• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئانا تىل » “ھەمىدىي” ۋە “بابۇرنامە” دىن «كارىز (Ka:riz)» ئاتالغۇسىنىڭ كەلىش مەنبەسى ھەققىدە پاكىتلىق چۈشەنچە

“ھەمىدىي” ۋە “بابۇرنامە” دىن «كارىز (Ka:riz)» ئاتالغۇسىنىڭ كەلىش مەنبەسى ھەققىدە پاكىتلىق چۈشەنچە

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەتىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ ئەتمولوگىيەسى مەزكۇر كەلىش مەنبەسى ئىزدەنىۋاتقان سۆزنىڭ قايسىدۇر بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى مەئلۇم سۆز-ئاتالغۇغا فونىتىك تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشاپ قالغانلىقىنى چىقىش نۇقتاسى قىلغان قىياس، پەرەزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە تەۋە كلاسسىك ئۇيغۇر تىل-يازىقلارىدا خاتىرەلەنگەن ۋەسىقەلەردە كۆرۈلگەن خاس جۈملەلىك مىساللارى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈلگەندەلا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي قايىل كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئالايلۇق، ئۇيغۇرچەدىكى «كارىز» ئاتالغۇسىنى.

مەن «ئۇيغۇر تىلى لەكسىكولوگىيەسى» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلەش جەريانىدا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىلىم سورۇنلارىدا بايان قىلىپ ئۆتكەنىمدەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «كارىز» ئاتالغۇسى تىلىمىزغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ئەرەبچەدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن ئۆزلەشمە سۆز ھىسابلانىدۇ. مۇنداق دەيىشكە كۆرسەتىدىغان پاكىت-ئاساسىم مۇنداق:

بىرىنچى، تىلىمىزدىكى «كارىز» ئاتالغۇسىدىكى «ئا» تاۋۇشى «كالا» سۆزىدىكى «ئا» تاۋۇشىغا ئوخشاش قىسقا سوزۇق تاۋۇش ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشدۇر. بۇھال مەزكۇر «كارىز» سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچەمىزغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ئەرەبچەدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن «كامىل ka:mil، كاسىب ka:sib، كادىر ka:dir، كافىر ka:fir، كائىنات (Ka:inat)» قاتارلىق «a: ئا» ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق سۆزلەر قاتارىدا ئۆزلەشىپ كەتكەن كىرمە سۆز ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇكى، بۇ- «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش يوق» دەپ ھۆكۈم قىلغانلار، شۇنداقلا، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەيدانغا كەلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى بىلمەيدىغانلار بىلىۋالىشى، شۇنداقلا ئەستايىدىللىق بىلەن قايتا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشى لازىم بولغان مۇھىم بىر مەسىلەدۇر، مەنىڭچە.

ئىككىنچى. مەنىڭ ئۆگرەنىش ۋە مۇتالىئە قىلىشىمچە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەتىلىۋاتقان مەزكۇر «كارىز» ئاتالغۇسى كلاسسىك ۋەسىقەلەرىمىزدىن مۆئتىۋەر ئەسەر «تارىخى ھەمىدىي»نىڭ «كوھنا تۇرفان» دەگەن بابىدا مۇنداق كۆرۈلىدۇ:

«كوھنا تۇرفان قەدىم ۋە كوھنا شەھردۇر. ئادەملەرى ئەۋزائى راست قەۋل ۋە راست سۆزلۈك، پۇختا ۋە پىششىق، مىكر ھىيلە ۋە غەدر خىيانەت يوقدۇر. ئەقىدە-ئىخلاسلارى تازا. ھەۋاسى ئىسىغ، ئابى جارىلارى كەمچىن، ئەكسەرى كارىز بىرلە زىرائەت قىلادۇر. زەمىنى ئوبدان، غەللە ھاسىلى ئۆزلەرىغە كىفايە قىلادۇر. غوزا كەبەزلەرى ئوبدان بولادۇر، تەرەنجىبىن ھەم تۇرفانغا خاسدۇر. كىشمىش ئۈزۈملەرى تولا ۋە سىيراب، سەۋداگەرلەر شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر. زەمىنى كەڭرۈ مۇزافاتلارى تولادۇر» (قاراڭ: مۇسا سايرامى: «تارىخى ھەمىدىي»، قوليازما، تەكلىماكان نۇسخاسى، 346-بەت، يۇقىرىدىن 7-11-قۇرلار)

