• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » نەفىسىي قوللانغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇيغۇر تىل-يازىق مەدەنىيەتىدىكى ۋەزنى

نەفىسىي قوللانغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇيغۇر تىل-يازىق مەدەنىيەتىدىكى ۋەزنى

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي (1568-1534-يىللار) ئۇيغۇر مۇقاملارى ئۇستادى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ رەتلەگۈچىسى، “ئەخلاقى جەمىيلە” ۋە “شۇرۇھۇل قۇلۇب” قاتارلىق دىداكتىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى، ئون ئالتىنجى ئەسىر بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمەسى، ئۇ رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئۈچ مىڭ تۆرت يۈز ئوتتۇز ئالتە مىسرالىق ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۇيغۇر مۇقام مائارىپى ساھەسىدە، تا بۈگۈنكى كۈنۈمىزگىچە ئەسلىي يازىق شەكلى بىلەن قوللانىلماقتا. (قاراڭ: “ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى”، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2005-يىل، بەيجىڭ). بۇ ھال نەفىسىي قوللانغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر تىل-يازىق مەدەنىيەتى خەزىنەسىدە، نەقەدەر قىممەتلىك ۋە نەقەدەر ۋەزنلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دالالەت بەرىدۇ.

1- چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىنىڭ ئومۇمىيەتلىك تەئبىرى

تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئىچىدە، تىل – يازىق تارىخى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئۆزى باسىپ ئۆتكەن ئاشۇ ئۇزاق تارىخىي جەريان بويىچە، ئادەتتە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى» (ياكى «چاغداش ئۇيغۇر تىلى») دەگەن ئۈچ باسقۇچلۇق بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. تىلشۇناسلىقنىڭ ئىنچىكە قائىدەلەرى بويىچە ئەيتقاندا، مەزكۇر ئۈچ باسقۇچلۇق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچ تۈرى ئۆز ئالدىغا روشەن ئالاھىدەلىكلەرگە ئىگە.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەگىنىمىز، ئادەتتە، ئۇيغۇر يۇرتى چاغاتاي خانلار ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان 14- ئەسىرنىڭ باشلارىدىن تارتىپ، 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرالارىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلەتىلگەن ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسەتىدۇ. يازما ئەسەرلەردىن ئۆرنەك ئالىپ ئەيتساق، ناسىرىددىن رابغۇزىي  مىلادىيە 1310-  يىلى قەلەمگە ئالغان «قىسەسۇل ئەنبىيائى رابغوزىي» (رابغوزىي بايان قىلغان پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسەلەر) دىن تارتىپ، ل. مۇتەللىپ يازغان «يىللارغا جەۋاب» (ييل لارغە جواب) لارغىچە، يەنى 1953- يىلى چاغداش ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەلىپبەسى تۈزۈلۈپ، ئەلان قىلىنغانغا قەدەر ئارالىقتا يازىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممەسى چاغاتاي ئۇيغۇرچەسىگە تەئەللۇق ئەسەرلەر سانالىدۇ.

تىپىك ئالاھىدەلىك جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى فونىتىكا، لەكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا راۋاجلانىش بىلەن بىر چاغدا، قۇرئاننىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلىدىن ۋە ئۇيغۇردىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان قارىنداش پارس مىللەتىنىڭ تىلىدىن نۇرغۇنلاغان سۆز – ئىبارەلەرنى، تۇراقلىق تەركىبلەرنى، فولكلورىستىك ئادەت سۆزلەرى بولغان پۈتۈن-پۈتۈن جۈملەلەرنى ۋە بىرمۇنچە ئىپادەلەش ئۇسۇللارىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى بىلەن خاراكتىرلەنىدۇ.

چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىۋاسىتە ئەرەب يازىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەرەب يازىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازىقى، يەنى ئۇيغۇر خاقانىيە يازىقىدىن كەلگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئۇيغۇر خاقانىيە يازىقىنىڭ داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئۇل- ئاساسىدۇر. يازىقشۇناسلىق ۋە ھەرپشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئىنچىكە ئۆلچەكى بويىچە ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى بىرلا يازىقتۇركى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىنىڭ مۇرەككەپ شەكلى(繁体形式)، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى بولسا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكلى(简化形式)خالاس! (قاراڭ: «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنالى، ئۈرۈمچى، 2015-يىللىق 3-سان، 5-بەت)

ئەڭ ئانىق گەپ بىلەن ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەمەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ تىلى دەمەكتۇر. چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى دەگەنىمىز بولسا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى قەغەزگە پۈتكەن مۇبارەك يازىقتۇر. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى شۇ قەدەر سىھىرلىك ۋە شۇ قەدەر جازىبىدار قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكتە تەڭداشى يوق ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭدىن باشقا، ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارغا «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» كەبى ياراشقان، ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگەمەس ئۇقۇم كۈچى ئارقالىق، ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارنى تەخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە جىلۋىلەندۈرگەن بىباھا چاغاتاي ئۇيغۇر  يازىقىدا يازىلغان نادىر تەكىستلەردۇر.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى خەلقئارادا «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتايدۇ. خەلقئارا سەھنەلەردە دەيىلىۋاتقان چاغاتاي تىلى خەلقئارالىق تىل بولۇپ، ئۇنى تارىختا  ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل مىللەتلەردىن ئوزبەك مىللەتى، قازاق مىللەتى، قىرغىز مىللەتى ۋە ئاناتولىيە يارىم ئارالىدىكى تۈرك مىللەتى قاتارلىقلارمۇ ئىشلەتكەن. ئەمما، ھەر قانچە يوغان دەرەخنىڭمۇ بىر تۈپ يىلتىزى، ھەر قانچە ئۇزۇن دەريانىڭمۇ بىر باش مەنبەسى بولىدۇكى،  مەزكۇر خەلقئارالىق چاغاتاي تىلىنىڭ يىلتىزى ۋە كەلىش مەنبەسى ھەققىدە، جاھان تۈركولوگلارى ئاراسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە ئالىم شەمسىددىن سامىي ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىناۋەتلىك ئەسەرى «قامۇسۇل ئەئلام» دا: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالغا كەتكەن خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىي خەلقلەر ئاراسىدا ئەدەبىي تىل ئىدى. چاغاتاي خان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ‹چاغاتاي تىلى› دەگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان» دەگەن («قامۇسۇل ئەئلام» نىڭ 3- توم، 1876- بەتىگە قاراڭ). مانا بۇ چاغاتاي تىلىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، يەنى قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكى توغراسىدا بەرىلگەن ئەڭ ئانىق ۋە ئەڭ لىللاھ تەبىر. دەمەك، چاغاتاي تىلىنىڭ ئەسلىي، ئۇنىڭ قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكى ئەزەلدىن ئانىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىدۇر!

مەزكۇر چاغاتاي تىلىنى خەلقئارادىكى تۈرك، ئوزبەك قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر ئۆز تەۋە-تەئەللۇقاتى ئاساسىدا ۋە ئۆز دۆلەتلەرى مۇھىتىدا، «چاغاتاي تۈركچەسى»، «قەدىمقى ئوزبەك تىلى» دەپمۇ ئاتاپ ئىشلەتىدۇكى، بىزنىڭ ئۇنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاشىمىزمۇ مانا شۇنداق زۆرۈرىيەتلىك ئايرىمالىق ۋە خاس مۇھىت ئەتىبارى بىلەن بولغان ئەمەلىي، ئىلمىي ۋە ئاقىل ئاتاش ھىسابلانىدۇ، ئەلبەتتە.

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەگەن ئاتالغۇدىكى «چاغاتاي» كەلىمەسىنى «موڭغۇل پادىشاھنىڭ ئىسمى ئىكەن» دەپ يەكلەپ، چىقارىپ تاشلاش ئاقىللىق بولمايدۇ. چۈنكى، چاغاتاي خانمۇ  خۇددى سۇلتان ئابدۇررەشىد خانغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان، تارىختا ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ تەرەققىياتىغا بۈيۈك ھەسسە قوشقان تۆھپەكار پادىشاھىمىزدۇر.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى «ياقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش بىلىمسىزلىك بولىدۇ. چۈنكى، تارىخ بىلىمى نۇقتاسىدىن ئەيتقاندا،  14- ئەسىرنى دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر ئىلىم ئەھلى «يېقىنقى زامان» دەمەيدۇ.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى «ياقىنقى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش تارىخ چەكى جەھەتتە مەۋھۇم، ئۇقۇم جەھەتتە تۇتۇق ۋە تۇتۇرۇقسىز بولۇپ قالىدۇكى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامان چەكىنى ئانىق قىلىشتا، «چاغاتاي» نامىدىنمۇ مۇۋاپىق، مۇناسىپ ۋە ئەۋزەل كەلىمە يوقتۇر.

«‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى› دەگەن ئاتالغۇدىكى ‹چاغاتاي› نى يوقاتىمەن» دەپ زىھىن ۋە ئەمگەك ئىسراپچىلقى قىلغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزدىكى ۋە خەلقىمىزدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ساۋاتسىزلىقىنى يوقاتىش ئەۋزەل ۋە ئەلادۇر.

چۈنكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇسۇلمانچە كىشى ئىسىملەرىدىن تارتىپ، فولكلورىستىك ئادەت، ئەل جامائەتلىك ئولتۇرۇش-قوپۇش، سالام-سىھھەت سۆزلەرىگىچە بولغان پۈتكۈل ئىسلامىي كەلىمەلەرنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىلا تولۇق ئىزاھلاپ، توغرا چۈشەندۈرۈپ بەرەلەيدۇ. مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىلىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتى بىلىملەرىنىڭ ئۇل- ئاساسىدۇر.

شۇنداق، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر باش بەلگە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى، ھەلىھەم زوق – شوق بىلەن تەرەننۇم قىلىنىۋاتقان، پۈتمەس – تۈگىمەس مۇھەببەت بىلەن ئوقۇلىۋاتقان ۋە ئەبەدۇلئەبەد ئوقۇلىدىغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ تىلى بولغانلىقى، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيەتى تارىخىدا، نىسبەتەن زور سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئەدەبىي، تارىخىي ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەر يازىلغان شاراپەتلىك تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئۆگرەنىش ۋە بەرىلىپ تەتقىق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي قىممەت، رىئال ئەھمىيەت ۋە ئىقباللىق زۆرۈرىيەتكە ئىگەدۇر.

2- ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىلمىي تەئبىرى

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دەگەنىمىز، ئۇزاق ئەسىرلىك ئىجتىمائىي ھايات جەريانىدا، ئەمگەكچان ۋە غەزەلخان ئۇيغۇر خەلقى تەرەپىدىن ئىجاد قىلىنغان، مىلادىيە ئون ئالتىنجى ئەسىرگە كەلگەندە، ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي باشچىلىقىدا رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئۈچ يۈز ئاتمىش ئاھاڭلىق ئون ئىككى يۈرۈش كۈي-مۇزىكا ۋە ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان ئۈچ مىڭ تۆرت يۈز ئوتتۇز ئالتە مىسرا تەكىستتىن تەركىب تاپقان بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنەسىگە ئەيتىلىدۇ.

دەمەك، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى يالغۇز كۈي-ئاھاڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈي-ئاھاڭلارغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇلىدىغان ناخشا-غەزەل تەكىستلىكىىنىڭ بىر مۇجەسسەم گەۋدەسىدۇر. ئەمدى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى بولسا، مىلادىيە 16- ئەسىردە رەتلەنگەن ئاشۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگەنكى، ئۇنى قەلەمگە ئالغان يازىق – مۇبارەك چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدۇر.

تەكىستشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئەيتقاندا، ھەر قانداق بىر كلاسسىك ئەسەرنىڭ تەتقىقاتى پەقەت ئۇ يازىلغان ئەسلى يازىق شەكلى ئاساسىدا بولغاندالا، ئاندىن ھەقىقىي ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ چۈشەنچە بويىچە بولغاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلەرىدىن بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى جاھان ئىلىم ئەھلى ئالدىدا، ئاشۇ 16- ئەسىردە قوللانىلغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىمىز بىلەن يازىلغان نۇسخاسى بىلەن بىللە نامايان قىلىنغاندالا، ئاندىن ئۇنىڭ كلاسسىكلىق قىممەتى بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاشۇ ئۇزاق ئەسىرلەر يالداماسىلىق گەۋدەسى ھەقلىق جىلۋەلەنىدۇ.

ئىلمىي تەتقىقات نۇقتاسىدىن ئالىپ ئەيتقاندامۇ، ئەگەر بىر كلاسسىك ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى كلاسسىك يازىق شەكلى بولماسا، بۇ ھالدا، ئۇنى تىلشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دادىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل كەئسى ئەنۋارۇل ھۇدا، يار ئەكسىن مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سەدا. (نەۋائىي) (قاراڭ: راك مۇقامى، بىرىنچى تەئەززە، بىرىنچى بەيىت ) دەگەن ئىككى مىسرانى ئالساق، بۇنىڭ پەقەت « اشرقت من عكس شمس الكاس انوارالھدا، يار عكسين مي دا كور ديب جامدين جيقتى صدا ›› دەگەن ئەسلى يازىق شەكلى بولغاندالا، ئاندىن ئۇنىڭدىكى « ئەشرەقەت›› (كۈن چىقىش، پارلاش، نۇر جىلۋەلەنىش ) مەئنەسىدىكى ئايال سىغىلىق پىئىلمۇ، «مىن›› دەگەن ئالدى قوشۇلغۇچىمۇ، « ئەكس ›› (شولا)، «شەمس›› (قۇياش)، « كەئس ›› (قەدەھ) دەگەن سۆزلەرمۇ ۋە « ئەنۋارۇل ھۇدا ›› (ھىدايەت نۇرى) دەگەن سۆز بىرىكمەسىمۇ ئانىق كۆرۈلىدۇ – دە، بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر بەيىتنىڭ مورفولوگىيەلىك سۆز قۇرۇلماسىنى، سىنتاكسىسلىق جۈملە تۈزۈلۈشىنى ۋە نەق ئۇقۇمىنى كلاسسىك تىلىمىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدەسى بويىچە: “قەدەھتىكى شاراپقا چۈشكەن قۇياش شولاسىدىن ھىدايەت نۇرى چاقنادى. قەدەھتىن: <يارنىڭ شولاسىنى شاراپتا كۆرگىن> دەپ سادا چىقتى” دەپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ، توغرا شەرھلەپ بەرەلەيمىز، ئەلۋەتتە.

3-چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە تۆھپەسى

چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئالاھىدەلىكى، ئەۋزەللىكى ۋە تارىخىي تۆھپەسى ھەققىدە، بىر قانچە كەلىمە بىلەن قىسقىچە توختالىپ ئۆتۈشنىڭ كۈنۈمىزدە، رىئال ۋە قىممەتدار ئەھمىيەتى بار، ئەلۋەتتە.

ئومۇمەن قىلىپ ئەيتقاندا، ئۇيغۇر تىل – يازىق تارىخىدا ئالتە ئەسىر قوللانىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپەلەرنى قوشقان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەۋزەللىكى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپلەردە روشەن گەۋدەلەنىپ تۇرىدۇ :

بىرىنچى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىر تىل – يازىقتا، ئەلىپبە جەدۋەلى ۋە ئىملا قائىدەسىدىكى مۇقىملىقنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشنىڭ پۈتۈنلەي مۇمكىنلىكى ۋە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ تەڭداشسىز ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بىر نادىر يازىق.

بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىياسىي مۇقىملىق بىلەن ئىجتىمائىي ئىناقلىق خۇددى ھاۋا بىلەن سۇدەك زۆرۈر بولغانىغا ئوخشاش، بىر تىل – يازىقنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى تەرەققىيات كاپالەتى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەلىپبە جەدۋەلىنىڭ تۇرغۇنلۇقى ۋە ئىملا قائىدەسىنىڭ مۇقىملىقى بەجايىكى ئاش بىلەن ناندەك زۆرۈر بولىدىغان گەپكەن. ھالبۇكى، قاراپ باقساق، ھىچقانداق بىر مەنبەدە، قايسىبىر تارىختا قايسىبىر بىلىم ساھىبىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيەتى ھەققىدە توختالغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ؛ ھىچقانداق بىر زاماندا، تىل ئالىملارىنىڭ يازىق تىلىنى فونىتىكا جەھەتتىن ئۆزلەرىنىڭ مەھەللەۋى شىۋەسىگە جىپسا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىملا قائىدەسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيەتى تۇغۇلغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ پىكىر قىلىشقانلىقى ۋە دەتالاش قىلغانلىقى كۆزگە چالىقمايدۇ. قاراغاندا، ئۇ زاماننىڭ ئالىملارى زىيالىيلارنىڭ يازىق تىلى بىلەن دىھقانلارنىڭ ئاغىز تىلى ئوتتۇراسىدا ھامان مۇئەييەن پەرقنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈرلۈك شىۋەلەردىكى ئاغزاكى فونىتىكالىق ئۆزگەچەلىكلەرنى يازىقتا تولۇق ئىپادىلەيمەن دەگەندە، ئىملا قائىدەسىنىڭ چەكىنى مەڭگۈ توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى زامانىمىز تىلچىلەرىدىن ئوبدانراق بىلگەندەك قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەجدادلارىمىز چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى ئالتە يۈز يىلغىچە مۇقىم بىر خىل ئىملا قائىدەسى بويىچە ئىشلەتكەن. شۇنداق، بۇ جەرياندا ئەلىشىر ئىبنى غىياسىددىن نەۋائىي «فەرھاد ۋە شىرىن» نى يازغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىلەن، لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ىنى راھەت يازغان؛ مەلىكە ئاماننىسا خانىم قەلەمگە ئالغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىمۇ، بۈيۈك تارىخشۇناس، ئالىم مۇسا سايرامىي يازغان ئۆلمەس ئەسەرلەر «تارىخى ئەمنىيە» ۋە «تارىخى ھەمىدىي» لەرمۇ مەزكۇر مۇبارەك يازىق بىلەن كىتابقا پۈتۈلۈپ، بىز ئەۋلادلارغا تەبەررۈك بولۇپ قالغانكى، مانا بۇلار چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان شاھىتلاردۇر.

دەمەكچىكى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەنە شۇنداق ئالتە يۈز يىلغىچە پەقەت بىرلا ئەلىپبە ۋە بىرلا خىل ئىملا قائىدەسى بىلەن قوللانىلغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن خاتىرەلەنىپ كەيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان ئالەمشۇمۇل مىراسلار ئىلمىي جەھەتتىنمۇ، قىممەت جەھەتتىنمۇ ئوخشاشلا بۈيۈك بىر پۈتۈنلۈكنى گەۋدەلەندۈرگەن ھالدا تەبەررۈك بولۇپ قالغاندۇر. بىلگەن ئادەمگە بۇ ھال بىزنىڭ پۈتكۈل پارلاق مىللىي مەدەنىيەت تارىخىمىز ئۈچۈن مىسلىسىز ئۇلۇغ شان – شەرەپتۇر!

ئىككىنجى، يازىقتا، ئەرەبچە سۆزلەرنى ئەرەبچە ھەرپلىك شەكلى بويىچە، پارسچە كەلىمەلەرنى بولسا، پارسچە ھەرپلىك شەكلى بويىچە ئەينەن ئىپادەلەپ يازىش ئەمەلىيەتتە، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى سۆز – كەلىمەلەرنىڭ خەت شەكلىگە قاراپلا مەئنە-ئۇقۇم ئەيتقالى بولىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۆز – كەلىمەلەرنىڭ ئەتىمولوگىيەسى (كەلىش مەنبەسى) نى ئوڭايلا بىلگىلى بولىدىغان قەدىمكى يازىقلىق ئۆزگەچىلىكىگە ساھىب قىلغان. چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى بۇ ئەھۋال ھازىرقى زامان ياپون يازىقىدىكى خەنزۇچەدىن كىرگەن سۆزلەرنى خەنزۇچە خەت شەكلى بىلەن يازىپ، ياپونچە تەلەپپۇزدا ئوقۇش ئەمەلىيەتىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

مەئلۇمكى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەرەب يازىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازىقىنىڭ داۋامى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئاساسى بولغان ئانا يازىقىمىزدۇر. شۇ شاراپەت بىلەن، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر قەدىمكى يازىققا ئوخشاشلا، خەت شەكلىگە قاراپ مەئنە ئەيتقىلى ۋە ئۇقۇم قىياس قىلغىلى بولىدىغان خۇسۇسىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۆزىگە خاس ئالاھىدەلىكلەرگە ئىگە بولغان بىر ئىلمىي يازىق ھىسابلانىدۇ. ئالايلۇق، خۇددى خەنزۇ يازىقىدا، تەركىبىدە  木 بولغان خەتلەرنىڭ ھەممەسى ئومۇمەن قىلىپ ئەيتقاندا، «ياغاچ» بىلەن ئالاقىدار ئۇقۇمنى ئاڭلاتىدىغان بولغاندەك، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدامۇ، تەركىبىدە، ع (ئەين)، ل (لام)، م (مىم) دەگەن ئۈچ ھەرپ (علم) بولغان سۆزلەرنىڭ ھەممەسى ئومۇمەن «ئىلىم، بىلىم» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، عالم (ئالىم: بىلگۈچى)، ﻣﻌلم (مۇئەللىم: ئىلىم  ئۆگەتكۈچى)، ﻣﻌلوم (مەئلۇم: بىلىنگەن نەرسە)، اﺳﺘﻌلام (ئىستىئلام: بىلىم سوراش)، ﺗﻌلم (تەئەللۇم: بىلىم ئالىش)، ﺗﻌليم (تەئلىم: بىلىم بەرىش، ئىلىم ئۆگرەتىش) دەگەنلەرگە ئوخشاش. ئۇنىڭدىن باشقا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا، ئەمەلىي ئىستىئمالدىكى تەلەپپۇزى ئوخشاش، ئەمما يازىلىش شەكلى ئوخشامايدىغان بىر قىسىم ھەرپلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازىلىش شەكلىنى كۆرمەي تۇرۇپ ترانسكرىپسىيەسى (ئوقۇلغۇسى)گە قاراپلا مەئنە ئەيتقىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، « ثواب » بىلەن «صواب» سۆزى ئوخشاشلا، «سەۋاب» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما مەئنەسى پەرقلىق بولۇپ، ئالدىنقىسى «مۇكاپات» دەگەن ئۇقۇمنى، كەيىنكىسى بولسا «توغرا، دۇرۇس» دەگەن مەئنەنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى، ئەسلىي يازىقتىكى شەكلى بولماسا، تەلەپپۇزلۇق يازىلىشى، يەنى تىرانسكرىپسىيەسى بولغان «سەۋاب، ساۋاپ» لارغا قاراپ، ئۇنىڭ  مەئنەسىنى توغرا ئىزاھلاغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا، ئەرەبچە – پارسچەدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن ئۆزلەشمە سۆزلەرنى مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ئەسلىي يازىقتىكى شەكلى بىلەن ئەينەن قىلىپ يازىش قائىدە قىلىنغانلىقى تولامۇ دۇرۇس ئىش بولغان دەپ قارايمەن.

دەرۋەقە، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا بىرقانچە ھەرپ بىر تىل تاۋۇشىنى ئىپادەلەگەندىن باشقا، بىر ھەرپ ھەم ئۈزۈك تاۋۇشنى، ھەم سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادەلەيدىغان ئالاھىدەلىكمۇ بار. ئالايلۇق، «و» (ۋاۋ) ھەرپى ئەمەلىي ئىستىئمالدا، ھەم ئۈزۈك تاۋۇش «ۋ» نى، ھەم سوزۇق تاۋۇش «ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» لەرنى ئىپادەلەيدۇ. مەسىلەن، و طن (ۋەتەن)، موسم (مەۋسۇم)،كون (كەۋن: ئالەم)، تون (تۈن، تون)، سو (سۇ)، كوز ( كۆز، كۈز ) دەگەنلەرگە ئوخشاش. يەنە «ي = y» (يا) ھەرپىمۇ، ھەم «ي» ئۈزۈك تاۋۇشنى، ھەم « ئى، ئە، ئا» سوزۇق تاۋۇشلارىنى ئىپادەلەيدۇ. مەسىلەن، بيز (بىز)، موسى (مۇسا)، موسيقى (مۇسىيقا)، ﻣﻌنيسى (مەئناسى)، كيل (كەل)، كيليب (كەلىپ) دەگەنلەرگە ئوخشاش. بۇ ھال مۇنداقلا قاراماققا بىر خىل مۇرەككەپلىك ۋە تەرس – قىيىنلىقتەك كۆرۈنىدۇ. بىراق، يازىقشۇناسلىق، ھەرپشۇناسلىق ۋە تارىخىي تىلشۇناسلىق ئىلمى چۈشەنچەسى بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ قارايدىغان بولساق، بۇ ئەھۋالنىڭ مۇبارەك چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىمىزنىڭ قەدىمكى ۋە مەدەنىي بىر يازىقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم بىر ئالاھىدەلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئانىق تونۇپ يەتىمىز. ئالايلۇق، قەدىمكى ئۇيغۇر يازىقىدىن باشقا، ئىنگلىز يازىقىدامۇ بىر ھەرپ بىر قانچە خىل تىل تاۋۇشىنى ئىپادەلەيدۇ. مەسىلەن، china (چاينا: چىن)، Uighur (ئۇيغۇر) دەسەك، ئىنگلىزچەدىكى i ھەرپى بىر يەردە ai  (ئاي) قوشما سوزۇق تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلىنسا، يەنە بىر يەردە y«ي» ئۈزۈك تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. دەمەكچىكى، بىر ھەرپنىڭ يازىقتا بىرقانچە خىل تىل تاۋۇشىنى ئىپادەلەشىنى قەدىمكى يازىقلاردا كۆرۈلىدىغان بىر ئورتاق ئالاھىدەلىك دەسەمۇ بولىدۇ. مۇشۇ مەئنەدىن ئالىپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى بىرقانچە ھەرپ بىر تىل تاۋۇشىنى، بىر ھەرپ بىر قانچە خىل تىل تاۋۇشىنى ئىپادەلەگەندىن باشقا، بىر ھەرپ ھەم ئۈزۈك تاۋۇشنى ھەم سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادەلەيدىغان ئالاھىدەلىك ھەرگىزمۇ ئەيىب – نۇقسان سانالماسلىقى، ئەكسىچە بۇ ھال ھەقلىق ھالدا، مەزكۇر يازىقنىڭ ئىلمىي سىھرىلىككە باي بىر قەدىمكى يازىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئۆزگەچىلىك ھىسابلانىشى كەرەك، ئەلۋەتتە!

ئۈچىنجى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى ئۇنىڭ تىل گۈزەللىكى ۋە پۈتمەس-تۈگەمەس سىھرىي كۈچىنى ئەينەن ساقلاپ قالغان ھالدا بۈگۈنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەن تۆھپەكار يازىقكى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى ئاشۇ ئۆزى كىتاب قىلىپ پۈتۈلگەن ئون ئالتىنجى ئەسىردىكى شەكلى بىلەن زامانىمىزغا ئۇلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى جاھان مەدەنىيەت تارىخىدا ئەجدادتىن  ئەۋلادقا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان بۈيۈك مۆئجىزەكار ئىشتۇر، ئەلۋەتتە! ئالايلۇق:

راك مۇقامىدىن ئارىيە

1. اشرقت من عكس شمس الكأس انوارالهدا،

يار عكسين مع دا كور ديب جامدين جيقتع صدا.

ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل  كەئسى ئەنۋارۇل ھۇدا،

يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەپ جامدىن چىقتى سەدا.

قەدەھتىكى (شاراپقا چۈشكەن) قۇياش شولاسىدىن ھىدايەت نۇرى چاقنادى، جامدىن: «يارنىڭ شولاسىنى شارابتا كۆرگىن» دەگەن سادا چىقتى.

2. غير نقشع دين كونكول جاميدة بولسا زنضع غم،

يوقتور اع ساقع مع و حد ت مثل ليك غمزدا.

غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەنگى غەم،

يوقتۇر ئەي ساقىي، مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.

كۆڭۈل جامىدا غەيرىي تەسەۋۋۇردىن غەمنىڭ غەشلىكى پەيدا بولسا، ئەي ساقىي، بۇنىڭغا ۋەھدەت شارابىدەك تازالاغۇچى يوق.

3. اع خوش اول مع كيم انكا ظرف اولسا بير سينغان سفال،

جام اولور ضيتع نما جمشيد آنع ايجكان ضدا.

ئەي، خۇش ئول مەيكىم، ئاڭا زەرف ئولسا بىر سىنغان سوفال،

جام ئولۇر گىيتىنەما جەمشىد، ئانى ئىچكەن گەدا.

ئەي، مەي شۇنداق ياخشى نەرسەكى، ئۇ قۇيۇلغان قاچا بىر سۇنۇق ساپال بولسامۇ، كىشىنى جەمشىد تىلەپ ئىچكەن «گىيتىنەما» (جاھاننى كۆرسەتكۈچى) جامى ھىس قىلدۇرىدۇ.

4. جام مع ضر اويلة دور اول جام اوجون قيلماق بولور،

يوز جهان هر دم  نثار اول مع اوجون مينك جان فدا.

جامى مەي گەر ئۆيلەدۇر، ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر،

يۈز جەھان ھەر دەم نىسار، ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان فىدا.

شاراب جامى ئاشۇنداق نەرسە ئىكەن، بۇ ھالدا، جام ئۈچۈن ھەر نەپەستە يۈز جاھاننى چاچقۇ قىلسا، شاراب ئۈچۈن مىڭ جاننى پىدا قىلسا ئەرزىيدۇ.

5. دير آرا هوش اهلع رسوا بولغالع اع مغبحة،

جام مع توتسانك مينع ديوانةدين قيل ابتدا.

دەير ئارا ھۇش ئەھلى رۇسۋا بولغالى، ئەي مۇغبەچە،

جامى مەي تۇتساڭ مەنى دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.

ھۇشى بار ئادەملەر مەيخاناغا رەسۋا بولۇشقا كەلىدۇ، ئەي مەيخانا خىزمەتچىسى، شاراب جامىنى تۇتساڭ، مەن مەجنۇندىن باشلا.

6. تاكع اول مع دين كونكول جاميدة بولغاح جلوةضر،

حهرة مقصودى  محو اولغاع هم اول دم ما عدا.

تاكى ئول مەيدىن  كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر،

چىھرەئى مەقسۇدى مەھۋ ئولغاي ھەم ئول دەم مائەدا.

ئاشۇ كۆڭۈل جامىدىكى شارابتا مەقسەت چىھرەسى جىلۋەلەنگەنسەارى نازۇ نىئمەت دەگەنلەر بىر ياقتا قالىدۇ.

7. وحدتى بولغاع ميسر مع بيلة جام ايجرةكيم،

جام و مع  لفظين ديكان بير اسم ايلة قيلغاع ادا.

ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرەكىم،

جامۇ مەي لەفزىن دەگەن بىر ئىسم ئىلە قىلغاي ئەدا.

ۋەھدەت (ئاللاھ بىلەن بىرلىك)كە مەي ۋە جام بىلەنلا ئەرىشىش مۇمكىن، شۇڭا  «مەي» ۋە «جام» دەگەن سۆزلەر ئادەتتە، «جامۇمەي» دەپ بىرلا ئىسىم بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.

8. سن ضمان قيلغاندين اوزكا جام و مع موجود ايرور،

بيلمايين نفع ايتما بو ميخانة اهلين زاهدا.

سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇد ئەرۇر،

بىلمەيىن نەفى ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن، زاھىدا.

سەن تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسەلەردىن باشقا، «جام» ۋە «شاراب» دەگەنلەرمۇ ئەسلىدىن مەۋجۇد. ئەي زاھىد، بۇنى بىلمەي تۇرۇپ، ئىچەرمەنلەرنى چەكلەپ قوغلاپ يۈرمە.

بيرينجى تعزه چوشورگەسى (بىرىنچى تەئەززە چۈشۈرگەسى)

9. تشنةلب اولما نواظع حون ازل ساقع سيدين،

اشربوا ياايها العطشان كيلور هر دم ندا.                 − نوائى

تەشنەلەب ئولما نەۋائىي، چۇن ئەزەل ساقىيسىدىن،

«ئىشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان» كەلۈر ھەر دەم نىدا.      − نەۋائىي

ئەي نەۋائىي، چاڭقاپ يۈرمە، تەقدىر ساقىيسىدىن: « ئەي تەشنالار، ئىچىڭلار! » دەگەن نىدا ھەر دەم كەلىپ تۇرىدۇ.

(قاراڭ: « چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى »، 4-7- بەتلەر، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2005- يىل 5- ئاي نەشىرى)

مانا بۇ بىرلا مىسالدىنمۇ كۆرۈۋالىش تەس ئەمەسكى، ئەگەر چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ يەتكۈزۈپ بەرىشى بولماغاندا، يەنى مۇقام تەكىستلەرىنىڭ ئەسلىي يازىلىشى بولماسا ئىدى، ئۇ ھالدا شۇ قەدەر گۈزەل ئاھاڭ بىلەن ئەيتىلىۋاتقان ئۇ مۇقام تەكىستلەرىنىڭ مەئنە – ئۇقۇملارىنى ئوبدان چۈشەنگىلى، ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى ۋە شەرھلەگىلى بولماغان بولاتتى.

خۇلاسە قىلىپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى كلاسسىك-قەدىمىيلىك ۋە ئىلمىيلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان گىگانىت گەۋدەسى بىلەن ئۇيغۇر يازىق مەدەنىيەتى تارىخىدا، ئالتە يۈز يىل ياشاغان، شۇنداقلا، جاھانغا مەشھۇر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى بىلەن تەڭ ياڭراپ ۋە بەھۇزۇر يايراپ، تۈگەمەس – پۈتمەس ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالدا، ھەلىھەم ياشاۋاتقان ئۆلۈمسىز يازىق ئىكەنلىكى جەزمەن ۋە ئانىقتۇر!

4-چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەتىدىكى ۋەزنى

نەق ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، خالىس ۋە لىللاھ باھالاپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەتىدە، ئۇل-ئاساس، بەلكى يادرولۇق رول ئويناش قىممەتىگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇ چۈشەنچەنى قىسقاچە قىلىپ مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:

بىرىنچى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەمەلىي ئىستىئمالدىن قالغان، ئۆلگەن يازىق ئەمەس، بەلكى، ئۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئۇيغۇر مەشرەپلەرى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇ-ئوقۇتۇشى قاتارلىق ساھەلەردە قوللانىلىۋاتقان، بەلكى ئەبەدىي قوللانىلىدىغان تىرىك يازىق. بۇنىڭغا، ئالىي مەكتەپلەرىمىزدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرس ۋە دەرسلىكلەرى، شۇنداقلا 2005-يىل مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» ناملىق خاس ئەسەر قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ.

ئىككىنچى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بەزەن زىيالىيلارىمىز چۈشەندۈرىۋاتقاندەك موللاملارلا قوللانغان يازىق تىلى (书面语) ئەمەس، بەلكى كەڭ پۇقرالار جانلىق تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ئۇيغۇر تىلىدۇر. (بۇ ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتلىق بايانى ئۈچۈن، پەقىر 2014-يىل نەشىر قىلدۇرغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» ناملىق ئەسەرنىڭ «ئومۇمىي بايان» بۆلەكى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ جانلىق تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتى توغراسىدا» دەگەن بابىغا مۇراجىئەت قىلىنسا. بۇ ماقالەنىڭ ھەجمى ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن بۇ يەردە قىسقارتىۋەتىلدى)

ئۈچىنچى، خاس يازىقشۇناسلىق ئىلمى ئۆلچەمى بويىچە ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى ئىككى يازىق ئەمەس، بەلكى بىر يازىق بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ مۇرەككەپ (繁体) شەكلى خالاس. بۇ – خۇددى خەنزۇ يازىقىنىڭ ئاددىي (简化)  شەكلى بىلەن مۇرەككەپ (繁体) شەكلىنى « بۇ ئىككىسى بىر يازىق ئەمەس، بەلكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى يازىق» دەگىلى بولماغاندەكلا ئىش.

ئەمدى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەتىدىكى ئاساسلىق ۋە يادرولۇق ئورنى كەڭ ئىلىم ئەھلى تەرەپىدىن بىردەك ئىئتىراپ قىلىنسا، بولۇپمۇ، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ مۇرەككەپ شەكلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رىئاللىق قوبۇل قىلىنسا، بۇ ھالدا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنى جەزمەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاشقا توغرا كەلىدۇ ۋە مۇشۇنداق قىلىش مۇھىمدىن مۇھىمدۇر، ئەلبەتتە!

چۈنكى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى مائارىپىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئومۇملاشتۇرغاندا، تۆۋەندىكىدەك زۆرۈر، ھەقلىق ۋە نەق پايداغا ئەرىشكىلى بولىدۇ:

بىرىنچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدا ئوتتۇز ئىككى ھەرپ بار. چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا بولسا، ئوتتۇز ئالتە ھەرپ باركى، مەزكۇر ئوتتۇز ئالتە ھەرپنىڭ يىگىرمە توققۇز دانەسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى ھەرپلەرى بىلەن تامامەن ئوخشايدۇ. ئەمدى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ھەرپلەرىنى ئەۋلادلارغا باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئۆگرەتىۋەتكەندە، بىزنىڭ پەرزەنت-بالالارىمىز كىچىكىدىن تارتىپلا، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ھىچقانداق بىر سىرلىق، بىلگىلى بولماغۇدەك تەرس يازىق ئەمەس، بەلكى ھازىرقى يازىقىمىزنىڭ ئەسلىي يىلتىزى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا پەقەت بىر قانچە ھەرپ شەكىللەرى ئارقالىق پەرقلەنىدىغان بىر ۋارىيانتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇكى، بۇ ئىپتىدائىي بىلىم ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭلىگە خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مۇستەھكەم ئورناپ كەتىدۇ. بۇ خىل ئانانىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشاش زۆرۈر ۋە ھالال بىلىك ئەمەلىي ئۈنۈمدە، بۈگۈنكى خەلقىمىزدىكى، بولۇپمۇ ياش ئەلادلارىمىزدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى يات كۆرۈش، يەكلەش ۋە قوبۇل قىلماسلىق پىسخىكاسىنى ئۆزگەرتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئىككىنچى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ھەرپلەرىنى ئەۋلادلارغا باشلانغۇچ مەكتەپتەلا ئۆگرەتىۋەتكەندە، بىزنىڭ پەرزەنت-بالالارىمىز كىچىكىدىن تارتىپلا، ئۆزلەرىنىڭ ئىسىملەرىنىڭ ئەسلىي يازىلىشىنى يازالايدىغان ۋە مەئنە-ئۇقۇمىنى بىلىدىغان بولۇپ يەتىشىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر خەلقىمىزدىكى ئۆز ئىسىم-ناملارىنىڭ مەئنە-ئۇقۇمىنى بىلمەسلىك، ھەتتا بىلىشكەمۇ قىزىقماسلىق قاششاقلىقىنى ئۈزۈل-كەسىل داۋالاپ ساقايتىدۇ. ھازىر بالالارىمىز، ھەتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىيلارىمىزمۇ «ئەخمەت، ئەھمەت ۋە ئەمەت»لەرنىڭ بىر مەئنە-ئۇقۇمدىكى ۋە ئەسلىي ئىملادا بىرلا سۆز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛ «ئەھمەت» دەگەن ئىسىم نەمە ئۈچۈن «ئەھمىتى» بولماي «ئەھمەدى، ئەھمىدى» بولىدىغانلىقىنى ئاڭقارمايدۇ؛ «ئاينۇر» بىلەن «ماينۇر»نىڭ، «ئايىمخان» بىلەن «مايىمخان»نىڭ بىر ئۇقۇملۇق قاپىيەداش ئىككى سۆز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرىڭ، دەسە، تىرناق تاتىلاپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئىلىم ئۆلچەمى بويىچە ئەيتقاندا، بىر نورمال ئىنسان تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ كەلىش مەنبەسىنى ۋە مەئنە-ئۇقۇمىنى بىلمەسلىك ساپى ئۆزىدىن مەدەنىيەتسىزلىك بولىدۇ!

ئۈچىنچى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى ھەرپلەرىنى ئەۋلادلارغا باشلانغۇچ مەكتەپتەلا ئۆگرەتىۋەتكەندە، بىزنىڭ پەرزەنت-بالالارىمىز كىچىكىدىن تارتىپلا، ئىملالىق خەت يازىشنى ۋە ئۆلچەملىك گەپ قىلىشنى ئادەت قىلالايدۇكى، بۇ ئادەت ئەمەلىي ئۈنۈمدە، ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەتىنى گۈزەل ئىقبال بىلەن تارتۇقلايدۇ!

مەن قىرىق يىل ئالىي مەكتەپ مۇنبەرىدە دەرس سۆزلەگەن بىر ئوقۇتقۇچى. نەق ئەمەلىيەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقالىق ئىگەلەگەن رىئال ئەھۋال شۇكى، ئون بىر- ئون ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئالدىمغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارىمنىڭ ئىچىدە، دۇرۇس ئىملالىق خەت يازالايدىغانلار يۈزدە ئون پىرسەنگە يەتمەيدۇ. دىھقانلار «ئاقنىياز»نى «ئاخنىياز» دەگەندەك، «ئاق قوناق»نى «ئاخ قوناخ»، «ئاقلىماق»نى «ئاخلىماخ»، «تاقلىماق»نى «تاخلىماخ»، «چاي ئىچمەك»نى «چاي ئىشمەك»، «ئىچ كىيىم»نى «ئىش كىيىم»، «تەقدىم قىلماق»نى «تەغدىم قىلماخ»، «باجگىر»نى «باژگى»، «كېچىكمەك»نى «كىچىكمەك»، «تېخىچە»نى «تىخىچە» دەيدىغانلار يۈزدە توقسان پىرسەندىن ئاشىدۇ. قاتىملارچە تۈزەتىپ بەرسەڭمۇ، يەنىلا خاتا تەلەپپۇز قىلىدۇ، خاتا ئىملادا داۋام ئەتىۋەرىدۇ. نەمە ئۈچۈن مۇنچەۋالا جاھىللىق قىلىسىلەر؟ خەنزۇچە خەتلەرنى بىر چەكىت، بىر سىزىقىنى ئوشۇق-كەم قىلماي، ئىملالىق يازاسىلەر-يۇ، ئۇيغۇرچە خەتلەرنىمۇ شۇنداق ئىملالىق يازساڭلار، توغرا-دۇرۇس گەپ قىلساڭلار بولمامدۇ؟ دەيمەن چاچىلىپ. ئۇلارنىڭ ئورتاق جاۋابى شۇ: «بۇ چاغقىچە بولغان ئىمتىھانلاردا، يازمادىكى پۈتكۈل ئىملا خاتالىقى ئۈچۈن پەقەت بىر نومۇرلا كەسىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ، بىزنىڭ مۇئەللىملەرىمىز: ‹دە:سكە كىچىكمەڭلا›، ‹تاپشۇرۇقنى يىزىپ كەلدىڭلىمۇ؟› دەيتتى، بىز شۇلاردىن ئۆگەنگەنمىز».

ئەمدى، ئىلىم كۆزىمىز بىلەن قاراپ باقساق، بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، تىل مەدەنىيەتى دەگەن نەمە؟ بىر تىلدىكى سۆز-كەلىمەلەرنى ناخشا قىلىپ ئەيتقاندىمۇ ئانىق ئۇققىلى بولىدىغان، بوغۇم-ھەرپلەرىنى ئوچۇق ئاڭلانىشلىق قىلىپ، تولۇق ۋە راۋرۇس تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيەت بولامدۇ ياكى كەلىمەلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتامۇ ھورۇنلۇق قىلىپ، ھەرپ-تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە خاھلاغانچە ئۆزگەرتىۋەتىش مەدەنىيەت بولامدۇ؟ تىل-يازىق ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدىن مەقسەت دىھقاننى زىيالىيلاشتۇرۇشمۇ ياكى زىيالىينى دىھقانلاشتۇرۇشمۇ؟ سۆز-كەلىمەلەرنى تەلەپپۇز قىلىش ۋە يازىشتا ئاۋام خەلقنىڭ ۋە دىھقانلارنىڭ تىل ئادەتىنى ئاساس قىلىپ، شۇلارنىڭ قۇيرۇقىدا پىرقىراپ يۈرۈش ئىلىم ھىسابلانامدۇ ياكى مائارىپ ئارقالىق، دىھقانلارىمىزنىمۇ، ئاۋام خەلقىمىزنىمۇ تەربىيەلەپ زىيالىيلاشتۇرۇپ، سۆز-كەلىمەلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەي، ھەرپ-تاۋۇشلارىمىزنى يالماپ يەۋەتمەي، ساق، توغرا-دۇرۇس  تەلەپپۇز قىلىدىغان ئادەتنى يەتىلدۈرۈش مەدەنىيەت ھىسابلانامدۇ؟

مەنىڭ ئۆگرەنىشىم ۋە تەتقىق قىلىشىمچە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ساۋاتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەتىنى دەۋرگە مۇناسىپ يۈكسەلدۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان زۆرۈر بىلىمدۇر. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەتى تەرەققىي قىلىپ كۈنىمىزدىكىدەك مۇشۇنداق ئىتتىك قەدەملىك ۋە رىقابەتلىك دەۋرگە كىرگەن ئەھۋالدا، بىز پۈتكۈل تىل ئەھلى، تىل-يازىقىمىزنى مىللىي مەدەنىيەتىمىزنىڭ ئۇل-ئاساسىي بىلىدىغان بارلىق زىيالىيلار ئۆزىمىزنىڭ تىل-يازىق تەرەققىيات تارىخىمىزدىن ساۋاق ئالىپ، بىرلا ئىملا قائىدەسى بىلەن ئالتە يۈز يىل دەۋر سۈرگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىملانى مۇقىملاشتۇرۇش، سۆز-كەلىمەلەرنى ئىلىمغا مۇناسىپ قالىپلاشتۇرۇش ۋە سۆز-جۈملەلەرنى توغرا-دۇرۇسلاشتۈرۈش مەسىلەسىدە، ئۇچۇر دەۋرىمىزنىڭ چاپسان قەدەمىگە ماس كەلىدىغان بىر ئىلمىي ئۆلچەم، بىر مەدەنىي پرىنسىپ بەكىتىپ چىقىشىمىز لازىمدۇر، ئەلۋەتتە.

خاتىمە ئورنىدا:

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى

(دەرس مارشى)

خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،

يورۇيدۇر ئۆگرەنگەنسەرى ئۇيغۇرنىڭ دىلى.

كى ئاڭا ئۇل باسقان مەھمۇد كاشغەرىي مەزمۇت،

بىنا قىلىپ پۈتتۈرگەن ئەلىشىر نەۋائىي.

* * *

«چاغاتاي تىلى» دەيدۇر ئۇنى خەلقئارادا،

چاغاتاي خانلار قىلغانلىقتىن  دەۋلەت تىلى.

ئۇندىن بۈيۈك مەدەنىيەت ھالقاسى بولغان،

تارىم بويى، ئورتاسىيا – پۈتكۈل تۈرك ئەلى.

* * *

«قىسەسۇل ئەنبىيا»(1) دۇر ئۇنىڭ باش پاسىلى،

«يىللارغا جەۋاب»(2) مۇ ئۇنىڭ ئەسىل ھاسىلى.

قوللانغان ئەجدادلار ساق ئالتە ئەسىرگىچە،

يازىلغان ئۇنىڭ بىلەن ئەسەرلەر نادىرى.

* * *

ئاماننىساخان رەتلەگەن ئۇيغۇر مۇقامى ،

ئاھاڭ يارقىن، تەكىست گۈزەل يوقتۇر مىسالى.

ئوقۇدۇق، ئوقۇيمىز ئەبەدۇلئەبەد، چۈنكى-

ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى!

نەقرات:

خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،

يورۇيدۇر ئۆگرەنگەنسەرى ئىنساننىڭ دىلى.

2014-يىل 3-سىنتەبىر، چاھارشەنبە، خوتەن.

2020-يىل 23-ماي، شەنبە، سان ديەگو.

ئىزاھات:

(1) «قىسەسۇل ئەنبىيا»: مىلادىيە 1310-يىلى يازىلغان ناسىرۇددىن رابغوزىينىڭ داڭقلىق ئەسەرى.

(2) «يىللارغا جەۋاب»: 1944-يىلى يازىلغان لوتفۇللاھ مۇتەللىبنىڭ نادىر ئەسەرى.

پايدالانمالار:

«چاغاتاي تىلى» 1986-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى.

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» 2004-يىل، مىللەتلەر نەشىرىياتى.

“ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى »، 2005- يىل مىللەتلەر نەشىرىياتى)

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» 2007-يىل، مىللەتلەر نەشىرىياتى.

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» 2014-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى.

«‹تارىخى ھەمىدىي›دىكى ئۇيغۇر تىل تارىخىغا ئائىت پاكىتلار توغراسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنالى، 2004-يىللىق 3-سان.

«چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى بىر يازىقتۇر»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنالى، 2015-يىللىق 3-سان.

《察哈台维吾尔语研究导论》民族出版社2017年版

“ئاماننىساخان نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدا”، “ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى ئورگان تورى”، 2020-يىل 23-ئاپرىل.


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top