرۇلۇشلارنى ھازىرلاپ، شارائىتنى نەقلەشتۈرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىمۇ، بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى ۋە شارائىتنى قامداش كۆزدە تۇتۇلغان يانداش تۈر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە سالغان مەبلىغىنىڭ تۈرلىرىگە قارىساق، مۇھىت، قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە قۇرۇلۇش ساھەلىرىگە سالغان تۈر مەبلىغى ئاساسلىق ئۇمۇرتقا ئىكەن. يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ دۇيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە يېڭىدىن كەلگەن خىتايلار ئارقىلىق، باشقا خىتايلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى كۈشكۈرتىۋاتقان ۋىدىئۇلىرىنى كۆرىۋاتىمىز. يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇنلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات نامىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش تۈرلىرى ۋە ھەتتە باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرىنى چىقارغانلىقىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. خىتاينىڭ ئىشغالىدىكى ۋەتىنىمىز تېتىروتىيىسىدە چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلارنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى، ھەتتا بىڭتۈەن تەۋەلىكىدىكى رايۇنلارنىڭ شۇنداق شەخسىي كارخانىلارغا ھۆددىگە بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن.

نىمە ئۈچۈن بىڭتۈەندىمۇ شۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنداق قىلسا بىڭتۈەننى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بىڭتۈەن بىلەن مەركەز ئارىلىقىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمامدۇ؟ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ھامان دېموكراتلىشىشتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئەمما، خىتاي غەرىپنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى شەرقنىڭ، يەنى خىتاينىڭ قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان بىر دېموكراتىك سېستىمىنى يارىتىشنى بەكىرەك خالايدۇ. دېشاۋپىڭنى ياپۇنىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە سىنگاپۇرلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، سىنگاپۇرنىڭ بىر پارتىيىلىك دېموكراتىيە مودېلىنى ياقتۇرغانلىقىنى ئۇنىڭ 80-يىللىرى سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. ئەگەر خىتاي دېموكراتلاشقاندا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مۇستەملىكە ئاپپاراتى بىلەن كەلگۈسىدە بەلكىم ۋەتىنىمىزدە پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان مەمۇرىي رايۇن ئارىسىكى ھوقۇق تەقسىماتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا خىتاي ھازىردىن باشلاپ ئۇل سېلىشى لازىم. بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ خەۋپىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ھېلىھەم چوڭ بولغانلىقىدا. ئەگەر بۇنداق بىر خەۋپ يېتەرلىك دەرىجىدە كىچىكلىتىلگەندە، خۇددىي شەرقىي شىمالدا، يۈننەندە، گۇاڭشىدا ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدىكى بىڭتۈەن ياكى ئوخشاش فونكىسسىيىدىكى بىرلىكلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا ئوخشاش، بىزنى ۋەتىنىمىزدىكى خىتاينىڭ مۇستەملىكە ئاپپاراتى بولغان بىڭتۈەنمۇ بىكار قىلىنىشى، ھەتتا شۇ ئاساسىدا ۋەتىنىمىزنى شىمال، شەرق، جەنۇپ ۋە غەرىپ تەرەپتە ئەڭ ئاز بولغاندا تۆتكە بۆلۈپ مەمۇرىي رايۇنلارنى قۇرۇشى مۇمكىن. جەنۇپتا قەشقەر ۋە خوتەننى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قۇرۇشى، شەرقتە تۇرپان ۋە قۇمۇلنى ئاساس قىلغان قۇمۇل ئۆلكىسى قۇرۇشى، شىمالدا ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا دىخۇا ئۆلكىسى قۇرۇشى، غەرپتە غۇلجىسى ئاساس قىلغان شىيۈ ئۆلكىسى قۇرۇشى مۇمكىن.

ئەمدى، پەرەزلىرىمدىكى قەدەم باسقۇچلارنى ئايدىڭلاشتۇرسام:

بىرىنچى قەدەمدە، لاگېرلارنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، رايۇننىڭ سىياستى سىياستىنى بوشۇتۇشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يېڭىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىشى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش نامى ئاستىدا مەبلەغ ۋە ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن. سىياسەتنىڭ بوشىشى بىلەن، بۇ ۋاقىتتا ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن قايتا جەم بولغان ئۇيغۇرلار يېڭى سىياسەتلەرگە بەك دىققەت قىلىپ كېتىشى ناتايىن.

ئىككىنچى قەدەمدە، يېڭىدىن كارخانىلار ئېچىلىشى، ھەتتا بىر قىسىم چەتئەل كارخانىلىرى جەلىپ قىلىنىشى، چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار قۇرۇلىشى مۇمكىن. شۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلار قۇتۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىرقىسمىغا، ھەتتا ياۋرۇپاغا توشۇلىشى مۇمكىن، مۇتلەك كۆپ قىسمى پاكىستاننىڭ گۇۋادا پورتى ئارقىلىق ياۋرۇپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىغا توشۇلىشى مۇمكىن. پاكىستانغا نىسبەتەن بۇ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان چوڭ پۇرسەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پاكىستان تېخىمۇ قاتتىق بولۇشى، ھەتتا خىتاي ھەربىر كۈچلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچلىنىشى، پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋە غەربىدىكى رايۇنلارغا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان پاشتۇنلارغا تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىسى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا قايتىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەركەتلەرنى ۋە ئوپېراتسىيىلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بالوچلارغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ۋە يۇقىتىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، «يېڭى يىپەك يولى» نىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان قەشقەردىن ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان قاتناش تۈگۈنىنى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن. بۇ يەردە پاكىستان، ئافغانىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئۈچ بۇرجەك ئ‍ۇيۇننىڭ قانداق ئوينىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلىرىمنى بۇيەردە ئوتتۇرىغا قويمايمەن.

ئۈچىنچى قەدەمدە، سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن بىللە بولىدىغان نوپۇس ئېقىم مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىرىگە ھازىرقى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى رايۇن نوپۇسىىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى بىردە ئونغا توغرا كەلگەندە، يەنى رايۇننىڭ نوپۇسى ھازىرقىدىن ئالتە ھەسسىدىن ئون ھەسسە كۆپەيگەندە، خىتاي رايۇننىڭ ئىقتىسادىي تەقسىماتىنى تەڭشەش، باشقۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش نامىدا ئالدى بىلەن كەلگۈسىدە قۇرۇلغىسى مەمۇرىي رايۇنلارنىڭ مەركەزلىرى بولغان تۈگۈن شەھەرلەرنى ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ ئ‍ۆزگەرتىشى مۇمكىن.
تۆتىنچى قەدەمدە، رايۇن ئىقتىسادى مۇقىملاشقان، نوپۇس نىسبىتى مۇقىملاشقان ۋە خىتاي نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلىككە كېلىپ، رايۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەسىرى خىتايغا ھازىرقىدەك تەھدىت ئېلىپ كىلەلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشكەندە، خىتاي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەمۇرىي رايۇنلار تەڭشىشى ئېلىپ بېرىشى، بۇ ئارقىلىق بايا دېيىلگەندەك ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ ئۆلكە بىر ئاپتونۇم رايۇن قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىشتىن ئاۋۋال باشقا خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدە ئېلىپ بېرىپ سىناق قىلىشى مۇمكىن. قەيەردە ئېلىپ بېرىشىنى پەرەز قىلالمىساممۇ، ھازىرقى موڭغۇل ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ھازىرقى نوپۇس، ئىقتىساد، ۋە باشقا ئەھۋالىنى كۆردە تۇتۇپ، ئۇنى شەرق، ئوتتۇرا ۋە غەرپ دەپ ئۈچكە بۆلۈش ئېھتىمالى پەرەز قىلىمەن.

يۇقىرىدىكى ئانالىزلار ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئاغرۇدۇلۇپ كەتمىگەندە، خىتايدا زور ئۆزگۈرۈش بولمىغاندا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن، ۋە بۇ خىل ئېھتىمالنىڭ چوڭ بولۇشىنى مۆلچەرلەيمەن. يۇقىرىدا دېيىلگەن پەرەزلەرنىڭ ئۇششاق ھالقىلىرىنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر مەنبەلىرى ئارقىلىق، ئۇششاق ھالقىلارنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بۇ يەردە بۇ يازمامنىڭ ئىلمىيلىكىنى دەۋا قىلمايمەن. مەن سىياسەت ئىلمىدە ئوقىمىغان، ئۆزلىكىمدىن ئۆگەنگەن ۋە بىرقانچە كۇرسلارغا قاتناشقان خالاس. بۇ پەرەزلەر يىغقان ئۇچۇرلار، كۈندىلىك خەۋەر كۆرۈش ۋە خىتاينىڭ قايسى يۆنۈلۈشكە مېڭىشى قاتارلىق نۇقتىلاردىن يەكۈنلەنگەن. قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تەپەككۇرىغا غىدىقلىغۇچى بولۇش ئۈچۈن سۇندۇم، رەھمەت.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش