• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شەرقى تۈركىستاندا مانجۇ-خىتاي ئىشخالنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى تۈزۈلمە ۋە يەرلىك خادىملار

شەرقى تۈركىستاندا مانجۇ-خىتاي ئىشخالنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى تۈزۈلمە ۋە يەرلىك خادىملار

نۇرىددىن ئىزباسار

1759-يىلى پۈتۈن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،مانجۇ خاندانلىقى شەرقى تۈركىستاننىڭ تامامىغا ھاكىم بولۇپ قىپچاق قەبىلىلىرى ئۈستىدىمۇ بەلگىلىك بېسىم قۇرۇشقا باشلىدى. مانجۇلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارىغىنىمىزدا موڭغۇل يايلاقلىرى، تىبەت ۋە شەرقى تۈركىستاننى بىۋاستە خىتاينىڭ ۋىلايەتلىرىدەك ئىدارە قىلىشنىڭ يەرىگە بىر ئەسكىرى ئىشخال رايونى ۋە باج توپلاش مەنبەسى قىلىش، بىخەتەرلىك جەھەتتىن مەركىزى ھاكىمىيەتنىڭ چىگرا بىخەتەرلىك تەھدىدلىرىنى ئازايتىش سېستىمى ئورناتقان ئىدى. بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇل يايلاقلىرىغا نىسبەتەن خىتاي مەركەزلىك ھاكىمىيەتكە پۈتۈن جەھەتلەردىن ناتونۇش ۋە ھەر يەر تەھدىد بىلەن تولغان يەر ئىدى. مانجۇلار ۋە موڭغۇللار تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۇرۇشقا ماھىر ۋە جەڭگىۋار مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ئەمما شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن سوغوققان مۇئامىلىدە بولغان ئىدى. ئىشخالنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەسكىرى قەلئەلەرنى قۇرۇش ۋە يېزا قىشلاقلارغىچە بولغان پۈتۈن يول ۋەلىنىيەلەرنى تەھقىق ۋە تەسبىت قىلىش ئىشلىرىنى مانجۇ بىرلىكلىرىنىڭ كەشىف قوللىرىغا تاپشۇردى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋىلايەت ۋە قىشلاقلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى سىجىل دەپتەرلىرىگە يېزىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان چىگرا سىدىكى ھۇدۇد قاراۋۇلخانىلىرىنى قۇرۇشقا، يەنە بىر تەرەپتىن قوقەند ۋە كەشمىر ئۈستىدىن كېلىدىغان مۇھتەمەل ھۇجۇملارغا تەييارلىق قىلدى.

مانجۇ ئەسكەرلىرى ھەر قىشلاق ۋە يېزالاردا مۇئەييەن قارشىلىقلارغا ئۇچىراپ تۇرغاچقا ئەسكەرلەرنىڭ پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننى كەشىف يۈرۈشلىرىمۇ ئاسانغا توختىمىدى. چۈنكى شەرقى تۈركىستاندىكى مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ مەشرۇ يەنى قانۇنلۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ھىچبىر نوقتىدىن مۇمكىن بولمايتى، مانجۇلار خەلقنىڭ پۈتۈن ئىنكاسلىرىدىن بۇنى ناھايتى تېزلا بىلىۋالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ خىتاي مىللىتىگە نىسبەتەن كۆپ پەرقلىق بولۇشى كېرەكلىكى، ئىتائەت نوقتىسىدىن شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيۋەشكە كېلىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. چۈنكى مانجۇلارنىڭ جۈملىدىن خىتاي كۈلتۈرىدىكى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن، دىنى ئىتىقادىدىن ۋە ئېتنىڭ پەرقىلىقلىقىدىن ئىككى مەدەنىيەتنىڭ چوڭ بىر توقۇنىشى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شەرقى تۈركىستانلىقلار سىياسى قۇللۇققا ھەرگىز رازى بولمىغاندەك، بۇ سىياسى قۇللۇقنىڭ يەنە كېلىپ بىر كافىر قەۋم تەرىىپىدىن باشقۇرۇلىشى ھەر زامان سەل كەبى قوزغىلاڭلارنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەب بولالايتى. مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر يات زېمىن ۋە ئەشەددى دۈشمەن بىر قەۋم تۇراتتى.

شەرقى تۈركىستانغا قوشۇن باشلاپ كىرگەن مانجۇ ختايلار ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستاندا تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان تەشكىلات قۇرۇلمىسىنى تېپىپ چىقىپ شەرقى تۈركىستانلىقلارنى بۇرۇن داۋام قىلىپ كەلگەن تەشكىلى شەكىلدە ئىدارە قىلىشنى ئويلىدى، مانجۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا ئەسكەرى يۈرىشىنىڭ قوماندانى ساۋخۇي شەرقى تۈركىستاندىكى مەۋجۇت ئىدارى تەشكىلات شەكلىنى چۈشەندۈرگەن ئۇزۇن بىر دوكىلاتنى بېيجىڭغا ئەۋەتكەن، بۇ دوكىلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:

كاشغەر غەربىي شىمالدادۇر، سۇجۇدىكى جىيايۇگۈەن قۇۋۇقىغا (سەددى چىننىڭ يەنى خىتاينىڭ غەربى ئۇچى) 6000 لى (3270 كىلومېتىر) ئۇزاقلىقتادۇر. شەرقىدە ئۇچ ۋە ئاقسۇ، غەربىدە ئەندىجان ۋە قىپچاق-قىرغىزلار، جەنۇبىدا ياركەنت، شىمالىدا يەنە قىپچاق-قىرغىزلار باردۇر. چوڭ-كىچىك ئون شەھەر ۋە يەتتە قىشلاق باردۇر. بۇ يەرلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن مەمۇرلۇقلار كېرەك. بىزنىڭ ئىگەللىگەن ئەھۋالىمىزغا قارىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقىغا ھاكىمبەگە دېيىلىدۇ ۋە بۇ ھاكىمبەگ بىر شەھەرنى باشقۇرىدۇ، ئىشىكئاغا ھاكىمبەگنىڭ مۇئاۋىنىدۇر، سودابەگە باج توپلاشقا مەسئۇلدۇر، قازى مەھكىمە (مەھكىمەئى شەرئى) ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر، مىرىئاب سۇ ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر، ناقىب قۇرۇلۇش ۋە ئىنشائات ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر، پاششاپ ئوغرى ۋە قاراقچىلارنى تۇتۇشقا مەسئۇلدۇر، مۇھتەسىب مۇقەددەس كىتاب ۋە دىن ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. مۇتەۋەللى ئېكىن ئىشلىرى ۋە غەيرى مەنقۇل (نەقىل=توشۇش، يۆتكەش قىلىشقا بولمايدىغان مۈلكلەر) ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر، دىۋان پوچتا مەنزىلگاھلىرىغا مەسئۇلدۇر، باجگىر بىۋاستە باج توپلاشقا مەسئۇلدۇر، ئەرباب مەمۇرلارنى تەيىن قىلىشقا مەسئۇلدۇر، باغماتار باغلارنىڭ تەرتىپلىنىشىدىن مەسئۇلدۇر، بۇنىڭ سىرتىدا مەمۇرى جەھەتتىن مىڭبەگ باردۇر. بۇگۈن كاشغەردە ھاكىم يوقتۇر (بىز يوق قىلدۇق) بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدىن تۇرفانلىق تەيجى (ئىشخال قىلغان رايۇنلاردا ئۆزىگە ئىشلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خادىم) مۇسانى بۇ يەرگە ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچى قىلىپ تەيىنلەشنى تەكلىپ قىلىمەن، باشقا مەمۇرى خىزمەتلەرگىمۇ يەنە مۇسۇلمانلاردىن چىققان بىزگە ئاسىيلىق قىلمايدىغان ئائىلەلەرنىڭ ئۇرۇغ ئەۋلادلىرىدىن 34 كىشىنىڭ ئىسمىنى قوشۇمچە قىلىپ يوللىدىم.

ئۇنىڭدىن باشقا شەرقى تۈركىستاننى، پىچان، قاراشەھەر-كورلا ۋە بۈگۈر، كۇچا، شاھيار، ئۇچ، ئاقسۇ، سايرام، باي، كاشغەر، ياركەنت ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە ئايرىپ ھەربىرىنىڭ نوپۇس ئەھۋالىغا قارىتا بەگلەر تەيىن قىلغان.تۇرفان ۋە قومۇل بولسا بىۋاستە ئۆزلىرىگە ئەڭ سادىق ۋاڭلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن ۋە يەرلىك باشقۇرۇشقا ئارلاشمىغان. بۇ بەگلەرنىڭ مائاشلىرىغا بولسا ئارپالىق ئىسمى بېرىلگەن ئېكىن يەرلىرى ۋە ئىشلەيدىغان يانچىلار تۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ بەگلەرنىڭ سىرتىدا مانجۇلار ئىلىدا ئەڭ چوڭ ئەسكىرى ۋالىلىك قۇرغان ۋە كاشغەردە ئۇنىڭدىن كىچىكرەك ئەسكىرى بازىدىن بىرنى قۇرۇپ ئۇنى ئىلىدىكى ۋالىلىكنىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىگەن. قالغان ۋىلايەتلەرگە بولسا ئەسكىرى مۇپەتتىش ئىسمى بىلەن بەلگىلىك ساندا ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كاشغەردىكى ۋالىلىككە قارام بولغان.

ساقچى كۈچلىرىنى بىۋاستە مانجۇلارنىڭ يېشىل خوشۇن قىسىمىغا بۆلۈپ بەرگەن بولۇپ دەسلەپ ھەر قاراۋۇلخانىلاردا 15 ئەسكەر كېيىن 13 ئەسكەر ۋەزىپەلەندۈرگەن.

1759-يىلىدىكى مانجۇ ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا غەلبىگە ئېرىشىشىدا تۇرفان ۋە قومۇلنىڭ بەگلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، مانجۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ سادىق بولغان قومۇل ۋە تۇرفاندىن بەگلەرنى ئېلىپ كېلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىنى باشقۇرۇش دەسلەپكى قەدەمدە ئەڭ قولاي ئۇسۇل قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەگلەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە گۇڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئارىدىن 10 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مانجۇلار يەنە ھەر يەردىن ئۆزلىرىگە سادىق ئائىلەلەرنى قېزىپ چىقىپ ئەمەل بەرگەن، ئەمما ھىچبىر گۇڭنى ئۆز يۇرتىغا تەيىنلىمىگەن، پەقەت تۇرفان، قومۇل، كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۇچادا ۋاڭلار شۇ يەرلىك كىشىلەر ئىدى.

بۇ گۇڭلار ھەققىدە تارىخى رەشىدىنىڭ كاشغەردە تۈركچە تەرجىمىسىنى قىلغان خوجا مۇھەممەد شەرىف،تارىخى رەشىدىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە ئىلاۋە ئسمى بىلەن ئۆز زامانىدىكى ۋەقەلەرنى تارىخى رەشىدىنىڭ تەرجىمىسگە ئۇلاپ يېزىپ قالدۇرغان. بۇ ئىلاۋە تارىختا گۇڭلار ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، گۇڭلارنىڭ ئىسمى ۋە يۇرتى شۇلاردۇر.

1. مۇسا گۇڭ، تۇرفانلىق، 1759-يىلى كاشغەرگە ھاكىم بولغان ۋە ئىسيانلارنى بىۋاستە باستۇرۇشقا قاتناشقان بولسىمۇ ئاقىۋەتتە يەنە ساداقىتىدىن گۇمان قىلىپ 1760-يىلى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىندى

2. ساتىپئالدى گۇڭ، ئاقسۇلۇق، زۇلۇم ۋە جەبىردە نام چىقارغان. 1774-يىلىغىچە كاشغەرگە ھاكىم بولغان.

3. ئوسمان بەگ گۇڭ، كۇچالىق، كاشغەر ھاكىمى بولغاندىن كېيىن تاغدىكى قىرغىز-قىپچاقلار بىلەن بىرلىشىپ مانجۇ خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلغان، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ بېيجىڭغا ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا 1788-يىلى خىتاي شەھرىنىڭ بىرىدە ئۆلگەن.

4. ئىسكەندەر ۋاڭ، تۇرفانلىق مەشھۇر ئىمىن ۋاڭنىڭ ئوغلى، ئوسمان بەگ ئىسيانىنى باستۇرغاندىن كېيىن ئەڭ ئىشەنچىلىك ئائىلىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن كاشغەرگە ھاكىم تەيىن قىلىنغان. ئۇ كاشغەرگە ھاكىم بولغان ۋاڭ-گۇڭلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ سادىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن قالغان كىشىدۇر. 1812-يىلى ئۆلگىچە ھاكىم بولغان.

5. يۇنۇس ۋاڭ، تۇرفانلىق، ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ ئوغلى، قىسقا ۋاقىتتا يەنە ساداقىتىدىن گۇمان قىلىنىىپ، 1814-يىلى ئەمەلدىن ئېلىپ تاشلانغان

6. يۇسۇف بەگ گۇڭ، ئاقسۇلۇق، ئاق بەگنىڭ ئوغلى، بەشكىرەمدىكى ئىسياننى تىزگىنلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن 1816-يىلى ئەمەلدىن ئېلىنغان.

7. ئىسھاق بەگ گۇڭ، كۇچالىق ئوسمان بەگنىڭ ئوغلى، ئىسيانغا ياردەم بەردى دېيىلىپ1817-يىلى ئەمەلدىن ئېلىنغان.

8. ئۆمەر بەگ گۇڭ، كۇچالىق ھەيدەر بەگنىڭ ئوغلى، ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا ئىستىگەن يەرگە كىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن 1818-يىلى ئەمەلدىن ئېلىنغان

9. مۇھەممەد سەييىد ۋاڭ، تۇرفانلىق ئىمىن خوجانىڭ جەمەتىدىن، 1828-يىلىغىچە كاشغەرگە ھاكىم بولغان.

10. ئىسھاق گۇڭ، ئاقسۇلۇق،چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ بېشىدا جاھانگىر خوجا ئىسيانىنى باستۇرغان ۋە جاھانگىر خوجانى بېيجىڭگە يولغا سالغان كىشى، بۇ ئىسياندا ئىپادىسى ياخشى ئەمەس دەپ ئەمىلىدىن ئېلىنىپ 1832-يىلى ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن.

11. زۇھۇرىددىن تاجى گۇڭ ھاكىم بەگ، كۇچالىق، تارىخى رەشىدىنى تەرجىمە قىلدۇرغان كىشى. ئىسياندىن كېيىن كاشغەرگە ئۇزۇن مۇددەت ھاكىم بولغان.

مەنبە:

تارىخى رەشىدىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە ئىلاۋە چاغاتايچە مەتبەئە نۇسقىسى، ياپۇنچە تەرجىمىسى 2008

Konur Alp Ercilasun Tarihin Derinliklerinde 19.yüzyılda Kaşgar, Türk Tarih Kurumu, 2013

西域图志

回疆通志

嘉庆重修-通志

清史稿、 鼎文 1981

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top