You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » يېڭى يىپەك يولى – ۋىرۇس يولى

يېڭى يىپەك يولى – ۋىرۇس يولى

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

يىپەك يولى

…..جەھەننەم يولى…

…………ئۇرۇش يولى…

……………….پالاكەت يولى…

………………………تراگېدىيە يولى…

………………………………ئىرقىي قىرغىنچىلىق يولى…

………………………………………زور كۈچلەرنىڭ رىقابەت يولى…

………………………………………………ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىق يولى…

دەپ يازىدۇ «يىپەك يولى تارىخى» ناملىق مەشھۇر كىتاپنىڭ ئاپتورى پېتېر فرانكوپان.

مەن بۇ يولغا،

……..جىن يولى…

………………ئەجدەرھا يولى…

……………………….ۋىرۇس يولى…

دەيمەن.

چۈنكى بۇ شى جىنپىڭنىڭ يولى… دېڭ بۇفاڭنىڭ پاش قىلىشىچە، يېڭى يىپەك يولى تۈرى خىتاي خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ تەستقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، شى جىنپىڭنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر پروجېكت بولۇپ ئەخمەقلەرچە ھەر تەرەپكە پۇل چېچىپ بەتخەجلىك قىلماقتا ئىكەن.

چۈنكى بۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى، يەنى تۈركىستاننى، ئوتتۇرا شەرقنى ۋە ياۋرۇپانى سۆمۈرىمەن دەۋاتقان سېرىق ئەجدەرھانىڭ يولى…

چۈنكى بۇ كورونا ۋىرۇسىغا ئوخشاش خىتاينىڭ رەزىل ئىدىئولوگىيىسىنى ۋە كۈلتۈرىنى يايىدىغان ۋابا يولى…

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇ يولنىڭ قۇربانى بولۇپ بۈگۈن بېشىغا كەلمىگەن كۈلپەت، مۇسىبەت ۋە پالاكەت قالمىدى.

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، خىتاي سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئاۋۋال مىتو-ئستراتىگىيەلىك، كېيىن گېئو-ئستراتىگىيەلىك نىشان قىلىپ بەلگىلىنىشىدە يىپەك ۋە يىپەك يولىنىڭ كونترولى مەسىلىسى مۇھىم رول ئوينىغان.

يىپەك قەدىمقى خىتايدا ئىنتايىن قىممەتلىك ئىستىمال بۇيۇمى بولۇپ، ئەينى دەۋىردە پۇل قاتارىدا ئىشلىتىلگەن. بۈگۈن تىلىمىزدىكى «ئاقچا» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىدە «ئاغىچا» دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكى، «ئاغى» دېگەن سۆزنىڭ «يىپەك» نى ئىپادىلەيدىغانلىقى مەلۇم.  تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، يىپەك ئەينى دەۋىرلەردە غەربىي رايونلاردا خىتايدىكى سودىغا نىسپەتەن 46 ھەسسە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلگەن، ھەتتا رىم تەۋەسىدە 4- ئەسىردە 1 كىلوگرام  خام يىپەك 4000 دەرھەم ئالتۇنغا سېتىلغان. خىتاي يىپەكنىڭ يۇقىرى سودا قىممىتىنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ مەھسۇلاتنى غەربىي رايونلاردىكى دۆلەتلەرگە ئېلىپ بېرىپ سېتىش ئۈچۈن يول ئېچىشنى پىلانلىغان.

يىپەك يولى ئېچىلىپ سودا باشلىغاندىن كېيىن يولنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان. چۈنكى يىپەك يولى غەرپتىكى يات مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئېغىر باج تۆلەشكە توغرا كەلگەن ۋە يىپەك توشىغان كارۋانلارمۇ داۋاملىق بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغان. بۇ ئەھۋال يىپەكنىڭ مالىيىتىنى ئۆرلىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي يىپەك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ يول بويىچە قاراۋۇللار تەسىس قىلغان. يىپەك يولى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىش نىيىتىنى بولسا تالاس ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پروجېكتى ئىمپېرىيال ۋە دۇنيا ھاكىمىيىتى مەركەزلىك بىر پروجېكتتۇر. خىتاي بۇ پروجېكت بىلەن ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، بالغان ۋە شەرقىي ياۋرۇپانى سودا تورلىرى بىلەن بىر بىرىگە باغلاپ، كېيىن بۇ رايونلاردا بەرپا قىلغان ئىقتىسادىي سېستما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي نوپۇزىنى تىكلەيدۇ دەپ ئېيتىش مۇمكىن. خىتاي ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ پروجېكتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدىغان بولسا، خىتاي بۇ رايونلاردا ئۇرۇش – جىدەل چىقىرىشتىن، ھەتتا بەزى رايونلارنى ئىشغال قىلىشتىن يانمايدۇ. بۇ پروجېكتكە توسالغۇ بولىدۇ دەپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلمى دۇنيا ئالەمگە مەلۇم.

بەزى دۆلەتلەر يېڭى يىپەك يولى پروجېكتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن  چوڭ گۈللىنىشكە يول ئاچىدۇ دەپ قارىماقتا. لېكىن تارىخىي ۋە كوللېكتىپ خاتىرە بۇنىڭ دېگەندەك بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. قەدىمكى يىپەك يولى ئۇيغۇرلارغا مەلۇم مەزگىل پاراۋانلىق ۋە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت، لېكىن بۇنىڭ بەدىلىگە زېمىنىنى يوقىتىپ قويدى، بۈگۈن جېنى ھەلقۇمىدا…

خىتاي يېقىندا كورونا ۋىرۇس سەۋەپلىك ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان تارتقان دۆلەتلەرنىڭ يىپەك يولى پروجېكتى ئۈچۈن ئالغان قەرزلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ خىتاينىڭ باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەرگە ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەگەر تۈركلەر ۋە تۈرك دۇنياسى بۇ پروجېكتتىن نەپ ئالىمىز دەپ خىيال ۋە تەساۋۋۇر قىلىۋاتقان بولسا، بۇ خام خىيالدىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەك. بولمىسا بولمايدۇ دەيدىغان بولسا، تۈركىيە باشلىق بارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلگە قاغاننىڭ سۆزىنى خاتىرلىشى، خىتاينىڭ يۇمۇشاق يىپەكىگە، تاتلىق سۆزىگە ئالدانماي ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى، يىپەك يولىنىڭ كونترولىنى خىتايغا زىنھار بېرىپ قويماسلىقى، تۈرك تۇپراقلىرىغا خىتاي نوپۇسىنى ۋە خىتاي مەدەنىيەت ئۇنسۇرلىرىنى قەتئىي يولاتماسلىقى كېرەك.

چۈنكى بۇ ئەجدەرھا يولى…

……..چۈنكى بۇ ۋىرۇس يولى…

2020-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top