• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۈچ دەۋرنىڭ مەھبۇسى تالىپ سىيىت

ئۈچ دەۋرنىڭ مەھبۇسى تالىپ سىيىت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

ئۇيغۇر تارىخى نامسىز ئەزىمەتلەرنىڭ، ئىزى ئۆچكەن قەھرىمانلارنىڭ قان-ياشلىق تارىخىدۇر. ئۇزاق زامانلاردىكى تارىخىمىز رىۋايەتكە ئايلانغان بولسا، يېقىنقى زامان تارىخىمىز يېزىقسىز قالدى. ۋەتەننىڭ چەكسىز چۆل-جەزىرىلىرىدە، ئادەمزاتسىز تاغلار ۋە جىرالاردا قەبرىسىز قالغان قەھرىمانلارنىڭ تەنلىرى، قاراڭغۇ، زەي تۈرمىلەردە نام-نىشانسىز سېسىپ كەتكەن  ئەزىمەتلەرنىڭ جەسەتلىرى ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلدى. ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان كىشىلەر تارىخىنى ئېيتىپ بېرىشكە پۇرسەت تاپالماي  بالا ۋاقىتلىرىمىزدا  بۇ دۇنيادىن ئارمان بىلەن كەتتى. شاھىتلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالىغان كىشىلىرىمىزمۇ بارغانچە ئارىمىزدىن ئازلاۋاتىدۇ . ئەۋلاد ئالماشقانچە يېزىقسىز قالغان تارىخىمىز ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ . ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى ئەۋلادلارغا ئۆزۈمىز بىلگەن دائىرىدە خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇش مىللىتىنى سۆيگەن كىشىلەر ئۈچۈن  بىر مەجبۇرىيەتتۇر.

تالىپ سىيىت 1915 -يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشلۇق سىيىت ئەخمەت بىلەن  ھېلىمخاننىڭ 2-بالىسى ئىدى.  دادىسى  سىيىت ئەخمەتنىڭ ئەسلى يۇرتى خوتەن قارىقاشتىن بولۇپ، دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىدىن رەنجىپ 13 يېشىدا ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن. كارۋانلارغا ئەگىشىپ ، توقسۇغا كېلىپ 3 يىل تۇرغان. 16 ياشقا كىرگەن يىلى  سودىگەرلەرنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئانىسى ھېلىمخانىڭ ئەجدادلىرى كۇچا چىمەن يېزىسىدىن بولۇپ، ھېلىمخاننىڭ چوڭ ئانىسى ياقۇپبەگ زامانىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن. سىيىت ئەخمەت بىلەن ھېلىمخاننىڭ  تۇراخان، تالىپجان، ئوسمانجان ۋە تىللاخان ئىسىملىك 4 پەرزەنتى بولۇپ، تىجارەت بىلەن قىلىپ جان باقاتتى. ھېلىمخان ئەينى دەۋرىدە ئۈرۈمچىنىڭ ئۇستا دوپپىچىلىرىدىن بولغان.

تالىپ سىيىت ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاددىي ئائىلىنىڭ ئاددىي بىر بىر بالىسى ئىدى. ئۇ  ئۈرۈمچى 1-گىمنازىيە مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىڭ شىسەينىڭ مۇراسىم مۇزىكا ئەترىتىدە ئىشلىگەن. لېكىن ئۇ  قېنى قىزىق، ھەق-ناھەق كۆز قارىشى  ئېنىق، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكلەرگە چىدىمايدىغان ياش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا كۆز قارىشىنى ئېنىق ئىپادىلەپ تۇرغان. ئۇنىڭ بۇ «جىم تۇرماس ئاغىزى» ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ھەيدىلىشىگە  سەۋەب بولغان. تالىپ سىيتنىڭ خىزمىتىدىن ھەيدىلىشى ئۇنىڭ جاسارىتىگە قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىگەن. ئۇ تەڭ دېمەتلىكلىرى ئارىسىدا سۆزمەن، ناتىق بولۇپ، 1937-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى  شىڭ شىسەي خوجا نىياز ھاجىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ ئاشقان. ئۇ ياشلارنىڭ يىغىلىشلىرىدا شىڭ شىسەينى ئۇچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا باشلىغان. بىراق ئۇنىڭ بۇ خىل  ئاكتىپ تەنقىدىي پوزىتسىيەسى شىڭ شىسەينىڭ قارا چاپانلىق قانخورلىرى تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارىلىپ، تۇتقۇن قىلىش بۇيرۇقىنى چىقىرىشىغا سەۋەپ بولغان. گەرچە ھېلىمخان ئانا ئوغلىنى يوتقان- كۆرپە يىغىدىغان كاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇپ، بىر مەزگىل ئامان ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما خوجا نىياز ھاجى 1938-يىلى كۈزدە  قەتل قىلىنغاندىن كېيىن  ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تۇتقۇندا، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۆيىدىكىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمىغان.

1944-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىڭ شىسەي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەنجىڭغا ئېلىپ كېتىلگەندە، تۈرمىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ  كەلگەن. 1945-يىلى ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، تالىپ سىيىت شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ  تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل يىغىلىش ۋە نامايىشلارغا قاتنىشىدۇ. بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى  ناھايىتى كەسكىن بولغان. شۇنداقتىمۇ تالىپ سىيىت ئۆزىنىڭ غۇلجا ئىنقىلابچىلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى توختاتمىغان. 1947-يىلى 7-ئايدا زور تۇتقۇن بولغاندا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇنىڭغا «قىزىل پاچاق، كوممۇنىستلارنىڭ غالچىسى، ئېلى ئوغرىلىرىنىڭ چوماقچىسى» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىدۇ.  1950-يىلى تۈرمىدىن ئازاد بولىدۇ. 1956-يىلى ئۈرۈمچى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ئېلىپ بېرىلغان «چوڭ ئېچىلىپ سايراش» ھەرىكىتىدە بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، 1950-يىلىدىن بېرى كوممۇنىستلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەر خىل ھەرىكەتلىرىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى چوڭ يۈرەكلىك بىلەن پاش قىلىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىكى تالىپ سىيىتنىڭ  يىغىندىكى ئىپادىسىدىن  خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ تالىپ سىيىتتىن ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

1957-يىلىدىن باشلاپ «ئىستىل تۈزۈتۈش»، «ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش»، «يەرلىك مىللەتچىلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. «ئوڭچىللارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە تالىپ سىيىت تارتىپ چىقىرىلىپ، بىر يىل ئىلگىرى «ئېچىلىپ سايراش» تا دېگەن سۆزلىرىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن، 20 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تۈرمە جازاسىنى شىخەنزىدە ئۆتەيدۇ. 1975-يىلى جازا مۇددىتى ئىككى يىل  قىسقارتىلىپ، ئازادلىققا ئېرىشىدۇ، بىراق ئۈرۈمچىگە كېتىشكە يول قويۇلماي، شىخەنزە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . تالىپ سىيىت شىخەنزە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا تاكى 1982-يىلىغىچە ياشاپ، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئۈچ دەۋرىدىكى ئۈچ خىل ھۆكۈمەتنىڭ تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن تالىپ سىيتنىڭ قەلبىدىكى ئارمانلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ تۇپراققا كۆمۈلىدۇ. تېخى ئېچىلىشقا نېسىپ بولمىغان ياشلىق گۈللىرى غۇنچە پېتى سولىدۇ. تالىپ سىيىت ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرەر قىز بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشقا نېسىپ بولمايدۇ. قېرىنداشلىرى ۋە تۇغقانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدە ئادەتلىرى بويىچە مەرھۇمنى يۇيۇپ-تازىلاپ، كېسەككە نىكاھلاپ يەرلىككە قويىدۇ.

2020-يىلى 14-ماي

پايدىلانغان مەنبەلەر:

قېرىندىشى تىللاخان سىيتنىڭ ئېغىزاكى بايانلىرى (مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!)

كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى 5-قىسىم

كۇچا ناھىيەسى تەزكىرىسى

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top