سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە »  كۇچادىكى مەشھۇر زات سادىق ھاجىم ۋە ئۇنىڭ قىزى «كۇچا خېنىم» ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلار

 كۇچادىكى مەشھۇر زات سادىق ھاجىم ۋە ئۇنىڭ قىزى «كۇچا خېنىم» ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلار

1- رەسىم: كۇچا خېنىم – قەمبەرنىسا (سادىق ھاجىمنىڭ قىزى)

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

 

1-خوجا نىياز ھاجى كۇچاغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى كۇچانىڭ ۋەزىيىتى

 

1931-يىلى قۇمۇلدىن باشلانغان ئىنقىلاب ئوتى 1932-يىلى تۇرپانغا تۇتۇشىدۇ . شۇ يىلى تۇرپان قوزغىلىڭىغا يانداشقان ھالدا توقسۇندىمۇ توختى ئېلىنىڭ باشچىلىقىدا   قوزغىلاڭ باشلىنىپ ، جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان توختى ئېلىنىڭ كۇچادىكى ئاكىسى تۆمۈر ئېلى ھەمدەم بەگ ھاجى، ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇم، ئەخمەتجان ۋە نىزامىدىن ئەپەندىلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ئادەم توپلاپ، ئىنىسى توختى ئېلىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كورلىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بىراق ئۇلار بۈگۈرنىڭ چېدىرغا كەلگەندە، توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ كورلىنى تاشلاپ، تۇرپانغا چېكىنگەنلىكىدىن  خەۋەر تاپىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئادەملىرىنى باشلاپ چېدىرىدىن كۇچاغا قايتىپ كەلگەندە، كۇچانىڭ ئەينى چاغدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارى ھېسابلانغان 10-ئەۋلاد ئىنئانچى بېگى مەھپۇز ۋاڭ ئاللىقاچان قوزغىلاڭچىلار  تەرەپكە ئۆتكەن بولۇپ، ئادەملىرىنى توپلاپ كۇچا سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارغا كۇچادىكى  گامزا باشلىق تۇڭگان قوشۇنلىرمۇ قوشۇلىدۇ. بۇ چاغدا كۇچادا 200 نەپەر  ھۆكۈمەت ئەسكىرى بولۇپ، ئۇلار كۇچا شەھەر ئىچىگە كىرىپ، سېپىل دەرۋازىلىرىنى مەھكەم تاقاپ، مۇكەممەل مۇداپىئە ھالىتىگە كېلىپ بولغانىدى.  قوزغىلاڭچىلارنىڭ   باشلامچىلىرىدىن بولغان تۆمۈر ئېلى  بىلەن  مەھپۇز ۋاڭ مەسلىھەتلىشىپ ، سېپىل ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى قۇرال تاپشۇرۇپ ، تەسلىم بولۇشقا ئۈندىمەكچى بولۇشىدۇ . ئۇلار سېپىل ئىچىگە ئابدۇقادىر بەگ، مەمتىمىن شاڭزۇڭ ، نىزامىدىن ئەپەندى قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىپ، كىرگۈزىدۇ. كۇچانىڭ ئامبىلى  جاڭ شەنگۈي ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت سورايدۇ. بىراق سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولماي، 1933-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى قوزغىلاڭچىلار شەھەرگە رەسمىي ھۇجۇم باشلايدۇ. ھۇجۇم شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە تۆمۈر ئېلىنىڭ باشچىلىقىدا شىمالىي قوۋۇق ، يەنى باي قوۋۇق تەرەپتىن باشلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. قوزغىلاڭچىلار سېپىلغا يامىشىپ چىقىشقا باشلىغاندا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنڭ قوماندانى ياڭ چىمىڭ مەغلۇبىيىتىدىن قورقۇپ كېتىپ، تۆت قىزى ۋە ئايالىنى ئالدى بىلەن ئېتىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلىۋالىدۇ. بىر قىسىم ئەسكەرلەرمۇ ئەپىيۇن يەپ ياكى ئۆزلىرىنى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ . قالغان ئەسكەرلەر ھەربىي گازارما ئىچىگە تىقىۋالىدۇ . يۈزدەك ئادەم گازارما ئىچىدىكى مىلتىق دورىلىرىنى ساقلايدىغان ئامبارنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ. 2-ئاينىڭ 3 –كۈنى، يەنى جۈمە كۈنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ  ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەر ئابدۇرېھىمدىن ئوق-  دورا ئامبىرىغا ئوت يېقىۋېتىشنى ئۆتۈنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئوق دورا ئامبىرىغا ئوت يېقىۋېتىدۇ. ئوت يېقىلىش بىلەن  ئوق-دورىلار قاتتىق پارتىلاپ، جاھان سىلكىنىدۇ، ئاسماننى  قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلايدۇ. پارتىلاشتا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ تەن پارچىلىرى سېپىل سىرتىغىمۇ ئۇچۇپ چىقىدۇ.

گەرچە سېپىل ئىچىدىكى شەھەرنى  تۆمۈر ئېلىنىڭ ئەسكەرلىرى بىر قانچە كۈنلۈك قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ  ئالغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ئىچىدىكى قۇرال ياراقلارنى  ئولجا ئالىدىغان ۋاقىتتا تۇڭگان قوشۇنىنىڭ قوماندانى گامزا بالدۇر بېرىپ: « بۇ ئولجا ئېلىنغان قۇراللار ئىسلامغا مەنسۇپ، قارا شەھەردىكى ماشىمىنگە ئەۋەتىپ بېرىمىز» دەپ تارتىۋالىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئارىغا زىددىيەت چۈشمىسۇن، دەپ بەك تىركىشىپ كەتمەيدۇ. ئەمما گامزا قولغا چۈشۈرگەن قۇراللار بىلەن كۇچادىكى تۇڭگانلارنى قوراللاندۇرۇپ ، گازىرچى، لەڭپۇڭچى ۋە كۆكتاتچى تۇڭگانلارنى قوشۇنىغا قوماندان قىلىپ قويۇپ، ئۆزى بىر قىسىم ئادەملىرىنى باشلاپ ئاقسۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىدىن تۆمۈر ئېلى كۇچادىكى ئىشلارنى مەھپۇز ۋاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،  ئۆزى گامزانىڭ ئارقىدىن قەشقەرنى كۆزلەپ ئاقسۇغا يول ئالىدۇ.

تۆمۈر ئېلى ئاقسۇغا كەتكەندىن كېيىن، مەھپۇز ۋاڭ كۇچادا قالغان ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرىنى تولۇقلايدۇ. شەھەرنى تەرتىپلەپ، پۇقرالارنىڭ ماڭ-مۈلۈك ۋە جان بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. شايارلىق ھاجى ئەلەم بىلەن بىرلىشىپ،  قاراشەھەردىكى خوجا نىياز ھاجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەپەر تەييارلىقىنى قىلىدۇ. ئۇلار 7-ئايلارنىڭ باشلىرىدا قارا شەھەرگە يېتىپ بېرىپ، خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭنىڭ  ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ . گەرچە كۇچادىن كەلگەن ئەسكەرلەرنىڭ قۇرال ياراغلىرى ناچار، ئۇرۇش تەجرىبىلىرى كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. خوجا نىياز ھاجى مەھپۇز ۋاڭغا « سىلەرنىڭ قوشۇنۇڭلار ، چوڭ ئۇرۇشلارغا قاتناشمىغان، تەجرىبىسى يوق ، بۇ ئۇرۇشنى بىز قىلايلى، سىلى كۇچاغا قايتىپ ئارقا سەپ تەمىناتلىرىنى تەمىنلەپ بەرسىلە » دەيدۇ. ئەمما مەھپۇز ۋاڭ ۋە ھاجى ئەلەملەر بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدۇ. ئۇلار ئالدىنقى سەپكە بىرگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەھمۇت سىجاڭنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە  توقسۇنغا بارماقچى بولىدۇ . ئۇلار ئىككى  يولغا بۆلۈنۈپ، قاراشەھەردىن  يولغا چىقىدۇ. پىلان بويىچە  سەمەت يۈزبېشى بىلەن پولات يۈز بېشىنىڭ ئادەملىرى بىرلىكتە ئۇششاق تال بىلەن تاغ ئارىلاپ، توقسۇنغا بارىدىغان، مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئادەملىرى ئاغىبۇلاقنىڭ تاغلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ،  توقسۇندا ئۇچراشماقچى بولىدۇ .  مەھپۇز ۋاڭ ۋە ھاجى ئەلەملەرنىڭ قوشۇنى مەھمۇت سىجاڭنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرگە ماڭىدۇ. بىرا ق ئويلىمىغان يەردىن  قاتتىق  بوران- چاپقۇن ۋە يامغۇردا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھمۇت سىجاڭ قوشۇنلىرى توقسۇننىڭ ئېلانلىق دېگەن يېرىدە ماجۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ . باشقا ئەسكەرلەر ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولۇپ، قارا شەھەرگە چېكىنىدۇ. ئۇلار قارا شەھەردىمۇ ئۇزاق تۇرالمايدۇ، كورلىغا ، ئۇ يەردىن كۇچاغا چېكىنىدۇ. مەھپۇز ۋاڭ ۋە ھاجى ئەلەمنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ مىڭ بىر تەسلىكتە تاغ ئارىلاپ يۈرۈپ، ئاران كۇچاغا ئۇلىشىدۇ .  ماجۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرى قارا شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن خوجا نىياز ھاجى قوشۇنلىرى بىلەن سۈلھى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىنى قورشاۋغا ئالغان تۇڭگان قوشۇنلىرى تېخىمۇ كۆپ قوشۇنغا موھتاج بولۇۋاتاتتى. بۇ كۇچاغا توپلانغان خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭ قوشۇنلىرىغا بىر مەزگىل بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋېلىش ۋە دەم ئېلىش  پۇرسىتى بەرگەنىدى.

 

2- كۇچالىق مەشھۇر زات سادىق ھاجىم ھەققىدىكى بايانلار

 

خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلار كۇچاغا كەلگەن ۋاقىتلار  1933 -يىلىنىڭ  8-ئاي مەزگىلى بولۇپ، كۇچانىڭ باي-باياشاتلىق ئەڭ ياخشى ۋاقىتلىرى ھېسابلىناتتى . بىراق ئۇلارنىڭ بېشىدا ئېغىر غەم بولغاچقا، كۇچانىڭ بۇ گۈزەل چاغلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا كۆڭۈللىرى تارتمايتتى . ماجۇڭيىڭنىڭ  ھەرزامان كېلىشىمنى بۇزۇپ كۇچاغا باستۇرۇپ كېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. ناۋادا شۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدىكى ناچار قوراللار بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ زامانىۋى قۇراللار بىلەن قوراللانغان مۇنتىزىم ئەسكەرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل  ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوق-دورىلىرى بەكلا كەمچىل ئىدى. نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ قولىدا قۇرال بولسىمۇ ، ئەمما ئاتىدىغان ئوقلىرى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەن مۇسۇل باي ۋە قاسىم ئەپەندىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەققازالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە مۇسۇل باي بىلەن قاسىم ئەپەندى كۇچاغا كېلىپ، رەستىدىكى سارايدا ئۇلارنى ساقلاۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولغانىدى. مۇسۇل باي بىلەن قاسىم ئەپەندى خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سوۋېت كونسۇلنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى  ھەربىرى 100 تال ئوق بىلەن مىڭ دانە بەش ئاتار مىلتىققا ئىككى ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەركەك  قويلاردىن 80 مىڭنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلارنىڭ  بېشىغا تاغ يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا بۇنچىلىك كۆپ قويلارنى تەييار قىلغۇدەك يە ئالتۇن، يە پۇل يوق ئىدى. قۇرالنى ئالماي ئەسلا بولمايتتى. ئاخىرى ئۇلار كۇچادىكى بايلارنى، ئۆلىمالارنى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت قىلىشىدۇ. مەسلىھەت بىرقانچە كۈن داۋام قىلىدۇ. سۆھبەتتە كۇچا، باي، شايار ۋە توقسۇدىكى بايلارنى  قوي ئىئانە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن سىرت، كۇچادىكى ئاتاقلىق چارۋىدار باي، جامائەت ئەربابى  سادىق ھاجىمنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. سادىق ھاجىم كۇچادىكى تەسىرى بار  چوڭ بايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزى دۆببىگى بولۇپ تۇرۇۋاتقان خانقىتام يېزىسىنىڭ يايلاق، توقايلىرىدا نەچچە تۈمەن قويلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سادىق ھاجىم كۇچادىكى مەشھۇر شەخس، كۇچادا تۇنجى بولۇپ مىس كانى ئاچقان غەنىزات خوجىنىڭ تىللا  خېنىم، دەپ ئەتىۋارلىنىۋاتقان،  بىردىن –بىر  قىزى بولغان دىلەيسە خېنىمغا ئۆيلەنگەنىدى. كۇچادا تەسىرى بار بۇ ئىككى جەمەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولۇققان قىيىن  مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆپ پايدىلىق ئىدى. شۇڭا  سۆھبەتكە قاتناشقان كۇچالىق بايلار خوجا نىياز ھاجىمغا ئالدى بىلەن سادىق ھاجىمغا كۈيئوغۇل بولۇش، ئاندىن ياردەم سوراش تەكلىپىنى بېرىدۇ. خوجا نىياز ھاجى دەسلەپتە بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدۇ، كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ماقۇل بولىدۇ. خوجا نىياز ھاجىغا ۋاكالىتەن ئەلچى بولۇپ، ئىسلام باي ۋە ئەززەمخان تۆرە بارىدىغان بولۇپ، بېكىتىلىدۇ.