تەرجىمەسى: كوھنا تۇرپان قەدىمىي ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر؛ ئادەملەرىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى سەمىمىي، راست سۆزلۈك، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششىق؛ ھىيلە-مىكىر ۋە خائىنلىق-يۈزسىزلىكتىن خالىي، ئەقىدە-ئىخلاسلارى تازا كەلىدۇ. تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، ئاقىن سۈيى ئاز، مۇتلەق كۆپ ھالدا، كارىز سۈيى بىلەن تارىقچىلىق قىلىدۇ؛ زەمىنى ئوبدان، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆزىنى تەئمىنلەيەلەيدۇ. غوزا-كەۋەزلەرى ئوخشايدۇ. تەرەنجىبىن (يانتاق شەكەرى)مۇ تۇرپاننىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر. كىشمىش ئۈزۈملەرى ئاجايىپ تولا، سودىگەرلەر شەھەر-شەھەرلەرگە ئالىپ كەتىشىدۇ. تۇرپاننىڭ زەمىن دائىرەسى ناھايەتىمۇ كەڭرى. (قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» (ياڭى تەرجىمە نۇسخا)، 675-بەت. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2019-يىل، ئىستانبۇل)

روشەنكى، بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ بايانىدا، «كارىز» ئاتالغۇسىنى «ئابى جارىي» (تەبىئىي ئاقىن سۇ) ، يەنى يەر ئۈستىدىكى «دەريا-ئۆستەڭ سۈيى» گە پاراللىل قىلىپ ئىشلەتىپ، بۇ يەردىكى «كارىز»نىڭ ئەمەلىيەتتە، «كارىز سۈيى» نىڭ قىسقارتىلماسى ئىكەنلىكىنى ئىمالىق كۆرسەتكەندۇر.

ئۈچىنچى. بۈگۈنكى تىلىمىزدا ئىشلەتىلىۋاتقان «كارىز» ئاتالغۇسىنىڭ ئەڭ كلاسسىك شەكلى مىلادىيە 1529-يىلى، مەشھۇر پادىشاھ زەھىرۇددىن مۇھەممەد بابۇر تەرەپىدىن يازىلغان «بابۇرنامە»دە مۇنداق كۆرۈلىدۇ:

« ‹ئادىنەپۇر› مۇختەسەر ۋىلايەتتۇر؛ رودى تۆرت- بەش تەگىرمەن سۇيى بولغاي؛ غەزنىنىڭ شەھرى يەنە تۆرت- بەش كەنتى ئۇشبۇ سۇ بىلە مەئمۇردۇر؛ يەنە ئۈچ-تۆرت كەنتى كارىز بىلە مەئمۇردۇر. كابۇل ئۈزۈمىدىن غەزنى ئۈزۈمى ياخشىراق بولۇر، قاۋۇنى ھەم كابۇل قاۋۇنىدىن ئارتۇقراقدۇر، ئالماسى ھەم ياخشى بولۇر» («بابۇرنامە»، قوليازما، ھەيدەراباد نۇسخاسى، 137-بەت 10-14-قۇرلار.)

تەرجىمەسى: ‹ئادىنەپۇر› ئۆزى كىچىك ۋىلايەت. دەرياسىدا تۆرت-بەش تاشلىق سۇ بار. غەزنى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ تۆرت-بەش يەزاسى مۇشۇ سۇ بىلەن كۆكەرىدۇ. يەنە ئۈچ-تۆرت يەزاسى كارىز سۈيى ئىچىدۇ. كابۇل ئۈزۈمىدىن غەزنى ئۈزۈمى ياخشىراق بولىدۇ. قوغۇنىمۇ كابۇلنىڭكىدىن ياخشى. ئالماسىمۇ ياخشى بولىدۇ. (قاراڭ: «بابۇرنامە»، 257-بەت. خەمىت تۆمۈر تەرجىمەسى: مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1992-يىل 10-ئاي نەشىرى، بەيجىڭ.)

كۆرۈۋالىش تەرس ئەمەسكى، مىلادىيە 1529-يىل زەھىرۇددىن مۇھەممەد بابۇر شاھ ئەيتقان غەزنى شەھىرىنىڭ يەزالارىنى سۇغۇرىدىغان كارىز بىلەن 1908-يىل مۇسا سايرامىي بايان قىلغان تۇرپاندىكى كارىز ئوخشاش بىر شەيئى ئىكەنلىكى ئانىق. ئەمدى، قوللانىلغان ھەرپ-يازىق ۋە سۆز كەلىمە نۇقتاسىدىن ئەيتقاندا، يازىلىشىمۇ، ئوقۇلۇشىمۇ ئەرەب تىل-يازىقىدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ سۇغۇرۇش ئىشلارى ئۈچۈن ئىشلەتىلىدىغان بىر ئىنشائاتنى، يەر ئاستىدىن سۇ چىقىرىدىغان بىر خىل قۇرۇلما ئەسلەھەنى بىلدۈرىدىغان خاس ئاتالغۇدۇر.

تۆرتىنچى. «كارىز» سۆزى  ئەرەبچەدە ئەسلىدە، «يوشۇرماق، يوشۇرۇپ قويماق» ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان پىئىل «كەرەزە» دىن شاخلانىپ چىققان سۈپەتداش سۆز بولۇپ، ئۇ ئەرەب تىلى لۇغەتلەرىدە، «يوشۇرۇنغان، يوشۇرۇپ قويۇلغان 潜伏的,藏匿的» دەگەن ئۇقۇم بىلەن شەرھلەنىدۇ. (قاراڭ: «ئەرەبچە-خەنزۇچە لۇغەت»، سودا نەشىرىياتى، 1966-يىل 3-ئاي نەشىرى، بەيجىڭ). بۇنىڭدىن چىقتىكى، ئەجدادلارىمىز ئۆز زامانىلارىدا، يەر ئۈستىدىكى تەبىئىي سۇ ئاقىنلارىنى «سۇي، سۇ، ئۆستەڭ، دەريا» دەپ ئاتاغان بولسا، مەزكۇر دەريا- ئۆستەڭلەرگە نىسبەتەن، ياپىق، يەر ئاستىدا، يوشۇرۇن تۇرىدىغان سۇنئىي ئاقىننى «كارىز سۈيى» دەپ ئاتاغان. ئۇزاق ئەسىرلىك قوللانىش جەريانىدا، كەيىنچە، مەزكۇر بىرىكمە قىسقارتىپ «كارىز» دەسىمۇ ئاشۇ «كارىز سۈيى»نى بىلدۈرىدىغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ قالغاندۇر.

بۇ ھال خۇددى ھازىرقى تىلىمىزدىكى ئەسلىي «ساپلىق قازان» بولغان بىرىكمە سۆزنى كەيىنچە، «قازان»نى قىسقارتىۋەتىپ، «ساپلىق» دەسىمۇ يەنىلا شۇ «ساپلىق قازان»نى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ قالغانغا ئوخشاش ئىشتۇر. شۇنداق بولغاندا، ھازىرقى تىل ئىستىئمالىمىزدىكى «كارىز سۈيى» ئاتالغۇسىنى سۆزمۇ سۆز يەشىپ دەسەك، «يەر ئاستى ئاقىن، ئۈستى ياپىق ئەرىق» دەگەن بولىدۇ، خالاس.

دۇنيا تىلشۇناسلىق ئىلمى، خۇسۇسەن ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە، ئەتمولوگىيە تارماق ئىلمى بەكمۇ ئەتىۋارلانىدۇ. چۈنكى، ئەتمولوگىيە ئىلمى سۆز-ئاتالغۇلارنى، خۇسۇسەن يەر-جاي ئىسىملەرى ۋە ئادەم-كىشى ناملارىنى قىياس ۋە تەسەۋۋۇر ئارقالىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە كلاسسىك يازىقلار ئاساسىدىكى ئەسلىي شەكلىنى تاپىپ چىقىپ، مەسىلەنى يازىق-ھۆججەت پاكىتلارى ئارقالىق  چۈشەندۈرىدۇ.

ۋەتەنىمىزدىكى تۇرپان كارىزى ئەمگەكچان ۋە زۇكاۋەتلىك تۇرپان خەلقىنىڭ گىگانىت ئىجادىي ئەسەرى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەزا ئەكىنلىك ۋە تارىقچىلىق ئىلمى ساھەسىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيەتىگە قوشقان ئۆلۈمسىز تۆھپەلەرىدىن بىرى سانالىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىقتۇر.

2015-يىل، 19-ئىيۇل، تۇرپان پىچان.

2020-يىل، 16-ماي، كالىفورنىيە، سان ديەگو.

ئاساسلىق پايدالانمالار:

زەھىرۇددىن مۇھەممەد بابۇر: «بابۇرنامە»، قوليازما ئەسەر، 1529-يىل. ھەيدەراباد نۇسخا.

مۇسا سايرامىي: «تارىخى ھەمىدىي»، قوليازما، تەكلىماكان نۇسخاسى، 1908-يىل.

خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات: “چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى”، 2016-يىل، مىللەتلەر نەشىرىياتى، بەيجىڭ.


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top