• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » مەڭگۈ تاشلار، بىز ۋە ئەجدادىمىز!

مەڭگۈ تاشلار، بىز ۋە ئەجدادىمىز!

نۇرەددىن ئىزباسار

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئەجدادىمىزنىڭ ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا تىكلىگەن تاش پۈتۈكلىرىنى نىمە ئۈچۈن مەڭگۈ تاش دەپ ئاتايدىغانلىقىمىزغا نىسبەتەن پىكىر ساھىبى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەسلىدە مەڭگۈ تاشلارنىڭ مەتىنلىرىگە قارىساق قاغانلار تاشلارنىڭ مىڭ يىللىق تۈمەن كۈنلۈك ۋە مەڭگۈلۈك يادىكار بولۇپ قېلىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك يىللىرىنى ۋە دەۋلەت ئۈچۈن تۆككەن تەر ئاققۇزغان قانلىرىنى ۋە نەسىھەت ئۆگۈتلىرىنى بىلدۈرۈش، كېيىنكىلەرگە مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن بۇ تاشلارغا خەتلەرنى ئويدۇرۇپ بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن، بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئىچىدە خۇددى بىزنىڭ بۈگۈن دۇچار بولغان ھالىتىمىزنى تەسۋىرلىگەندەك جۈملىلەر بولغان. چۈنكى ئەجدادلىرىمىز خىتايلار بىلەن يۈزلەرچە يىل قوشنا بولغان، نۇرغۇن قېتىم خىتايلارنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىگە يېڭىلىپ قەبىلىلەر بويۇنچە ئەسىرگە چۈشۈپ خىتايلارنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا قالغان ئەمما بۇ ئاسارەتتىن ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى، جاسارىتى ۋە ئەقلى بىلەن قۇتۇلغان. مۇشۇ ئەسىرلىك ھاياتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە ئاتاسى ئىلتەرىش قاغان بىلەن بىرگە جەڭ قىلىپ دەۋلەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان، ئاتاسىدىن كېيىن 716-734 يىللارى ئاراسى قاغان بولغان بىلگە قاغان، دەۋلەتنىڭ مۇھىملىقىنى، مىللەتكە نەسىھىتىنى شۇ جۈملەلەر بىلەن بىزلەرگە ئىپادە قىلىدۇ، مىڭ يىللىق، تۈمەن كۈنلۈك ۋاقىتتىن كېيىنمۇ بىز يەنە شۇ ھالدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىزتىراپىدا تۇرماقتىمىز، ئاتامىز بىلگە قاغان شۇنداق دەيدۇ:

تەڭرىدەك تەڭرىدە بولمىش تۈرك بىلگە قاغان، بۇ دەۋردە تەختكە چىقتىم، سۆزلەرىمنىڭ تامامىنى ئىشىتىڭلار، ئالدى بىلەن سىلەر ئىنىلىرىم ۋە ئوغۇللارىم، بىرىككەن ئۇرۇغلىرىم، شەرقتە كۈنچىقىشقا جەنۇبتا كۈن ئوتتۇرىسىغا، ئارقامدا كۈن ئولتۇرۇشقا، شىمالدا قاراڭغۇلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە تەسەررۇپۇمغا ئالدىم. …

بۇ يەردە ئولتۇرۇپ خىتايلار بىلەن ئارىنى تۈزەتتىم، ھازىر ئۇلار ئالتۇننى، كۈمۈشنى، يىپەكنى، دېگىنىمدىن كۆپرەك بېرىۋاتىدۇ، خىتاي بودۇننىڭ سۆزلەرى تاتلىق، يىپەكلەرى يۇمۇشاق ئىكەن. يۇمۇشاق يىپەكلەرى ۋە تاتلىق سۆزلەرى بىلەن ئالداپ، يىراقتا ياشايدىغانلارنى مۇشۇنداقچە ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن، يىراقتىكىلەرنى يېقىنغا تارتقاندىن كېيىن، يامانلىقنى ئويلاشقا باشلايدىكەن، ياخشى ۋە ئالپ كىشىلەرنى ئىلگىرى باستۇرمايدىكەن، بىر كىشى ياڭلىشىپ(خاتالىشىپ) قالسا پۈتۈن ئۇرۇغ ئەۋلادىنى ئۆلتۈرمەي توختىمايدىكەن، يۇمۇشاق يىپەككە ۋە تاتلىق سۆزلەرگە ئالدىنىپ تۈرك بودۇندىن نۇرغۇن كىشى ئۆلدۈڭلار، خىتايلارغا يېقىن چۇغاي تاغلىرىغا تۆگۈلتۈن ئويماقلىرىغا يەرلەشسەڭلار تۈرك بودۇنۇم ھەممىڭلار چوقۇم ئۆلىسىلەر، يامان نىيەتلىك كىشىلەر خىتايلارغا يېقىن ئولتۇرسا ياخشى يىپەكلەرنى بېرىدۇ، ئۇزاق بولسا ناچار يىپەكلەرنى بېرىدۇ دەپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، نادان، ئەخمەق كىشىلەر بۇ سۆزلەرگە ئالدىنىپ خىتايلارغا يېقىن بېرىپ ھەممىڭلار ئۆلدۈڭلار. ئۆلىسىلەر! ئۆتۈكەن ۋادىسىدە ئولتۇرۇپ كارۋان ئەۋەتسەڭلار ھىچبىر چاتاق بولمايدۇ، قۇرغان دۆلىتىڭ مەزمۇت بولىدۇ. ئەي تۈرك خەلقى، سەن توق كۆزلۈك، ئاچ قالغاندا تويۇشنى، تويغاندا ئاچ قېلىشنى ئويلىمايسەن….

ئەي تۈرك بودۇن، ياخشى ئاڭلا، تۈرك بودۇن يەنى سەن تىرىلىپ دەۋلەت بولالايدىغانلىقىڭنى يازدىم، تاشقا ئويدۇردۇم، ئەگەر خاتالاشساڭ ئۆلىدىغانلىقىڭنىمۇ بۇ يەرگە يازدىم، پۈتۈن سۆزۈمنى بۇ تاشقا ئويدۇم، بۇنىڭغا قاراپ سۆزلەرىمنى ئۆگىنىڭلار…. ئاتالارىم تەختتە ئولتۇرۇپ تۆت بۇلۇڭغىچە بويسۇندۇرۇپتۇ…. كۈنلەر كېلىپ خاقانلارنىڭ ئوغۇللىرى ئاتالىرىدەك، ئىنىلەرى ئاكالىرىدەك يارىتىلماپتۇ، ئەقىلسىز خاقانلار تەختكە چىقىپتۇ، بۇيرۇق-تارخانلىرىمۇ ناچار بىلىگسىز ئىكەن، بەگلەرى بودۇنلارىمۇ تۈزۈتسىز ئىكەن، ئەمما خىتاي ھىلىگەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنى بىلەن ئاكالارى ئارىسىغا ماجىرا سېلىپ، بەگلەر بىلەن بودۇنغا نىزا سېلىپ بىر-بىرىگە كۈشكۈرتۈپ، تۈرك بودۇننىڭ قۇرغان دۆلىتىنى يوق قىلىپتۇ، تەختتىكى خاقانىنى يوق قىلىپتۇ، مانا شۇنىڭ بىلەن خىتايلار بەگ بولۇشقا لايىق يىگىتلەرنى قۇل قىلدى، خانىش بولىدىغان قىزلارنى دېدەك قىلدى، تۈرك بەگلىرى تۈركچە ئۇنۋانلارنى تاشلاپ خىتايچە ئۇنۋانلارنى ئىشلەتتى،ئەللىك يىل خىتايلارغا ئەسىر بولۇپ خىتايلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى…تۈرك بودۇن شۇنداق دەپتۇ، دەۋلەتلىك خەلى ئىدۇق، دەۋلىتىمىز قېنى، كىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىمىز. قاغانىمىز بولغان بىر قەۋمدۇق، قاغانىمىز قېنى قايسى خانغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز، ۋە شۇنداق دەپ خىتايلارغا دۈشمەن بولۇپتۇ، دۈشمەن بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى تەشكىللىيەلمىگنلىكىدىن يەنە خىتايغا باغلىنىپ قېلىپتۇ، خىتايلار بۇرۇن قىلغان شۇنچە خىزمەتلىرىگىمۇ قاراماي تۈرك خەلقىنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ، تەڭرى تۈركنى يوق بولمىسۇن دەپ، ئاتام ئىلتەرىش قاغاننى ئۈستۈن قىلىپ، ئانام ئەلبىلگە خاتۇننى ئەزىز قىلىپ، ئاتام قاغان 17 ئەركەك بىلەن ئىسيان قىلىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان خەلقتىن شەھەردىكىلەر تاغقا، تاغدىكىلكەر شەھەرگە چىقىپتۇ، يىغىلىپ 70 ئەركەك بولۇپتۇ، تەڭرى كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاتام خاقاننىڭ ئەسكەرلىرى بۆرىدەك ئىمىش، دۈشمەنلەر(خىتايلار) قويدەك ئىمىش، ھەرياقتىن ئادەم كېلىپ 700 بولۇپتۇ، تۆرەسىز ۋە دەۋلەتسىز قالغان خەلقىنى، قۇل ۋە دېدەك بولغان خەلقىنى، تۈرك تۆرەسىنى يۈتۈرگەن خەلقنى يېڭىدىن ئىنسان قىلىپتۇ…. مەن باي ۋە باياشات خەلققە خان بولمىدىم، ئەكسىچە قارنى ئاچ، ئۈستى يالىڭاچ، يوقسۇل ۋە كەمبەغەل بىر خەلققە خان بولدۇم… مىللەتنىڭ شان ۋە شەرىپى يوق بولمىسۇن دەپ، تۈرك بودۇن ئۈچۈن كېچە ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزى ئولتۇرمىدىم، ئىنىم كۈل تېگىن ۋە ئىككى شاد بىلەن ئۆلگىدەك ئىشلىدىم، شۇنداق قىلىپ خەلقنى بىرلەشتۈردۈم، ئوت بىلەن سۇدەك ئايرىشتىن توختاتتىم.

بىلگە قاغان 734-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاپات بولغان. بىلگە قاغان ئۈچۈن ئوغلى تەڭرى قاغان 735-يىلى ئاتاسىنىڭ نامىغا بۇ مەڭگۈ تاشنى تىىككەن، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا 735-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاشقا خەت ئويۇلۇپ بولغان. (تاشنىڭ تىكىلگەن ۋە خەتنىڭ ئويۇلغان ۋاقتى توغرىلىق پەرقلىق بىلگىلەر ئىنكاسلاردا بار.)
مەنبە: بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى.

كىتاب: تالات تېكىن، ئورخۇن يازىتلارى، تۈرك دىل قۇرۇمۇ يايىنلارى، 2006-ئىكىنجى باسقى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top