• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » مەلىكە ئاماننىساخان ئىزىدا: ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقنىڭ تۇنجى ئايال كومپوزىتورى شاھىدە شاھىمەردانوۋا

مەلىكە ئاماننىساخان ئىزىدا: ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقنىڭ تۇنجى ئايال كومپوزىتورى شاھىدە شاھىمەردانوۋا

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى، ئامېرىكا)

مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ماكانلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 19 -ئەسىردىن باشلىغان مانجۇ-خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ مەركەزلىرى ۋە بازىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ زېمىن ئۇيغۇرلارنىڭ  19 -ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىن باشلانغان ھەر قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭلىرى مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا  مەنچىڭ  قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشتىن ئەندىشە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ   كوللېكتىپ قېچىپ پاناھلىنىدىغان ماكانىغا ئايلانغان بولۇپ، قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىچە، 19 -ئەسىرنىڭ 60 -يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىدىكى  قەشقەرلىكلەر، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئاشقانىدى [1].

رۇسىيە تارىخچىسى س.  س.  گۇبايېۋا  چوقان  ۋەلىخانوفنىڭ  مەلۇماتلىرى  ئاساسىدا 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە  بولغان ئارىلىقتا  پەرغانە  ۋادىسىدا  300 مىڭ  ئەتراپىدا  ئۇيغۇر  ياشىغانلىقىنى  ئوتتۇرىغا  قويىدۇ [2].

سابىق  سوۋېت  ئىتتىپاقى ئۇيغۇر  ئالىمى، ئاكادېمىك  غوجاخمەت  سادۋاقاسوف،  پەرغانە  ۋادىسىدا  چوقان  ۋەلىخانوف  قەيت  قىلغان  9  مىڭ  نوپۇس  دولانلىقلارنى  قوشۇپ، 324 مىڭ  ئەتراپىدا ئۇيغۇر  ياشىغان، دېگەن  پىكىرنى  ئوتتۇرىغا  قويىدۇ [3].

يەنە بىر رۇس ئالىمى  ئى.ۋ.  زاخوروۋانىڭ  قارىشىچە، 1860 – يىلىغىچە  بولغان  ئارىلىقتا  قوقان خانلىقى تەۋەسىدە 250 – 200 مىڭ  ئەتراپىدا ئۇيغۇر  ياشىغان [4].

دېمەك، 20 -ئەسىرنىڭ 20 -يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم – تۈركۈملەپ،  ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كۆچۈش، ياز مەزگىللىرىدە بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش، تىجارەت قىلىش ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشقانىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف 1920-يىللارغىچە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى 500-700 مىڭ ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلغان. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار 1930-1940 – يىللىرى ئارىسىدا ئاساسەن مىللىتىنى ئۆزبېككە يازدۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەنىدى.

بىراق  بۇ كۆچۈشلەر 1955-1962- يىللىرى ئارىسىدا يەنە داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ دولقۇندا  ئۇيغۇر دىيارىدىن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، رۇس ۋە  باشقا مىللەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە 1962 -يىلى 70 مىڭ ئەتراپىدا قېچىپ ئۆتكەن  بولۇپ، ئەنە شۇ كۆچۈشلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قازاقىستان، قىرغىزىستانلارغا ئورۇنلاشقاندىن سىرت يەنە ئۆزبېكىستانغىمۇ ماكانلاشقانىدى.  ئۆزبېكىستان 20 -ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان  زېمىنغا ئايلانغان بولۇپ، تاشكەنت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئالىي مائارىپىنىڭ مەركىزى ئىدى. 1960-يىللاردىن كېيىن تاشكەنت يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مەركەزلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلدى. ئەنە شۇ ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20 -ئەسىر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان مەشھۇر ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، ئالىملار ياشاپ ئىجاد قىلدى. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزبېكلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە سانى ناھايىتى ئاز دەپ ئېلان قىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن  كۆپلىگەن پۈتۈن جۇمھۇرىيەتكە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھەتتا خەلقئاراغا تونۇلغان مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ئالىملار ۋە باشقىلار يېتىشىپ چىققان ۋە  ئۆزبېكىستاننىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقئارا مىقياسىدا تونۇلۇشىغا ھەسسە قوشتى.

ئۆزبېكىستاندا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلىرى، سپورتچىلىرى، مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ئەمگەكچىلىرىنىڭ نامى جۇمھۇرىيەت ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى  تېررىتورىيەسىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان  بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا   يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق ناخشىچى، سەنئەتكارلار دىنيۇلدۇز ئوسمانوۋا،  غېنىجان تاشمەتوف، مەنسۇر تاشمەتوف، دىلدار ئىسلاموۋا قاتارلىقلارنىڭ نامى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە خاراكتېرلىك ئېتىراپ قىلىشقا  ئېرىشكەن، ئاتاقلىق تىجارەتچى ئالىمجان توختاخۇنوفنىڭ نامى پۈتۈن  رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا رىۋايەت كەبى تۈس ئالغان، سابىق سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشوف دەۋرىمىزنىڭ قەھرىمان ئاياللىرى دەپ مەدھىيەلىگەن، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان پاختىكار، ئەمگەك قەھرىمانى تۇرسۇنئاي ئاخۇنوۋا، ئاتاقلىق فىلولوگىيە ئالىمى مۇرات ھەمرايېف، ئاكادېمىك يارمۇھەممەد مۇبارەكوف، تارىخشۇناس پىروفېسسور ماخمۇت قۇتلۇقوف ۋە ئابلاخەت خوجايېف، خېلەم خۇدابەردىيېف، كومپوزىتور شاھىدە شاھىمەردانوۋا ۋە باشقىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئەنە شۇ مەشھۇر نامايەندىلەر ئىچىدە  بەزىلەر قەشقەردە تۇغۇلۇپ، ياشلىق ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن، ئەمما كېيىنكى پۈتۈن ھاياتىنى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈپ ئۆزبېكىستاننىڭ بىرىنچى ئايال كومپوزىتورلۇق شەرىپىگە ئېرىشكەن شاھىدە شاھى مەردانوۋانىڭ مۇزىكا ھاياتى ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ئىككى خەلققە تەڭ بېغىشلانغانىدى.

شاھىدە شاھىمەردانوۋا  كىم؟

شاھىدە شاھىمەردانوۋا، ياكى شاھىدا شايمەردانوۋا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، بۈگۈنكى  ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق مۇزىكانتى، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى كەسپىي ئايال كومپوزىتورىدۇر. ئۇ، بۇ يىل 2 -ئايدا 82 يېشىدا تاشكەنتتە ۋاپات بولدى.

شاھىدە شاھىمەردانوۋا ئۆزبېكىستان مۇزىكا ساھەسىدىكى تۇنجى ئايال كومپوزىتورلار ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مۇزىكا ساھەسىدىكى تۇنجى ۋە مول ھوسۇللۇق ئايال كەسپىي كومپوزىتوردۇر. بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى نامىغا سازاۋەر بولغان مەشھۇر كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفدىن كېيىنكى يەنە بىر بىر قانچە سىمفونىيە ۋە كۆپ ساندىكى ھەر خىل مۇزىكا ئەسەرلىرىنى يازغان، بولۇپمۇ خەلقئارالىق ۋە مىللىي مۇزىكا ھەم كۆپ مىللەتلىك ئاھاڭلار بويىچە مول ھوسۇللۇق كەسپىي ئۇيغۇر كومپوزىتورىدۇر.

شاھىدە شاھىمەردانوۋا، 1950-1960 -يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەڭ كۆلەمدىكى كۆچۈش دولقۇنلىرىدا ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا  رايونىنى ماكان قىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ  بىرى شۇنىڭدەك ئەنە شۇ كۆچمەنلىك ھاياتىدىكى ھەر خىل توسالغۇلار، قىيىنچىلىقلار ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتۈن بىر جۇمھۇرىيەت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا ساھەسىدە پارلىغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنالىغان شىجائەتلىك ئايالدۇر.

شاھىدە شاھىمەردانوۋا 1938 -يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كەتكەن ۋە دادىسىدىن  كىچىك يېتىم قالغان. ئۇنىڭ ئۆز تەرجىمىھال ھەققىدە مۇخبىرلارغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرى غۇلجىدا ئۆتكەن. ئۇ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن 1954 -يىلى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىنىڭ  سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ مۇزىكا كەسپىدە 2 يىل ئوقۇغاندىن كېيىن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى  بولغان. 1957 -يىلى تاشكەنتكە كېلىپ تاشكەنت كونسېرۋاتورىيەسىگە ئوقۇشقا  كىرىپ، ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇغاندىن كېيىن رەسمىي كەسىپتە ئوقۇغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى مائارىپ ۋە ئالىي مەكتەپ  تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۆز ئانا ۋەتىنىدە تىپىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپى ئاتموسفېراسىدا نەپەسلەنگەنىدى. ئۇ  كىچىكىدىن ئەنە شۇ ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ناخشىلىرى، بولۇپمۇ مۇقاملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئالاھىدە زوق ئالغان ۋە مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياق ئەنە شۇ بالىلىق دەۋرىدىن باشلانغانىدى [5]. ئۇ ئۈرۈمچىدە ئوقۇش جەريانىدا مۇزىكا ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تالانتى ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن سېزىلىپ، ئۇنىڭغا زور ئىلھام بېرىلگەن. ئۇ تاشكەنت كونسېرۋاتورىيەسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇزىكا كەسپىدە يەنە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. 1972 -يىلى، تاشكەنت  كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ شەرق  مۇزىكا كەسپى بۆلۈمى ئېچىلغاندا شۇ يەردە ئىشلىدى.  ئۇ شۇ كونسېرۋاتورىيەدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ  يۈرگەن چاغلاردىلا ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىشقا كىرىشكەن.

ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسۇل ئانسامبىلىدا

يىلىدىن كېيىن سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى  بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى  ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.  1966 -يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارى شەرەپ رەشىدوفنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن  تاشكەنتتىكى ئۆزبېكىستان رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتى قارمىقىدا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى قۇرۇلدى. بۇ ئىشلاردا مەزكۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خېلەم خۇدابېردىيېفمۇ بىۋاسىتە ھەرىكەت قىلدى [6]. ئەسلىدە مەقسەت  ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى 12  مۇقامنى رەتلەش ۋە نوتىغا ئېلىش بولۇپ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن 20 كىشىلىك ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. مەزكۇر ئانسامبىلغا ئەنجانلىق ئۇيغۇرلاردىن، پۈتۈن ئۆزبېكىستانغا تونۇلغان سەنئەت ئەربابى، كومپوزىتور ۋە ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى غېنىجان تاشمەتوف مەسئۇل قىلىندى  [7]. دېمەك، خېلەم خۇدابەردىيېف، غېنىجان تاشمەتوف قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە  ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىققان  ئۇيغۇر مۇزىكانت، ئەلنەغمىچىلەر ئارىسىدىن تاللاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرىدا 24 ئادەم تاللىۋېلىندى ۋە ئۇيغۇر ئانسامبىلى رەسمىي ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە 1969-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتىنى رەتلەش، نوتىغا ئېلىش ۋە ئاخىرىدا پىلاستىنكا چىقىرىش ئىشلىرى باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتىنى ئوقۇيالايدىغان مۇقامچىلاردىن غوپۇر دىڭخۇلۇ، قادىر خوجايېف، قىرغىزىستاندىن مەتتايىر ھەسەنوف، قازاقىستاننىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىن سۇلتانمۇرات رەزەموف ۋە ياركەنت شەھىرىدىن نۇرمۇھەممەد ناسىروف قاتارلىقلار تاللاندى [8]. بۇ ئانسامبىلغا ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ئەخمىدى، خالىسخان خادىروۋا ۋە ئايتۇرغان ھەسەنوۋا ھەم سۇلتان مەمەتوف قاتارلىقلارمۇ قوبۇل قىلىنغانىدى. ئەنە شۇ ئانسامبىل تەركىبىدە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتىنى رەتلەش ئىشلىرى ياكى 1978 -يىلىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، 9 مۇقام دەسلەپتە رەتلىنىپ بولۇنغان بولسا، 1979 -يىلىدىن كېيىن شاھىدا شاھىمەردانوۋا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى بولۇپ، مۇقامنى داۋاملىق رەتلەش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆزى باش بولۇپ كېيىنكى 3 مۇقامنى رەتلەپ پۈتتۈردى [9]. مۇقامنى رەتلەشكە يەنە قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامياروفقا ماسلاشقان بولۇپ، ئۇ  قەشقەر ۋارىيانتىنىڭ  كۆچۈرۈلمىسىنى ئۇلارغا بەرگەنىدى [10].

شاھىدە شاھىمەردانوۋا  ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش، ئۇنى ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك  ھەسسىسىنى قوشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئانسامبىل ئۈچۈن كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى. مۇزىكانتلارنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئەنە شۇ 1970-1980 -يىللاردىكى تاشكەنت رادىئۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان ئاڭلىتىشلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ناخشا-كۈيلىرى ۋە خەلق مۇزىكىلىرى ھەم مۇقاملىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا باشتا غېنىجان تاشمەتوف، شاھىدە شاھىمەردانوۋا قاتارلىقلار يېتەكچىلىك قىلغانىدى. دېمەككى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 12 مۇقاملىرىنى ئېيتىش چەكلەنگەن1960-1970 -يىللىرىدا تاشكەنت، ئالمۇتىغا مەركەزلەشكەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە زور رول ئوينىغانىدى. بۇ خىزمەتلەردە شاھىدە شاھىمەردانوۋانىڭ تېگىشلىك تۆھپىسى بار ئەلۋەتتە.

ئىلگىرى-كېيىن غېنىجان تاشمەتوف، شاھىدە شاھىمەردانوۋا قاتارلىقلار بەدىئىي يېتەكچىلىك قىلغان ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر ناخشا -ئۇسۇل ئانسامبىلىدا  ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ناخشىچىلىرى، يەنى 1950 -يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نامى كەڭ تونۇلغان ۋە كېيىن ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى نامىغا سازاۋەر بولغان ئابدۇرېھىم ئەخمىدى، ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى خالىسخان قادىروۋا، ئايتۇرغان ھەسەنوۋا قاتارلىقلار شۇنىڭدەك نامى خەلققە كەڭ تونۇلغان نۇرمۇھەممەد مېھرايېف، ھاكىم خېلەموف، ئەركىن يۇنۇسوف، ئارۇپ مۇھەممەدوف، ئابدۇلەزىز ھاشىموف، سالامەت شەرىپجانوۋا، مەدەنىيەت ھاشىموۋا، سۇلتان مەمەتوف ۋە باشقىلار ئاۋازلىرىنى ۋە مىللىي چالغۇلىرىنى ياڭراتتى [11]. ئەپسۇسكى،  شۇنچە نام چىقارغان، ئۇيغۇر سەنئىتىدە چولپان كەبى پارلىغان ئۇيغۇر ناخشا -ئۇسۇل ئانسامبىلى 30 يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ، ئاخىرى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى جەريانىدا 1990 -يىللاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تەرەپ-تەرەپكە تارقاپ كەتتى ۋە بەزىلىرى يەنىلا ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇردى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەرھۇم ئابدۇلەزىز ھاشىموفمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا كونسېرۋاتورىيەدە ئوقۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇر 12 مۇقامى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ۋە پىروفېسسور بولغانىدى. ياڭراق ئاۋازلىق سۇلتان مەمەتوف بولسا 2000 -يىلىدىن تارتىپ ئامېرىكىدا ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ  كۆپچىلىكى ئاخىرەتلىك بولدى.

ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى

شاھىدە شاھىمەردانوۋا ئىجادىي پائالىيىتى داۋامىدا تۈرلۈك ژانىرلاردا مول ئىجاد قىلدى. ئۇنىڭ سىمفونىيەسى، سىمفونىېتتىسى، ئىسكىرىپكا ۋە ئوركېستىر ئۈچۈن كونسېرتلىرى، «ئازاد شەرق ئايالى»  پوئېمىسى، «سەلەي چاققان» مۇزىكىلىق كومېدىيەسى، «ئاماننىساخان» («مۇھەببەت ناۋاسى») ناملىق مۇزىكىلىق دىراممىسى ۋە 100 دىن ئارتۇق ناخشىلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يارقىن نەمۇنىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

شاھىدە شاھىمەردانوۋانىڭ ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ ھاياتبەخشلىكى، لىرىك خاراكتېرىگە ئىگىلىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى كۈچلۈك بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. «ئۆزبېكىستان جاھانىم»، «نەۋرۇز ساباسى»، «نەۋرۇز كېلەر»، «ياڭرات ۋەتەن مۇقامىنى»، «تولۇن ئوي»، «بەختلىك  ئايال دەيمىش مېنى خالايىق» ناملىق  ناخشىلىرى شۇلار جۈملىسىدىن. ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىكى  «ئۆزبېكىستان جاھانىم» ناملىق مۇزىكىسى ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ  بۇ ئىجادىيىتى  ئۆزبېك خەلقى قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقانىدى.

ئۇ پەقەتلا ئىجادىيەت ۋە ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە  تاشكەنت كونسېرۋاتورىيەسىدە، تاشكەنت دۆلەت مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىدا پېداگوگىكىلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيەلەشكە ئۆزىنىڭ بىباھا ھەسسىسىنى قوشتى. ئۇ كۆپلىگەن شاگىرتلارنى، يەنى مۇزىكانتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى.

ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى خەزىنىسىگە نەچچىلىگەن سىمفونىيەلەر ۋە باشقا يۈزلىگەن مۇزىكا ئەسەرلىرى، ناخشا ئاھاڭلىرى مەنسۇپتۇر. بۇ ئىجادىيەتلەرنىڭ تۈرى بويىچە ئالاھىدە مول ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئايال كومپوزىتورلىرى ئارىسىدا تۇنجىلاردىن بولۇپ، سىمفونىيەلىك ژانىرلارغا تۇتۇش قىلىپ، بۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ئۆزگىچە تارىخى ياراتتى. ئۇ ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى زۇلفىيەنىڭ ياردەملىرىگە ۋە قوللاشلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلھامى بىلەن «ئازاد شەرق ئايالى»  پوئېمىسىنى ئىجاد قىلغان. بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا مىليون نۇسخىلاپ پىلاستىنكا بولۇپ تارقىتىلغان بولۇپ، ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ «ئالتۇن مىراسلار فوندى» دا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ نامى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇزىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك تەسىر قوزغىغانىدى.

شاھىدە شاھىمەردانوۋادىكى مىللىي روھ

شاھىدە شاھىمەردانوۋا ئىجادىيەت مېۋىسى جەھەتتە ئۆزبېكىستان مۇزىكا سەنئىتىدىكى يېتەكچى ۋە باشلامچىلاردىن بىرى، شۇنىڭدەك تۇنجى ئۆزبېكىستان ئايال كومپوزىتورى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئوخشاشلا ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىگە بېغىشلىغانىدى. شۇڭا ئۇ ئىككى خەلقنىڭ ئورتاق مۇزىكا پېشۋاسى ۋە نامايەندىسىگە ئايلانغانىدى.

ئۇ، ئۆزىگە 16 – ئەسىردە سەئىدىيە دۆلىتىدە ئۆتكەن  خانىش ئاماننىساخاننى  ئۈلگە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ 12 مۇقامنى رەتلەش ۋە ساقلاپ قېلىشقا قوشقان تۆھپىسىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزىمۇ يەنە 12 مۇقامنى 20 -ئەسىردە قايتىدىن ساقلاپ قېلىش ۋە رەتلەش ۋە زامانىۋى نوتا ھەم پىلاستىنكىلارغا ئېلىش خىزمەتلىرىگە ئاتلانغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاماننىساخان روھى بىباھا ئۈلگە ئىدى، شۇڭا ئۇ مەخسۇس«ئاماننىساخان» ناملىق مۇزىكىلىق دىراما يازغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۈتۈن مۇزىكىلىق قۇرۇلمىلىرىنى ئۆزى ئىجاد قىلغانىدى.

شاھىدە شاھىمەردانوۋا  ئۆزبېكىستان ئاياللىرى ئىچىدىكى بىرىنچى كومپوزىتور ھېسابلىنىپلا قالماستىن بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدىمۇ ئايال  كومپوزىتورلار ئارىسىدا تۇنجىلاردىىن بىرى ھەم مول ھوسۇللۇق ۋە كۆپ قىرلىق كومپوزىتور ھېسابلىنىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، شاھىدە شاھىمەردانوۋادەك ئۇيغۇر ئايال كومپوزىتور  تېخى ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ ھازىرغىچە  يېتىشىپ چىقمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ  ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە  پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ تۇنجى ئايال كومپوزىتوردۇر. ئەلۋەتتە مۇزىكا ساھەسىدە باشقا بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى ۋە سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورلىرى تامارا ئەلىباقىيېۋا، سەنئەت كىبىروۋا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە  سەنەبەر تۇرسۇن قاتارلىق بىر قىسىم يېڭى ئەۋلاد ئايال مۇزىكانتلار بار بولسىمۇ لېكىن شاھىدە شاھىمەردانوۋا ئۇيغۇر ئايال كومپوزىتورلىرى ئىچىدىكى دەسلەپكى باشلامچىلاردىندۇر.

شۇنى ئەسلىتىش مۇمكىن، ئۇيغۇر خەلقى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز دىنى ئېتىقادىنى چىڭ قوغدىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان شۇنىڭدەك مىللىي ئاڭ ۋە مىللىيلىكنى دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي كىملىك بىلەن بىرلەشتۈرەلىگەن قەدىمىي ۋە زامانىۋى بىر مىللەتتۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتىگە، سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى بىردەك يۇقىرى باھالانغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىن كۆپلىگەن مەدەنىيەت، سەنئەت، دۆلەت ۋە ئىلىم -پەن نامايەندىلىرى يېتىشىپ چىققان. ھەتتا 16 -ئەسىردىكى سەئىدىيە دۆلىتى دەۋرىدە ئاماننىساخاندەك مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە شانلىق تۆھپە قوشقانىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي كىملىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى شانلىق ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت كىملىكى، سەنئەت كىملىكى  ئارقىلىقمۇ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان. ئۇيغۇرلار  بۇ خىل كىملىكلىرى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي سەنئىتىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلەرگە ئىگىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن بۇيان سەنئەت، مۇزىكا ۋە باشقا ھەر خىل مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ سەرپ قىلدى. ھېچقاچان دىن بىلەن سەنئەت ۋە مەدەنىيەتنى توقۇنۇشتۇرمىدى. تارىختا ئۆتكەن بۈيۈك ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلار، مەسىلەن ئەبۇ ناسىر فارابى، مەخمۇت كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي، بۈيۈك خاقانلار سۇلتان سەيدىخان، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ۋە باشقىلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سەنئەتنى چىن دىلىدىن قەدىرلىگەن ھەم قوللىغانىدى. ھەتتا قالۇننىڭ فارابى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىمۇ قەيت قىلىنىدۇ. تۈركىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ خىل ئىلغارلىقلىرى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئىلگىرىدىنلا ھۆرمەتكە ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ كەلدى.

ئومۇمەن، تاشكەنتنى مەركەز قىلغان شاھىدە شاھىمەردانوۋا قاتارلىق  ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەرنى ئۆزلىرىگە ۋەتەن قىلىپ تاللىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى1960 – يىللاردىن 1980 – يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ئۇيغۇر  12 مۇقامىنى، ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرى، مىللىي ئەنئەنىۋى ناخشىلىرىنى «سېرىق ناخشا»، «سېرىق مۇزىكا» دەپ چەكلەپ، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن سەنئەتكارلار، ئەلنەغمىچىلەر، خەلق ناخشىچىلىرى زور زەربىگە ئۇچراپ، خەلق ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مىللىي مىراسلىرىنى قوغداپ قېلىش ۋە  راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلغاندا ۋە ئۇنىڭغا تەشنا بولغان چاغلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇش ھەم راۋاجلاندۇرۇشقا زور ھەسسە قوشقانىدى.

2009 – يىلى، ئۆزبېكىستان تاشكەنت كونسېرۋاتورىيەسى مەخسۇس شاھىدە شاھىمەردانوۋانىڭ 70 يىللىقى ۋە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ، مەخسۇس «شاھىدا شاھىمەردانوۋا ئىجادىيەت كەچلىكى» ئۆتكۈزدى.  تاشكەنت كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ مۇزىكانتلىرى ئۇنىڭ سىمفونىيەلەرنى ئورۇندىدى، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر خەلق مۇزىكانتلىرى ۋە ناخشىچىلىرى ئۇنىڭ مىللىي مۇزىكا ئىجادىيەتلىرىنى ئورۇندىدى. مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر شاھىدە شاھىمەردانوۋانىڭ ئىجادىيەتلىرىگە يۈكسەك يۇقىرى باھا بەرگەنىدى.

شاھىدە شاھىمەردانوۋا يەنە ئۆز پەرزەنتلىرىنىمۇ ياخشى تەربىيەلىگەن  بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى دىلدار ئىسلاموۋا پۈتۈن ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان تېلېۋىزىيە ۋە سەنئەت رىياسەتچىسى ھەم كىنو ئارتىسىدۇر. ئۇمۇ  ئۆزىنىڭ بارلىق سۆھبەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىش ئىچىدە ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزبېكىستاندا ھەممە كىشى شاھىدە شاھىمەردانوۋا ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ دەپ ياخشى تونۇيدىكەن.

شاھىدە شاھىمەردانوۋانىڭ ۋاپاتى ئۆزبېكىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىشتۇر.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

[1] Валиханов  Ч.Ч.  О  состоянии  Алтышара. С. 156.

 [2] S.S.Gubayeva.  Uygury  I  Dungane    Ferganskoy  Doliny  //  Soveremennoe  razwitie  etnicheskix  grupp  Sredney  Azii  I  Kazaxstana.  M.  1992.  Ch.2    S.121.

 [3] Izbrannie  trudy  Gojaxmeta  sadvakasova.    Almaty, Alem,  2000. 55-bet.

 [4] Захарова  И.В.  Указ.  соч.  С.  223-224.

 نەبىجان تۇرسۇن. پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار.

 [5]  Уйгурские мукамы в концерте для скрипки с симфоническим оркестром. 29.05.2009. https://vk.com/topic-11041171_22055909

[6] خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ داۋامى« زامان ئىزغىرىنلىرىدا»، ئېلان قىلىنمىغان نۇسخا. تاشكەنت.

[7] خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ داۋامى« زامان ئىزغىرىنلىرىدا»، ئېلان قىلىنمىغان نۇسخا. تاشكەنت.

[8] ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى، 2015-يىلى، 26-نويابىر.

[9] ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى، 2015-يىلى، 26-نويابىر.

[10] ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى، 2015-يىلى، 26-نويابىر.

[11] خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ داۋامى« زامان ئىزغىرىنلىرىدا»، ئېلان قىلىنمىغان نۇسخا. تاشكەنت.


ئەسەر مەنبەسى: ئىزدىنىش ژۇرنىلى 2020-يىللىق 1-سان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top