سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » باشقا بىرى بولۇپ ئويغاندىم

باشقا بىرى بولۇپ ئويغاندىم

خەندان

*

كۆزلىرىم مېنىڭ ئەمەس،
ئاقلىرىغا، قارىچۇقلىرىغا سىڭگەن ئەسلىمىلەرنى يۇيۇۋېتىپتۇ ئاخشام تۆككەن كۆز ياشلىرىم،
يىغلاپ باقتىم ئازراق،
ئاۋايلاپ كەتمىدىم ئۆزۈمنى بۇرۇنقىدەك.
ياشلىرىم يامغۇردەك تۆكۈلمىدى،
قۇپقۇرۇق تۇپراقتا بوران چىققاندەك بولدى،
كىرپىكلىرىم قومۇرۇلۇشقا باشلىغاندا بىر تال – بىر تالدىن،
توختىتىۋالدىم ئېسەدىشىمنى،
بۇرۇن توختىتالمايتتىم.

*

يۈزۈم مېنىڭ ئەمەس،
قىزىللىقىنى يەپ كېتىپتۇ سەھەردىكى يالغانچى قۇياش،
تاتىرىپ تۇرىمەن ئاپتاپقا قارىساممۇ،
ئاچچىقىمنى،
پۈتۈن ئاچچىقىمنى
ئاخشام بالدۇر پېتىپ كەتكەن كۈندىن ئالغۇم كېلىدۇ.
كۆزۈمنىڭ جىيىكىدە كۆپەيگەن بىر تال سىزىق
تۈنۈگۈن يوقلۇقىنى چاندۇرماي چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىپتۇ.
ئۇ ياق – بۇ ياققا تارتىپ باقىمەن ئوڭشالمايدۇ،
دەزمال سېلىشنى ئويلاپ توختاپ قالىمەن.
قىلغۇم كەلگەننى دەرھال قىلاتتىم تۈنۈگۈن،
كەينىدىن پۇشايماننى بىر قاچىغا تولدۇرۇپ
ئالدىرىماي يەيتتىم،
بۈگۈن پۇشايمان قىلغۇم كەلمىدى.

*

دەردىم مېنىڭ ئەمەس،
ئاغرىقلىرىمغا بىر چەتتە قاراپ تۇرىمەن:
چېكەمنى تۇتمايمەن،
ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەيمەن،
بىر ئىستان قەھۋە دەملەپ خۇمارىمنى چىقارمايمەن،
بىردەم ئاغرىسا كۆنۈپ قالىمەن دەيمەن.
يىراقتىكى تاغلاردا يۇلۇنغان قارىغايلار بىلەن چىرقىراپ كېتىمەن،
بىر پاي ئوقتا ھۆركىرەپ يىقىلغان يولۋاسلاردەك يىقىلىمەن،
توزۇۋاتقان قۇم بارخانلىرىدەك يىلتىزىمدىن ئاجراپ كېتىمەن،
مىڭ يىللىق دەرەخ ئۈستۈمگە يىقىلىدۇ،
مەن ئۇنىڭ شاخلىرى بىلەن قۇرۇيمەن،
ئۇنىڭ ئۇسساپ كەتكەن يوپۇرماقلىرى مېنىڭ يۈرىكىم،
ئۇنىڭ يېرىلىپ كەتكەن قوۋزاقلىرى مېنىڭ تېرەمدەك كۆرۈنىدۇ.
بۇرۇن قاچاتتىم يىراقلارغا،
ھازىر مىجىلغىنىمنى سەزمەي قالىمەن.

*

بوينۇم مېنىڭ ئەمەس،
بۇراپ باقىمەن، چېنىققاندەك بولۇۋالىمەن،
قاتتىق بۇراشلاردا قاراس – قۇرۇس قىلغاندا
كۈلۈپ كېتىمەن.
قورچاقنىڭ بېشىنى قايرىغاندەك قايرىۋالىمەن،
ئاغرىيدۇ ئۆزىنىڭ ئىچىدە،
پەرۋاسىزلىقىمغا يىغلاپ كېتىدۇ تومۇرلىرىم،
«توۋا» دەپ ياقامنى تۇتىمەن،
«سېنىڭ ئاچچىقىڭنى تارتىشىپ بەرسەم بولامتى؟
ئىشىمنى تاشلاپ ئاغرىشىپ بەرسەم بولامتى؟»
مەنتىقىسىز تۇيۇلىدۇ ئورۇنسىز جېدەللىرى،
يۇلقۇنۇپ چىقىپ كەتكۈم كېلىدۇ ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن،
ئاياپ يۈرمەيمەن تۈنۈگۈن سەھەردە ئايىغاندەك،
قېقىلىپ سوقۇلۇپ بۈگۈننى ياشىشىنى تاماشا قىلىمەن بىردەم،
ئاندىن ئۆز ھالىم بىلەن بولىمەن.

*

يۈرىكىم مېنىڭ ئەمەس،
بەزىدە دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىدۇ،
«ئاستىراق» دەپ ۋارقىراپ قويىمەن.
بەزىدە جىمجىت بولۇپ كەتسە ئەنسىرىمەيمەن،
«ۋاي يەنە سوقىدىغۇ» دەپ ئويلاۋېرىمەن،
بىر كۈن توختاپ قېلىشىنى سوقۇشتىن،
بىر كۈن ئېتىلىپ كېتىشىنى غەزەپتىن،
بىر كۈن تىتىلىپ كېتىشىنى ھەسرەتتىن
خىيالىمغا ئەكىلىپ باقىمەن،
تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىدەك نورمال قوبۇل قىلىمەن.
بەلكىم ئازراق ئىچىم ئاغرىيدۇ
باشقىلارغا ئىچىم ئاغرىغاندەك.

*

پۇت – قوللىرىم مېنىڭ ئەمەس،
قوللىرىم بىر نەرسىلەرنى ئالماقچى بولىدۇ،
نېمە ئالغىنىغا قاراپمۇ قويمايمەن.
پۇتلىرىم بىر يەرلەرگە تارتىدۇ،
رايىغا قويۇۋېتىمەن.
تۆمۈر رېشاتكىلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە،
ئىچىگە كىرىشىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.
قولۇمدا كويزا، پۇتۇمدا كىشەن،
بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ياشىشىغا كۆنۈپ كېتىمەن.
«ماڭا نېمە زىيىنى ئىدى؟» دەپ قالىمەن تۇرۇپ،
ئەقلىم،
ھېسلىرىم،
بارچە تۇيغۇلىرىم بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ.
بۇرۇن ئەڭ قورققانلىرىمغا
بۈگۈن ئۆزۈمنى سۇنۇپ بېرىمەن.

*

ئېغىزىمنى ئاچىمەن،
سۆزلەپ باقىمەن،
ناتونۇش ھەرپلەر تۆكۈلىدۇ.
بىر ھەرپنى ئېسىمدە تۇتۇۋالىمەن:
ۋەتەن شۇ ھەرپ بىلەن تۇغۇلاتتى،
ۋىجدان شۇ ھەرپتىن باشلىناتتى،
ياۋ شۇ ھەرپ بىلەن ئۆلەتتى.
ئۇنتۇپ قالمايمەن بۇ ھەرپنىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ تال چېكىتنى،
ئويغىقىمنى بىرىنىڭ ئىچىگە قويىمەن،
ئۈمىدىمنى بىرىگە يۇغۇرىمەن،
مۇشتۇمۇمنىڭ ئۈستىدىن تۈگۈلگەن مۇشتۇمۇمنى ئەڭ ئۈستىگە قويۇپ
«مەن بۈگۈن سەن ئۈچۈن ئويغاندىم» دەپ قويىمەن…

*

2020- يىلى 9- ماي، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش