سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » تەشكىلاتلىرىمىزغا توغرا كېلىدىغىنى بىرلىشىشمۇ ياكى ھەمكارلىشىشمۇ؟

تەشكىلاتلىرىمىزغا توغرا كېلىدىغىنى بىرلىشىشمۇ ياكى ھەمكارلىشىشمۇ؟

ئالماس ھاجى

بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش دىگەن سۆزلەر ھازىر ھەممىنىڭ دىققەت ئېتىۋارىدە تۇرىۋاتىدۇ، بۇ سۆزلەرنى بەزىلەر چاقىرىققا ئىشلىتىۋاتىدۇ، بەزىلەر باشقىلارنى تەنقىتلەشكە، ئەيىپلەشكە ئىشلىتىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر بىز ئۈمۈتلەنگەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى بۇزۇش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ سۆزلەر ۋە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار، ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىلەر  ئۈستىدە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. ھازىر بىزدە سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەناسىنى توغرا ئىگەللىمەي خاتا ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەناسى ھەققىدىكى چۈشەنچە بىلەن گەپ باشلىدىم:-
بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە مۇنداق ئىزاھلانغان :-

-بىرلىشىش (بىرلەشمەك) – مەلۇم مەقسەت ياكى مەلۇم ئاساستا بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر – بىرىگە قۇشۇلماق، ئۇيۇشماق.
-ئىتتىپاقلىشىش (ئىتتىپاق تۈزمەك) – بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزئارا كىلىشىپ قارار ئالماق، ئىتتىپاق بولۇپ ئىناق ئۆتمەك.
-ھەمكارلىشىش (ھەمكارلاشماق) – ئۆزئارا ياردەملەشمەك؛ بىرەر ئىش ، بىرەر ۋەزىپىنى، خىزمەت قاتارلىقلارنى بىر قانچە ئادەم ياكى بىر قانچە ئورۇن (تەشكىلاتلار) ئۆزئارا ماسلىشىپ ئىشلىمەك ، ئورۇنلىماق.

ئۇنداقتا بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىزنىڭ شۇئار قىلىشىمىزغا ماس كىلىدۇ؟

1. بىرلىشىش (قوشۇلۇش)

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى غايە، نىشان جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن،ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرت-شارائىت ۋە ئىمكانىيەتلىرىگە قاراپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان تەشكىلى قۇرۇلمىغا ھەم كونكىرىت خىزمەت يۈنىلىشىلىرىگە ئىگە. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئاممىۋى سايلام بىلەن ئەمەس، ئاۋانگارتلارنىڭ بىرلىكى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. شۇ سەۋەپتىن تەشكىلى قۇرۇلمىدىكى خاسلىق ۋە مۇستەقىللىقى، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت يۈنۈلىشىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، بىر مەركەزلىك تەشكىلاتقا ئايلىنىشى تەشكىلاتلارنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا شەكىل جەھەتتىن ماس كەلمەيدۇ.

2. ئىتتىپاقلىشىش (ئىناق ئۈتۈش)

بۇ قوشۇلۇش ئەمەس، ئىتتىپاقلىشىش-بىر مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرەر ئىش، بىرەر پائالىيەتنى ئۆزئارا كىلىشىپ بىرلىكتە ئورۇنداش بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بەزىدە مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ-كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئىتتىپاق بولغاندا ئۆز ۋاقتىدا ھەر تەرەپلىمە كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى، مۇھىم ئىشلارنى ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، توغرا قارار ئالغىلى؛ ئاجىز كەلگەندە كۈچ توپلىغىلى، يېڭى ۋەزىيەت ئورتىغا چىقارغان بەزى جىددى مەسئىلىلەرگە ئۆزۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدۇ.

ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشۈنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈدۇ، مۇناسىۋەتتە يېقىنلىق ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەپ، ئۆزئارا كۈڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ئەھۋاللار كۈپىيىدۇ. بۇ ھال كۆرەش سېپىمىزنى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملەيدۇ. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بەزى ھالقىلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ ھەيئەت تەشكىللەپ،ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ ئېلىپ بارغان سۆھبەت، تەشۋىقات، زىيارەتلىرى بۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.

3. ھەمكارلىشىش (ياردەملىشىش، ماسلىشىش)

ئىتتىپاقلىقتىن كېيىن ھەمكارلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىمىزنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىمىز لازىم. خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىشكە تېگىشلىك ھەركەت، پائالىيەتلەرنى بىرەر دۆلەتتىكى بىر قانچە تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆزلىگەن ئۈنۈمگە، ئەسلى مۇددىئاغا يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، پىلانلىق ھالدا ھەركەتنى ۋاقىت، ئۇسۇل جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ قەدەم بىلەن دۇنياۋى دولقۇن ھاسىل قىلىنسا بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن زور بولىدۇ. چۈنكى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق توپلانغان كۈچنى نامايان قىلىپ، ناھايىتى چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلىش ۋە كەڭ دائىرىدە تەسىر كۆرسۈتۈش قۇدرىتىگە ئىگە. مەسىلەن، خىتاي يۇقۇملۇق ۋىروسى پۇتۇن دۇنياغا تەھدىت بولۇپ، بالايى-ئاپەت ئېلىپ كىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادىكى 30 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ‹‹شەرقىي تۈركىستان ۋىروس كىرزىسى ياردەم مەركىزى›› نى قۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلارغا ياردەم بىرىشنى تەشكىللەپ ئىش ئېلىپ بارغانلىقى بۇنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى. شۇڭا تەشكىلاتلىرىمىز ئىتتىپاقلىشىپ،ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى لازىم.

ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تەشكىلات شەكلى قانداق بولىدۇ؟

بۇنداق ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى دائىمىلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، نۇپۇزلۇق ئىلىم ئەھلى، ئاكتىپ مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان ھالدا باش قوشۇشۇپ ئومۇمى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، مەۋجۇت مەسئىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش، چوڭ-چوڭ مەسئىلىلەردە ئورتاق قارار ئېلىش ئۈچۈن؛ كۈچنى توپلاش، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردە رايون خاراكتىرلىق ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى (دۆلەت؟) ئۇيۇشمىسى›› ۋە بۇ ئاساستا خەلقئارادا ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى›› نامىدا كېڭەش خاراكتىرلىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇتەشكىلاتلارنىڭ خاراكتىرى باشقۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى، ھەممە ئىشتىراك قىلغان كېڭەشتە قوبۇل قىلىنغان قارارنىڭ ئىجرائىتىنى گۈزەتكۈچى بولىدۇ. بۇ تەشكىلات قۇرۇلما جەھەتتىن ئالى كېڭەشكە(پارلامىنتقا) ئوخشاش ھەممە تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىپ پىكىر قاتناشتۇرالايدىغان، قارارغا ئاۋاز بىرەلەيدىغان بولىشى، ئىتتىپاققا قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل تەشكىلى قۇرۇلمىسى، ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن خىزمەت يۈنىلىشلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى لازىم. ئەگەرئۇلارنىڭ كۆرەش نىشانى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى تۇرۇپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسىلا، ئايرىم مەسئىلىلەردىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلىرىغا چەك قويماي ‹‹ئىتتىپاق›› قا قاتناشتۇرۇلۇپ ھەمكارلىشىش لازىم. ئوتتۇرىدىكى بەزى زىددىيەتلىك مەسئىلىلەر كۆرەش داۋامىدا ھەل بولىشى مۈمكىن،بەزىلىرى مۇستەقىللىققا ئىرىشكەندىن كېيىن خەلق رايى بىلەن ھەل قىلىنسا بولىدۇ. ھازىر تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق.ھازىر بىزگە زۈرۈرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى كەڭرى بىرلىك سەپ تۈزۈپ، كۈچىمىزنى كۈپەيتىش، تەسىرىمىزنى چوڭايتىشدۇر.

بۇ يەردە يەنە شۇنى دەپ ئۆتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ، ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى›› قارمىقىدا تۆۋەندىكى ئىككى مۇئەسسەسەمۇ ئورۇن ئېلىش زۆرۈردۇر:-

(1) داھىمى ئالاقىنىڭ ئىزچىللىقى، ئۇچۇر- مەلۇماتلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ ئالمىشىپ تۇرىشى، كېرەك بولسا مۇھىم مەسئىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورتاق تەدبىر بەلگۈلەش ئۈچۈن؛ زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تەشكىلاتلار يېتەكچىلىرىنىڭ باش قوشۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كەسپى مۇتەخەسسلەردىن تەشكىللەنگەن ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا تەشۋىقات-ئۇچۇر مەركىزى››  قۇرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ ئۇچۇر-تەشۋىقات مەركىزى تەشكىلاتلارغا ئىچكى، تاشقى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ بىر-بىرىنى بىلىپ تۇرۇشى، ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەركەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كونتىرۇل قىلىش، ئۇچۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش ، تۈرگە ئايرىپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇچۇرلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرغىلى، سەلبىي تەسىرىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. بەزى ئۇچۇرلار تەشكىلات يىتەكچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى، تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بەزى ئۇچۇرلار ئاۋامنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا يىتەكچىلەرنىڭ مەۋجۇت مەسئىلىلەرگە قارىتا ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىشىغا پايدىسى بولىشى بىلەن بىرگە، كۆپچۈلۈكنىڭ ھەرخىل سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋەر-ئۇچۇرلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

(2) مۇستەقىللىق دەۋا خىزمەتلىرىدە ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان قۇرۇلما، قۇرۇلۇش، ھەرىكەت پىلانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بەدەل پۇلىنى ئاساسى مەنبە قىلغان ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا مىللىي فوندى›› نى تەسىس قىلىش جىددى ئىھتىياجدۇر.

ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يولى بىلەن تەشكىللىنىپ مەيدانغا كەلگەن بۇنداق بىر خەلقئارالىق ئىتتىپاق ۋە بۇ ئىتتىپاق قارمىقىدىكى ھازىر بىزگە زۆرۈر بولغان ئۇچۇر،تەشۋىقات ۋە مەبلەغقە مۇناسىۋەتلىك ئىككى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە كۆرۈلىۋاتقان ئايرىم پاسسىپ ھالەتلەرنى ئۆزگەرتىپ ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشى، خەلىقئارالىق دولقۇن شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

تەشكىلاتلارنىڭ نامى شۇ تەشكىلاتلارنىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلگىنى ياخشىراق. شۇڭا، دۆلەت، رايونلاردىكى تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنى “ئۇيۇشما” دەپ ئاتىغان مۇۋاپىق دەپ قارىدىم، مەسىلەن: ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تۈركىيە ئۇيۇشمىسى››دىگەندەك، بۇنىڭدىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى باش قوشقان گەۋدە دىگەن مەنا چىقىدۇ. ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقى›› دىگەن نامدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىناقلىقى، ھەمكارلىقى دىگەن مەنالار چىقىپ تۇرىدۇ، بىر ئاڭلىغان كىشى تەشكىلاتلارنىڭ خاراكتىرىنى بىلىپ ئالالايدۇ.

بۇندىن بىريىل بۇرۇن بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭەش›› قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدىم، ماقالىدا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرىيەت ۋە سەۋەپلىرى شەرئىلەنگەن ئىدى. شۇڭا مەزكۇر يازمىدا پەقەت، بەزى ئېنىق بولمىغان ۋە ئارىدا بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتقان مەسئىلە، يەنى بۇنداق يېڭى تەشكىللىنىشنى قانداق شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك، دىگەن مەسئىلە ئۈستىدە بەزى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

بۇلار مىنىڭ شەخسى قاراشلىرىم، تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ۋە قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى، خاتالىرى، كەم -چالىسى بولسا تۈزۈتۈپ تولۇقلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

2020 –يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىستانبۇل

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش