سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر

دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر

ئالىم ھاجىم ياۋا

تارىختىكى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قارايدىغان بولساق ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ!
1914- يىلىدىن 1918 يىلىغىچە داۋاملاشقان تۆت يىللىق بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشى ياۋرۇپادىن باشلىنىپ ئوتتۇرا شەرىق، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئامىرىكا، ھەتتا ئافرىقىنى قاپلىدى. 1919 – يىلى ئىتالىيە، فرانسىيە، ئامرىكا ۋە ئەنگىليە پارىژدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنىچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى.
بۇ ئۇرۇشتا ئوسمانىلار ئېمپىريىسى، روسىيە ئېمپىريىسى مەۋجۇتلىقىنى يوقاتتى ۋە بۇ ئېمپىريەلەردىن نۇرغۇن يېڭى دۆلەتلەر قۇرۇلدى.
ئەمدى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ باقايلى ، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەركىزى كۈچ گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى روسىيە ئېمپىريىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ياپۇنىيە ئەنگىلىيە بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە بىر قىسىم يەرلىرىنى تارتىۋالىدۇ.

بۇ جەرياندىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋلىنى مۇشىنچىلىك سۆزلەي، ئەمدى بىزنىڭ ۋەتەنگە نەزەر سالايلى، 1901-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار مانجۇلارنىڭ قاتتىق باستۇرىشى ۋە ئاياق ئاستى قىلىشىغا چىدىمىغان تۆمۈر خەلىپە زۇلۇمنى تۈگىتىش ئۈچۈن1912-يىلى زۇلۇمغا قارشى ئىنقىلاپنى باشلايدۇ ۋە 1913-يىلى قولغا ئېلىنىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ يېنىدا مەسلەھەتچى بولغان خوجا نىياز پالگان ئىنقىلاپنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كىتىدۇ. ئىنقىلاپنىڭ ئىزباسارلىرى بولمىغانلىقتىن ۋە بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئاساسى ئىدىيەسى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئەمەس بەلكى پەقەتلا زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىنقىلاپ قۇمۇلدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايۇنلىرىغا كەڭ تارقىلالمىدى!
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى،
بۇ ئىنقىلاپنىڭ مەغلۇبىيىتى بىزدىكى كۈنلۈك دۇنيا سىياسىتىدىن خەۋەردار بولالماسلىق ۋە توغرا دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلماسلىقى بولدى ، شۇ سەۋەپتىن خىتايلارنىڭ بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىن ساق سالامەت ئۆتىشىگە يول قويدۇق!

1937-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلغىنىغا 3 يىل بولغان مەزگىلدە ياپۇنىيە خىتايغا ھۇجۇم باشلايدۇ ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئارقىسى ،
1939-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە داۋاملاشقان ، ئەسكەر ۋە پۇقرالاردىن بولۇپ 70 مىليوندىن 85 مىليونغىچە ئادەم ئۆلگەن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ ، بۇ ئۇرۇش گېرمانىيە ناتسىسلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى ، ۋە يادرو دەۋرىنىڭ باشلىشى ، ب د ت نىڭ قۇرۇلىشى بىلەن نەتىجىلىنىپ ئاخىرلاشتى .
ئەمدى كېلەيلى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا ؛ خوتەن ئەمىرلىگىنىڭ ئەمىرى مەمتىمىن بۇغرا ئەپەندىم ، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىم ، مەسئۇد سابىرى ئەپەندىمدىن ئىبارەت ئۈچ ئەپەندىلىرىمىز كومىنىزىمغا ۋە كومىنىست خىتايلارغا قارشى بۈيۈك تۇرانچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ۋەكىللىك قىلدى ، غۇلجىدا ئېلىخان تۆرەم بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى روسىيەدىن ياردەم كۈتۈپ ئاخىرىدا 13 بېتىمدىن ئىبارەت تاينى يوق كىلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ۋەتەننى قولدىن بېرىپ قويدى!

مۇشۇ ۋاقىتلاردا ماناس دەرياسىدا ياتقان قوشۇننى بىر رەھبەر «يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم»! دەپ ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرىمىدى!
مەن بۇنى دېسەم بەلكىم كۈچى ئازتى ، مىللەت تۈگەپ كىتىشى مۇمكىنتى ، يېمەكلىك يېتىشمەيتى دىيىشىڭلار مۇمكىن ، ئەمما تۈركىيەنى ساقلاپ قالغان ئىزمىردىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەڭ ئىدى!

بەلكىم تۈگەپ كىتىشىمىز مۇمكىنتى دەيلى ياكى مەغلۇپ بولىشىمىز مۇمكىنتى دەيلى، يېتىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟ غەلبە قىلدۇقمۇ؟ ھايات قالدۇق دىيىشىڭلار مۇمكىن ئۇنتۇپ قالماڭلار 70 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتمايدۇ بەلكى خورلىنىپ دەپسەندە بولىۋاتىدۇ !
بۇنداق ياشىغاندىن شۇ چاغدا تۈگەپ كەتكەن بولساق تارىخقا قەھرىمانلارچە يېزىلىپ بۈگۈنكى سىڭلىمنى، ئاچامنى، ئانامنى خىتاي مەجبۇرى خوتۇن قىلدى دەپ شەرمەندىلەرچە دەرت تۆككەننىڭ ئورنىغا شەرەپ بىلەن كەتكەن بولاتتۇق!

ئۆتمۈش ئۆتتى مىڭ قاينىساقمۇ ئۆتمۈش ئۆزگەرمەيدۇ ئەمما كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشمىساق بىزنىڭ نامىمىز دەپسەندىچىلىك بىلەن تۈگەيدۇ!

ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرىشىدىن ئەھۋالىمىزغا قىسقىچە نەزەر سالساق بىزگە، بۇ ئىككى قېتىملىق چوڭ پۇرسەتنى تۇتالماسلىقىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى توغرا سىياسى تەپەككۈر ۋە توغرا دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ كەمچىللىكى بولدى!
بۇنىڭ تىپىك كارتىنىلىرىدىن يۇقۇرىدا دىيىلگىنىدەك ؛ تۆمۈر خەلىپىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىنقىلاپنى تاشلىشى، يەنى داۋاملاشتۇرىدىغان ۋە كەڭىيىدىغان توغرا سىياسىي چۈشەنچىنىڭ يوقلىقى ۋە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ يوقلىقى!
1912-يىلى خىتاي كومىنىست پارتىيىسى قۇرۇلۇشتىن 9 يىل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قوزغىلاڭ توغرا دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى بلەن ھەقىقىي سىياسىي پارتىيە شەكلىدە ئوتتۇرغا چىقىپ خەلىقنى تەشكىللىگەن بولسا بەلكىم خىتاي كومپارتىيەسى يوق بولۇپ گومىنداڭ ۋەتەندىن توللۇق چىكىنىپ بىزمۇ 1933 تە تۆت پۇتىمىز دەسسىگەن ھەقىقىي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى قۇرالىغان بولاتتۇق!

ئىككىنجى قېتىملىق جۇمھۇرىيە قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئۈچ ئەپەندىلەر كومپارتىيەدىن تاياق يىگەن گومىنداڭغا بېرىپ ئۆلكە ۋەكىلى بولىشى، ئەخمەتجاننىڭ «يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم» دىيەلمەستىن كىلىشىم ئىمزالىشى ، بىزدە توغرا بولغان دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ۋە توغرا سىياسىي تەپەككۈرنىڭ كەملىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر!

ئەمدى بۈگۈنگە قارايلى دۇنيا ئۈچۈنجى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ تولغىقىنى ياشاۋاتىدۇ، ئۈچۈنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەيلى بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدەك ئەسكەرلەر جەڭ قىلىدىغان قورال ياراق ئۇرۇشى بولسۇن، ياكى ئىقتىساد ئۇرۇشى بولسۇن ۋە ياكى بىئولوگىيە ئۇرۇشى بولسۇن بۇ ئۇرۇش بولىدۇ ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ بىردىنبىر نىشانى ئامرىكا بىلەن خىتاي ۋە ئۇلارنىڭ ئىتپاقداشلىرى ئوتتۇرسىدىكى دۇنيا بىرىنجىلىكىنى تالىشىش ئۇرۇشى بولىدۇ!

بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ ھالقىلىق ئەزالىرىدىن بىرى، ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز جەڭ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدا ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جەڭ قىلماي قۇرالنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماي ئىككى قولى بىلەن قۇلىقىنى ئىتىۋېلىپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ئۆرە تۇرىۋالغان نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەي تېڭرقاپ قالغان بىر قورقۇنچاق ئەسكەرگە ئوخشايدۇ!
بىز 70 يىلدىن بېرى ئۇرۇشتا ياشاۋاتىمىز ، بىز ئېتىراپ قىلمىساقمۇ، بىز دوست دەپ تۇرۋالساقمۇ، بىز خاتالىقنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ مەن مۇنداق قىلمىغان بولسام مۇندا قىلمايتى دەپ ئۆزىمىزنى ئالداپ باقساقمۇ بىز جەڭدە، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولغان نىجىس خىتايلار نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى بىر كۈنمۇ بىزنى دۈشمەن كۆرۈشتىن توختاپ قالغان ئەمەس ۋە بىزگە قارشى ھەركەت قىلىشتىن توختاپ قالغان ئەمەس!
«سۇ ئۇخلايدۇ ، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ»

يۇقۇرىدا تارىختىن قىسقىچە مىسال ئېلىندى ۋە بىزنىڭ جەڭنىڭ ئىچىدىكى بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىز ئەسكەرتىلدى ! ئۇنداقتا بىز نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
1-بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر جەڭدە ئىكەنلىكىمىزنى تۇنۇپ يىتشىمىز كېرەك، جەڭدە رەھىم – شەپقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەنگە قاتتىق قول بولىشىمىز كېرەك !
2-«داۋا» دېگەن بۇ خايىن ئاتالغۇنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىدىن يوق قىلىش كېرەك ! (70 يىلدىن بېرى بىزنىڭ سىياسىي ھەركەت قىلاماسلىقىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بىزنىڭ ئىنقىلاپ، كۆرەشنى ئۇنتۇلۇپ «داۋا» قىلىۋاتقىنىمىزدۇر»
3-جەڭدە ئەسكەر بولىدۇ! ئەسكەر دېگەننىڭ چوقۇم تەۋە پولكى ۋە تەۋە گۇرۇپپىسى بولىدۇ! شۇڭا چوقۇم مىللەت سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئەزا بولىشى يالغۇز تۇرماسلىقى كېرەك!
4-سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار چوقۇم ئايرىم نامدا بولىشى كېرەك، سىياسىي خىزمەت قىلىدىغانلار پارتىيەلىشىشى، ئىجتىمائىي خىزمەت قىلىدىغانلار ئۆز ھالىتىدە خىزمەت قىلىشى ۋە ئۆزىنى سىياسىي تەشكىلات قاتارىدا كۆرسەتمەسلىكى كېرەك!
5-تەشكىلاتلار ئۈستى بىرلىك قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم شەرقىي تۈركىستان پارتىيەلىرىدىن تەركىپ تاپقان شەرقىي تۈركىستان پارلامېنىتى قۇرۇش كېرەك!
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن تەشكىلات ئۈستى بىرلىك قۇرۇلمايدۇ! چۈنكى بۇ بىرلىك دhگەن چۈشەنسەك پارلامېنتنى كۆرسىتىدۇ!

بۇ تېمىدا كۆزدە تۇتۇلماقچى بولغان مەقسەت، بىز ئۆز ئورنىمىزنى بىلەيلى، سىياسىيلىشايلى، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنايلى!
جەڭنىڭ تەرتىپى بولغىندەك ؛ سىياسىي تەشكىلاتلار (پارتىيەلەر) بىلەن سىياسىي تەشكىلاتلار بىر رەتتە تۇرسۇن!
ئىجتىمائىي ئىش قىلىدىغان تەشكىلاتلار بىر رەتتە تۇرسۇن!
ئاساسلىق نىشان شەرقىي تۈركستاننىڭ مۇستەقىللىق بولسۇن! ئەگەر بۇلار بىر بىرىگە ئارلىشىپ كەتسە، ماشىنلىق قوشۇن بىلەن پىيادە ئەسكەرلەر بىللە ماڭغاندەك تەرتىپ، رەت ، ئىنتىزام بولمايدۇ، ئىنتىزامسىز قوشۇن مەڭگۈ مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر!

«يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم»
«ئۆلسەك شەھىد، قالساق غازى»

ئۇنتۇپ قالمايلى بىز ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر!

2020-يىلى 1-ماي، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش