You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 150 يىل بۇرۇنقى دىپلوماتىيە ۋە ئاخبارات ئۇرۇشى

150 يىل بۇرۇنقى دىپلوماتىيە ۋە ئاخبارات ئۇرۇشى

نۇرەددىن ئىزباسار

1860-يىلدىن كېيىن شەرقى تۈركىستاننىڭ پۈتۈن ۋىلايەتلىرىدە دىگۈدەك خىتايلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىسيانلار باشلاندى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئافاق خوجا جەمەتىدىكىلەرنىڭ قوقەند ئۈستىدىن كۆپ قېتىم شەرقى تۈركىستانغا يۈرۈش قىلىشى ۋە تىرىشچانلىقى خەلقنى يىتەرلىك دەرىجىدە قوزغىتالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرەلمەي كۆپىنچىسى خىتايلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىدى. ئەمما 1863-يىلى  كۇچادىن باشلانغان ۋە پۈتۈن مىللەت خاراكتېرلىك ئىسيانغا ئايلانغان قوزغىلاڭلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ تامامىغا يېيىلدى. باشتا كۇچا قوشۇنلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقسۇدىن توقسۇن چىگرالىرىغىچە كېڭەيگەن بولسىمۇ ياركەنت سەھرالىرىدا ياركەننىتىكى ئىسيانچىلار بىلەن تۇتۇشۇشقا باشلىدى، خوتەنمۇ قاراقاش ۋە چەرچەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا خىتايلارنى يوقاتقان ئىدى. تۇرفاندىكى خىتايلار سېپىل ئىچىگە كىرىۋېلىپ كۇچا قوشۇنلىرىنى ئىلگىرلەتمەي تۇرۇۋاتاتتى.  يېڭىھىسار ۋە ئەتراپىدىكى خىتايلارمۇ تېخى تازىلانمىغان ئەمما كاشغەر ۋە ئارتۇچ قىرغىز قۇماندان سىددىق بەگنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغان ئىدى. قۇمۇلدا بولسا قورچاق ۋاڭلار ۋەزىيەتنىڭ ئېقىشىغا قارىتا ئىش تۇتۇشنى پىلانلاپ ساقلاپ تۇراتتى. ئىلىدىمۇ خەلق قوزغىلىپ ئىلى سۇلتانلىقىنى قۇرغان ئىدى. شەرقى تۈركىستاننىڭ پۈتۈن ۋىلايەتلىرى بىر قانچە ھەربى كۈچنىڭ ئاستىدا ئۆز ئالدىغا ھۈكۈمەت قۇرۇپ ھەتتا بەزى يەرلەردە توقۇنۇشلاردا بولدى. خىتتايلار بولسا تېخى تامامەن يېڭىلمىگەن تۇرفان سېپىلى، قومۇل، ياڭىھىسار، قارا شەھەر، بۈگۈر ۋە باشقا جايلاردا مۇداپىيە ھالەتتە تۇراتتى. چىڭ سۇلالىسى يېېڭىدىن ئەپيۇن ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ تۆلەملەر بىلەن بوغۇلۇپ،بىر تەرەپتىن تەيپىڭ ئىسيانىنى باسستۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. بۇنداق بىر پەيتتە شەرقى تۈركىستانغا بەك چولىسى تەگمىىسىمۇ قانداق قىلىش توغرىلىق ئويلىنىۋاتاتتى، چۈنكى بۇ تارىخقا قەدەرچىڭ خاندانلىقى شەرقى تۈركىستاندا ھەرقايسى يەرلىك ۋاسسال بەگلىكلەر يەنى گۇڭلار ۋە ۋاڭلار نى تەيىنلەپ دىنى ۋە ئۆرفى ئىشلىرىغا ئارلاشماي، سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەەھەتتىن بىر مۇستەمىلكە ھالەتتە تۇتۇپ تۇرغان ئىدى.

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، كاشغەر ئاھالىسى سىددىق بەگنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە ئافاق خوجا جەمەتىدىن بىرىنىڭ باش بولۇشى كېرەكلىكىنى سىددىق بەگكى يەتكۈزدى، سىددىق بەگمۇ بۇنى قوبۇل قىلىپ قوقەندكە بىر ھەيئەت ئەۋەتتى ۋە نەتىجىدە قوقەند خانى ئافاق خوجانىڭ ئەۋلادىدىن بۈزرۈك خوجانى ئەۋەتىشكە ماقۇل بولدى، دەل بۇ پەيتتە قوقەند قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى قۇش بېگى ياقۇپ بەگنىڭ رۇسلارغا قارشى قەھرىمانلارچە ئۇرۇشى ۋە ئۇستا تاكتىكىلىرى تۈپەيلى خەلق ئىچىدىكى نوپۇزى ئاشماقتا. قوقەند خانى خۇدايارخان ياقۇپ بەگنىڭ بۇ نوپۇزىدىن ئەنسىرەشكە باشلاۋاتاتتى. كاشغەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ تەلىپى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياقۇپ بەگدىن قۇتۇلۇشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەت بولدى ۋە ئۇنى بۈزرۈك خوجا بىلەن بىللە بىر قىسىم ئەسكەرلەرگە باش بولۇپ كاشغەرگە يولغا سېلىپ قويدى.

ياقۇپ بەگە بۈزرۈك خوجا بىلەن 1865-يىلى 1-ئايدا كاشغەرگە كەلدى، 1866-يىلىدىن باشلاپ ھەم خىتايلارنىڭ قالدۇق كۈچىنى تازىلاش ھەم بۆلۈنمە ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى 1871-يىلى ئىلىدىن باشقا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىدارەسىنى تامامەن قولىغا ئالدى ۋە بەدەۋلەت ئۇنۋانىنى ئالدى ۋە شۇ يىلى خىتايلارغا قارشى ئۇرۇشتىكى غەلبىلىرىنى تەبرىكلەپ بۇخارا ئەمىرى ئۇنىڭغا ئاتالىق غازى ئۈنۋانىنى بەردى.

ياقۇپ بەگ دەۋلەتنىڭ ئىدارىسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىگە، ئەنگىلىيەگە ۋە رۇسسىيەگە ئەلچى ئەۋەتىپ خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىدنى ئازايتىش، قورال-ياراغ ۋە تېخنىكىلق ئۈسكۈنىلەرنى سېتۋېلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم دىپلوماتىك پائالىيەتلەردە بولدى، بۇ ۋاقىتتا رۇسسىيە تۈركىستاننىڭ غەرىبىدە شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئافخانىستان ۋە ئىران چىگرالىرىغىچە كېلىپ، ئەنگىلىيە ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىد شەكىللەندۈرگەچكە، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى رۇسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلماقتا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىلىرى ئوسمانلى دەۋلىتى بىلەن كاشغەرگە ياردەم بېرىش توغرىلىق كۆرۈشۈۋاتاتتى. ياقۇپ بەگ بۇلارنى ياخشى بىلگەچكە دىپلومات ۋە ئەلچى ياقۇپ خان كاتتا تۆرەنى ئىستانبۇلغا ۋە ياۋرۇپاغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى ۋە ياردەم ئىستىدى، 1872-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن ياقۇپ خان تۆرە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 1873-يىلى ئوسمانلى پادىشاھى 2.ئابدۇلئەزىز خان بىلەن كۆرۈشۈپ كاشغەرنىڭ تەلەپ ۋە ئىستەكلىرىنى بىلدۈردى. ھەم ئەنگىلىيەنىڭ ئارىغا كىرىشى ھەم ياقۇپ خان تۆرەنىڭ دىپلوماتىك ماھىرلىقى بىلەن ئوسمانلى دەۋلەتى تۈركىستاندىكى ھىچبىر خانلىققا بېرىشنى قوبۇل قىلمىغان ياردەمنى كاشغەرگە بەردى.

ئىستانبۇلدىن كاشغەرگە 6 دانە چۇيۇن توپ، 1200 دانە تۈفەنك مىلتىق، يىتەرلىك ئوق-دورا،گۈڭگۈرت ياساش ئۇستالارى،  4 نەفەر مەشقاۋۇل ۋە 4 نەفەر سابىق ئەسكار باشى، 1 دانە ئالتۇن ساپلىق قېلىچ، مۇجەۋھەر ۋە بىرىنجى دەرىجىدىن نىشانى ئالىيى ئوسمانى ئەۋەتىلدى ۋە ئىستانبۇلدىن ھىندىستاننىڭ بومباي پورتىغا قەدەر كېرەكلىك بولغان 552 ئوسمانلى لىراسى توشۇش خىراجىتىن ئوسمانلى دەۋلەتى داھىلىيە نازارىتىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى،بومبايدىن ياركەنتكىچە بولغان توشۇشنى بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسنىڭ ھىندىستاندىكى مەسئۇللىرى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى،كاشغەر ئەمىرلىكى رەسمى ھالدا ئوسمانلى دەۋلەتىنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. كاشغەردە خەلىفە ئابدۇلئەزىز خاننىڭ ئىسمىگە خۇتبە ئوقۇتۇلدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىگە سىككە پۇل باستۇرۇلىشى قارارلاشتۇرۇلدى. ياردەملەر ياركەنتكە يېتىپ كەلگەندە كاشغەرىيەنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن  توپ ئېتىشى بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

بىر تەرەپتىن ئەنگىلىيە بىر تەرەپتىن رۇسسىيە ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمانلى دەۋلىتى بىلەن بولغان دىپلوماتىك تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى تەڭشەپ ماڭغان ياقۇپ بەگ تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭمۇ قايتا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى ۋە شەرقى تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلار دۇنيا ئاخباراتىدا قىزىق نوقتا ھالىغا كەلگەنىدى.

كاشغەرىيە ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئاخبارات ئىستانبۇلدىكى گېزىتلەردە بولۇنىۋاتاتتى ۋە 1871-يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدا چىقىدىغان باسىرەت  گېزىتى ۋە ۋاقىت گېزىتىدە شەرقى تۈركىستاندا بولۇۋاتقان خىتايغا قارشى ئۇرۇشلاردىن خەلقنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇراتتى. ھەتتا بۇ گېزىتنىڭ باش سەھىپىسى كۆپىنچە ۋاقىتتا كاشغەرىيە ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىلەن توشۇپ كىتەتتى،بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ خىتايلارغا قارشى غەلبىلىك ئۇرۇشلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپ يەر ئالغان ئىدى.

شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەرلەر يالغۇز ئىستانبۇلدا چىقمىغان ئىدى، ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان TIMES گېزىتىمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن شەرقى تۈركىستاندا خىتايغا قارشى ئىسيان قىلىۋاتقانلارنىڭ خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ يىگەنلىكى توغرىلىق خەۋەر چىققان. بۇ خەۋەر ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن ھامان باسىرەت گېزىتىدە بۇنداق بىر ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئنسان گۆشى يىمەيدىغانلىقى توغرىلىقى ئىنتايىن تەپسىلى خەۋەر باسقان.

رۇسىىيەمۇ بىكار تۇرمىغان ۋە 1873-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئوغلىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر يېيىلغان، ئەمما بۇ خەۋەر يېيىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يىلى 8.ئاينىڭ 30.كۈنى  ئامېرىكىدا چىقىدىغان The New York Health گېزىتىدە رۇسسىيە مەنبەلىك خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، ياقۇپ بەگنىڭ ھايات ئىكەنلىكى توغرىلىق خەۋەر باسقان. بۇ خەۋەردە ئاسىيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىدا رۇسسىيە، خىتاي ۋە ئەنگىلىيەنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ بۇ نوقتىدىكى مۇھىملىقى ئانالىز قىلىنغان.  خەۋەردە كاشغەرىيە دەۋلىتىنىڭ رۇسىيەگە ئىشەنمىگەچكە زور مىقداردا ئەسكىرى قوراللىنىۋاتقانلىقىغىمۇ يەر بەرگەن.

1874-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چىقىدىغان The Albany Register گېزىتىدە ياقۇپ بەگنىڭ ھايات ھىكايىسىگە يەر بەرگەن بولۇپ بۇ خەۋەردە ياقۇپ بەگنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىدىن ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ياقۇپ بەگكە، ناپالىئون ۋە ئەنگىلىيەدە جۇمھۇرىيەت رېجىمىنى تەسسى قىلغان Lord Oliver Cromwell  سۈپىتى بېرىلگەن.

1875-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدە ئامېرىكىدىكى The Herald and Mail گېزىتىدە، خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا ناھايتى ئەخمىقانە بىر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتايلارنىڭ 1750-يىللىرى شەرقى تۈركىستاننى ئىشخال قىلىۋالغانلىقىنى ئەمما كۆپ قېتىم قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى، بۇ يەرنى ئىشخال قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، باج تەلەپ قىلىپ ئىشخالدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانىلىك ئىكلەنلىكىنى يازغان.

ياقۇپ بەگ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈپ شەرقى تۈركىستان قايتىدىن ئىشخال قىلىنغاندا بولسا، نۇرغۇن گېزىتلەر شەرقى تۈركىستانغا ھىسداشلىق قىلىپ ماقالە يېزىشقا داۋام قىلغان، ھەتتا 1897-يىلىغا كەلگەندىمۇ ئامېرىكىدىكى The Sun گېزىتىدا ياقۇپ بەگنىڭ بىر مۇددەت خەلقنى زۇلۇمدىن قۇرۇلدۇرۇپ قالغانلىقىنى ئەسلەپ ماقالە يازغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top