2-رەسىم: ئەززەمخان تۆرە (خوجا نىياز ھاجىمنىڭ مەسلىھەتچىسى)

ئىسلام باي تۆمۈر ئېلى، مەھپۇز ۋاڭلار بىلەن بىرگە  كۇچا شەھىرىنى ئېلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان  ھەمدەم بەگ ھاجىنىڭ دادىسى بولۇپ، كۇچا، توقسۇ دائىرىسىدىكى  يۈز- ئايروبلۇق كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەززەمخان تۆرە  مەرغىلانلىق سودىگەر كىشى بولۇپ، ۋۇرۇس ، ئۆزبېك ، ئۇيغۇر ،تاتار ۋە تاجىڭ تىللىرىنى ياخشى  بىلگەندىن سىرت  ، موسكۋادا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان ئادەم ئىدى. ئۇ  1925-يىللىرى ئەتراپىدا كۇچاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن. ئەززەمخان تۆرە جۇغى كىچىك،  ئوتتۇرا بوي ئادەم بولۇپ، پىكىرى ئۆتكۈر ، سۆزمەن، ناتىق ئادەم بولغان.شۇڭا بۇ ئىككىسى سادىق ھاجىمنىڭ ئۆيىگە ئەلچى بولۇپ، قىزى قەمبەرنىسانى سوراپ كىرگەندە، گەرچە سادىق ھاجىم كۆڭلىدە رەت قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما  ئەززەمخان تۆرىنىڭ سۆزمەنلىكىدىن ، سۆزىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان.   ئۇنىڭ ئۈستىگە سادىق ھاجىم ئەسلىدىن  خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلار باشلىغان ئىنقىلابقا خالىس  ياردەم قىلىش ئىستىكى ھەم خوجا نىياز ھاجىغا ھۆرمىتىمۇ  بار ئىدى. شۇڭا خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئەلچىلىرىنى رەت قىلىشقا سەۋەپ تاپالمايدۇ.

شۇنداق قىلىپ، سادىق ھاجىم قىزىنىڭ كىچىكى بولغان 16 ياشلىق  قەمبەرنىسانى توي قىلىپ، ئۇزۇتۇپ قويىدۇ . قەمبەرنىسا خوجا نىياز ھاجىم بىلەن توي قىلغان كۈندىن باشلاپ، خەلق ئارىسىدا «كۇچا خېنىم» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇدۇ.

خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭ قوشۇنلىرى كۇچادا 40 كۈن تۇرۇپ، 9-ئايلارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پۈتۈن قوشۇن بىلەن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. شۇ چاغدا كۇچا ۋە كۇچا ئەتراپىدىن توپلانغان قويلارنىڭ ئومۇمىي سانى 48 مىڭ تۇياق بولۇپ، بۇنىڭ 30 مىڭ تۇيۇقىنى سادىق ھاجىم ئىنقىلاب ئۈچۈن  تەشەببۇسكارلىق بىلەن خالىس  ئىئانە قىلغانىدى.

خوجا نىياز ھاجىم كۇچادىن ئاقسۇغا قاراپ مېڭىشىدا، سادىق ھاجىمنى باي ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، باي ناھىيەسى ئەينى چاغدا ئاقسۇغا ئۆتۈش يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم يەر بولۇپ، بۇ يەرگە تەجرىبىلىك، تەسىرى بار، ئىشەنچلىك بىر ئادەمنىڭ  ھاكىم بولۇشى ناھايىتى مۇھىم ئىدى. خوجا نىياز ھاجى يېنىدىكى ئادەملەرنى بۇ يەر قالدۇرۇپ قويۇشقا تېخى بولمايتتى. شۇڭا  باي ناھىيەسىنىڭ ھاكىملىقىغا سادىق ھاجىمدىن باشقا مۇۋاپىق نامراتمۇ يوق ئىدى.  سادىق ھاجىم بايغا قاراپ يولغا چىقىشىدا، كۇچادىكى داڭلىق ئۆلىما، شائىر، تارىخچى قارى بائىزى خەلپىتىمنى ئۆزىگە كاتىپ قىلىپ بىرگە ئېلىۋالىدۇ.

1936-يىلى 3-ئايدا كۇچادا چوڭ تۇتقۇن بولغاندا، سادىق ھاجىم يەنىلا بايدا ھاكىم ئىدى. شۇ يىلى 7-ئاي ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىن ئىككى ۋۇرۇس، ئىسلام ئىسىملىك تاتار تەرجىمان ۋە بىر  خىتاي شوپۇر ماشىنا بىلەن ئۇدۇل باي ناھىيەسىگە كېلىدۇ. بۇلار شىڭ شىسەي ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتكەن ئادەملەر بولۇپ، باي ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە كېلىپ، سادىق ھاجىمنى ئىزدەيدۇ. سادىق ھاجىم بۇ چاغدا ئۆيىدە تاماق يەپ ئولتۇرغان بولۇپ،  ئۇلار سادىق ھاجىمغا  شۇ يەردىلا تاپانچا تەڭلەپ، قولىغا كويزا سېلىپ، ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭىدۇ. ئۇلار ئاقسۇغا قاراپ مېڭىپ، ياقا ئېرىققا كەلگۈچە سادىق ھاجىمنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كەتكەچكە ئىككى-ئۈچ يەردە ماشىنىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ . ھەر قېتىم سادىق ھاجىم تەرەت سۇندۇرغاندا، ۋۇرۇس ئەسكەرنىڭ بىرى ئارقىسىدىن تاپانچا تەڭلەپ تۇرغان.  ئۇلار ياقا ئېرىقتىن ئۆتۈپ، تاجى خوراز دېگەن يەرگە كەلگەندە، سادىق ھاجىمنىڭ قورسىقى ئاغرىپ پەقەت بولالماي قالغان. ئەمما ۋۇرۇس ئەسكەر ماشىنىنى توختىتىشقا ئۇنىمىغان. تاتار تەرجىمان يالۋۇرغاندىن كېيىن، ماشىنىنى توختىتىپ، پەسكە چۈشۈپ تەرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان. سادىق ھاجىم ماشىنىدىن چۈشۈپ، يول ياقىسىدىكى بىر قۇرۇق ئېقىننىڭ قىرىغا كېلىپ، تاھارەتكە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشكەن. تاتار تەرجىمان يۆلەپ تۇرغۇزۇشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ كۈچى يەتمىگەن . شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالنى  ئىككى ۋۇرۇس ئەسكەرگە  دوكلات قىلغان. ئىككى ۋۇرۇس ئەسكەر ماشىنىدىن چۈشۈپ سادىق ھاجىمغا  قاراپ باققان،  ئاندىن بىرسى تاپانچىسىنى چىقىرىپ، بېشىغا ئىككى پاي ئوق ئاتقان. سادىق ھاجىم بىر ئىڭراپلا جان ئۈزگەن. ئىككى ۋۇرۇس ئەسكەرنىڭ نېرىغا سىيگىلى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، تاتار تەرجىمان ئىسلام بىلەن، خىتاي شوپۇر سادىق ھاجىمنى ئاددىيلا كۆمۈپ قويغان. ئاندىن ئۇلار ماشىنىسىغا چىقىپ ئاقسۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن.

ئەتىسى ئەتتىگەندە بىر مالچى ماللىرىنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، قاغا، قۇزغۇنلارنىڭ بىر يەرگە ئولۇۇشپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. بېرىپ قارىسا بىلەك گۆشلىرى يېيىلىپ كەتكەن بىر جەسەت تۇرغان.  مالچى دەرھال ياقائېرىققا بېرىپ، يۇرت بېگىگە خەۋەر قىلغان. ياقائېرىقتىن 5-6 ئادەم ھارۋا بىلەن كېلىپ، چاۋا- چاتقاللارنى ئېچىپ قارىسا، جەسەتنىڭ ئۈستىدە خورما رەڭ دۇخاۋا پەشمەت، شالۋۇر، پۇتىدا مەسە تۇرغان.  كەلگەنلەر  جەسەتنىڭ سادىق ھاجى ھاكىمنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ ، جەسەتنى ھارۋىغا بېسىپ ياقائېرىققا ئېلىپ كېلىپ، باي ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە خەۋەرچى ئەۋەتكەن. كەچ تەرەپتە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن بىرقانچە ئادەم كېلىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە جەسەتنى بايغا يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەن ۋە كۇچادىكى ئايالى تىللا خېنىمغا خەۋەر بەرگەن. بۇ 7-ئاينىڭ  تۇمۇز  كۈنلىرى بولغاچقا  3 كۈن بولغان جەسەت پۇراپ كەتكەن. شۇنداق بولسىمۇ  تىللا خېنىم  خېنىم  سادىق ھاجىمنىڭ جەسىتىنى كۇچا ئېلىپ كېلىش  پىكىرىدە چىڭ تۇرغان.  بىراق باينىڭ ئۆلىمالىرى جەسەت كۇچاغا بارغۇچە تېخىمۇ سېسىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تىللا خېنىمنى قايىل قىلغان ۋە باينىڭ شىمالىدىكى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان.

سادىق ھاجىم ھەققىدىكى بىر قىسىم مۇھىم بايانلارنى بايغا تەرجىمان بولۇپ بارغان تاتار يىگىت ئىسلام دوستى تاتار يىگىت ئىسھاققا سۆزلەپ بەرگەن. ئىسھاق بۇ ۋەقەلەرنى 1940-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ساقچى ئوفىسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدە، كۇچالىق ساۋاقدىشى ئەھەت نايۇپقا سۆزلەپ بەرگەن. ئەھەت نايۇپ بۇ ۋەقەلەرنى ئۆزىنىڭ بىر ئەسلىمىسىدە تىلغا ئالغان.

سادىق ھاجىمنىڭ ئايالى دىلەيسە خېنىم خەلق ئارىسىدا تىللا خېنىم دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ، مەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمىنى بالا ۋاقىتلىرىمدا ئاپامدىنمۇ ئاڭلىغانىدىم. بىز غۇلجىدىن كۇچا قايتىپ كەلگەن چاغلاردا، تىللا خېنىم ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن ئاخىرەتكە سەپەر قىلغانىكەن.  ئاپام تىللا خېنىم بىلەن  ۋىدالىشالمىغانلىقىغا كۆپ ئەپسۇسلانغانىدى. تىللا خېنىم 1979-يىلى 3-ئايدا 80 نەچچە يېشىدا  كۇچادا ۋاپات بولۇپ،  جەمەت قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

 

3- «كۇچا خېنىم» نىڭ ھاياتىدىن ئۈزۈندىلەر

 

تارىختا «كۇچا خېنىم» نامى بىلەن ئاتالغان قەمبەرنىسا خېنىم  كۇچالىق مەشھۇر باي، خەلقپەرۋەر زات سادىق ھاجىمنىڭ قىزلىرىنىڭ كىچىكى بولۇپ، بالىنىڭ ئۈچىنچىسى ئىدى. سادىق ھاجىم بىلەن تىللا خېنىمنىڭ  جەمئىي  6 بالىسى بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ بالىسى قىز ، كېيىنكى ئۈچ بالىسى ئوغۇل ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى دىلپۇرۇز خېنىم، دىنساخېنىم، قەمبەرنىسا خېنىم، تۇردىئاخۇن ، مەتنىياز قارىم، مەمەترېھىم قارىم  ئىدى.  قەمبەرنىسا خېنىم  خوجا نىياز ھاجىغا ياتلىق بولغان چاغدا 16 ياشتا بولۇپ، 1917-يىلى تۇغۇلغان.

1934-يىلى 7-ئايلارنىڭ ئاخىرى خوجا نىياز ھاجى بىلەن قەمبەرنىسا خېنىم  كۇچا كېلىپ، چۈشىدۇ. بۇ چاغدا خوجا نىياز ھاجى بىلەن شىڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلۈپ، خوجا نىياز ھاجى ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە ماۋۇن رەئىس بولۇش ئۈچۈن يولغا چىققانىدى. كېلىشىمگە سوۋېت ئىتتىپاقى كاپالەت بەرگەچكە، خوجا نىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە  بارماسلىققا ئامالسىز قالغانىدى. خوجا نىياز ھاجى كۇچادا بىر كۈن تۇرۇپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇدۇ، «كۇچا خېنىم» ئېغىر ئاياق بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇغۇت سەۋەبى بىلەن كۇچادا قالىدۇ. خوجا نىياز ھاجى شۇ يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ھازىرقى 2-دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى  سودا ئىدارىسىنىڭ قورۇسىغا ئورۇنلىشىدۇ. قەمبەرنىسا خېنىم كۇچادا قىزى زىۋەر خېنىمنى تۇغۇپ بولۇپ، قىرقى توشقاندىن كېيىن، كېلەر يىلنىڭ يىل بېشىدا   ئۈرۈمچىگە  كېلىدۇ. 1937-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خوجا نىياز ھاجى قولغا ئېلىنىدۇ. خوجا نىياز ھاجىغا تەۋە پۈتۈن مال-مۈلۈك مۇسادىر قىلىنىدۇ. گەرچە شىڭشىسەي قەمبەرنىسا خېنىمنىڭ ھاياتىغا قەست قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما قەمبەرنىسا خېنىمنى بالىلىرى بىلەن ئولتۇرۇۋاتقان قورۇسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. قەمبەرنىسا خېنىم  ئۈرۈمچىدە ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. 1938-يىلى كۈزدە خوجا نىياز ھاجى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەمبەرنىسا خېمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھاياتى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ . كۇچاغا قايتىپ پاناھلىنىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما كۇچادىكى قېرىنداشلىرىمۇ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ نىيىتىدىنمۇ ۋاز كېچىپ،  داۋاملىق ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالىدۇ.

شىڭشىسەي 1942-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتىدۇ. 1944-يىلى كۈزە نەنجىڭغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. شىڭشىسەينىڭ كېتىشى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدە بىزار ياخشىلىنىش بولىدۇ . قەمبەرنىسا خېنىممۇ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئىلغا پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ  ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. 11 بېتىم تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ  غەمخورلۇقىغا ئېرىشىدۇ. بىراق بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىملار غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن،  1947-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەمبەرنىسا  خېنىم ئۈرۈمچىدە تۇرالماي، ئىككى بالىسى بىلەن تۇرپاننىڭ قارا غوجا يېزىسىغا بېرىپ، پاناھلىنىدۇ. كېيىن قارا غوجىدا قىزى زىۋەر خېنىمنى  شۇ يەرلىك بىر ئىمامنىڭ ئوغلى ئابدۇرېىھمغا ياتلىق قىلىدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن، قەمبەرنىسا خېنىم تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ ۋە  ئۈرۈمچىدە تېگى ئاقسۇلۇق شايىپ ھاجىم ئىسىملىك بىر كىشىگە تۇرمۇشلۇق بولۇپ ، بىر ئوغۇللۇق بولىدۇ.

تارىختا «كۇچا خېنىم» نامى بىلەن ئاتالغان قەمبەرنىسا خېنىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىلىنى  ئاتىسىنىڭ يۇرتى كۇچادا ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، 1982-يىلى ئەتىيازدا 65 يېشىدا كۇچادا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ.  بىر دەۋرىنىڭ ، بىر خەلقنىڭ  قەھرىمانىغا ھەمراھ بولغان، ئەمما كېيىنكى ھاياتى  قىيىنچىلىق ۋە جاپادا  ئۆتكەن قەمبەرنىسا خېنىمنى كۇچادىكى قېرىنداشلىرى، تۇغقانلىرى ۋە ئەل-جامائەت ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام  بىلەن سادىق ھاجىمنىڭ جەمەت قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدۇ.

قەمبەرنىسا خېنىم ئەل قەلبىنىڭ تۆرىدىن يۈكسەك ئورۇن ئالغان غازى خوجا نىياز ھاجى بىلەن جەمى 5 يىل بىرگە ياشىغان بولۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولغان. چوڭ بالىسى قىز بولۇپ، 1934-يىلى كۈزلەردە كۇچادا تۇغۇلغان، ئىسمى زىۋەر خېنىم ئىدى. زىۋەر خېنىم تۇرپان قارا غوجىدا تۇرمۇشقا چىقىپ،  ئىككى بالىلىق بولغان. ھازىر بۇ ئىككى بالىسى تۇرپاندا ھايات ياشاۋاتىدۇ. زىۋەر خېنىم 2018-يىلى 84 يېشىدا  تۇرپان قارا غوجىدا ۋاپات بولغان. ئىككىنچى بالىسى ئوغۇل بولۇپ، ئىسمى ئەبەيدۇللا ئىدى. ئەبەيدۇللا تەخمىنەن 1937-يىلىنىڭ ئاخىرى ،  1938-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇغۇلغان. خوجا نىياز ھاجىم قەتلى قىلىنغاندا تېخى بىر ياشقىمۇ تولمىغان.  ئەبەيدۇللا مەريەم ئىسىملىك كۇچالىق بىر قىز بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغان بولۇپ، 4 بالىلىق بولغان. بۇ تۆت بالا ھازىر ھايات. ئەبەيدۇللا 1983-يىلى ئۈرۈمچىدە 45 ياشلار ئەتراپىدا ۋاپات بولغان.

بۈگۈن ئۇلۇغ بىر دەۋرىنىڭ شاھىتلىرى ۋە قەھرىمانلىرى ھېسابلانغان خوخا نىياز ھاجىمۇ، قەمبەرنىسا خېنىممۇ ئارىمىزدا يوق. ئەمما ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى  بولغان نەۋرىلىرى بىز بىلەن ئوخشاش بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ياشىماقتا. مەن مەرھۇملارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، مەرھۇملارنىڭ تەۋەرۈكلىرى بولغان پەرزەنتلەرگە ئاللاھدىن  سالامەتلىك تىلەيمەن.

3-رەسىم: مەتنىياز قارىم (كۇچا خېنىم – قەمبەرنىسا خېنىمنىڭ ئىنىسى)

بۇ ماقالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇر ۋە رەسىمنى «كۇچا خېنىم» نىڭ ئىنىسى مەتنىياز قارىمنىڭ  پەرزەنتلىرى تەمىنلىدى. مەتنىياز قارىم 1923-يىلى كۇچادا تۇغۇلغان بولۇپ، 1979-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. مەرھۇمنىڭ  روھى شاد بولسۇن.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر

كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى

كۇچادا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسىلەر

كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى 3-5- قىسىملىرى

كۇچا ناھىيەسى تەزكىرىسى

1931-1934-يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە-ئابلىمىت مەخسۇتوف

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش