سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە »  شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى بىر پارچە قازاقچە ھۆججەت

 شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى بىر پارچە قازاقچە ھۆججەت

بۇ بىر پارچە قازاقچە چاقىرىقنامە تەيۋەن ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسىدا ساقلانغان، لېكىن چاقىرىقنامىدا ھېچقانداق چېسلا يېزىلمىغان. چاقىرىقنامىدىكى ئاپرېل ئىنقىلابى دېگەن سۆزنىڭ 12-ئاپرېل ئۆزگىرىشىنى كۆزدە تۇتىدىغىنى ئېنىق. 12-ئاپرېل ئۆزگېرىشى 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ئۆزگېرىش بولۇپ، شىڭ شىسەينىڭ ھوقۇق تارتىۋېلىشقا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن تارىخىي ۋەقە ئىدى. بۇ چاقىرىقنامىنى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە يېزىلغان دېيىشكە بولىدۇ .

– ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

ئالدىشىغا كۆنمەڭلار!

دۇبەن باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت خەلقىگە باراۋەرلىك بىرىمەن، ئۇلارنىڭ كىشىلىرىنى ھۆكۈمەتكە قويۇمەن، دەپ ئالداپ كەلدى. ئاپرېل ئىنقىلابىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت بېشىغا قويۇلغان بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنى خەلق دۈشمىنى، دەپ يالغاندىن  تۆھمەت چاپلاپ، تۈرمىلەرگە تاشلىدى. ھازىرقى كۈندە  ئۆلكىدە بولسۇن، ناھىيەدە بولسۇن ھۆكۈمەتتە ئولتۇرغان ھاكىملار  دۇبەننىڭ قۇيرۇقلىرىدۇر، بىزنىڭ ئاھۇ زارىمىز بىلەن كارى يوق. (ئۇلار) چارۋىچىلىقىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا يول قويمايدۇ، ئۇنىڭغا مۇمكىنچىلىك بەرمەيدۇ.

شىنجاڭدا مىللەتلەر سىياسىي مەسلىھەت (كېڭىشى) قۇرۇلسۇن. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋەكىللىرى كىرگۈزۈلسۇن. مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يول قويۇلسۇن. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن مەكتەپلەر ئېچىلسۇن. ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا ئەركىنلىك بېرىلسۇن. ئالدىنىشقا، قۇل بولۇشقا كۆنمەڭلار، يوقۇرىدىكى تەلەپلەر ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىڭلار.

مىللەتلەر چاقىرىق ئۇيۇشمىسى

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش